مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4845|ئىنكاس: 44

مارشال:يەتتە قىزلىرىم ھەققىدە ئويلىغانلىرىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1314
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى : 42065
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 8639 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2013-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 09:17:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يەتتە قىزلىرىم ھەققىدە ئويلىغانلىرىم




1.jpg

2013-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى دوستۇم ئەكبەر ئەخمەت بىلەن بىللە ئاقسۇ شەھىرىدىن ئۈچتۇرپانغا قاراپ يول ئالدۇق. ئۈچتۇرپانغا بېرىشتىكى مەقسىتىمىز  تارىخىزدا پەخىرلىك ئورۇن ئالغانقەھرىمان يەتتە قىزنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىش ۋە  دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ كېلىش ئىدى. ئەتىگىنى ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر ئاكا بىلەن تېلفۇندا كۆرۈشۈپ شۇ يەرگە بېرىشنى ئېيتسام، ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر ئاكىمىز ناھايىتى خوشال بولدى ھەمدە ئۇ يەرنى كۆرۈپ كېلىش ئۈچۈن قايسى بېكەتكە بېرىشىمنى، قانداق باردىغانلىقىمنى ماڭا تەپسىلىي سۆزلەپ بەردى.
    ياتاقتا ئۈچتۇرپانغا بېرىش تەييارلىقىنى قىلىۋاتساق ئەزىز ئەيسا كۆكتۇغ ئاكا تېلفۇن قىپتۇ. ئۇ ئاكىمىز ماڭا ئۈچتۇرپانغا بېرىپ قالسا ئابدۇۋايىت مۆلجەرى بىلەن كۆرۈشۈپ بىللە بېرىشىمنى تەۋسىيە قىلدى ھەمدە ئۆزى ئابدۇۋايىت مۆلجەرىگە تېلفۇن قىلىپ ئالدىمىزغا چىقىپ تۇرىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. شۇنداق قىلىپ ئاپتۇبۇستا ئالاھەزەل ئىككى يېرىم سائەت يول مېڭىپ، تارىختا نامى مەشھۇر بولغان قەدىمىي يۇرت ئۈچتۇرپان ناھىيسىگە قەدەم قويدۇق. ئالدىمىزغا ئابدۇۋايىت مۆلجەرى چىقىپ تۇرۇپتۇ ھەمدە ئۆزى خىزمەت قىلىدىغان ئىشخانىغا باشلاپ كىردى. مۆلجەرى بىزنىڭ بۇ يۇرتقا قەدەم باسقىنىمىزدىن تولىمۇ خوش بولدى ھەمدە بىزلەرگە خاتىرە سۈپىتىدە «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»،«مىللەتلەر ئەدەبىياتى»ژۇرنىلىدىن بىر پارچىدىن يادىكار قىلدى. بىزنى ئۆز ئۇكىسىدەك، قېرىندىشىدەك كۆرۈپ بىزنىڭ تارتىنماي ئولتۇرىشىمىزنى، ئەركىن-ئازادە بولۇشىمىزنى ئېيتتى.
    يېرىم سائەتتىن كېيىن، بىز غىزالىنىپ بولۇپ، شۆھرىتى تىللاردا داستان بولغان بولغان «يەتتە قىزلىرىم» مەقبەرىسىگە قەدەم قويدۇق. يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى ئاقتوقاي تېغىنىڭ غەربىي شىمالىي تۇمۇشۇقىغا جايلاشقان ئىكەن. «يەتتە قىزلىرىم » مىلادى 1765-يىلى ئۇچتۇرپاندا پارتىلىغان «جىگدە يېغىلىقى» قوزغىلىڭىدا دۈشمەن بىلەن قەھرىمانلارچە جەڭ قىلىپ شېھىت بولغان مايسىخان باشلىق قاتارلىق يەتتە قىزلارنىڭ مەقبەرەسى ئىكەن.

     مايسىخان قاتارلىق سۆيۈملۈك ئۇيغۇر قىزلىرى ئەينى چاغدا تاغ،جىلغا، ئورمانلاردا دۈشمەنلەرگە قاتتىق زەربە بېرىدۇ. ئۇلار ئۈچ ئاي كەسكىن جەڭ قىلىپ ئاخىرى كۈچلۈك دۈشمەننىڭ قورشاۋىدا قالىدۇ. ئۆز ئىپپەت-نۇمۇسىنى قوغداش، دۈشمەنگە باش ئەگمەستەك باتۇر روھى بىلەن قورشاۋدا قالغان چاغدا ئاخىرى ھەممە قىزلار ئۆزىنى تاغدىن ئېتىپ ئۇرۇشتا باتۇرلارچە قۇربان بولىدۇ...كېيىنكى چاغلاردا بۇ يۇرت خەلقى يەتتە قىزنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن ئۇلارنىڭ سىماسىنىڭ مەڭگۈ قەد كۆتۈرۈپ تۇرىشى ئۈچۈن ئاقتوقاي تېغىنىڭ غەربىي شىمالىي تۇمۇشۇقىغا «يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى»نى ياساتقان ئىكەن.
   تىللاردا داستان بولۇپ كېلىۋاتقان تۇمارىس، مەختۇمسۇلا، مەلىكە ئاماننىساخان، ئىپارخان، يەتتە قىزلىرىم، نۇزۇگۇم، شەپقەت ھەمشىرىسى رىزۋانگۈل قاتارلىقلارنىڭ  باتۇرلۇق روھى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد خەلقىمىزگە كۈچلۈك روھى ئۇزۇق ئاتا قىلىپ كەلمەكتە .مېنىڭ بۈگۈنكى ئۈچتۇرپاندىكى «يەتتە قىزلىرىم» قەبرىسىنى زىيارەت قىلغاندىكى تەسىراتىم مۇنداق:
       بىز كىرىش ئېغىزىدىن بىمالال كىرەلىدۇق. قوش قاناتلىق تۆمۈر دەرۋازىنىڭ بىر قانىتى يوق ئىكەن. «يەتتە قىزلىرىم» قەبرىسىدە سېلىنغان ئۆيلەر بۇزۇپ تاشلىنىپتۇ. كىشىلەر قويغان ئۈزۈم بارىڭى كۆمۈلمەي قۇرۇپ كېتىپتۇ .يوللاردا شورلۇق توپا كۆتۈرۈلۈپ كېتىپتۇ. «يەتتە قىزلىرىم» مەقبەرىسىنىڭ خارابە ھالەتتە بولۇپ قېلىشى مېنىڭ كۆڭلۈمنى غەش قىلدى. بىز ئاستا قەدەملەر بىلەن «يەتتە قىزلىرىم» مەقبەرىسىگە چىقتۇق.
     ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك قىزلىرى، ئۆز دەۋرىدە قولىغا قورال ئېلىپ ئەركىنلىك، ئازادلىق ئۈچۈن كۆرەش قىلغان باتۇرلار، ۋىجدان-غورۇرى ۋە ئىپپەت-نۇمۇسىنى قوغداش ئۈچۈن تاغدىن ئۆزىنى ئېتىپ شېھىت بولغان قۇربانلار. سىلەر ئەينى چاغدائادەلەت ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن ھاياتىڭلارنى تەقدىم ئەتتىڭلار، شۇڭا تا ھازىرغىچە خەلقىمىز ئارىسىدا سىلەرنىڭ قىلغان ئىش-ئىزلىرىڭلار داستان بولۇپ كەلمەكتە . مانا بۈگۈب بىزمۇ شۇنچە يىراق يەردىن سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا كەلدۇق .سىلەرنى كۆرەلمىسەكمۇ، تاغ تۆپىسىدىكى قەبرەڭلارنى كۆرۈپ چەكسىز ھاياجانغا چۆمدۇق. سىلەر پۈتكۈل ئۇيغۇرخانىم-قىزلىرىنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى. سىلەر ھەققانىيەت يولىدا قان كېچىپ كۆرەش قىلغان ئىدىڭلار. شۇ دەۋر شۇنداق زامان ئىدى. كىشىلەر ئېزىلۋاتقان قاراڭغۇ زامانلار ئىدى. سىلەر ئۆز جاسارىتىڭلار، ئۇيغۇر قىزلىرىدا بولۇشقا تېگىشلىك ۋىجدان-غورۇر بىلەن ئەينى چاغدا جىگدە يىغىلىقىدا جەڭگە ئاتلىنىپ باتۇرلارچە قۇربان بولدۇڭلار. بىز سىلەردىن پەخىرلىنىمىز. سىلەرنى ياد ئېتىمىز،ئەسلەيمىز، سىلەرنىڭ باش ئەگمەس روھىڭلار پۈتكۈل ئۇيغۇرلارغا ئۈلگە بولىدۇ.
   سىلەر ياشىغان بۇ ماكاندىكى ئەۋلادلارنى كۆردۈم، ئۇلار ئىناق سوتسىيالىستىك جەمىيەتتە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئۈچۈن تىرىشقىلى تۇرۇپتۇ. پارتىيە -ھۆكۈمەت دېھقانلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەرنى سېلىپ بېرىپتۇ. سىلەر ماڭغان چېغىر يوللار ئاسفالىتلىشىپ قاتناش قولايلىشىپتۇ...ئەمما،بىر ئىش كاللامغا سىغمىدى. سىلەرنىڭ بۇ يېتىۋاتقان قەبرەڭلار تاشلىنىپ قاپتۇ.قەبرىنىڭ يۈزىدە جىجىلىنىپ كەتكەن نۇرغۇن ئىزلار باركەن. سىلەر ئۈچۈن تىكلەنگەن ئابىدە تاشلىرى كونىراپ كېتىپتۇ. قەبرىنىڭ يېنىغا تىكىپ قويغان تېرەكلەر پەرۋىش قىلدىغان ئادەم يوق قۇرۇپ كېتىپتۇ. ئۈزۈم تاللىرى كۆمىدىغان ئادەم يوق باراڭدا مۈگدەپ تۇرۇپتۇ... بۇنى كۆرۈپ كۆزلىرىمدە ياش ئەگىدى.  سۆزۈمنى قىسقا قىلسام، سىلەر  ئەقىدە-ئېتىقاد، ۋىجدان-غورۇر بىلەن ياشاپ، ھەققانىيەت يولىدا قۇربان بولغان شېھىتلەر گۈلىستانى. سىلەرنىڭ ئاسرالمىغان قەبرەڭلارنى كۆرۈپ ئىچىم ئاچچىق بولدى... سىلەرنىڭ قەبرەڭلاردىن گۈللەر پورەكلەپ ئۈنسۈن، ياتقان يېرىڭلار جەننەتتە بولسۇن. ئۇلۇغ ئاللاھدىن سىلەرگە جەننەت ئىنئامى تىلەيمەن.سىلەر بىزنىڭ پەخرىمىز. بىز سىلەرنى مەڭگۈ ياد ئېتىمىز.
2013-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى يېزىلدى.

تۆۋەندىكى رەسىملەر مېنىڭ ئۈچتۇرپان ناھىيدىسىكى ‹‹يەتتە قىزلىرىم››مەقبەرەسىگە بارغان چېغىمدا تارتىۋىلىنغان كۆرۈنۈش بولۇپ ئىچىمنى تولىمۇ ئاچچىق قىلدى.نەچچە ئەسىردىن بۇيان ئەجدادلىرىمىز قەدىرلەپ كەلگەن بۇ ئورۇننىڭ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە تاشلىنىپ قېلىشى،قويغان ئۈزۈم بارىڭنىڭ مۈگدەپ قېلىشى،كىردىغان يوللاردا توپا ئۆرلەپ كېتىشى،قوغداش ۋە ئاسراش ئىشلىرىنىڭ تاكى ھازىرغا كەلگۈچە ئېلىپ بېرىلمىغانلىقى كۆڭۈلنى غەش قىلدى.مۇئەللىپ ئۈچتۇرپاندىكى ‹‹يەتتە قىزلىرىم››مەقبەرەسىنىڭ بۇنداق ھالەتكە كېلىپ قېلىشىغا ئېچىندى ھەمدە تاملارغا قالايمىقان خەتلەرنى يازغان،چوڭ-كىچىك تەرەت قىلغان،ئۆزىنىڭ دەردىنى چىقىرىش ئۈچۈن پىۋا قاتارلىق نەرسىلەرنى ئىچىپ تاشلىۋىتىلگەن پىۋا قۇتۇللىرىنى كۆرۈپ ئۆزىگە كۆپلەپ سوئال قويدى.ئەجىبا،تارىختىن بۇيان يادلىنىپ كېلىۋاتقان،تىللاردا داستان بولۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقنىڭ سۆيۈملۈك قىزلىرىنىڭ قەبرىسىنىڭ بۈگۈنكىدەك ھالەتكە كېلىپ قېلىشى نېمىدىن دالالەت بېرىدۇ؟
بۇنداق ئورۇنلارنى قوغداپ،ئاسراپ  ۋەتىنىمىزنىڭ،مىللىتىمىزنىڭ ئۈممەتلىرى بولغان ياش غۇنچىلارنى تەشكىللەپ،ۋەتەنپەرۋەرلىك،مىللەتپەرۋەرلىك،شۇ قىزلاردا بار ئۆز ئىپپەت-نۇمۇسىنى قوغداش ئۈچۈن ئېپ بارغان كۆرەشلىرى ئەۋلادلارغا ئەخلاق-پەزىلەت،ياخشى تارىخ دەرسى بولاتتى ئەمەسمۇ؟مۇشۇنداق يەرلەر قوغداپ ،ئاسراپ قېلىنغان بولسا كىشىلەر تەشكىللىك ۋە ئىختىيارى زىيارەت قىلغاندا تارىختا مۇھىم ئورۇن تۇتقان يەتتە قىزلىرىمنىڭ ئىش-ئىزلىرى كۆز ئالدىدا نامايەن بولۇپ ئۆزگىرىۋاتقان جەمىيەتتە ھەرخىل خىرىس ۋە مەدەنىيەت ئۇچرىشىشتا ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى تۇنۇپ يېتىش،قەدىر-قىممەتنىڭ قانداق بولدىغانلىقىنى تۇنۇپ يېتىش ئىشلىرى ياخشى قانات يايغان بولاتتى.مېنىڭ ئۈمىدىم،جۇڭخۇا تارىخىدا ھەر مىللەت خەلقىدىن نۇرغۇن سۆيۈملۈك خانىم-قىزلىرىمىز چىققان.ئۇلار ۋەتەننىڭ ئازادلىقى،ئەركىنلىك ئۈچۈن قان كېچىپ كۆرەش قىلغان.لىيۇخۇيلەن،سۈن چىڭلىڭ قاتارلىق كىشىلەرگە ئوخشاش ‹‹يەتتە قىزلىرىم››مۇ جۇڭخۇا ئېلىنىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرىدۇر.ئۇلارنىڭ ئەينى چاغدىكى ئەخلاق-پەزىلىتى،قىزلارغا خاس ئېگىلمەس روھى،ئۆز ئىپپەت-نۇمۇسىنى قوغداش ئۈچۈن ھاياتىنى قۇربان ئەتكەنلىكى ھازىرقى ئەۋلادلارغا ياخشى دەرسلىك بولىدۇ....
  مۇئەللىپ كۆپ سۆزلەشنى لايىق كۆرمىدى،مۇئەللىپ جۇڭخۇا ئېلىنىڭ ھەر قايسى مىللەتتىن چىققان سۆيۈملۈك پەرزەنتلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئوقۇپ كەلگەن .ئۇنىڭ قەلبىدە جۇڭخۇا ئېلىدە يېتىشىپ تارىختا نام قالدۇرۇپ كەتكەن ھەر قانداق قەھرىمانغا بولغان ھۆرمەت تۇيغۇسى،قەلبىدە كۈچلۈك ۋەتەنپەرلىك تۇيغۇسى بار.بۇ يەرنى مەدەنىيەت ئورۇنلىرى،ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكۇم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى يۈكسەك ئېتىبارىنى قارىتىپ قوغداش،رېمىنۇت قىلىش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىپ ياخشى تەربىيلەش بازىسىغا ئايلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
دەيدىغان گەپنى دەپ بولدۇم،قالدى گەپلەرنى مەزكۇر تېمىنى كۆرگەن ۋە تۆۋەندىكى ‹‹يەتتە قىزلىرىم››مەقبەرەسىنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىكى رەسىملەرنى كۆرۈپ دوستلارنىڭ پىكىر قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
11.jpg
8.jpg
2.jpg
7.jpg
6.jpg
5.jpg

4.jpg

ئەسكەرتىش:مەزكۇر تېما <<مىسرانىم مەشرەپ مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پالىيىتىگە>>قاتناشتۇرۇلغان ئىدى.شۇ تېمىدىكى تېمىنىڭ ھەجمى ۋە سالمىقى بەكلا ئېشىپ كەتكەنلىكى ھەمدە مۇنبەرداشلارنىڭ مەن يوللىغان <<مارشالنىڭ جەنۇپتىكى زىيارەت خاتىرسى>>دېگەن تېمىدىكى سەككىز تېمىنى ئايرىم-ئايرىم تېما شەكلىدە يوللاپ قويۇش توغۇرسىدا تەكلىپ بەردى.مەن شۇ مەقسەتتە،تېمىلارنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا يوللاش قارارىغا كەلدىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-1 01:18 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
matros1 + 39 تەپسىلى يېزىلىپتۇ.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 39   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6702
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 904 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2013-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 09:55:55 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
          يەتتە قىزلىرىم،
زوقلانغۇدەك ئۇيغۇر پەخرى يەتتە قىزلىرىم،
باتۇرلۇقنىڭ نۇرلۇق تەختى يەتتە قىزلىرىم.   
  ئۆزى ئۈچۈن مەڭگۈ ئۆلمەس ئابىدە تىكلەپ،
بىزگە غۇرۇر بەرگەن ئەسلى يەتتە قىزلىرىم.
باھادىرلىق مىدال ئاسقان يەتتە قىزلىرىم،
جەسۇرلىقى تىلدا داستان يەتتە قىزلىرىم.
ئۇيغۇرنىڭ ئاياللىرىمۇ «باتۇر »دىگۈزگەن،   
رەقىبىنى قىلغان چاشقان يەتتە قىزلىرىم .
زۇلۇم ئۈچۈن جەڭلەرئۇرغان يەتتە قىزلىرىم،     
شىھىت بولۇپ پارلاپ تۇرغان يەتتە قىزلىرىم.   
ئادالەت ھۆرلۈك يولىدا جان پىدا ئەيلەپ،
باتۇرلۇقتىن ئۈلگە قۇرغان يەتتە قىزلىرىم.      
2013




ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
matros1 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 1420
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19848
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 8653 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2013-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 10:03:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئىنىم مارشال، ياخشى تۇرۇۋاتامسىز؟ قەلەم قۇۋۋىتىڭىزنىڭ بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم.
    <<يەتتە قىزلىرىم>> مەقبەرىسىنىڭ تاشلىنىپ بۇ ھالەتكە كېلىپ قېلىشىنى ئەسلا ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. قېنى بىزدىكى مىللى غۇرۇر؟ قېنى بىزدىكى ئۆزلۈكىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى قوغداش روھى؟
   بۇندىن يەتتە-سەككىز يىل ئىلگىرى بىز بىر نەچچەيلەن مۇشۇ مەقبەرىنى زىيارەت قىلغان ۋاقتىمىزدا مەقبەرە ئىچى ۋە ھويلا شۇنچىلىك پاكىز، ياپ-يېشىللىققا تولغان، كىشىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدىغان بىر جاي ئىدى. زىيارەتكە كەلگەنلەر ئاياقلىرىدىكى توپا-چاڭلارنى قېقىپ تۇرۇپ كىرەتتى. ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە مەقبەرىنىڭ بۇھالەتكە كېلىپ قېلىشىنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ قوغداش، ئاسراش تارماقلىرىغا ئارتىپ قۇيۇشلا كۇپايە قىلمىسا كېرەك.
  ھەر بىر ئىنسان ئۆزىنى، ئۆزلىكىنى، مەدەنىيىتىنى ئۆزى قەدىرلىمىسە، ئاسرىمىسا باشقىلار ھەرگىزمۇ قەدىرلەپ بەرمەيدۇ. كىرىش ئىشىكىنىڭ بۇزۇۋېتىلىشى، ھاجەتخانا ئورنىدەك تاھارەت قىلىش، ۋە مەيخورلۇق قىلىش يەنىلا ئۆز ئىچىمىزدىكى شۇ يەرگە زىيارەتكە بارغان، ۋىجدانىغا ئېشەك سىيىۋەتكەن بىر قىسىم ئادىمىي ھايۋانلارنىڭ قىلىقى خالاس.
قالدى گەپلەرنى كېيىن يازاي.  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-1 10:28 AM  


قانۇنغا رىئايە قىلىش ھەر بىر جۇڭگۇ پۇخراسىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇريىتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93013
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 522
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 214 سائەت
تىزىم: 2013-3-10
ئاخىرقى: 2013-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 10:03:21 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قەبرىلەنى رىمۇنىت قىپقۇيسا تارىختىكى سەتچىلكى ئاشكارلىنىپ قالمامدا.
ئاشۇنداق رىمۇت قىماي تاشلاپ قۇياپ كىيىن كوناراپ كەتكەندە تۇپا توتۇش ماشىنسى بىلەن توتۇپلام يۇقىتۋىتىدۇ.
بۇ قانداق جايتى دىسە تاشلاندۇق كۇنا ئويلەتى دەپقۇياپ تۇگتىدۇ.
بۇنى يىڭلاپ قۇيسا تارىختىكى ئەسكىلىكلەرى-ۋەششىلىكلرى،ئاشكارلىنىپ قالدۇ دە بىزنىڭ كىيىنكى ئەۋلاتلىرمىزمۇ بىلىپ قالدۇ.
ئۇيغۇرنىڭ يەتتە قىزلىرى ئۇيغۇرنىڭ ئۇغۇل-قىزلىرى ئۆلگە قىلدىغان ئاشۇلاردىن ئۇگىندىغان قىزلار ئىكەن.
مەن كىچىك ۋاختىمدا كىتابىنى ئوقۇغان ھەم بەك تەسىرلەنگەن  ئىدىم شۇ كىچىك ۋاخلىرىمدا ھىكايە ئۇخشايدۇ دەپتىكەنمەن . كىيىن چۇڭلادىن راس ئەمەللىيەتتى يۇزبەرگەن ئىشلا ئىكەنلىكنى بىز ئۇلگە قىلىپ ئۇلاردىن ئۇگنىشمىز كىرەكلىكنى ھازرىقى ئۇيغۇرلىرمىزادا ئاشۇ يەتتە قىزلادەك يۇرەكنىڭ يۇقلىقنى ئىتىپبەرگەن  يەنە يەتتەقىزلىرمىز ئۇيغۇرلانىڭ شۇدەۋىردە قانچىلىك باتۇر خەلىق ئىكەنلىك ئەكىس ئەتتۇرپبىردىغان بىر مۇھىم تارىخ دىگەندەك گەپلەرنى قىپپەرگەن ئىدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abduwayt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-1 10:24 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88957
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 403
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2012-12-22
ئاخىرقى: 2013-8-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 10:22:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىللىتىمىز قىزلىرىنىڭ پەخرى‹‹يەتتە قىزلىرىم›› ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن كۆپ تەشەككۈر!

tik turganning hammisila dangl

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98
يازما سانى: 208
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9728
تۆھپە نۇمۇرى: 353
توردا: 1687 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 10:52:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەتەن ئۇچۇن سەن ئەمەس ،
جان بېرىدۇ خۇدالار.
يەتتە قىزغا ئوكسىمەس،
خەلقىمىزدىن دۇئالار!
يەتتە دىگەن ساناقنى،
مىليون بارماق سانايدۇ!
ھەر ساناقتا يەتتە قىز،
بارماقلاردىن مارايدۇ!
ئولگەن ئەمەس يەتتە قىز،
يەتتە مىڭ بوپ تارالغان،
يەتتە قىزنىڭ قېنىدىن،
ئويغاق ئۇيغۇر يارالغان!

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
matros1 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77986
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3520
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 130 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2013-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 11:21:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇن تەپسىلىي بىلىپ كەتمەيتىم ،ئەمدى بىلۋالدىم . رەھمەت سىزگە

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92609
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 397
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 162 سائەت
تىزىم: 2013-3-3
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 11:24:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 2215
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 14123
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 802 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 11:32:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر نادىر تېمىڭىزنى كۆرگەنلىكىمدى خۇشالمەن مارشالكا

ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95344
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 260
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2013-4-24
ئاخىرقى: 2013-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 11:49:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەتتە قىزلىرىم ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت ! ئۇلۇغ ئاللا قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن !

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش