مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1642|ئىنكاس: 14

ئالتۇنۇمنىڭ قېشىغا ماڭدىم (2)ھېكايە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن ھامان پارتىلايمەن!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 1901
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 1223
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1179 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 06:04:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


سېنى ئالتۇنۇم دېمەيمەن
1
ھېكايە



-ۋەي!ياخشىمۇ جېنىم .
-ياخشى ، ئۆزەڭچۇ؟ئەلۋالىڭ قانداق ئۇماق .
-مېنىڭمۇ ياخشى ، ئەمما سىزنىڭ كەيپىياتىڭىز سەل ناچاردەك قىلىدۇ؟
ئۆزەمچە ھەيران قېلىپ يانفۇننى قۇلىقىمغا تۇتتۇم .
-بۈگۈن بەك سەزگۈر بولۇپ كەتتىڭمۇ قانداق؟كەيپىياتىم بۇرۇنقىدەكلا ،شۇنداق ياخشى مېنىڭ .
توۋا دەپ قالدىم ئىچىمدە ،قىزىقتە بۇ، مەن ئۇنىڭ مۇشۇ قىلىقىغا ئامراق،ئادەم كۈتمىگەن گەپلەرنى قىلىپ كاللىنى قايدۇرۇپ قويدى دېسە، قىزىقىش ئىچىدە ئۇنىڭدىن يەنە سورىدىم .
-ئېيتە ئۇماق، كەيپىياتىم قانداق ناچاركەن؟
-دېسەم خاپا بولمايسىز ھە؟
-نېمىشقا خاپا بولاتتىم ، سەن مېنىڭ ئۇمىقىم تۇرساڭ ،ھا!ھا!ھا!
شۇنداق دېگەچ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتتىم ، ئۇمۇ جاۋابىمغا قارىتا شۇنداق تاتلىق كۈلەتتى ،مەن ئۇنىڭ يەنە قانداق ئۇيۇن ئوينايدىغانلىقىنى كۈتۈپ تۇراتتىم ئەمما ئۇنىڭ  قىلغان گېپىنى ئاڭلاپ خوشاللىقىم قاياقلارغىدۇر يوقالدى .
-بۇرۇن تېلفۇننى ئالغاندا <<ئالتۇنۇم>>دەپ تېلفۇن ئالاتتىڭىز ، ئەمما يېقىننىڭ ياقى ئۇنداق دېمەيدىغان بولۇپ قالدىڭىز ، يەنە شۇنداق چاقارسىكەن دەپ ئويلىغانتىم .
ئۇنىڭ گېپىدىن بىر خىل نارازىلىق چىقىپ پۇرىقى چىقىپ تۇراتتى، نەچچە دەقىقە مەڭدەپ تۇرۇپلا قالدىم .
-ۋەي!ۋەي!
-ۋەي! مەن بار ئۇماق .
نېمىشقىكىن ئېغىزىم ئۇنى ئالتۇنۇمم دەپ چاقىرىشىمغا يول قويمايۋاتاتتى ، شۇڭا يەنىلا ئۇماق دەپ ئاتاۋەردىم، ئەمما ئۇنىڭ يەنە بىر ئېغىز گېپى مېنى سەل ئويلاندۇرۇپ قويدى .
-يەنە شۇنداق دەۋەتىسىزغۇ؟ ئالتۇنۇم دەپ قويغانغا نېم بولاتتىكى ، خوش! تېلفۇننى قۇيۇۋەتتىم .
-بولدى ، چاقچاق قىلىپ قويدۇم ، شۇنچىلىك ئىشقىمۇ ...
-مەن ئۈچۈن شۇنچىلىك ئىش ئەمەس ئي .
ئۇنىڭ ئاچچىغى كەلگەن چېغى ، گەپلەرنى زەردە بىلەن دەۋاتاتتى، ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك ؟توساتتىن ئەقىل تاپقاندەك بولدۇم.
-خاپا بولما كۈمۈشۈم نىمانداق نازۇكلىشىپ كەتتىڭ .
-سىز !ئادەمنى جىلە قىلىپ ...
ياقتۇرمىسا تۆمۈرۈم دەپ چاقىرارمەن دېگەن نىيەت بىلەن ئۇنىڭ قايتا ئېغىز ئېچىشىنى ساقلاپ تۇردۇم .
-بولدىلا ، چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە ھېلىقى زەگەرخانىدا كۆرۈشەيلى .
ماقۇلە ، كۈمۈشۈم ، ئۇمىقىم ھا!ھا!ھا!
شۇنداق دېگەن ئۇنىڭ بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ خوشلاشتىم .


راست گەپنى قىلسام يېقىننىڭ ياقى ئۇنى ئالتۇنۇم دەپ چاقىرىشتىن سەل يالتىيىدىغان بولۇپ قالدىم،ئەلۋەتتە بۇ مېنىڭ .ۇنىڭغا بولغان پاك مۇھاببىتىمنىڭ سۇسلىشىپ قالغانلىقىدىن ئەمەس بەلكى ....
سۆزلىسەم گەپ جىق ، ئۇنىڭ بىلەن يېڭى تۇنۇشقان چاغلىرىم ئىدى ، راست گەپنى قىلغاندا مەن ئۇنى بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالغانىدىم .<<كۆڭۈل دېگەن پادىشاھ،كۆيۈپ قالسا تارتىشا>>دېگەن گەپ ناھايىتى توغرا گەپ ئوخشايدۇ ،ئۇنىڭغا بولغان مۇھاببىتىم كۈنسايىن ئېشىپ بارماقتا ئىدى ، شۇڭا ئۇنىڭغا پات-پات سوۋغات ئېلىپ بېرەتتىم .ئاساسلىق سوۋغا قىلىدىغان بۇيۇملۇرۇم ئالتۇن بىلەيزۈك ، ئۈزۈك دېگەندەك نەرسىلەر ئىدى ، نېمىشقىكىن ئەيتاۋۇر ئۇ پەقەت ئاسقىلى ئۇنىمايتى، ئەما مەن  
-ئالتۇن دېگەننى شۇ سەندەك پەرى قىزلارنى تاقىسۇن دەپ ياراتقان ، مېنىڭ كۆڭلۈم ، تاقىغىنە  بەك يارىشىدۇ.
دەپ زورلاپ تاقىغۇزاتتىم، قىزىق ئىش، ئويلاپ باقسام شۇ چاغلاردا بەك گۆدەك .ئىكەنمەن ، بەلكىم ئۇ چاغلاردا ئالتۇن باھاسى ھازىرقىدىن كۆپ ئەرزان بولغاچقىمىكىن  ، ماڭا ئانچە ئېغىر كەلمەيتى ، ۋاقىتلار شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى، ئالتۇننىڭ باھاسىمۇ بارغانچە ئۆسىۋەردى ، ئامالسىزلىقتىن ئۇنىڭغا بېرىدىغان ئالتۇنلارنىڭ نورمىسىنى كېمەيىتتىم .ئەمما ئۇمىقىمنىڭ ئەقلى شۇ چاغلاردا يىتىلگەن بولسا كېرەك ، پات-پات ماڭا ئالتۇن ئۈزۈك ،بىلەيزۈك ... سوۋغا قىلمايدىغان بولۇۋالدىڭىزغۇ دەپ قوياتتى ، ئۆزۈمدە گۈناھ دەپ ئويلاپ قالاتتىم ئىچىمدە ، ئۇنىڭغا ھەددىدىن زىيادە ئامراقلىقىمدىن  مەندە نە چارە ،دېگىنىچە ئالتۇن ئېلىپ بەردىم.سۆزلىسەم كۈلگۈم كېلىدۇ، ئەينى چاغدا ئۇنىڭغا بولغان سەۋدالىقىمنى ئاشۇ ئالتۇنۇم دېگەن گەپكە مۇجەسسەملەپ ، ئاشۇنداق <<ئالتۇنۇم>>دەپ ئاتايتىم ، ئۇمۇ مېنىڭ مۇشۇنداق ئاتىشىمغا ئامراق ئىدى ،بۇرۇنقىدەك ئالتۇنۇم دەپ چاقارغان بىلەن لېكىن ئالتۇنۇم دېگەن سۆزگە قارىتا مەندە سەل ئۆزگىرىش بولغانىدى . بۇرۇنقى چاغلاردا ئۇنى سۆيگەنلىكىمدىن ئالتۇنۇم دەپ چاقارغان بولسام ، ئەمدىلىك بولغاندا ئۇمىقىمنىڭ قولىغا ، بوينىغا  تاقىۋالغان ئالتۇنلىرىغا ق، شۇنىڭغا خەجلىگەن پۇلۇمغا ئىچىپ سىرىلىپ ، ئىسىت  ئالتۇنۇم، ئىسىت پۇلۇم  دېگەن نىيەتتە ئالتۇنۇم دەپ چاقىراتتىم ، ئەمما ئۇ مېنى ئاشۇنداق ئەركىلەتتى دەپ گېپىم بىلەن ئۆز كۆڭلىنى خۇشال قىلاتتى، زاماننىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ ئالتۇنغا بولغان قىزغىنلىقىمۇ ھەسسىلەپ ئاشتى ،توۋا دەپ قالدىم ، بۇ قىز بالا ئالتۇنغا نېمانچە ئامراقتۇ ؟ھېلىمۇ تاقىمىغان پۇتىنىڭ بارماقلىرىلا قاپتۇ ،مۇشۇ كۆڭۈل دېگەننىزە ، كۆڭۈلكچەكلىكىمدىنغۇ ...
ئۇنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇ دېگەن ئالتۇن بۇيۇملارنى ئېلىپ بېرەتتىم، پۇلۇم سۇدەك ئېقىپ باراتتى ، پۇلۇم يېتىشمەي قالمىسۇن دەپ تاماكا چىكىشنى تاشلىدىم ، دوستلار بىلەن بىرگە جەم بولۇشۇپ ئانچە-مۇنچە ئىچىشىپ قۇيىدىغان چاغلىرىمىز بولىدىغان ،ئەمما ھازىر بۇنىڭدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەستى ، بىر ھىساپتا ياخشى بولدى دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە ، مۇشۇنىڭ باھانىسىدە ناچار ئىلللەتلىرىمنى تاشلىۋەتتىم،ئەممازە، مۇشۇ بەتخەجلىكتىن ئىبارەت بۇ كېسەلنى ئۆزەمگە يۇقتۇرىۋالدىم ، ئۆزەمگە بىر تىيىنلىىق نەرسە ئالسام كاشكى ، ھەمىسى شۇ ئۇمىقىمنىڭ خوشاللىقى ئۈچۈنلا بولاتتى . ھەر قېتىم ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئايلانغان چېغىمدا ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەر ئىككىمىزگە ھەۋەسلىنىپ قاراپ كېتەتتى .بۇنداق چاغلاردا ئۆزەمنى تولىمۇ بەخىتلىك ھىس قىلاتتىم ، ئۇمىقىمغا تېخىمۇ ئامراقلىقىم كېلىپ ئۆزەممۇ بىلەيلا بەدخەجلىك قىلىپ قۇياتتىم ، ئەمما ۋاقىت ئۆتكەن سىرى ئۇلارنىڭ كىمگە قاراۋاتقانلىقىنى بىلدىم ، ئەسلىدە ئۇلار ئۇمىقىمنىڭ تاقىۋالغان زىبۇ-زىننەتلىرىگە ھەۋەسلىنىپ قارايدىكەن ئەمەسمۇ  ؟ شۇنىڭدىن كىيىنكى بىر نەچچە قېتىملىق ئۇچرىشىشلاردا ئۇنىڭغا ئەمدى ئالتۇن تاقىماسلىقنى باشقا سوۋغات ئېلىپ بېرىدىغانلىقىمنى دېگەن بولساممۇ  ئۇ پەقەتلا ئۇنىمىدى . ھەر قېتىم زەگەر دۇكىنىدىن ئۆتكەن چېغىمدا ماڭا تاتلىق ئەركىلەپ ئۇ ئۈزۈكنى ئېلىپ بېرىڭ ، بۇ بىلەيزۈكنى ئېلىپ بېرىڭ دەپ تاس قالاتتى مېنى قاق سەنەم قىلىۋەتكىلى ، شۇڭا ھەر قېتىم ئۇنىڭ بىلەن كوچىغا چىققاندا ئامال بار زەرگەرخانىدىن ئۆزەمنى قاچۈراتتىم . قىز بالا بىلەن ئارلاشقىنىڭ مالىيە بىلەن ئارلاشقىنىڭ دېگەن گەپ زادى توغرا، كىم قويدى ماڭا مابەت-پابەت دېگەننى ، ئەمدىغۇ ئېغىزدا دەيدىكەنمىز، ئەمما ئادەم شۇ ھىسياتلىق مەخلۇق ئىكەن ، نېمە ئامال ،يەنىلا چىداي.
ئىچىم تولىمۇ ئاچچىق بولدى ، يەنىلا خەيىر دەپ ئۆتىۋەردىم ، ۋاقىت ئۆتكەن سىرى  مەن ئامال قىلالمىدىم ، ئۇ كۈندە دېگۈدەك ئالتۇن ماجىراسى قىلىپ بېشىمنى قايدۇرىۋەتتى ، يانچۇقلىرىم قۇرۇغدىنىپ قالغانىدى .ما ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسىشىچۇ تېخى ، تىك سىزىق بۇيىچە ، ئۆسۈپ پەلەككە تاقىشاي دېدىمىكىن ، نېمانچە قىممەتلىشىپ كەتتى بۇ كاساپەت ، ھېلى بىكار ئوت قۇيىۋېتىمەن ما ئالتۇن بازىرىغا، لېكىن شۇ ئۇمىقىمنى ئويلىسام ، تۇيۇقسىز بۇنداق  بولمىغۇر خىيالىمدىن يالتىيىپ قالىمەن ، ۋاي جېنىم دەپ قويسا ئالتۇنۇم ،ئالتۇنۇم دەپ ئېرىپلا كېتىپتىمەن ،گەپلىرىنىڭ ئاندىن تاتلىقلىقى قانداقمۇ ئۇنىسۇن ئادەمنىڭ كۆڭلى ئۇنى رەنجىتىشكە ، ئېلىپ بەرمەي دېسە قىيمىغان ئادەم ،ھەي!!!شۇلارنى خىيال قىلغاچ تۇيۇقسىز ئويلاپ قالدىم.
-ئەجەپ ئەجەپلىنەرلىك دېسە ؟ مەن ئۇنى ئالتۇنۇم دەپ ئەركىلەتكەن سىرى ئالتۇننىڭ باھاسى سەت ئۆسۈپ كېتىپ بارىدۇ دېسە؟توختا، بولماپتۇ ، ئەمدى ئۇنداق ئاتىماي ، كۈمۈشۈم دەپ ، ياق يەنلا ئۇمۇقۇم  دەپ ئاتاي، بىرە-بىرە كۈمۈشۈم دەپ ئەركىلىتىپ قۇيارمەن ، بەلكىم بىرە مەزگىل ئالتۇنۇم دەپ ئاتىمىسام ئالتۇن باھاسىمۇ شالاققىدە چۈشۈپ قالسا ئەجەپ ئەمەس ، ئۆزەمچە تاپقان ئەقىلدىن خۇش بولۇپ تىپچەكلەپ كەتتىم .كۆڭلۈمدە ئالتۇن باھاسىنىڭ  چۈشىدىغانلىقىغا ساراڭلارچە ئىشىنەتتىم .
-ھەنىم بولسا چۈشىدىغان بولدى بۇ كاساپەت ،چۈشسىغۇ خويمۇ ئوبدان بولاتتى، دوستلار بىلەن بىرگە جەم بولمىغىلىمۇ خېلى ئۈزۈن كۈنلەر بولۇپ قاپتۇ ...ئەمما زە  ئۇمىقىمنى پات-پات ئالتۇنۇم دەپ چاقىرمىسام مېنىڭمۇ يۈرۈكۈم ئېچىشىدىغان بولدىدە، ئىسىت ،ھەر قېتىم ئۇمىقىمنىڭ بوينىدىكى ئالتۇنلارغا قاراپ ھەي ئالتۇنۇم دەپ ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ ، تويماي-تويماي ئالتۇنۇم دەپ چاقىرىۋالاتتىم ، ئەمدىلىك شۇ ئالتۇنلار ئۇمىقىمنىڭ قوللىرىدا ، بوينىدا جۇلالىنىپ تۇرسىمۇ ...بولدىلا دەردىمنى ئىچىمدىلا بىلەيمبۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر دەپ تۇرمايمەنمۇ ، مېنىڭمۇ ئاشۇنداق چاقارغىم يوق دەمسىلەر، ياق مېنىڭمۇ ئىچىم ئاغرىيدۇ شۇڭ ئالتۇنلىرىمغا ،خەپ ئالتۇن ،خەپ ئالتۇن  مۇھاببەت يولىدا ئادەمنى شەخسىيەتچى قىلىپ قويدۇڭغۇ؟ئۇققان بولسام باشتىلا جىقراق ئېلىۋالاركەنمەن ، توي ئاغرىقىدىنمۇ قۇتۇلاتتىم ، تېخىى ئانچە -مۇنچە ئالتۇن سودىسىمۇ قىلىپ...ھا!ھاھا! بولدىلا نېمىلەرنى خىيال قىلىپ كەتتىم مەن .
،ھەي !توي قىلالماسمەنمۇ دەپ دەككە -دۈككە ئىچىدە ياشايدىغان بولۇپ قالدىم ھازىر ، توي قىلماي تۇرۇپلا بۇنچىلىك ئالتۇن چىقىپ بولۇۋاتسا توي قىلغاندىن كېيىىن قانچىلىك ئالتۇن تارتامەن ئۇمىقىمنىڭ تويلىقىغا ،توي قىلماي تۇرۇپ بۇنچىلىك تويغۇزىۋەتسە توق قىلغاندىن كېيىن ئىش بار ئوخشايدۇ جۇمۇ.ياق  ھېلىمۇ كىچىكمەيمەن ، چىداي، ئۇنى ئۇمىقىم دەپ چاقىراي، مەنشۇ كۆكۈپ كېتەرمەن ، ئەمما ئۇ، ئۇمىقىم قانداق قىلار، ئالتۇنۇم دەپ چاقارمىسام كۆڭلى غەش بولىدۇ ، مەنمۇ كۆڭلىنى رەنجىتىشنى خالىمەيمەن ئەلۋەتتە .
كۆڭلۈمدە ، كىيىنچە چۈشىنەر دەپ ئويلاپ مېڭەمدىكى ئالتۇنۇم دېگەن ئاتالغۇنى يۇيىۋەتتىم.شۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە قېتىملىق ئۇچرىشىشتا ئۇنى ئۇمىقىم دەپ چاقىرېۋەردىم ،گەرچە ئۇ سەل نارازى بولغاندەك قىلسىمۇ لېكىن ئارتۇق گەپ قىلماي يۈرىۋەردى ، بىران يېقىنننىڭ ياقى ، نېمىشقا منى ئالتۇنۇم دېمەيسىز دەپ كۆزۈمگە كىرىپلاۋالدى .مانا بۈگۈنمۇ ئەتەي شۇ توغرىلىق مەن بىلەن سۇقۇشلىرىدىن ئۆرگىلەي ، كالللامنىڭ ئىچىمۇ ،تېشىمۇ قېتىشقا باشلىدى .بولدىلا ، دەپ ئويلىدىم بىردەملىك سۈكۈتتىن كىيىن ،بەك بولمىسا كۈمۈشۈم دەپ ئەركىلىتىپ قۇيارمەن ، ئەگەر بۇنىڭغا كۆنمىسە كۈمۈشۈم دەپمۇ ئاتاپ يۈرمەيمەن ، بەلكىم تۆمۈرۈم دەپ چاقىرارمەن ،ھا!ھا!ھا!
ئادەم دېگەن ئاجايىپ ھە ! مۇشۇنداق قايغۇنىڭ ئىچىدىن ئۆزىگە خوشاللىق تاپسا بۇڭنىڭدىن ئارتۇق بەخىت بارمۇ .بىردەملىك خىيال قاينىمىغا چۆكۈپلا كېتىپتىمەن ، قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن تاڭ بىلمەيمەن ، ئويغانسام سائەت خېلى بىر يەرەە بېرىپ قاپتۇ .
ئاپلا !دېدىم ئىچىمدە،ئۇنىڭ بىلەن سائەت ئۈچتە كۆرۈشمەكچى ئىدىم، يەنە يېرىم سائەت قاپتۇ ئەمەسمۇ؟ ھاپىلا-شاپىلا ئۆزەمنى بىرە قۇر تۈزەشتۈرۈپ زەگەرخانىغا ماڭدىم ،شۇ تاپتا ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشىدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆڭلۈم خوش ئىدى ، چۈنكى مەن يېقىندىن بۇيان  ئۇمىقىمنى ئالتۇنۇم دەپ ئەركىلەتمىدىم ئەمەسمۇ ؟ئوۋ راست،ھازىر ئۇمىقىم دەپ ئەركىلىتىۋەرسەم كېيىنچە ئۇماقلارنىڭ باھاسىمۇ ئۆسۈپ كەتمەس ھە ؟ھا!ھا!ھا!
ئۆزەمچە قىلغان ساددا خىيالىمدىن يەنە بىر قېتىم قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتىم، ئاجايىپ بالا جۇمۇ مەن دەپ ئويلاپ قالدىم ئىچىمدە .ھەيال ئۆتمەيلا زەەەرخانىغا كىردىم ، قارىسام ئۇ مېنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ ، كىرىشىمگىلا
-كەلدىڭىزمۇ جانىم .
ئۇ شۇنداق دېگەن مېنىڭ قولۇمنى چىڭ تۇتىۋالدى . شۇ تاپتا ئادەم بولمىغان بولسا ئۇنى بىر قۇچاقلىۋالغىم بار ئىدى،ئۇنىڭ مۇشۇ گېپى يۈرۈكۈمنى ئويناقشىتىۋېتىدۇ دېسە.
-قانداراق ئۇمىقىم ، ياخشى تۇردۇڭمۇ؟كۆرۈشمىگىلى بىر كۈن بوپتۇ سېغىنغاسەن مېنى .ھا!ھا!ھا!
-سېغىنمامدىغان جانىم، ئەمما سىزدىن بەكراق ئاشۇ ئالتۇنۇم دېگەن سۆزىڭىزنى تولىمۇ سېغىندىم ، بۈگۈن بىر دەپ قۇيۇڭە ئالتۇنۇم دەپ .
ئۇ شۇنداق دېگەچ دومسىيىشقا باشلىدى .
-ئۇمۇقۇم ، كۈمۈشۈم ، قانداق خۇش بولدۇڭما ؟
-سىز ، قەستەن...
-بولدىلا ، ماڭە قايسى خىلدىكى ئۈزۈكنى ئالىسەن .
ئۇ خېلى ئۇزاق تاللىغاندىن  كېيىن ، ناھايىتى سىپتا ئىشلەنگەن بىر ئۈزۈكنى مۇلازىمنىڭ ئېلىپ بېرىشىغا بۇيرۇدى.
-ئاۋۇنى ئېلىڭ، ھەئە، شۇنى دېدىم .
-قاراڭە قولۇمغا يارىشىپتىمۇ ؟سىزمۇ تاللىشىپ بېرىڭە، بۈگۈن نېمانداق شۈكلىشىپ كەتتىڭىز ؟
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە قولىدىكى ئۈزۈكنى ئۇيان -بۇيان چۆرۈپ باقاتتى .
-بىر ئۆتۈنەي، ئۈزۈكۈڭ يارىشىپتۇ دەپ بىر قېتىم بولسىمۇ دەپ قۇيۇڭغۇ؟
مەن ئۇنىڭ سۆزىگە جاۋاپ بەرمەستىن بۇ ئۈزۈكنىڭ باھاسىنى سورىدىم.
.......................
نېمە؟
كاللامغا پاققىدە بىرنى قۇيۇپ جايىمدا قېتىپلا قالدىم، بۇ قېتىمقى باھا راستىنلا كىشىنى چۆچىتەتتى .
-تويلۇق ئۈزۈكتى ئەمەسمۇ بۇ،ئىسىت قانداق قىلارمەن ئەمدى ، بالدۇراق ئېلىۋالسام بولاتتىكەن ، تېخى نەچچە كۈن بۇرۇنلا ...بولدىلا قالغىنىنى كېيىن كۆرەرمەن .
-ئالتۇنۇم  دەمسىز يوق ، ئەگەر بۇ قېتىم ئالتۇنۇم دېمىسىڭىز راستىنلا سىزدىن رەنجىپ قالىمەن جۇمۇ .
ئۈنۈم ئىچمگە چۈشۈپ كەتتى ، بەلكىم مۇشۇ قېتىم مال -دۇنيانى مۇھاببەتتىن ئۈستۈن قويغان ۋاقتىم بولسا كېرەك.تاس قالدىم ، توينى ئەمەلدىن قالدۇرايلى دېگىلى ، ئەمما ئۆزەمنى زورىغا بېسىۋېلىپ گەپمۇ قىلماستىن ئۇ يەردىن ئايرىلدىم .
كاللام قۇپقۇرۇق ، پەقەت بىرلا گەپ مېڭەمدە قايتا ئەكىس ئېتەتتى ،
-سېنى ئالتۇنۇم دېمەيمەن ، سېنى ئالتۇنۇم دېمەيمەن ، سېنى ئالتۇنۇم دېمەيمەن!!!

ئالتۇنۇمنىڭ قېشىغا ماڭدىم


2


ئاڭلىدىڭلامۇ ، ئالتۇنىڭ باھاسى چۈشۈپتۇ
-شۇنى دەيمەن بىراقلا شۇنچە تۆۋەنلەپ كەتكىنىنى قارىمامدىغان، مەھەللىمىزدىكىلەرمۇ بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي تۇشمۇ-تۇشتىن ئالتۇن بازىرىغا سەلدەك ئېقىپ كىرگىلى تۇردى .
- مەنمۇ نەچچە يۈز گىرام ئېلىپ قويدۇم ، شاپاقنىڭ نەرقىدە بولغانكىن ، كىيىنچە ئەسقاتىدۇ ،
-نىيىتىڭلار دۇرۇس بولسۇن قېرىنداشلىرىم ، بۇ ئالتۇنلارنىڭمۇ قىيامەتتە سورىقى بولىدۇ ، ھامان بىر كۈنى (ئۈنچە-مارجان تاش ئىكەن، ئارپا تېرىق ئاش ئىكەن) دەيدىغان چاغلارمۇ كېلىپ قالىدۇ .
توساتتىن ئەتراپىمدا جاراڭلىق ئاۋازلىرى بىلەن بۇ ئالتۇنخۇمارلارغا تەربىيە قىلىۋاتقان بۇ يۇچۇن كىشىگە لەپپىدە قاراپ قويدۇم ، راست گەپنى قىلسام ئاشۇ ئەڭ ئاخىرقى زەگەرخانىدىكى كۆرۈشۈشتىن كېيىن قىز دوستۇم بىلەن بولغان مۇناسۋېتىم ئانچە ياخشى بولمىغانىدى .ئەمما مەن پۈتكۈل سەۋەپنىڭ ھەممىسىنى شۇ نىجىس ئالتۇننىڭ كاساپىتىدىن كۆرگەچكىمۇ، ئالتۇن چاغلىق نەرسىگە ، ئالدىمدا ئالتۇننىڭ گېپىنى چىقارغان كىشىگىمۇ شۇنچە ئۆچلۈك قىلاتتىم .باياتىن بېرى ماۋۇلارنىڭ گېپىگە ئاران چىداپ ئولتۇرغانتىم ، يەنە بىرە ئېغىز ئارتۇق ۋااقشىپ قالسا  كۆرگۈلىكىنى كۆرسىتەمەن  دېگەن نىيەت بىلەن چىداپ تۇرسام  ، قاياقلاردىندۇ كەلگەن كىشىنىڭ بىر ئېغىز گېپى بىلەن  ئۇلار جىملا بولۇپ قېلىشتى ، مەنمۇ ئاچچىغىمىنى ئاستا يىغشتۇرۇپ قويدۇم.يەنە ئەسلەش يەنە سېغىنىش ، نېمىشقىكىن ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلغان شۇ كۈندىن باشلاپ قەلبىم ئازاپ دېڭىزىدا ئۆرتەنمەكتە ، شۇ چاغلاردىكى مەنزىرە مەڭگۈ كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ .
- سېنى ئالتۇنۇم دېمەيمەن ، سېنى ئالتۇنۇم دېمەيمەن !!!
-نېمە بولدى ، كىمنى ئالتۇنۇم دېمەيسىز؟
-سېنى ،سېنى ئالتۇنۇم دېمەيمەن.
-چۈشەنمىدىمغۇ ، ھېلىمۇ نەچچە كۈنلەر بولۇپ قالدى ، ئالتۇنۇم دەپ چاقارمايدىغان بولۇپ قالدىڭىز ،
-ئەمدى چاقارمايمەن ، پەقەت چاقارمايمەن ،
-مۇنداق دەڭ ، بۇ ئۈزۈكنى ئېلىش ئېغىر كەلگەن ئوخشىمامدۇ ، سىزگە ؟
ئۇنىڭ بۇ گېپى جېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى ،نېمىشقىكىن قىزلارنىڭ مېنى پىخسىق دېيىشىنى خالىمايتىم .
- قانداق بۇنىڭدىن كېيىن ھېلىغۇ ئالتۇنۇمكەن كۈمۈشۈم دەپ چاقارمەيمەن ، ئەگەر خالىمىساڭ...
گېپىمنىڭ ئاخىرىنى دەرھاللا يۈتىۋەتتىم ، كۈتۈلمىگەن نەتىجىنىڭ يۈز بېرىشىنى پەقەتلا خالىمايتىم ، غەزەپ ئېچىدە خىرە كۆرۈنۈپ تۇرغان ئويچان كۆزلىرىمنىڭ قۇيرۇقىدا ئۇنىڭغا قارىدىم .ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرىدا ياش ئەگىپ قالغانىدى.  
-قېنى ... گېپىڭىزنىڭ ئارقىسىنى دېمەمسىز ، ئالتۇنۇم دېمىسىڭىزغۇ مەيلى  ، لېكىن مەن بۈگۈنكىدە كۈندە سىزنى بىر قېتىم بولسمۇ مېنى  ئالتۇنۇم دەپ چاقىرتىپ ئەركىلىتىپ قۇيىدۇ دەپ ئويلىغانتىم ، لېكىن بۈگۈندىن باشلاپ كۈمۈشۈممۇ دېمەيدىكەنسىز ، ئۇنداقتا مەن سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە نېمە ؟ تاشلاندۇق تۆمۈرما ؟ بولدى ، ئىشىمىز تۈگىگەن ئوخشايدۇ ،بىز ۋاقتىقنچە كۆرۈشمەي تۇرايلى .
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە يىغلىغان پېتى يۈگرەپ كېتىپ قالدى، ئويلىماي دەپ سالغان شۇ بىر ئېغىز گېپىمنىڭ مېنى شۇنچىلىك ئاھاپلارغا سېلىشىنى نەدىن بىلەي ، شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭغا نەچچە رەت تېلفۇن قىلغان بولساممۇ  لېكىن ئۇ ئىزچىل ئۆزىنى مەندىن تارتىپ يۈردى ، كۆڭلۈمدە ئۇنىڭ باشقىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىدىن قورقاتتىم ، ئۇ ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىدى مۇنۇ ئالتۇنخۇمارلارغا ئالتۇن قانچە ئۇز كۆرۈنسە ئۇمۇ ماڭا ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق كۆرىنەتتى ، ئەمما ، مەن نېمىشقا ئۇنى ئالتۇندىن چارە كۆردۈم ؟ ئۆزەممۇ ھەيران .ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆزلىرىمدىن قان ئاقماقتا ، ھەممىسى مۇشۇ ئالتۇننىڭ ئىشى ، خەپ كىممۇ  بايقىغان بولغىيتى ،كىممۇ خانىم قىزلارنىڭ بوينىغا ئاسسۇن، قولىغا سالسۇن دېگەن بولغىيتى ،تەدىرىجى ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئارلىقىمنىڭ يىراقلىشىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم،ئۇ ھامان چۈشىنىدۇ دەپ ئويلايتىم ئىچىمدە ، كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇنىڭغا بولغان سەۋدالىقىم بارغانچە كۈچىيىشكە باشلىدى ،ھەممە نەرسە ئايرىلغاندا قەدرى ئۆتۈلىدىغان گەپكەن ، لېكىن ئامال قانچە ئۇنىڭغا پەقەت تىلفۇندىلا ناماقۇل بولالايمەن ، ئەرلىك غۇرۇرۇم مېنى ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ ناماقۇل بولۇشۇمغا يول قويمايدۇ ، كۈنلىرىمنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بىر خاراكتىرنى يىتىلدۈرۋالدىم ، نېمىشقىكىن ھەر قېتىم ئالتۇنلارنى كۆرگىنىمدە ئۇنىڭ سېماسى كۆز ئالدىمدا ئەكىس ئېتىدىغان بولۇپ قالدى،ئاجايىپ جاھاندە بۇ ئالتۇنغا شۇنچە ئۆچلىشىپ كەتتىميۇ لېكىن ئۇنى سېغىنغاندا ئالتۇندىن ئۇنىڭ سىماسىنى ئىزدەيمەن  ، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىپ تالاي زەگەرخانىنىڭ ئالدىدىن ئۆتتۈم ، شۇنچە ئۇزاق تۇرۇپ كېتىمەن ئۇ زەگەرخانىلارنىڭ ھالدىدا خۇددى بىرسى ئالدىمغا چىقىپ قالىدىغاندەكلا ، يەنە ئۆزەممۇ سەزمەيلا ئىچىمدە نەچچە مىڭنى قارغاپ كېتىمەن ، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىشىمگە سەۋەپچى بولغان زەگەرخانا ،ئاشۇ يالتىراپ تۇرغان ئالتۇنلارغا قاراپ نەچچە سائەتلەپ پوكەيگە ، تاملارغا يۆلىنىپ قالغانلىقىمنى بىلمەيمەن  ، سېغىنىش پىراقىدا ئۆرتىنىپ سەۋدالىق ئتلىرى يۈرەكنى پۇچۇلاۋاتقان شۇ دەقىقىلەردە ھەممە كىشىلەرنىڭ ئاغزىدا ئالتۇننىڭ گېپى ، قۇڭلاقلىرىمغا مۇش ئۇرغاندەك ئاڭلىنىدۇ دېسە ،بەزى چاغلاردا ئۆزەمدىن پەخىرلىنىپمۇ قۇياتتىم ، مۇھاببەت كاللامنى ئېلىشتۈرۋەتكەن بولسا كېرەك ، ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى مېنىڭ ئۇنى ئالتۇنۇم دەپ چاقارمىغانلىقىمنىڭ پايدىسى دەپ ئويلايتىم .لېكىن ئۇلار ئۆزىنىڭ خوشاللىقى بەدىلىگە مېنىڭ قىزدوستۇمدىن ئايرىلىپ كېتىشىمگە ، ھىجران ئازابىنى تارتىشىمغا سەۋەپچى بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ ، بۇنداق پەخىرلىنىشلار بىردەمدىلا غەزەپكە ئايلىناتتى .مانا ، نەچچە كۈن بولدى يول-يوللاردىكى ئالتۇن بازارلىرى جانلىنىپ كەتكەن ، كىشىلەرنىڭ بويلىرىدىكى ئالتۇنلارمۇ بىر بىرىدىن سەرخىل ، بۇرۇن يايرىمنىڭ سىماسىنى  زەگەرخانىدىكى ئالتۇنلاردىن كۆرسەم ئەمدىلىكتە بولسا  كىشىلەرنىڭ ئىسىۋالغان ئالتۇنلىرىغا قارىساملا ئۇنىڭ مىسكىن چىرايى كۆز ئالدىمدا پەيدا بولىدۇ  .نەچچە خانىم -قىزلارنىڭ ئالتۇنلىرىغا قاراپ ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن  ، ئۇ خۇددى ئاشۇ ئالتۇننىڭ ئىچىدىن ئېتىلىپ چىقىپلا باغرىمغا ئۆزىنى ئاتىدىغاندەك قاراپ كېتىمەن ،بۇنىڭ بالاسى ئۈچۈن نەچچە كىشى بىلەن ئازارلىشىپمۇ قالدىم ، قىزلار بولسا نېمە ئادەمگە بىزىرىپ قاراپ تۇرىدىغاندۇ دەپ ساراڭ دېگىنىچە كېتىپ قالاتتى ، ئوغۇللار بولسا نېمە مېنىڭ قىز دوستۇمغا كۆز ئالايتىدۇ ماۋۇ گۇي دەپ ياقا يىرتقىلى تۇراتتى ، كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ساراڭمۇ بولدۇم ، لېكىن مېنىڭ ئالتۇنغا قاراپ ئۇنىڭ سىماسىنى ئىزدەيدىغان خارەكتىرىم يوقالمىدى،شۇنىڭ بىلەن  پات پات كىشىلەرنىڭ بەدىنىمنى قاشلاپ تۇرىشىغىمۇ
مۇيەسسەر بولدۇم .ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ، كىشىلەرنىڭ ئالتۇنغا بولغان
ئېھتىياجىنى ئاشۇرىۋەتكەن بولسا كېرەك،ھەتتا ئىككى يىگىت بىر يەرگە كەلسىمۇ گەپنىڭ نىگىزى يەنىلا شۇ ئالتۇندا بولاتتى .
-ھۇت لاتىلار دەپ قالاتتىم ئىچىمدە،يىگىتلەرنىڭ يۈزىنى چۈشۈرۈپ قىلىدىغان ئىشى يوق بەچچىغەرلەر،قولىغا  سېلىۋالغان ئالتۇنلىرىنىغۇ بوپتۇ دەي، بىر قۇلىقىنى تېشىۋېلىپ ھالقا ئېسىشۋېلىشلىرىنى نېمە دەي ئەمدى. ئەنە ئالدىمدا ئىككى يىگىت كېتىپ بارماقتا ، ئىككىلىسى بىردىن  قۇلىقىنى تېشىۋاپتۇ ، يېنىمدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ماۋۇ خانىم -قىزلارچۇ تېخى ، بىر قۇلاقنى ئۈچ يەردىن تېشىۋاپتۇ دېسە، جاڭگۇل-جۇڭگۈل ساڭگىلىتىپ  ، ھېلىمۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاران ماڭىدىكەن ، ئوھوي ئاۋۇيەردە مودا خېنىمدىن بىرسى تۇرامدۇ نېمە ؟ قۇلاقلىرىدىن ئېشىپ كىندىكىگىمۇ ....ھا!ھا!ھا! بۇرۇنقى چاغلاردا چۈلۈك دەپ كالىنىڭ بۇرنىنى تېشىپ تۆمۈر ھالقىلارنى ئۆتكۈزۈپ قۇياتتىكەن ، ئەمدى ماقىزلىرىمىز بۇرۇنلىرىغىمۇ ھالقا ئۆتكۈزىۋاپتۇ دېسە .ھەي! يەنە تاقىمىغان نەلىرى قالدىكى بۇلارنىڭ .، ئوھوي ما كارامەتنى كۆرمەمدىغان ، ئەرمەك ھايۋانلارنىڭ قۇلارلىرىدىمۇ بۇيۇنلىرىدىمۇ ئالتۇن دېسە ، چىشىدىمۇ بارمىدۇ ئالتۇن  ، مېنىڭچە يوق جۇمۇ ، كىشىلەر ئاۋال ئۆزىنى بىزەپ بولغاندىن كېيىن مۇشۇنداق ئەرمەكلىرىنى بىزەيدۇ  ، قارىسامغۇ ھىچ بىر كىشى ئېغىزىنى ئالتۇندا بىزىگەندەك ئەمەس  بولمىسا ، يا  ئۇلارنى ھىجىيىڭ دېگىلى بولمىغان .
ئۆزەمچە كىشىلەرنىڭ ئالتۇن تاقىۋالغاندىكى قىياپىتىنى مازاق قىلپ كېتىپ باراتتىم ، توساتتىن قەدىمىم توختاپ قالدى ، ئەنە مەن ئۇنىڭ بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشكەن زەگەرخانا ، ئۇ لەرزان قەدەملىرى بىلەن ئاستا-ئاستا ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتمەكتە ، قەلبىم ھاياجانغا تولغان ، توساتتىن ئويلاپ قالدىم .
-قىزىق ئىش ئۇنىڭ بۇيۇنلىرىدا ئالتۇنمۇ يوق ، ئەجىبا مەن ئېلىپ بەرگەن ئالتۇنلارنى ...ھەر قانچە بولسىىمۇ سېتىۋەتمىگەندۇ،  ئۇنداق بولىشى مۇمكىن ئەمەس ، ھازىر كىمنىڭمۇ ئالتۇن ساتقۇسى كەلسۇن ، مېنىڭدىن ئۈمۈدىنى ئۈزۈپ ئەتەي تاقىمىدىمۇ يا ؟ ھەي ! بەلكىم شۇنداق ئوخشايدۇ ، ئالتۇن ئىشقى ئۇنىڭ دىلىغىمۇ چۈشكەن گەپ ، شۇڭا ئالتۇن سېتىۋالغىلى بۇيەرگە كەلگەن چېغى .
ئۇ ھايان بولمايلا زەگەرخانىدىن چىقتى ، يەنە شۇ پېتى ، ئادەتتە زەگەرخانىغا كىرگەنلەر قۇرۇق چىقمايتى ،لېكىن ئۇ باشتا قانداق كىرىپ كەتكەن بولسا ھازىر شۇنداق يېنىپ چىققان ئىدى . ئۇىنڭغا قاراپ تۇرۇپ قالغان شۇ دەقىقىدە ئۇنىڭ كۆزى بىلەن مېنىڭ كۆزۈم ئۇچرىشىپ قالدى ،ئۇنىڭ خىيالچان كۆزلىرىگە قاراپ يۈرۈگۈم ئېغىپ كەتتى ، چىرايى شۇنچىلىك غەمكىن ، بۇرۇنقى گۈلدەك ئېچىلىپ تۇرغان چىرايىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن نېمىلەرنىدۇر ئىشقىلىپ ئادەم تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان بىر خىل ئىنتىزارلىقنى كۆرىۋالغىلى بولاتتى ، ئەجىبا  ،ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش  كۈنلىرىنى سېغىنىش ئىچىدە ئۆتكۈزگەنمىدۇ؟ ئاھ ! سۆيۈملۈك ئالتۇنۇم ، يۈرىكىمنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم ، قانچىلىك ۋاقىت  تىكىلىپ  قاراشتۇق بىلمىدىم .بىردەمدىن كېيىن ئۇ مەندىن كۆزىنى ئۈزگەن ھالدا كېتىپ قالدى ، يۈرۈكۈم قارتلا قىلدى ،ئۇنىڭ مەن ئۈچۈن چەككەن جاپالىرى قەلىپ ئېكرانىمدا ئەكىس ئېتىشكە باشلىدى ، ئۇنىڭ قارىسى يۈتكىچە ئۇنىڭ يولىغا قاراپ تۇردۇم ، بۇ دۇنيادا خۇددى  مەن بىلەن ئۇ قالغاندەك ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ گۈپۈلدەپ سۇقۇشى سەلكىن شاماللارنىڭ ئەلچىلىك چىلىشى بىلەن قۇلاق تۈۋۈمدە جاراڭلاپ تۇراتتى .شۇئانلا زەگەرخانىغا قاراپ  يول ئالدىمدە ھېلىقى مەن ئەينى چاغدا ئېلىشتىن يالتايغان ئالتۇننى قولۇمغا ئالغىنىمچە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈردۇم ، كىشىلەرمۇ مېنىڭ نەگە ماڭغانلىقىمغا ھەيران ، خۇشاللىقىمدىن ھەممە كىشىلەرنى بەھىرمان قىلاي دەپ ئاستا شاماللارغا پىچىرلاپ قويدۇم .
-مەن ئالتۇنۇمنىڭ  قېشىغا ماڭدىم .


https://uyghur-archive.com/misranim/thread-88542-1-1.html


مەنبەسى : ئەپچىلەم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ap~qilam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-27 10:04 AM  


كىـشــى مــېنـى كـىــشى دېـــسە كـىـشـى مـېـنـىڭ كىـشمىــشىم، كـىشـى مېـنــى كـىـشـى دېـمـىـسە كىـــشى بــىلـەن نېمـــە ئىــشـىم .→مەرھابا 21 باھارىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89923
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 242
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 72 سائەت
تىزىم: 2013-1-11
ئاخىرقى: 2013-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 02:52:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41116
يازما سانى: 819
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12807
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 409 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 04:27:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەپچىلەم ئىنىم ،قەلمىڭىز بارغانسىرى پىشۋاتىدۇ .تىرىشچانلىق سىزگە يار بولسۇن

قەلەمىي بېلوگى

ئەسەرلىرىمدىن زوقلىنىڭ ئىجادىي ئەمگەكلىرىمگە ھۆرمەت قىلىڭ

ئادەم ھامان ئۆلىدۇ

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23296
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6447
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 110 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2013-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 04:45:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
بۇ كونىلارنىڭ ئاغزى بالاكەن جۇمۇ، ئىشىكىڭ ئەنسو، قوشناڭ خەنسو دىگەن ماقال بار ئىدى. ئەمىلىيلىشىپ بولدى دىسە. مەن بۇندىن كىيىن بۇنداق كەلگۈسىنى ئىپادىلەيدىغان ماقال قالدۇرماسلىقنى قارار قىلدىم
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95050
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 145
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2013-4-19
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 06:06:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 318
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 271 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 06:54:02 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ.

بۈگۈنكى خورلۇق  ئەتىدىكى ئىسيان

مۇنبەردە ئىتنىڭ باللىرى باركەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 842
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8075
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1938 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 06:56:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يىزىپسىز ! قەلىمىڭىز توختاپ قالمىسۇن .

چىشىمغا تەگمە !

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2388
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18228
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5945 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2013-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 09:57:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا ،مىنى مەلىكەم دەپ چاقىراتتى ،مەلىكىنىڭ باھاسى ئۇسۇپ كەتمەس ھە؟

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 6643
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 37167
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 2889 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 10:05:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلى قىزىقارلىق،جەلپ قىلارلىق چىقىپتۇ ھېكايىڭىزنىڭ.....
يازمىلىرىڭىزنى شۇنداق ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن............

تىرىكلىك پەيتىنى غەنىيمەت بىل،دەم -ئۇشبۇ دەمدۇر،بۇ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى ياندۇرغىلى بولىدىغان دۇنيا ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 2436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11480
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 906 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 10:06:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1670154432 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-27 09:57 PM
ئاللا ،مىنى مەلىكەم دەپ چاقىراتتى ،مەلىكىنىڭ باھاسى ئ ...

ياقەي تۆكمە بوپ كەتمىسىلا مەيلىغۇ

ئەپچىلەم ئاداش باغانسىرى ياخشى ئەسەرلەرنى يىزىۋاتىدۇ جۇمۇ .

ئەتىكى ئازاپنىڭ سەۋەپچىسى بولغان بۈگۈنكى خۇشاللىقنىڭ نىمە كىرىگى!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش