ھاجى مىرزاھىد كېرىمى ئۆيىدە
ئۆزىنىڭ تارىخىنى بىلىش شەرەپ،ئۆنتۇس نۇمۇستۇر.يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ باتۇرانە روھى سىزگە مەڭگۇ ھەمراھ بولسۇن.كىتاب تارىخنىڭ پاكىتىدۇركىتابنى دوس تۇتقان كىشىنى ئاللاھ دوسىت تۇتىدۇ.شۇڭا سىز كىتابنى قەدىرلەڭ ۋە مەڭگۇ دوسىت تۇتىڭ. ھاجى مىرزاھىت كېرىمىنىڭ<يۈسۈپ خاس ھاجىپ> ناملىق كىتابغا يېزىپ بەرگەن بېغىشلىمىسى.
قەشقەر ئۆزىنىڭ قەدىمىيلىكى،مەدەنىيلىكى ۋە داڭلىق شەخىسلىرى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر.بۇ يەر سودا سېتىق گۈللەنگەن ئىقتىساد مەركىزى ۋە ئىلىم-مەدەنىيەت مەركىزى.ئۇ ئۆز قوينىدا تالاي مەشھۇرلارنى تەربىيلەپ چىققان.مەھمۇد قەشقىرى،يۈسۈپ خاس ھاجىپ...قاتارلىق مەشھۇر كىشىلەر بۇنىڭ مسالىدۇر.بەلكىم سىلەر بۇنى ئۆتمۈش دەپ قارىشىڭلار مۇمكىن.لېكىن ھازىرقى دەۋىردىمۇ ئەزىزانە قەشقەردىن تالاي مەشھۇرلار،يازغۇچى شائىرلار يېتىشىپ چىققان.ھاجى مىرزاھىد كېرىمى دەل بۇنىڭ مىسالىدۇر. ئۇزاق يىل تۆرمىدە يېتىپ تالاي جاپا-مۇشەققەتلەرنى تارىتقان بۇ جاپاكەش ئۇستازنىڭ بۈگۈنگۈچە ھايات تۇرىشى بىز ئۈچۈن تۇلىمۇ خۇشالنىلارلىق ئىش.بۇنداق مەشھۇرلارنى يوقلاش،ئۇلاردىن تەلىم ئېلىش بىز ياش ئەۋلادلارنىڭ باش تارتىپ بۇلالمايدىغان مەسئۇلىيىتى ئەلۋەتتە.كونىلار سورىغان بىلىم ئاپتۇ دەپ تولىمۇ توغرا ئېيىتقان. بۇنداق مەشھۇرلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش تۇلىمۇ تەستە كىلدىغان پۇرسەت. ئالدىنقى قېتىم مۇنبەرگە مارشال ئەپەندىنىڭ <مىرزاھىد كېرىمى بىلەن سۆھبەت> ناملىق تېمىسى يوللانغاندىن كېيىن،مېنىڭ بۇ ئۇستازغا بولغان ھۆرمىتىم تېخىمۇ ئاشتى.ئۇنىڭ بىلەن بىر كۈرۈشۈش ئىستىكى توغۇلدى.ئۆزۈمدىن نۇمۇس قىلدىم.مارشال ئەپەندى تۇلىمۇ يىراق يەردىن كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشۈپتۇ.لېكىن مەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇپمۇ ئۇنى يوقلاشنى ئويلاپ باقماپتىمەن.مەن ئاخىر مارشال ئەپەندىگە تېلىفۇن قىلدىم ھەمدە ئۇنىڭدىن مىرزاھىد كېرىمى ئاكىمىزنىڭ ئادىرسى،تېلغۇن نۇمىرىنى سورىۋالدىم.خۇداغا شۇكرى،ئاخىرى ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشتۇم.ئۇنىڭ بىلەن قىسقىغىنە نەچچە سائەت پاراڭلىشىش ئارقىلىق مېنىڭ ھاياتىمدا بۇرۇلۇش بولغاندەك بولدى.ئۇنىڭدىن تولىمۇ پەخىرلەندىم. 2013 -يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى شەنبە. پۈتكۈل جۇڭگۇ مىقياسىدا ياشلار بايرىمى تەبرىكلىنىۋاتقان كۈندە قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتىغا قاراپ يول ئالدۇق ھەمدە مىزاھىد كېرىمى بىلەن كۈرۈشتۇق.73 ئۈچ ياشقا كىرگەن بۇ پىشقەدەم شائىر تۇلىمۇ يىمەن تۇرۇپتۇ.مەن خوشبۇلۇپ كەتتىم.ئۇ بىزنى ئۆيىگە باشلىدى. ھاجى مىرزاھىد كېرىمى ئاكىمىز بىلەن گەرچە مارشال ئەپەندىدەك سۆھبەت ئۆتكۈزەلمىگەن بولساممۇ،لېكىن بۇ پىشقەدەم يازغۇچى بىلەن ئۆيىدە ئۇزاق ئولتۇرۇپ ھەمسۆھبەتتە بولۇپ ئۆزۈمنىڭ ھايات يولىغا نىسبەتەن پايدىلىق مۇسىبەت ئېنىرگىيە توپلىيالىغىنىم ھەمدە پىشقەدەم بوۋاينىڭ ئاغزىدىن چىققان سۆزلىرىدىكى ماڭا ئىلھام-مەدەت ئېلىپ كېلىدىغان،ھاياتلىق يولۇمغا تەسىر كۆرسىتىدىغان تەربىۋى ئەھمىيتى زور تەلىم-تەبىيەلەرنى قىلىپ بەرگەنلىكىدىن تولىمۇ خوشال بولدۇم.ئەزىزانە قەشقەردە تەۋەرۈك ھېسابلىندىغان بۇ مويىپسىت بوۋاينىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بۇلۇشىنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيمەن.
مارشال ئەپەندىنىڭ سۆھبەت تېمىسىنىڭ تېما ئادىرسى:
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-80534-1-1.html بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-9 12:09 AM
|