سېنى ئالتۇنۇم دېمەيمەن
ھېكايە
-ۋەي !ياخشىمۇ جېنىم .
-ياخشى ،ئۆزەڭچۇ؟ ئەھۋالىڭ قانداق ئۇماق .
-مېنىڭمۇ ياخشى ، ئەمما سىزنىڭ كەيپىياتىڭىز سەل ناچاردەك قىلىدۇ؟
ئۆزەمچە ھەيران قېلىپ يانفۇننى يەنە قۇلىقىمغا تۇتتۇم .
-بۈگۈن بەك سەزگۈر بوپ كەتتىڭمۇ قانداق؟ كەيپىياتىم بۇرۇنقىدەكلا ،شۇنداق ياخشى مېنىڭ .
توۋا!دەپ قالدىم ئىچىمدە ، قىزىقتە بۇ، مەن بۇنىڭ مۇشۇ قىلىقىغا ئامراق ، ئادەم كۈتمىگەن گەپلەرنى قىلىپ كاللىنى قايدۇرۇپ قويدى دېسە ، قىزىقىش ئىچىدە ئۇنىڭدىن يەنە سورىدىم .
-ئېيتە ئۇماق ، كەيپىياتىم قانداق ناچاركەن ؟
-دېسەم خاپا بولمايسىز ھە؟
-نىمىشقا خاپا بولاتتىم ،سەم مېنىڭ ئۇمىقىم تۇرساڭ ،ھا!ھا!ھا!
شۇنداق دېگەچ چاچاقلاپ كۈلۈپ كەتتىم ، ئۇمۇ جاۋابىمغا قارىتا شۇنداق تاتلىق كۈلەتتى ،مەن ئۇنىڭ يەنە قانداق ئۇيۇن ئوينايدىغانلىقىنى كۈتۈپ تۇراتتىم، ئامما ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ خوشاللىقىم قاياقلارغىدۇر يوقالدى .
-بۇرۇن مېنىڭ تېلفۇنۇمنى ئالغاندا ،<<ئالتۇنۇم>>دەپ تېلفۇن ئالاتتىڭىز، ئەمما يېقىننىڭ ياقى بۇنداق دېمەيدىغان بولىۋالدىڭىز، يەنە شۇنداق چاقاسىكەن دەپ ئويلىغانتىم .
ئۇىنڭ گېپىدىن بىرخىل نارازىلىق پۇرىقى چىقىپ تۇراتتى ، نەچچە دەقىقە مەڭدەپ تۇرۇپلا قالدىم .
-ۋەي !ۋەي!
-ۋەي ! مەن با ئۇماق .
نىمىشقىكىن ئېغىزىم ئۇنى ئالتۇنۇم دەپ چاقىرىشقا يول قويمايۋاتاتتى ،شۇڭا يەنىلا ئۇماق دەپ ئاتاۋەردىم ، ئامما ئۇنىڭ يەنە بىر ئېغىز دېگەن گېپى مېنى سەل ئويلاندۇرۇپ قويدى .
-يەنە شۇنداق دەۋاتىسىزغۇ؟ ئالتۇنۇم دەپ قويغانغا نىم بولاتتىكى ، خوش ! تېلفۇننى قۇيۇۋەتتىم .
-بولدى ، چاقچاق قىلىپ قويدۇم ، شۇنچىلىق ئىشقىمۇ...
-مەن ئۈچۈن شۇنچىلىك ئىش ئەمەس ئۇ.
ئۇنىڭ ئاچچىغى كەلگەن چېغى،گەپنى زەردە بىلەن دەۋاتاتتى،ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟توساتتىن ئەقىل تاپقاندەك قىلدىم
-خاپا بولما كۈمۈشۇم ، نىمانداق نازۇكلىشىپ كەتتىڭ .
-سىز !ئادەمنى جىلە قىلىپ ،
ياختۇرمىسا تۆمۈرۈم دەپ چاقىرامەن دېگەن نىيەت بىلەن ،ئۇنىڭ قايتا ئېغىز ئېچىشىنى ساقلاپ تۇردۇم .
-بولدىلا ، چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە ھېلىقى زەگەرخانىدە كۆرىشەيلى .
- ماقا، كۈمۈشۇم ، ئۇمىقىم ھا!ھا!ھا!
شۇنداق دېگەچ ئۇنىڭ بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ خوشلاشتىم .
راست گەپنى قىلسام يېقىننىڭ ياقى ئۇنى ئالتۇنۇم دەپ چاقىرىشتىن سەل يالتىيدىغان بولۇپ قالدىم ،ئەلۋەتتە بۇ مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان پاك مۇھاببىتىمنىڭ سۇسلىشىپ قالغانلىقىدىن ئەمەس بەلكى......
سۆزلىسەم گەپ جىق، ئۇنىڭ بىلەن يېڭى تۇنۇشقان چاغلىرىم ئىدى ، راس گەپنى قىلغاندا مەن ئۇنى بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم ، <<كۆڭۈل دېگەن پادىشاھ، كۆيۈپ قالسا تارتىشا >>دېگەن گەپ ناھايىتى توغرا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭغا بولغان مۇھاببىتىم كۈنسايىن ئېشىپ بارماقتا ئىدى ،شۇڭا ئۇنىڭغا پات_پات سوۋغات ئېلىپ بېرەتتىم . ئاساسلىق سوۋغا قىلىدىغان بۇيۇملۇرۇم ئالتۇن بىلەيزۈك، ئۈزۈك دېگەندەك نەرسىلەر ئىدى ، نىمىشقىكىن ئەيتاۋۇر ئۇ پەقەت ئاسقىلى قويمايتى ، ئەمما مەن
-ئالتۇن دېگەننى شۇ سەندەك پەرى قىزلارنى تاقىسۇن دەپ ياراتقان ، مېنىڭ كۆڭلۈم ، تاقىغىنە ،بەك يارىشىدۇ.
دەپ زورلاپ تاقىغۇزاتتىم ، قىزىق ئىش ئويلاپ باقسام شۇ چاغلاردا بەك گۆدەك ئىكەنمەن ، بەلكىم ئۇچاغلاردا ئالتۇن باھاسى ھازىرقىدىن كۆپ ئەرزان بولغاچقىمىكىن ،ماڭا ئانچە ئېغىز كەلمەيتى،ۋاقىتلار شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى، ئالتۇننىڭ باھاسىمۇ بارغانچە ئۆسىۋەردى، ئامالسىزلىقتىن ئۇنىڭغا ئېلىپ بىرىدىغان ئالتۇنلارنىڭ نورمىسىنى كېمەيتتىم . ئەمما ئۇمىقىنىڭ ئەقلى شۇ چاغلاردا يىتىلگەن بولسا كېرەك ، پات -پات ماڭا ئالتۇن ئۈزۈك بىلەيزۈك ...سوۋغا قىلمايدىغان بولىۋالدىڭىزغۇ دەپ قۇياتتى ، ئۆزەمدە گۇناھ دەپ ئويلاپ قالاتتىم ئىچىمدە ، ئانىڭغا ھەددىدىن زىيادە ئامراقلىقىمدىن مەندە نە چارە ، دېگىنىچە ئالتۇن ئېلىپ بەردىم .سۆزلىسەم كۈلگۈم كېلىدۇ، ئەينى چاغلاردا ئۇنىڭغا بولغان سەۋدالىقىمنى ئاشۇ ئالتۇنۇم دېگەن گەپكە مۇجەسسەملەپ، ئاشۇنداق <<ئالتۇنۇم >> دەپ ئاتايتىم ، ئۇمۇ مېنىڭ شۇنداق ئاتىشىمغا ئامراق ئىدى، ئالتۇنىڭىز سالامەت دەپ قۇياتتى تېخى، ئۇنى يەنىلا ئاشۇنداق چاقىرىۋەردىم ، بۇرۇنقىدەك ئالتۇنۇم دەپ چاقارغان بىلەن لېكىن ئالتۇنۇم دېگەن سۆزگە قارىتا مەندە سەل ئۆزگىرىش بولغانىدى .بۇرۇنقى چاغلاردا ئۇنى سۆيگەنلىكىمدىن ئالتۇنۇم دەپ چاقارغان بولسام ،ئەمدىلىك بولغاندا ئۇمىقىمنىڭ قولىغا بوينىغا تاقىۋالغان ئالتۇنلىرىغا ،شۇنىڭغا خەجلىگەن پۇلۇمغا ئىچىم سىرىلىپ ، ئىسىت ئالتۇنۇم ،ئىسىت پۇلۇم دېگەن نىيەتتە ئۇنى ئالتۇنۇم دەپ چاقىراتتىم، ئەمما ئۇ مېنى ئاشۇنداق ئەركىلەتتى دەپ گېپىم بىلەن كۆڭلىنى خوشال قىلاتتى، زاماننىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ ئالتۇنغا بولغان قىزغىنلىقىمۇ ھەسسىلەپ ئاشتى ، توۋا دەپ قالدىم ، بۇ قىزبالا دېگەن ئۈنچە مارجانغا نىمانداق ئامراقتۇ؟ھېلىمۇ تاقىمىغان پۇتىنىڭ بارماقلىرى قاپتۇ ، مۇشۇ كۆڭۈل دېگەننى زە ، كۆڭۈلچەكلىكىمدىنغۇ ....
ئۇنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇ دېگەن ئالتۇن بۇيۇملارنى ئېلىپ بىرەتتىم، پۇلۇم سۇدەك ئېقىپ باراتتى، پۇلۇم يىيتىشمەي قالمىسۇن دەپ ، تاماكا چىكىشنى تاشلىدىم ، دوسلار بىلەن بىرگە جەم بولۇپ ئانچە-مۇنچە ئىچىشىپ قۇيىدىغان چاغلىرىمىز بولىدىغان ، ئەمما ھازىر بۇنىڭدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەستى، بىر ھىساپتا ياخشى بولدى دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە مۇشۇنىڭ بانىسىدا ناچار ئىللەتلىرىمنى تاشلىۋەتتىم، ئەمما زە ، مۇشۇ بەدخەجلىكتىن ئىبارەت كېسەلنى ئۆزەمگە يۇقتۇرىۋالدىم ، ئۆزەمگە بىر تىيىنلىق نەرسە ئالسام كاشكى ، ھەممىسى ئاشۇ ئۇمىقىمنىڭ خوشاللىقى ئۈچۈنلا بولاتتى .ھەر قىتىم ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئايلانغان چېغىمدا ئەتراپىمدىكى كىشىلەر ئىككىمىزگە ھەۋەسلىنىپ قاراپ كېتەتتى .بۇ چاغلاردا ئۆزەمىن تولىمۇ بەخىتلىك ھىس قىلاتتىم ، ئۇمىقىمغا تېخىمۇ ئامراقلىقىم كېلىپ ئۆزەممۇ بىلمەيلا بەدخەجلىك قىلىپ قوياتتىم ، ئەمما ۋاقىت ئۆتكەن سىرى ،ئۇلارنىڭ كىمگە قاراۋاتقانلىقىنى بىلدىم ،ئەسلىدە ئۇلار ئۇمىقىمنىڭ تاقىۋالغان زىبۇ-زىننەتلىرىگە ھەۋەسلىنىپ قارايدىكەن ئەمەسمۇ؟ شۇنىڭڭدىن كىيىنكى بىر نەچچە قېتىملىق ئۇچرىشىشلاردا ئۇنىڭغا ئەمدى ئالتۇن تاقىماسلىقنى باشقا سوۋغات ئېلىپ بېرىدىغانلىقىمنى دېگەن بولساممۇ ، ئۇ پەقەتلا ئۇنىمىدى .ھەر قېتىم زەگەر دۇكىنىدىن ئۆتكەن چاغدا ماڭا تاتلىق ئەركىلەپ ئۇ ئۈزۈكىن ئېلىپ بېرىڭ ،بۇ بىلەيزۈكنى ئېلىپ بېرىڭ دەپ تاس قالاتتى مېنى قاق سەنەم قىلىۋەتكىلى ، شۇڭا ھەر قېتىم ئۇنىڭ بىلەن كوچا ئايلانغاندا ئامال بار زەگەرخانىدىن ئۆزەمنى قاچۇراتتىم .
-قىز بالا بىلەن ئارلاشقىنىڭ مالىيە بىلەن ئارلاشقىنىڭ دېگەن گەپ زادى توغرا، كىم قويدى ماڭا مابەت-پابەت دېگەننى ، ئەمدىغۇ ئېغىزدا دەيدىكەنمىز ، ئەمما ئادەم شۇ ھىسياتلىق مەخلۇق ئىكەن ،نىمە ئامال، يەنىلا چىداي .
ئىچىم تولىمۇ ئاچچىق بولدى ، يەنىلا خەيىر دەپ ئۆتىۋەردىم ، ۋاقىت ئۆتكەن سىرى مەن ئامال قىلالمىدىم ، ئۇ كۈندە دېگۈدەك ئالتۇن ماجىراسى قىلىپ بېشىمنى قايدۇرىۋەتتى ، يانچۇقلىرىم قۇرۇغدىنىپ قالغانىدى.
ما ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسىشىچۇ تېخى ، تىك سىزىق بويىچە ، ئۆسۇپ پەلەككە تاقىشاي دېدىمىكىن ، نىمانچە قىممەتلىشىپ كەتتى بۇ كاساپەت،ھېلى بىكار ئوت قويىۋىتىمەن ما ئالتۇن بازىرىغا،لېكىن شۇ ئۇمىقىمنى ئويلىسام تۇيۇقسى بۇنداق بولمىغۇر خىيالىمدىن يالتىيىپ قالىمەن ،ۋاي جېنىم دەپ قويسا ، ئالتۇنۇم ،ئالتۇنۇم دەپ ئىرىپلا كىتىمەن ، گەپلىرىنىڭ ئاندىن تاتلىقلىقى ، قانداقمۇ ئۇنىسۇن ئادەمنىڭ كۆڭلى ئۇنى رەنجىتىشكە،ئىلىپ بەرمەي دېسە قىيمىغان ئادەم ،ھەي!!!شۇلارنى خىيال قىلغاچ تۇيۇقسىز ئويلاپ قالدىم .
-ئەجەپ ئەجەپلىنەرلىك دېسە ؟مەن ئۇنى ئالتۇنۇم دەپ ئەركىلەتكەن سىرى ئالتۇن باھاسى سەت ئۆسۈپ كېتىپ بارىدۇ دېسە ؟ توختا ، بولماپتۇ، ئەمدى ئۇنداق ئاتىماي ،كۈمۈشۇم دەپ ، ياق يەنىلا ئۇمىقىم دەپ ئاتاي ، بىرە-بىرە كۈمۈشۇم دەپ ئەركىلىتىپ قويارمەن.بەلكىم بىرە مەزگىل ئالتۇنۇم دەپ ئاتىمىسام ئالتۇن باھاسىمۇ شالاققىدە چۈشۈپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .ئۆزەمچە تاپقان ئەقىلدىن خوش بولۇپ تىپچەكلەپ كەتتىم كۆڭلۈمدە ئالتۇن باھاسىنىڭ چۇقۇم چۈشىدىغانلىقىغا ساراڭلارچە ئىشىنەتتىم .
-ھەنىم بولسا چۈشىدىغان بولدى بۇ كاساپەت ،چۈشسىغۇ خويمۇ ياخشى بولاتتى، دوستلار بىلەن جەم بولمىغىلىمۇ بوپ قاپتۇ...ئەممازە ئۇمىقىمنى پارت-پات ئالتۇنۇم دەپ چاقارمىسام مېنىڭمۇ يۈۈكۈم ئېچىشىدىغان بولدى دە،ئسسىت ، ھەر قېتىم ئۇمىقىمنىڭ بوينىدىكى ئالتۇنلارغا قاراپ ھەي ئالتۇنۇم دەپ ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ ،تويماي-تويماي <<ئالتۇنۇم>>دەپ چاقىرۋالاتتىم، ئەمدىلىك شۇ ئالتۇنلار ئۇمىقىمنىڭ قوللىرىدا ،بوينىدە جۇلالىنىپ تۇرسىمۇ ،بولدىلا دەردىمنى ئىچىمدە بىلەي، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر دەپ تۇرمايمەنمۇ، مېنىڭمۇ ئاشۇنداق چاچارغىم يوق دەمسىلەر، ياق مېىنڭمۇ ئىچىم ئاغرىيدۇ شۇ ئالتۇنلىرىمغا ، خەپ ئالتۇن، خەپ ئالتۇن ،مۇھاببەت يولىدا ئادەمنى شەخسىيەتچى قىلىپ قويدىغۇ؟ئۇققان بولسام باشتىلا جىقراق ئېلىۋالاكەنمەن ، توي ئاغرىقىدىنمۇ قۇتۇلاتتىم،تېخى ئانچە مۇنچە ئالتۇن سودىسىمۇ قىلىپ ....ھا!ھا!ھا! بولدىلا نىمىلەرنى چۈشەپ كەتتىم مەن .
،ھەي!!!!توي قىلالماسمەنمۇ دەپ دەككە-دۇككىدە ياشايدىغان بوپ قالدىم ھازىر ، توي قىلماي تۇرۇپلا بۇنچىلىك ئالتۇن چىقىم بۇلىۋاتسا، توي قىلغاندىن كېيىن قانچىلىك ئالتۇن تارتامەن ئۇمىقىمنىڭ تويلىقىغا ، توي قىلماي تۇرۇپلا بۇنچىلىك تويغۇزىۋەتسە ، توي قىلغاندىن كېيىن ئىش با ر ئوخشايدۇ جۇمۇ.
ياق، ھېلىمۇ كىچىكمەيمەن، چىداي ، ئۇنى ئۇمىقىم دەپ قاچىراي، مەنغۇ كۆنۈپ كېتەرمەن ئەمما ئۇ ، ئۇمىقىم قانداق ،قانداق قىلار، ئالتۇنۇم دەپ چاقارمىسام كۆڭلى غەش بولىدۇ،مەنمۇ ئۇنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىشنى خالىمايمەن ئەلۋەتتە.
كۆڭلۈمدە كېيىنچە توغرا چۈشىنەر دەپ ئويلاپ مېڭەمدىكى ئالتۇنۇم دېگەن ئاتالغۇنى يۇيىۋەتتىم .شۇنىڭدىن كىيىنكى نەچچە قېتىملىق ئۇچۇرشىشتا ئۇنى ئۇمىقىم دەپ چاقىرىۋەردىم ، گەرچە ئۇ سەل نارازى بولغانداك قىلسىمۇ ئارتۇق گەپ قىلماي يۈرىۋەردى ، بىراق يېقىنىڭ ياقى ،نىمىشقا مېنى ئالتۇنۇم دېمەيسىز دەپ كۆزۈمگە كىرىپللىۋالدى .مانا بۈگۈنمۇ ئەتەي شۇ توغرىلىق مەن بىلەن سۇقۇشلىرىدىن ئۆرگىلەي ، كاللامنىڭ ئىچىمۇ ،تېشىمۇ قېتىشقا باشلىدى .
بولدىلا، دەپ ئويلىدىم بىردەملىك سۈكۈتتىن كېيىن ، بەك بولمىسا كۈمۈشۇم دەپ ئەركىلىتىپ قۇيارمەن ، ئەگەر بۇنىڭغا كۆنمىسە كۈمۈشۇم دەپمۇ ئاتاپ يۇرمەيمەن ، بەلكىم تۆمۈرۈم دەپ چاقىرامەن ،ھا!ھا!ھا!
ئۆزەمچە قىلغان خىيالىمدىن قاقاقلاپ كۈلىۋەتتىم ، ئادەم دېگەن ئاجايىپ ھە ! مۇشۇنداق قايغۇنىڭ ئىچىدىن ئۆزىگە خوشاللىق تاپالىسا دۇنيادا بۇنىڭدىن ئارتۇق بەخىت بارمۇ.
بىردەملىك خىيال قاينىمىغا چۆكۈپلا كېتىپتىمەن ، قانچىلىق ۋاقىت ئۆتتىكىن تاڭ بىلمەيمەن ، ئويغانسام سائەت خېلى بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ .
ئاپلا دېدىم ئىچىمدە ، ئۇنىڭ بىلەن سائەت ئۈچتە كۆرۈشمەكچى ئىدىم ، يەنە يېرىم سائەت قاپتۇ ئەمەسمۇ ، ھاپىلا شاپىلا ئۆزەمنى بىرە قۇر تۈزەشتۈرۈپ زەگەرخانىغا ماڭدىم ، شۇ تاپتا ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ چۈشىدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆڭلۈم خۇش ئىدى، چۇنكى مەن ئۇمىقىمنى يېقىندىن بۇيان ئالتۇنۇم دەپ ئەركىلەتمىدىم ئەمەسمۇ؟ ئوۋ ،راست ، ھازىر ئۇمىقىم دەپ ئەركىلىتىۋەرسەم ، كىيىنچە ئۇماقلارنىڭ باھاسىمۇ ئۆسۈپ كەتمەس ھە؟ ھا!ھا!ھا!
ئۆزەمچە دېگەن گېپىمدىن يەنە بىر قېتىم قاقاقلاپ قۈلۈپ كەتتىم ، ئاجايىپ بالا جۇمۇ مەن دەپ ئويلاپ قالدىم ئىچىمدە .
ھايال ئۆتمەي زەگەرخانىغا كىردىم ، قارىسام ئۇ مېنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ، كىرىشىمگىلا
-كەلدىڭىزمۇ ،جانىم .
ئۇ شۇنداق دېگەچ مېنىڭ قۇلۇمنى چىڭ تۇتىۋالدى ،شۇ تاپتا ئادەم بولمىغان بولسا ئۇنى شۇنداق بىر قۇچاقلىۋالغۇم بار ئىدى، ئۇنىڭ مۇشۇ گېپى يۈرىكىمنى ئويناقشىتىۋىتىدۇ دېسە .
-قانداراق ئۇمىقىم ، ياخشى تۇردۇنمۇ ؟ كۆرۈشمىگىلى بىر كۈن بوپ قاپتۇ سېغىمغانسەن مېنى .ھا!ھا!ھا!
- سېغىنمامدىغان جانىم ، ئەمما سىزدىن بەكراق سىزنىڭ ئاشۇ ئالتۇنۇم دېگەن سۆزىڭىزنى تولىمۇ سېغىندىم ، بۈگۈن بىر دەپ قۇيۇڭە ئالتۇنۇم ......دەپ.
ئۇ شۇنداق دېگەچ ماڭا سۈركىلىپ دومسىيىشقا باشلىدى .
-ئۇمۇقۇم،كۈمۈشۇم ، قانداق خوش بولدۇڭما؟
- سىز، قەستەن....
- بولدىلا , ماڭە قايسى خىلدىكى ئۈزۈكنى ئالىسەن .
ئۇ خېلى ئۇزاق قارىغاندىن كېيىن ، ناھايىتى سىپتا ئىشلەنگەن بىر ئۈزۈكنى مۇلازىمنىڭ ئېلىپ بېرىشىغا بۇيرىدى .
- ئاۋۇنى ئېلىڭ ، ھەئە، ئاشۇنى دېدىم .
- قاراڭە قۇلۇمغا، يارىشىپتىمۇ ؟سىزمۇ تاللىشىپ بېرىڭە ، بۈگۈن نىمانداق شۈكلەپ كەتتىڭىز.
ئۇ شۇنداق دېگەن قولىدىكى ئۈزۈكنى ئۇيان-بۇيان چۆرۈپ قاراپ باقاتتى .
-بىر ئۆتىنەي ، ئۈزۈكۈڭ ياشىشىپتۇ ئالتۇنۇم دەپ بىرې قېتىم بولسىمۇ دەپ قۇيۇڭچۇ؟
مەن ئۇنىڭ سۆزىگە جاۋاپ بەرمەستىن زەگەردىن بۇ ئۈزۈكنىڭ باھاسىنى سورىدىم .
.........
-نېمە؟
كاللامغا پاققىدە بىرنى قۇيۇپ جايىمدا قېتىپلا قالدىم ، بۇ قېتىمقى باھا كىشىنى راستىنلا چۆچىتەتتى
- تويلۇق ئۈزۈكتى ئەمەسمۇ بۇ ؟ئىسىت قانداق قىلارمەن ئەمدى ،بالدۇراق ئېلىۋالسام بولاتتىكەن ، تېخى نەچچە كۈن بۇرۇنلا .....بولدىلا قالغىنىنى كىيىن كۆرەرمەن .
-ئالتۇنۇم، دەمسىز يوق، ئەگەر بۇ قېتىم ئالتۇنۇم دېمىسىڭىز سىزدىن راستىنلا رەنجىپ قالىمەن جۇمۇ .
ئۈنۈم ئىچىگە چۈشۈپلا كەتتى ، بەلىكىم مۇشۇ قېتىم مال دۇنيانى مۇھاببەتتىن ئۈستۈن قويغان ۋاقتىم بولسا كېرەك . تاس-تاس قالدىم ، توينى ئەمەلدىن قالدۇرايلى دېگىلى ، ئەمما ئۆزەمنى زورىغا بېسىۋىلىپ گەپمۇ قىلماستىن ئۇيەردىن ئايرىلدىم .
كاللام قۇپقۇرۇق پەقەت بىرلا ئىغىز گەپ مېڭەمدە قايتا-قايتا ئەكىس ئېتەتتى ،
-سېنى ئالتۇنۇم دېمەيمەن ،سېنى ئالتۇنۇم دېمەيمەن ،سېنى ئالتۇنۇم دېمەيمەن!!
مەنبەسى: ئەپچىلەم