ئىلىپ كەت
تەسەللى
كەتسەڭ كەت ھەممىنى پۇتۇن ئىلىپ كەت،
سۆزۈڭنى ئىزىڭنى ئۆچۈرۋىتىپ كەت.
قەلبىمدە قالدۇرغان ئازاپ يارىنى،
تاتىلاپ قانىتىپ خۇشال كۈلۈپ كەت.
بولمىغىن باشقىنىڭ بولدى ئۆلۈپ كەت،
يىراققا سەن ئۆزەڭ تەنھا بولۇپ كەت.
سۆيمىگىن ئالدىمدا باشقا بىراۋنى،
كۆرۈنمەي كۆزۈمگە مەندىن يىراق كەت.
ئاقمايدۇ كۆز يىشىم خاتىرجەملا كەت،
قالدۇرماي ئەسلىمە بولدى ئىلىپ كەت.
ئازاپتا يۈرىگىم كەتتىغۇ سىسىپ،
ئۈزۈلمەس رىشتىمنى كىسىۋىتىپ كەت.
كەتسەڭ كەت سۆيگۈمنى كۆمىۋىتىپ كەت،
يا ماڭا قەلبىڭنى گۆرە قويۇپ كەت.
كىتىمەن دەپ ماڭا ئىلان قىلماي جەڭ،
تاشلىدىم دەپ مىنى خاتىرجەملا كەت.
دىمەيمەن يىلىنىپ مىنى سەن ئەككەت،
بولدىلا دۇشمەنگە مىنى قويۇپ كەت.
سوۋۇغان كۆڭۈلنى بولماس ئالغىلى،
سۆيگۈمنى قىلماي خار بولدى قويۇپ كەت.
خەير -خوش بولدىلا مەندىن يىراق كەت،
قايرىلىپ كەينىڭگە قارىماستىن كەت.
ئۆلدى دەپ قەۋرىگە كۆمەي سۆيگۈمنى،
ئازاپتىن قان يۈتەي مىنى ئۇنتۇپ كەت.
كەتسەڭ كەت، ئۇزاققا يىراقلارغا كەت،
سۆيگۇمنى قەلبىڭدىن سۈپۇرىۋىتىپ كەت،
ئۆتمۇشتە قالمىسۇن گۇزەل ئەسلىمە،
بولدىلا يوقىتىپ ئۆچۈرۋىتىپ كەت.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 1263318936 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-27 05:36 PM