مۇستاپا كامال ۋە مەدەنىيەت مۇستەملىكىسى
گەرچە غەربنىڭ مۇستەملىكىچىئەللىرى يۈرگۈزگەن مەدەنىيەت مۇستەملىكىسىنىڭ يىلتىزى مىلادىيە 18- ئەسىرگەمۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، ئوسمانلار خىلاپەتلىك تۈزۈمىنىڭ يىمىرىلىشى ۋە ئىسلامدۇنياسىنىڭ مۇستەملىكىچىلەرنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ كېتىشى مەدەنىيەت مۇستەملىكىسىگەيېڭى سىغىمچانلىق يارىتىپ بەردى.
بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرىمۇسۇلمانلار- گەرچە ئاجىز بولسىمۇ- ئىسلام دۆلىتىمىز بار دەپ ھېس قىلاتتى ۋە بۇئىسلام دۆلىتى ئىدىيە يۆلۈنۈشىنىڭ مەركىزى ھالقىسىنى تەمسىل قىلىپ بېرەتتى. 1924-يىلى غەربنىڭ ئىسلام دۇنياسىنى مەدەنىيەت مۇستەملىكىسىگە ئېلىشنى قوللاش ۋە ھىمايەقىلىشتا ھالقىلىق بىر يىل بولدى. بۇ يىلى مۇستاپا كامال ئىسلامنىڭ خىلاپەتلىكسىياسى، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائى تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، تۈركىيەنى ئاتېزمنىڭئايرىلماس قېرىندىشى ئىلمانىزم دۆلىتىگە ئايلاندۇردى.
بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل كېيىنيەنى 1926-يىلى خەلپىلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن قاھىرە شەھىرىدە ئېچىلماقچىبولغان ”ئىسلام خەلىپىلىك قۇرۇلتىيى“ ئەنگىلىيەنىڭ سېتىلما ئەمەلدارلار ئارقىلىقبىۋاستە ئارىلىشىپ توسالغۇ بولغانلىق سەۋەبىدىن قۇرۇلتاي ئېچىلىش پۇرسىتىگە ئېگەبولالمىدى. شۇنداقلا مۇشۇ مەزگىلدە دىننى دۆلەتتىن ئايرىشقا چاقىرىق قىلىدىغان ۋەئىسلامدا سىياسى تۈزۈم يوق دەپ گۇمان قىلىدىغان غەربتە بىلىم ئېلىپ كەلگەنئىلمانىزم يازغۇچىلار پەيدا بولدى. ئەنگىلىيە شۇنداقلا ھىندىستاندىكى خەلىپىلىكجەمىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇ جەمىيەتنىڭ يۆلىنىشىنى مىللەتچىلىك ئېقىمىغائايلاندۇرىتىشكە كۈچىنى مەركەزلەشتۈردى.
رەسمى ئىسلام دۆلىتىنىڭ يوقبولىشى ۋە ئىسلام ئەللىرىنىڭ بىۋاستە تۈرلۈك ئەللەرنىڭ مۇستەملىكىسىگە چۈشۈپ قېلىشسايىسىدا، مۇستەملىكچىلەر بۇ رايۇنلاردا ئۇزۇن مۇددەت پۇت تېرەپ تۇرالىشى ئۈچۈن”چەتئەل مەدەنىيەت مۇستەملىكە“ ئۇسۇلىغا تاياندى. مۇستەملىكىنىڭ ئۇزۇنداۋاملىشىشى، ئويغۇنۇشنىڭ ئۈنۈم قازىنالماسلىقى ۋە تۈرلۈك ئىنقىلاپلارنىڭ غەلىبەقىلالماسلىقىدا يات مەدەنىيەت مۇستەملىكىسى زور رول ئوينىدى ۋە ئېغىر دەرجىدەتەسىر كۆرسەتتى، چۈنكى مەدەنىيەتنىڭ ئىنسان ئېڭىغا بېرىدىغان تەسىرى چوڭ بولىدۇ-دە…
مۇستەملىكىنىڭ نىشانى بىرشەخىسكە قارىتىلماستىن مۇئەييەن پىكىر ۋە ئىدىيەلەرنى پاچاقلاپ تاشلاشقامەركەزلەشتى، مۇئەييەن ئىدىيە جانلانغان ۋاقتىدا ئىجتىمائى ئېنىرگىيەلەرنى توغرايۆلۈنۈشكە يۈزلەندۈرۈشكە قادىر بولالايدۇ. چۈنكى مۇستەملىكە قىلىنغان خەلقلەرنىڭمەدەنىيەت ۋە قانۇن ئاستى قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغان مۇستەملىكىنىڭ ئۇزۇنداۋاملىشىپ تۇرالمايدىغانلىقىنى مۇستەملىكىچىلەر ئېنىق بىلىشىدۇ. ئەنئەنىۋىمەدەنىيىتىنى ساقلاپ قالالىغان خەلق ئىككى خىل ئەھۋالغا دۈچ كېلىدۇ، بىرى:مۇستەملىكە قىلىنغان خەلق مۇستەملىكە قىلغۇچىلارنى يۈتۈپ كېتەلەيدۇ(يەنىئاسىمىلاتسىيە قىلالايدۇ)، يەنە بىرى: ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىپ ۋەتىنىنى ئۆزمەدەنىيىتى ۋە مىللى چۈشەنجىسى ئاساسىدا باشقۇرالايدۇ. شۇ سەۋەبتىن مۇستەملىكچىلەربارلىق ھايات ساھەلىرىنى مەدەنىيەت مۇستەملىكىسىگە ئېلىش ئۈچۈن مەدەنىيەتمۇستەملىكىسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن يۈرگۈزىدۇ.
دېمەك، مۇستەملىكە خەلقلەرنىمۇستەقىل شەخسلەردىن دورىمىچۇق، تەسلىم بولغۇچى ۋە روھى جەھەتتىن مەغلۇب بولغانشەخسلەرگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىسلام خەلقلىرىنىڭ ئىجتىمائى، مەدەنىيەت ۋە ئەخلاقئاساسلىرىنى ئۆزگەرتىشكە ھەرىكەت قىلدى.
(2)
مەدەنىيەت مۇستەملىكىسى ئاساسلىقتۆت نوقتىغا تاياندى، ئۇلار:تىل، مائارىپ، ئىدارە شەكلى ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرى.مۇستەملىكىچى ئۆز تىلىنى ئىسلام دۇنياسىغا تاڭدى ۋە ئۇنى باشقۇرۇش دائىرىسىدىكىھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ خەت-چەك ۋە يېزىق تىلى قىلىپ بەلگىلىدى، نەتىجىدەمۇستەملىكىچىنىڭ تىلى كۆپ ساندىكى مۇسۇلمان خەلقنىڭ خەت-چەك ۋە ئالاقە تىلىغائايلىنىپ قالدى.
مۇتەپەككۈر سەييىد قۇتۇپ ”ئىسلامۋە كاپتالىزم كۆرىشى“ ناملىق كىتاۋىدا بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ:“ماراكەش، تۇنىس ۋەئالجىريە…دۆلەتلىرىدە مۇستەملىكىچىلەر مائارىپ مېنىستىرلىكى- مائارىپ مېنىستىرلىكىدېگەن كەلگۈسى ئەۋلاتلارنى يېتۈشتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئالاھىدە ئورگانبولۇش ئېتىبارى-بىلەن قاتتىق يېقىن خىزمەت قىلدى، مائارىپ سېسمىسىنى چاڭگىلىغاكىرگۈزۋالدى ۋە پۈتۈن كۈچىنى مۇشۇ نوقتىغا مەركەزلەشتۈردى. مۇستەملىكىگە بويسۇنغانمۇشۇ ئەللەردىن مۇستەملىكىچىلەر چىقىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ئەۋلادلارنىڭ قەلبىگەيەرلىشىپ كەتكەن روھى ۋە ئىدىيىۋى مۇستەملىكە تەسىرى تۈزۈم، دەرس پروگىراممىلىرى،دەرسلىك كىتاب ۋە دەرس ئۆتۈش مېتودىدا داۋاملىشىشى مۈمكىن ھەم تەبىئى. شۇڭامۇستەملىكە كۈچلىرى ئىسلام تارىخىنى سەتلەشتۈرۈشكە ھەرىكەت قىلدى، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇستەملىكىگە چۈشۈپ قالغان مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى ئىسلامنىڭ ئىجتىمائى ئىدىيىسى ۋەئىنسانى نەزەرىيەلىرىدىن ھېچ نەرسە ئوقۇمايدۇ، ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسلام تارىخىدىنئوقۇيدىغىنى ئۇرۇشلار، جەڭلەر ۋە ئىسلام دىنى ”ئۇرۇش دىنى“ ئىكەن، ئۇ ”ئىدىيىۋى،ئىجتىمائى ۋە ئىنسانى كۆرەش ئەمەس“ ئىكەن دېگەن خۇلاسىگە ئاپىرىپ قويىدىغانھادىسىلەردىن ئىبارەت“.
شۇنداقلا مۇستەملىكە كۈچلىرىمائارىپ ۋە تەلىم- تەربىيە مەنبەلىرىنى كونتىرول قىلىش دائىرىسىدە ئىسلامدۇنياسىنىڭ تارىخىنى تار رايۇن تەرەپدارلىق ئاساسىدا يېزىپ چىقىشقا ئۇرۇندى،مائارىپ پروگىراممىلىرى دائىرىسىدە مىسىردا پىرئەۋن مەدەنىيەت ئېڭى، شام(سۈرىيە،ئىئوردانىيە، پەلەستىن ۋە لىۋان) ئەللىرىدە فەينىقى مەدەنىيەت ئېڭى، ئىراقتا ئاشۇرمەدەنىيەت ئېڭى ۋە تۈركىيەدە تۇرانچىلىق ئېڭىنى كەڭ كۆلەمدە تارقىتىشقا خىزمەتقىلدى. مۇستەملىكە مائارىپ مېنىستىرلىكىنى ئىگەللەشتە بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلىپقالماي يەنە يات مەدەنىيەت ئاساسىغا تايىنىدىغان خىرىستىيانلاشتۇرۇش مەكتەپلىرىگەتاياندى. مۇستەملىكە قىلىنغان خەلقنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۆز يۇرتلىرىغا ئوقۇشقائەۋەتىپ، ئۇلارنى ئىدىيە، مەدەنىيەت، ئەخلاق، ئىجتىمائى ۋە سىياسى تۈزۈمدىن ياتلاشتۇرۇپ،چوڭ مەنسەپ ئورۇنلىرىغا ئورۇنلاشتۇردى، ئۇلارنىڭ ئورنىنى كۆتۈردى..روھى جەھەتتىنمەغلۇب بولغان، ئەقىدە ۋە مىللى مەدەنىيىتىنى تونۇمايدىغان ۋە يات مەدەنىيەتنىڭسەلبى ئاچچىق مېۋىسى بولغان زىيالىلارنىڭ قولى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئەقىدە ۋە مائارىپۋە مەدەنىيەت ئىرادىسىگە قارىشى ھالدا يۇرت سورىدى. ئىسمى مۇسۇلمانچە بولسىمۇئىدىيىسى غەربچە ياكى ماركىسېزىمچە ئەۋلادلار يېتىشىپ چىقتى، بۇ يات ئەقىلئەۋلادلىرى مۇستەملىكىنىڭ قوللىشى سايىسىداجەمىيەتنى باشقۇرۇش ساھەلىرىدە خىزمەت ئۆتەپ، خەلقنىڭ ھايات پەلسەپىسىگە خىلاپھالدا ھاكىملىق قىلدى، نەتىجىدە ئىسلام جەمىيەتلىرى ھاكىملىرىنىڭ ئىلمانىزمچى ياكىئاتېزىمچى بولغانلىقى سەۋەبلىك مەجبۇرى ھالدا ئىلمانى تۈزۈملەرگە بويسۇنۇشقامەجبۇرلاندى…
مەدەنىيەت مۇستەملىكىسىنى تېخىمۇجانلاندۇرۇش ئۈچۈن بارلىق تەشىۋىقات ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىنى كونتىرول قىلىپ ياتمەدەنىيەتنىڭ ئۇنسۇرلىرىنى قوللاش ۋە ئۇلارنى ھىمايە قىلىشقا پۇرسەت يارىتىپبەردى، نەتىجىدە يات مەدەنىيەت مۇستەملىكە قىلىنغان خەلقلەرنىڭ ئىدىيە ۋە ئىلمىھاياتىنىڭ يادروسىغا ئايلىنىپ قالدى.
بۇ تۈردىكى مۇستەملىكەئۇسۇللىرىنىڭ نەتىجىسىدە ئىسلام دۇنياسىنىڭ يات مەدەنىيەت مۇستەملىكىسىگەبويسۇنىشىنى قوللايدىغان تۆت تۈرلۈك سەلبى نەتىجىلەر كېلىپ چىقتى، ئۇلار:ئىلمانىزم، خاتا ئۇقۇمدىكى مىللەتچىلىك، ماتېريالىزم، چەتئەللىكنى دوراش ۋە ئىسلامئېڭى رولىنىڭ ئاجىزلىقى (يەنى غەربپەرەسلەر ياكى يىراق شەرقپەرەسلەر)دۇر.مۇستەملىكىچى ئۆز ئەللىرىدە يۈز بەرگەن چىركاۋغا قارىشى مەدەنىيەت ئېڭىنى ئىسلامدۇنياسىغا كىرگۈزدى، شۇڭىلاشقا مۇستەملىكچىلەرنىڭ ھىمايىسىدا ئىلمانىزم ئىسلامدۇنياسىنى ئىگەللىدى ۋە ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىۋالدى.
بۇ توغرىدا ئىسلام دۇنياسىبېشىدىن كەچۈرگەن ھەم كەچۈرىۋاتقان ئىلمانىزمنىڭ ئىككى خىل سەۋىيىسىنى ياكى ئىككىخىل تۈرىنى ئايرىپ قاراش مۈمكىن. بىرىنجى خىلى نورمال ئىلمانىزم، ئىككىنجى خىلىتۈركىيەدىكى چېكىدىن ئاشقان رادىكال ئىلمانىزمدۇر.
ئەرەبدۇنياسىدا ئىسلامنىڭ شەخسى ئەھۋال قانۇنلىرى ۋە باشلانغۇچ، تولۇق باسقۇچلىرىدادىنى مائارىپ بىر ئاز تەشۋىقات پروگىراممىلىرى بىلەن ساقلىنىپ قالدى. ئەرەبدۇنياسى-مۇستەملىكە باسقۇچىدا- يات ئەلدە يات مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانزىيالىلارنىڭ دىننى دۆلەتتىن ئايرىش ئىدىيىسى، خەلق ئاممىسىنىڭ دىننى سىياسەتتىنئايرىش ئېڭىنى بېشىدىن كەچۈردى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىلمانىزم ئېڭىدىكى بىر بۆلۈكزىيالىلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشى دىنغا چىڭ ئېسلىۋالغانلىقتا دەپ قاراشتى،بۇلاردىن باشقا خەلق ئاممىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشى دىنغا چىڭئېسىلماسلىقتا ۋە دىننى خاتا چۈشۈنۈشتە دەپ قاراشتى. بىرىنجى ئېقىم يەنى ياتمەدەنىيەت زىيالىلىرى ئىسلام دۆلىتى ئارقىدا قېلىشنى ئىپادىلەيدۇ دەپ قاراپ، ئەرەپمىللەتچىلىكىگە يۈزلەندى.
ئىلمانىزمنىڭ ئىككىنجىسەۋىيىسىگە كەلسەك، بۇ سەۋىيەنى تۈركىيە بېشىدىن كەچۈردى ھەم ھازىرغىچەكەچۈرىۋاتىدۇ، تۈركىيەنىڭ مۇستاپا كامال باشچىلىقىدىكى ھاكىملىرى ئىسلامنىڭ سىياسىتۈزۈمى خەلىپىلىكنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئىسلام قانۇنىنىڭ ئورنىغا غەرب قانۇنىنىئالماشتۇرۇپ، تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئىلمانى دۆلەت ئىكەنلىگىنى ئىلان قىلىشتى. شۇسەۋەبتىن قانۇن، سوت ئىشلىرى ۋە باشقا ئىشلاردا ئىسلام شەرىئىتى(قانۇنى)گەتايىنىشنى ئەمەلدىن قالدۇردى. قىسقىسى شەخسى ئەھۋاللار قانۇنى ۋە دىنىي مائارىپنىئاغدۇرۇپ تاشلىدى، قۇرئان ئوقۇشنى ئۈگىتىش تۈركىيەدە قانۇننىڭ ھۆكمى بىلەنجىنايەتكە ئايلاندى. غەربنىڭ مۇستەملىكە كۈچلىرى خىلاپەت مەركىزى تۈركىيەنى ئىسلامدۇنياسىدا ئىلمانىزمنى تەتبىقلاشقا مۇناسىپ ئىدىيە مۇھىتى ھازىرلاشقا ھەسسەقوشىدىغان تەشۋىقات نەمۇنىسى قىلىشنى ئىرادە قىلىدىغان ئىدى. كامالىزم(يەنىمۇستاپا كامال) نەمۇنىسىدىكى نىشان ئەرەب بولمىغان ئىسلام ئەللىرىنى تىل ۋە ئىسلاممەدەنىيىتىدىن ئايرىپ تاشلاپ، ئەرەبلەرنىڭ تەسىرىدىن يىراقلاشتۇرۇش ئىدى، شۇنداقبولغاندا ئەرەب دۇنياسى ئىسلامى ئېغىرلىقى ۋە چوڭقۇرلىقىنى يوقىتاتتى ۋە ئىسلامدۇنياسىنىڭ ئەرەبلەر بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ مەدەنىيەت، تارىخ… ۋە باشقاساھەلەردىكى ئالاقىسى ئاجىزلىشاتتى. ئاخىرقى نەتىجە غەرب كۈتكەندەك چىقتى…
دېمەك، ئىلمانىزم نورمالئىلمانىزم ۋە رادىكال ئىلمانىزم دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. نورمال ئىلمانىزم دىننىدۆلەت(يەنى سىياسەت)تىن ئايرىپ قارايدۇ ۋە دىننى شەخسى ۋە ئىجتىمائى ئەھۋاللاردىنچەكلىمەيدۇ، دىن بىلەن دوسلاشمايدۇ ھەم دۈشمەنلەشمەيدۇ. ئوسمانلار خەلىپىلىگىيېقىلغاندىن كېيىن ئەرەب ۋە ئىسلام ئەللىرى مۇشۇ تۈردىكى ئىلمانىزمغا دۈچ كەلگەن.
رادىكال ئىلمانىزم دىننىدۆلەت(يەنى سىياسەت)، شەخسى ۋە ئىجتىمائى ھاياتتىن چەكلەيدۇ. بۇ تۈردىكى ئىلمانىزمدىنغا دۈشمەن پوزىتسىيەسىدە تۇرىدۇ، ماركىسىزم ئىلمانىيىسى دەل مۇشۇ تۈردىن بولۇپ،دىننى ئەپيۇن دەپ قارايدۇ.-ماركىسىزم بولمىسىمۇ- ئۆزلىرىنى لېبىرالىزم دەپئويلايدىغان مۇستاپا كامال يېتەكچىلىكىدىكى تۈركىيە ئىلمانىلىرى چېكىدىن ئاشقانمۇستەبىد رادىكال ئىلمانىلاردۇر. ھازىرقى دەۋردىكى تۇنىس ئەرەب دۆلىتىدىكىئىلمانىلارمۇ مۇستەبىد رادىكال ئىلمانىلار قاتارىدىن سانىلىدۇ.
شۇنداقلا مەدەنىيەت مۇستەملىكىسىخاتا ئۇقۇمدىكى مىللەتچىلىك ئېڭىنىڭ پەيدا بولۇشىغا ھەسسە قوشتى، بۇ ئاڭمۇستەملىكە كۈچلىرىنىڭ ئىسلام دۇنياسىنى بېسىۋىلىش ۋە كونتىرول قىلىشىنى قوللىدى.مۇستەملىكىنىڭ بۇ ساھەدىكى كۈچىنى مۇستەملىكە قىلىنغان ئەللەردىكى ئىككى تۈرلۈكئادەملەر قوللىدى، بىرى:ياۋرۇپادا بىلىم ئېلىپ كەلگەنلەر ياكى ياۋرۇپا پروگىراممامېتودى بويىچە بىلىم ئالغانلار، بۇلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى ياۋرۇپانىڭ تەلىپىگەتامامەن ئۇيغۇن كېلىدۇ، يەنە بېرى:مىللەتچىلەر بولۇپ، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىخىرىستىيان زىيالىلىرى ئىدى.
بۇ تۈردىكى ئىككى گورۇھمىللەتچىلىك ئېڭىنى راۋاچلاندۇردى، تار ئاڭدىكى مىللەتچىلىكنىڭ ئەرەب ۋەكامالىزمچىلارنىڭ تەسىرىدە تۈركىيەدە پەيدا بولىشى ئىسلام ئەللىرىدە-مەدەنىيەت،تىل… ئوخشاشماسلىقى بولسىمۇ، ئىسلام خەلقلىرىنى باغلاپ تۇرىدىغان ئەقىدەبولغانلىقى ئۈچۈن- بىر ئىسلام دۆلىتىنىڭ مەۋجۇد بولىشىنى مۈمكىن بولمايدىغان ئىشقائايلاندۇرۇپ قويدى. مۇستەملىكىگە قارىشى ھەرىكەت ئېلىپ بارغان بەزى ھەرىكەتلەر بۇتار مىللەتچىلىك ئېڭىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى، مۇستەقىللىققا ئېرشىپ بولغاندىنكېيىنمۇ ئىسلام ئالاقىسىنى ئۇنتۇپ قالدى، چۈنكى بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىسلامخەلقلىرىنىڭ بۆلۈنۈپ تۇرۇشىدا شەخسى مەنپەئەتلىرىگە ئېرىشكەن ئىدى.
ئۇنىڭدىن سىرت تار دائىرىدىكىمىللەتچىلىك ئېڭىنىڭ ئۈستۈنلىككە ئېرشكەنلىكىنىڭ بىر ئىسلام دۆلىتىنىڭ قايتامەيدانغا كېلىشىگە سەلبى تەسىرلىرى پەيدا بولدى.
بىرىنجى: تار دائىرىدىكى خاتامىللەتچىلىك ئېڭىنىڭ پەيدا بولىشى بىلەن ئىسلام بىرلىكى تۇيغۇسى ئاجىزلىشىپ،ئىسلام ئەللىرى ئارىسىدا مەنىۋى توساق پەيدا بولدى.
ئىككىنجى: تار ئۇقۇمدىكى خاتامىللەتچىلىك ئېڭىدىن بىر دۆلەت ئىچىدە تۈرلۈك ئىختىلاپ ۋە توقۇنۇشلار يۈز بەردى.
ئۈچىنجى:مەدەنىيەت مۇستەملىكىسىسەۋەبىدىن ئىسلام جەمىيەتلىرىدە ماتېريالىزمچىلىقنىڭ كۆلىمى چېكىدىن ئاشتى، بۇئىشمۇ ئىسلام ئەللىرىدە مەدەنىيەت مۇستەملىكىسىنى قوللاپ بەردى. چۈنكى مەدەنىيەتمۇستەملىكىسىگە يولۇققان ئىنسان سايماننىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قالىدۇ، شۇڭامۇستەملىكچىلەر مۇستەملىكىگە چۈشۈپ قالغان خەلقلەرنىڭ ماددى (مەدەنى) جەھەتتىكىئارقىدا قېلىش كېسىلىگە قارىشى تۇرۇشنىڭ زور ئەھمىيەتلىكىنى توختىماي تەكىتلەيدۇ،لېكىن ماددى جەھەتتىكى ئارقىدا قېلىشنىڭ ھەقىقى سەۋەبى سانىلىدىغان“مەدەنىيەت“جەھەتتەئارقىدا قېلىشقا قارىشى تۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى تۆۋەن ۋە ئاددى كۆرسىتىدۇ.
ماددى(ماتېريالىزمچىلىق)كۆلىمىنىڭ چېكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا ئۈچ تۈرلۈك سەلبى تەسىرىبولدى.
بىرىنجى:
ماتېريالىزىمنىڭ سىياسىكۆرسەتمىلىرى ئىسلامنىڭ پرىنسىپال ئاساسلىرى بىلەن زىتلىشىدۇ، چۈنكى ئىسلام دىنىماددا بىلەن روھنى بىرلەشتۈرىدۇ.
ئىككىنجى: دۆلەتنىڭ سىرتقىياردەمگە تايانغانلىقى، يات دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلارغا ئارلىشىشىغا يول ئېچىپبېرىدۇ.
ئۈچىنجى: دۆلەت مەدەنىيەتمۇستەملىكىسىگە يولۇقىدۇ، ياتلارنى دوراشقا يۈزلىنىدۇ ۋە ئۇنى تەرەققىياتقىلىشتىكى ئالى نەمۇنىسى قىلىپ بەلگىلەيدۇ، نەتىجىدە ئۇنىڭ تەسىرىدىن ئەسىرلەپقۇتۇلالمايدۇ.
مەدەنىيەت مۇستەملىكىسى ئىسلامدۆلەتلىرى(ئەللىرى)نىڭ ئېڭىدىكى ئويغۇنۇش ئۇقۇمىنى مۇستەملىكىچى كۈچلەرنىڭدۆلەتلىرىدە بولۇۋاتقان ئويغۇنۇشقا مەنىداش ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى، شۇ سەۋەبتىنئىسلام ئەللىرىدىكى ئويغۇنۇش ئېڭى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان مۇھىتى، تارىخى ۋەپرىنسىپلىرىدىن يىراق بولۇپ قالدى، بىر قانچىلىغان زىيالىلار خەلقىگە يات ۋەخەلقنىڭ ھەقىقى ئېھتىياجلىرىنى ئاڭقىرالمايدىغان بولۇپ قالدى. قىسقىسى بۇ ئاڭدىكىخاتا ئويغۇنۇش ئېڭىنىڭ يۇرتتىكى ۋەزىيەتنى ئىسلاھ قىلىش رولىنى ئالالماسلىقى،خەلقنىڭ ئېھتىياجلىرىنى توغرا چۈشىنەلمەسلىكى ۋە ئىككى تەرەپ(يەنى زىيالى بىلەنخەلق)نىڭ ئويغۇنۇشنى توغرا چۈشىنىشىگە ئېلىپ بارالماسلىقى تەبىئى.
خەلقنىڭ ئېتىقادى، پرىنسىپالئاساسلىرى، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، ئەخلاقى…نى ھۆرمەت قىلمايدىغان ياكى ئۇقىممەت-قاراشلارنى چەتكە قاقىدىغان ئويغۇنۇش ئىدىيىسى خاتا ئىدىيەدۇر ۋە غەلىبىگەباشلاپ بارالمايدىغان ناتوغرا پرىنسىپتۇر.
مەنبە : تامچە ئىلمىي ماقالىلەر بىلوگى