|
|
|
|
نەپرەت 2009 نىڭ بىرىنچى قېتىملىق ھەمكارلىشىپ كىتاب تەرجىمە قىلىش پىلانى مۇۋەپپىققىيەتلىك ئاخىرلاشتى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى باغداش ۋە مىسرانىم مۇنبىرىدا ھەمكارلىشىپ كىتاب تەرجىمە قىلىشقا چاقىرىق ئېلان قىلغاندىن كېيىن، تورداشلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشىدا، ئامېرىكىنىڭ ئاتاقلىق سىياسىئونى ۋە ئىستراتىگىيىچىسى زېبىگنېۋ بېرزىنىسكىينىڭ مەشھۇر ئەسىرى « زور مەغلۇبىيەت: 20-ئەسىردىكى كوممۇنىمزنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاك بولىشى» نى جەمئىي 13 نەپەر تورداش تەرجىمە قىلىپ چىقتۇق، 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ قۇتادغۇبىلىك مۇنبىرىدا ئېلان قىلىندى. 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى تەرجىمە قىلىش، تەھرىرلەش ۋە يوللاش خىزمىتى تاماملىنىپ، نەپرەت 2009 نىڭ بىرىنچى قېتىملىق ھەمكارلىشىپ كىتاب تەرجىمە قىلىش پىلانى غەلبىلىك ئاخىرلاشتى. ئەسلىدە كىتاب باغداش مۇنبىرىدا ئېلان قىلىش پىلانلانغان بولۇپ، 18-قۇررۇلتاي سەۋەبلىك باغداش مۇنبىرىنى نورمال زىيارەت قىلىش مۇمكىن بولمىغاچقا ھەمدە قۇتادغۇبىلىك مۇنبىرىمۇ ئېلان قىلىشنى قىزغىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەچكە، قۇتادغۇبىلىك مۇنبىرىدا تولۇق ئېلان قىلىندى. بۇنىڭدىن كېيىنكى كىتابلارمۇ قۇتادغۇبىلىك مۇنبىرىدا ئېلان قىلىنىدۇ.
تەرجىمانلار:
شەھىدە (كەڭساي مۇنبىرىدىن)، تۇنيۇقۇق (لوپنۇردىن)، نەپرەت 2009 (ئوكيان تورىدىن)، نوشىرىۋان (ئەلبەھرە تورىدىن)، ئايسۇلتان (باغداش مۇنبىرىدىن)، شاكىرە (باغداش مۇنبىرىدىن)، نۇرئەخمەت نامەت (يوپۇرغا ناھىيە ئەشمە بازار ئوتتۇرا مەكتەپتىن)، سەھران (قەشقەردىن)، ئابدۇۋەلى ئالىم ئويتاغ (ئاقتۇ ناھىيىسىدىن)، تۇرسۇنجان ھىمىت (يوپۇرغا ناھىيە باي ئاۋات ئوتتۇرا مەكتەپتىن)، باسمىل (ئۈرۈمچىدىن)، سەۋرىيار (باغداش مۇنبىرىدىن)، كەنجى (باغداش مۇنبىرىدىن).
كىتاب ئادرىسى: « زور مەغلۇبىيەت: 20-ئەسىردىكى كوممۇنىمزنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاك بولىشى» http://www.qutad.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=4336
تەرجىمانلار ھەممىسى ئەسلىدە مېنىڭ نامىمدىلا ئېلان قىلىشنى ئېيتقان ئىدى، لېكىن مېنىڭ قاتتىق تەلەپ قىلىشىم بىلەن بەزىلىرى تور دۇنياسىدىكى نامىنى، بەزىلىرى ھەقىقىي ئىسمىنى بەردى؛ كىتابنى تەرجىمە قىلىشقا قاتناشقان 12 تورداشقا سەمىمىي رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن، تورداشلار كىتابنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا ھەقىقەتەن جاپا چەكتى. تەرجىمە تەجرىبىسى بار باشقا تورداشلارنىمۇ ھەمكارلىشىشقا چاقىرىمەن.
كىتابنىڭ ئېنگىلىزچە نۇسخسىنى يىراق ئامېرىكىدىن تەمىنلەپ بېرىپ، تەرجىمىگە تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ بەرگەن دوستلاردىن كىرىس ۋالدېن (Chris Walden، ئامېرىكىلىق) ۋە ئەنتىي لى (Anty Lee، جۇڭگولۇق) لارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.
زېبىگنېۋ بېرزىنىسكىينىڭ « زور مەغلۇبىيەت: 20-ئەسىردىكى كوممۇنىمزنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاك بولىشى» ناملىق داڭلىق ئەسىرى 1989-يىلى نيۇيورك ماكمىللان نەشىرىياتى نەشىر قىلغان. خەنزۇچە نەشىرى موشۇ نەشىرىياتنىڭكىگە ئاساسەن تەرجىمە قىلىنغان. خەنزۇچە نەشىرىنى جۇڭگو ھەربىي ئىشلار پەن-تېخنىكا نەشىرىياتى نەشىر قىلغان بولۇپ، جەمئىي 325 بەت. ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى نيۇيورك ماكمىللان نەشىرىياتىنىڭ 1989-يىلدىكى ئېنگىلىزچە نۇسخىسىغا سېلىشتۇرۇلدى.
مەزكۇر ئەسەر پەقەت شەخسىنىڭ قىزىقىشى بويىچە تەرجىمە قىلىندى، شۇڭا بارلىق مەسئولىيەتنى ئۆزۈم ئۈستۈمگە ئالىمەن، باشقا تەرجىمانلار ۋە قۇتادغۇبىلىك مۇنبىرى ھەمكارلاشقۇچى ۋە ئېلان قىلىشقا سورۇن ھازىرلاپ بەرگۈچى بولۇپ،ھېچقانداق مەسئولىيەت ۋە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
كىتاب ئۆز ئارا ئۆگىنىش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، قىزىقىش ۋە ھەمكارلىشىش روھىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن تەرجىمە قىلىنغان، باشقا ئالاھىدە مەقسەت يوق، باشقا شەخس، تور بەت ياكى ئورگانلارنىڭ پايدا ئېلىش ۋە تەشۋىقات غەرىزىدە ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، تەرجىمىسىنىڭ بارلىق ھوقۇقى قۇتادغۇبىلىك مۇنبىرىغا تەۋە. كىتاب خىزمەتتىن سىرتقى قىسقىغىنا بوش ۋاقىتلار تەرجىمە قىلىنغان ھەمدە تەھرىرلەنگەن، ئېنگىلىزچە نۇسىخىسىغا بىرمۇ بىر سېلىشتۇرۇلغان بولغاچقا، ئېلان قىلىشقا كۆپرەك ۋاقىت كېتىپ قالدى.
ئەلۋەتتە، بۇ قېتىمقى ھەمكارلىقتا بەزى سەۋەنلىكلەرمۇ يۈز بەردى: بىرىنچىسى، بىر قىسىم تەرجىمانلاردا ئىملا خاتالىقى زىيادە ئېغىر، ئېغىز تىلى بىلەن يېزىق تىلىغا بولغان ئۇقۇم يوق دېيەرلىك بولۇپ، تەھرىرلەش خىزمىتىگە قىيىنچىلق تۇغدۇردى؛ ئىككىنچىدىن، تەرجىمە تەجرىبىسى يوقلارمۇ قاتناشقان بولۇپ، تەھرىرلەشتە سەللا دىققەت قىلىنمىسا بىر بۆلەك، ھەتتا بىر بابنىڭ مەزمۇنى بۇرمىلىنىپ كېتىشتەك خاتالىق سادىر بولاتتى؛ يەنە بىر قىسىم تەرجىمانلارنىڭ خەنزۇ تىلى چۈشىنىش سەۋىيىسى يېنىلا يېتەرلىك ئەمەس؛ كېيىنكى قېتىملاردا ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ھەم مەنمۇ تەلەپنى يۇقىرى قويىمەن.
ئىككىنچى قېتىملىق كىتاب تەرجىمە قىلىش ھەمكارلىقىدا زېبىگنېۋ بېرزىنىسكىينىڭ «تاللاش: يەر شارىۋى ھۆكۈمرانلىق ياكى يەر شارىۋى رەھبەرلىك» بولۇپ، 2005-يىلى نەشىر قىلىنغان. ئىنتايىن زور پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە. بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا ئۆزىمىزمۇ نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگىنىۋالىمىز. خەنزۇچە تەرجىمىسىنى 8 ئادەم ھەمكارلىشىپ قىلغان بولۇپ، شىنخۇا نەشىرىياتى 2005-يىلى 1-ئايدا بىرىنچى قېتىم نەشىر قىلغان. بىزمۇ كىتابنىڭ بىرىنچى نەشىرى بىرىنچى باسمىسىغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىمىز. ئىككىنچى كىتابنىڭمۇ تەرجىمىسى ئاساسەن پۈتۈپ قالدى. تەرجىمىگە قاتناشقان بەزى تەرجىمانلار بىرىنچى كىتابقا قارىغاندا ياخشى، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى ئىكەن دېدى. مېنىڭ توپى نومۇرۇم:
مېنىڭ QQ توپى نومۇرۇم 263260150
دىققەت: تەرجىمىگە مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنىڭ قېتىلىش ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنمايدۇ؛ توپتا تەرجىمىگە مۇناسىۋەتسىز پاراڭ قىلىشقا بولمايدۇ، بۇ توپ پەقەت توپ ئۇقتۇرۇش تارقىتىشقىلا قۇرۇلغان، زۆرۈر ئىش بولسا مەن بىلەن بىۋاستە سۆزلىشىشى كېرەك. تەرجىمانلارغا قويىلىدىغان تەلەپلەرنى تۆۋەندىكى تېمىدىن كۆرۈۋېلىڭ:
نەپرەت2009 كىتاب تەرجىمە قىلىشقا ھەمكارلاشقۇچى ئىزدەيدۇ
|
|
|
|
|
|