|
|
|
|
ئامىرىكا راستىنلا QEپىلانىدىن چىكىنىپ چىقامدۇ
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-88724-1-1.html
خەلىقئارا ئالتۇن كۈمۈش بازىرى 4-ئاي مەزگىلىدە تارىخى 30يىلدىن بۇيان چوڭ چۇشۇشكە ئۇچرىغان بولۇپ، ئوتتۇرا ھساپ بىلەن ئالتۇن 14%لىك چۇشۇش ئۆتكىلىنى تاماملىدى .يەنى ئالتۇن 1564دوللار ھەرئۇنىسيە دىن (312يۇەن خەلق پۇلى ھەرگىرامى)1321دوللار ھەرئۇنسىيگە (262يۇەن خەلق پۇلى ھەرگىرامى )چۇشۇپ كەتتى .كۈمۈش 26.40دوللار ھەرئۇنىىسيەدىن (5.30يۇەن خەلق پۇلى ھەرگىرامىدىن )22.06دوللار ھەرئۇنسىيگە (4.38يۇەن خەلق پۇلى) غا چۇشۇپ كەتتى .ئالتۇن كۈمۈشنىڭ بۇخىل چوڭ چۇشىشىگە ئەگىشىپ دۇنياۋىي ئەمەلىي ئالتۇن سىتىۋىلىش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۇرۇلگەن .بولۇپمۇ جۇڭگۇ تۇركىيە روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى شەخسى مۇلۇكدارلار بىلەن غەرپ ئەللىرىدىكى كاپىتالىس سودىگەرلەر بەس-بەستە ئەمەلىي ئالتۇن سىتىۋالغان .بۇھال ئالتۇن كۈمۈشكە كۇچلۇك تىرەش نۇقتىسى پەيدا قىلغانلىقتىن ئالتۇن 1321دوللاردىن تىزسۇرئەتتە قاڭقىپ، بىرھەپتىدىلا 1487دوللارغا ئۆرلىدى .ئەمما كىيىنكى بازاردا ئامىرىكا سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ياخشى چىقىشى ۋە ياۋرۇپا ۋەزىيىىتىنىڭ ئوساللىشى نەتىجىسىدە ئالتۇن كۈمۈش يەنە بىر نۆۋەت چۇشۇش تەھدىتىگە ئۇچرىدى .ئالتۇن كۈمۈشنىڭ ھازىرقى يۆلىنىشنى ئانالىز قىلىدىغان بولساق ،ئالتۇن تىخنىكىلىق جەھەتتىن ھەرقايسى ۋاقىت بۆلەكلىرىدىن تەڭشىلىپ، چوڭ بىرقىتىملىق چۇشۇشكە تەييارلىق كۆرۇپ بولدى دىسەكمۇ ،ئەمما قىسقا مۇددەتتە تىرەش نۇقتىلىرىنى (ئالتۇن 1348دوللار ،1320دوللار ، كۈمۈش 22.00دوللار، 21.40دوللار)بۇزغىچە بولغان ئارلىقتا قاڭقىش تەلىپى بار .
ئالدىمىزدىكى ھەپتىدە ئامىرىكا فىدىراتسىيە بانكىسى 4-ئايلىق ئومۇمىي دوكىلاتى ئىلان قىلىنىدۇ .ئەمدى ئاساسىي ئانالىزىمىغا كەلسەك، ئامىرىكا راستىنلا قويۋىتىش سىياستىدىن چىكىنىپ چىقامدۇ ؟
مانا بۇ ئالتۇن كۈمۈش بازىرىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەسىلە ، كۆپلىگەن تەھلىلچىلەر ئامىرىكىنىڭ بىرتۇرلۇك پۇل-مۇئامىلە قويۋىتىش سىياسىتىنىڭ يىقىن مەزگىلدە ئاخىرلاشمايدىغانلىقىنى پەرەز قىلدى .ئەمما ئۇزلۇكسىز ئىلان قىلىنىپ تۇرىۋاتقان ئامىرىكا ئىقتىسىادى سانلىق مەلۇماتلىرى كۇندىن كۇنگە ياخشى چىقىشى بىلەن دوللار ئۇزلۇكسىز تۇردە كۇچىيپ مىڭىۋاتىدۇ .ئۇنىڭ ئۇستىگە ئامىرىكا 4-ئايلىق ئىشسىزلىق نىسبىتى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانىمۇ ئامىرىكنىڭ كۇتكەن يىرىدىن چىقتى .ھالبۇكى ئالتۇن كۈمۈشكە بۇنداق ناچار يۇزلىنىش كىشىنى راستىنلا بىئارام قىلىدۇ .
تەھلىللىرىمىزگە ئاساسلانغاندا ،ئامىرىكا فىدىراتىسيە بانكىسى 6-ئايدىن بۇرۇن قويۋىتىش سىياسىتى (QEپىلانى)دىن چىكىنمەسلىكى مۇمكىن .چۇنكى بۇنداق چوڭ بىر قارار ھەرگىزمۇ 1ياكى 2ئايلىق دوكىلاتنىڭ مەزمۇنى بويىچە بىكىتىلمايدۇ .ھىلىھەم فىدىراتسىيە بانكىسى ئەمەلدارلىرى ئارىسىدا كۆپ قىتىم بىلەت تاشلاش ئاۋاز بىرىش تۇزىمى بىلەن قويۋىتىش سىياسىتىدىن چىكىنىش قارارى مۇلاھىزە قىلىنغان بولسىمۇ ،ئەمما پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالمىغان .6-ئاينىڭ ئوتتۇرىسدا ئامىرىكا فىدىراتسىيە بانكىسى يىرىم يىللىق خولاسە دوكىلاتى ۋە خۇلاسە يىغىنى ئىچىلىدۇ .مەزكۇر يىغىن ۋە دوكىلاتتا ئاندىن QEتوغرىسىدا قارار ماقۇللىنىشى ئىھتىمالغا يىقىن .
يەنە بىر نۇقتىدىن تۇرۇپ تەپەككۇر قىلىدىغان بولساقمۇ ، ئامىرىكا QE3پىلانىنى 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىجرا قىلدى ،ھەم بۇيىل 9-ئايدا ئاخىرلاشتۇرۇش مۇمكىنچىلىكىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىۋاتكىلى بولمايدۇ .يەنە قىسمەن سىياسىي ئامىللارنىڭ تۇركتكىسىدە ئامىرىكا QEپىلانىنى يەنىمۇ ئىچكىرلىگەن ئاساستا ئىجرا قىلىشى ئىنىقىنى ئىيتقاندا QE4نى ئىجرا قىلىشىمۇ مۇمكىن .ئەڭ چوڭ مۇمكىنچىلىق يەنىلا ئامىرىكىنىڭ قويۋىتىش سىياسىتىدىن چىكىنىش ئىھتىماللىقى بولماقتا .رىئال يۇزلىنىش دەل شۇ نۇقتىدىن تۇرۇپ تەپەككۇر قىلىشىمىزنى ئۇندەۋاتىدۇ .
دۇنيا ئالتۇنچىلار بىرلەشمىسى ئىپادە بىلدۇرۇپ ،ئالتۇننىڭ 1-پەسىلدىن بۇيان ئىھتىياج مىقدارى ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 13% تۆۋەنلىگەن بولۇپ يەنى 963توننىغا يەتكەن .بۇ 3يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتا ھىساپلىنىدۇ ،گەرچە ئەمەلىي ئالتۇن سىتىۋىلىش قىزغىنلىقى كۇنسىرى ئىشىۋاتقان بولسىمۇ ،ئەمما قەرەللىك مال ئالتۇن سىتىۋىلىش مىقدارى بارغانسىرى كىمىيىپ كەتكەن .
ئالدىمىزدىكى ھەپتىدە ئالتۇننىڭ ئەڭ مۇھىم تىرەش نۇقتىسى 1320دوللار ، كۈمۈشنىڭ 21.40دوللار .مەزكۇر تىرەش نۇقتىلىرىنىڭ كۇچىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ .شۇڭلاشقا ئالدىمىزدىكى ھەپتىدە ئالتۇن كۈمۈش بازىرى كۆزىتىشنى ئاساس قىلىنىدۇ .
مەنبەسى : ئۆزۇم
ئەسكەرتىش : سودا ئاساسىي قىلىۋالماڭ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kulak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-19 01:20 AM
|
|
|
|
|
|