baywatqa881 يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 02:59 AM 
قۇرئاندا :«ئۇ ئىككى دېڭىزنى (بىرى تاتلىق، بىرى ئاچچىق) ...
مەرۋايىت ۋە مارجان دىگەن ئالتۇن ئەمەستۇ ؟...
قۇرئاندىكى ھەدىس باياننى ئوتتۇرغا قويۇپ ياخشى قىلدىڭىز بىراق ، ئاخىردىكى ئاۋۇ بىر جۈملە سۆزىڭىزنى تازا چۈشنەلمىدىم :
ئىنكار قىلىۋاتامسىز قانداق قولىغا ئالتۇن ئۈزۈك تاقىسا، ئەرلەرگە ئالتۇن ھارام، دېگەننى!
بۇ سۆزىڭىزدىن سەل تىڭىرقاپ قالدىم ، مەن ھىچقاچان ئالتۇن ئۈزۈك ئەرلەرگە ھالال دىمىدىمغۇ ، ھەم ھاراملىقىنى ئىنكار قىلمىدىم ، مىنى قايسى گېپىمگە ئاساسەن مۇشۇنداق ئويلاپ قالدىڭىز ؟
ئاللاھ تائالاھ ئىنسانلار ۋە جىنلارغا نۇرغۇنلىغان نىئمەتلەرنى ئاتا قىلدى بىراق - چىشى ۋە ئەركەكلەرگە خاس بولغان پەرھىز ، سۈننەتلىرى بىلەن ئايرىلغان ئاساستا ئىشلىتىشنى ، پايدىلىنىشنى ، قوبۇل كۆرۈشنى بۇيرىدى .
شۇڭالاشقا مەن ئالتۇن زىبۇ زىننەتنى ئەرلەرنىڭ تاقىشى ئىسلام دىنىمىزدا توغرا ئەمەس دەپ قارايمەن . قارشى پىكىرىڭىز بولسا قېلىپ قېلىڭ .