qoman يوللىغان ۋاقتى 2013-6-21 12:50 PM 
تېمىدىن پارچە :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :
بىر ئىشتىن قۇسۇر ئىزدەشتىن ئاۋال ، سىز ئىزدىگەن قۇسۇرۇم توغىرمۇ خاتا دىگەننى ئويلاپ باقمىدىڭىزمۇ ؟
سىز بىر تىما كەلگۈدەك نەرسىلەرنى يىزىىپسىز ( مىنى قايىل قىلالىىغۇدەك بىر نەرسە تاپالمىدىم ) ئاۋال شۇلارنى يىزىشتىن ئاۋال ئويلانمىدىڭىزمۇ .
سىز بىزنى ئەسلەدىنلا ھەنەپى مەزھىپىدىن دەپ ئاپسىز . بۇنىڭغا ئىشىنىش تۈگۈل خىيالمۇ قىلىپ باقمىدىم نىمىشقا دەمسىز ، ئەڭ ئاددى مىسال بىز نەچچە ئەسىر سۇپىزىمنىڭ تەسىرىدە ياشىدۇق ، ھەم ھىلىمۇ ھەم قۇتۇلۇپ بۇلالمىدۇق ، سىز بۇنداق كىسىپلا ‹ بىز دىگەن ئەسلىدىنلا ھەنەپى مەزھىپىدىن دەپ چۈشسىڭىز ، بۇنىڭغا كىم قايىل ، مەنمۇ قايىل ئەمەس ، چۈنكى مەن تارىخمدا بىزنىڭ ھەنەپى مەزھىپىدە ئىكەنلىكىمىز ئاڭلاپ باقمىدىم ،
ئىنكاسلارنى ئۇقۇۋېتىپ خوتەندىكى تەۋھىدچىلەر بىلەن سۇپىزىمچىلار ئوتتىرسىدىكى كۈرەش كۆز ئالدىمغا كەلدى ،
2
0 يىللار مابەينىدە ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئىچىدىن ئۆزلىرىنى " ئەھلى تەۋھىد " دەپ ئاتايدىغان << ۋەھھابىيلار مەزھىبى >> دىكى ( ۋەھھابىيلار سېپىدىكى ) كىشىلەر پەيدا بولۇپ ، ئەھلى سۈننى ۋەل جەمائەنى ( ئۇرۇق ئەۋلادىمىزنى ) تۈپتىن ئىنكار قىلىپ ، ئۇلارنى ( بىدئەتچى يەنى نەزىر قىلىدۇ ، مەۋلۇد ئوقۇيدۇ ، قەبرىگاھلىقتا قۇرئان ئوقۇيدۇ ۋە ھەق ئالىدۇ ، 3 ، 7 ، 40 ، يىل نەزىرىدىن ئىبارەت بۇددا دىنىنىڭ نەزىرلىرىنى قىلىدۇ ، غوجاملارغا قۇربانلىق قىلىدۇ ، غوجاملاردىن تىلەيدۇ ... بۇلارنىڭ ھەممىسى بىدئەت ، بىدئەتنىڭ ھەممىسى دوزاقتا -دەپ ، ئەھلى سۈننى ۋەلجەمائەنى ) شەرتسىز ھالدا دوزاققا ھۆكۈھ قىلىۋېتىپ ، ئۆزىنى مەن مۇسۇلمان - دەپ ، كۆززىنى پارقىرىتىپ قاراپ تۇرىدىغان بولىۋالدى دەپسىز خوش سىز دىن كىچىككىنە بىر سۇئالنى سۇراي . يۇقۇردىكى ئىشلارنىڭ قايسى بىر سىنى پەيغەمبىرىمىز قىپتىكەن .( قىرىق نەرزە يەتتە نەرزە ، غۇجاملارغا قۇربانلىق قىلىش دىگەندەك ئىشلارنى ) ئەجىبا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەلاھۇ ئەلەيھىسالامنىڭ .ئىسلامدا پەيدا يىڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىدئەد . ھەرقانداق بىدئەد ئازغۇنلۇقتۇر ئاغۇنلۇقنىڭ ئورنى جەھەننەمدۇر دىگەن ھەدىسىنى ئىنكار قىلامسىز . ھەججەتىل ۋېداتا نازىل بولغان ، ئاللاھ تائالانىڭ ‹‹ بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم ئىسلام دىننى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم ›› ( سۇرە مائىدە 3- ئايەتنىڭ ) ئىنكار قىلىپ ، ئۇ بىدئەدلەرنى توغىرا دەپ قارمسىز ،
سىز بۇيەردە تەۋھىدچىلەر بىلەن ، سوپىزىمچىلار ( ئاتالمىش ھەنەپى مەزھىپىدىكىلەر ، ھەنەپى مەزھىپىدەۋالىدۇ ئۆزلىرىنى ) ئوتتىرغا چېقىرىپ نىمىنى ئوختۇرماقچى ، ھىلىمۇ بۇلۇنگىنىم يىتەر ئەمدى ، بۇيەردە تەۋھىدچىلەرنىڭ قىلمىشى خاتا ، بىز ئاتا ئانىمىز ئۇرۇق ئەۋلادىمىزقىلىپ كەلگەن ئىشنى ئىنكار قىلمايمىز دەپ ، مازارلاغا چۇقۇنۇپ ، ئۇلۇغلارغا قوي بۇغۇزلاپ ، ئەرۋاھلارغا سىغىنىپ ئۆتەمدۇق ، ئۇنداقتا ، بۇئىشلارنىڭ ، قۇرئان ۋە ھەدىستە ئورنى بار يوقلىقىغا ئىتىبار بىرىش ھاجەتسىزمۇ ؟
بۇئىشلارنىڭ رەسۇلىمىزنىڭ يۇقىردا سۆزلەپ ئۆتكەن ھەدىسكە زىت ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ،يەنە قىلامدۇق ، ئۇنداقتا ئاللاھتائالانىڭ ‹‹(ئى مۇھەممەد ئۈممىتى!) سىلەر ئىنسانلار مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇدىغان اﷲغا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلە›› سۇرە ئال ئىمران 110- ئايىتگە قارشى ئىش قىلغان بولمايمىزمۇ .
بىز نەچچە ئەسىر ئاپاق غۇجا تۇپەيلى سۇپىزىم يۇلىدا ماڭدۇق ،( ھەممىسى ئەمەس قىسمەنلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا ) شۇ سۇپىزىمنىڭ تەسىرىدىن شۇ شۇپىزىم ئىلىپ كەلگەن بىدئەدلەرنىڭ ئاسارىتىدىن تىخىچە قۇتۇلۇپ بۇلالمىدۇق ، بۇ بىدئەدلەرنى تۈگىتىشكە شۇ ۋاھابىزىمنىڭ رولى خىلى چوڭ بولدى دەپ قارايمەن ، قارىسام تىمىدىن سەل چەتنەپ كەتكەندەك قىلىمەن . مەخسەتكە كىلەي
. بۇ ئىنكاسنىڭ ئىگىسى . سىز تىمىدىن مۇجىمەللىك بار دەپ ئويلاپ بۇ مۈجىمەللىكنى يەنى سىپىمىزنى مەزھەپ ھالىتىگە ئاپىرىۋېلىپسىز . بۇيەردىكى سەپ ھەرگىزمۇ سىز ئويلىغاندەك . ۋاھابىلار سىپى ،ھەنەپىلەر سىپى ، شىئەلەر سىپى ئەمەس بەلكى ، بەندە بىلەن شەيتاننىڭ يەنى مۇڭسۇلمان ھالەتتى تۇغۇلغان ئىنسان بىلەن ، شەيتاننىڭ سىپىنى . جۈملىدىن دەۋزاق ئەھلى بىلەن جەننەت ئەھلىنىڭ سىپىنى كۆزدە تۇتىلىدى ، ئاللاھ تائالا قۇرئانى كەرىمدە ،كىمدە كىم زەررە مىقدارى ياخشىلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۈرىدۇ كىمكى زەررە مىقدارى يامانلىق قىلىدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ دىگەن . ئاللاھتائالا ، دەۋزاختا مەڭگۇ قەپ قالىدۇ دىگەن كىشىلەردىن باشقىلار نىڭ ھەممىسى ئۆزقىلمىشىغا ليىق جازالىنىپ بولغاندىن كىيىن ، ھەممىسى جەننەتتە مەڭگۈ قەپ قالىدۇ ، مانا بۇلار جەننەت ئەھلىدۇر . يەنە بىرى بولسا ئاللائۇلارنى جەننەتتە مەڭگۈ قەپ قالىدۇ دەپ ھۈكۈم قىلغانلار بولسا ، شەيتان ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر بۇلۇپ بۇلار دەۋزەخ ئەھلىدۇر . دۇنيادا ئىككى يول بار بىرى جەننەت يەنە بىرى دەۋزەخ بۇنى شۇ ئىككى سەپ دەپ ئايرىساق توغىرا بولىدۇ ، مۇسۇلمانلار سىپى ۋە شەيتانلار سىپى .
بىراۋنىڭ خاتالىقىنى بىلىپ تۇرۇپ تۈزەتمەسلىكمۇ ھەم قىرىنداشلىرىمىزنى شەيتاننىڭ سىپىگە تاشلاپ قويغانغا ئوخشاش بولىدۇ ، شۇڭا خاتالىقلارنى كەمسىتمەي ، ئەمىلى ھەركىتىمىز بىلەن ئولارنى قايىل قىلىشىمىز كىرەك .
بىلىمىم نىڭ چەكلىك بۇلىشى سەۋەبىدىن خاتالىقلاردىن خالى ئەمەسمەن . خاتالىقلار بولسا تۈزۈتۈپ قۇيۇشۇڭلارنى تۈۋەنچېلىك بلىەن سۇرايمەن ،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ataohli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-21 05:49 PM