مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8225|ئىنكاس: 61

جەددال توغرىسىدا سەھىھ ھەدىس ئېلىپ كەلدىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92295
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 702
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 80 سائەت
تىزىم: 2013-2-25
ئاخىرقى: 2013-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 01:09:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەرلەر!
  يەر يۇزىدە بولۇۋاتقان بەزى ئىشلارنى(تاغۇتلارنىڭ ئەسەبىيلىشىشى ۋە قىيامەت ئامەتلېرى)  ۋاستىلىق ۋە بىۋاستىلىق ھالدا كۆرۇپ ،ئاڭلاپ ئۇلارنى سەھىھ ھەدىسلەردىن بولغان قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى دىگەن تىمىدىكى مەزمۇنلار روھى ئاستىدا قايتا قايتا تەپەككۇر قىلىشىش ئارقىلىق قىيامەتنىڭ ھەقىقەتەنمۇ بەك بەك يىقىنلىشىپ قالغانلىقىنى يەنە قايتىدىن ھىس قىلىپ قالدىم .  شۇنىڭ ئۇچۇن دەججال توغرىسىدىكى  بەزى مەزمۇنلارنى ھەقىقەتەن بىلمىسەك بولمايدىغاندەك قىلىدۇ دەپ دەججال توغرىسىدىكى  سەھىھ ھەدىسلەردىن بىر قانچىنى  ئېلىپ كەلدىم. زۆرۇرىيىتى تىپىلغاندا يەنە ئاخىرىنى يوللايمىز .شۇڭا تەپسىلىيرەك ئوقۇپ بىلىۋالايلى.
ئاللاھىم ئىلىمىمنى زىيادە قىلغىن! ئامېن!!!

5978 [ 9 ]
ئەبۇھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇنداق دەيدۇ؛ مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بەنى تەمىملەر توغرىسىدا ئۈچ نەرسىنى دىگەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن باشلاپلا ئۇلارنى ياخشى كۆرۈپ كەلدىم، رەسۇلۇللاھ؛ئۇلار(يەنى بەنى تەمىملەر)دەججالغا ئۇممىتىمنىڭ ئەڭ قاتتىق قارشى تۇردىغان كىشىللىرىدۇر دىگەن. ئۇلارنىڭ سەدىقىللىرى كەلگەندە، رەسۇلۇللاھ؛بۇ بىزنىڭ قەۋمىمىزنىڭ سەدىقىللرى دىگەن. ئۇلاردىن بىر ئولجا ئېلىنغان ئايال ئائىشەنىڭ قولىغا چۇشكەندە، رەسۇلۇللاھ؛ئۇنى ئازاد قىلىۋەتكىن، چۈنكى ئۇ ئىسمائىلنىڭ باللىرىدىن دىگەن ئىدى.بۇخارى،مۇسلىم]5520 [ 5 ]
ئىبنى ئۆمەر،ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: دەججال مېنىڭ ئۈممىتىم ئىچىدە ئاشكارا بولۇپ چىقىپ، قىرىق (كۈن) تۇرىدۇ، -40كۈنمۇ؟ياكى ئايمۇ؟ياكى يىلمۇ؟ بۇنى بىلمىدىم-ئاندىن ئاللاھتائالا، مەريەم ئوغلى ئەيسانى ئەۋەتىدۇ، ئۇ خۇددى سۇقەفىيلىك ئۇرۋەت ئىبنى مەسئۇدقا ئوخشايدۇ، ئەيسا، دەججالنى ئىزدەپ قوغلاپ بېرىپ ئۆلتۈرىدۇ، ئاندىن كىشىلەر ئارىسىدا يەتتە يىل تۇرىدۇ، بۇ يىللاردا ئىككى كىشىنىڭ ئارىسىدا ئۆچ ئاداۋەت بولمايدۇ، ئاندىن، ئاللاھتائالا سوغۇق شامالنى ئەۋەتىدۇ، بۇ شامال شام تەرەپتىن چىقىپ، يەر يۈزىدە قەلبىدە زەررە مىقدارىدا ئىمانى بار كىشىنىڭ ھېچ بىرىنى قالدۇرماي جېنىنى قەبزى روھ قىلىپ ئالىدۇ. ھەتتا، بىرىڭلار تاغنىڭ ئوتتۇرىدىكى غارغا كىرىۋالسىمۇ ئۇ شامال كىرىپ ئۇنىڭمۇ جېنىنى ئالىدۇ، ئاندىن كىشىلەرنىڭ ئەڭ يامانلىرى قېلىپ قالىدۇ، ئۇلار يامانلىقىدىن، ئەقىلسىزلىقىدىن، تاجاۋۇز قىلىشىدا، زۇلۇم قىلىشىدا خۇددى يىرتقۇچ، گۆشخور ھايۋانلارنىڭ، گۆشخور قۇشلارنىڭ ئەخلاقىدا بولۇپ كېتىدۇ، ياخشىلىقنى ياخشىلىق دەپ تونىمايدۇ، يامانلىقنى ئىنكار قىلمايدۇ، ئاندىن ئۇلارغا شەيتان سۈرەتكە كېلىپ، يول كۆرسەتكۈچنىڭ سۈرىتىگە كىرىۋېلىپ، چاقىرىققا ئاۋاز قوشمامسىلەر؟ دەيدۇ، ئۇلار بىزنى نېمىگە بۇيرۇيسەن؟ دەيدۇ، شەيتان ئۇلارنى بۇتلارغا ئىبادەت قىلىپ، بۇتقا چوقۇنۇشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇلار بۇتقا ئىبادەت قىلىپ كېتىدۇ. ئۇلار شۇ ھالەتتە تۇرغاندا، ئۇلارنىڭ رىزقى كەڭرىپ، تۇرمۇش مەئىيشىىتى ناھايىتى ياخشىلىنىپ كېتىدۇ، ئاندىن سۈر مۈڭگۈز پۈۋدىلىدۇ، يەنى ئىسراپىل سۈرىنى پۈۋلەيدۇ، ئۇنى ئاڭلىغان ھەر قانداق بىر كىشى بوينىنى ئىگىپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ قۇلاق سالىدۇ، ئۇ ئاۋازنى ئاڭلايدىغان تۇنجى كىشى تۆگىنىڭ كۆلىنى ئوڭشاۋاتقان كىشى بولۇپ، ئۇ شۇ ھامان ھۇشىدىن كېتىپ ئۆلىدۇ، ئاندىن بارلىق كىشىلەر ئۆلىدۇ، ئاندىن ئاللاھتائالا خۇددى شەبنەم تامچىسىدەك يامغۇرنى ئەۋەتىدۇ، شۇ يامغۇردىن، زىمىندىن ئىنسانلارنىڭ جەسەدلىرى ئۈنۈپ چىقىدۇ، ئاندىن سۈرە يەنە بىر قېتىم پۈۋدىلىدۇ. كىشىلەر ناگاھان قەبىرىلىرىدىن چىقىپ، تىرىلىپ قوپۇپ، نېمىگە بۇيرۇلىدىغانلىقىغا ئىنتىزار بولۇپ قاراپ تۇرىشىدۇ، ئاندىن، ئى ئىسانلار! (جىنلار!) رەببىڭلار تەرەپكە كېلىڭلار! دىيىلىدۇ. ئۇلارنى توختۇتۇڭلار، ھەقىقەتەن ئۇلاردىن سۇئالسوراق قىلىنىدۇ، ھېساب ئېلىنىدۇ دىيىلىدۇ، ئاندىن دوۋزاخ ئەھلىنى چىقىرىڭلار دىيىلىدۇ، قانچىلىك دەپ سورىلىدۇ؟ ھەر 1000دىن 999نى دوۋزاخقا چىقىرىلىدۇ دىيىلىدۇ، ئەنە شۇ بولسا، قورقۇنۇشلۇقىدىن كىچىك بالىلارنىڭ چېچىنى ئاق باش قىلىۋېتىدىغان كۈندۈر، ئاشۇ بولسا، ئىش بەكمۇ قىيىنلىشىدىغان كۈندۇر، (بۇ، سۈرە قەلەم 42 ئايەت، بالىلارنىڭ بېشى ئاقىرىشى، سۈرە مۇززەممىل 17 ئايەت). ئەھمەد 6268 ھەدىس، مۇسلىم 5233 ھەدىس، سەھىھ. مانا بۇ بىزنىڭ ئەقىيدىمىز، بىز شەكسىز ئىشىنىمىز

5503 [ 10 ]
ئەبۇبۇكرەت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن:دەججالنىڭ ئاتا-ئانىسىغا 30 يىلغىچە بىرمۇ بالا تۇغۇلمايدۇ، ئاندىن كىيىن ئۇلارغا بىر كۆزى ئەئما، ئېزىق چىشى چوڭ توڭكاي، مەنپەئەتى ئاز، ئىككى كۆزى ئۇخلىسىمۇ، قەلبى ئۇخلىمايدىغان بىر ئۇغۇل بالا تۇغۇلىدۇ، ئاندىن رەسۇلۇللاھ بىزگە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى سۈپەتلەپ؛ دەججالنىڭ دادىسى ئۇرۇق ، ئىگىز ، بۇرنى خۇددى قۇشنىڭ تۇمشۇقىغا ئوخشاش كىشىدۇر، ئانىسى بولسا، ناھايىتى چوڭ، سېمىز، ئىككى قولى ئۇزۇن ئايالدۇر، كىيىن بىز يەھۇدىيلەر ئارىسىدا شۇنداق بىر بالىنىڭ تۇغۇلغىنىنى ئاڭلاپ، مەن زۇبەير ئىبنى ئەۋام بىلەن بىللە بېرىپ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قېشىغا كىرسەك، ناگاھان ئۇلار رەسۇلۇللاھ سۈپەتلەپ بەرگەندەكلا ئىكەن، بىز؛ سىلەرنىڭ بالاڭلار بارمۇ؟دىسەك، ئۇلار؛بىزگە 30 يىلغىچە بىرمۇ بالا تۇغۇلمىدى، ئاندىن كىيىن بىزگە بىر كۆزى ئەئما، ئېزىق چىشى چوڭ، توڭكاي، مەنپەئەتى ئاز، ئىككى كۆزى ئۇخلىسىمۇ، قەلبى ئۇخلىمايدىغان بىر ئۇغۇل بالا تۇغۇلدى،دېدى. ئاندىن بىز ئۇلارنىڭ قېشىدىن چىقساق، ناگاھان دەججال تون كاسايىسى ئىچىدە ئاپتاپقا قاقلىنىپ يېتىپتۇ، ئۇنىڭ قەلبىدە چۇشەنگىلى بولمايدىغان مەخپى گوڭ-گوڭ سۆز بار ئىكەن، ئۇ يۈزىنى ئېچىپ بېشىنى كۆتۈرۈپ؛ نىمە دېدىڭلار؟دېدى، بىز؛ سەن بىزنىڭ سۆزىمىزنى ئاڭلىدىڭمۇ؟دىسەك، ئۇ؛ ھەئە، مىنىڭ ئىككى كۆزۈم ئۇخلىسىمۇ، قەلبىم ئۇخلىمايدۇ دېدى. تىرمىزى توپلىغان.

5504 [ 11 ]
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ؛ يەھۇدىيلەردىن بىر ئايال مەدىينىدە، كۆزى خۇددى سىلىۋەتكەندەك كور، ئېزىق چىشلىرى توڭكاي بىر ئوغۇل بالىنى تۇغدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ بالىنىڭ دەججال بۇلۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنى ئىزدەپ بېرىپ، ئۇنى تون كاساياسىغا يېپىنغان، چۇشۇنۇكسىز سۆزلەرنى قىلىۋاتقان ھالىتىدە تاپتى، ئاندىن ئۇنىڭ ئانىسى ئۇنىڭغا خەۋەر قىلىپ ئۇختۇرۇپ؛ ئى ئابدۇاللھ! بۇ ئەبۇلقاسىم كەپتۇ دېدى، ئاندىن ئۇ يۆگەنگەن توندىن چىقىپ كەتتى، رەسۇلۇللاھ؛ ھەي! ئۇنىڭ ئانىسىغا نىمە بولغاندۇ؟ اللھ ئۇنىڭغا لەنەت قىلسۇن، ئەگەر ئۇ بالىسىنى جىم قويغان بولسا، ئۇنىڭ ئىشى (يەنى دەججال ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكى)ئاشكارا بۇلاتتى دېدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ؛ ئى اللھ نىڭ ئەلچىسى! بۇنى ئۆلتۈرۈشۈمگە رۇخسەت قىلسىلا دېدى، رەسۇلۇللاھ؛ئەگەر بۇ دەججال بۇلۇپ قالسا، سەن بۇنى ئۆلتۈرىدىغان كىشى ئەمەس، بۇنى ئۆلتۈرىدىغان كىشى ئەيسادۇر، ئەگەر بۇ دەججال بۇلماي قالسا، سىنىڭ ئەھدىسى بار زىممىي كىشىنى ئۆلتۈرۈشۈڭ دۇرۇس ئەمەس دېدى، رەسۇلۇللاھ دائىم ئۇنىڭ دەججال بۇلۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپلا كەلدى.شەرھىسسۇننى توپلىغان

5493 [ 30 ]
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن:دەججال ئىككى قۇلىقىنىڭ ئارلىقى 70 غۇلاچ كىلىدىغان ئاق ئىشەكنىڭ ئۇستىگە مىنىپ چىقىدۇ.بەيھەقى توپلىغان

5492 [ 29 ]
مۇغەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، ھېچ بىر كىشى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن دەججال توغرىسىدا، مەندىنمۇ كۆپرەك سوئال سورمىدى، مەن ئەڭ كۆپ سوئال سورسام، رەسۇلۇللاھ ماڭا؛ دەججال ساڭا زەرەر يەتكۇزەلمەيدۇ(سەن ئەنسىرىمىگىن)دېدى، مەن؛ ئۇلار؛ دەججال بىلەن بىللە تاغدەك نانلار، ئۆستەڭدە ئېقىپ تۇرىدىغان سۇلار بار دىيىشىدۇ دىسەم، رەسۇلۇللاھ؛ دەججالنىڭ ئۆزىمۇ، اللھ تائالاغا، شۇنەرسىلەردىنمۇ ھاقارەتلىك تۇرسا دېدى.(يەنى ئۇھەقىقى ئەمەس، بەلكى جىن-شەيتانلار ھەمكارلاشقان يالغان كۆرىنىشلەردۇر، ئۇ ھەقانداق داۋالارنى قىلسىمۇ، بەر بىر ئۇنىڭ بىر كۆزى كورلۇق ئىنسانىي سۈپىتى،كاززاپلىق ئالامىتى باردۇر)بۇخارى،مۇسلىم

5491 [ 28 ]
ئەبۇ ئۇمامە ،ئەسمائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەججالنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دىگەن: ئى ئىنسانلار! ئاللاھ، ئادەم بالىلىرنى ياراتقاندىن باشلاپ يەر يۈزىدە دەججالنىڭ پىتنىسىدىنمۇ چوڭىراق پىتنە پاساد بولۇپ باقمىدى، ھەقىقەتەن ئاللاھتائالا ئەۋەتكەن ھەر قانداق بىر پەيغەمبەر ئۈممىتىنى دەججالدىن ئاگاھلاندۇردى، مەن بولسام پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى، سىلەر ئەڭ ئاخىرقى ئۈممەت بۇلسىلەر، دەججال شەڭ شۈبھىسىز چوقۇم سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا چىقىدۇ، ئەگەر ئۇ مەن ئاراڭلاردا بار ھايات ۋاختىمدا چىقىپ قالسا، ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن مەنلا ھۆججەت قويۇپ غالىپ كېلىمەن، مەن داۋالىشىمەن، ئەگەر ئۇ مەندىن كىيىن چىقىپ قالسا، ھەممىسى ئۆزىگە ئۆزى ھۆججەت قويۇپ داۋالىشىدۇ، ھەربىر مۇسۇلمانغا ياردەم بېرىشتە، ئاللاھتائالا ماڭا خەلىپە بولىدۇ، ئىگە بولىدۇ. ھەقىقەتەن دەججال شام بىلەن ئىراق ئارىسىدىن چىقىدۇ، ئاندىن ئۇ ئوڭ تەرەپكە ۋە سول تەرەپكە خۇددى بوراندەك تېز بارىدۇ، پىتنە پاساد تېرىيدۇ، ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى، ئى خالايىق! مۇستەھكەم چىڭ تۇرۇڭلار، ھەقىقەتەن مەن سىلەرگە دەججالنىڭ مەندىن بۇرۇن ھېچ بىر پەيغەمبەر سۈپەتلەپ بەرمىگەن سۈپىتىنى سۆزلەپ بېرىمەن، ئۇ ئالدى بىلەن چىقىپلا مەن پەيغەمبەر دەيدۇ، دېققەت قىلىڭلار، مەندىن كىيىن پەيغەمبەر يوق. ئاندىن ئۇ ئۆزىنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈپ، مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلار بولىمەن دەيدۇ. دىققەت قىلىڭلار، سىلەر ئۆلۈپ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا بارمىغىچە رەببىڭلارنى ھەرگىز كۆرەلمەيسىلەر. ئۇنىڭ بىر كۆزى كوردۇر. رەببىڭلار بىر كۆزى كور ئەمەس، ئوخشىشى يوق. دەججالنىڭ پىشانىسىگە «كافىر» دىگەن خەت يېزىقلىق بولۇپ، ئۇنى ھەر قانداق كاتىب ۋە غەيرى كاتىب بولغان خەت يازالايدىغان خەت يازالمايدىغان مۆئمىن ئوقۇيالايدۇ.
ھەقىقەتەن ئونىڭ، كىشىلەرنى ئازدۇرىدىغان پىتنىسىنىڭ جۈملىسىدن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە جەننەت دوۋزاخنىڭ كۆرۈنۈشى بار، دوۋزاخ دىگىنى جەننەت، جەننەت دىگىنى دوۋزاخ ئوتىدۇر، كىم ئۇنىڭ ئوتى بىلەن سىنىلىپ، بالاغا قالسا، ئاللاھدىنلا ياردەم سوراپ، سۈرە كەھپىنىڭ باش تەرىپىنى ئوقۇسۇن، ئاندىن ئوت خۇددى ئىبراھىمغا سالامەت بولغاندەك سوغۇق ۋە سالامەت بولىدۇ، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ پىتنىسىدىن ئۇ يېزىلىق ئەئرابىيغا قانداق قارايسەن، قېنى دەپ باققىنە، ئەگەر مەن ساڭا داداڭ بىلەن ئاناڭنى تېرىلدۈرۈپ بەرسەم مېنىڭ رەببىڭ ئىكەنلىكىمگە گۇۋاھلىق بېرەمسەن؟ دەيدۇ، ئۇ ئەئرابى ھەئە گۇۋاھلىق بېرىمەن دەيدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا ئىككى جىن شەيتان ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئانىسىنىڭ سۈرىتىدە كۆرۈنۈپ، ئى بالام، سەن ئۇنىڭغا ئەگەشكىن، ئۇ سېنڭ رەببىڭ بولىدۇ دەيدۇ، ئۇ يەنە كىشىلەرنىڭ كالا-تۇگىللىرىنىمۇ (اللھ نىڭ ئىزنى بىلەن ) تىرۇلدۇرۇپ شۇنداق قىلىدۇ، جىن-شەيتانلار ئۇنىڭغا ھەمكارلىشىدۇ،ھەقىقەتەن ئۇنىڭ پىتنىسىدىن ئۇ بىر مۆئمىن ئىنسانغا غالىپ كېلىپ ئۇنى ھەرە بىلەن تىلىپ ئىككى پارچە قىلىپ ئۆلتۈرىدۇ، ئاندىن ئۇ مېنىڭ بۇ بەندەمگە قاراڭلار، مەن ئۇنى تېرىلدۈرسەم ئۇ قوپۇپ مەندىن باشقا رەببىم بار دەپ داۋا قىلىۋالىدۇ دەيدۇ. (چۈنكى، ئۇ مۆئمىننىڭ ئېتىقادىنى تولۇق چۈشىنىدۇ، شۇڭا ئالدىن شۇنداق دىگەن). ئاندىن، ئاللاھ ئۇ بەندىنى تېرىلدۈرۈپ بېرىدۇ، ئۇ بەندىگە نىجىس دەججال؛ رەببىڭ كىم؟ دەيدۇ، ئۇ بەندە؛ مېنىڭ رەببىم ئاللاھدۇر، سەن ئاللاھنىڭ دۈشمىنى دەججال بۇلسەن دەيدۇ، ۋە يەنە ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن بۈگۈنكىدەك ساڭا تولۇق ھۆججەت ئالامەت، دەلىل ئىسپاتتا بولۇپ باقمىغان، سەن راستىنلا دەججال دەيدۇ، (چۈنكى، ئۇ مۆئمىن مۇشۇ ھەدىسنى تولۇق بىلىدۇ، بۇ ھەدىسلەر ئۇ چاغدا مۆجىزىگە ئايلىنىدۇ، ئۆزىمۇ مۆجىزە ئىدى). ھەقىقەتەن ئۇنىڭ پىتنىسىنىڭ جۈملىسىدىن ئاسماننى يامغۇر يېغىشقا بۇيرىسا، يامغۇر ياغدۇرىدۇ، زىمىننى زىرائەت، ئۆسۈملۈك ئۈندۈرۈشكە بۇيرىسا ئۇمۇ ئۈندۈرىدۇ، (لېكىن، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ئىزنى بىلەن بولىدۇ) يەنە ئۇنىڭ پىتنىسىدىن ئۇ بىر قەبىيلىنىڭ يېنىدىن ئۆتسە، ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ چارۋا ماللىرى قالماي ئۆلۈپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ يەنە بىر پىتنىسى شۇكى، ئۇ يەنە بىر قەبىيلىدىن ئۆتسە ئۇلار ئۇنى تەستىقلاپ ئىشىنىدۇ، ئاندىن ئۇ ئاسماننى بۇيرىسا، يامغۇر ياغىدۇ، زىمىننى بۇيرىسا زىرائەت ئۈندۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ چارۋا ماللىرى شۇ كۈنىلا بۇرۇنقىدىن سېمىز، چوڭ قورسىقى توقلىقىدىن بەللىرى چىقىپ ئوتلايدۇ، شۇنداق سۈتلۈك بولۇپ كېتىدۇ،(بۇمۇ جىن-شەيتاننىڭ ھەمكارلىشىشى) ئۇ، زىمىن قالماي ھەممە جايغا دەسسەيدۇ لېكىن، مەككە مەدىينىگە كىرەلمەيدۇ، مەككە مەدىينىنىڭ ھەربىر كوچا يول ئېغىزلىرىدا پەرىشتىلەر، يالىڭاچ قىلىچ تۇتۇپ قوغدايدۇ، ئۇ مەدىينىگە يېقىن تۇزلۇق، شورلۇق زىمىننىڭ ئۈزۈلگەن جايدىكى قىزىل دۇۋە تۆپىلىككە چۈشكەندە مەدىينە ئىچىدە مۇناپىق ئەر، مۇناپىق ئايال قالماي ھەممىسى دەججالنىڭ قېشىغا چىقىدۇ، مەدىينە ئۆزىدىن خۇددى كۆرەك ئوتى تۆمۈرنىڭ كىرلىرىنى تازىلاپ يوقاتقاندەك نىجىسلارنى كاپىر، مۇناپىقلارنى تازىلايدۇ، شۇ كۈننى خالاس كۈنى دەپ ئاتىلىدۇ. ئەرەبلەر شۇ كۈندە قەيەردە بولىدۇ؟ دىيىلدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلار ئۇ چاغدا ناھايىتى ئاز بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىقى كۆپىنچىسى بەيتۇلمۇقەددەستە بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىمامى سالىھ، ياخشى كىشى بولۇپ، بىر چاغدا ئۇلارنىڭ ئىمامى ئۇلارغا بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بېرىش ئۈچۈن ئالدىغا چىققاندا، تۇيۇقسىز ئۇلارغا ئەيسا بامدات ۋاختىدا چۈشىدۇ، ئىمام ئەيسانىڭ ناماز ئوقۇپ بېرىشى ئۈچۈن كەينىگە چېكىنىدۇ، ئەيسا ئەلەيھىسسالام قولىنى ئىمامنىڭ مۈرىسگە قويۇپ، ئالدىغا چىققىن، سەن ناماز ئوقۇۋەرگىن، سەن ئۈچۈن تەگبىر ئېيتىلدى دەيدۇ، ئىمام ئۇلارغا ناماز ئوقۇپ بېرىپ، نامازدىن قايتقاندا ئەيسا ئىشىكنى ئېچىڭلار دەيدۇ. ئۇلار ئىشىكنى ئاچسا، ئۇنىڭ ئارقىسىدا دەججال 70000 يەھۇدىي بىلەن بىللە تۇرىدۇ، ھەممىسى ئالتۇن بىلەن ھەل، زىينەت بېرىلگەن ئېسىل قىلىچلارنى ئاسقان ھالەتتە تۇرىدۇ، دەججال ئەيسانى كۆرۈپ خۇددى تۇز سۇدا ئېرىپ كەتكەندەك ئېرىپ كېتىدۇ، ئۇ ئەيسادىن قاچىدۇ، ئەيسا، توختا! ھەقىقەتەن مېنىڭ ساڭا بىرلا قېلىچ ئۇرۇشۇم بار، سەن ھەرگىز ماڭا غالىپ كىلەلمەيسەن، قېچىپ قۇتۇلالمايسەن دەپ ئۇنى قوغلاپ بېرىپ شەرىق تەرەپتىكى لۇد دىيىلىدىغان ئىشىكتە ئۇنى تېىپىپ ئۆلتۈرىدۇ، ئاللاھتائالا يەھۇدىيلارنى مەغلۇپ قىلىپ يېڭىدۇ.
ئاللاھ ياراتقان ھەر قانداق بىر نەرسىدە يەھۇدىي يوشۇرنۇپ ئۆزىنى ساقلاپ قالماقچى بولسا، ئاللاھ ئۇ نەرسىنى سۆزلىتىۋېتىدۇ، تاش، چالما دەرەخ، تام، ھايۋانمۇ قالماي ھەممىسى: ئى ئاللاھنىڭ مۇسۇلمان بەندىسى، مانا بۇ يەھۇدىي، بۇجايغا يوشۇرنىۋالدى كەل بۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكىن دەيدۇ، لېكىن، غەرقەد ئىسىملىك دەرەخ سۆز قىلمايدۇ، چۈنكى، ئۇ ئۇلارنىڭ پەرۋىش قىلىدىغان شوخۇلۇق دەرىخىدۇر، ئاندىن مەريەم ئوغلى ئەيسا ئەلەيھىسسالام ئۈممىتىم ئىچىدە ئادىل ھاكىم، ئادىل ئىمام بولىدۇ، كىرىس بەلگىسىنى چاقىدۇ، توڭگۇزلارنى ئۆلتۈرىدۇ، دىنسىزلارنىڭ ئىسلام دۆلىتىگە تاپشۇرىدىغان باجنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، پەقەت ئىسلام دىنىنىلا قوبۇل قىلىدۇ، بولمىسا ئۆلتۈرىدۇ، ئۆشرە زاكاتنى يىغمايدۇ، قوي، كالا، تۆگىلەرنى زاكات ھېسابلاپ ئالمايدۇ، ئۆزئارا ئۆچ ئاداۋەت، دۈشمەنلىك كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ، ھەربىر زەھەرلىك ھايۋاننىڭ زەھىرى تارتىلىپ ئېلىپ تاشلىنىدۇ، ھەتتا كىچىك سەبى بالىلار قوللىرىنى زەەھەرلىك يىلاننىڭ ئاغىزىغا سالسا، يىلان ئۇ بالىغا زەرەر يەتكۈزمەيدۇ، بىر كىچىك دىدەك، چۆرە، بالا، شىر، يولۋاسقا زەرەر يەتكۈزسىمۇ ئۇ يولۋاس، ئۇ قىزچاققا زەرەر يەتكۈزمەيدۇ. بۆرىلەر قويلار ئارىسىدا خۇددى شۇ قويلارنى باقىدىغان ئىتتەك بولۇپ قالىدۇ، پۈتۈن زىمىن خۇددى قاچا سۇغا تولغاندەك تىنىچلىققا، سالامەتلىككە تولىدۇ، كەلىمە بىرلا بولىدۇ، يەنى ئىسلام دىنىلا «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» بولىدۇ. ئاللاھدىن باشقا ھېچ نەرسىگە ئىبادەت قىلىنمايدۇ، پەقەت بىر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىنىدۇ، ئۇرۇش توختۇتۇلىدۇ. ئەرەبلەر پادىشاھلىقىنى قايتۇرۇپ ئالىدۇ، زىمىن خۇددى كۈمۈش تەخسى، پەتنۇستەك بولۇپ ئادەمنىڭ زامانىدەك ئۆسۈملۈك ئۈندۈرىدۇ، بەرىكەت تولىدۇ، ھەتتا بىر توپ جامائەت بىر ساپاق ئۈزۈمگە تويىدۇ، بىر توپ جامائەت بىرلىشىپ بىر تال ئانارنى يىسە شۇ بىر تال ئانار ئۇلارنى تويغۇزىدۇ. كالا مۇنداق مۇنداق مالغا ئېلىنىدۇ، يەنى قىممەت، ئات بولسا، بىر نەچچە ئۇششاق دەرھەمگە سېتىلىدۇ، ئۇلار ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! نېمە ئۈچۈن ئات ئەرزان؟ دېدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: چۈنكى ئۇ مەڭگۈ جەڭگە مىنىلمەيدۇ، كالا بولسا پۈتۈن يەرنى ھەيدەيدۇ، شۇڭا ئۇ قىممەت دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۆزىنى داۋام قىلىپ مۇنداق دېدى؛ دەججالنىڭ چىقىشىنىڭ ئالدىدا،قىيامەت ئالدىدا ئۈچ يىل بولۇپ، بۇ قەھەتچىلىك يىللاردا كىشىلەرگە قاتتىق ئاچارچىلىق يېتىدۇ، بىرىنچى يىلىلا ئاللاھ، ئاسماننى يامغۇرنىڭ ئۈچتەن بىرىنى توختۇتۇشقا بۇيرۇيدۇ، زىمىننى ئۆسۈملۈك، زىرائەتلىرىنىڭ ئۈچتەن بىرىنى توختۇتۇشقا، ساقلاپ چىقارماسلىققا بۇيرىيدۇ، ئىككىنچى يىلى ئۈچتەن ئىككى قىسمىنى توختۇتۇشقا بۇيرىيدۇ، ئۈچىنچى يىل بولسا، ئاسماننى پۈتۈنلەي يامغۇر ياغدۇرماسلىققا، زىمىننى پۈتۈنلەي ئۆسۈملۈك، زىرائەت، گىياھ ئۈندۈرمەسلىككە بۇيرىيدۇ، ئاسمان بىر تامچە يامغۇر ياغدۇرمايدۇ، زىمىنمۇ بىر تال گىياھ ئۈندۈمەيدۇ، تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكىلەر، چارۋىلار پۈتۈنلەي قالماي ئۆلۈپ تۈگەيدۇ، ئۇلار نېمە يەيدۇ؟ دىيىلدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم؛ ئۇلار تۇرمۇشنى تەھلىل، تەگبىر، تەسبىھ، ھەمدۇ ئېيتىپ ئۆتكۈزىدۇ، ئاشۇ ئىبادەت زىكرىلەر ئۇلارغا ئاسمان ئەھلىگە زىكىر-تەسبىھ كۇپايە بولغاندەك،تاماقنىڭ ئورنىدا كۇپايە بولىدۇ دىگەن. ئىبنى ماجە 4067 ھەدىس، ئىبنى خۇزەيمە، ھاكىم، زىيائۇلمەقدەسى توپلىغان، سەھىھ. بىز بۇ خىل ھەدىسدىن يۇقىرىدا ھۆكۈم ئالغان ئىدۇق.

مەنبە:

مىشكات ناملىق ھەدىسلەر كىتابى

.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92979
يازما سانى: 424
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1309
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 413 سائەت
تىزىم: 2013-3-9
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 09:00:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئى ئاللاھ ،دەججالنىڭ پىتنىسىدىن ساقلىغايسەن .   (ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن)،

مەخەتجان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 2858
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20797
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 2086 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 09:12:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنسانلار بىلىشكە تىگىشلىك بولغان قىممەتلىك مەزمۇنلاردىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.

كەاسسىد ەدااسھسققددھ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93823
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 731
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2013-3-24
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 09:59:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئى ئاللاھ ،دەججالنىڭ پىتنىسىدىن ساقلىغايسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 1753
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13022
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 690 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 10:06:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاپا چىكىپسىز. ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن قېرىندىشىم

ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى
http://www.hakaniye.com/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82788
يازما سانى: 696
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6048
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 724 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 10:06:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كاتتا بىر بىلىمدىن خەۋەردار بولدۇق ، ئاللا ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن!!

خارلانماسلىقنىڭ يولى ـ خارلىماسلىق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20352
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6577
تۆھپە نۇمۇرى: 554
توردا: 1021 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 10:18:04 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت . ھەربىر مۇسۇلمان بىلىشكە تىگىشلىك زۆرۈر بىلىملەركەن .
قىيامەتنىڭ قاچان بولۇشىنى بىر ئاللاھدىن باشقا ھىچكىم بىلگەن ئەمەس ،ئەمما ھازىر بولىۋاتقان ئالامەتلەردىن يىقىنلاپ قالغىنى ئىنىق .
ئىسىمدە شۇنداقراق قالغان ئالامەتلەرگە ئاساسەن تۆۋەندىكىلەرنى يىزىپ قالدۇراي . خاتا جايلىرى بولسا كۆرسەتمە بەرگەيسىلەر

يەرلەر ئاچ چاچلىق ئايالنىڭ بىشىدەك ئاقىرىپ كىتدۇ دىيىلگەنكەن ( ھازىر ئىتىزلارغا سۇلىياۋ يوپۇق ئىشلىتىپ ،يەر يۈزىنى ئاقارتىۋەتتۇق)
شۇنداق بىر تۈركۈم قەۋم كىلىدۇكى يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەخلەت - كېرەكسىزلەرنى يىغىدۇ . بۇنى دىمىسەممۇ بىلىسىلەر .
يەر يۈزىدە پىتنە پاسات كۆپىيىدۇ ( بۇنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز ھازىر قانداق بولىۋاتىدۇ)

شىنجاڭ ئالما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى تور ئادىرىسىمىز: http://xjmac.com

ئىمان ھەم غورۇر بىرسى بىرسىدىن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50644
يازما سانى: 935
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6234
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 255 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 10:19:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەججالغا ئوخشايدىغان بىركىشى بار  قەشقەرنىڭ ئۆزىدىلا ھەممىگە تونۇشلۇق ...

ئۇيغۇرۇم ئۆزىنى تونىغاندا ئۆملەشكەندە ھەرقانداق رەقىبىنى يەر بىلەن يەكسان قىلغۇسى !!!ئەمدى چۆچىمىسەڭ ھىچنىمەڭنى قوغدىيالماس بوپ قالىسەن ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94936
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1152
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 287 سائەت
تىزىم: 2013-4-16
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 10:24:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزغا كۆپ رەھمەت، بىزنى بىر مۇھىم بىلىمغا ئىگە قىلدىڭىز، ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن.
تېمىسىنى دەججال دەپ ئۆزگەرتىۋەتسىڭىز بولاركەن. يەنە بىرسى «يالغان ھەدىسلەر توپلىمى ۋە بىدئەتلەر» دىگەن كىتابتا مىشكاتتىكى نۇرغۇن ھەدىسلەرنى زەئىپ ياكى توقۇلما دەپ بار ئىكەن، بۇ ھەدىسلەرمۇ شۇنداق بوپ قالارمۇ؟  ئارىمىزدا نوپۇزلۇق ھەدىس كىتابلىرى بولمىغاچقا ئادەم قايسىسىغا ئەگىشىشنى بىلمەي قالىدىكەن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95848
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 505
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 83 سائەت
تىزىم: 2013-6-6
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 11:08:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن........ ھازىر بولۇۋاتقان ئىشلارغا قاراپ ئەتىلا قىيامەت بولىدىغاندەك ھىس قىلىپ قالىمەن........
ئاللاھ، بىزلەرنى قىيامەتنىڭ دەششىتىدىن، دەججالنىڭ پىتنىلىرىدىن ساقلىسۇن ئامىن!

ياخشىلارغا ئاچىمەن قۇچاق،
يامانلارغا تەڭلەيمەن پىچاق.
يىقىلغاننى قويىمەن يۆلەپ،
مېنىڭ ياشاش لوگىكام غۇنداق.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش