مەھزۇن يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 10:24 AM 
تېمىڭىزغا كۆپ رەھمەت، بىزنى بىر مۇھىم بىلىمغا ئىگە قىل ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەھزۇن! مەن يىرىم كەچتە ئالدىراشلىق ئىچىدىلا يوللىغان ئىدىم! يىتەرسىزلىكلەر خىلى باركەن تىمامدا.
تەرتىپ ۋە بىر پۇتۇنلۇككە دىققەت قىلماپتىمەن. يەنە تېخى دەججال دەپ ئاتىدىم دەپ جەددال دەپ قويۇپتىمەن.
ئىنشائاللاھ دىققەت قىلىمەن. دىن ئىلىمىدا بىخەستەلىك قىلىشقا بولمايدۇ. ئەسكەرتمىڭىزگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. سىزمۇ مىنىڭ گۇنايىمنى ئۇلۇغ ئاللاھىمىزدىن مەغپىرەت قىلىشىنى تىلەپ قويۇڭ قېرىندىشىم. بىز بىرلىكتە تىرشايلې ! مۇقەددەس دىنىمىز ئۇچۇن!!!
ھەربىر ھەدىسنىڭ ئاخىرىدا فىقھى ئالىملار تەرىپىدىن تەكشۇرۇپ تەستىقلانغان ھەدىس دەرىجىللىرى بار. تەپسىلىي كۆرۈپ بىقىڭ . سەھىھ ،ھەسەن ،زەئىپ، توقۇلما دىگەندەك. مەن ئاساسەن سەھىھلىرىنى تاللاپ يوللىغانتىم. بۇخارىي بىلەن مۇسلىم ئورتاقلاشقانلىرىنى سەھىھ دەيدىكەن. مىنىڭ مەخسىتىم ئاشۇ ئاخىردىكى ئۈچ سەھىھ ھەدىسلەردىكى يەنى بۇخارى ،مۇسلىم ،ئىبنى ماجە يازغان دەججالنىڭ پىتنىسىنىڭ يامانلىقىنى تەسۋىرلىگەن مەزمۇندىن خەۋەردار بولۇش ئىدى. سىز ئوقۇدىڭىزمۇ. ئۇلۇغ ئاللاھىمىزدىن ھەر ۋاقىت دەججالنىڭ پىتنىسىدىن پاناھ تىلەيمىز ! ئامېن!!!