مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2565|ئىنكاس: 20

بېرمىنىڭ مىللەتلەر پوروخ تۇڭى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 937
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 26313
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7838 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2013-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 11:36:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بېرمىنىڭ مىللەتلەر پوروخ تۇڭى
ئاپتورلىرى: يوخېئى ساساكاۋا، ئاندرې گلاكسمان، كارېل شۋارزېنبېرگ
تەرجىمىدە: نەپرەت 2009

F72(W$T%SMBN$X`OBNZ87GD.jpg


بېرما 20 يىللىق ھەربىي مۇستەبىتلىك تارىخىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئۆتكۈزگەن تۇنجى قېتىملىق ئومۇمىي سايلامدىنمۇ ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتتى. كىشىلەر خەلق سايلىمىنى قارشى ئالدى، سايلامنى ھەربىي ھۆكۈمەتتىن مەرىپەت بىلەن ئىدارە قىلىشقا قاراپ مېڭىشتىكى مۇھىم بىر قەدەم دەپ قارىدى، بېرما ئىقتىسادى پرېزىدېنت زېيىن سېيىن مۈلكى ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە كىشىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرىدىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئەمما، ئەگەر بېرما ئۇزۇندىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان مىللىي توقۇنۇشنى ھەل قىلمىسا، ئېھتىمال بارلىق ئىلگىرىلەشلەر خام خىيالغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.
بېرما ھۆكۈمىتى بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتتە قاتمۇقات قىيىنچىلىق بار، بۇ بېرمىنىڭ مۇقىملىق ۋە گۈللىنىش يولىغا مېڭىشىدىكى زور توسالغۇ بولۇپ قالدى. ئەمەلىيەتتە، بېرمىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى مىللىي زوراۋانلىق ۋە ئۈزۈلمەي كەلگەن ھۆكۈمەتكە قارشى توقۇنۇشلارغا تولغان، بولۇپمۇ كخرېئۇم، شان، كاچىنلار بىلەن كۆپ قېتىم توقۇنۇشقان.
بېرمىدا نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەتلەر بولۇپ، ئومۇمىي سانى مەملىكەت نوپۇسىنىڭ %40 نى ئىگىلەيدۇ، ئۇزۇن مۇددەت زىيانكەشلىك ۋە زۇلۇمغا ئۇچراپ كەلگەن. شۇڭا، ئۇلار ھەمىشە ھۆكۈمەتتىن نەپرەتلىنىدۇ ھەم نارازى بولىدۇ، ھەتتا قورال ئېلىپ ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرىدۇ. بېرمىنىڭ بۇرۇلۇش ياسىشىغا قارشى تۇرغۇچىلار ئېھتىمال بۇ جىددىي ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ، مىللىي توقۇنۇشقا ئوت يېقىپ، ئىسلاھات تىرىشچانلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشى مۇمكىن.
زېيىن سېيىن پرېزىدېنت بولغاندىن كېيىن 10 تارماق مىللىي قوراللىق كۈچلەر بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئەمما تىنچلىقنىڭ داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىلك قىلىش ئۈچۈن، تېخىمۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان يارىشىشقا موھتاج. زوراۋانلىق ئەھۋالى ئالاھىدە ئېغىر، داۋاملىشىش ۋاقتى ناھايىتى ئۇزۇن بولغان ئىككى چوڭ مىللىي توقۇنۇش يەنىلا ھەل بولمىدى.
2011-يىلى، كاچىن مۇستەقىللىق ئارمىيىسى بىلەن بېرما ئارمىيىسىنىڭ 17 يىللىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى بۇزۇلدى، شۇنىڭدىن كېيىن، شىمالغا جايلاشقان، تەبىئىي بايلىقى مول، ھەم جۇڭگوغا تۇتۇشىدىغان مۇھىم قاتناش يولى ئۆتىدىغان كاچىن شتاتى كەسكىن ئۇرۇش ئوتىغا پېتىپ قالدى. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بېرما ئارمىيىسى 1-ئايدا لايزاغا جايلاشقان كاچىن مۇستەقىللىق ئارمىيىسىنى باش شتابىنى يوقىتىش ھەرىكىتىدە قوراللىق تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋە كۈرەشچى ئايروپىلان ئىشلەتكەن. توقۇنۇشتا 75 مىڭ ئادەم ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان.
2 ۋە 3-ئايدا، ھۆكۈمەت بىلەن قوزغىلاڭچى قوشۇن رەھبىرى سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۆھبەت ئوڭۇشلۇق بولمىدى، ئىككى تەرەپ 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا قايتا سۆھبەتلىشىشكە قوشۇلدى. ئەمما بۇ قېتىمقى سۆھبەتكە قويۇلغان شەرت ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، قايتا مەغلۇپ بولسا ئېھتىمال ئىجتىمائىي توقۇنۇشنىڭ پىلتىسىگە ئوت يېقىپ، بارلىق مۇرەسسە ئۈمىدىنى نابۇت قىلىشى مۇمكىن.
غەربىي قىسىمدىكى ئاراكان (راكخاين) شتاتىدىمۇ كەسكىن مىللىي توقۇنۇش مەۋجۇت. كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان راكخاين مىللىتى بۇددىستلىرى بىلەن روھىنگىيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى ئۇزۇندىن بۇيان جىدىي ھالەتتە تۇرۇپ كەلگەن. روھىنگىيا مىللىتى بېرما قانۇنىدا ئېتىراپ قىلىنمىدى، ھۆكۈمەتنىڭ كەمسىتىشى ۋە زۇلۇم سېلىشىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ھالقىپ كەتكىلى بولمايدىغان پۇقرالىق سالاھىيىتى قورغىنى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2012-يىلى 6-ئايدا، راكخاين مىللىتىدىن بولغان راھىب بىر بۇددا مۇرىتىدىن بولغان قىز روھىنگىيا مىللىتىدىن بولغان ئەرلەرنىڭ باسقۇنچىلىقىغا ئۇچرىدى ۋە ئۆلتۈرۈۋەتتى دېگەننى باھانە قىلىپ، بۇ دېلو بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىغان 10 نەپەر مۇسۇلمانغا زىيانكەشلىك قىلدى. زوراۋانلىق پۈتكۈل شتاتقا يامراپ كەتتى، نەچچە مىڭ ئادەم ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ سەرگەردان بولۇپ كەتتى. ھۆكۈمەت ئامال قىلىپ تەرتىپنى قايتىدىن مۇقىملاشتۇردى، ئەمما بېرمىنىڭ ئېغىر كەمسىتىش سىياسىتى تىنچلىقنىڭ كەلگۈسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى.
ئەمما بىز يەنىلا ئۈمىدكە تولۇپ تاشتۇق. 2013-يىلى 2-ئايدا، بېرما ھۆكۈمىتى بىلەن 11 تارماق مىللىي قوراللىق تەشكىلاتتىن تەركىب تاپقان كۆپ مىللەتلىك بىرلەشمە كومىتېتى تىنچلىق سۆھبىتىنى رەسىمىي باشلىدى. ئورتاق دىققەت قىلىدىغان تۈرلەر كومىتېتىنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى يوخېئى ساساكاۋا ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بېرما مىللىي يارىشىش ئالاھىدە ئەلچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىردىنبىر كۆزەتكۈچى سالاھىيىتىدە سۆھبەتكە قاتنىشىپ، بارلىق كۈچى بىلەن ياراشتۇردى.
كۆزەتكۈچى ئارقىلىق رەسىمىي تىنچلىق سۆھبىتىنى ئۇتۇقلۇق ئەمەلگە ئاشۇررۇش 2012-يىلى 11-ئايدىكى بىرەسىمىي مۇزاكىرىنىڭ مۇھىم ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بەردى. بارغانسېرى كۆپلىگەن بېرمىلىقلار خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشى ئۇزۇنغا سوزۇلغان يارىشىشتىكى مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ يەتتى.
داۋاملىق يارىشىشنىڭ يەنىلا مۇمكىنچىلىكى بار. گەرچە بېرما ئاز سانلىق مىللەتلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇش تارىخى بولسىمۇ، ئەمما بۆلىنىشنى قوغلىشىپ كەتمەيدۇ. ئەكسىچە، ئۇلار ئاساسىي قانۇننىڭ بەلگىلىك دەرىجىدىكى ئاپتونومىيىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇنىڭ بەدىلىگە ئۇلار ئەمدى زوراۋانلىق ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
بۆلىنىش مۇددىئاسىنىڭ بولماسلىقى تىنچلىق كېلىشىمىگە مۇقىم ئۇل تاش سېلىپ بەردى. ئەمما يارىشىشنىڭ ئاكتىپ ۋەزىيىتى چوقۇم سىناققا دۇچ كېلىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت چوقۇم بېرمىغا ھەمدە 60 مىليون خەلقىگە بېرىدىغان ياردەمنى يەنە كۆپەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئۇزۇنغىچە تىنچلىققا ۋە ھەقىقىي دېموكراتىيىگە قاراپ مېڭىشىغا ھەمدەمدە بولىشى كېرەك. ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى سىغدۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئىنسانىي ۋە پۇقرالىق ھوقۇقىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىش مىللىي زوراۋانلىقنىڭ قايتىدىن ئۇلغىيىشىنى تۆۋەنلىتىشتە ھەل قىلغۇچ مۇھىم، بېرمىنىڭ بۇرۇلۇش ياسىشىنىڭ مۇۋەپپقىيەتلىك بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ ئېشىشىدا تېخىمۇ شۇنداق.
مەنبە: ئاپتورلىرىدىن كارېل شۋارزېنبېرگ چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى؛ يوخېئى ساساكاۋا ياپونىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى؛ ئاندرې گلاكسمان (ئايال) پەيلاسوپ ۋە نەسىر يازغۇچىسى. (نەپرەت 2009 تەرجىمە قىلدى)


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 1016
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1986
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 428 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2013-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 12:15:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ  بېرما ئانچە تىنىچ ئەمەس  ھە !

كونس بىر يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى يىڭى يىڭى نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالايلى

ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ!

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 3385
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 34040
تۆھپە نۇمۇرى: 1286
توردا: 2827 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2013-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 12:54:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ،چۈنكى   ئىتقاد   چېچىلىپ كەتكەن  مىللەتنى بىرلىككە كەلتۈرەلەيدۇ،ئىتقادىنى  يۇقاتقان ئىنسان  ھامان بىر كۈنى مىللىتىنىمۇ  ئۇنتۇپ كېتىدۇ.....

كىتابۇللاھ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50552
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3528
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 124 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2013-8-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 10:24:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقىي ئەھۋال بۇنداق ئەمەس!
بولۇۋاتقەن توقۇنۇش پەقەتلا سۇ يۈزىدىكى كۆپۈك خالاس!
بېرمىدا بولىۋاتقان مالىمانچىلىق، ئەملىيەتتە بۇ كىچىككىنە دۆلەتنىڭ چوڭ دۆلەتلەر ئارىسىدا قىسىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى!
خاتالاشمىسام، بۇ دۆلەت تېخى يېقىندىلا دۇنيا تەرەققىيات بانكىسىدىن، ياپونىيەدىن جىق ياردەم پۇل ئالدى.
بۇنداق كىچىك دۆلەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي مەسىلىسىنى تەتقىق قىلغاندا، ئاساسلىقى شۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى كىلىش مەنبەسى ۋە پۇل-مال ئوبوروتىنى تەكشۈرسەكلا، پەردە كەينىدە نىمە ئىش بولىۋاتقىنىنى بىلەلەيمىز...

رىئال زەخمىسىدن ئۆلسەم، خىيال رەھمىسىدىن كۈلدۈم

كىتابۇللاھ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50552
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3528
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 124 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2013-8-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 10:26:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ماقال-تەمسىل بارغۇ «جىگدە قاققاندا دوست ئىدۇق، ياڭاق چاققاندا ئايرىلدۇق» دەيدىغان، دەل شۇنىڭدەك ئەھۋال!
زور مىقتاردىكى پۇل ئىچكى كۈچلەرنىڭ كۆزىنى قىزارتىپ، بىر-بىرىگە تىغ ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ...تارىختىن بۇيان شۇنداق ئەھۋال!

رىئال زەخمىسىدن ئۆلسەم، خىيال رەھمىسىدىن كۈلدۈم

كېيىنكى ئەۋلاتل

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95
يازما سانى: 814
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13407
تۆھپە نۇمۇرى: 798
توردا: 4745 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 12:08:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
dostum. يوللىغان ۋاقتى  2013-5-9 10:24 AM
ھەقىقىي ئەھۋال بۇنداق ئەمەس!
بولۇۋاتقەن توقۇنۇش پەقەت ...

ناھايتى ورۇنلۇق پاراڭ

قۇياش مەڭگۈ زىمىننىڭ بىرتەرىپىنىلا يۇرۇتمايدۇ ،تىرىشساڭلا ، مۇۋەپىقىيەت قۇچىقىنى كەڭ يايىدىغان پۇرسەت كېلىدۇ

كېيىنكى ئەۋلاتل

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95
يازما سانى: 814
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13407
تۆھپە نۇمۇرى: 798
توردا: 4745 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 12:08:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
dostum. يوللىغان ۋاقتى  2013-5-9 10:24 AM
ھەقىقىي ئەھۋال بۇنداق ئەمەس!
بولۇۋاتقەن توقۇنۇش پەقەت ...

ناھايتى ورۇنلۇق پاراڭ

قۇياش مەڭگۈ زىمىننىڭ بىرتەرىپىنىلا يۇرۇتمايدۇ ،تىرىشساڭلا ، مۇۋەپىقىيەت قۇچىقىنى كەڭ يايىدىغان پۇرسەت كېلىدۇ

كېيىنكى ئەۋلاتل

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95
يازما سانى: 814
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13407
تۆھپە نۇمۇرى: 798
توردا: 4745 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 12:09:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق سىياسى ۇيۇنلارنىڭ قۇربانلىرى اشۇيەردىكى اددى پۇ
خرفلفر بولىدۇ

قۇياش مەڭگۈ زىمىننىڭ بىرتەرىپىنىلا يۇرۇتمايدۇ ،تىرىشساڭلا ، مۇۋەپىقىيەت قۇچىقىنى كەڭ يايىدىغان پۇرسەت كېلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 937
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 26313
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7838 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2013-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 12:10:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
dostum. يوللىغان ۋاقتى  2013-5-9 10:24 AM
ھەقىقىي ئەھۋال بۇنداق ئەمەس!
بولۇۋاتقەن توقۇنۇش پەقەت ...

ئىشلارنى پۈتۈنلەي مەنپەئەتكە باغلاپ قويۇشقىمۇ بولمايدۇ..
ئىسلاھاتچىلار بىلەن ئىسلاھاتقا قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ كۈرىشى ئەزەلدىن بار ئىش؛ ئادەتتە بىر دۆلەتتە ئىسلاھات يولغا قويۇلماقچى بولسا، ئىسلاھاتقا قارشى تۇرغۇچى مۇتەئەسسىپ كۈچلەر دۆلەت ئىچىدىكى زىيددىيەتتىن پايدىلىنىشى، كۈشكەرتىشى، ئۇلغايتىشى ئەزەلدىن بولۇپ كېلىۋاتقان ئىش؛
لېكىن شۇنى جەزملەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، ئىسلاھاتقا قارشى تۇرغۇچىلار دەۋرنىڭ چاڭ-توزانلىرى ئارىسىدا قالىدۇ، تارىخ سەھنىسىدىن چۈشۈپ قالىدۇ؛  ئىسلاھاتچىلار داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
كايزار + 17 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 17   باھا خاتىرىسى

كىتابۇللاھ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50552
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3528
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 124 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2013-8-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 12:24:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Naprat2009 يوللىغان ۋاقتى  2013-5-9 12:10 PM
ئىشلارنى پۈتۈنلەي مەنپەئەتكە باغلاپ قويۇشقىمۇ بولما ...

ھازىرقى دۇنيا ئىسلاھاتچىلىرى 50 يىلنىڭ ئالدىدىكى ھالەتتە ئەمەس.
ھازىرقى زامان سىياسىتى مەنپەئەت بىلەن يۇغۇرۇلغان.
ناۋادا سىرتتىن شۇنداق ياردەملەر بولمىغان بولسا، ئاتالمىش «ئىسلاھات»چىلىرى شۇنچە ئاكتىپ بولارمىدى؟ ھەممىسى سىياسىينى كونترول قىلىپ، ئۆز ھوقوق گوروھلىرىغا تېخىمۇ كۆپ بازار قۇرۇپ بېرىشنى مەقسەت قىلىشىدۇ. قۇرۇق ئۆستەڭگە مىراب بولىدىغان ھاكىمىيەت يوق! ھازىر شۇنداق «ياڭاق چاقىدىغان» زامان بوپ قالدى.

رىئال زەخمىسىدن ئۆلسەم، خىيال رەھمىسىدىن كۈلدۈم
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش