ئالىي ئەزا
پاكىستاننىڭ پارتلاش نۇقتىسى ئاپتورى: شەھىد جاۋىد بۇركى (پاكىستان) تەرجىمىدە: نەپرەت 2009
پاكىستان سىياسىي سەھنىسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ئايدىڭ بولىدىغان پەيت تېز سۈرئەتتە يېقىنلاشماقتا. 5-ئاينىڭ 11-كۈنى، 40-50 مىليون سايلام ئاممىسى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاۋام پارلامېنتى سايلاپ چىقىدۇ. بىر قاتارلىق زورۋانلىق ۋەقەلىرىدىن كېيىنكى سايلامنىڭ نەتىجىسى ئېھتىمال چوڭقۇر ھەم كەڭرى تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. پاكىستان زېمىنىدىكى تېرورلۇق تەشكىلاتلىرى پاكىستاننىڭ پارتلاش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى چۈشىنىدۇ ھەمدە دەھرىي دۆلەتنى قوللايدىغان سايلام نامزاتلىرى ۋە سايلام ئاممىسىغا ھەدەپ ھۇجۇم قىلدى. نۆۋەتتە نەچچە يۈز ئادەم ئۆلتۈرۈلدى، سايلام كۈنىدىن ئىلگىرى چوقۇم يەنە كۆپلىگەن كىشىلەر ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ نىشانغا ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى ئەگەر بۇ تەشكىلاتلار مۇتتەھەملىك قىلسا، بەزىدە «پاكىستان تەپەككۇر شەكلى» دەپ ئاتىلىدىغان نەرسىنى يەنى ئاشقۇنلۇقنى ئۆزىنىڭ لوگىكىسىنىڭ خۇلاسىسى قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. 70 نەچچە يىل ئىلگىرى، پاكىستاننىڭ دۆلەت ئاتىسى مۇھەممەد ئەلى جىننەھ ئەنگلىيىگە قاراشلىق ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ھەرىكىتىنى قوزغىدى، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى ئەڭ ئاخىرى بۇ ھەرىكەتكە سۈكۈت قىلدى، مۇسۇلمانلار كۆپ قىسىمىنى ئىگىلەيدىغان رايوندا بىر دۆلەت قۇرۇلدى. ھازىرقى پاكىستان رايونىدىكى نوپۇسنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىمى مۇسۇلمان ئىدى؛ باشقىلارنىڭ كۆپ قىسىمى ھىندى مۇرىتلىرى ۋە شىك دىنى مۇرىتى ئىدى. ھىندىستان ۋە پاكىستاننىڭ بۆلىنىپ يېڭى دۆلەت بولۇشىغا ئەگىشىپ، نوپۇس تەركىبىدە غايەت زور ئۆزگىرىش يۈز بەردى، 14 مىليون ئادەم يېڭى سىزىلغان چېگرىدىن ھالقىپ ئۆتتى. 8 مىليون مۇسۇلمان مۇساپىر ھىندىستاندىن قېچىپ پاكىستانغا كىردى، 6 مىليون ھىندى مۇرىتى ۋە شىك دىنى مۇرىتلىرى ھىندىستانغا قېچىپ كىردى. «مىللىي تازىلاش» تاماملانغاندا، پاكىستان نوپۇسىدا مۇسۇلمانلارنىڭ نىسبىتى %95 كە يەتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، كۆپلىگەن پاكىستانلىقلار بۈگۈنكى پاكىستاندا ئىسلام دۆلىتى قۇرۇشنى تەلەپ قىلىشقا باشلىدى. پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلام پاكىستاننىڭ بۇ يولدا قانچىلىك ماڭىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ. پاكىستان ئۆزىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كەلگۈسىنى قايتىدىن بەلگىلەشتە ئىزدىنىۋاتقان بىردىنبىر مۇسۇلمان دۆلىتى ئەمەس. ئوخشاش جەريان ئىسلامنىڭ غەربىدىكى باشقا دۆلەتلەردىمۇ يۈز بەرمەكتە. ئەكسىچە، ھىندونېزىيە ۋە مالايسىيا قاتارلىق باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرى يۇقىرى دەرىجىدە كۆپ خىللاشقان نوپۇسنىڭ بارلىق قىسىملىرىغا ئىنتايىن ماس كېلىدىغان سىياسىي تەرتىپنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئورنىتىپ بولدى. بۇ ئېھتىمال ئەڭ ئاخىرى ئاسىيانىڭ غەربىدىكى ئىسلام دۆلەتلىرىدىمۇ يۈز بېرىشى مۇمكىن، ئەمما بۇنىڭدىن بۇرۇن چوقۇم نۆۋەتتىكى پاكىستاندا يۈز بېرىۋاتقان تىركىشىش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرۈشى كېرەك. بۇنىڭدا ئىسلام چوڭ دۆلەتلىرىدىن ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولغانلىرى مىسىر، پاكىستان ۋە تۈركىيە 4 مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇنۇپ باققان، بۇ مەسىلىلەردىكى ئەڭ خىرىسچانلىققا ئىگە مەسىلە ئىسلام دىنىنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىدە ئوينايدىغان رولىغا ئېنىقلىما بېرىشتۇر. تۈركىيە جاۋابىنى تېپىپ بولغاندەك قىلدى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىش ئارزۇسى مەلۇم دەرىجىدە ئىسپات بولالايدۇ. چوڭقۇر دىنىي ئاساسى بار مۇتەئەسسىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيە دىننى شەخسلەرنىڭ باشقۇرۇشىغا قالدۇرۇپ، ئاممىۋى سىياسەتكە بىۋاسىتە تەسىر يەتكۈزمەسلىكىدىن ئىنتايىن رازى بولىدۇ. مىسىردا بۇ مەسىلە ئۇنچە ئاددىي ئەمەس، پاكىستاندا، ئاز بىر قىسىم خېلى قىزغىن كىشىلەر ئاشقۇن زوراۋانلىقنى سىياسىي زۇلۇمنىڭ بىر خىل شەكلى قىلىدۇ. ئارمىيىنىڭ سىياسىيدىكى رولى مەسىلىسىمۇ ھەل قىلىشقا موھتاج. بۇ جەھەتتە تۈركىيە يەنە ئالدىدا ماڭدى؛ مىسىر ۋە پاكىستاندا، ھەربىي زاتلار گەرچە ھەربىي گازارمىغا قايتقان بولسىمۇ، ئەمما ئاممىۋى سىياسەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىر كۈچى ئەزەلدىن يوقىغىنى يوق. ئاندىن مەزھەپچىلىك مەسىلىسىنى، بولۇپمۇ كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان سۈننىي مەزھىپى ۋە شىئە مەزھىپى ئارىسىدىكى ماجىرانى ھەل قىلىش كېرەك. بۇ توقۇنۇش ئېھتىمال سۇرىيىنىڭ ئاقىۋىتىنى يامانلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. ئەگەر سۈننىي مەزھىپى سۇرىيىدە غەلبە قىلسا، ئۇنداقتا ئۇلار شىئە مەزھىپىدىكىلەر كۆپ دۆلەتلەردە تېخىمۇ قاتتىق قول بولۇشى مۇمكىن. ئاز كىشىلەرلا پاكىستاننىڭ چوڭ شىئە مەزھىپىدىكى نوپۇسنىڭ دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىغا دىققەت قىلدى، پەقەت ئىراندىنلا كېيىن تۇرىدۇ، تەخمىنەن 50 مىليون شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمان بار. يېقىنقى نەچچە يىلدا، ئۇلار كاراچى ۋە قۇتتەدە دەھشەتلىك زەربىگە ئۇچرىدى، 400 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلتۈرۈلدى. ئەڭ ئاخىرىدا يەنە مۇسۇلمانلار دۇنياسى بىلەن غەرب، بولۇپمۇ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدۇر. كونا كېيىنكى ئوسمان ئىمپېرىيىسى دەۋرىدىكى «چوڭ مۇرەسسەچىلىك» بولغان غەربنىڭ مۇستەبىتلىككە بىخەتەر نېفىت ئالماشتۇرۇشنى قوبۇل قىلىشى، سەزگۈر دېڭىز يولىنى ئىشلىتىشنى ۋە ئىسرائىلىيىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى قوبۇل قىلىشى ئاللاقاچان يىمىرىلدى. بۇنىڭ ئورنىنى نېمىنىڭ ئېلىشى ئاسىيانىڭ غەربىدىكى ئىسلام دۇنياسىدا ئەڭ ئاخىرىدا قانداق سىياسىي تەرتىپ پەيدا بولىشىغا باغلىق. مۇنداقچە ئېيتقاندا، پاكىستاننىڭ پات ئارىدىكى سايلىمى پاكىستاننىڭ كەلگۈسى بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك ئەمەس. بارغانسېرى كۆپلىگەن كىشىلەر ھەم بىر قىسىم كىشىلەر مەجبۇرىي ھالدا پاكىستان خەلق پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى ئىتتىپاق خېلى مۇقىم ئاساسى بار سىياسىي قۇرۇلما بەرپا قىلىپ بولغانلىقىنى ھېس قىلدى. تارىختا سىياسىي ۋەزىيىتى دائىم ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان دۆلەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئاسان ئېرىشكىلى بولمايدىغان نەتىجىدۇر. ئەمما مەزكۇر ئىتتىپاقمۇ سىياسىي مۇۋەپپىقىيەتنى كۈچلۈك ئىقتىسادىي ئىپادىگە بۇراشقا ئامالسىز. ئۆتكەن 5 يىلدىن بۇيان، پاكىستاننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە GDP ئېشىشى پەقەت %3 بولدى، ھەسسىلەپ ئاشۇرغاندا ئاندىن ھەر يىلى 2 مىليون يېڭى ئەمگەك قوشۇنىنى قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ. ئەگەر ئىقتىسادىي ئېشىشتا يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش بولمىسا، ئىشسىز ۋە يېرىم ئىشسىزلار كۆپىيىپ، ئاشقۇن تەشكىلاتلارنىڭ تەرەققىي قىلىش ئوبيېكتىنىڭ كۆلىمىنى زورايتىدۇ. پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدا يەنىلا ئۈمىد بار ھەم تەشۋىشلەندۈرمەكتە. يا ئۇ بولىدۇ يا بۇ بولىدۇ. مەيلى ياخشى ياكى يامان بولسۇن، پاكىستاننىڭ ماڭغان يولىدىن باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىمۇ ماڭىدۇ. مەنبە: ئاپتورى شېھىد جاۋىد بۇركى پاكىستاننىڭ سابىق مالىيە مىنىستىرى، دۇنيا بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى. ھازىر لاھور ئاممىۋى سىياسەت تەتقىقات ئورگىنىنىڭ رەئىسى. نەپرەت 2009 تەرجىمە قىلدى.
ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 246 باھا خاتىرىسى
پاش قىلىش
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ