|
|
|
|
تورداشلار ياخشىمۇ سىزلەر! مەن يوپۇرغا ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى قەيسەر قېيۇم بولىمەن.بەزى تورداشلار مېنىڭ كۆرمەسلىكىمدىن، كۆڭۈل بۆلمەسلىكىمدىن ئەنسىرەپ، توردا ئىنكاسلارنى قالدۇرۇپتۇ، ئەمەلىيەتتە مەن ھەممىنى كۆردۈم، ھەمدە كۆپچىلىكنىڭ پىكرىگە ھەرۋاقىت دىققەت قىلىپ تۇردۇم. چۈنكى مەنمۇ ئىلگىرى بىر تورخۇمار كىشى ئىدىم. ئالدى بىلەن سىلەرنىڭ يوپۇرغا ناھىيىسىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىگىڭلارغا رەخمەت ئېيتىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرلۈك تەنقىت پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغۇنىڭلارغا تېخىمۇ رەخمەت ئېيتىمەن. مەن يوپۇغا ناھىيىسىنڭ ھاكىمى بولغىلى تېخى 5 ئاي بولدى. يوپۇرغا ناھىيىسىگە كېلىشنىڭ ئالدىدا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكومدا خىزمەت قىلغان ئىدىم. مېنىڭ ئىزچىل تۈردە ئاساسىي قاتلامدا ئۆزەمنى چېنىقتۇرۇپ مادارىمنىڭ يېتىشىچە پۇقرالارغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، پۇخرالارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختلىك قىلىپ خوشال-خورام ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلسام دەيدىغان ئارزۇيۇم بار ئىدى. سىلەر ئېيىتقان بىر قىسىم مەسىلىلەرنى مەن چوقۇم پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئىگىلەپ، ھەل قىلىمەن. ئەمما بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا خېلى ئۇزۇن ۋاقىت كېتىشى مۈمكىن، بەزەن ئىشلارنى پەقەت ئۆزەملا ھەل قىلىشقا ئامالسىز قېلىشىم مۈمكىن. كۆپچىلىك ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندىلا ئاندىن ھەل بولىدۇ. ئەمما قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر كەڭ تورداشلارنىڭ ماڭا ئىشىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن! مەن پۇخرالار ئىشىنىدىغان ۋە قوللايدىغان ياخشى ھاكىم بولۇشقا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشىمەن! كۆپچىلىككە رەخمەت! مېنىڭ ئېلخەت ئادرېسىم: keyiser@163.com
مەنبە: باغداش مۇنبىرى
|
|
|
|
|
|
|