بىلىمخۇمار ئەپەندىگە جاۋاپ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۆم بىلىمخۇمار ئەپەندىم .
سىزنىڭ"مىسرانىم"دا"
قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ« 29-تئېو رىما »سىغا رەدىيە"دىگەن بۇ تېمىنىڭ ئاستىدىكى 643-قەۋەتتە"توقماق"قا قالدۇرغان ئىنكاسىڭىزنى كۆرۆپ چىقىپ 651-قەۋەتتە جاۋاپ قالدۆرغان ئىدىم.بەزى تولۇقلاشلارنى ئېلىپ باراي دىسەم تېمىنىڭ ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى تاقاپ قويۇلۇپتۇ ۋە تېما ماۋزۇسى بەت يۆزىدە كۆرۆنمەس بولۇپ قاپتۇ.سىزنىڭ قالدۆرۇلغان ئىنكاسنى كۆرگەن ياكى كۆرمىگەنلىگىڭىزگە جەزىم قىلالماي بۇ دىئالۇگنى ئايرىم تېما قىلىپ يوللاشنى قارارقىلدىم.بۇنداق قىلغاندا ھەممەيلەننىڭ مۇھاكىمە قىلىشغا قۆلايلىق بولارمىكىن دەپ ئويلۇدۇم.ئالدى بىلەن ئالدى بىلەن29-تىئورمىغا كۆڭۆل بۆلگىنىڭىزگە رەھمەت ئىتىمەن ۋەسىز قالدۇرغان ئىنكاسنى تولۇق نەقىل ئالىمەن:
توقماق ئەپەندى،
سىز ئوتتۇرىغا قويغان بۇ پەرەزنىڭ باشقا شەرتلىرىمۇ بارمۇ؟ مەسىلەن، «ھەقىقىي بوشلۇقتا»، «باشقا ھېچ قانداق كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغاندا»، دېگەندەك؟ سىزمۇ بىلىسىز، فىزىكا ئىلمىدا بىر پەرەز ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا، ئۇنىڭ بارلىق شەرتلىرى ياكى چەكلىمىلىرى تولۇق ئوتتۇرىغا قويۇلىشى كېرەك. بولمىسا ئۇنىڭ ھېچ بىر قىممىتى بولمايدۇ.
مېنىڭچە سىز ئوتتۇرىغا قويغان تۆۋەندىكى پەرەزنىڭ شەرتلىرى كەم ئىكەن:
نەقىل:
«شەكىل نەزەريىسىنىڭ 29-تىئورمىسى مانا: "ئېن"(زەررىچە)ۋە جىسىملار سىزىقلىق ھەركەت جەريانىدا ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە قاراپ ئاغىدۇ.»
جاۋابىم تۆۋەندىكىچە:
شەكىل نەزەريسىدە ھەركەت شەكلى _ مەخسۇس ئۇقۇم قىلىپ تۇرغۇزۆلغان بولۇپ، نۇقتۇلۇق تەتقىق قىلىنىدىغان تېمىلارنىڭ بىرى.يۇقۇرقى تىئورما(پەرەز)بىرلا پەيىتتە ئىككى يۆنىلىشلىك ھەركەتكە قاتنىشىدىغان زەررىچە ۋە جىسىملارنىڭ ھەركەت شەكلى ئۆستىدىكى ئەقلى ھۆكۆم.
يۇقۇرقىچە ھەم ئۆز ئوقىدا ئايلىنىۋاتقان،ھەم سىزىقلىق ئىلگىرلىمە ھەركەت قىلىۋاتقان جىسىملار نورمال ئاتمۇسغىرا بىسىمى ئاستىدىمۇ،ھەقىقى بوشلۇقتىمۇ(ۋاكىئومدىمۇ) ئوخشاشلا ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئاغىدۇ.
بۇ تىئورمىنىڭ(پەرەز)نىڭ يەنە بىر خىل بايان شەكلى بار،ئۇ بولسىمۇ:
سىزىقلىق ھەركەت يۆنىلىشى بىلەن ئۆزىنى ئايلىنىش ئوقى بىر تۆز سىزىق ئۈستىدە ياتمايدىغان زەررىچە ۋە جىسىملار سىزىقلىق ھەركەت جەريانىدا ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يونىلىشى تەرەپكە ئاغىدۇ.
مۇبادا زادى بىر شەرىت كىرگۆزۆش زۆرۆر دەپ قارالسا".
..نورمال ئاتمۇسغىرا بىسىمى ئاستىدىمۇ،ھەقىقى بوشلۇقتىمۇ(ۋاكىئومدىمۇ) ئوخشاشلا ..."دىگەن مۇشۇ شەرىتنى قىستورۇپ قويۇش كېرەك دەپ قارايمەن.
بۇ خىل ھەركەت شەكلىگە سەۋەپ بولغىنى ئۇنىڭغا تەسىر قىلغان ئەشۇنداق ئىككى يۆنىلىشلىك كۈچ،مىسالغا ئىتساق بىكھامنىڭ تېپىكى.
ئاتمۇسفىرا بېسىمى قاتارلىقلار ھەرگىز بۇ خىل ھەركەت شەكلىنىڭ سەۋەبى ئەمەس.
يۇقۇردىكى سۆرەت،تۆز سىزىق بويىچە تېپلىگەن توپنىڭ ھەر ئىككى يېرىم شارىنىڭ تىزلىكىنىڭ باراۋەرلىگىنى،سىزىقلىق ھەركەت يۆنىلىشىلىرىنىڭ نىشان بىلەن بىردەكلىگىنى كۆرسىتىدۇ.
سۆرەتلەرنى سىزىپ بەرگۆچى ئۇيغۇن ئەپەندى
بۇ سۆرەتتە،ئىككى يېرىم شارنىڭ ھەركەت يۆنىلىشىنىڭ نىشانغا نىسبەتەن ئوخشىمايدىغانلىغى،ئوڭنىڭ نىشانغا قارشى يۆنىلىشتە،سۇلنىڭ ئىلگىرلىمە ھەركەت يۆنىلشى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە ئىكەنلىگىنى كۆرۆپ ئالايمىز.
مەن يۇقۇرقى ئاساسلار مەۋقەسىدە تورۇپ
بىكھامچە توپقا بىرنوللى قانۇنى خاتا تەدبىقلىنىپ كەلدى دەپ قاراپ"
ئۈچ ئەسىردىن ھالقىغان خاتا قاراش"دىگەن بۇ تېمىنى يازغان ۋە تۆۋەندىكى بۇرەسىمدىكى بىسىم ،تىزلىك پەرىقلىرىنىڭ چۈشەندۆرىلىشى توغرائەمەس، دىگەن ئىدىم
:
弧旋球_百度百科
كۆرۆنۆپ تۇرۇپتىكى ،بۇنداق ئېغىشتىكى سەۋەپ:ئىلگىرلىمە ھەركەت يۆنىلىشىگە نىسبەتەن ئىتساق، توپ سىزىقلىق ئىلگىرلىمە ھەركەت جەرياندا سائەت سىتىرىلكىسى يۆنىلىشى بۇيىچە ئوڭ تەرەپكە ئايلىنىۋاتقان ،ھەم ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئېغىۋاتقان ئەھۋالدا توپنىڭ ئوڭ يىرىم شارىنىڭ يىغىندى تىزلىكى سول يېرىم شارنىڭ يىغىندى تىزلىكىدىن تۆۋەن بولىدۇ.مۇشۇنداق تىزلىك پەرقى ئوڭغا ئېغىشنى كەلتۆرۆپ چىقىرىدۇ.
ئېغىشنىڭ قىممىتى ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش تىزلىكىكگە ئوڭ تاناسىپ،سىزىقلىق ھەركەت تىزلىكىگە تەتۆر تاناسىپ بولىدۇ.
"تاشقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۆچرىمىسا.."دىگەن شەرىت ھەممەيلەنگە تونۇش بىر ئومۇمى شەرىت بولغانلىغى ئۈچۈن ،مەن ئۆنى كىرگۆزمەپتىمەن.مۇبادا بۇ شەرىتنىمۇ ئىنىق كىرگۆزۆش زۆرۆر دەپ قارالسا"تاشقى"دىگەن ئىبارىنىڭ ئورنىغاخۇددى سىز ئىتقاندەك "باشقا"دىگەن ئىبارىنى قويۇش تەكلىۋىنى بېرىمەن ۋە بىشارىتىڭىزدىكى مەزمۇننى قوللايمەن.تورداشلارغابۇنداق تەكلىپ بېرىشىمدىكى سەۋەپنى ئىزاھلاپ قويۇشنى زۆرۆردەپ قارىدىم:
ئادەتتەچەكلىك،چىگرىسىز ئېينىشتېيىن ئالىمىنىڭ سىرتىدا تاشقى كۈچ بار دەپ پەرەز قىلىنمايدۇ.دىمەك،ئالەمنىڭ كېڭىيىش-تارىيىش جەريانلىرىنى بەلگىلەيدىغان كۈچ_ ئىچكى كۈچتىن ئىبارەت."باشقا"ئىبارىسى مۆمكىن بولغان ھەممەكۈچلەرنى ئۆزئىچىگە ئالغانلىغى ئۈچۈن تاشقى"ئىبارسىدىنمۇ بەكرەك رىياللىقنى ئىپادىلەش ئەۋزەللىگىگە ئىگە .
مەن بۇ ساھەدە كەسپى مائارىپ تەربىيىسى كۆرمىگەن بىرئادەم.مىنىڭ بارى -يوقى قورالىم پەلسەپە ۋە لوگىكا.سەھۋە -خاتالىقلار ،كەم قالغان يەرلەر كۆرسىتىپ بېرىلسە ئەلۋەتتە مەمنۇن بولىمەن.
يەنە كەم جايلىرىنىڭ بارلىغىنى بايقىسىڭىز ئوتتۇرىغا قويغايسىز.
ھۆرمەت بىلەن:قاسىم سىدىق
2013.6.26
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-26 08:18 AM