مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8410|ئىنكاس: 149

سۇرىيىنىڭ خىمىيە ئەرۋاھى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 937
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 26313
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7838 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2013-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 10:48:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سۇرىيىنىڭ خىمىيە ئەرۋاھى
ئاپتورى: بېننېت رامبېرگ (ئامېرىكا)
تەرجىمىدە: نەپرەت 2009


سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، سۇرىيىنىڭ زور كۆلەمدىكى خىمىيىۋى قورال ئامبىرى ئىزچىل توقۇنۇش رايونىنىڭ ئىچى سىرتىدىكى چىقىرىۋەتكىلى بولمايدىغان دوغ بولۇپ كەلدى. نۆۋەتتە ئىسرائىلىيە سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىمىيىۋى قورال ئىشلەتكەنلىكىنى جاكارلىدى.
پەيدىنپەي كەسكىنلىشىشكە بولغان ئەندىشە سەۋەبلىك ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما قايتا تەكىتلەپ، سۇرىيىنىڭ خىمىيىۋى قورال ئىشلىتىشى ياكى يۆتكىشىدەك ھەر قانداق قىلمىشى «قىزىل سىزىق» تىن ھالقىپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، پرېزىدېنت بەشار ئاساد ھاكىمىيىتى بۇ سەۋەبلىك «سوراققا تارتىلىدۇ» دېدى. ئەمما بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ نېمە رولى بارلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس.
سۇرىيە خىمىيىۋى قورال ئامبىرى ئەلۋەتتە خەتەرلىك، ئەمما 2012-يىلى 2-ئايدىن بۇيان پەيدىنپەي روشەنلىشىۋاتقان باشقا بىر خەۋپ-خەتەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا پەقەت موللا يوق يەردە موللىمەن دېگەندەكلا ئىش. سۇرىيە قوزغىلاڭچى ئارمىيىسى سۇرىيىنىڭ شەرىقى شىمالىدىكى چەت قۇملۇق رايونىدىكى ئەل-ئەكبەردە يەلتاپان ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىسىنى بايقىدى. ئېتىش جاھازىسىنىڭ ئاستىغا شىمالىي كورىيىدە ياسالغان، 2007-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيىسى ۋەيران قىلىۋەتكەن يادرو رېئاكتورىنىڭ قالدۇقى كۆمۈلگەن.
ئىسرائىلىيە باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئاتوم قورالى ياساش مەخپىي بازىسىنى بايقىمىغان بولسا، قوزغىلاڭچى ئارمىيە رادىئوئاكتىپلىق قورالغا ئەمەلىي ئىگە بولاتتى. پەقەتلا تەھدىت سالسىلا سۇرىيە ھۆكۈمىتىنى باش ئەگدۈرەلەيتتى. كىشىنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالىدىغىنى، ئەگەر سۇرىيە ئېنژىنېرلىرى تەجرىبىخانىدا ياكى قوزغىلاڭچىلار كونتروللىقىدىكى باشقا رايوندىكى تەجرىبىخانىدا يادرو رېئاكتورىدىكى يېقىلغۇدىن ئۇران ئايرىپ چىقسا، قوزغىلاڭچى قوشۇن ھەتتا ئاتوم بومبىسى ياساشنىڭ خام ئەشياسىغا ئېرىشەلەيدۇ.
تەلەيگە يارىشا، ھازىر سۇرىيە بۇ تەھدىتكە يۈزلىنىشىنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمما پاكىستان، شىمالىي كورىيە ۋە ئىران قاتارلىق يادرو ئىقتىدارى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان مۇقىمسىز دۆلەتلەر ئېھتىمال بۇ تەھدىتكە دۇچ كېلىشى مۇمكىن. بىز بۇ ئىشقا قانچىلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك؟
تارىخ بىزگە ئۈمىدۋار سەۋەب ئاتا قىلدى. نېمىلا بولمىسۇن ساھىبخان دۆلەت خىرىسقا تولغان مۇھىتتا يادرو خەۋپىنى چەكلەش ئىقتىدارىنى ئىپادىلىدى. يۇگوسلاۋىيىنىڭ زوراۋانلىق بىلەن پارچىلىنىش مۇساپىسىدا، دۈشمەن كۈچلەر ئەزەلدىن سېربىيىنىڭ قورال دەرىجىسىدىكى قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇران تەمىنلەيدىغان تەتقىقات يادرو رېئاكتورىغا زەربە بەرمىگەن ياكى تاجاۋۇز قىلمىغان. سېربىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دەرىجىدىن تاشقىرى تۆۋەن بوشلۇقتا سلوۋېنىيە يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەندە، يادرو رېئاكتورلىرىغا چېقىلمىغان.
ئوخشاشلا، جۇڭگو مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە، ھەربىي ھالەتنىڭ يۈرگۈزۈلىشى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونى ۋە چىڭخەيدىكى يادرو ئەسلىھەسىنى ئىشغال قىلىش سۇيقەستىنى توسۇپ قالدى. 1961-يىلى، بىر توپ فرانسىيە ئارمىيىسى سابىق ئوفىتسېرلىرى فرانسىيىگە قاراشلىق ئالجىرىيىدە ئىش تېرىدى، ئەمما سەھرايى كەبىر قۇملۇقىدىكى ئاتوم بومبىسى سىنىقى يەنىلا ئوڭۇشلۇق بولدى. كىشىنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتىدىغىنى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغان مەزگىلدە، غايەت زور يادرو قورالى ئامبىرىدا ھېچقانداق ئەھۋال بولمىدى.
ئەمما، سۇرىيە ھۆكۈمىتى قوزغىلاڭچى قوشۇنلار كونتروللىقىدىكى رايونغا خىمىيىۋى قورال ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىكى ھەققىدە ياكى قوزغىلاڭچى قوشۇنلارنىڭ خىمىيىۋى قورالغا ئېرىشىپ ئالدىن قول سېلىشىغا بولغان ئەندىشە بۇ ئەندىزىنىڭ داۋاملىشىشچانلىقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
دۇنيا خىمىيىۋى قورال-ياراق چەكلەش داھىيىسى ئامېرىكا تېخى ئويغانمىغاندەك قىلاتتى. 2012-يىلىنىڭ بېشىدا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سۇرىيىنىڭ خىمىيە ئەسلىھەسىنى قوغداش ئۈچۈن 75000 كىشىلىك قوشۇن كېتىدىكەن. ئافغانىستان ۋە ئىراق ئۇرۇشىدىن كېيىن، بۇ مۆلچەرنىڭ ئاممىنىڭ سۇرىيىگە ھەربىي مۇداخىلە يۈرگۈزۈشىنى زور كۈچ بىلەن قولللىشىنى قوزغىيالماسلىقى قىلچىمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.
ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ يېقىنقى سۆزلىرى كىشىنى خاتىرجەم قىلمايدۇ. 2013-يىلى 1-ئايدا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پانېتتا ئامېرىكىنىڭ «سۇرىيە زېمىنىغا دەسسەپ» توقۇنۇش مەزگىلىدە بەشار ئاسادنىڭ خىمىيىۋى قورال ئامبىرىنى قوغداشنىڭ كويىدا بولمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئوخشاش بىر قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شتاب بىرلەشمە يىغىن رەئىسى مارتىن دېمپىسىي سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىمىيىۋى قورال ئىشلىتىشىنى توسۇشتا ئېنىق، ئەتراپلىق ئاخبارات تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، مۇنداق ئاخباراتقا ئېرىشىشىنىڭ «مۇمكىنچىلىكى يوق دېيەرلىك» ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى كېڭەش پالاتا ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا، دېمپسىي سۇرىيە خىمىيىۋى قورال بازىسىنىڭ بەك كۆپ ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ خىمىيىۋى قورال ئامبىرىنى قوغدىيالايدىغانلىقىغا ئىشەنچىسى يوقلىقىنى ئېيتتى.
يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارنىڭ باھاسى ئوبامانىڭ ئاگاھلاندۇرغانلىقى ياكى قەغەز يولۋاس ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى. تېخىمۇ چاتاق بولغىنى، ئۇلار كىشىلەرگە ئامېرىكا كەلگۈسىدە مەلۇم يادرو دۆلىتى ئىنقىلاب، ئىچكى ئۇرۇش ياكى سىياسىي يىمىرىلىشقا پېتىپ قالغاندا، مۇرەسسە ھاسىل قىلغان دۆلەت ئىچى يادرو كۈچلىرىنىڭ چېگرىدىن چىقىپ باشقا دۆلەتلەرگە كىرىشىدەك ئەھۋالغا تاقابىل تۇرالايدىغانلىقى ھەققىدە ئىشەنچ بەرمىدى.
بۇ خەۋپ-خەتەر تەكشۈرۈش ۋە پىلانغا موھتاج. ئەمما، پەقەت ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يوشۇرۇن ئىچكى تاشقى تارماقلىرىدىكى كىچىك كوللېكتىپلارنىڭ تەپەككۇرىنىڭ تەسىرىگە تايىنىپ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئىستراتىگىيە پىلانلاش تەلىپى سەل ئېشىپ كەتتى. پارلامېنت تەكشۈرۈش ئورگىنى، ئاقىللار ئامبىرى ۋە ئالىملار ئېلان قىلغان كۆز قاراشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىرتقى تەكشۈرۈشمۇ مۇھىم ئاقىلانە تەدبىر تەمىن ئېتىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى ئۇرۇشتا ئىپادىسى ناچار بولدى، سۇرىيە خىمىيىۋى قورالى مەسىلىسىدىكى پىلانىدا باش-ئايىغى كەمچىل، بۇنداق ئەھۋالدا، سىرتقى تەكشۈرۈش ھېچ بولمىغاندا ئامېرىكىلىقلار ھەمدە ئىتتىپاقداشلىرىنى بىز ئەندىشە قىلىۋاتقان، ھامان پارتلايدىغان  21-ئەسىردىكى بىرىنچى يادرو زەربىسى ياكى ئېغىر خەلقئارالىق رادىئاكتىپلىق ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قوللىنىشقا تېگىشلىك ھەرىكەتكە كەلتۈرىدۇ.
مەنبە: ئاپتورى بېننېت رامبېرگ جورجى ۋالكېير بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي-ھەربىي ئىشلار ئىدارىسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. خەلقئارالىق بىخەتەرلىككە ئالاقىدار نەچچە كىتابنىڭ ئاپتورى. (نەپرەت 2009 تەرجىمە قىلدى)


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53409
يازما سانى: 575
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9174
تۆھپە نۇمۇرى: 940
توردا: 1651 سائەت
تىزىم: 2011-8-27
ئاخىرقى: 2013-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 01:05:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوخشاشلا، جۇڭگو مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە، ھەربىي ھالەتنىڭ يۈرگۈزۈلىشى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونى ۋە چىڭخەيدىكى يادرو ئەسلىھەسىنى ئىشغال قىلىش سۇيقەستىنى توسۇپ قالدى.
ماۋۇ ئۇچۇرلار بىزنىڭ دىققەت قىلشمىزغا ئەرزىيدۇ.
1964-يىلى تەكلىماكان قۇملۇقىدا جوڭگونىڭ تۇنجى ئاتۇم بومبىسى مۇۋاپىقيەتلىك پارتىلتىلدى.....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-29 01:09 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91139
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1440
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 184 سائەت
تىزىم: 2013-2-4
ئاخىرقى: 2013-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 01:36:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىۋۇ ئىسرائىليە دىگەن سولامچى گۇيلارنىڭ خىمىيەلىك قۇرال ئىشلەتتى دەپ جاكارلىغىننى
ئۇ سولامچى گۇيلارنىڭ پەلەستىن خەلىقىنى بوزەك قىلىۋاتقانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ
ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرىنى دىمەيدىكەن ئەجەپ قىلىن سولامچىلار

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
duran18 + 20 توغرا دەيسىز

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

ھايات ھەربىر نەپەس ئۈچۈن ھېساب

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16558
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6839
تۆھپە نۇمۇرى: 363
توردا: 114 سائەت
تىزىم: 2010-11-6
ئاخىرقى: 2013-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 02:03:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە زىيان خەلىققە بولىدۇ دە.......

بەزىلەر ئەرلەرنى دەيدۇ باغىرى تاش،
سەۋەبى ئاددىيلا  تۆكمىگەچكە ياش.
ۋە لىكىن ئەرلەرمۇ مۇھەببەتكە باي،
مېھرى بەك ئللىقتۇر گوياكى  قۇياش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66149
يازما سانى: 388
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3313
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 248 سائەت
تىزىم: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2013-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 02:17:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ناچار قۇرالكەندە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75434
يازما سانى: 471
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3650
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-2-11
ئاخىرقى: 2013-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 02:27:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۇ  بەشەر  دېگەن  ئېت  كاللېسې  تېزراق  يېمېرېلسا بوللاتتې   ئېززا  تارتماي    كۇزۇمگە بەكلا  سەت  كۇرېنېدۇ ئۇ  ئېشەك  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33857
يازما سانى: 470
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6143
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 837 سائەت
تىزىم: 2011-3-14
ئاخىرقى: 2013-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 02:55:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ۋۇي،،،،،،،،،،بۇنداق خەۋەرلەرنىڭ 50پىرسەنتى يالغان ، نەخ مەيداندىن بىۋاستە تارقىتالايدىغان مۇخبىر بامۇ؟ بولسىمۇ  تارقىتالامدۇ؟ ئۆزلىرىنى نېمە قەبىھ شۇملۇقلانى قىلغىنىغا قارىماي باشقىلارنى باشقۇرۇش،پايلاش بىلەنلا ئاۋارىغۇ بۇ خەق ،، توۋا .....
ئىككى ئىتنى تالاشقا سەپ قويۇپ، ئوتتۇردىن سۆڭەڭ تېريدىغان ‹ئەقىللىق› قاقباشلارنىڭ دەستىدە ، راست يالغان ئارلىشىپ كېتىپ بارىدۇ، ...بولدىلا ئېنىق بلىمىگەندىكىن ئارتۇق بىلجىرلىماي،
ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى ئاللا  دىن ھەم دۇنيالىق ئىشلىرىمىزنىڭ ئاقىۋىتىنى خەيرلىك قىلىپ بەرگەي ، يەر يۈزىدىكى مۇسۇلمان بەندىلىرىگە ئاسانلىق بەرگەي، گاڭگىراپ ، ئېزىپ يۈرگەنلەرگە ھىدايەت نىسىپ قىلغاي، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hrustal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-29 02:57 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
duran18 + 20 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

پادىشاھ

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80202
يازما سانى: 572
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1088
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 258 سائەت
تىزىم: 2012-5-16
ئاخىرقى: 2013-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 03:19:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
قانۇن تۈزۈملەرگەئاڭلىق رىئايەقىلايلى!..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87759
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1068
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 131 سائەت
تىزىم: 2012-11-26
ئاخىرقى: 2013-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 04:15:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
a.sayrami يوللىغان ۋاقتى  2013-4-29 01:05 PM
ئوخشاشلا، جۇڭگو مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە، ھە ...

تەكلىماكان قۇملىقدا پارتىلغان ئاتوم بومبىسنى دۆلىتمىز ياسغانمۇ ياكى پاكىستاننىڭ بومبىسنى سىناق قىلىپ بەرگەنمۇ؟ ئەگەر جۇڭگۇمۇ ئۆزنىڭ ياسغان بومبىسنى دىيارىمىزدا پارتىلاتقان بولسا ئۇنداقتا تەكلىماكاندا ئىككى قىتىم ئاتوم بومبىسى پارتىلغان بولامدۇ؟

ياشاش بىر جەريان ئۆلۈم بولسا مۇقەرەر نەتجە ئۆلۈمدىن قىچقپ قۇتۇلغلى بولمايدىكەن ئۇنداقتا ئۇنىڭدىن قورقۇش نە ھاجەت!!!!!!!!!!!!!
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94315
يازما سانى: 365
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1027
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2013-4-4
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 04:21:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش