ataohli يوللىغان ۋاقتى 3 سائەت ئالدىدا
بىر ئىشتىن قۇسۇر ئىزدەشتىن ئاۋال
ناھيىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئەللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ، سىز مېنى قۇسۇر تاپتىڭ -دەپ ئەيىپلەپسىز ، بۇ پەقەت سىزنىڭ كۆزقارىشىڭىز ، لېكىن مەن ئۇنداق قاراشتا ئەمەس بەلكى ، ئۈمۈدىم پەقەت ئىلمىي پىكىر يۈرگۈزۈپ ، ئەللاھ خالىسا ، ھەقنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا زەررىچە بولسىمۇ ھەسسە قوشۇش . مەن ئەلىۋەتتە ئويلىنىپ گەپ قىلدىم ، مەسىلەن : ئۇ ماۋزۇ ئەسلى كىمنىڭ بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ، دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەمەلىيىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ . چۈنكى ئۆزىنى سۈننى مەزھەپتە دېگۈچى سەپتىكىلەر بىدئەتنىڭ ياخشىسى ھەم يامىنى بار دەپ ئەقىدە قىلىدۇ ھەم قۇرئان ۋە ھەدىستىن يېتەرلىك دەلىل بىلەن دەلىللەپ ، ئۆزىنىڭ ئەقىدىسىنىڭ توغرىلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ ؛ ئۆزىنى ئەھلى تەۋھىد دېگۈچى سەپتىكىلەر بولسا ، بىدئەتنىڭ ياخشىسى يوق - دەپ ئەقىدە قىلىپ ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ : << ئىسلامدا يىڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىدئەد . ھەرقانداق بىدئەد ئازغۇنلۇقتۇر ئاغۇنلۇقنىڭ ئورنى جەھەننەمدۇر >> دىگەن ھەدىسىنى دەلىل كەلتۈرۈپ ، مۇشۇ ھەدىسنى خاتا پەمھى قىلىپ ، ئۇرۇق ئەۋلادىمىز ( يەنى پۈتۈن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ 90 % تىن ئارتۇقىنى تەشكىل قىلىدىغان ، بىدئەتنىڭ ياخشى ھەم يامىنى بار دىگۈچى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ) نى دوزاققا ھۆكۈم قىلىدۇ ھەم قىلىۋاتىدۇ . ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ، سىز ئەجەبا ئەھلى تەۋھىدچىلەر ( ئەمەلىيەتتە ۋەھھابىيلار ، ياكى ئىنكارچىلار ) سېپىدىكىلەر ، ئەشۇ ئۇرۇق ئەۋلادىمىزنى ئازغۇن ، دوزاققا كىرگۈچىلەر - دېسە ، خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدىكەنسىز ، يۈرىكىڭىز جىغمۇ قىلىپ قويمايدىكەن - يۇ ، ئەمەلىيەتتە ۋەھھابىيلارنىڭ ئەقىدىسىنىڭ خاتالىقىنى كۆرسىتىپ قويسا چىدىمايدىكەنسىزغۇ ؟؟؟!!! يازمىڭىزدا سىز ئۆزىڭىزنىنىڭ شۇ خىل مەيدانىڭىزنى ئوچۇق ئىپادىلەپسىز .
سىز تارىخىڭىزدا ئۆزىڭىزنىڭ ھەنەپى مەزھىپىدە ئىكەنلىكىڭىزنى ئاڭلاپمۇ باقماپسىز . دېمەك سىز ھەنەپى مەزھىپىدە ئەمەس ، مالىكى ، شاپىئى ، ھەمبەلى مەزھەپلىرىدە تېخىمۇ ئەمەس ، ئۇنداقتا سىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جەننەتتە - دەپ بىشارەت بەرگەن يوقۇرىدىكى تۆت مەزھەبنىڭ ھېچقاسىسىدا بولمىسىڭى ... ئۇندىن باشقا قايسى مەزھەپتە ئىكەنلىكىڭىزنى تېخىمۇ بىلمەيدىغانلىقىڭىز ئېنىق . بۇ سىزنىڭ مۇسۇلمانلىق تارىخىڭىزغا ، شۇنداقلا دىنى جەھەتتىكى بىلىمىڭىزنىڭ قاسى دەرەجىدە ئىكەنلىكىگە يېتەرلىك گۇۋاھ بولالايدۇ . ...
ھەنەپى مەزھىپىدىكىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئارقىلىق دىنى قېرىنداشلارغا توغرا ئەقىدىنى تونۇتۇپ ۋە توغرا ئەقىدىگە دەۋەت قىلىپ ، ئازغۇنلۇقتىن ساقلاپ قېلىش . تەۋھىدچىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئارقىلىق خاتا ، باتىل ، ئازغۇن ئەقىدىنى قېرىنداشلارغا تونۇتۇپ ، ئەللاھ خالىسا ، شەيتاننىڭ قوينىغا كىرىپ كەتكەن ، ياكى شەيتاننىڭ قوينىغا كىرىش خەۋىپىدە تۇرغان قېرىنداشلارنى توغرا بولغان ئەقىدىگە دەۋەت قىلىپ ، ئۇلارنى ئازغۇنلۇقتىن ، دوزاق ئازابىدىن ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت - خالاس . ئەلۋەتتە ، بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلىرىمىز ماھىيەتنى تولۇق ئۇقماي تۇرۇپ ، ئۆز ئەقىدىسىدىن يۈز ئۆرۈپ ، ۋەھھابىيلارغا ئېغىش بىلەنلا قالماي ، بەلكى ئۆز ئەھلىگە ، ياكى ئۆز ئەقىدىسىگە تىل تەككۈزۈپ ، ئىنكار قىلسا ، سىزنىڭ پىكرىڭىزچە بولغاندا ، بۆلۈنمەيمىز - دەپ ( يەنى ئەمەلىيەتتە بۆلۈنۈپ چىققانلارمۇ ، بۆلۈنۈپ چىققاندىن كېيىن كەينىگە قاراپ ، ئۇنى قىلسا بىدئەت ، بۇنى قىلسا ھارام ، يەنە بىرنىمىنى قىلسا مۇشرىك - دەپ تىل - ھاقارەت ياغدۇرۇپ ، تەپرىقىچىلىق قىلىپ ، ئىسلام دىنىمىزنىڭ شەنىگە داغ تەككۈزىۋاتقانلارمۇ --- بىدئەتنىڭ ياخشىسى يوق - دەپ جار سېلىۋاتقان ئەشۇ ۋەھھابىيلارغۇ ؟؟؟!!! ئۇلار شۇقەدەر بەدنىيەت تۇرسا ) ، بىز شۇنىڭغا رازى بولىشىمىز كېرەكمۇ ؟! بۇ سىزنىڭ ئەقلىڭىزگە قانداق سىغىۋاتىدۇ ؟؟؟!!!
سىز : بۇيەردە تەۋھىدچىلەرنىڭ قىلمىشى خاتا ، بىز ئاتا ئانىمىز ئۇرۇق ئەۋلادىمىز قىلىپ كەلگەن ئىشنى ئىنكار قىلمايمىز - دەپ ، مازارلاغا چۇقۇنۇپ ، ئۇلۇغلارغا قوي بۇغۇزلاپ ، ئەرۋاھلارغا سىغىنىپ ئۆتەمدۇق ؟ - دەپسىز . بۇسۆزلەرنى بىلىپ ، ئويلاپ دېدىڭىزمۇ ، ... سىزنىڭ گىپىڭىزچە بولغاندا ، بىز ئاتا - ئانىمىز ، ئۇرۇق ئەۋلادىمىز قىلىپ كەلگەن ئىشنى ئىنكار قىلىپ ، ئۇلارنى دوزاققا كىرىدۇ دەپ تەستىقلاپ ، ئاندىن مەغرۇرلانغان ھالدا دىنى بۆلگۈنچى ، دىنى تەپرىقىچى ، دىنى خائىن ، دىنى مۇناپىق ، ئىسلامنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى بوغان ، ساتقىن ئۇستازىڭىزلار مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋەھھابنىڭ ئەقىدىسىنى تۇتۇپ ، ئىسلامنى يوقۇتۇشقا ھەسسە قوشساق ، ئاندىن توغرا - دەپ قارايدىكەنسىز - دە ؟؟؟!!!
مازارلاغا چۇقۇنۇپ ، ئۇلۇغلارغا قوي بۇغۇزلاپ ، ئەرۋاھلارغا سىغىنىپ ئۆتەمدۇق ؟ - دېگەن گېپىڭىزغا قاراڭ !؟ مانا بۇ گەپلەر ۋەھھابىيلارنىڭ گېپى ، مانا بۇ ئەقىل دەل ۋەھھبىيلارنىڭ ئەقلى ،مانا بۇ ۋەھھبىيلارغا ئەگەشكەن ،ئۆز ئەھلىگە ، ئۆز ئەقىدىسىگە قارىشى چىققان نا ئەھلى ، كالتا پەم ، ئۇسكەك ئىسيانكارلارنىڭ تۇتقان يولى .
ئەللاھ خالىسا ، يەنە ئورتاقلىشارمىز .
ئەللاھقا ئامانەت .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qoman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-22 05:38 PM