مۇراجەتنامە
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ؛ جەميىتىمىزدىكى ھەم تور دۇنياسىدىكى مىھرىبان ئاتا - ئانىلار قېرىنداشلار ، يىلتىزداشلار ،مەن بۆرتالا شەھىرى شويىڭپەن بازىرى خارمۇدۇن كەنىتى چىيەنچىڭ يولى 200 - نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق غېنى ئەمەت بولىمەن ،ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنۇم چېندىل يېزا شاۋۇرتاي 3 - كەنىتتە .
مېنىڭ بۇ مۇراجەتنامىنى سۇنۇشتىكى مەقسىتىم ؛ قىزىم گۈلزىرە بۇ يىل 22 ياش بولۇپ ،2013 - يىلى 1- ئاينىڭ 24- كۈنى ئۇشتۇمتۇت ئاغرىپ بۆرتالا ئوبلاستىلىق دوختۇرخانىغا ئەكىرىپ تەكشۈرۈتكەندىن كىيىن قىزىمغا
<
ئاق قان كىسىلى > دەپ دىئاگونوز قويدى ،ھەم تېزدىن شىنجاڭ ئاپتونۇم رايونلۇق خەلىق دوختۇرخانىسىغا يۆتكەپ داۋالىتىشىمىزنى ھاۋالە قىلدى ، مەن دوختۇرنىڭ ھاۋالىسى بويىچە شىنجاڭ ئاپتونۇم رايونلۇق خەلىق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپبېرىپ تەكشۈرۈتتۈم نەتىجە يەنىلا <
ئاق قان كىسىلى > بولۇپ چىقتى .
دوختۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە جىددى يىلىك كۆچۈرۈش ئوپراتسىيىسى قىلمىغاندا غۇنچىدەك قىزىمىزنىڭ ھاياتىغا خەۋىپ يىتىشى مۈمكىن ئىكەن .بۇنىڭ ئوپراتسىيە ھەققى ئۈچۈن 300 مىڭ <
ئۈچ يۈز مىڭ يۈەن > ئالدىن تاپشۇرۇشنى ئېيىتتى ، مەن بۇ رىئاللىق ئالدىدا نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم .
مېنىڭ ئائىلە ئەھۋالىق ئانچە ياخشى ئەمەس ، ئائىلەمدە بەش جان بار ، <
ئۆزەم بولسا 4 - دەرجىلىك مىيىپ >
مېنىڭ باشقا كىرىدىغان ئىقتىسادى كىرىم مەنبەيىم يوق .مېنىڭ قۇشۇمچە پۇل تېپىش ئىقتىدارىم بولمىغاچقا جەميىتىمىزدىكى ھەر ساھە ،ھەر كەسىپتىكى مىھرىبان ساخاۋەتچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ، پەرزەنتىمىز گۈلزىرەنىڭ داۋالىنىپ ساقىيىشى ئۈچۈن ، شۇنداقلا ئىللىق ئائىلىسىگە قايتىپ بىز بىلەن جەم بولىشى ئۈچۈن ساخاۋەت قوللىرىنى سۈنۈشىنى ئۈمۈت قىلىپ ئۇشبۇ مۇراجەتنامىنى سۇندۇم .
تاڭنۇردىن - دۇنيا مىھر - مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر ، مىھىر - مۇھەببەت تامچىلىرى خۇددى چاڭقاق يەرگە چۈشكەن يامغۇر سۈيىدەك ساخاۋەتكە مۇھتاج دىللارنى قوينىغا ئالغۇسى ، ھەر دىللاردىن تامچىلىغان ساخاۋەت نۇرلىرى بۇ ئائىلىگە كەلگەن تەقدىرىنىڭ قىسمىتى ئۈستدىن غالىپ كەلتۈرۈپ ھاياتقا تەشنا غەمكىن كۆزلەرنى ھاياتقا بولغان ئىشەنچكە ئۈندۈگۈسى . ئادەم ھاياتىدا قىسمەتلەردىن خالى ياشاپ كىتەلەيمەن دىيەلمەيدۇ ، ھاياتلىق ئادەمنى ئۆزىنىڭ تۈرلۈك قىسمەتلىرى ئارقىلىق سىناپ تۇرىدۇ ، بىرى بىرىمىزگە بولغان مىھىر - مۇھەببەت يۇقاپ كەتمىسىلا ھاياتنىڭ ھەر قانداق سىناقلىرىدىن چۇقۇم غالىپ كىلەلەيمىز ،
قېنى ئەزىز قېرنداشلىرىم ئۇشبۇ ئاغرىق ئازابىدا قىينىلىۋاتقان قىزنىڭ ھاياتقا بولغان ئىنتىلىشىگە ، پەرزەنت ئىشقىدا پۇچلىنىۋاتقان ئاتا - ئانىسىنىڭ كۆز ياشلىرىنىڭ خۇشاللىققا ئايلىنىشغا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلايلى .
باشقىلار ئۈچۈن قىلغان ياخشىلىقىمىزنىڭ ساۋابىنى ياراتقۇچىمىز ئۈلۇغ ئاللاھ ھەسسىلەپ بەرگۈسى !
ئالاقىلاشقۇچى ؛ غېنى ئەمەت < قىزنىڭ دادىسى >
تېلفۇن ؛ 13565518063
ئەسكەرتىش < ئەگەر بانكا كارتىسىغا پۇل ئۇرماقچى بولسىڭىز سودا - سانائەت بانكا كارتا نۇمۇرى
6222023009001518560