يىقىنقى يىللاردىن بۇيان قازاقستاندە رۇس مىللىتى پۇقرالىرىنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلىشى قازاقستاندە ئىسلام دىنىنىڭ ساغلام تەرەققى قىلىۋاتقانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ،
قازاقستان ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئاھالىسى ئىلىنا ۋىلادىمىروۆنا ئاقسۇ مەسچىتىگە كىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ قائىدىلىرى بويىچە ئىسلامنى قوبۇل قىلدى،سۈرەتتە :ئىسلامغا كىرگەن ئىلىنا ۋىلادىمىروۆنا:
ئالماتىدىكى ''ئوربىتا''مەسچىتىدە ، ئانا-بالا ئىلىنا بىلەن ئالىكساندىر سۇخانوۆلار ئىسلام دىنىنىڭ قائىدىسى بويىچە ئىسلام دىنىغا كىردى، ئولارمەسچىت ئىماملىرىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئىسلامغا كىرىش رەسمىيىتىنى ئۆتكۈزدى، ئىلىنا ئىسىمىنى فاتىمە ،ئالىكساندىر ئىسىمىنى ئابدۇللا دەپ ئوزگەرتتى.
2012-يىلى،قاراغاندى شەھرىنىڭ ئاھالىسى ئىلىنا قاراغاندى شەھرىنىڭ مەركىزى مەسچىتىدە ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ ، ئوزىگە ''ئايشە''دىگەن ئىسىمنى تاللىدى .
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۇنى، سەمەي شەھرىنىڭ بورودىلىخا ناھىيىسىدىكى چەرنىخ ئىدۋارد ئولىگوۋيچ ناھىيىلىك مەسچىتتە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى،
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۇنى، ئالىنا ماگىرىيا پاۋلودار ئوبلاستلىق "ماشھۇر-جۇسۇپ ''مەسچىتىدە ئىسلامنى قوبۇل قىلدى.ۋە ئىسلام قائىدىسى بويىچە ئوزىگە ''ئەلمىرە'' دىگەن ئىسىمنى تاللىدى.
بۈگۈنكى كۈندە ، قازاقستاندىكى ئىسلام دىنىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، رۇسلار ۋە باشقا سىلاۋىيان ، گېرمان، ئۇكرايىن قاتارلىق مىللەت پۇقرالىرىنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلىدىغانلارمۇ باركەن.
مەنبە:قازاقستان مۇسۇلمانلىرى دىنى باشقارمىسىنىڭ تورىدىن.
http://www.muftyat.kz/index.php?newsid=7069
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-20 12:18 PM