يىقىندىن بىرى ئالتۇن باھاسى بىر كۈن ئىچىدىلا 100 نوقتا چۈشۈپ كەتسە يەنە ئەتىسىلا 70-80 نوقتا ئاشىدىغان ئەھۋاللار كۆپ كۆرۈلدى .
بولۇپمۇ يىقىنقى بىر ئايغا يىقىن ۋاقىت ئىچىدە ئالتۇن-كۈمۈشنىڭ تەۋرىنىش ھالىتى بۇرۇنقى تۇراقلىق ئەھۋالنى بۇزۇپ تاشلاپ بەكرەك شاشلىشىپ كەتتى .
ئالتۇن 1590 دوللاردىن ئىككى كۈن ئىچىدىلا دەھشەت چۈشۈپ 1320 نوقتىغا شۇڭغۇپ ھەر گىرامىدا 40 يۈەن چۈشۈپ كەتكەندە ئالتۇن باھاسىنىڭ مۇنداق چوڭ چۈشۈپ كەتكىننى بىلمىگەن ئادەم قالمىدى،
لىكىن يەنە قىسقىغىنە بىر ھەپتىدە ئالتۇن باھاسى تىزلىك بىلەن ئىشىپ1400 نوقتىدىن ئىشىپ كەتتى . مانا ھازىر 1480 نوقتىغا چىقتى .
ئايىغى چاققان خىرىدارلار ئالتۇن چۈشكەن ۋاقىتتا ھەر گىرامىنى 300 يۈەندىن خىلىلا تۆۋەن زىبۇ -زىننەت ياكى خام ئالتۇن ئىلىۋىلىشتى .
يەنە بىر قىسىم خىرىدارلار ئالتۇن چۈشۈپ كىتىپتۇ دەپ بىر ھەپتىنى ئۆتكۈزۈپ پۇلنى راسلاپ بازارغا كىلىپ بولغۇچە ئالتۇن يەنە ئىشىپ بولدى . مۇشۇ چۈشكەن پۇرسەتتە خام ئالتۇندىن خىلى كۆپ سىتىۋىلىپ تۆت -بەش كۈن ساقلاپ خىل ياخشى ئىقتىسادى قىممەت ياراتقانلارمۇ يۇق ئەمەس . قىسقىسى پۇرسەت چاققاننىڭ بولدى .
زادى ئالتۇن باھاسىنى كىم ئىگىز -پەس قىلىۋاتىدۇ ؟
ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈپ ئۆرلىشىگە نىمە سەۋەپ بولىدۇ ؟
مەن ئۇزاق يىل ئالتۇن سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلەش چۈشۈش ئەھۋالىنى
كۈزەتتىم . يىقىندا قەرەللىك مال سودىسى بىلەن شوغۇللىنىش جەريانىدا ھەم ئىقتىسادى بىلىمى مول شىركەت خادىملىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئالتۇننىڭ ئىشىش چۈشۈش قانۇنيەتلىرى توغرىسىدا ئاز - تولا ساۋاتقا ئىگە بولدۇم .
ئالتۇن باھاسى نىمە ئۈچۈن ئىگىز-پەس بولىدۇ ؟
ئالتۇن باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار نىمە ؟ مەن بۇ جەھەتتە خىلى ئىزدەندىم .
ئۇيغۇر ئالتۇن تورى . نىيۇ يۇرك ئالتۇن بازىرى تورى ، شىنلاڭ تورى ، كۆكلەن بىز تورى قاتارلىق ئالتۇنغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تورلاردىن ئالتۇن باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى ئىزلەپ تاپتىم .
ھەم ئۇزۇن يىللىق كۆز قاراش ۋە تەجىربەم بويىچە ئالتۇن باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى تىپىپ چىقتىم .
1. دوللارنىڭ يۆنىلىشى
ئامرىكا دوللىرىنىڭ يۆنىلىشى بىلەن ئالتۇن تەتۈر تاناسىپ ھالەتتە بولىدۇ .
يەنى ، پۇل قىممىتى قانچە يۇقۇرى كۆتۈرۈلسە ئالتۇن باھاسى مۇقەررەر چۈشىدۇ . پۇل قىممىتى چۈشۇپ پۇل پاخاللاشسا ئالتۇن ئاشىدۇ .
2. سىياسى قالايمىقانچىلىق . دۆلەتلەر ئارا ياكى رايۇنلار ئوتتۇرسىدىكى ئۇرۇشلار
بۇ ئامىل ئالتۇن باھاسىنى ئاشۇرۋىتىدىغان مۇھىم بىر ئامىل .
3. نىفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈپ چۈشىشى .
نىفىت بىلەن ئالتۇن باھاسى ئوڭ تاناسىپ بولۇپ نىفىت باھاسى ئۆسسە ئالتۇنمۇ ئىشىپ ماڭىدۇ .
4. ھەر قايسى بانكىلاردىكى ئالتۇننىڭ زاپاس مىقدارى .
مۇشۇ يىل 1- ئايدا ئامرىكا مەركىزى بانكىسى كۆپ مىقداردا بازارنى ئالتۇن بىلەن تەمىنلىدى .
شۇنىڭ بىلەن ئالتۇن باھاسى زور دەرجىدە چۈشۈپ كەتتى .
5. بانكىلارنىڭ پۇل ئۆسۈمىنى ئۆستۈرۈش- ئۆستۈرمەسلىكى.
بانكا پۇل پاخاللىغىنىڭ ئالدىنى ئىلىش مەقسىدىدە ئۆسۈم ئۆستۈرگەندە ئالتۇن باھاسى ئازراق چۈشىدۇ
6. جۇڭگۇ ، ھىندىستان ، روسىيە قاتارلىق ئۈچ چوڭ دۆلەتنىڭ ئالتۇنغا بولغان ئىھتىياجى . .
بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ ئالتۇنغا بولغان ئىھتىياجى (بولۇپمۇ ھىندىستاننىڭ ) بەك چوڭ بولۇپ بۇ ئامىلمۇ ئالتۇن باھاسىنىڭ
ئىششىنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ .
7. ئىقتىسادى كىرزىس .
بۇ ئامىلمۇ ئالتۇن باھاسىنىڭ ئىشىپ چۈششىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ موھىم ئامىل
مىنىڭ ھىس قىلشىمچە مۇشۇ 7 تۈرلۈك ئامىلدىن باشقىسى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئىگىز- پەس بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ .
ئالتۇنغا مەبلەغ سالغۇچىلار مۇشۇ 7 تۈلۈك ئامىلنى ئويلۇشۇپ مال سىتىۋالغاندا زىياندىن ساقلىنالايدۇ
مەنبە ؛ بىر مىسقال ئىقتىسات تورى www.1miskal.com
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 1miskal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-6 11:32 AM