ۋاكسىنىنى ئۇرايلى بىزمۇ
چىمدىپ قويدۇم جىمغۇرلىقىمنى
_______________ خاتىرەمدىن
1
لەۋلىرىنى ياردى ھاۋانىڭ،
قىزىل مۇچتەك ئاچچىق زۇۋانىم .
ئېغى يىرتىق ئىشتانغا پاتماي ،
يەل قويىدۇ كۆتەك خىيالىم .
سۇمبۇل چاچلىق باغلار كېلىڭلار ،
يازنى گۆشنان قىلىپ يىمەمدۇق ؟
شېئىر ياغقان شائىر ئاسماننى ،
ئەدەپ بىلەن سالىقىن سۆيمەمدۇق ؟
تازىم قىلىپ يورۇق ئۆستەڭگە ،
ئەركەك ئېرىق سۇغا ئۆيلىنەر .
يازنىڭ نىمىگە سېزىكلىكىنى ،
كوت –كوت قىياق گەپ تېپىپ يۈرەر .
مەست ۋاقتىنىڭ ئېغىيىرتىلماس ،
ئېغى يىرتىق يۈرگەن ئۆزىمىز .
پۈرلەشكىنى تارىخ بېتىكەن ،
ئەجەپ قارغۇ ئىكەن كۆزىمىز .
قەدەھلەردە چىرىيدۇ تېرە،
سانجىلماقتا ھايا تىكىنى.
ئاياللارغا ياساپ تۆتقۇلاق
ئۆلتۈرىدۇ ئەركەك پىتىنى .
2
تام يايماقتا قاقلىغاچ بىزنى،
بىلمەپتىمەن زەيلەشكىنىمنى .
مەست بولماقتا دۇنيا لوغىتى ،
نوقوپ قويار ئاۋاق تىلىمنى .
شېئىرلارنى چىلاپ كېچىگە
قاراڭغۇنى تۇغماقتا مۈشۈك .
تۇخۇملارنى مەخپى يالىغان ،
بەدنىيەتنىڭ قازىنى تۆشۈك .
يۇيۇنغاندا سەبىي لىرىكام ،
سۇ زىنىقى ئېچىلار قات – قات .
شاكاراپتا گېلىنى قىرار ،
ئاچكۆز ھاۋا بازاردا پات– پات .
چىرىمىسۇن كۆڭۈل تانىسى ،
باغلىنايلى ئەگرىمۇ تۈزمۇ؟
ئىنجىقلىسا ئايالدىن كۆرمەي ،
ۋاكسىنىنى ئۇرايلى بىزمۇ .
تارازىسىز سۈزۈك مىجەزىم،
چېكەلمەيدۇ ئەتىنى ئەمدى .
ئىش ئورنىدىن قالغان بۆرەكلەر ،
ئالقىنىغا ئەپىيۇن تەردى .
نادان چولپان چىقسائېلانغا ،
قۇل قىلىدۇ ساددا پۇتىنى.
پىتنىخۇرنىڭ تىلىنى تۇزلاپ ،
سەمرىتمەيلى ھەسەت قۇرتىنى .
ئاپتۇرى : ئا. مۇھەممەت باغۋەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bahwanbiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-21 01:35 AM