يىمىرىلگەن ئەرەب دۆلەتلىرى ئاپتورى: ناۋاف ئۆبەيدە (سەئۇدى ئەرەبىستانى) تەرجىمىدە: نەپرەت2009
ئاتالمىش ئەرەب باھارى ئەرەب دۇنياسىدىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ دېموكراتىيىلىشىشىنى كۈچەپ تەشەببۇس قىلىشى بۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلغان كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئۈمىد تۇغدۇردى. ھازىر تۇنىس، مىسىر، لىۋىيە ۋە يەمەن رەھبەر ئالماشتۇردى، سۇرىيىدە ئىچكى ئۇرۇش يامرىماقتا، بەھرەين، سۇدان، ئىئوردانىيە ۋە ئىراقنىڭ ۋەزىيىتى كۈنسېرى يامانلاشماقتا، نۇرغۇن كىشىلەر شۇڭا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ماھىيىتى ۋە كەلگۈسىدە ئۆزگۈرۈش بولىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئامېرىكا شائىرى ئېمىلىي دىكىنسون قەلىمىدىكى قانات چىقارغان ئۈمىد ھەمىشە رېئال دۇنيا بىلەن ئۇنچە ئوخشاپ كەتمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە رېئال نەزەر بىلەن قارىغاندا، گۈزەل ئەرەب باھارىنىڭ ئورنىنى چىداش تەس قاتتىق سوغاق ئالدى. گەرچە ئىككى يىل ئىلگىرى كىشىلەر بىر مەزگىل ئۈمىدۋارلىققا تولغان بولسىمۇ، ئەمما دەھشەتلىك سىياسىي رېئاللىق مىللىي دۆلەتلەر تۈزۈلمىسى بىلەن يېڭى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ سىغىشالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. كىشىلەر شۇڭا مۇقىملىق بولمىغان مىللىي دۆلەتلەر شەرتى ئاستىدا رايونلۇق مۇقىملىقنى قانداق ساقلاشنى ھەل قىلىشقا جىددىي ئېھتىياجلىق. دەرۋەقە، ئەرەب دۆلەتلىرى مەسىلىسىنىڭ دەرىجىسى ۋە خىلىدا ھەر قايسىسىنىڭ ئوخشىماسلىق بار. مىسىر ۋە تۇنىس قاتارلىق تارىختا قۇرۇلمىسى نىسپىي كۈچلۈك بولۇپ، توقۇنۇشتىن كېيىنكى قۇرۇلما قۇرۇلىشى باسقۇچىغا تىنچ ئۆتۈپ، دۆلەتنىڭ يىمىرىلىشىنى توسۇپ قېلىشقا پايدىلىق. بەھرەين ۋە ئىئوردانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بولسا نىسبەتەن مۇقىم. ئەمما كۆپ قىسىم دۆلەتلەردە ئېغىر مالىيە چەكلىمىسىدە ئاپەت خاراكتېرلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تارىيىشى ۋە پۇل تۈزۈمىنىڭ يىمىرىلىشى كۆرۈلۈپ، ئىقتىسادىي مۇستەقىللىق ۋە ئۆزلۈك تەرەققىياتى قاتارلىق مۇۋەپپىقىيەت قازانغان مىللىي دۆلەتلەردە كەم بولسا بولمايدىغان ئامىلغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. بۇنىڭدىن سىرت، ھەر قايسى دۆلەتلەر پان-ئەرەبىزم ئىنقىلابى ئىسلام ھەرىكىتى بولغان مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى (بەھرەين بولسا ئىراننىڭ ئىنقىلابىي ئىسلام نىشانى) بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق بولغان رەھبەرلەرنى (ياكى كەڭ قوللاشقا ئېرىشكەن ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەرنى ) سايلاپ چىقتى. ھەر قايسى ئەرەب دۆلەتلىرى بۇ سەۋەبلىك دۆلەت ئىچىدىكى ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئىقتىسادىي گۈللىنىش ھەمدە سىياسىي بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ئىمكانىيەتلىك پىلانغا ئىگە ئورگاننىڭ ئەمەس، بەلكى مىللىي دۆلەتتىن ھالقىغان دىن ئىدېئولوگىيىسىنىڭ ئىلكىگە چۈشۈپ قالدى. ئالاقىدار مەسىلىلەر يېقىندا سۇداننىڭ پارچىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. دىن پەيدا قىلغان سۇدان مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى ھەمدە ئىجتىمائىي بۆلىنىش ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ۋە سىياسىي ئىقتىدارسىزلىقىنىڭ تۈرتكىسىدە خرىستىئان كۈچلەر باش بولغان جەنۇبىي قىسىمدىكى مەركىزىي ھوقۇقنىڭ يىمىرىلىشىنى تېزلەتتى. گەرچە كىشىلەر پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەرەب ۋە كۇرد مىللىتى، سۈننىي مەزھىپى ۋە شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلارنى يەككە مىللىي دۆلەت بايرىقى ئاستىغا ئۇيۇشتۇرماقچى بولسىمۇ، ئوخشاش مەسىلە ئاستا-ئاستا ئىراقتا كۆرۈلۈشكە باشلىغاندەك قىلىدۇ. دۆلەتنىڭ داۋاملىق مىللىي ۋە دىنىي رايونغا بۆلىنىشى مەركىزىي ھوقۇقنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئىراقنىڭ شىمالىدا ئەمەلىيەتتە كۇردلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلىتى قۇرۇلۇپ بولدى. بۇنىڭدىن سىرت، يەمەن ئىچكى بۆلىنىش، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى، ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ئەل قائىد تەشكىلاتى كۈچلىرى ۋە ئىقتىسادنىڭ ھالسىزلىنىشى قاتارلىق بىر قانچە قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەنلىكتىن، ھاكىمىيەتنى تۇتۇپ تۇرۇش ئېھتىماللىقى پەيدىنپەي چېكىندى. جەنۇبىي قىسىمى (ئادىن ئۆلكىسى) ۋە شەرىقى قىسىمى (خادرامات ئۆلكىسى) مۇستەقىللىق قاراپ ماڭدى، زورلۇق بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن 25 يىلدىن كېيىنكى يەمەن باشقا بىر بۆلىنىش كۈرىشىگە پېتىپ قالدى. قازافى ھاكىمىيىتىنىڭ يوقىتىلىشى لىۋىيىنى مالىمانچىلىققا پاتقۇزۇپ قويدى ھەمدە ھوقۇقلۇق مەركىزىي ھۆكۈمەتنى ۋەيران قىلدى. جەنۇب يەنىلا ھۆكۈمەتسىز ھالەتتە تۇرماقتا، شەرىقى قىسىمىدا بولسا بىن غازى پارلامېنتىنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلايدۇ؛ پەقەت غەربىي قىسىمى يەنىلا چاك-چېكىدىن ئاجراپ كەتكەن تىرىپولى ھۆكۈمىتىگە سادىق. سۇرىيىدىكى ئىچكى ئۇرۇش تېخىمۇ ئېغىرلاشتى، بەشار ئاساد ھاكىمىيىتى 79 نەچچە مىڭ كىشىنىڭ قانلىق ئەرەب ئىنقىلابىدا ھاياتىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ساقلانغىلى بولمايدىغان ھاكىمىيەتنىڭ يىمىرىلىشى سۇرىيە دۆلىتىنىڭ مەڭگۈلۈك پارچىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، شەرىقى شىمالىدا ھەقىقىي كۇرد ھاكىمىيىتى، شەرىقى قىسىمدا ئالاۋى مەزھىپى ئاپتونوم رايونى ۋە جەنۇبىي قىسىمدا دېرۇزلارنى كونتروللىقىدىكى رايون شەكىللەندى. گەرچە رېئاللىق بەھرەين ۋە ئىئوردانىيە ھاكىمىيىتىنىڭ نىسپىي مۇقىملىقىنى ئىسپاتلىسىمۇ، ئەمما پۈتۈنلەي تەسىرگە ئۇچرىمىغانمۇ ئەمەس. شەك-شۈبھىسىزكى، ئىران پۇرسەتپەرەس قىساسچى كۈچلىرىنىڭ مەجبۇرلىشىدىكى بەھرەين شىئەلىرى قوزغىلىڭى خەلىپە تۈزۈمىنى ئاغدۇرالمىدى. ئىئوردانىيە ھاشىمى پادىشاھلىقى تۈزۈمىدىكى مۇقىم دىنىي ئورنى ھاكىمىيەتنى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خىرىسى ئالدىدا يىقىتماي تىك تۇتۇپ تۇرالىدى، رايونلۇق زوراۋانلىقنىڭ دۆلەت ئىچىگە يامراپ كېتىش ئەندشىسى ئىئوردانىيە خەلقىنىڭ ئىسيانكار ھاياجانلىرىنى ۋاقىتلىق چەكلىدى. ئەمما بۇ ئىككى دۆلەتتە دۆلەت ئىچى ئورگانلىرى ساقلاپ قالالايدىغان كىرىم كەمچىل. ئەگەر كېيىنكى ئەسىردىكى تاڭ نۇرىنى كۆرمەكچى بولسا، پىشىپ يېتىلگەن مىللىي دۆلەتلەر قوللىشىدىكى بىرلىك ئىتتىپاق ئېھتىمال ئۇلارنىڭ بىردىنبىر تاللىشى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن سىرت، ئەرەب رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان، شەك-شۈبھىسىز يەنىلا داۋاملىق يۈز بېرىدىغان پارچىلىنىش كۇرد ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئەرەبلەرنىڭ سىرتىدىكى خەرىتىگە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەسىر كۆرسىتىدۇ. يۇقىرىقى دۆلەت مەيلى پەقەتلا رېئاللىقتا مەۋجۇت بولسۇن ياكى رەسىمىي ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشسۇن، ھەممىسى ئەرەب دۇنياسى (سۇرىيە ۋە ئىراق) ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونى (ئىران ۋە تۈركىيە) چېگرىسىغا مەڭگۈلۈك تەسىر پەيدا قىلىدۇ. «ئەرەب باھارى» بىر قىسىم ھاكىمىيەتلەرنى ئاغدۇرۇۋەتتى. ئەمما تېخىمۇ مۇھىمى، ئەرەب باھارى ئەرەب دۇنياسى ۋە تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىكى مىللىي دۆلەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇق ئىقتىدارىدىن گۇمانلاندى. قوزغىلاڭ كۈنلىرى ئۆتۈپ كەتتى، ھېساب-كىتاب قىلىشىدىغان كۈنلەر پات ئارىدا كېلىدۇ. مەنبە: ئاپتورى ناۋاف ئۆبەيدە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىستراتىگىيە ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى. خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتى كېنىندى ئىنىستىتۇتىنىڭ بېلفېر ئىلىم-پەن ۋە خەلقئارا ئىشلار تەتقىقات مەركىزىنىڭ زىيارەتتىكى تەتقىقاتچىسى. (نەپرەت 2009 تەرجىمە قىلدى)
|