baywatqa881 يوللىغان ۋاقتى 2013-6-21 03:06 AM
مەن خىزمىتىمنى تاشلىمىغان ۋاقىتتا 2006-يىلى يەنى تۇنجى ...
ئۇنى دىسە بىز ئوقىغان چاغلاردا بىر كىتاپنى ئىككەيلەن تەڭ ئىشلىتەتتۇق ، كىتاپ ماتىريال قىس ئىدى ، ھازىرقىدەك بىكاغا بىرىدىغان ئىشقۇ ئەسلا يوق .
دەرىسنىمۇ بىر ئوقۇتقۇچى ماتىماتىكا ، ئەدەبىيات ، گۈزەل سەنئەت ،،،، ئىشقىلىپ ئۈچ تۆت دەرىسنى ئۆتەتتى .
كۆپ كۈنلىرى چۈشتىن بۇرۇن ئارقا ئارقىدىن ماتىماتىكا ئۆتەتتى ، چۈنكى سەھەردە كاللىمىز سەگەك ۋاختىدا ماتىماتىكا بەك چۈشەرمىش ....
ئولتۇردىغان پارتىلار لىڭشىپ ئاران تۇراتتى ، دوسكىمىزنى قازاننىڭ قارىسىنى قىرىپ ئەكىلىپ شۇنىڭدا بوياتتۇق ، ئانىمىز يېقىپ بەرگەن بىر تال ناننى ئېلىپ بېرىپ تۇربا سۈيى بىلەن يەپ قورساق توقلايىتتۇق ، تۇربا سۈيى ئۈچۈن ئادەم كۆپ بوغلاچقا بەزىدە ئۇرۇشاتتۇق ...
مۇئەللىملىرىمىزنىڭ ئومىسىنى ئوراپ ، قونىقىنى سويۇپ ... ئائىلە ئىشلىرىنىمۇ قىلغۇزاتتى ، ياز كەلسە ئۆچكە ۋەزىپىسى ، كۈز كەلسە كىۋەز تىرىش ۋەزىپىسىنى ئورۇندايىتتۇق ...
ھەي ئىشقىلىپ شۇنداق جاپادا ئوقۇيىتتۇق ، بىراق بىزدە تىرىشچانلىق ، جاپاغا چىداش روھى بار ئىدى .
بىراق ھازىرقى ئوقۇغۇچىلار بەك تەييارتاپ ھورۇن بولۇپ قاپتۇ ، قاتتىق دىتال قۇرۇلۇشى ناھايىتى ياخشى ئەمما نىمىشقىدۇر مەن بۇرۇنقى بىز ئوقىغان ۋاقىتتىكى مائارىپ بىلەن ھازىرقى مائارىپنى سېلىشتۇرۇپ قالدىم ...
ئوقۇتقۇچىلار بۇرۇن نەچچە يۈز يۈەن ئۈچۈن ھەتتا تېرىلغۇ يېرىنىڭ ھاشىرىنى كۆترەش بەدىلىگە بالا ئوقۇتۇپ ، دەرىس بەرگەن بولسا ھازىر مائاش ئۈچۈنلا دەرىس مۇنبرىگە چىقىدىغان بولۇپ قېلىۋاتىدۇ .