مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: naxtar007

ئالى مەكتەپتە ئۆقۇغانلار چوقۇم خىزمەتچى بولىشى كىرەكمۇ ؟؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89660
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 345
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2013-1-6
ئاخىرقى: 2013-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-2 10:20:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52315
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3207
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-2 10:23:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمسە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشتىكى سەۋەپ زادى نىمە ئاتا-ئانىمىز بىزنىڭ نىمە ئۈچۈن ئوقتىدۇ ئالىي مەكتەپتە؟

قىسىلمامدۇ ئەۋلادلار بوينى،
ئەجدادلاردىن مىراس بولمىسا.
قورۇنمامدۇ ئەجدادلار روھى،
مىراسلارغا ۋارىس بولمىسا.

دۇنيادا ئەڭ نۇمۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29058
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4911
تۆھپە نۇمۇرى: 545
توردا: 524 سائەت
تىزىم: 2011-2-4
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-2 11:28:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچە خىزمەت تېپىش تاپماسلىق مۇھىم ئىش ئەمەس، ئوقىسىڭىز ئونۋېرسىتتىكى بىلىملەردىن باشقا سىز نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بولىسز،كىشلىلك تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن بىلىملەر: كىشلىك مۇناسىۋەت، ئادەمگەرچىلىكنى ئۆگىنىسىز، جەمىئەتنى ،ئىنسانلارنى چۈشىنىسىز، ئەڭ مۇھىمى ئائىلە قۇرغاندىن كىيىن ئاللاھ سىزگە ئاتا قىلغان پەرزەنتتىن ئىبارەت بۇ ئەڭگۈشتۈرىڭىزنى ياخشى تەربىيلەيسىز...

ئۆلۈمدىن باشقىسى يالغان ~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80655
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1513
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 197 سائەت
تىزىم: 2012-5-26
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-2 10:56:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە ئىش قىلسا بولدۇ ... مۇناپىق خىزمەتلىرىنى قىلمىسىمۇ نۇرغۇن ياخشى ئىشلار بار !

دادام دەيدۇ تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغان نەدە بار؟ مەن دەيمەن ئاشۇ تۇخۇمنىڭ شۇ تاشتا دەردى بار!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3454
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8289
تۆھپە نۇمۇرى: 397
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2010-7-6
ئاخىرقى: 2014-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 02:17:42 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Rocky يوللىغان ۋاقتى  2013-5-1 02:09 PM
ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم بۇ گەپنى سىز نا ...[/quot ...

خىزمەت قىلماي ھەممىنى ئاشۇ لارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويساق ئەتە ئۆگۈن مۇشۇ زىمىندا پۇت دەسسەپ يۈرگىلى بولارمۇ ؟…ئىش بىجىرگىلى بارغان كىشىللىرىمىز ئاشۇ خان غوجاملارنىڭ ئالدىدا تىلىنى ئۇقتۇرۇپ بولالماي قانچىلىك بويۇن قىسىپ كىملەرگە زار بولار ؟…
توغرا ، بىر قىسىم كىشىلەر ياتلاردىنمۇ ئاشۇرۋىتىدۇ ، بىر قىسىملار قونچاق ھوقۇقنىڭ سايىسىدە بىشىنى ئىچىگە تىقىپ يۈرۈۋاتىدۇ ، ئامال يوق ، ئىرىشىش ئۈچۈن قۇربانلىق كىتىدۇ .بىر ئادەمنىڭ قىلغىنىنى پۈتۈن ئەلگە تەتبىقلاش ياخشى ئىش ئەمەس.

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89660
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 345
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2013-1-6
ئاخىرقى: 2013-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 03:35:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88180
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 135
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2012-12-6
ئاخىرقى: 2014-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-4 09:47:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرنداشلار ياخشىمۇسىلەر.
مەنمۇ بىر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى  .بىزگىمۇ  بېسىم ناھايىتى ئېغىر،بىر تەرەپتىن  ئاتا-ئانىمىزنڭ يەنە بىر تەرەپتە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بېسمى بار.بىز كۆپۇنچە ،
ۋاقتلاردا  ئوقۇش پۇتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن قانداق قىلىپ ياخشىراق خىزمەت تىپىش توغرسىدا باش قاتۇرىمىز .
مىنىڭچە بىز ئوقۇش پۇتتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن،ئاق بىلەن قارىنى پەرىق ئېتىپ ياخشى تۇرمۇش كەچۇرسەكلا
ئاتا ئانىمىز ۋە ئوقۇتقۇچى ئۇستازلىرىمىز بىزدىن چوقۇم رازى بولىدۇ دەپ قارايمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zimictan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-4 09:49 PM  

نىجات ئەكبەر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57244
يازما سانى: 1198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7103
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 358 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 12:06:23 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەچۈرۈڭلار شىنجاڭلىقلار
( تەرجىمە )
‏ئەسلى ‏ئاپتورى : خەي شۆسىن
كەچۈر، رەھمەت ساڭا ! شىنجاڭنىڭ نېفىتى يۆتكەپ كېتىلدى ؛شىنجاڭنىڭ تەبىئىي گازى يۆتكەپ كېتىلدى ؛شىنجاڭنىڭ پاختىسى يۆتكەپ كېتىلدى ؛شىنجاڭنىڭ كالىي تۇزى يۆتكەپ كېتىلدى ؛شىنجاڭنىڭ ئالتۇنى يۆتكەپ كېتىلدى ؛شىنجاڭنىڭ خوتەن قاشتېشى يۆتكەپ كېتىلدى .............
ئەمما ئاتوم بومبىسى شىنجاڭغا ئېلىپ كېلىندى !..........
شىنجاڭ ، بىرمىليون ئالتە يۈزمىڭ كۋادرات كلومېتىر زېمىن ، ئون توققۇز مىليون ھەر مىللەت خەلقى ، ئەۋلاتمۇ ئەۋلات ئەشۇ مۇنبەت تۇپراقتا ياشاپ كېلىۋاتىمىز . بىز ناھايىتى ئىپتىخارلىنىمىز ، باشقا سەۋەب يوق ، پەقەت ۋە پەقەت چۈنكى بىز شىنجاڭلىق !
بۇ بىر پۈتۈن دۆلەتنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئىگىلىگەن كەڭ زېمىندا نېمىلەر يوشۇرۇلغان ؟ نېمىلەر بولۇپ ئۆتكەن ؟ بۇ يەردە قىرىق يەتتە مىللەتنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى بار ، ياكى تېرىقچىلىق ياكى چارۋىچىلىق ياكى سودىگەرچىلىك ۋە ياكى كانچىلىق قىلىپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ . مىڭ يىللاپ داۋاملاشقان قانلىق تارىخ ، ئاللىبۇرۇن كارىز سۇلىرىدا پاكىز يۇيىۋېتىلگەن ؛ ئېرانىڭ شاھىدى بولغان تۈمەن ھېكايەتلەرگە تەڭرىتېغىدىكى قار لەيلىسىنىڭ يېنىك سېھىرلىك پۇرىقى سىڭگەن ... شىنجاڭلىقلار ، مەيلى قايسى مىللەت قايسى دىندا بولسۇن ، ئىزچىل ئۆز يۇرتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە كەلگۈسىگە چەكسىز ئىنتىلىپ كەلگەن .
غەربنى ئېچىش ،نەچچە يىللار ئالدىدىكى  بىزلەرنى ھاياجانغا سالغان شوئار . شۇ چاغلاردا ، ھەتتا تەكلىماكان جەزىرىلىرىنىڭ يېنىدىكى قاقاس تاغلارغىمۇ ئاپئاق قورام تاشلاردىن مۇنداق خەتلەر تىزىلغان ئىدى : غەربنى ئېچىش ، شىنجاڭ نۇقتىلىق ، بايىنغولۇن ئۈلگىلىك !
بىزلەرگە مۇنداق دېگەن : ئەلمىساقتىن كۆرۈلمىگەن تەرەققىيات كەلگۈسىمىز پات ئارىدا بىزگە كېلىدۇ .
بىزلەرگە مۇنداق دېگەن : ۋاقىتلىق زىيان ۋە قىيىنچىلىققا چوقۇم چىدىشىمىز ۋە يېڭىشىمىز كېرەك ، چۈنكى ئاخىرقى غەلىبە چوقۇم بىزگە مەنسۇپ !
بىزلەرگە مۇنداق دېگەن : كان بايلىقلىرى يەردە كۆمۈلۈپ ياتسا ھامان پۇلغا ئايلىنالمايدۇ .
بىزلەرگە مۇنداق دېگەن : چوڭ تىپتىكى ئۇل مۇئەسسە قورۇلۇشى شىنجاڭلىقلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ !
بىزلەرگە مۇنداق دېگەن : ئۇزۇن-ئۇزۇن تۇرۇبا نېفىت ۋە تەبىئىي گازنى دېڭىز بويىغا ئېلىپ بارىدۇ ، ۋە يەنە شۇ ئۇزۇن-ئۇزۇن تۇرۇبا بىزلەرگە سىقىم-سىقىم كىرىم ئېلىپ كېلىدۇ ... بىزگە شۇنداق دېگەن ...
شىنجاڭ دېگەن زادى قانداق جاي ؟ تارام-تارام ئاققان قار مۇز ئېرىمىلىرى چارۋىچىلىق رايونلىرىغا ئېقىپ بېرىپ كۆزيەتكۈسىز يايلاق ياسايدۇ ، يايلاقلاردا توپ-توپ سەمرىگەن قوي كالا ...
شىنجاڭ ، مانا مۇشۇنداق جاي ، بوستانلىق دېھقانچىلىقى ، ھەرگىز ئىقلىمغا قاراپ قالمايمىز ، كەلكۈن كەلسىمۇ قەھەت بولسىمۇ ئوخشاشلا مول ھوسۇل ئالاتتۇق .  شىنجاڭدا ئاچارچىلىق بولۇپ باقمىغان ، ئاشۇ ئۈچ يىل دۆلەت مىقياسىدىكى چوڭ ئاچارچىلىقتىمۇ ، ئىچكىرىدىن كەلگەن كىشىلەر پويېزنىڭ تېگىدىكى تۆمۈرگە ئېسىلىپ تۇرۇپ شىنجاڭغا كېلىشكە ، يۇرتسىز كەلگۈندى دەپ ئاتىلىشقا رازى ئىدىكى پىيادە بولسىمۇ شىنجاڭغا كىرىپ كېلەتتى . چۈنكى ، بۇيەردە سۇ بار ، ئاش-نان بار ئىدى ! بۇ يەردە ، ئۈمىد بار ئىدى ...
بىز ئۆزىمىزنى ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلاتتۇق . لېكىن ، توساتتىن بىر كۈنى ، كىشىلەر مۇنداق دېيىشتى : ئۇلار بىزگە ياردەم قىلغىلى كېلىدىكەن ، بىز تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئىگە بولغۇدەكمىز !
ئۇ چاغلاردا ، بىز ئۇلارغا تەشەككۇر ھېسسىياتىدا بولدۇق ، بىز خۇددى ئۇزۇنغا سوزۇلغان تىنچلىقتىن خوشلىشىپ قايتىدىن جانلانغاندەك ، تەرەققىياتقا يولغا چىققاندەك بولدۇق . چۈنكى بىز ئىشەنگەن ، بۇيەردە تېخىمۇ زور ئۈمىد بار ئىدى ........... ھەش- پەش دېگۈچە سەككىز يىل ئۆتۈپ كەتتى ... ئۆتمۈشتە بىزگە شۇ «گۈزەل » پىلانلارنى تۈزۈپ بەرگەن كىشىلەر ، سىلەر ھازىر قەيەردە ؟!سىلەر بۇيەرگە كېلىپ قاراپ بېقىڭلار ! «غەربنى ئېچىش » ، زادى قانداق بولدى ؟!بايلىق ، نۇرغۇن ستېراتىگىيىلىك كان بايلىقلىرى شىنجاڭدىن دېڭىز بويى رايونلىرىغا قاراپ ئېقىپ كەتتى . بوپتۇ ، بۇنىمۇ ھېسابلىمايلى . لېكىن بىز شۇنىڭ بەدىلىگە نېمىگە ئېرىشتۇق ؟! ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىما ؟  ياق ياق ، شىنجاڭدا كان ئېچىۋاتقانلارغا قاراپ بېقىڭ ، ھەممىسى ئىچكىرىدىن كەلگەن چوڭ شىركەتلەر ئەمەسما ؟ بىز شىنجاڭلىق بالىلار قاچان مۇشۇنداق ياخشى خىزمەت ئورۇنلىرىغا ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ باقتۇق ؟ شىئەن نېفىت ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن شىنجاڭلىق بالىلار ، شىنجاڭدىكى نېفىت ئورۇنلىرىغا كىرىپ خىزمەت قىلىشى ئاسمانغا چىققاندىنمۇ تەس . چۈنكى بۇ خىل مائاشى يۇقىرى ياخشى خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسى ئاشۇ شىركەتلەر ئۆزى ئېلىپ كەلگەن ئىچكىرىلىك خىزمەتچىلەر بىلەن تولغان .  ئىشەنمىسىڭىز خالىغانچە بىرەر نېفىت كارخانىسىغا بېرىپ قاراپ بېقىڭ ، ھەممىلا يېرىدىن بېيجىڭ شېۋىسى ، شەرىقى شىمال شېۋىسى ، شەندۇڭ شېۋىسى ئاڭلىنىپ تۇرغان ، پەقەت مۇشۇ شىنجاڭلىقلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلانمايدۇ ... ئۇنداقتا ، بىز شىنجاڭلىقلارنىڭ پەرزەنتلىرى نېفىت ئورۇنلىرىدا خىزمەتكە ئورۇنلىشالامدۇ ؟ ئورۇنلىشالايدۇ ئەلۋەتتە . قانداق يەرگە ؟ ماي قاچىلاش پونكىتىغا ! خەقنىڭ ماشىنىسىغا ماي قاچىلاپ بېرىدىغان خىزمەتكە ! يۇقارقىلار يانداش كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدىما ؟ ياق ياق ، نېفىت تۇرۇبىسىنى باۋجى شەھرىدە ئىشلەپ چىقىرىدۇ . يۇقىرى تۇرمۇش سەۋىيەسى ئېلىپ كەلدىما ؟ ياق ياق ... شاڭخەيدە بىر لېتىر گازنىڭ قانچە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز ؟ بىر يۈەن ئىككى مو . شىنجاڭدىچۇ ؟ بىر يۈەن ئىككى مو بەش پۇڭ !
شىنجاڭلىقلارنىڭ تۇرمۇش ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ قانچىلىكلىكىنى بىلەمسىز ؟ بىر ئوتتۇز يىللىق خىزمەت تارىخىغا ئىگە ئوتتۇرا مەكتەپ ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىسىنىڭ مائاشى ئاران 2500 يۈەن ئەتراپىدا ، بۇ تېخى 2006 -يىلقى مائاش ئۆستۈرۈشتىن كېيىنكىسى !
ئۇنداقتا ئادەتتىكى ئىشچى ، دېھقان ، يېزا كادىرلىرىچۇ ؟ ئۇلار قانداق تۇرمۇش كەچۈرەر ؟!
بىز ئۈن-تىنسىز ھالدا ناھايىتى زور تەڭپۇڭسىز تەتۈر پەرققە بەرداشلىق بېرىپ كېلىۋاتىمىز ...
بىز ئۈن-تىنسىز ھالدا ئىزچىل شەرقنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېمىگەن مانتىغا پۇل تۆلەپ كېلىۋاتىمىز ...
ئۈرۈمچى ، ئىككى بىليون نوپۇسقا ئىگە چوڭ شەھەر . لېكىن مۇشۇ كاتتا شەھەردە مۇنداق بىر داۋاملىق پۇقرالارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ كېلىۋاتقان مەسىلە بار : ماشىنا توسۇش قىيىن . قەھرىتان قىشتىكى نۆلدىن تۆۋەن نەچچە ئون گرادۇسلۇق سوغاقتا ، ئىشتىن چۈشۈش ئىشقا چىقىش ۋاقتىدىكى قاتناش يۇقىرى پەللىسى چېغىدا ، سىز كوچىدىن ماشىنا توسۇپ يولىڭىزغا راۋان بولالىشىڭىز ناتايىن . ئۇنداقتا تاكسىلارنىڭ ھەممىسى نەگە كەتتى ؟ خالىغان تاكسى شوپۇرىنى تېپىپ سوراپ بېقىڭ . ئوندىن سورىسىڭىز توققۇزى مۇنداق جاۋاب بېرىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن : نەگە بولاتتى ؟ ماي سېتىۋېلىشقا ئۆچرەت تۇرغىلى كەتتى ! ئۈرۈمچىنىڭ ماشىنىلىرى سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز ئىشلىتىدۇ ، شىنجاڭ دېگەن نېفىت-گاز بازىسى تۇرسا ، ئۈرۈمچىدە قانداق بولۇپ  سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز كام بولۇپ قالىدۇ ؟
نېفىت كارخانىلىرى بىزگە مۇنداق دەيدۇ : شىنجاڭلىق قېرىنداشلار ، يەنە بىر مەزگىل چىدىۋېتىڭلار ...
شىنجاڭنىڭ نېفىتى  ۋە گازى ئالدى بىلەن ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشى كېرەك ، بىز قانداقمۇ ئۇلارغا يەتكۈزۈپ بەرمەي ئۆزىمىز ئىشلىتىۋالالايمىز ؟بېيجىڭنىڭ تاكسىلىرى يۇقىرى سەرپىياتلىق «ئېلانتا » غا ئالماشقان چاغلاردا ، شاڭخەينىڭ گاز ئوچاقلىرىدىن يېشىل نۇر كۆتۈرۈلگەن چاغلاردا ، سىلەر ئويلاپ باققانمۇ ، شۇ نېفىت شۇ گازنىڭ مەنبەسى بولغان شىنجاڭدا ، مۇشۇ قەھرىتان سوغۇقتا كىشىلەر تالادا توڭلاۋاتىدۇ ؛ شىنجاڭنىڭ شوپۇرلىرى ناھايىتى زور سەۋر بىلەن كۆز يەتكۈسىز تىزىلىپ كەتكەن ئۆچرەتتە گاز ساقلىماقتا ! مۇشۇ شوپۇرلارمۇ ئۆيدىن خەۋەر ئېلىشى ، توي قىلىپ ئۆي ئېلىشى ، بالا تېپىپ ئۇلارنى ياخشى ئوقۇتۇشى كېرەك ، بۇنىڭ ھەممىسىگە يەنە خىزمەت قىلىش كېرەك ماشىنا ھەيدەش كېرەك ، شۇ ماشىنىغا يەنە ماي كېرەك گاز كېرەك ئەمەسمۇ ؟لېكىن ئۇلارنىڭ خىزمەت قىلىدىغان ۋاقتىنىڭ كۆپ قىسمى ئۆچرەتتە ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ .
شىنجاڭلىقلار ، ھەي شىنجاڭلىقلار ، ئىچكىرىلىكلەر تەرىپىدىن ياۋايى دەپ قارالغان شىنجاڭلىقلار ... مانا مۇشۇنداق ئۈن-تىنسىز مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىگە چىداپ كەلمەكتە ...
سىز ئۆزىڭىزنى شىنجاڭلىقلارنىڭ ئورىنىغا قويۇپ ئويلاپ بېقىڭ : ئەگەر بېيجىڭنىڭ كېرا ئاپتوموبېللىرى كەچكىچە ئۆچرەتتە تۇرۇپ ماي قاچىلىيالمىسا ؛ ئەگەر سەندۇڭنىڭ دېھقانلىرى شىنجاڭ دېھقانلىرىدەك پارچە-پارچە مۇنبەت يەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالسا ... ئۇلار مۇشۇنداق چىدىيالامتى ؟ئالدىنقى كۈنلەردە ، ئاتوم بومبىسىنى ھاۋادىن ياپونىيىگە تاشلىغان ھېلىقى ئامېرىكىلىق ئەسكەر ۋاپات بولدى . بۇ قايتا بىر قېتىم بىزنىڭ نەزىرىمىزنى ئاتوم بومبىسى ۋە يادرو رادىئاتسىيەسى ئېلىپ كەلگەن ئوقۇبەتلەرگە ئاغدۇردى ...
ئاتوم بومبىسى ۋە ئۇنىڭغا ئائىت شۇنچە كۆپ مۇلاھىزىلەرنىڭ ئارىسىدا سىز زادى ئويلاپ باققانمۇ ؟ ئاشۇ يىراقتىكى لوپنۇر كۆلىدە ، بىر چاغ ئوچۇق-ئاشكارا ئاتوم بومبىسى پارتىلىتىلغان . ئاشۇ گۈزەل تارىم ۋادىسىدا ، نۇرغۇن قېتىملاپ يەر-ئاستى ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بېرىلغان ... خەۋەر پروگراممىسىنىڭ ئىچىدە ، شىنجاڭدا كۆتۈرۈلگەن قۇم-توپا قارا بورانلارنى كۆرگىنىڭىزدە چوقۇم « شىنجاڭ دېگەن مۇشۇنداق قاقاس بىر يەر » دەپ ئويلايسىز ... لېكىن كىملەر ئويلاپ باقتىكىن ؟ لوپنۇر كۆلى تەرەپتىن كۆتۈرۈلۈپ كەلگەن جان ئالغۇچى بوران ئەۋلاتمۇ ئەۋلات شۇ ئەتراپلاردا ماكانلىشىپ كەلگەن بىگۇناھ خەلققە زادى نېمىلەرنى ئۇچۇرۇپ ئەكىلىدۇ ؟
قېرىنداشلىرىمىز بىر-بىرلەپ كۆز يۇمدى ۋە يۇمماقتا ، سەۋەبىنى سورىسىڭىز ئۆپكە راكى بولمىسا ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرى راكى ... شىنجاڭ دېگەن دۇنيا بويىچە داڭلىق ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش رايونىتىغۇ ؟ مۇشۇ مۇنبەت تۇپراقتا ياشاپ كەڭ قىرلاردا يېڭى ھاۋادىن نەپەسلىنىپ ياشاپ كېلىۋاتقان شىنجاڭلىقلاردا نېمىشقا تۇيۇقسىز مۇشۇنچە كۆپ راك كېسىلى چىقىدۇ ؟ نېمىشقا كورلا ھازىر دۆلىتىمىز بويىچە راك كېسىلى ئېغىر ئاپەت رايونى بولۇپ قالىدۇ ؟
خۇ رەئىس ئەيدىس كېسەللىرى بىلەن كۆرۈشتى ؛ ۋېن زوڭلى خېنەندىكى ئەيدىس كېسىلى كەنتىگە باردى دېگەن خەۋەرلەر تېلېۋىزوردا نەچچە كۈندە بىررەت ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ . بۇ دېگەن زاماننىڭ ئىلگىرىلىشى ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلققە بولغان غەمخانلىقى . لېكىن نېمىشقا بايىنغولۇنغا ئوخشاش ئۇزۇن مۇددەت ئاتوم رادىئاتسىيەسى سەۋەبىدىن ئېغىر راك رايونىغا ئايلىنىپ قالغان زېمىن ، نېمىشقا ئەزەلدىن بىرەر قېتىم خەۋەر قىلىنىپ باقمىدى ؟ نېمىشقا ئەزەلدىن بىرەر كىشى دەس تۇرۇپ چىقىپ مۇشۇ مەسىلىگە يۈز تۇرانە جاۋاب بېرىپ باقمىدى ؟
بىر قېتىملىق ئاتوم سىنىقى ، جۇڭگو خەلقى شۇندىن ئېتىبارەن ئورنىدىن تۇردى ، شۇندىن كېيىن قەغەز يولۋاستىن قورقمايدىغان بولدۇق . لېكىن يەنە مىڭلىغان ساددا ۋە بىگۇناھ شىنجاڭ خەلقى يىقىلدى ، ئازابلىنارلىقى شۇكى ، ئۇلارنىڭ ئۆزىمۇ بۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئىكەنلىكىنى بىلمىدى ، باشقىلارنى دېمەيلا قويايلى .. شىنجاڭ ، دۆلىتىمىز خەرىتىسىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى . شىنجاڭ خەلقى ، بىر مىليارت ئۈچ يۈزمىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ بىر قىسىمى . بىز ۋەتەننىڭ قۇدرەت تېپىشىغا تەقەززا ، بىز ئاكا-ئۇكا ئۆلكىلەردىكى قېرىنداشلارنىڭ باي بولۇشىغا تىلەكداش . لېكىن بىزمۇ ئادەمغۇ ؟ بىزنىڭمۇ ئۆزىمىزگە چۇشلۇق تەلىپىمىز بار ، شىنجاڭ ۋە شىنجاڭلىقلار ، ئادىل ۋە تەڭپۇڭ تەرەققىيات بوشلۇقى ۋە پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەكمۇ  يوق ؟ مۇشۇ تۇپراقتا بىزلەرگە تەۋەررۇك بولۇپ كېلىۋاتقان چەكسىز دۇنيادىن ئەمەلىي نەپكە ئېرىشىشىمىز كېرەكمۇ يوق ؟ پۈتۈن ۋەتەندىكى بارلىق خەلققە ئوخشاش ،بىز بىر گۈزەل ئەتىگە مۇھتاج . ئاشۇ بايلىقلار ئېچىلىپ تۈگىگەن قۇرىغان ۋاقىتتىمۇ ، كەلگۈسىمىزگە قالدۇرغۇدەك ئۈمىدكە مۇھتاج !
دوستلار ، مەيلى سىز دۆلىتىمىزنىڭ قايسى يېرىدە بولۇڭ ، مۇشۇ تىنچلىق يىللىرىدىكى قۇياش نۇرى ئاستىدا ئەركىن نەپەسلىنىپ يۈرگەن چاغلىرىڭىزدا ، ئاشۇ يىراقتىكى شىنجاڭدا دۆلەتنىڭ مۇداپىئە ۋە تىنچىلىقى ئۈچۈن جان ئالغۇچ ئاتوم رادېئاتسىيەسى ئاستىدا ياشاۋاتقان خەلقنى ئويلاپ قويۇڭ .
دوستلار ، مەيلى قەيەردە بولۇڭلار ، مۇشۇ كۈنسايىن تەرەققىي قىلىۋاتقان يۇقىرى سۈرئەتلىك قاتناش ۋە ئاسايىشلىق تۇرمۇشتىن بەھرىمان بولۇۋاتقاندا ، ئاشۇ باشقىلارنىڭ ئالدىن بېيىشى ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز ئازابقا چىداپ ياشاپ كېلىۋاتقان شىنجاڭلىقلارنى ئويلاپ قويۇڭ . بۇرۇنقى ئىددىيىڭىزدە بار بولغان شىنجاڭلىقلارنى مەنسىتمەيدىغان ، ياراتمايدىغان خۇلقىڭىزنى يۇغۇشتۇرۇڭ ؛ شىنجاڭدىن بار بايلىقنى تېپىپ بولۇپ يەنە نومۇسسسىزلارچە ئاتقان پولىرىڭىزنى يۇغۇشتۇرۇڭ . ۋە ئاخىرىدا بىر قېتىم بولسىمۇ : شىنجاڭلىقلار ، سىلەرگە رەھمەت ، دەڭ ! بىزنىڭ سىزگە تەلىپىمىز  يۇقىرى ئەمەس ، ئون توققۇز مىليون شىنجاڭلىق ، ھازىرقى ئەھۋال ۋە پۈتۈن ئورۇنلاشتۇرۇلۇشنى ئۆزگەرتەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ، بىز يەنىلا ئۇزۇن مەزگىل شەرقنىڭ تەرەققىيات تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن قۇربان بېرىشكە   مەجبۇر بولغان ئەھۋال ئاستىدا ، بىز پەقەت باشقىلارنىڭ تېگىشلىك ھۆرمىتىمىزنى قىلىشىغا مۇھتاج . قېنى بىر قېتىم چىن يۈرىكىڭىزدىن مۇنداق دەپ قويۇڭ : شىنجاڭلىقلار ، كەچۈرۈڭلار ، رەھمەت سىلەرگە !!!

بۇ ئوت ئاپىتىنى كۆڭلۈمدە بۇزۇقچىلىق، تەكەببۇرلۇق، مەنمەنچىلىك قاتارلىق يامان ئىشلار ئەۋج ئالغان قاراماي خەلقىگە قارىتا ئاللاھنىڭ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشى بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدىم. قارامايدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن.

نىجات ئەكبەر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57244
يازما سانى: 1198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7103
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 358 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 12:06:58 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11565
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1552 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 12:15:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Made in Answer
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش