|
|
|
|
QE3نىڭ يەرشارىلاشقان ئىقدىساتقا بولغان تەسىرى
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، سىنتەبىر ئىيىنىڭ 14-كۇنى ئامىرىكا (FED) فىدىراتسىيە زاپاس پۇل كومىتىتىدىن ،3-قىتىملىق پۇل-مۇئامىلە قويۋىتىش سىياسىتىنى يولغا قويدى .يولغا قويىلىشى بىلەنلا ، پۇتكۇل دۇنيا خارەكتىرلىك پۇل-مۇئامىلە ئىقدىساد ئورۇنلىرىنىڭ كۆرسەتكۇچلىرى ئاستىن ئۇستۇن بولۇپ، ئامىرىكا ئۆزى نىشانلىغان مەنزىلگە ئاساسەن يىقىنلاشتى .
ئامىرىكىنىڭ QE3ننى يولغا قويۇلىشى بىلەنلا ، يەرشارىلاشقان ئىقدىسادقا نۇرغۇن تەسىر كۆرسەتتى .ئۇنداقتا ئامىرىكىنىڭ بۇ QE3 پىلانى ، دۇنيا ئىقدىسادىغا نىمە ئۇچۇن تەسىر زور ؟
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-88362-1-1.html
چۇنكى ئامىرىكا دوللىرى-دۇنيا ئىمپورت-ئىكىسپورت سودا ئالاقىسى ، تاشقى سودا ئالاقىسى ، تاشقى پىرۋوت سودا ئالاقىسى... قاتارلىق نۇرغۇن سودا تۇرلىرىدە مۇھىم بولغان پۇل بىرلىكى ھىساپلىنىدۇ . خەلىقئارادىكى دوللارنىڭ قىممىتىنىڭ چۇشۇش ئۆرلىشىگە ئاساسەن ،باشقا ئەللەرنىڭ ئايرىۋاشلاش نىسبىتىمۇ ماس ھالدا ئۆزگەىرىش ھاسىل قىلىپ ماڭىدۇ .شۇڭا دۇنيادىكى تەسىرچانلىقى ئەڭ يۇقىرى پۇل بىرلىكى دوللار. QE3نىڭ ئاساسىي پىرگۇراممىسى _ دوللارنىڭ قىممىتىنى چۇشۇرۇپ، ئامىرىكا ئىقدىسادىنى قوزغىتىش ، چەتئەل تاۋارلىرىغا زەربە بىرىشنى مەقسەت قىلغان .ئۇنداقتا QE3 دۇنياۋى ئىقدىسادقا قانچلىك تەسىر كۆرسەتتى ، بىز كۆرۇپ باقايلى :
ئامىرىكا پاي بازىرى سانلىق مەلۇماتى [ ناسداك ئۇنۋىرىسسال قىممىتى ]纳斯达克综合指数
ئامىرىكا پاي بازىرىQE3 ئىجرا قىلىنغاندىن ئىتىبارەن ئىنتايىن جانلانغان .ئۆزىگە نىسبەتەن مەبلەغ سالغۇچىلارنى كۆرىنەرلىك جەلىپ قىلىپ ، ئامىرىكا ھۆكىمىتىنىڭ يەنە بىر مەقسىدىنى ئۇنۇملۇك ئىشقا ئاشۇرغان.
ئەمدى بىز داۋجىنىس كۆرسەتكۇچىنى كۆرۇپ باقايلى :
داۋجىنىس كۆرسەتكۇچىمۇ ئوخشىمىغان نىسبەتتە ئۆسۇش ھالىتىنى شەكىللەندۇرگەن .
ئەمدى بىز تاشقى پىرۋوت ساھەسىدىن [ياۋرۇ-دوللار] نىسبىتىگە قاراپ باقايلى :
ياۋرۇ-دوللار نىسبىتىمۇ ،قىسقىغىنە بىر ئاي ئىچىدە ئوخشىمىغان ھالەتتە ئۆسۇش يۆلىنىشنى داۋام قىلماقتا .
ئەمدى ئالتۇن نەزەر سىلىپ ئۆتەيلى :
كۈمۈش :
ئالتۇن كۈمۈشمۇ باشقا تاۋار ماللارغا ئوخشاش ئۆسۇش يۆلىنىشدە ماڭماقتا .
ئەمدى بىز باشقا تاۋارلار بىلەن تەتۇر يۆلىنىشتىكى دوللارغا قاراپ باقايلى :
دوللار ئىلگىرى كىيىن بولۇپ چۇشۇش يۆلىنىشىدە ماڭماقتا .
يۇقاردا كۆرۇپ ئۆتكىنىمىزدەك ، يەرشارىلاشقان ئاساسلىق تاۋار بۇيۇملارنىڭ ئوخشاشلا ئۆسۇش يۆلىنىشىدە ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز . بۇلارنىڭ ھەممىسى دەل ئامىرىكىنىڭ مەقسىدى QE3نى ئىجرا قىلغانلىقىدىن بولغان .
بۇ ھەپتە بازارنىڭ قىززىق نۇقتىسى بولغان ئامىرىكا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانى بىلەن ئىشسىزلىق نىسبىتى كۆرىنەرلىك ياخشىلانغان .ئامىرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىكىنىڭ 5-ئۆكتەبىر سىتاسىكىستا قىلىنىشىچە ، ئامىرىكا غەيرى يىزا-ئىگىلىك ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سەنى 110400ئادەم كۆپەيگەن ۋە 2ئايلىق كەڭ كۆلەملىك ئۆزگەرتشتىن كىيىن 86000مىڭ ئادەم كۆپەيگەن .9-ئايلىق ئىشىسزلىق نىسبىتى 7.8% تۆۋەنلەپ، 4يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەنى ياراتقان .
دىمەك يۇقارقى سانلىق مەلۇماتلاردىن شۇنى كۆرىۋىلىش تەس ئەمەسكى ، QE3نى ئىجرا قىلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئۇنىڭ ئۇنىمى كۆرىلىشقا باشلىدى .ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىشى ئامىرىكا ئىقدىسادىغا نىسبەتەن ئىنتايىن چوڭ خۇش-خەۋەر .بۇنىڭ نەتىجىسى بىلەن QE3نى داۋاملىق ئىجرا قىلىش مۇمكىنچىلىكى بارغانسىرى تۆۋەنلىدى .كىلەركى قىتىملىق فىدىراتسىيە يىغىنىدا، QE3نى داۋاملىق ئىجرا قىلامدۇ ۋەياكى ۋاقىتلىق توختىتامدۇ بۇ قىززىق نۇقتا بولىدۇ . ئەمما مۆلچەرىمىزگە ئاساسلانغاندا ، ۋاقىتلىق توختىتىش مۇمكىنچىلىكى بىرقەدەر چوڭ ، چۇنكى QE3قوزغاتقاندىن بۇيان دوللار ئۇزلۇكسىز تۇردە چۇشۇش يۆلىنىشىدە مىڭىپ كەلدى.بۇنىڭ نەتىجىسىدە ، نىفىت-ئالتۇن كۈمۈش داۋاملىق ئۆستى ، ھالبۇكى مەبلەغ سالغۇچىلار دوللارنىڭ بۇ سوغۇق ھالىتگە قاراپ، قىممەت مىتال بازىرىغا كۆپلەپ ئىقىپ كىردى . شۇڭلاشقا ئامىرىكا QE3نى بىر مەزگىل توختىتىپ، قايتىدىن يەنە قوزغىتىشى مۇمكىن .كىلەركى قىتىملىق فىدىراتسىيە يىغىنىدا ، QE3ئىلگىركىدەك قىززىق نۇقتا بولىدۇ .ئەگەر ۋاقىتلىق توختىتىپ قالسا ، دوللارغا قارشى تاۋار ماللار بىرقىتىملىق چوڭ چۇشۇشكە ئۇچرىشى مۇمكىن ،ئەگەر ئىپادە بىلدۇرمىسە يەنى QE3نى توختىتىش ۋە داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا ئىنىق ئىپادە بىلدۇرمىسە ، بازار تەڭشىلىش باسقۇچىدا ماڭىدۇ ، داۋاملىق ئىجرا قىلسا ئۆسۇشكە قاراپ ماڭىدۇ ،.
ئالتۇن بازىرىغا نىسبەتەن ، ئالتۇن 1795دوللارلىق 11ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چوققا نۇقتىدىن ياراتتى .ئەمما 1790دوللاردا مۇقىم تىرەش نۇقتىسى ھاسىل قىلالماي، 1785دوللارغا چۇشۇپ كەتتى .تىخنىلىكىق ئانالىز ئامىللىرىدىن ، ئالتۇن يەنە بىرقىتىملىق كەڭ كۆلەملىك تەڭشىلىش باسقۇچىغا مۇھتاج .
مولچەرىمچە ، ئالتۇننىڭ 1800دوللارلىق يۇقىرى بىسىم نۇقتىسى بۆسۇپ ئۆتۇشى ئۇنۇمسىز بولدى ، شۇڭلاشقا ، ئالتۇن يەنە بىر قىتىم چۇشۇش بىسىمىغا ئۇچرىشى مۇمكىن .چۇشۇش رايونى 1765~1755دوللار ئەتراپى .بۇ رايوندىن ئۆسۇشكە مال تۇتۇشقا بولىدۇ .
كۈمۈش ئىنتايىن پاسسىپ ھالەتكە چۇشۇپ قالدى .ئۆسۇش ھالىتى ئالتۇنغا نىسبى ئەگىشەلمەي ، چۇشۇش بىسىمى كۈچىيىپ كەتتى .مىنىڭچە كۈمۈش ئالتۇنغا نىسبەتەن مۇكەممەل تەڭشىلىپ بولالمىدى .كۈمۈشنى 34.30دوللاردىن ئۆسۇشكە مال ئالساق بولىدۇ .
ئالدىمىزدىكى ھەپتە قىززىق نۇقتا : [ياۋرۇ رايونى باشلىقلار ئۇچرىشىشى ]
بۇنىڭدا ئاساسلىق ECBياۋرۇپا مەركىزى بانكىسىنىڭ باشلىقى دىلاجى، يىقىن مەزگىلدىكى ياۋۇرۇ رايونىغا ئەزا ئەللەرنىڭ تەرەققىيات يۆلىنىشى ۋە ئىسپانىيەنىڭ قۇتقۇزۇش ياردەم مەبلىغى ئىلتىماس قىلىشى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ .شۇنىڭغىچە بولغان ئارقىلىقتا بازار داۋاملىق تۇردە تەڭشىلىش باسقۇچىدا ماڭىدۇ .
مەنبەسى :ئۆزۇم
ئەسكەرتىش : پايدىلىنىشقا بولىدۇ ، سودا ئاساسىي قىلىۋالماڭ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kulak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-6 06:16 PM
|
|
|
|
|
|