|
|
|
|
كېتىپ قالدىڭ يېنىمدىن يىراق،
ھەسرەتلەرنى ماڭا قويۇپ كەت.
كۈلكىلىرىڭنى قالدۇرغىن ماڭا،
شادلىقىمنى بىرگە ئېلىپ كەت.
غازان بولغان گۈل ماڭا ھەمراھ،
خۇش پۇرىقىنى ئۆزۈڭ ئېلىپ كەت.
زەپىران بولغان چىرايىم قالسۇن،
گۈزەللىكىمنى ئۆزۈڭ ئېلىپ كەت.
ھېجرانلارنى قويۇپ قويدۇڭ ماڭا،
پاك كۆڭلۈمنى ئۆزۈڭ ئېلىپ كەت.
ئوڭۇمدا سېنى كۆرمەسمەن بىراق،
چۈشلىرىمگە بىر رەت كىرىپ كەت.
تاشلاپ كەتسەڭ يىراققا مەيلى،
چىن ۋاپانى ماڭا قويۇپ كەت،
ۋەدىلەرنى ئۇنتىساڭ مەيلى.
ئەقىدەمنى ماڭا بېرىپ كەت.
ئۇنتۇپ كېتىشىم ئەمەستۇر ئاسان ،
خىياللىرىمنى ھەمراھ قىلىپ كەت.
ئەسلىمە ئىچىدە ياشايمەن تەنھا،
ئەستىلىكلەرنى ماڭا قويۇپ كەت.
مەنبە : ناخشىدىن كەلگەن ئىلھام
|
|
|
|
|
|