«بىلىمخۇمارئاكىمىزنىڭ قاسىم سىدىققا يازغان ئىككى پارچە خېتى»
: N3 x! Z2 h. k) a6 u wبىرىنجى پارچىسى:
- j7 m# s. c3 A/ g( @0 W
« قاسىم سىدىق:بىلىمخۇمار ئەپەندىگە جاۋاپ»دىگەن تىمىغا يازغان ئىنكاسى.58قەۋەت.
! A' \0 I8 f$ a1 e; _' u/ _https://uyghur-archive.com/misranim/thread-107844-6-1.html, e5 F# I0 M) O8 z
* ^8 b9 R$ { f: Oھۆرمەتلىك قاسىم سىدىق ئەپەندىم،
8 n& Y# o* R/ h* [7 K: K+ B" V: F
مەن سىزنىڭ يۇقىرىدىكى چۈشەندۈرىشىڭىزنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم. مەن ئالدى بىلەن سىزنىڭ فىزىكىغا بولغان يۈكسەك قىزىقىشىڭىز بىلەن ئۆزىڭىزگە يات بولغان بىر يېڭى ئىلىم-پەن ساھەسىگە بۆسۈپ كىرىشكە غەيرەت قىلىشتەك جاسارىتىڭىزنى قىزغىن ئالقىشلايدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن. ھەمدە سىزنىڭ ئاداققىچە بوشاشماي تىرىشىدىغان روھىڭىزغا قايىللىقىمنى بىلدۈرىمەن.
/ q$ ~% G$ O& Y: e
, \# t3 T( c0 P7 ~1 w" c% {
سىز «29-تىئورما» دەپ ئاتاپ، ئوتتۇرىغا قويغان پەرەز ياكى خىيال مۇنداق ئىكەن: ئەگەر بىر شار-شەكىللىك جىسىم ياكى زەررىچە تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، z-ئوقى ئەتىراپىدا سائەت ئىستىرىلكىسى يۆنىلىشىدە ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، y-ئوقى يۆنىلىشىنى بويلاپ سىزىقلىق ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولسا، ئۇ شار y-ئوقىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە، ياكى x-ئوقى نۆلدىن چوڭ بولغان يېرىم تەكشىلىك ئىچىگە قايىدۇ.
* g0 s! c) _" W, I3 b5 q1 \: Q' I8 x! t$ R- X/ x# w# ~8 \2 D
بۇ ھادىسىدە ئالدى بىلەن مۇنداق شەرتلەرنى قويۇشقا توغرا كېلىدۇ:
2 P) D# T: e1 O* A7 l4 v: ?7 Z
(1) بۇ شارنىڭ ئەڭ تاشقى يۈزىدىكى ھەر بىر نۇقتا تۆۋەندىكى ئۈچ ئۆلچەملىك شار شەكلىنىڭ تەڭلىمىنى قانائەتلەندۈرىدۇ:
7 z9 u7 F* ^8 X9 ~) Z8 p8 V7 }
+ d$ _% B$ g6 V o(x*x) + (y*y) + (y*y) = R * R
- H. W6 C+ S0 B a( B4 C
, @; X9 {1 _9 O* ~! C, x; Iبۇ يەردىكى R شارنىڭ رادىيوسى بولۇپ، «*» كۆپەيتىش بەلگىسىدۇر.
! W. a- {% Q9 q. c! t6 W/ `9 U2 |
, R# o1 q }% {: Z& g7 p6 [6 I(2) بۇ شار قاتتىق جىسىمدىن ياسالغان. يەنى، يۇقىرىدەك ھەرىكەت جەريانىدا ئۇنىڭ شەكلى ھېچ قانداق ئۆزگەرمەيدۇ. ھەمدە ئۇنى كۆتۈرۈپ تۇرغان تەكشىلىك بىلەن سۈركۈشۈش جەريانىدا، ئۇ شارنىڭ يۈزىدە ھېچ قانداق ئۇپراش يۈز بەرمەيدۇ.
" ]( T, j7 ]2 h
u: R: M7 A# T6 J6 i& A
(3) ئۇ شارنى كۆتۈرۈپ تۇرغان تەكشىلىكمۇ قاتتىق جىسىمدىن ياسالغان بولۇپ، شار ئۇنىڭ ئۈستىدە ماڭغاندا، بۇ تەكشىلىكنىڭ يۈزىدە ھېچ قانداق ئۆزگىرىش يۈز بەرمەيدۇ. بۇ تەكشىلىك ئىنتايىن سىلىق بولۇپ، ئۇنىڭ يۈزى xy-تەكشىلىكىگە پاراللېل قويۇلغاندا، ئۇنىڭ يۈزىدىكى ئەڭ ئىگىز نۇقتا بىلەن ئەڭ تۆۋەن نۇقتىنىڭ پەرقى نۆل بولىدۇ. (ئەگەر بۇ پەرق بىر نانو-مېتىر كەلسىمۇ، ئۇ شار بىر تەرەپكە ئېغىپ كەتىدۇ. شۇڭا بۇ شەرت ئىنتايىن مۇھىم. )
! @( x& H! J3 e9 N
: Q3 W7 h) }% {7 K# [7 e' b! ?يۇقىرىقى شەرتلەر ھازىرلانغان ئەھۋالدا، بۇ شار يەر شارىنىڭ يۈزىدىكى بىر جايدا تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ھەرىكەت قىلغاندا، بۇ شار تۆۋەندىكىدەك كۈچلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرايدۇ:
: j+ T# u: b2 w, S1 Z1 x; p3 i; E0 C+ A* O% V4 I% Q
F1 : شار يۈزى بىلەن ئۇنى كۆتۈرۈپ تۇرغان تەكشىلىك ئوتتۇرىسىدىكى سۈركۈلۈش كۈچى. بۇ كۈچ y-ئوقىغا قارىمۇ-قارشى يۆنىلىشتە
' i) A2 ~" M5 P+ ]3 V8 W& J- p" c6 B
2 ]" y8 Q" m* O. B
F2 : ھاۋانىڭ توسقۇنلۇق كۈچى. بۇ كۈچمۇ y-ئوقىغا قارىمۇ-قارشى يۆنىلىشتە
5 L8 B: H) c& J$ m/ {2 N
9 X$ s6 J7 m, ~) r9 K6 SF3 : ھاۋا ئېقىمى ياكى شامالنىڭ ئىتتىرىش كۈچى. بۇ كۈچنىڭ يۆنىلىشى شامالنىڭ يۆنىلىشى بىلەن ئوخشاش
7 C) h k2 c' ~; z H- e
; U+ i+ N1 j& t o# E8 {9 \ئەگەر ھاۋا ئېقىمى ياكى شامال مەۋجۇت ئەمەس بولسا، F3 = 0 بولۇپ، F1بىلەن F2نىڭ تەسىرىدە، بۇ شار سىزىقلىق ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بارغانسېرى ئاستىلاپ، مەلۇم بىر نۇقتىغا كەلگەندە توختاپ قالىدۇ. لېكىن، ئۇنى سولغا ياكى ئوڭغا قايدۇرىدىغان ھېچ قانداق كۈچ مەۋجۇت ئەمەس بولۇپ، بۇ شار ھەرگىزمۇ سولغا ياكى ئوڭغا ئېغىپ كەتمەيدۇ.
3 I/ m* p# p W' B8 @# U# d
3 ^9 Q4 W4 ]$ ?, N3 Wيۇقىرىدىكى بايان بىر نوپۇزلۇق بايان بولۇپ، مەن ئۇنى خەلقئارادىكى ھەرقانداق سورۇنغا كۆتۈرۈپ چىقالايمەن. ئەپسۇسكى، بۇ يەردىكى فىزىكىلىق ھەرىكەت ئوتتۇرا مەكتەپ فىزىكا دەرسى ئۈچۈن بىر مەشىق بولالايدىغان بىر ھادىسە بولۇپ، ئۇنى چۈشىنىش ۋە توغرا چۈشەندۈرۈش ئالىي مەكتەپ ئومۇمىي فىزىكا دەرسىچىلىك سەۋىيىمۇ تەلەپ قىلمايدۇ.
& J) @ f- M" X& Z4 Y* a' `9 |5 T
6 q- k |$ r) d3 |9 L
شۇڭلاشقا، سىزنىڭ ئوتتۇرىغا قويغىنىڭىز، بىر «تىئورما» ئەمەس. بىر «ئىلمىي پەرەز» ئەمەس. بىر «ئەقلىي ھۆكۈم» مۇ ئەمەس. مېنىڭچە ئۇنى «بىر پەرەز» دېيىشمۇ ئارتۇقچىلىق قىلىدىغان بولۇپ، ئۇنى «فىزىكىدىن ھېچ قانداق خەۋىرى يوق بىر ئادەمنىڭ قالايمىقان سۆزى» دېيىش ئەڭ مۇۋاپىق.
* ?: S8 G$ F" }7 P8 K9 T% N% e
7 R, S3 P/ g! W+ U l
سىزگە گالىلى ئالماشتۇرىشى (Galilean transformation) بىلەن لورېنتس ئالماشتۇرىشى (Lorentz transformation) توغرۇسىدا ئۇچۇر بەرگەن كىشى ئوتتۇرا مەكتەپ فىزىكىسىنىمۇ بىلمەيدىغان بىرسى بولۇپ، سىزگە پۈتۈنلەي خاتا ئۇچۇر بېرىپتۇ. بۇ يەردىكى فىزىكىلىق ھادىسە بىلەن ئۇ ئىككى ئالماشتۇرۇشنىڭ ھېچ قانداق مۇناسىۋىتى يوق. ئۇ كىشىنىڭ بۇ مەسىلىگە گالىلى ۋە لورېنتس دېگەندەك ئۇقۇملارنى كىرگۈزىشى، ماڭا خۇددى ئۆزىنى قالتىس بىلىملىق قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈنلا بولغاندەك تۇيىلىۋاتىدۇ.
& M1 z' O8 k$ i9 V
* w; }% h5 ^. k8 V2 t0 j+ b
بۈگۈن سىزگە بۇ ئىنكاسىمنى سەل ئۇزۇنراق يېزىپ كەتتىم. بۇنىڭغا خېلە كۆپ ۋاقتىم كەتتى. سەۋەبى، مەن سىزنىڭ توردا نەچچە يىللاردىن بۇيان «تىئورما» ۋە باشقا نەرسە دېگەن ئىسىملارنى قويۇپ ئېلان قىلىۋاتقان يازمىلىرىڭىز توغرۇسىدا خېلە كۆپ كىشىلەرنىڭ نارازىلىقىنى ئاڭلىدىم. شۇڭلاشقا، مەن بۇ ئىنكاسنى سىزنى ۋە مىللەتنى ئاياش نۇقتىسىدا تۇرۇپ يېزىۋاتىمەن. ئۇيغۇرلار ھازىر دۇچ كەلگەن خارلىنىش يېتىپ ئاشىدۇ. ئۆز ئىچىمىزدىن، ئىلىم-پەن ساھەسىدە باشقا يېڭى خارلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن ساقلانمىساق بولمايدۇ. ئۇيغۇرلار تەبىئىي-پەندە بەك تەرەققىي قىلىپ كەتمىگەن. لېكىن، كەسىپ ئەھلى بولمىغان بىرسىنىڭ خالىغانچە كولدۇرلىتىشىنىمۇ قۇبۇل قىلىدىغان دەرىجىدە سەۋىيەسىزمۇ ئەمەس. ئۆز مىللىتىمىزنى ئۆزىمىز ئايايلى. ئۆز مىللىتىمىزنى ئۆزىمىز ھۆرمەتلەيلى.
# `1 d7 h; `# ~7 N: |$ r- n; Z' d e! n3 }1 @0 a7 A5 }
مەن مەزكۇر فىزىكىلىق ھەرىكەت توغرۇسىدا بۇنىڭدىن كۆپ بىر نەرسە يازمايمەن. چۈنكى ئۇنىڭ ھېچ بىر قىممىتى يوق. ئاخىرىدا سىزگە مېنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تەكلىۋىم بار:
) u2 V; ]/ k! ?! a
' o. x6 c+ W) p
(1) تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئومۇمىي فىزىكا دەرسنى تولۇق ئۆگىنىپ چىقىڭ. ئامېرىكىدا 60 ياشقا كىرگەندە باكلاۋر ئۇنۋانىغا ئېرىشىدىغان كىشىلەر خېلە كۆپ بار. مېنىڭچە سىز ھازىرمۇ فىزىكىنى ئۆگىنەلەيسىز.
7 u2 a3 l8 |! T* p" q7 n
- E5 ?$ k/ D7 H6 Q. U
(2) كەسپىي جەھەتتە يۈكسىلەي، دېسىڭىز، چوقۇم ئىنگلىز تىلىنى ئۆگىنىڭ. مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، دەرستىن سىرت ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىپ، ئۇنى ئىككى يىلدا ئۆگىنىپ بولغان. ئاخىرىقى ئىككى يىلدا يەنە ياپون تىلىنىمۇ ئۆگەنگەن. ئىلىم-پەننىڭ، بولۇپمۇ تەبىئىي-پەننىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىشنى غايە قىلغان كىشىدە ئەنە شۇنداق شىجائەت بولىشى كېرەك. خەلقئارادا ھەر بىر كەسىپ ئۈچۈن بىر قانچىدىن، ماقالىسى 3 تىن 5 كىچە بولغان كەسپىي مۇتەخخەسىسلەرنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن قوبۇل قىلىنىدىغان، ئىنگلىز تىلىدىكى ئىلمىي ژورناللار بار. بىر پەرەز، بايقاش، ياكى ئىدىيە كەم دېگەندە ئاشۇنداق بىر ژورنالدا ئېلان قىلىنمىغىچە، ئۇ ھەرگىزمۇ بىر «ئىلمىي نەزەرىيە»، «ئىلمىي ھۆكۈم» ياكى «تىئورما» بولالمايدۇ. خەلقئارا سەھنىگە چىقىرىپ باقمىغان خىياللىرىڭىزنى «تىئورما» دەپ ئاتاپ يۈرۈشتىن ساقلىنىڭ. ئاڭلىسام سىز بۇرۇن ئوقۇتقۇچى بولغان ئىكەنسىز. يازغۇچىمۇ بولغان ئىكەنسىز. بىز ھەممىمىزنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلاردا توغرا ئىلمىي پۇزۇتسىيىنى يېتىلدۈرۈش بۇرچىمىز بار. ھېچ بولمىغاندا ئىلىم-پەن ئالدامچىلىرىدىن بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنايلى. سەمىمىيەتسىزلىك قىلىپ كەسىپ ئەھلى ئەمەس كىشىلەرنىڭ كۆزىدە قانچە ئىگىز چىققان بولساق، بىر كۈنى شۇنچە قاتتىق موللاق ئېتىپ چۈشىمىز. بۇ بىر تەبىئىي-قانۇنىيەت.
# E# I& \5 H# z; x! \
z( a1 G( N" r; r5 g(3) كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ سۆزىگە ئېتىۋارسىز قارىماڭ. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتىتىدا ناھايىتى كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر فىزىكىچىلار بار. بەزىدە سىز شۇلارنى زىيارەت قىلىپ، ئويلىغانلىرىڭىزنى ئەڭ ئالدىدا شۇلارغا دەپ بېقىڭ. ئۇلار كەسىپ ئەھلى بولغاچا، ئۇلار ئۆز كەسپىدە نوپۇزلۇق پىكىرلەرنى بېرەلەيدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىنى قوبۇل قىلسىڭىز، ئادەتتە خاتالاشمايسىز.
- L- b9 m# _( ?5 G* Z/ L) O0 S
7 R$ J7 i5 H0 T
قىسقىسى، مېنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، مىللەتكە ئىگە چىقايلى. ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ئاياق ئاستى قىلمايلى.
: k4 ?3 \" t' X+ g3 l J$ x& }8 N$ ?/ q7 @& W+ R, [
4 ?0 n) |9 K& ]7 ]6 q«بىلىمخۇمارئاكىمىزنىڭ قاسىم سىدىققا يازغان ئىككى پارچە خېتى»
2 q2 D* }5 e1 X4 Q% h6 m. u
$ D* v" [! ], j& m3 W, C: R! L
ئىككىنجى پارچىسى:
& ~' M+ s; D b; R( V« قاسىم سىدىق:بىلىمخۇمار ئەپەندىگە جاۋاپ»دىگەن تىمىغا يازغان ئىنكاسى.171قەۋەت.
1 B7 X6 E0 O! ]! M! v' C8 Whttps://uyghur-archive.com/misranim/thread-107844-18-1.html" `- ^. v5 F6 x8 F+ z8 K4 Q
* r1 R2 s0 f$ N9 |! F
) y/ N% S" [ @$ W( Vقاسىم سىدىق ئەپەندىم،
: e9 S3 S. q! a3 g6 S) k% _. v( j/ Q9 e" F
2 F1 _' T: J- Y6 P7 @0 Kسىز 159-قەۋەتتىكى ئىنكاسىڭىزدا «ھەر قايسىلىرى بىلىمخۇمار ئەپەندىنىڭ دەسلەپتە ئەھۋال ئېنىق بولمىغان ئەھۋالدا يازغان ئىكاسىنى قايتا چاپلاپ يۈرۈشمىسىلىمۇ ئۇنى ھەممەيلەن كۆرگەن. بىلىمخۇمار ئەپەندىنىڭ پۇزىتسىيىدە كىيىن ئۆزگىرىش بولدى.» دەپ يېزىپسىز. «بىلىمخۇمار ئەپەندىنىڭ پۇزىتسىيىدە كىيىن ئۆزگىرىش بولدى.» دەگەندەك سۆزنى باشقا بىر-ئىككى تورداشلارمۇ ئۆز ئىنكاسلىرىدا ئىشلەتتى. سىز نېمىگە ئاساسەن شۇنداق دەۋاتىسىز؟
9 O0 a7 h/ O n9 H0 V6 Z" k$ |; i% v! V$ e
مەن بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ قوياي: مېنىڭ مەزكۇر تېمىنىڭ 6-بېتى، 58-قەۋىتىدىكى ئىنكاسىمدا ئىپادىلىگەن كۆز-قارىشىم ۋە پۇزىتسىيەمدە ھېچ قانداق ئۆزگىرىش بولمىدى. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۆزگىرىش بولمايدۇ.
/ P" t2 u8 R( y3 ~% F0 V* K& ?# N- @/ b: t/ q* N
19-ئەسىردىن بۇرۇن ماتىماتىكا ۋە فىزىكا كەسىپلىرىدە ئالىي دەرىجىلىك تەربىيە كۆرمەي تۇرۇپمۇ بىر قىسىم تەبىئىي-پەن قانۇنلىرى، نەزەرىيىلىرى ۋە تىئورمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلار چىققان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەھۋال پۈتۈنلەي ئۆزگەردى. ھازىر فىزىكا، ئاسترونومىيە ۋە ماتىماتىكا ساھەسىدە، ھازىرغىچە بايقالغان 4 تۈرلۈك فىزىكىلىق كۈچلەرنى تەڭلا چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان «ئۇنىۋەرسال فىزىكا نەزەرىيىسى» نى تېپىپ چىقىش ئۈستىدە پۈتۈن كۈن تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئالىم ۋە مۇتەخەسسىسلەردىن نەچچە 10 مىڭ ئادەم بار. ئامېرىكا، ياۋروپا، كانادا، ئاۋۇسترالىيە، ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە ئورگانلارنىڭ باشقۇرىشىدىكى 10 دىن ئارتۇق ئالەم ئۇشقۇرلىرى بار. ئىجتىمائىي-پەن بىر مىللەتكە تەۋە بولغان خاسلىققا ئىگە نەرسە بولغاچقا، ئەدىبىيات ۋە شېئىرىيەتچىلىككە ئوخشاش كەسىپلەردە ئۇيغۇر تىلى دائىرىسى ۋە ئۇيغۇر دىيارنىڭ سىرتىغا چىقمايلا يېڭىلىق يارىتىش پۈتۈنلەي مۇمكىن. ئەمما، تەبىئىي-پەن بولسا تەبىئىي-قانۇنىيەتلەرنى تەسۋىرلەيدىغان، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە تەۋە بولغان بىر نەرسە بولغاچقا، ئۇنىڭدىكى يېڭىلىق چوقۇم دۇنيا تىلى بولغان ئىنگلىز تىلى دائىرىسىدە ۋە پۈتۈن دۇنيا سەھنىسىدە ۋۇجۇتقا كېلىشى كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە فىزىكا ۋە ئاسترونومىيە ساھەسىدە بىر يېڭى نەزەرىيە، قانۇن، ياكى تىئورمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئۈچۈن بىر ئادەم كەم دېگەندە تۆۋەندىكى ئىككى شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك:
+ w# Y2 Z& Y+ n/ l% Q4 J4 o5 O+ _2 u. j# h0 T
1.ئاساسىي ۋە ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي بىلىملەردىن خەۋەردار بولۇش
5 H1 `& }, U0 e& e, j2.پۈتۈن دۇنيادىكى باشقا ئالىم-مۇتەخەسسىسلەر بايقاپ، ئىسپاتلاپ، ۋە خەلقئارادا ئېلان قىلىپ ئېتىراپ قىلدۇرۇپ بولغان نەزەرىيە، قانۇن ۋە تىئورمىلاردىن تولۇق خەۋەردار بولۇش
+ {! [* g6 H" V/ f* I
7 I5 S) k! o! k. ?+ p: pبۇ يەردىكى 1-شەرتنى ھازىرلاشنىڭ ئەڭ كۆپ قوللىنىلغان ئۇسۇلى فىزىكا ياكى ئاسترونومىيە كەسپى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىش بولۇپ، مەن يۇقىرىدا تىلغا ئالغان نەچچە 10 مىڭ ئالىم-مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆپۈنچىسىنىڭ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بار. ئىنتايىن ئاز بىر قىسمىنىڭ بولسا ماگىستىرلىق ئۇنۋانى بار.
! L' \: e2 `' {! t( `9 M# C3 \
4 V: E! i' `3 h: bسىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىڭىز يۇقىرىقى ئىككى شەرتلەرنىڭ ھېچ قايسىسىنى قانائەتلەندۈرمەيدۇ. شۇڭلاشقا مەن سىزنىڭ فىزىكا ياكى ئاسترونومىيە ساھەسىدە بىرەر يېڭىلىق يارىتالىشىڭىزغا قەتئىي ئىشەنمەيمەن. مەن سىزنىڭ مۇشۇ نۇقتىنى چۈشىنىۋېلىشىڭىز ئۈچۈن خېلە تىرىشتىم. ئەمما، مېنىڭ تىرىشچانلىقىم تېخىچە ئۈنۈم بەرمىدى. بىر ئادەمنىڭ ئۆزى ئىشەنمەيدىغان ئىشلار ئۈچۈن سەرپ قىلغان ۋاقتى بىر خىل ئىسراپچىلىق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئىنتايىن ئالدىراش. مەن ئۆزەمنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىنىڭ ئۆھتىسىدىن يۇقىرى تەلەپ بىلەن چىقىشتىن باشقا، ناسا دىكى ئىشلاردىن ۋەتەندىكىلەرنى ئوز ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىپ تۇرۇشنى ئۆزەمنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشلىرىنىڭ بىرى قىلىۋالغان ئىدىم. ئەگەر سىز ھازىرقىدەك ئارقا-ئارقىدىن ماڭا سوئال قويىۋەرسىڭىز، مەن ئۆز پىلانلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي قالىدىكەنمەن.
5 R! y( s9 c( y/ G3 {
) A B) c' F8 g! L5 T
شۇڭلاشقا بۇنىڭدىن كېيىن مېنى ئاۋارە قىلمىسىڭىز. ئەگەر مېنىڭ ھازىرغىچە يازغانلىرىمنى چوقۇم تىلغا ئالمىسىڭىز بولمايدىغان بىر ئەھۋالغا دۇچ كېلىپ قالسىڭىز، ئۇنىڭغا ئۆزىڭىز باشقىدىن چۈشەنچە بەرمەي (مەسىلەن، خۇددى يۇقىرىدا «بىلىمخۇمار ئەپەندىنىڭ پۇزىتسىيىدە كىيىن ئۆزگىرىش بولدى.» دەگىنىڭىزدەك)، مېنىڭ سۆزۈمنى ئەينەن كۆچۈرۈپ يېزىپ قويسىڭىز. ئۇنى ئوقۇرمەنلەر ئۆزلىرى ئوقۇپ چۈشىۋالغان بولسا.
4 w: S9 d2 G; j
/ j0 T3 P8 l2 Pمېنىڭ ئەھۋالىمنى توغرا چۈشەنگەنلىكىڭىزگە ئالدىن-ئالا رەخمەت ئېيتىمەن.
9 F/ j; r+ f7 G. j, [! c7 _) r
M! Q5 k! N: f8 M# ~0 W0 c; I
. W6 b) n; l7 {. [& x: n g بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قۇمباغ79 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-2 01:10 PM / K: m, i3 i# c& I, x5 z
- [, Y7 l: {0 f* C& L8 g2 P