نەپرەت2009 كىتاب تەرجىمە قىلىشقا ھەمكارلاشقۇچى ئىزدەيدۇ ئامېرىكىنىڭ ئاتاقلىق سىياسىئونى ۋە ئىستراتىگىيىچىسى زېبىگنېۋ بېرزىنىسكىينىڭ مەشھۇر ئەسىرى «چوڭ شاھمات تاختىسى» ئېلان قىلغاندىن كېيىن تورداشلار ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. بۇ ئەسەرنى تەرجىمە قىلغان چاغلاردا يېتەرلىك بوش ۋاقتىم بولغاچقا، ئۆزۈم يالغۇزلا تەرجىمە قىلغان. لېكىن ھازىر بىراقلا ئىككى خىزمەتنى قىلىۋاتقان بولغاچقا بوش ۋاقتىم ئىنتايىن چەكلىك، سالامەتلىكمۇ ئۇنچە ياخشى ئەمەس. شۇڭا يالغۇز كىتاب تەرجىمە قىلىشقا ۋاقىت يەر بەرگەن تەغدىردىمۇ، بەك ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ. شۇڭا ئىككىنچى كىتابنى ھەمكارلىشىپ تەرجىمە قىلىشنى قارار قىلدىم.
نۆۋەتتە تەرجىمە قىلماقچى بولغان ئەسەر زېبىگنېۋ بېرزىنىسكىينىڭ « زور مەغلۇبىيەت: 20-ئەسىردىكى كوممۇنىمزنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاك بولىشى» ناملىق داڭلىق ئەسىرى بولۇپ، 1989-يىلى نيۇيورك ماكمىللان (Macmillan) نەشىرىياتى نەشىر قىلغان. خەنزۇچە نەشىرى موشۇ نەشىرىياتنىڭكىگە ئاساسەن تەرجىمە قىلىنغان. خەنزۇچە نەشىرىنى جۇڭگو ھەربىي ئىشلار پەن-تېخنىكا نەشىرىياتى نەشىر قىلغان بولۇپ، جەمئىي 325 بەت. مەزكۇر ئەسەرنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى جۇڭگو ھەربىي ئىشلار پەن-تېخنىكا نەشىرىياتىنىڭ 25 نەپەر تەرجىمانى ئورتاق كۈچ چىقىرىشى بىلەن روياپقا چىققان. ھەمكارلىشىپ تەرجىمە قىلىشنىڭ سۈئىتى تېز بولىدۇ ھەمدە بىر ئادەمگە بېسىم بولۇپ قالمايدۇ. كونكرېت پىلانىم مۇنداق: بىرىنچى: ھەمكارلىشىپ تەرجىمە قىلىشنى خالايدىغانلار ئالدى بىلەن مەن قۇرغان چ چ توپىغا قېتىلىدۇ، ئاندىن مەسلىھەتلىشىپ ھەممىمىز بىر بابتىن بۆلىشىمىز. مەن خەنزۇچە نۇسخىسىنىڭ ئېلكىتابىنى ئەۋەتىپ بېرىمەن. ئىككىنچى: تەرجىمە قىلىپ بولغانلار ۋورد نۇسخسىنى ماڭا ئەۋەتىپ بېرىدۇ، مەن ئېنگىلىزچە نۇسخسى ۋە خەنزۇچە نۇسخىسىغا ئاساسەن تەھرىرلەيمەن. بىر ئادەمنىڭ تەھرىرلىشىدىن ئۆتسە، ھەمكارلىشىپ تەرجىمە قىلىشتىكى بەزى كەمچىلىكلەر تولۇقلىنىدۇ. ئۈچىنجى: تەرجىمە قىلغۇچىلار تىزىملىكىدە: ئەگەر ئىسىم-فامىلىسىنى ئېنىق يېزىلىشنى خالايدىغانلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، قايسى ۋىلايەتنىڭ قايسى ناھىيىسىدىن ئىكەنلىكى ئېنىق بېرىلىدۇ، خالىمىغانلارنىڭ قايسى تور تور بەت (ياكى مۇنبەر) دىكى كىم ئىكەنلىكى يېزىلىدۇ. تۆتىنجىى: ھەمكارلاشقۇچىلارغا ئېنىق بولىشى كېرەككى، بۇ كىتاب پۈتۈنلەي خالىس، شەخسىي قىزىقىشقا ئاساسەن تەرجىمە قىلىنىدۇ، ھېچقانداق ئىقتىسادىي مەنپەئەت يارىتىشنى مەقسەت قىلمىغان. ئەگەر ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىپ قالسا باغداش تورىنىڭ بولىدۇ («چوڭ شاھمات تاختىسى» ناملىق كىتابنىڭ نەشىر قىلىش ھوقۇقىنى سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلار چىقتى). ھەمكارلاشقۇچىلار ھېچقانداق ئىقتىسادىي پايدىغا ئېرىشەلمەيدۇ. قويىلىدىغان تەلەپلەر: بىرىنچى: خەنزۇ تىلىدا پۇختا بولىشى، تەرجىمە تەجرىبىسى بولىشى كېرەك. يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر بولسا بولمايدۇ. ئىككىنچى: ئىرادىسى چىڭ، يېرىم يولدا توختاپ قالمايدىغان بولىشى كېرەك. بىر بابنى تەرجىمە قىلسىمۇ پۈتكۈل بىر كىتابنى تەرجىمە قىلىشقا تۆھپە قوشقان بولۇپ، ئىسىمى تەرجىمە قىلغۇچىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزىلىدۇ. ئۈچىنچى: تەرجىمە جەريانىدا ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى كۆزلىمەسلىكى، مىننەت قىلماسلىقى كېرەك. تۆتىنچى: ئۆزى مەسئول بولغان بابنى ئامال بار تېزراق پۈتتۈرۈشكە تىرىشىشى كېرەك، بەك ئارقىغا سوزۇۋەتسە ياخشى بولمايدۇ. مەزكۇر ئەسەرنى تەرجىمە قىلىش پەقەت شەخسىي قىزىقىش، باشقىلار بىلەن تەرجىمە تەجرىبىلىرىدىن بەھرىمان بولۇش، ئۆز ئارا ئۆگىنىش، ھەمكارلىشىش ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، باشقا داغدۇغىلىق نىشانلار يوق. مەزكۇر ئەسەر ئۆتمۈشنى، ھازىرنى ۋە كەلگۈسىنى بىلىشتە زور پايدىسى بار بولۇپ، خەلقئارادىكى ۋە ئەتراپىدىكى مەسىلىلەرگە قانداق قاراش، قانداق تەپەككۇر قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپ مەنپەئەت بېرىدۇ. مەزكۇر كىتابنىڭ مۇندەرىجىسى تۆۋەندىكىچە:
زور مەغلۇبىيەت 20-ئەسىردىكى كوممۇنىمزنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاك بولىشى زېبىگنېۋ بېرزىنىسكىي كىرىش سۆز بىرىنچى قىسىم ......زور مەغلۇبىيەت بىرىنچى باب.........لېنىنىزمنىڭ مىراسى ئىككىنچى باب........سىتالىنزمنىڭ ئاپىتى ئۈچىنچى باب........قاتماللاشقان سىتالنىزم تۆتىنچى باب........ئىسلاھات قىيىنچىلىقلىرى ئىككىنچى قىسىم......سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى بەشىنچى باب........خام خىيالدىن رېۋىزىئونىزمغىچە ئالتىنچى باب........پارچىلىنىشنىڭ ئون چوڭ سەۋەبى يەتتىنچى باب.......كوممۇنىزىم تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ ھەم يىمىرىلىۋاتىدۇ ئۈچىنچى قىسىم.....گەۋدىنىڭ سىقىپ چىقىرىلىشى سەككىزىنچى باب.....ئېدىئولوگىيىنىڭ كۆچۈشى ۋە ئۆزگىرىشى توققۇزىنچى باب......پولشا جەمئىيىتىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئازاد قىلىشى ئونىنچى باب........ئىجتىمائىي ئىتتىپاقلىقتىن سىياسىينىڭ كۆپ خىللىقىچە ئون بىرىنچى باب.....رايونلۇق مالىمانچىلىقنىڭ كۆرۈلىشى ئون ئىككىنچى باب....ئىمپىرىيىنىڭ تارىيىشى تۆتىنچى قىسىم.......سودا كوممۇنىزىمى ئون ئۈچىنچى باب....جۇڭگو ئىككى قېتىم يولغا قويغان ئۈچ قېتىملىق سىناق ئون تۆتىنچى باب....سىياسىي توقۇنۇش ۋە ئىسلاھاتنىڭ دۇنياغا كېلىشى ئون بەشىنچى باب....ئىسلاھات ئىستراتىگىيىسى ۋە ئېدىئولوگىينىڭ جانلىقلىقى ئون ئالتىنچى باب....ھەقىقىي مەدەنىيەت ئىنقىلابى بەشىنچى قىسىم......سېسىق نامى پۇر كەتكەن كوممۇنىزىم ئەمەلىيىتى ئون يەتتىنچى باب...ئىنقىلابىي كوممۇنىستىك ئىنېترناتسىئونالدىن يىللىق پارلامېنتقىچە ئون سەككىزىنچى باب...كوممۇنىزىم بىلەن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئادا-جۇدا بولىشى ئون توققۇزىنچى باب...كوممۇنىزىمنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىقتىسادىي ساھەسىدىكى مەغلۇبىيىتى يىگىرمىنچى باب....يەر شارىۋى ئېدىئولوگىينىڭ زور بۆلۈنىشى ئالتىنچى قىسىم...كوممۇنىزىمنىڭ ئازابلىق تىركىشىشى يىگىرمە بىرىنچى باب....كوممۇنىزىمنىڭ ئومۇمىي كىرزىسى يىگىرمە ئىككىنچى باب...تارىخىي خاتىرىلەر يىگىرمە ئۈچىنچى باب....كەلگۈسىگە نەزەر يىگىرمە تۆتىنچى باب.....كېيىنكى كوممۇنىزىم قوشۇمچە ھەمكارلىشىپ تەرجىمە قىلىشنى خالايدىغانلار مەن قۇرغان چ چ توپىغا قېتىلسا بولىدۇ: چ چ توپى نومۇرى: 263260150 تەرجىمە بىلەن مۇناسىۋەتسىز تورداشلارنىڭ قېتىلىش ئىلتىماس تەستىقلانمايدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-15 12:08 PM
|