جىددى A تىپلىق سېرىق قان لازىم ‹ تاڭنۇر ›
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم مىھىر - مۇھەببەت تامچىللىرى ئاستىدا ئۆز ئارا مىھىر شەپقەت يەتكۈزۈپ ، كىشىلىك قەدىر قىممىتى بىلەن ياشاپ ئۆزگىلەرنىڭ قىيىنچىلىقى ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ ، ئىنسانلىق بۇرچىنى قېرىنداش ، يىلتىزداشلىرىغا يەتكۈزۈپ كىلىۋاتقان ئەزىز تورداشلار كەمىنە تاڭنۇردىن سىلەرگە ئەتىگەندە چىققان ئىللىق قۇياشتەك سالام .
مەقسەتكە كەلسەم ئالدىنقى قېتىم بىر مۇراجەتنامە يولىغان ئىدىم ،
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-98384-1-1.html
ئاللاھنىڭ شاپائىتى ، بەندىلەرنىڭ سەۋەپ قىلىشى بىلەن بۇ قىز ئەتە يىلىك يۆتكەش ئوپراتسىيەسى قىلىنماقچى ،
دوختۇرلانىڭ ئېيتىشىچە بۇ قىزغا يىلىك يۆتكەش ئوپراتسىيەسى قىلىنغان چاغدا جىددى A تىپلىق سېرىق قان لازىم بولىدىكەن ،دوختۇرخانىدا بۇنداق قان يوق ئىكەن ، شۇڭا ياردەم قىلىشنى خالايدىغان تورداشلارنىڭ ياردەم قىلىپ گۈلزىرەنىڭ ھاياتلىققا بولغان ئىنتىلىشىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇپ ،گۈزەل ئارزۇ ئارمانلىرىنىڭ پەرۋاز قىلىشىغا ياردەم قىلىشنى خالايدىغان تورداشلارنىڭ قىزنىڭ دادىسى غېنى ئەمەت بىلەن ئالاقىلىشىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.
غېنى ئەپەندىنىڭ ئالاقىلىشىش تېلفۇن نۇمۇرى --13565518063
گۈلزىرە ئەتە ئۈرۈمچى ئىككىنجى دوختۇرخانىدا يىلىك كۆچۈرۈش ئوپراتسىيەسى قىلىنىدۇ .