مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1754|ئىنكاس: 33

قايتا ئىچىلغان غۇنچە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94577
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 606
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2013-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 09:31:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قايتائىچىلغان غۇنچە

(شئىرىي ھىكايە )

مەمەتنىيازقادىر


(1)


<-ئاداش ئاداش  بول چاپسان ،بىز بارايلى سورۇنغا >،

دەپ كىرىپتۇ ئاغىنەم بىر كۇن تۇرسام ياتاققا .

رەڭىلىك ئىمىش بۇ سورۇن ياشايمىزكەن دىيىشچە ،

كۆڭۇل ئاچسام بولارمىش ئىگە ئىكەن چاتاققا.


قانداق يەردۇ ئۇ زادى رەڭلىك سورۇن دىگەن جاي،

ئىككىلەمچى بوپ قالدىم بارايمۇ يا بارمايمۇ .

كۆرمىگەننى كۆر دىگەن گەپ بار ئىكەن بۇرۇندىن ،

مەنمۇ ئادەم بولغانكىن بىرىپ كۆرۇپ باقمايمۇ !؟


ئاچكۆز نەڧپسىم زور كىلىپ باز بازلىدى بار دىدى،

تەڭ كىلەلمەي شەيتانغا بۇزۇپ سالدىم نىيەتتى.

بوپتۇ بارساق بارايلى كۆڭۇل ئىچىپ كىلەيلى،

سەل تەخىر قىل جان ئاداش تۇزىۋالاي سۇپەتنى .


چاقناپ كەتتى كۆزلىرىم سورۇن ئارا كىرگەندە،

<<قالتىس >> پۇراق ئۇرۇندى غىدىقلىدى دىماقنى.

ھۇۋ ھۇۋلۇشۇپ ئىسقىرتىپ تۇردى ئۇلار ئورنىدىن ،

قارشى ئالدى كەل دىدى چىلىپ قىزغىن چاۋاكنى.


توۋا دىدىم ھاڭۋىقىپ كۆرگەن چاغدا ئۇلارنى،

ئۈچى ئوغۇل نەق ئون قىز ئولتۇرۇپتۇ ئارلىشىپ.

پىلان ئىكەن بۇ ئەسلى جەمئىي بولدۇق بەش ئوغۇل،

كەلدى يىنىم  ئىككى قىز  كۆزنى قىسىپ نازلىشىپ .


تونۇش ئىدى ئوغۇللار ،ناتونۇشكەن كۆپ قىزلار،

كۆرمىگەنتىم زەينۇرە، گۇلنۇرلاردىن باشقىسنى.

ئۇيغۇر ئەمەس خەنزۇكەن كۆپىنچىسى قىزلارنىڭ،

كۆتۇرۋاپتۇ بىر تەتەي ،بەتىنكىسنىڭ پاشنىسنى.


ئىككى قىزدىن ئۈلۈشۇپ ئورۇن ئىلىپ ئولتادۇق،

بوتۇلكىدىن تۆكۇلدى  رۇمكىلارغا ئىچىملىك .

توۋا ،نىم قىپ يۇرۇيدۇ ،يىنىمدىكى ما نايناق،

ئىس چىقىرىپ بۇرنىدىن چىكەر ئىدى چىكىملىك .


تۇنۇشتۇرۇش قىلىندى ئەبجەش تىلدا ئۆز ئارا،

ھاراق تۇتىتى سەمەتجان ھۆرمىتىممش مىنىڭكى .

رەت قىلدىممەن  تىڭىرقاپ ،لىكىن زورلىدى ئاغىنەم،

- ئىچسەڭ مۇشۇ رۇمكىنى زورلىمايمەن ئىككىنجى.


كۇلۇپ كەتتى ئىككى قىز مازاق ئارلاش قارىشىپ،

بىرسى دىدى ئەركىلەپ،- قىنى قىنى ئىچىڭە.

يەنە بىرسى <جىنىم >دەپ گۆشنى قىستى چوكىغا،

(كەلگەندىكىن سورۇنغا ئەمدى قانداق قىچىڭە!؟ )


بىرنى ئىچتىم زورلاشتا ئىش باشلاندى شۇنىڭدىن،

ئىپپىتىمۇ بۇزۇلدى مانا ئەمدى گىلىمنىڭ.

كۇلكە ،چاقچاق ،چىرقىراش ،قىزىپ كەتتى يەپ ئىچىش،

ئەركىلەندىم قوينىدا ،ئاشۇ ئوماق <جىنىم>نىڭ .


باشتا ھەيران قالغانتىم  بۇسۇرۇننىڭ ئىشىغا،

نە پەتىشەپ نە ھايا  يوقتى ئۇشبۇسورۇندا .

سەمەت ئاپتۇ بوينىدىن سىرىق چاچلىق تەتەينىڭ،

مەخەت سۆيۇپ يۇرمەمدۇ زەينۇرەنى ئورنىدا .


گىرە سىلىپ يۇرمەمدۇ بىرچاغ گۇلنۇر  بوينۇمغا،

خىلى ئۇزۇن بوپتىمىش ماڭا كۆيۇپ يۇرگىلى .

ھەيران قالدىم گىپىدىن ياقا تۇتتۇم توۋا دەپ،

لىك بولمىدى ئۇنىڭغا تىللاپ قاپاق تۇرگىلى .


- گۇلنۇر،- دىدىم چاقىرىپ- ئۇنداق قىلماڭ بولامدۇ !؟

ھايا يوقمۇ نادان قىز كۆيسە شۇنداق كۆيەمدۇ ؟

تۆۋە قىلىڭ  چىكىنىڭ بۇنداق ناچارسورۇندىن

شۇ كۆڭۇلچۇن ئىيتىڭە ئىپپەت شۇنداق ئۆلەمدۇ !؟


-ئوھوش ،-دىدى قول شىلتىپ ،- ئۆزۇڭ نەدە بىلەمسەن !؟

ھايا دەيدا !؟–دىدى ئۇ ،-قانداق قىلاي غوجاموي.

كۆڭلۇڭنى ئاچ بولدى قىل سۆزلىمىگىن پەلسەپە ،

نۇمۇس قىلماي سورۇنغا ئۆزۇڭ كەلدىڭ بىلىپ قوي .


قايناپ قالدى گۇلنۇر ئۇ ھىچ پەيلىدىن يانمىدى ،

- بىزنى ناچار دىيىشكە  سالايىتىڭ توشمايدۇ .

بىزگە لازىم پۇل سۆۋغا ساڭا كىرەك بىزنىڭ تەن ،

گەپنى ئاز قىپ كۆڭلۇڭنى خۇشال قىلساڭ بولمامدۇ !؟


-خىڭ ،-دىدى ئۇ توختىماي ،-پاك قىز ئىدىم ئەينى چاغ،

مۇھەببەت دەپ ئالداندىم ۋىجدانسىز بىر ئوغۇلغا.

نى كۇن كۆڭۇل بەردىم مەن يىرمىغانتىم گىپىنى ،

بىر كۇن ئۆزى باشلىدى مۇشۇنداق بىر سورۇنغا.


ياق ياق دىسەم ئۇنمىدى ماڭا ھاراق زورلىدى،

چىدىمىدى ئاشقازان لىكىن ئىچمەي بولمىدى .

ئەركەك دەيدۇ ئۆزىنى ھۇ ۋىجدانسىز نامەرت گوي،

شۇ كۇن مەسىت قىپ سورۇندا بىر كۇن ئويناپ تاشلىدى .


ئوغۇللارغا ئىشىنىپ ھە دىگەننىڭ ئۆزى دۆت،

بەزنى كۆرسە ھەر مۇشۇك ئاتار ئىكەن ئۆزىنى.

بىزنى بۇزغان بىلىپ قوي ساڭا ئوخشاش ئوغۇلدۇر،

غىدىقلايدۇ بەل چىمداپ قىلىن قىلىپ يۇزىنى .

بىر ھىساپتا گۇلنۇرنىڭ گەپلىرىنىڭ ئورنى بار،

گەپ يەنىلا مەن دىگەن ئوغۇللارنىڭ ئۆزىدە .

ئايرىماقمۇ زەپ تەسكەن كىم ياخشىدۇر كىم يامان،

چۇنكى مۆھۇر بولمىغاچ ئادەملەرنىڭ يۇزىدە.


ئاڭلاپ گۇلنۇر گىپىنى بىر قىسمىلا بوپ قالدىم،

پۇشايمان ئالار قاچىنى تاپالمىدىم ھىچ يەردىن .

- كەل،- دىدى ئۇ ئەركىلەپ،- كۆڭۇل خوشى سورۇن بۇ،

مەنمۇ كۆنۇپ قاپتىمەن سۆيۇپ قوياي چېكەڭدىن .


سەمەت كۇلدى قاقاقلاپ ،-ئاداش قويغىن قائىدىنى،

تاماششادۇر ئۆلۇمدىن ھەر قانداق ئىش باشقىسى.

مىڭ سۆزلىسەڭ بىكادۇر  ئۇشبۇ <جانان >قىزلارغا ،

چۇنكى بۇلار بۇرۇنلا باشقىلاردىن ئاشقىنى.


مەخەت دىدى كەينىدىن يالغان كۇلۇپ ھىجىيىپ،

- ئەركەك تۇرسەن ئەي ئاداش مۇنداق سورۇن كۆرۇپ قوي .

پۇل لازىمدۇر بۇلارغا  بايا گۇلنۇر دىدىغۇ ،

يالغان ئىزا تارتمىغىن قىنى بارە سۆيۇپ قوي .


سەمەت كەلدى يىنىمغا بىر رۇمكىنى كۆتۇرۇپ،

- ئىچە ئاداش راسا بىر پەيزى قىلغىن يايرىۋال.

ئىككىلىسى سىنىڭكى ئۇشبۇ  كىچە ھەمرادۇر،

خا خا ....ئەخمەق ،ساددىچاق ،بەللىرىنى قايرىۋال .


چۇشەنمىگەچ تەتەيلەر ھىچ ئىپادە بولمىدى ،

قاراپ قالدىم گۇلنۇرغا بىراق ئۇ ياش تۆكۇپتۇ.

ئىغىزىدا كۇلكە بار يالغان كۇلگەن بىلەن ئۇ،

كۆزلىرىدىن بىلدىم مەن ئۇ ئاچچىققا تولۇپتۇ .


-رەخمەت ،-دىدىم تەنە قىپ ،-كايىماڭلار ئاداشلار ،

پىقىر لايىق ئەمەستۇر بۇ  <<ئىلتىپات ،تارتۇق>قا.

كۆڭلۇم خوشتۇر بۇلارسىز  تىخى بەكرەك خۇشالمەن،

پەسكەشلىكنى بۆلۇرمەن تۇرگە ئايرىپ <ھاردۇق>قا .


-قارا  قارا ھا ھا ھا ...مانىڭ قىلغان گىپىنى،  

-پۇرسەت بۇنداق كەلمەيدۇ بىلىپ قويغىن ئاغىنە.

ئاللىبۇرۇن كەپ بولدۇڭ بولدى قىلغىن ھاراق ئىچ،

بۇ قىزلارنىڭ ئالدىدا بولىۋالما نەمۇنە.


-سەمەت ،-دىدىم ئاچچىقلاپ ،-قانداق دىگەن گىپىڭ بۇ !؟

مىللەت ،ئىپپەت ھايا دەپ ئىغىزىڭدىن چۇشمەيتى.

ئۆزۇڭ بىلىپ ھەممىنى ئەمدى سىيدىڭ كۆللەرگە،

ھالا بۇ كۈن كەلگەندە بولدۇڭ ئادەم مەينىتى .


-ئوھۇش دىدى ،-زەينۇرە ،-كىلىڭ بۇياق سەمەتجان،

كۆرمىگەنتىم ئەزەلدىن بۇنداق تومپاي مەتۇنى.

بولدى ئىغىز ئۇپراتماڭ كارىڭىزمۇ بولمىسۇن ،

بولاي سىزنىڭ  بىركۇنلۇك  پەرىشتىدەك خوتۇنى.


-تۇڧ فى ...،- دىدىم چىدىماي پەسكەشلەرنىڭ گىپىگە،

ماڭدىم شۇئان قايتماق بوپ ئىشىك ئارا ئىتىلدىم .

بىراق  تەگدى بىشىمغا توساتتىنلابوتۇلكا ،

بىشىم قايدى ،گوپپىدە ئورنۇمغىلا يىقىلدىم .



                (2)


ھچنىمىدىن ھىچ گەپ يوق باشلىۋەتتىم ھىكايە ،

لىكىن بىلمەس ئوقۇرمەن كىملىكىمنى تىخىچە .

ئاز بولسۇمۇ ئىزاھات بىرىۋىتەي سىلەرگە ،

ئاندىن بىرگە كىلەيلى بۇ ئىشلارنىڭ تىگىگە.


ئىسمىم مىرزات،قەشقەردىن،ئاتا-ئانام دىھقاندۇر،

گۇزەل سەھرا قوينىدا ساپ ھاۋا يەپ چوڭ بولغان.

ئاتا ئانام تەربىيسى مەرىپەتنىڭ بىغى ئىدى،

قەلبىم ئاشۇ شەربەتتىن يۇكسەك ئارمانغا تولغان.


ئاتا ئانام ئەينى چاغ كاپىرەتسىيە دەۋرىدە

تارتىپتىكەن يەتكۇچە غۇربەتچىلىك دەردىنى

بۇگۇن تاپسا ئەتە يوق گاھىدا ئاچ گاھى توق

(تۆلىمىسە بولمىغان خەقتىن ئالغان قەرزىنى )


توقسىنىنجى يىل بىشى ،ئانام كۆزى يورۇپتۇ،

ئاللا ئىگەم شەپقەت قىپ ماڭا جاننى بىرىپتۇ .

شۇكرى خۇدا ئاكام بار بەكمۇ ئىشچان كۇيۇملۇك،

لىكىن تەلىي كاج كىلىپ ئۇ مەكتەپسىز قىلىپتۇ .


كەلدى نەچچە قارلىغاچ ،يەنە كەتتى جەنۇپقا ،

ئۆتتى نەچچە تومۇزلار قانچە دەريا مۇزلىدى.

كۈن قوغلۇشۇپ ئايلارنى ۋاقىت بىراق توختىماي،

كىردىم مەكتەپ يىشىغا كۆزلەر ئۆمۇدكە تولدى.


بىر كۇن دادام چاقىرىپ پىشانەمدىن سىلىدى،

ئۆمۇد بىلەن كۆز تىكىپ ياخشى سۆزنى باشلىدى.

-ئۆمۇدۇم شۇ جان بالام چوقۇم ياخشى ئوقوغىن،

بىزدەك كۇنگە قالمىغىن ،-دەپ كۆزىنى ياشلىدى .


ئاتا ئانام ئارزۇسى مەنچۇن بەدەل تۆلەشكەن،  

مەندىن كۇتكەن ئۆمۇدى ھەقىقەتەن زور ئىكەن.

بەلنى باغلاپ ئوقۇشقا غەيرەتلەرگە تولدۇم مەن،

(شۇنداق ئۇلۇغ ئۆمۇدنى يەردە قويغان نەدىكەن )


ئەلا نەتىجە بىلەن باشلانغۇچنى تۇگەتتىم،

تولۇقسىزدا ھەم ياخشى داۋاملاشتى ئوقۇشۇم.

ئىچكىر تولۇق ئۇقتۇرشى يىتىپ كەلدى مەكتەپكە،

بۇ ئىمتاھاندىن ئۆتۇشكە پەقەت يوقتى قورقۇشۇم.


ۋاقىت ئۆتتى توختىماي بىر بىرىنى قوغلۇشۇپ ،

توشتى ئاخىر جاپالىق ئىچكىرى تولۇق ئوقۇشمۇ .

نى كۇنلەرنى كۆرمىدۇق ئۇشبۇ <جەننەت >ئىچكىردە،

ياد مىللەتنىڭ خۇيلىردىن بولدى ئازراق يۇقۇشمۇ .



بەرسە تەلەي خۇدايىم شۇنداق يەردىن بىرەركەن ،

ئۆتۇپتىمەن شاڭخەيگە شۇنداق ئىسىل مەكتەپكە.

ئاتا –ئانام شاتلاتغان پەرزەنتىدىن پەخىرلىپ،

ئۆزئوغلىدىن ئۇلارغا ئۆمۇد نۇرى يەتكەچكە .


كىچە كۇندۇز كۈتكەنتۇق ئالىي مەكتەپ تۇرمۇشنى ،

كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە چىقتۇق ئۇشبۇ جايغىمۇ .

قىلچە ئويلاپ باقمىغان بۇنداق ئەركىن تۇرمۇشنى ،

ئۆزگە تاماق ياقمىغاچ زار بولدۇق ھەم نانغىمۇ .



            (3)


ئۇزۇن گەپنى قىسقىراق بايان قىلاي سىلەرگە،

ئالىي مەكتەپ تۇرمۇشى ھەقىقەتەن قالتىسكەن.

خوشياقمىدى دەرىسلەر <<ئەركىن >دۇنيا بولغاچقا،

ھەر خىل ئىشلارنى كۆرۇپ دەسلەپ ھەيران قالىسىزكەن.


<-قانداق كۆنۈپ قالدىڭمۇ !؟ئەھۋال قانداق ،ياخشىمۇ !؟>

دەپ كىرىپتۇ بىر كۈنى سەمەت   ئاتلىق بىر ئاداش.

تونۇشتۇردى خۇش چىراي  ئىىللق كۇلۇپ ئۆزىنى،

مەندىن بىر يىل يۇقۇركەن ئەسلى ئىكەن ئۇ ئاكاش .


-مىنى ئاداش دەۋەرگىن ،دىگەن ئىدى خۇش چىراي ،

-قانداق ئىش بولسا دە ،ياردەم قولۇم كۆكسۇمدە.

يالغۇز قالدىم دىمىگىن بىزلەر ھەمدەم بولۇرمىز ،

بەكمۇ مۇھىم ئىناقلىق ،قول تۇتۇشۇش ئىچكىردە.


ھەپتە ئۆتۇپ ئارىدىن يىڭى كونا يىغىلدۇق،

قارشى ئالدى بىزلەرنى ئاكاش ئاچاش يۇرتداشلار.

تۇنۇشتۇردۇم ئۆزۇمنى ئاشۇ قىتىم سورۇندا ،

يەنە تىخى بار ئىكەن تەڭ دىمەتلىك قۇرداشلار.


-گۇلنۇر ،-دىدى بىر قىزچاق تونۇشتۇرۇپ ئۆزىنى،  

شۇنداق ئوماق قىز ئىكەن قاراپ قالدىم ھاڭۋىقىپ .

ئاغزى ئىكەن ئويماقتەك قوي كۆزلىرى قاپقارا،

سۆل مەڭزىدە بىر تال مەڭ زەپ كىتىپتۇ يارىشىپ.


نەدىن كەلدى بىر خىيال زايىم بولدى قارا دەپ،

قاراپ قالدىم سول تەرەپ كۆردۇم قەيسەر ئاكاشنى.

قاراپ قاپتۇ گۇلنۇرغا شۆلگەيلىرنى ئىقىتىپ،

تۇرار ئىدى كوچىلاپ قىتىپ قالغان  قاقاچنى.


بىر قاراپلا بىلدىم مەن چوقۇم نىيتى نادۇرۇس،

قارا قارا كۆزلىرگە شەھۋەت نۇرى يانمامدۇ !؟

لىكىن مەندە نە ئامال ئاكاش تۇرسا ئۇ ماڭا،

ئەگەر  كەتسە خاتالىق ماڭا قارغىشياغمامدۇ .


قەشقەردىنكەن گۇلنۇرمۇ قالدۇق بىزلەر تونۇشۇپ،

زەپمۇ تۈزۈك قىزچاقكەن سۆزلەر ئىدى رىتىملىق .

شۇنى يەنە ھىس قىلدىم خۇيمۇ ساددا ئىكەن ئۇ ،

ئۆزى ئوچۇق خۇش مىجەز خۇي پەيلىرى يىقىملىق.


ئۆز ئارا دوسىت تارتىشىپ خىلى دوسىتلۇق بوپقالدىم،

بىللە ئىدۇق بىز دائىم ئويۇن كۇلكە چاقچاقتا.

بارا بارا ئۆزگەردىم تىرىشچانلىق يوقالدى،

چۇنكى داشۆ  مۇشۇنداق ئەركىن دۇنيا بولغاچقا .


موزاي قۇيرۇق كۆتەرسە تىزىكلىمەي قالمايتكەن،

قوغلۇشۇپتۇ گۇلنۇرنى قەيسەر ئاكاش دەرۋەقە .

ماقۇل بوپتۇ گۇلنۇرمۇ مۇھەببەتتىن شاتلىنىپ،

بىرىپتىمىش قەيسەرجان چىن يۇرەكتىن جىق ۋەدە .


خۇشال خۇرام شادىمان ئۆتتى ئۇلار خىلى چاغ،

ھەۋەس قىلدۇق ئۇلارغا قاراپ قالدۇق زوقلىنىپ.

كىم بىلگەنتى ئاخىرى بۇنداق پاجە بولارىنى ،

بىر يىل بولا بولمايلا ئايرىلپتۇ زىركىشىپ .


ئىسىمدىدۇر، بىر كۇنى گۇلنۇر ئۇچۇر يوللاپتۇ ،

-ھاۋا ياخشى چىقىڭە ئايلىنايلى مەيداننى .

چىقتىم مەنمۇ رەت قىلماي چۇنكى ئىدۇق بىز يىقىن ،

يىغلاپ تۇرۇپ شۇ كۇنى گۇلنۇر دەرتنى تۆككەنتى.


تىللاپ كەتكەن قەيسەرنى ،-ئوغۇل بالا ئەمەسكەن،

چىن يۇرەكتىن سادىق بوپ ھۆرمەتلەيتىم ئۇنى مەن.

ياق دىمەيتتىم سۆزىگە نەگە بارسا باراتتىم ،

لىكىن ئاخىر....ۋىجدانسىز ،...ئەمدى قانداق قىلىمەن.


بىلەر ئىدىم قەيسەرنىڭ ئانچە مۇنچە خۇيىنى،

ئىچەر ئىدى ھاراقنى تەپ تارتماستىن رۇمكىدا.

<-ياق چەكمەيمەن>،-دەيتتى ئۇ ئەيىبىنى يۇشۇرۇپ،

لىك چىكەتتى تاماكا خەق كۆرمىگەن دالدىدا .



شۇلار كەچتى  كاللامدىن گۇلنۇر دەرتنى تۆككەندە،

-سەبىر قىلىڭ ،دىدىم مەن ،-ئۆتكەن ئىشلار ئۆتۇپتۇ .

بۇمۇ سىزگە تەجىرىبە ئىبرەت بولسۇن بۇ ۋەقە ،

نە ھىدايەت ئىگەمدىن تىلەش كىرەك بولۇپتۇ.


شۇنداق سۆزلەر بىلەن بىز بىر نەچچىنى ئايلاندۇق،

-رەخمەت مىرزات ،-دىدى ئۇ ،-ئەمدى دىققەت قىلىمەن.

قەدىرلىسە مىنى كىم ئاڭا مەڭگۇ سادىق بوپ،

پۈتۈن مىھرىم بىلەن مەن ئۇ قەدرىگە يىتىمەن.


-ما گىپىڭىز جايىدا رەھمەت ئىيتىش نە كىرەك ،

نىيەت دۇرۇس بولسىلا ئاللا مەدەت بولىدۇ .

ئۆتكەن ئىشقا سالىۋات چۇقۇم تىتىك ياشاڭ سىز،

ھامان بىر كۇن بىراۋمۇ قەدرىڭىزنى بىلىدۇ .



        (4)


سەمەت ئاكاش دائىما بىزگە قائىدە سۆزلەيتتى،

ھالال ھارام ئاللا دەپ ئىغىزىدىن چۈشمەيتتى .

ھۆرمەتلەيتتىم مەن ئۇنى ئاكا دىسەم ئاكا دەپ،

<-ئاداش دەۋەر >دەيتتى ئۇ ،ئىناقلىقنى كۆزلەيتتى.


مەخەت ئاداش ھەم ياخشى ،يامان ئەمەس بالىتى (بالا ئىدى )

بىر يىللىقتا بولغاچقا دائىم بىرگە يۇرەتتۇق.

بىراق ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتىشكە ماھىركەن،

بارا بارا ئۆزگەردى ،گاھى ئازار بىرىشتۇق .


توۋا دىدىم قەيسەرگە ھىچ نۇمۇسنى بىلمىدى،  

قىزلار كەينى پالاقلاپ شاپاق ئىستەپ يۇرەتتى.

تاشلىۋەتتى گۇلنۇرنى تەتەي ماراپ ھارمىدى،

ئۆز قىزلارنى كۆرگەندە ئاڭا قاپاق تۇرەتتى .


ئۆتتى ۋاقىت توختىماي بىر يىل توشتى ئاخىرى،

ئانا يۇرتنى يەنە بىر كۆرۇش نىسىپ بولدىلەر.

زەپ قىينالغان مەكتەپتە ۋاقىت توشماي كۈن ساناپ،

كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يەنە تەتىل توشتىلەر .


يىڭى يىلدا يىڭى ئىش كۆردۇم توۋا ۋاي توۋا ،

ئۆزگۇرۇپتۇ كۆپلىرى نىمە سەۋەپ بولغاندۇ!؟

ئاشۇ ئىسىل سەمەتجان قەيسەر كەينى ئەگىشىپ،

ئاداش دىسە ئاداش دەپ ئىچەكىشىپ يۇرمەمدۇ .


ئۇزۇن ئۆتمەي سەمەتجان قولتۇقلىدى زەينۇرنى

كۆيۇپتىمىش ئۇنىڭغا ئاللا سالغان ئوت ئىمىش

خۇي پەيلىرى غەلىتە چۇس قىز ئىدى زەينۇرە

ئۆزگەرتىشكە سەمەتجان چوتنى خاملا سوققانمىش


يەنە بىر ئىش كاللامدىن ھىچ يىراققا كەتمىدى،

مىنى كۆرسە گۇلنۇرمۇ ئۆزنى ئىلىپ قاچاتتى .

<-توۋا ھىچ ئىش بولمىغان ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرسىدا ،

بۇرۇن منى دوسىت كۆرۇپ يۇرەك سۆزى قىلاتتى >.


سىرلىقلاشتى بۇ ئىشلار يىتەلمىدىم تىگىگە ،

مەندە يۇرەك باشقىچە ھەم سوقۇشقا باشلىدى.

<-نىم بولغاندۇ گۇلنۇرغا !؟>ھىچ بىلمىدىم سەۋەبىن،

ئەگەر كۆرسە مىنى ئۇ قىزىراتتى قاچاتتى .


تىلڧفۇن قىلدىم بىر كۇنى تىت تىت قىلدى ئۇلاندى

لىكىن گۇلنۇر تىلڧۇننى پەقەت پەقەت ئالمىدى

ئۇردۇم نەچچە قايتىلاپ ئۇچۇر يازدىم قانچىلاپ

لىكىن بىر ئۈن بىر سادا ھىچ گۇلنۇردىن كەلمىدى


ئۆتتى نەچچە ھەپتىلەر ئۇچراتمىدىم گۇلنۇرنى ،

مەكتەپلەردە بارمىدۇ !؟يا كەتتىمۇ ئۆيىگە !؟

<-ياق ياق ،خۇدا ساقلىسۇن ،ياكى ئاغرىپ قالدىمۇ،

ھەي نادان قىز ساددىچاق پۇختىمىدۇ ئۆزىگە !>


خىيال بىرلە بىر كۇنى ماڭغان ئىدىم مەيداندا ،

<-گۇلنۇر!!>توۋا تۇيۇقسىز دوقۇرشۇپلا قالدۇق بىز.

ئەمەس  دەيمەن بىر قاراپ لىكىن راستلائۇ ئىكەن،

باشقىچىلا بوپ قاپتۇ چاچنى بوياپ نادان قىز .


مىنى كۆردى دەرھاللا ئۇ كەينىگە بۇرۇلدى ،

تۇتۇۋالدىم قولىنى ،<-نىمە سەۋەپ ئىيتىڭە !؟>

لىكن جاۋاپ بەرمىدى ئىلىپ قاچتى كۆزىنى ،

كۆزدىن ئاققان   ياشلىرى ئىسلىپقاپتۇ ئىڭىكىدە .


قول سىلكىدى ئۇ كەتتى قارىمىدى كەينىگە،

<-چوقۇم بۇندا سەۋەپ بار >، خىيال كەچتى كاللامدىن.

لىكىن ماڭا سىر بولۇپ ھىچ بىلمىدىم سەۋەبىن،

قانداق قىلاي ئىيتىڭلار ،دەپ بىرىڭلار ئامالدىن .


ئىچىم پۇشۇپ بىر كۈنى كىتاپ كۆرۇپ ئولتاسام،

كىرىپ كەلدى مەخەتجان تەكلىپ قىلدى سورۇنغا.

سىر ئەمەستۇر بۇ ۋەقە ئوقۇرمەنلەر بىلدۇ ،

ئەمدىلىكتە قايتايلى بىز باشتىكى ئورۇنغا .



     (5)


مەن ھۇشۇمغا كەلگەندە ياتار ئىدىم كارۋاتتا،

بىلەگىمدە ئاسما ئۇكۇل ،مىڭەم تىڭىق تۇراتتى.

<-دوختۇرخانا !؟ ۋاي توۋا قانداق كەلدىم بۇيەرگە !؟>

يالغۇز ئىدىم يوق ئىدى ماڭا قارار بىر كىشى.


بىرچاغ كىردى  سىستىرا  قولدا ئىلىپ بىر قەغەز <

-مە ،-دىدى ئۇ ئۇزىتىپ چىقارماپتۇ لىپاپتىن

يۇدۇپ كەپتۇ قىينىلىپ يىرىم كىچە بولغاندا

خەت قالدۇردى ئۇ قىزچاق كۆڭۇل قويۇپ ئوقوغىن


<-كەچۇرۇڭدىن باشقىنىدىيەلمەيمەن مىرزاتجان

ئاخشامقىدەك سورۇندا ئۇچراشمىساق بولاتتى

ئىغىر كەتتى سۆزلىرىم سىزگە قانداق قارامەن

بۇ ئىشلارنى مەن سىزگە دىمىسەممۇ بولاتتى


دوختۇر دىدى يەڭگىلكەن ھىچ ۋەقەسى يوق ئىمىش

ئارام ئىلىڭ ياخشىراق باشقا ئىشنى ئويلىماڭ  

يۇزۇم يوقتۇر مەن سىزنى بۇندىن كىيىن كۆرۇشكە

رەخمەت سىزگە !! بۇ ئىش ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى قىينىماڭ


سالايىتىم توشمايدۇ دوست دىيىشكە سىزنى مەن

چىن كۆڭۇلدىن كەچۇرۇم بۇنى ئىلىك ئالۇرسىز

پۇرسەت بولسا كىيىنچە سۆزلەپ بىرەي ھىكايە

خەيىر مىرزات بۇ خەتنى گۇلنۇردىن دەپ بىلۇرسىز


ۋىچىر ۋىچىر قۇشلارنىڭ جىۋىرلىغان ئاۋازى

ئاڭلانماقتا يىقىندىن ،دەرىزىگە قارىدىم

سۈزۈلۈپتۇ ھاۋامۇ تاڭ ئىتىشقا باشلاپتۇ

شۇ قۇشلارنى كۆرمەك بوپ يۇچۇقلاردىن مارىدىم


ئۇزۇن ئۆتمەي بىر قىزچاق كىرىپ كەلدى ياتاققا

چىگىۋاپتۇ ياغلىقنى قاپاقلىرى ئىششىپتۇ

كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قالدىم ھەيران،<- ئوڭۇممۇ !؟>

گۇلنۇر ئىكەن ئۇ قىزچاق تاماق ئىلىپ كىرىپتۇ


<-يەۋېلىڭ >دەپ تەڭلىدى باشقا سۆزمۇ قىلمىدى

مەنمۇ باشقا گەپ قىلماي ئالدىم ئۇنىڭ قولىدىن

زەپمۇ تاتلىق تىتىدى ئۇ ئەكەلگەن بۇ موما

<-كەچتە كېلەي >دىدى ئۇ چىقىپ كەتتى ياتاقتىن


چۇشكە يېقىن بىر دوختۇر <-ھىچ ئىش يوق >دەپ كىرىپتۇ

-ئەمدى كەتسەڭ بولىدۇ ئەنسىرمىگىن ياراڭدىن

بىر قىز بنا ئالدىدا ساقلاپ قالدى چاپسان بول

زەپمۇ ئوماق قىز ئىكەن قەدىرلىگىن دىلىڭدىن


گۇلنۇر ئىكەن دەرۋەقە ياسىنىپتۇ باشقىچە

لىكىن ئۇنىڭ چىرايى بەكمۇ سۇلغۇن كۆرۇندى

كۇلۇمسىردى ماڭا ئۇ لىك قىلمىدى باشقا سۆز

مەن كەلگەندە يىنىغا ئۇ مىڭىشقا ئۇرۇندى


بىرگە ماڭدۇق ياندىشىپ بىز مەكتەپكە بارغۇچە

لام جىم دىمەي مىڭىشتۇق لىك كاللدا مىڭ خىيال

خەت تۇتقۇزدى قولۇمغا بىز مەكتەپكە كەلگەندە

خىجىل ئىدۇر ئىغىزچە سۆز ئىچىشقا ئىھتىمال


خەتنى كۆرۇپ ھەممىنى تونۇپ يەتتىم ئىچىندىم

<-ھەي نادان قىز نىمانچە قىينار ئىدىڭ ئۆزۇڭنى

كىرەك ئىدى نە ھاجەت بۇنداق جاپا تارتىشقا

ئەمدى مىنى كۆرگەندە ئىلىپ قاچما كۆزۇڭنى >


ئەسلى قەيسەر تەتىلدە ئۇنى ئىزدەپ بىرىپتۇ

ئىت نەپسىنى باسالماي سىسىق پوققا پىتىپتۇ

ئالداپ چىقىپ گۇلنۇرنى كۆڭۇل خوشى قىلماق بوپ

<-خەققە دەيمەن >دەپ ناكەس ،ئاڭا تەھتىد سىلىپتۇ


ئەقىلىقتۇر ئوقۇرمەن ئۇلار يۇرگەن ئەينى چاغ

قىپ قويغانكەن ئەسلىدە نادانلىقتا خاتا ئىش

بولدى دىمەي كونكرتنى مىنىڭ تىلىم كۆيىدۇ

قەيسەر دىگەن ھايۋان گوي ئۇنى بوزەك قىپتۇمىش


نە ئامالدۇر بىر قىزغا <ھايۋان >تەھدىد سالغاندا

ماقۇل دىمەي ئىلاج يوق گەر ئاقسىمۇ كۆزدىن ياش

تەلىپىمىش قەيسەرنىڭ شۇنداق <<گۇزەل >>ياسىنىش

گەر كىرمىسىگە گىپىگە يۈز تۆكەرمىش باغرى تاش


ھەپتە ئۆتۇپ ئارىدىن تىلڧفۇن قىپتۇ ئۇ ماڭا

كۆرۇشەيلى دىدى ئۇ كىتاپخانا ئالدىدا

دەل ۋاقتىدا چىقتىم مەن، چاقناپ كەتتى كۆزلىرىم

<-مانا ھەقىقىي گۇلنۇر ،پاھ پاھ شۇكرى ،ۋاي ئاللا >


ئۇزۇن كۆينەك كىيگەنكەن ،بىشىدا ھەم ياغلىقى

چاققانغىنە چىگىپتۇ ياغلىقىنى ئالدىدىن

ئەسسالام دەپ ئىگىلىپ سالام قىلدى چىرايلىق

ھەمرا ئىدى ئۇنىڭغا كۇلۇمسىرەش چىھرىدىن


<-ئەمدى چوقۇم ئادەمدەك ۋىجدان بىلەن ياشايمەن

ئاللا مەدەد بولغۇسى سۆز چۆچەكتىن قورۇقمايمەن

تەھتىد سالسا سالمامدۇ قەيسەر دىگەن ئۇ ھايۋان

ياخشى قىزچاق بولىمەن بۇ نىيتىمدىن تانمايمەن


رەخمەت سىزگە قەيسەرجان مىنى ئادەم قىلدىڭىز،

گەپ سۆزلەردە ھەركەتتە مىنى قايىل قىلدىڭىز .

گەر بولسىمۇ ئارىدا ئوقۇشماسلىق خاتالىق،

كەڭ قۇرساقلىق بىلەن سىز مىنى مايىل قىلدىڭىز .


قىلىن داشماق بۇزۇق دەپ تىلىلىسىز مەيلىگى ،

مەندەك قىزنى ئەلۋەتتە ھەرگىز ياخشى كۆرمەيسىز .

چىنى نىيەتتىن تىرىشىپ چوقۇم ئادەم بولىمەن ،

سىزگە كۆڭلۇم بار مىنىڭ بۇنى بەلكىم بىلمەيسىز>.


ئاڭلاپ گۇلنۇر گىپىنى ھەجەپبىرلا بوپ قالدىم ،

<-ئىنشائاللا ئاللاھىم سىزگە مەدەت بەرسۇنلەر.

كۆڭۇل دىگەن ساراڭدۇر ئالدىرمايلى بولامدۇ ،

مۇھەببەتنى بۇ كۆڭۇل ئاۋال تونۇپ يەتسۇنلەر >.


شۇندىن باشلاپ گۇلنۇرمۇ ئادەم بولدى باشقىچە،

يۇرەك سوقتى مەندىمۇ مۇھەببەتتىن ئوت ئىلىپ.

غۇنچە بولدى قايتىدىن چىچەك ئاچتى ئىچىلدى ،

مۇھەببەتتىن يۇرەكلەر بەكمۇ تەبىي سۆز ئىچىپ .



خاتىمە


قەيسەر دىگەن نىجىس گوي  ئۆز تۇمشۇقتىن ئىلىندى،

پوخۇرلۇق قىپ مەسلىكتە بىر تەتەيگە ئىسىلدى.

پۇل ئۇندۇرمەك بوپ بىراۋ ئەرىز قىپتۇ  بوش كەلمەي،

بۇ شالتاققا سەمەتمۇ بىلىپ بىلمەي چىتىلدى.

يۇزى چۇشتى مەكتەپتە مەكتەپ جازا قوللاندى،

ئىككىلىسى مەكتەپتىن شەرمەندە بوپ ھەيدەلدى .

زەينۇرەمۇ  قالدىلەر شاپاق دىگەن ئاتاققا،

ئارمانلىرى دەرماسىز ،ئىپتىخارى چەيلەندى.

شۇكرى خۇدا مىڭ شۇكرى ئادەم بولدى گۇلنۇر ئۇ،

شۇ مىھرىبان ئاللاھىم ئاڭا كەڭ يول كۆرسەتتى.

ئازماس كىشى يوقتۇرلەر  تۇزۇتۇشكە پۇرسەت كۆپ،

شۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتقاچ گۇلنۇر قايتا ئىچىلدى.

كۆڭلۇم چۇشتى ئۇنىڭغا بەخىت تىلەڭ بىزلەرگە،

تامام بولدى ھىكايەم دەپتىرىممۇ يىپىلدى.


2013-يىلى  4-ئاي ،چىڭدۇ ،


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-10 05:47 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91476
يازما سانى: 524
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1617
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 239 سائەت
تىزىم: 2013-2-10
ئاخىرقى: 2013-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 10:22:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما ئىكەن.

ئىسمىممۇ   جىسمىممۇ   ئەزەلدىنلا  يىك ،
يىك كەبى تۈپ -تۈزمەن ئىگىلمەيدۇ يىك.
يىقىلىپ   كەتسەممۇ  تۇرىمەن   دەرھال  ،
ئەجداتتىن  قېپ قالغان  لەقىمىممۇ   يىك.

ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ!

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 3385
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 34040
تۆھپە نۇمۇرى: 1286
توردا: 2827 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2013-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 10:35:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ،چۈنكى   ئىتقاد   چېچىلىپ كەتكەن  مىللەتنى بىرلىككە كەلتۈرەلەيدۇ،ئىتقادىنى  يۇقاتقان ئىنسان  ھامان بىر كۈنى مىللىتىنىمۇ  ئۇنتۇپ كېتىدۇ.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91405
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 494
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2013-2-9
ئاخىرقى: 2013-7-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 11:33:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىچىلسا نىم قىلاتتىڭىز ئىچىلمىغانلارغا دەپ بەرمەمسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93166
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 639
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 360 سائەت
تىزىم: 2013-3-12
ئاخىرقى: 2013-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 11:45:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

رەخمەت سىزگە قەيسەرجان مىنى ئادەم قىلدىڭىز
گەپ سۆزلەردە ھەركەتتە مىنى قايىل قىلدىڭىز
گەر بولسىمۇ ئارىدا ئوقۇشماسلىق خاتالىق
كەڭ قۇرساقلىق بىلەن سىز مىنى مايىل قىلدىڭىز

ما كۇبلىتتا قەيسەر دەپ خاتا ئىلىنىپ قالدىمۇ نېمە؟ئانچە-مۇنچە سۆزلەرنىڭ قوشۇلۇپ يىزىلىپ قالغىنىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ياخشى چىقىپتۇ،ئەمەلىيەتتە بولۇۋاتقان ئىشلارنى يىزىپسىز.ياخشى قەلەملىرىڭىز توختاپ قالمىغاي.
خام سۈت ئەمگەن بەندە ئىزىشتىن خالى ئەمەسكەن ،شۇنداقتىمۇ ئاللاھتىن توغرا يولنى تىلەپ ياشىغايمىز،رەھمەت

مىللەتنىڭ يىلتىزى ئانىلار باغرىدا شاخلايدۇ،ئاتىلار ئەجىرىدە مېۋە بېرىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 2151
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13933
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 782 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 12:30:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياشلىق ئادەمنىڭ گۈلزار بىر پەسلى،
شاش ئاتتەك ياشىماق كېرەكتۇر ئەسلى.
شۇ ياشلىق گۈلىنى خازان قىلغانلار.
نادانلار قەۋمىدىن ئىكەندۇر نەسلى.

ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72491
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4159
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 348 سائەت
تىزىم: 2012-1-3
ئاخىرقى: 2013-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 01:24:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93957
يازما سانى: 266
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 464
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2013-3-27
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 06:58:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كۆك ئەتتىرگۈل

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 962
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5246
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 584 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2013-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 09:51:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوغۇللارغا ئىشىنىپ ھە دىگەننىڭ ئۆزى دۆت،

بەزنى كۆرسە ھەر مۇشۇك ئاتار ئىكەن ئۆزىنى.

بىزنى بۇزغان بىلىپ قوي ساڭا ئوخشاش ئوغۇلدۇر،

غىدىقلايدۇ بەل چىمداپ قىلىن قىلىپ يۇزىنى .



بۇ مىسرالار..........

قىز بولۇپ تۇغۇلغان بولساممۇ بىراق ،
غەيرەتتە ئوغۇلدىن ئېشىپ ياشايمەن .
غورورۇم ۋىجدانىم پاك قەلبىمدە ،
قىزلىق بۇرچۇمنى بىلىپ ياشايمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89279
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 226
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2012-12-29
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 10:25:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يامان پەيزى يىزىپسىز

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش