مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 713|ئىنكاس: 5

قاسىم سىدىق:29-تىئورما تەجىربىسى ھەققىدە بەزى ئىزاھلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 3656
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14435
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3724 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 06:24:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

29-تىئورما تەجىربىسى ھەققىدە بەزى ئىزاھلار

قاسىم سىدىق




تۈز سىزىق ئىنسانلارغا. ئەگرى سىزىق تەڭرىگە تەئەللۇق

___  
گاۋدى


1



تەجىربىدە ئىشلىتىلگەن ماسسىسى ئوخشاش بولغان ئىككى شارچە پاختا يىپقا ئىسىلپ ،ئىچىدە ماتۇر بارشارچىنىڭ ماتورى قوزغىتىلىپ ،مۇقىملاشقاندىن كىيىن ئاندىن يىپ كۇيدۇرۇلۇپ بىرلا ۋاقىتتا تاشلانغان.ئېغىرلىق كۆچىنىڭ چامىسى ھەر ئىككى شارچە ئۇچۇن باراۋەر .ئېغىرلىق كۆچىدىن باشقا «تاشقى كۆچ» مەۋجۇت ئەمەس.ئەگەر  ئىچىدە ماتۇر ھەركەتلىنىۋاتقان شارچىنىڭ ئېغىشىنى مەلۇم بىر «تاشقى كۆچ»كەلتۇرۇپ چىقاردى دىسەك ،بۇ «تاشقى كۆچ»نىڭ نامىنى ئاتاپ،ئۇزىنى كۇرسۇتۇپ بىرىشىمىز كىرەك.مىنىڭچە بۇ يەردە ئاللىقانداقتۇر «تاشقى كۆچ»ئىزدەپ يۇرۇشنىڭ ئەھمىيتى يوق.چۆنكى بۇنداق «تاشقى كۆچ»بار دىيىلسە ھەر ئىككى شارچىغا ئوخشاش تەسىر قىلغان بولاتتى.
دىمەك بۇ يەردە نىيوتۇننىڭ بىرىنجى قانۇنىنى «ئەگەر زەررىچە ۋە جىسىملارغا تاشقى كۆچ تەسىر قىلمىسا ئۇلار ئەسلىدىكى ھالىتىنى مەڭگۇ ساقلايدۇ»دەپ بايان قىلىش ئارقىلىق  تۇز،ئەگىرى،«جىم»قاتارلىق ھەممە ھالەتلەرنى ئۇز ئىچىگە ئالىدىغان قىلغىلى بولىدۇ ۋە 29-تىئورمىچە ئېغىشنى ئىنىرىتسىيە قانۇنى ئارقىلىق چۆشەندۇرگىلى بولىدۇ.مىنىڭ ئىنىرىتسىيە ئالەملىك تۇپ قانۇن دەپ ئىزچىل تەشەببۇس قىلىشىمدىكى سەۋەپمۇ دەل مۇشۇ يەردە.

2



مىنىڭچە ئىنىرىتسىيە قانۇنى(نىيوتۇننىڭ بىرىنجى قانۇنى)نىڭ ماھىيىتى «ئەسلىدىكى ھالەت»دىن ئىبارەت.بىز گالىلىئو.گالىلى ئىشلىگەن يانتۇ تەكشىلىك تەجىرىبىسىنىڭ پەقەت ئۇز ئوقىدا ئايلاندۇرۇماي تاشلانغان،ماسسىسى تەڭ بولمىغان ئىككى شارئارقىلىق ئىلىپ بىرىلغانلىغىنى بىلىمىز.بۇ تەجىرىبىنىڭ نىيوتۇننىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىنى تۇرغۇزۇشىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىگىنىمۇ بىلىمىز.ئەمدى بىز مۇنداق بىر پەرەز قىلىپ باقايلى : ئەگەر گالىلى ئەينى ۋاقىتتا 29-تىئورما تەجىرىبىسىدەك تەجىربىنىمۇ بىللە ئىشلەپ كۇرگەن بولسا قانداق نەتىجە كىلىپ چىقاتتى؟.
شۆبھىسىزكى بۇھالدا گالىلىنىڭ نەتىجىسى يالغۇز ئارىستوتىلنىڭ ئېغىر جىسىم يەڭگىل جىسىمغا قارىغاندا يەرگە بۇرۇن چۆشىدۇ دىگەن ھۇكۇمران ئىدىيىسىنى ئاغدۇرۇۋىتىش بىلەن چەكلەنمەيتى .بۇ ھالدا نىيوتۇنمۇ ئىنىرىتسىيە قانونىنى تۇرغۇزغاندا  مەن تەشەببۇس قىلغان بايان شەكلىدەك بايان شەكلىنى تاللاپ ،ئىنىرىتسىيە قانۇنىنىڭ مەزمۇنىنى يالغۇز «تۇز سىزىقلىق» ۋە ئاتالمىش«جىم»ھالەتلەر ئىچىدە چەكلەپ قويمىغان،بەلكى تەبىئەت دۇنياسىدا مەۋجۇت بولغان شۇنداقلا مەۋجۇت بۇلۇش ئىھتىماللىغى بولغان بارلىق «ھالەت»لەرنى ئۇز ئىچىگە ئالىدىغان قىلار ئىدى.مىنىڭ 29-تىئورمىنى تارىخنىڭ بىزگە قالدۇرغان پۇرسىتى دىيىشىمدىكى سەۋەپ مۇشۇ يەردە.بىز بۇ پۇرسەتنىڭ ئەھمىيىتىنى تۇنۇپ يىتىشىمىز،قەدىرلىشىمىز كىرەك!.

3



گالىلى 29-تىئورما تەجىربىسىنىمۇ تەڭ ئىشلىگەن بولسا  يالغۇز نىيوتۇننىڭ ئالاقىدار قانۇنلىرى باشقىچە يىزىلىپلا قالماي،مەلۇم مەنىدە ئېينىشتىيېنمۇ مەيدانغا كەلمىگەن بولاتتى ياكى ھىچ بولمىغاندا ھازىرقى شەكلىدە مەيدانغا كەلمىگەن بولاتتى
.بۇ تەشەببۇسنىڭ ئاساسى شۇكى؛بۇ ھالدا ئېينىشتىيېن «زامان-ماكان ئەگىرى بولىدۇ»دەپ يازمىغان بولاتتى.چۆنكى «ئەگىرىلىك»نىڭ ھەركەت قىلغۇچى جىسىمنىڭ (توغرىسىنى ئىتقاندا ماددىنىڭ)خۇسۇسى خاراكتىرى ئىكەنلىگىنى گالىلى تەرىپىدىن ئاللىبۇرۇن ئىسپاتلىنىپ بولغاچقا ئېينىشتىيېن ئەلۋەتتە«زامان-ماكان ئەگىرى بولىدۇ» دىگەن بۇ ئىدىيىگە كەلمىگەن بولاتتى.يەنى بۇھالدا ئېينىشتىيېندە مىنكۇۋىسكىدىن نوقۇل ماتىماتىكىلىق ئىدىيەنى ئارىيەت ئىلىپ تەجىربە ئاساسىغا ئىگە(29-تىئورىما تەجىربىسى) ئىدىيىنى ئاغدۇرۇۋىتىش خىيالىنىڭ پەيدا بۇلۇپ قىلىشىنى تەساۋۋۇر قىلغىلى بولمايتى.مىنىڭچە دىققەت قىلىنمىغان كىچىككىنە بىر مەسىلىمۇ تارىخنى مىڭىشقا تىگىشلىك يۇنۇلىشىدىن باشقا ياققا يىتەكلەپ قويۇدۇ ۋە ئۇزگەرتىۋتىدۇ.بىز پەقەت ئەجداتلاربۇرۇنلا قىلىشقا تىگىشلىك بولغان بىر ئىشنى ئەمدى قىلغىلى تۇردۇق،خالاس!.

4



شۇنى ئۇنتۇماسلىق كىرەككى، گالىلى تەجىربىسى ئارستوتىلنىڭ «ئېغىر جىسىم يەڭگىل جىسىمغا قارىغاندا يەرگە بۇرۇن چۆشۇدۇ»دىگەن ئىدىيىسىنىڭ توغرا-خاتالىغىنى تەكشۆرۇپ كۇرۇشنى تۆپ مەقسەت قىلغان.بىز بىر تەجىربىنىڭ مۇئەييەن مەقسەت ئاساسىدا ئىلىپ بىرىلىدىغانلىغىنى بىلىمىز.شۇڭا بىز گالىلىغا 29-تىئورما تەجىرىبىسىدەك تەجىرنىمۇ بىرگە ئىشلىمەپتۇ دەپ ئەيىپ قويالمايمىز.لىكىن نىيوتۇننىڭ ئىنىرىتسىيە قانۇنىنى تورغۇزغاندا پەقەت گالىلى تەجىرىبىدىن ئۇتكۆزگەن بىرلا رىياللىقنى ھىساپقا ئىلىشىنى چۆشەنمەك قىيىن.چۇنكى نىيوتۇن بۇ مەسىلىدە تەجىربىچى ئەمەس،نەزەريىچى سالاھىيىتىدە مەيدانغا چىققان ئىدى.ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئۇز ئوقىدا ۋە ئوربىتا بويلاپ ھەركەت قىلىدىغانلىغى نىيوتۇنغا ئايان ئىدى.يەنى نىيوتۇن سەييارىلەر ئوربىتىسىنىڭ ماھىيەتتە بىر دەۋرى ئەگىرى سىزىق ئىكەنلىگىنى بىلەتتى .شۇنداق تۇرۇقلۇق نىيوتۇن نىمە ئۆچۆن ئىنىرىتسىيە قانونىغا «ئەگىرىلىك»نىمۇ كىرگۇزمىگەن؟.بۇ تەتقىق قىلىشقا،ئىزدىنىشكە تىگىشلىك نۇقتىلارنىڭ بىرى.
مانا بۇ نىيوتۇن قولدىن بىرىپ قويغان پۇرسەت!.
ھازىرمىكرۇ دۇنيا تەتقىقاتىنىڭ  تەرەققىياتلىرى
ئۇز ئوقىدا ئايلانمايدىغان زەررىچىلەرنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىگىنى ئىسپاتلىدى.كۇرۇنۇپ تۇرۇپتىكى،29-تىئۇرىما تەجىرىبە نەتىجىسىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇش-تۇرالماسلىغى ئۆستىدە ئىزدىنىش  كىۋانىت مىخانىكىسى ئۆچۆنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

5



«ئەسلىدىكى ھالەت»ــــــ ئىنىرىتسىيە قانۇنىدا مەركىزى نۇقتا ۋە چۇڭقۇر مۇھاكىمە قىلىنىشقا تىگىشلىك تېما.
بىز گالىلى يانتۇ تەكشىلىكتىن ياكى پىسا قىيسىق مۇنارىدىن ئۇز ئوقدا ئايلىنۋاتقان ۋە ئۇز ئوقىدا ئايلانمىغان ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى شارلارنى قۇيۇپ بەردى دەپ پەرەز قىلايلى ،قويۇپ بىرىشتىن ئىلگىرىكى شارلارنىڭ ھالىتىنى(ئىسىپ قۇيۇلغان،بىر نەرسىنىڭ ئۇستىگە قۇيۇپ قۇيۇلغان ياكى قولدا تۇتۇپ تۇرۇلغان بۇلسۇن) شۇ پەيىتكە نىسبەتەن «ئەسلىدىكى ھالەت»دەپ پەرەزقىلساق خاتا بولمايدۇ.بۇنداق پەيتتە شارلارمەيلى ئۇز ئوقىدا ئايلانغان ياكى
ئايلانمىغان ھالەتتە تورسۇن سىزىقلىق ھەركىتى نۆل ھالەتتە،يەنى نىسبى مەنىدە «جىم»تورغان بولىدۇ.لىكىن بۇ ۋاقىتتىمۇ بۇ شارلار «ئېغىرلىق كۆچى»نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ھالەتتە بولىدۇ.شارچىلار بىرلا ۋاقىتتا ئەركىن تاشلانغان ئەھۋالدىچۇ؟.
بۇ ھالدا بىز ئادەتتە بۇ شارلار ئۇچرايدىغان «تاشقى كۆچ(يەرنىڭ تارتىش كۆچى)
»نىڭ چامىسى ئوخشاش،نەتىجىسىمۇ ئوخشاش بۇلۇپ يەرگە ئوخشا ۋاقىتتا چۆشىدۇ دەپ قارايمىز.لىكىن ئەمەليەتتىچۇ؟.ئەمەليەتتە نەتىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ ۋە ئوخشاش بولماسلىغى كىرەك.بۇنىڭ سەۋەبى بەكمۇ ئاددى،يەنى ئۇز ئوقىدا ئايلىنىۋاتقان شار بىلەن ئۇز ئوقىدا ئايلانمىغان شارنىڭ «ھالىتى»نى ئوخشاش دىيىشكە بولمايدۇ.ئىنىرىتسىيە قانۇنىنىڭ تۇپ مەنىسى جىسىملارنىڭ«ئەسلىدىكى ھالەت »نى ساقلاپ قىلىشقائىنتىلىش«خاھىشى»دىن ئىبارەت.كۇرۇنۇپ تۇرۇپتىكى ئۇز ئوقىدا ئايلانمىغان شارنىڭ يەرگە تۇز ۋە ئىلگىرى چۆشۆشى،ئۇز ئوقىدا ئايلاندۇرۇلغان شارنىڭ يەرگە كىچىكىپ ۋە ئۇز ئوقىدا ئايلىنىش يۇنۇلىشى تەرەپكە ئېغىپ چۇشۇشىنىڭ ھەر ئىككىسى ئىنىرىتسىيە قانۇنىغا ئۇيغۇن.چۇنكى بۇ ئىككى شارنىڭ «ئەسلىدىكى ھالەت»لىرى ئوخشاش بولمىغاچ نەتىجىسىمۇ ئوخشاش بولماسلىغى كىرەك.نەتىجىسىمۇ ئوخشاش بۇلۇپ قالسا بۇ ھالدا ئىنىرىتسىيە قانۇنى خاتا بولغان بولىدۇ.
ئەمدى بىز تارتىش كۆچىنىڭ چامىسى نۆل بولغان بىر مۇھىتتا بىزئۇز ئوقىدا ئايلاندۇرۇلغان ۋە ئايلاندۇرۇلمىغان  ئىككى شارنى «ئەركىن تاشلىدۇق »،بۇ شارلارغا ھىچقانداق تاشقى كۆچ تەسىرقىلمىدى دەپ
(مۇمكىن ئەمەس بولسىمۇ)پەرەز قىلايلى،بۇيەردە كۇرۇدىغان مەنزىرىمىز ،ئەسلى بۇشارلار قايسى ئۇرۇندا ،قانداق ھالەتتە تورغان بولسا شۇ ھالەتتە تۇرۇۋىرىدۇ.ئۇلارنى«ئەركىن تاشلاش»مۇمكىن ئەمەس.بۇ ھالەتمۇ ئوخشاشلا ئىنىرىتىيە قانۇنىغا ئۇيغۇن.
ئەمدى بىز تەساۋۋۇرىمىزدا گالىلىنى ئۇز ئوقىدا ئايلىنىش تىزلىگى ئوخشاش بولمىغان ئىككى شارنى پىسا  قىيسىق مۇنارىدىن تاشلاتقۇزۇپ باقايلى: بىز نىمىنى كۇردۇق؟،ئۇز ئوقىدا ئايلىنىش تىزلىگى يۇقۇرى بولغان شارنىڭ ئۇز ئوقىدا ئايلىنىش تىزلىگى تۇۋەن بولغان شارغا قارىغاندا يەرگە كىيىن چۇشكەنلىگىنى ۋە ئۇزوقىدا ئايلىنىش يۇنۇلىشى تەرەپكە تىخىمۇ بەك ئېغىپ چۆشكەنلىگىنى كۇرىمىز.بۇ ھالەتمۇ ئىنىرىتسىيە قانۇنىغا ئۇيغۇن.
ئەمدى بىز گالىلىنى ئۇزئوقىدا ئايلىنىش تىزلىگى يىتەرلىك چوڭ بولغان شارلارنى پىسا قىيسىق مۇنارىدىن تاشلىدى دەپ پەرەزقىلايلى،بۇھالدا «تاشلاش»مۆمكىن ئەمەس.بۇ شارلار مۇئەللەق
ئىسىلىپ تۇرىدۇ.بۇ مەنزىرىمۇ ئىنىرىتسىيە قانۇنىنىڭ روھىغا ئۇيغۇن.
......
مىنىڭ ئىنىرىتسىيە قانۇنىنىڭ بايانىنى ھەممە «ھالەت»لەرنى ئۇز ئىچىگە ئالىدىغان قىلىپ قايتا تولۇقلاش تەشەببۇسىنى ئۇتتۇرىغا قويۇشىمدىكى سەۋەپلەر ئاز ئەمەس.كۆپچىلىك مۇھاكىمە قىلىپ كۇرسە بولىدۇ.مىنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلۇمدا خاتالىق بولسا كۇرسۇتۇپ بىرىشىڭلارنى ئۆمىت قىلىمەن.مىنىڭچە ئىنىرىتسىيە قانۇنىنىڭ ماھىيىتىنى تۇتۇۋىلىش ئىنتايىن موھىم.

6



ئەگەربىز ئۇز ئوقىدا ئايلىنىش يۇنۇلۇشى تۇت تەرەپكە قارىتىلغان ئىككى دانە ياكى تۇت دانە شارنى ئەركىن تاشلىساق،مۇقەررەر ھالدائۇلار ئىككى ياكى  تۇت تەرەپكە قاراپ ئاغىدۇ.ئېغىشنىڭ قىممىتى ئوخشاشلا ئۇز ئوقىدا ئايلىنىش تىزلىگىگە ئوڭ تاناسىپ، سىزىقلىق تىزلىگىگە تەتۇر تاناسىپ بولىدۇ.بۇ مەنزىرىدىمۇ ئىنىرىتسىيە قانۇنى يەنىلا ئۇرۇنلۇق بولىۋىرىدۇ.بىردانە ئۇز ئوقىدا ئايلاندۇرۇلغان شارنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوخشىمىغان يۇنۇلۇشلەرگە قارىتىپ تاشلىساقمۇ نەتىجىسى ئوخشاشلا ئۇزئوقىدا ئايلىنىش يۇنۇلۇشى تەرەپكە قاراپ ئېغىش بولۇپ چىقىدۇ.سەۋەپ شۇنچە ئاددى،چۆنكى  بۇشارلارنىڭ تاشلىنىشتىن ئىلگىرىكى ۋە تاشلانغان ۋاقىتتىكى «ھالەت »لىرى ئوخشاش ئەمەس.ئىنىرىتسىيە قانۇنى بويىچە بۇ شارلار ئۇزلىرىنىڭ «ئەسلىدىكى ھالەت»لىرىنى ساقلاپ قىلىشقا ئىنتىلىشى كىرەك.
مانا مۇشۇ مەنزىرە ئاستىدا ئىلگىرى- كىيىن 50يىلچە ۋاقىت كەتكەن،750 مىليۇن دوللار سەرىپ قىلىنغان ،سىتانفورىت ئونۋىرستېتى بىلەن ئامىرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسى(NASA)بىرلىكتە ئىشلىگەن                          GP-Bتەجرىبىسى(ئېغىرلىق كۆچىنى ئۇلچەش تەجىرىبىسى) قاتتىق خرىسقا دۇچ كىلىدۇ. يەنى ئېينىشتىيېن نەزەريىسى ۋە GP-B تەجرىبىسى 29-تىئورما تەجىربىسىدە يۇز بەرگەن يۇقۇرقى ئەھۋاللارنى چۆشەندۇرۇپ بىرەلمەيدۇ،ئەكسىچە 29-تىئورما ۋە ئۇنىڭ تەجىرىبە نەتىجىسى GP-Bتەجرىبىسنىڭ نەتىجىسىنى چۇشەندۇرۇپ بىرەلەيدۇ.ئالىمجان ئوبۇلقاسىم ئۇزىنىڭ«مەشھۇر ئۈچ تەجرىبە ۋە 29-تېئورىما تەجرىبىسى ئۈستېدە سىلىشتۇرما تەتقىقات»ناملىق ماقالىسىدا ھەتتاGP-Bتەجرىبىسى نەتىجىسىنىڭ 29-تىئورمىنىڭ ھەقىقى بۇشلۇقتىكى ئىسپاتى دەپ يازغان ئىدى.مەن بۇ گەپنى ھەرگىز ئاشۇرۇۋىتىلگەنلىك ئەمەس دەپ قارايمەن.
ھەر قانداق بىر فىزىكا تەجىرىبىسىگە قويۇلىدىغان تولىمۇ ئەقەللى بىر تەلەپ بار،ئۇبولسىمۇ، بۇتەجىرىبىنى قايتا ئىشلىگىنى،قايتائىشلەش ئارقىلىق ئوخشاش نەتىجىنى كەلتۆرۆپ چىقارغىنى بولۇش.
GP-Bتەجرىبىسى ھىچقاچان باشقا ئۇرۇنلار تەرىپىدىن  تەكشۆرۆپ-دەلىللەش مەقسىتىدە قايتا ئىشلەنگەن ئەمەس.ئۇنىڭ ئۇستىگە  GP-Bتەجرىبىسى ئېينىشتىيېننىڭ ئالدىن قىلغان ئىككى پەرىزىنى ئىسپاتلاش مەقسىدىدىلا لايىھىلەنگەچكە باشقا ئىھتىماللىقلار نەزەردىن ساقىت قىلىنغان. يەنى بۇ تەجىربىنىڭ يىتەكچى ئىدىيسىدە قارشى تەرىپىدىن چىقىپ سىناپ كۇرۇش تەركىۋى مەۋجۇت ئەمەس،ئەگەر بۇ تەجىرىبە ئېينىشتىيېن ئىدىيىسىگە قارشى سلىشتۇرما تەركىپلەرنى ئۇز ئىچىگە ئالغان قىلىپ لايىھىلەنگەن بولسا قانداق نەتىجە كىلىپ چىقار ئىدى؟.مەسىلەن ؛تۇت دانە گىرۇسكوپنىڭ ئۇز ئوقدا ئايلىنىش يۇنۇلۇشى تۇت يۇنۇلۇش بويىچە ھەقىقى بوشلۇقتا ئەركىن تاشلانغان بۇلسا قانداق بولار ئىدى؟.بۇ ھالدا كۇرۇنىدىغان مەنزىرە  پەقەت ئىككى خىللا بولىدۇ:
1.ھەممە گىرۇسكۇپلار ئېينىشتىيېن ئالدىن ئىتقاندەك ئۇز ئوقىدا ئايلىنىش يۇنۇلۇشلىرىنىڭ ئوخشىماسلىغىدىن قەتئى نەزەر بىرلا تەرەپكە،يەنى يەر شارىنىڭ ئۇز ئوقىدا ئايلىنىش يۇنۇلىشى تەرەپكە قاراپ ئاغىدۇ.بۇھالدا ئېينىشتىيېننىڭ توغرا بولغان بولىدۇ.
2.ھەر بىر گىرۇسكۇپ ئۇز ئوقىدا ئايلىنىش يۇنۇلۇشى تەرەپكە قاراپ ئاغىدۇ. بۇ ھالدا ئېينىشتىيېننىڭ ئالدىن قىلغان ھۇكۇمى خاتا بولغان بولىدۇ ۋە «زامان -ماكان ئەگىرى»دىگەن ئىدىيىدىن ۋاز كىچىشكە توغرا كىلىدۇ.
مەن تەشەببۇس قىلىۋاتقان بۇنداق تەجىرىبىنىڭ تەننەرقى ئەلۋەتتەئەرزان توختايتى.ئەمدى مەن  بۇگۇن
NASAدىن يىراق،تەڭرىتاغ ئىتەكلىرىدە  تۇرۇپ ئۇزۇمنىڭ دىھقانلارچە ساددا تەپەككۇر ۋە تەلەپپۇزۇم بىلەن «ئېسىت، يىرىم ئەسىر ۋاقىت،ئېسىت، 750مىليون دوللار پۇل»دەپ ئولتۇرۇپتىمەن!.
كۇرۇنۇپ تۇرۇپتىكى،
GP-B تەجىربىسى ئۇزىنىڭ ئەسلى يەتمەكچى بولغان مەقسدى نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ  مەقسىتىگە ئۇزۇل-كىسىل يىتەلمىگەن تەجىرىبە.GP-B تەجىربىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئانالىز قىلىشقا ئىككى يىل قاتناشقان پىروپىسور جاڭ ساۋ ئەپەندى ئەمەليەتتە بۇ تەجىربىنىڭ بىر مەغلۇپ بولغان تەجىرىبە ئىكەنلىگىنى ئۇتتۇرىغا قويۇدۇ.
لىكىن، بۇتەجىربىنىڭ رىياللىغى مىنىڭ 29-تىئورمىغا بولغان ئىشەنچىمنى تىخىمۇ كۆچەيتتى
ۋە ماڭا ئىلھام ئاتا قىلدى.29-تىئورما تەجىربىسىنى ھەر قانداق جايدا ،ناھايتىمۇ تۇۋەن تەننەرىق بىلەن ،خالىغان ۋاقىتتا ،نۇرغۇن لايىھەلەر بۇيىچە قايتا ئىشلەپ دەلىللىگىلى بولىدۇ.مەن بۇرۇنقى يازمىلىرىمدا«شەكىل نەزەريىسى ،نىسبىلىك نەزەريىسىدىن ئەگىرىلىكنى تالشىدۇ»دىگىنىمدە يۇقۇرقى ئاساسلارنى كۇزدە تۇتقان ئىدىم .يەنى، نىسبىلىك نەزەريىسى «زامان-ماكان ئەگىرى بولغاچ،بۇ زامان-ماكاندا ھەركەت قىلىۋاتقان زەررىچە ۋە جىسىملارنىڭ ھەركىتى ئەگىرى بولىدۇ»دەپ قارايدۇ.شەكىل نەزەريىسى بولسا«ھەركەتنىڭ ئەگىرىلىگى ئۇز ئوقىدا ئايلانغان ھالدا سىزىقلىق ھەركەت قىلىۋاتقان زەررىچە ۋە جىسىملارنىڭ ئۇزىگە خاس،خۇسۇسى خارەكتىرى»دەپ قارايدۇ.29-تىئورما تەجىربىسى مىنىڭ خاتا ھۇكۇم قىلمىغانلىغىمنى ئىسپاتلاپ بەردى.تەجىرىبە لايھىسى ۋە نەتىجىسىدىن گۇمانلىنىدىغانلار بولسا قايتا ئىشلەپ باقسا ياكى مۇۋاپىق كىلىدىغان يىڭى لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويسا ۋە سىناپ باقسا بولىدۇ.

7



مىنىڭ29-تىئورمىنى قانداق كەلتۇرۆپ چىقارغانلىغىمنى
«فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى»نىڭ تەتقىقات رامكىسى ۋە تەتقىقات يۆنىلىشى» ناملىق ماقالەمدىكى 1-2 - رەسىملەر ۋە ئۇلارنىڭ ئاستىدىكى ئىزاھاتلاردىن كۇرۇپ ئالغىلى بولىدۇ.ۋاقتىم يار بەرگەندە 29-تىئۇرمىنى مەيدانغا كەلتۇرگەن تەپەككۇر جەريانىمنى مەخسۇس تېما يىزىپ كونكىرىت چۇشەندۇرۇمەن.

2012.3.10
http://www.aldost.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=2915&extra

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-7 06:25 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 1866
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13299
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 716 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 06:55:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاسىم سىدىق ئاكا سىز نېمە ئىش قىلىسىز

ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى
http://www.hakaniye.com/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 3656
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14435
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3724 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 08:14:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uyol يوللىغان ۋاقتى  2013-6-7 06:55 PM
قاسىم سىدىق ئاكا سىز نېمە ئىش قىلىسىز

قاسىم سىدىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن دەم ئېلىشقا چىققان ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى.

NASA : كائىنات ھازىرمۇ توختىماي كېڭىيىۋاتىدۇ
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-106758-1-1.html

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-7 08:16 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10353
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8193
تۆھپە نۇمۇرى: 344
توردا: 4769 سائەت
تىزىم: 2010-9-14
ئاخىرقى: 2013-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 10:37:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
http://www.nur.cn/news/2013/06/123370.shtml
بولسا ماۋۇنىڭدا ئېيتىلغاننىڭ قانداق سۇئاللىقىنى ئىزدەپ تېپىپ چىقىرىپ قويغان بولسىڭىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1314
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5090
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 473 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 05:00:36 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلى يامان ئەمەس چۈشەندۈرۈلۈپتۇ. ھەرخىل قاراشتىكىلەر ئۆز مەيدانىنى ئىلمىي،پاكىتلىق ئوتتۇرغا قويسا ياخشى بولاركەن.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 3656
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14435
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3724 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-9 12:07:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھوي،بۇ تېمىغا ئىنكاس يوللىغىنى بولىدىكەنغۇ؟:

膛线为什么能让子弹旋转


http://www.zhihu.com/question/20143537

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-9 12:05 PM  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-9 12:09 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش