مەن قانداق قىلاي؟
بۇ ئىشنى قەيەردىن باشلاشنىمۇ بىلمەيمەن،راس گەپنى قىلسام مۇشۇ ئىشتىن كۆڭلۈممۇ بەك يېرىم،بۈگۈن ئۆزۈم ئامراق بولغان مىسرانىم تورىدىكى(
ئۈندىداردىكى چاكىنىلىق)،دىگەن ئەسەرنى كۆرگەندىن كىيىن ،خۇددى ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن قىزبالا ئۈچۈنلا يېزىلغاندەك ھېس قىلدىم،بەلكىم دەردىمنى ئۇخلاپ چۈشۈمگە كىرىپمۇ باقمىغان ئاكا-ھەدىللىرىمگە دىسەم ئۇلار ياخشىراق ئامال كۆرسىتە ۋە ياكى كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى دەۋېلىپ ئىچىم بوشاپ قالا....
بۇ قىزنى قانداق ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن،بەلكىم ئۇ مىنى ياخشى كۆرىمەن دىگەندىن كىيىن ياخشى كۆرۈپ قالغاندىمەن ۋەياكى بۇرۇنلا ياخشى كۆرۈپ قالغان بولغۇيتۇم،ئۇنىڭ بىلەن يېڭلا تونۇشقاندا ئۇنىڭ سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم دىگەن سۆزىگە پەقەت 《 ھە》، دىيىش بىلەنلا جاۋاپ قايتۇراتتىم،مەيلى ئۇ مىنىڭ دەرىسلەردە ياخشىلىقىم،چىقىشقاقلىقىم تۈپەيلى ياخشى كۆرۈپ قالسۇن ۋەياكى بىرەر مەنپەئەتنى دەپ ياخشى كۆرۈپ قالغان بولسۇن ئەمدىلىكتە مەن ئۇنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم،قايسىبىر پەيلاسوپنىڭ《ئاياللار ئوقۇپ تۈگەتكىلى ھەم چۈشۈنۈپ بولغىلى بولمايدىغان بىر كىتاپ》 دىگەن سۆزنى ئەمدى چۈشەنگەندەك قىلىۋاتاتتىم،چۈنكى ئۇنى چۈشەنگىلى بولمايتى،ئۇنىڭ ئاقكۆڭۈل، تۈز مىجەزى ماڭا بولغان مۇئامىلىسى مىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىسا، ئۇنىڭ يۇرۇش تۇرۇشى باشقا ئوغۇللارغا سۈيىنى چىقىرىپ ئەركىلىشى،يەنە بەزى لاۋزا ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇۋېلىش ئۈچۈن قىلغان ھەركەتلىرى مىنى باشقىچە قىپ قويۇۋاتاتتى،تۇرۇپ ئۇ مىنى ياخشى كۆرىدۇ،ئىكىمىزنىڭ كەلگۈسىنى ئويلايدۇ دەپ ئويلىسام،تۇرۇپلار ئۇنىڭدا تۈزۈككىنە ھايا بولمىسا،يەنە كىلىپ بۇنداق قىزلار قانداقمۇ مەندەك جىمغور باللىلارنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ،ئۇ بەلكىم ماڭا كىچىككىنە قىزىقىپ قالغاندۇ ،بەلكىم مىنىمۇ باشقا ئوغۇللارنى تاشلىۋەتكەندەك تاشلىۋىتە دەپ ئويلاپ پەرىشان بولاتتىم....
بۇرۇن دەل كۆزگە ئىلمايدىغىنىم مۇشۇنداق قىزلار ئىدى،ئۇلار دەرس ۋاقتىللىرىدا كىيۇ-كىيۇ ۋە ئۈندىداربىلەن ئاۋارە،كەچلىرى بۈگۈن چۈشكەن رەسىملىرىنى دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىشى ۋە كۈندە باش سۈرەت ئالماشتۇرۇش بىلەن ئاۋارە ئىدى،ئۇمۇ ھەم شۇنداق،ئۇلارنىڭ مەكتەپكە نىمە ئۈچۈن كىلىپ، نىمە ئۈچۈن كىتىپ بارغانلىقى ماڭا نامەلۇم،ھەم بۇ توغرىسىدا ئويلۇشىپمۇ باقماپتىمەن،چۈنكى ھازىر بۇ ئاساسى مەسىلە ئەمەس.
ھازىرقى ئاسالىق مەسىلە بولسا،ئۇنى ئۆزگەرتىش يەنى ھارام شاخلىرىنى چاتىۋىتىپ ئۇنىڭ ھەقىقى ياخشى تەملىك مىۋە بىرىدىغان دەرەخ قىلىپ ئۆستۈرۈش ئىدى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ئۆزگەرتىشىم كىرەك،ئۇنى كىيۇ-كىيۇ،ئۈندىدارلارنى ئويناشتىن توسۇشۇم ئۇنىڭغا ھايانى تونۇتۇشۇم،ھېلىقى 非主流چە كىيىنىپ،چىراينىپ پۈرۈشتۈرۈپ رەسىمگە چۈشىدىغان دوستلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇشۇم كىرەك ئىدى،لېكىن ئىشنى زادىن نەدىن باشلايمەن،ئۇنىڭ ئەركىنلىكىنى ئاشۇنداق بوغسام ئۇ چوقۇم مەندىن زىرىكىشىى ھەتتا مەندىن ئايرىلىپ كېتىشى مۇمكىن،لىكىن ئۇ چاغدا مەن قانچىك ئازاپلىنىپ كىتەرمەن...
چۈنكى ئۇنىڭ مىنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلمەيمەن،مەن ئۈنىڭ ئۈچۈن پەقەت ۋىجدانىم ۋە ئېتقادىمغا خىلاپ بولمىسىلا ئۆزگۈرۈشكە تەييار ،لىكىن ئۇ قانداقتۇ،ئۇ قانداق ئوغۇللارنى ئۆزنىڭ مەڭگۈلۈك ھەمراھى قىلىپ تاللايدىغاندۇ....
ھازىر ھەممە نەرسە ماڭا قارشى،مەن ئۇنىڭغا ناھايىتى ئەستايىدىل،ئۇ بولسا بىپەرۋا،مەن ئېغىر مىجەز،ئۇ كىچىك باللارغىلا ئوخشايدۇ،مىنىڭ ئالاقە دائىرەم كىچىك، ئۇنىڭ ناھايتى چوڭ...
خىياللىرىمنىڭ باش-ئايىغى يوق ئىدى،پۈتۈن بىركۈنۈم ئۇنى ئويلاش بىلەن ئاۋارە ئىدى،ھازىر دەرسلەرگە ئۇنداق ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمايدىغان ،باشقىلارنىڭ نىمە دىيىشى بىلەن كارىم بولمايدىغان ،ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىش ئۈچۈن ئۈندىداردىن چۈشمەي پۇرسەت كۈتىدىغان بوپ قېلىۋاتاتتىم،توۋا ئاللاھنىڭ ماڭا سالغان بۇ ئاشىق ئوتى ھەجەپ كۈچلۈك كەلدىغۇ،ئۆمرۈمدە بىرەر قىزنى بۇنداق ياخشى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىمغۇ،بىلىمەن ،ياخشى كۆرمەيدىغان قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم...
ھازىرقى ئاساسلىق مەسىلە:
1.ئۇقىزنى ئۆزگەرتكىلى بولامدۇ؟
2.ئۇ مىنى ھەقىقى ياخشى كۆرەمدۇ يوق؟(ئۇنىڭ مىنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى قانداق بىلىمەن،قانداق سىنايمەن؟)
3. ئەگەر ئۇ مىنى ياخشى كۆرسە،ئۇنى قانداق قىپ مەندىن ئايرىلالماس قىلىپ ،دەرسلىرىمگە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئەھۋالدا،ئۇنى قەدەممۇ قەدەم ئۆزگەرتەلەيمەن؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bahadirhaqan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-8 11:07 PM