ھازىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بەك ھارام تاماق بولۇپ كەتتى. ئاتا- ئانىلار ئەۋەتىپ بەرگەن پۇلنى خەجلەپ، بىكارچى بولۇپ يۈرگىنى يۈرگەن. بەزى ئوغۇللىرىمىز تاماكا، ھاراق، يۇرتداشلار سورۇنى، «ئادەمگەرچىلىك»، قىز بالا، بولمىغۇر سورۇنلارغا پۇل خەجلەيدۇ؛ بەزى قىزلىرىمىز كىيىم- كېچەك، مۇھەببەت، ئويۇن- تاماشا دېگەنگە ئۆزىنى ئاتىدۇ.
ئانچە مۇنچە كىتاپ كۆرىدىغان بالىلارمۇ :«خىزمەتنى قانداق قىلارمىز؟... نەگە بارامىز؟... نەدە ئىشلەرمىز؟... ئىنگلىز تىلى 4- دەرىجىنى قانداق ئالارمەن؟... كومپيۇتېر ئىمتىھاندىن قانداق ئۆتەرمەن؟... ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت كىنىشكىسى... تەرجىمانلىق سالاھىيەت كىنىشكىسى... خىزمەت، خىزمەت، خىزمەت!...» دەپ شۇنىڭلا غېمىدە. (مەنمۇ شۇ تاپتا MHK نىڭ غېمىدە. خەنزۇچىغا ئانچە قىزىقمايتتىم.)
ئىشقىلىپ بىز ستۇدېنتلارنىڭ غېمى بەك جىق. «ياخشىراق نەتىجە بىلەن ساق- سالامەت پۈتتۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ تۆمۇر تاۋىقىغا ئېرىشسەك» دەپ شۇلا غەم. لېكىنغۇ ھەر بىر ئىنساننىڭ رىزقىنى ئاللا بېرىدۇ. شۇنداقتىمۇ شۇنىڭ سەۋەبىنى قىلىمىز دەپ باش قاتتىغۇ- تاڭ...
.gif)