مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 10784|ئىنكاس: 147

ئاتاتۈرك بىلەن ئاللاھ ئوتتۇرىسىدا   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91567
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 134
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2013-2-12
ئاخىرقى: 2013-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-23 11:32:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاتاتۈرك بىلەن ئاللاھ  ئوتتۇرىسىدا

سىنان مەيدان

تۈركچىدىن يۈسۈپجان ياسىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان

‹‹دىن ئاللاھ بىلەن بەندە ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشتۇر.››

‹‹ئاللاھ ئىنساننىڭ مىڭىسى ناھايىتى تەستە چۈشىنىدىغان بىر مېتافىزىكىلىق مەسىلىدۇر.››

‹‹تەڭرى بىر ۋە ئۇلۇغدۇر.››

‹‹ئاۋۋال سوتسىيالىست بولۇپ ماددىنى چۈشىنىش كېرەك.››

‹‹تۈركلەر مۇسۇلمان بولۇشتىن بۇرۇنمۇ بۈيۈك بىر مىللەت ئىدى.››

‹‹مېنىڭچە دىنسىزمەن دېگەنلەر مۇتلەق دىنداردۇر. ئىنساننىڭ دىنسىز بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.››

‹‹بىۋاسىتە ھەقىقەتكە قانداق ئىشەنسەم دىنىمگىمۇ شۇنداق ئىشىنىمەن. دىنىمىز ئاڭغا زىت، تەرەققىياتقا توسقۇن ھېچقانداق نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.››

‹‹بىزنىڭ دىنىمىز ئەڭ ئۇيغۇن، ئەڭ تەبىئىي بىر دىندۇر. شۇڭا ئەڭ ئاخىرىقى دىندۇر. بىر دىننىڭ تەبىئىي بولۇشى ئۈچۈن ئەقىلگە، پەنگە، ئىلىمگە ۋە مەنتىقىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. بىزنىڭ دىنىمىز بۇلارغا تامامەن ئۇيغۇن.››

‹‹بەزى كىشىلەر زامانىۋىي بولۇشنى كاپىرلىق دەپ قارايدۇ، ئەسلىدە كۇفۇرلۇق ئۇلارنىڭ بۇ قارىشىدۇر.››

‹‹ئەمدى تۈركىيە دىن ۋە شەرىئەت ئويۇنلىرىغا سەھنە بولۇشتىن ناھايىتى يىراق تۇرىدۇ. بۇ خىل ئويۇنچىلار(دىنىي ئويۇننىڭ ئارتىسلىرى) بولسا ئۆزلىرىگە باشقا تەرەپلەردە سەھنە ئىزدىسۇن.››

-- مۇستاپا كەمال ئاتاتۈرك

كىرىش سۆز

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كەمال ئاتاتۈرك كۆپ قىرلىق بىر داھى. ئۇ ھەم ھەربىي، ھەم دۆلەت خادىمى، ھەم بىر مۇتەپەككۇر. دائىم سۆزلەنگىنىدەك، ئاتاتۈرك يالغۇز ئەمەلىيەتچىل بىر شەخس بولۇپلا قالماي، يەنە ناھايىتى ياخشى بىر نەزەرىيەچى. ئاتاتۈركنى نەزەرىيەچىگە ئايلاندۇرغان مەنبە ئۇنىڭ باي تەپەككۇر دۇنياسىدۇر. بىراق، نېمە سەۋەپتىنكى ئاتاتۈركنىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بۇ تەپەككۇر دۇنياسىغا دائىم سەل قارالدى. مانا بۇ تەتقىقاتىمىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتىدىن بىرى ئاتاتۈركنىڭ تەپەككۇر بايلىقلىرىنىڭ نە قەدەر  كۆپ خىل ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ دىن تېمىسىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشتۇر.

ئاتاتۈرك 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بىر ئىسلام ئىمپېرىيەسىدىن ئىلگىرى ھېچقانداق خىلى كۆرۈلمىگەن شەكىلدە ‹‹زامانىۋى››، ‹‹لائىك›› بىر ‹‹مىللىي دۆلەت››نى ئۇتۇقلۇق ھالدا قۇرۇپ چىقتى. شۆبھىسىزكى، ئاتاتۈركنىڭ ئەڭ چوڭ غەلىبىسى ئۆزىدىن بۇرۇنقى ئوسمانلى ئىسلاھاتچىلىرى زادىلا ئەمەلگە ئاشۇرۇالمىغان ۋە ھەقىقىي مەنىسى بىلەن چۈشەنچىدىن ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرالمىغان مىللىي ۋە لائىك ‹‹زامانىۋىيلىشىش›› پىلانىنى ئىنتايىن خەتەرلىك بىر دەۋردە ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىدۇر.

تۈركىيەنىڭ زامانىۋىيلىشىش تارىخى 18- ئەسىرگە قەدەر سۇزۇلىدۇ. ئوسمانلى تارىخى كۆزدىن كەچۈرۈلگەندە ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ كېيىنكى ئىككى يۈز يىلىنىڭ ‹‹زامانىۋىيلىشىش›› مۇنازىرىسى بىلەن ئۆتكەنلىكى ۋە بۇ دەۋردە ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ئومۇمەن ھەر ساھەسىدە بىر ئۆزگىرىش جەرىيانىنىڭ بولغانلىقى كۆرۈلىدۇ. دەستلەپتە بەزى ئىسلاھاتچى ئوسمانلى پادىشاھلىرى، كېيىنچە بەزى ئوسمانلى زىيالىيلىرى يىتەكچىلىك قىلغان ‹‹ئوسمانلىلارنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش›› پىلانىنىڭ دۇچ كەلگەن مەسىلىلىرى ئىچىدە دىن مەسىلىسى ھەممىنىڭ ئالدىدا تۇرغان. ئومۇمەن، ھەر دەۋردە ئوسمانلى ئىسلاھاتچىلىرىنى ئەڭ كۆپ ئويلاندۇرغىنى ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىسلاھاتلارغا  قارىتا ‹‹دىننى مەركەز قىلغان›› بىر قارشى ھەرىكەتنىڭ يۈز بىرىش ياكى يۈز بەرمەسلىك ئەندىشىسى ئىدى. بولۇپمۇ بۇ كونا ئەندىشە 19- ئەسىردە مائارىپتىن قانۇنغا ، ئىقتىسادتىن سىياسەتكە، ئىجتىمائىي ئالاقىلاردىن ئاياللار ھوقۇقىغا قەدەر ناھايىتى كەڭ بىر   ساھەدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ لازىملىقىنى ئويلىغان ۋە بۇ يولدا مول كونكېرتنى پىلانلارنى تۈزگەن ناھايىتى نۇرغۇن زىيالىلارنى ۋە دۆلەت خادىملىرىنى ئىككىلەندۈرۈپ قويغانىدى. غەرپنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان ئوسمانلىلارنىڭ زامانىۋىيلىشىش تەرەپدارلىرى ئۈچۈن ‹‹دىن›› تۈركنىڭ زامانىۋىيلىشىشىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولۇپ كۆرۈلۈشكە باشلىغان. ناھايىتى نۇرغۇن ئوسمانلى زىيالىيسىنىڭ قارىشىچە، دىنىي مەسىلە جەمئىيەتتىكى تەسىرىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە تۈركىيەدە زامانىۋىيلىشىشنىڭ غەلىبىگە ئىرىشىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. تۈركىيەنىڭ زامانىۋىيلىشىشى ‹‹مودېرنىزم›› بىلەن ‹‹دىن›› ئوتتۇرىسىدىكى ناھايىتى ئىنچىكە بىر سىزىققا باغلانغانىدى.

تۈركنىڭ زامانىۋىيلىشىش تارىخىدا مۇسۇلمان تۈركلەرنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە كۈلتۈرەل ئالاھىدىلىكلەر جەھەتتىن غەرپكە ئەڭ زور دەرىجىدە يېقىنلاشقان دەۋرى 1923- يىلى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن باشلاندى. بۇ خىل يېقىنلىشىشنى بەرپا قىلغان كىشى مۇستاپا كەمال ئاتاتۈركتۇر. ئاتاتۈرك ئىنقىلاپلىرى خۇددى غەرپتىكى ئۆرنەكلىرىگە ئوخشاش تەرەققىياتقا،  يېڭىلىققا يۈزلەنگەن، زامانىۋىي،  جانلىق بىر دۆلەت ۋە جەمئىيەت يارىتىشنى مەقسەت قىلغانىدى. ئاتاتۈرك ئىنقىلاپلىرىنىڭ ئۈچ مۇھىم ئالاھىدىلىكى بار: بۇنىڭ بىرىنجىسى ئىمپېرىيالىستتىك غەرپكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان مىللىي مۇستەقىللىق ئۇرۇشى، ئىككىنجىسى غەرپتىن ئالغان زامانىۋىي قىممەت ئۆلچەملىرى ۋە مۇئەسسىسەلەر، ئۈچىنجىسى ئىسلامىيەت بىلەن بىرلىكتە  (ئىسلامىيەت كىملىكىنى قوغداپ) زامانىۋىيلىشىش. ئاتاتۈرك ئىنقىلابىنىڭ بۇ ئۈچ ئالاھىدىلىكى كىلاسسىك ئىنقىلاپ نەزەرىيەلىرىنىمۇ ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋەتتى. غەرپكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان مىللىي مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدىن كېيىن غەرپتىن پايدىلىنىش ۋە خرىستىئان غەرپ دۇنياسى بىلەن بىرخىللاشقان ‹‹زامانىۋىي قىممەتلەر ئۆلچەملىرى››نى بىر ئىسلام جەمئىيىتىگە ئومۇملاشتۇرۇش كىلاسسىك ئىنقىلاپچى خىيالىنى يەر بىلەن يەكسان قىلدى. شۇڭلاشقا، ئاتاتۈركنى ۋە ئاتاتۈرك ئىنقىلابىنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن ‹‹كىلاسسىك ئىنقىلاپ›› ۋە ‹‹ئىنقىلاپچى›› ئۇقۇمىنىڭ رامكىسىدىن ھالقىپ چىقىش كېرەك. لېكىن، شۇنى ئەپسۇسلانغان  ھالدا ئىپادە قىلىش زۆرۈركى، مەملىكىتىمىزدە بۈگۈنگە قەدەر بۇ ھەقىقەتنى ناھايىتى ئازلا كىشى كۆرۈپ يەتتى.

ئاتاتۈرك ئىنقىلابى ئىككى يۈز يىلدىن بېرى غەلىبىگە ئىرىشەلمىگەن نەرىسىنى غەلىبىگە ئىرىشتۈردى، تۈركىيەنىڭ نەچچە يۈز يىلدىن بېرى غەرپ بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ مۇھىم سۈركۈلۈش نوقتىسى بولغان ‹‹دىن››ىنى قوغداپ، ئۇنى زامانىۋىيلاشتۇردى.

بۇ مۇمكىن ئەمەستەك كۆرۈلگەن ‹‹رادىكال ئىسلاھات››نىڭ پىلانلىغۇچىسى ئاتاتۈركنى غەلىبىگە ئىرىشتۈرگەن نەرسە نېمە؟ ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى زامانىۋىيلاشقۇچىلار زادىلا ھالقىيالمىغان دىنىي توسالغۇنى ئۇ قانداق بېسىپ ئۆتتى؟ غەلىبىسىنىڭ سىرى تۈركلەر بىلەن بىرىكىپ كەتكەن ئىسلام دىنىنى ناھايىتى ياخشى چۈشەنگەنلىكىمۇ؟ غەرپتىن پايدىلىنىپ، زامانىۋىي ۋە لائىك قىممەت ئۆلچەملىرىنى  ئاتا قىلغان تۈرك جەمئىيىتىگە ‹‹دىن›› تېمىسىدا سىڭدۈرگەن تۇيغۇ ۋە چۈشەنچىلىرى قانداق؟ ئومۇمەن دىن ھەققىدە، بولۇپمۇ ئىسلام دىنى ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرى قانداق؟ بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش سۇئاللارغا بىرىلىدىغان جاۋاپلار ئاتاتۈركنى ۋە تۈرك زامانىۋىيلىشىش ھەرىكىتىنى توغرا چۈشىنىش جەھەتتە ناھايىتى ئەھمىيەتلىكتۇر.

جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن بۈگۈنگە قەدەر ‹‹تۈزۈمگە بولغان قارشىلىق››نىڭ ۋە ‹‹ئاتاتۈرك دۈشمەنلىكى››نىڭ سەۋەپلىرى تەتقىق قىلىنغاندا دائىم ‹‹دىن›› ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا ئاتاتۈرككە ۋە جۇمھۇرىيەتكە ھۇجۇم قىلغانلار ئاتاتۈركنىڭ ‹‹ئىسلامىي ئوسمانلى دۆلىتى››نى ئاغدۇرۇپ ئۇنىڭ ئورنىغا ‹‹لائىك تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى››نى قۇرغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق ئىسلامىي ھۆكۈملەرگە قارشى ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ئالغا سۈرۈپ، ھۇجۇمىغا ئاساس كۆرسىتىشكە تىرىشتى. ھالبۇكى، بۇ ساھەدىكىلەر  نەزەردىن ساقىت قىلىۋاتقان بەزى ناھايىتى مۇھىم نوقتىلار بار.

بۇنىڭ بىرىنجىسى، ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ بۇ ساھەدىكىلەرنىڭ  دېگىنىدەك ھېچقاچان بىر دىنىي دۆلەت بولمىغانلىقىدۇر. ئوسمانلى دۆلىتىدە قۇرۇلغاندىن تا ئاغدۇرۇلغانغا قەدەر ‹‹ئىككىلىك قانۇن سىستېمىسى›› بار ئىدى. دىنگە تايانغان ‹‹شەرئىي قانۇن››(شەرىئەت قانۇنى) بىلەن بىرلىكتە ‹‹دىندىن خالى›› ئەنئەنە ۋە  قائىدە – يوسۇنغا  تايانغان  ‹‹ئۆرپى قانۇن››(ئۆرپ- ئادەت قانۇنى) ئوسمانلىلارنىڭ ‹‹دىنىي دۆلەت››(مەسىلەن، بۈگۈنكى ئىرانغا ئوخشاش) كە ئايلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان. شەيخىسلام پەتىۋالىرىنى تەتقىق قىلىدىغان بولساق، دىنىي ھەقىقەتلەرگە ئاساسەن چىقىرىلغان بىر مۇنچە ھۆكۈملەرنىڭ ئەسلىدە ‹‹قۇرئان››غا ۋە ئىسلامغا تامامەن زىت ئىكەنلىكى كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن، تەخت ماجرالىرىنىڭ دۆلەتكە كەلتۈرگەن زىيىنىنى توسماقچى بولغان فاتىھ سۇلتان مەھمەتنىڭ ‹‹قېرىنداشنى قەتلى قىلىش قانۇنى››(قانۇننامەئى ئەلى ئوسمان)غا يول قويغان پەتىۋانىڭ ئىسلام دىنىگە تامامەن زىت ئىكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق.  فاتىھ ھەقىقەتنى تۇنۇپ يەتكەن يەتكەن بولسىمۇ، ئەقىللىق پادىشاھ دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ‹‹دىندىن پايدىلىنىش››قا قارىتا ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەن، قېرىنداشنى قەتلى قىلىش قانۇنىغا ئوخشاش ‹‹دىندىن خالى›› بىر مۇنچە تەدبىرلەرنى دىنىي ھەقىقەتلەر ئارقىلىق قانۇنىيلاشتۇرغان.

ئىككىنجىسى، ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ كېيىنكى ئىككى يۈز يىلدىكى ‹‹زامانىۋىيلىشىش›› ھەرىكىتىدۇر. بەزى ساھەدىكىلەرنىڭ ئويلىغىنىدەك،  تۈركىيەنىڭ ‹‹زامانىۋىي›› بىر مەملىكەتكە ئايلىنىش قارارىنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان كىشى ئاتاتۈرك ئەمەس ئىدى. بۇ قارار 18- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىلا بىۋاسىتە ھالدا ئوسمانلى پادىشاھلىرى ۋە كېيىنكى ۋاقىتلاردىمۇ ئوسمانلى زىيالىلىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قارار ئىدى. يەنى تۈركىيەدە ئىسلاھات ئاتاتۈركتىن بۇرۇن باشلانغان. لېكىن، ئوسمانلىلارنىڭ زامانىۋىيلىشىشى ‹‹دادىل بولمىغان›› ۋە ‹‹تۇراقسىز›› بىر زامانىۋىيلىشىش ئىدى. ئاتاتۈرك ئوسمانلىلارنىڭ ئىسلاھاتچى پادىشاھلىرى ۋە زىيالىلىرى ئاچقان يولدىن ناھايىتى جەسۇرلۇق، ناھايىتى قەتئىيلىك ۋە ئۆزىگە خاس ئۇسۇللار بىلەن ئىلگىرىلەپ ‹‹تۈرك تارىخىنىڭ ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇش نوقتىسى››نى ئەمەلگە ئاشۇردى. يەنى ئاتاتۈرك تۇيۇقسىزلا ئوتتۇرىغا چىقىپ ‹‹ ھەقىقىي دىندار، ئوڭۇشلۇق ھالدا ئىش كۆرۈۋاتقان بىر دىنىي دۆلەت››نى ئاغدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ‹‹مىللىي›› ۋە ‹‹لائىك›› بىر تۈرك دۆلىتىنى قۇرغان ئەمەس. ئاتاتۈرك ‹‹دىننى قورال قىلىۋالغان، دىننى باھانە قىلىپ زامانىۋىيلىشىشقا توسقۇن بولغان، ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەپلەر بىلەن پارچىلىنىش گىردابىغا كېلىپ قالغان ۋە كېيىنكى ئىككى يۈز يىلدا غەرپكە، يەنى زامانىۋىي مەدەنىيەتكە قاراپ يۈزلەنگەن، لېكىن زادىلا زامانىۋىيلىشالمىغان،  سىرتقا بېقىندا بولغان بىر دۆلەت››نىڭ ئورنىغا ‹‹تولۇق مۇستەقىل›› ۋە ‹‹زامانىۋىي›› بىر دۆلەتنى قۇردى. بۇ ھەرىكىتى ئۈچۈن ئاتاتۈركنى ‹‹ئەيىپلەش›› ئەمەس، ‹‹قۇتلۇقلاش›› كېرەك. يەنە كېلىپ ئاتاتۈرك قۇرغان يېڭى دۆلەتنىڭ ئىسلام دىنىگە قىلغان خىزمەتلىرى (ئىسلام دىنىنى توغرا چۈشىنىش ۋە دىنىي مونۇپۇلچىلىقنى توسۇش يولىدىكى ھەرىكەتلەر) ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ 600 يىللىق خىزمەتلىرىدىنمۇ كۆپ( مەسىلەن، ئوسمانلىلاردا 600 يىل جەرىيانىدا ‹‹قۇرئان›› ۋە ‹‹ھەدىس›› مەنبەلىرىنىڭ تۈركچە تەپسىر ۋە تەرجىمىسنى ئىشلەشكە يۈزلىنىدىغان ھېچقانداق بىر ئالاھىدە ھەرىكەت بولمىغان. ياش جۇمھۇرىيەت دەستلەپكى يىللىرىدىلا بۇ تېمىدا ناھايىتى مۇھىم  ئىلمىي ئەمگەكلەرنى ئىشلىگەن). بولۇپمۇ ئاتاتۈركنىڭ زامانىۋىيلىشىش پىلانىدا ئىسلام دىنى ناھايىتى مۇھىم بىر ئورۇن تۇتقان. ئاتاتۈرك ئىنقىلاپلىرى ئىچىدە ئىسلام دىنىنى ‹‹خۇراپاتلىق››تىن  تازىلاشنى مەقسەت قىلغان ۋە ‹‹دىندە ئەسلىگە قايتىش پىلانى›› دەپ ئاتاشقا بولىدىغان ھەرىكەتكەر بار ئىدى. دىن تىلىنىڭ تۈركچىلەشتۈرۈلۈشى مەسىلىسىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىشلار بۇ ھەرىكەتلەرگە ئۆرنەكتۇر.

ئاتاتۈرك ۋە تۈركىيە دۈشمەنلىرى ئاتاتۈرككە، لائىك، دېموكراتىك ۋە زامانىۋىي تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە ھۇجۇم قىلغاندا، ھەمىشە ‹‹دىن››نى باھانە قىلدى. ھۇجۇمىغا دائىم دىنىي ھەقىقەتلەرنى ئاساس قىلىشقا تىرىشتى. بۇ ساھەدىكىلەر ئۆزىنىڭ قارىشىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ئۈچۈن ئاتاتۈركنى ‹‹دىن دۈشمىنى›› قىلىپ كۆرسەتتى. پروفېسسور ئىسمەت گۆرگۈلۈ بۇ ھەقىقەتنى مۇنداق ئىپادە قىلىدۇ : ‹‹كىشىلەرنى دېموكراتىيەگە قارشى، لائىكلىك دۈشمىنى قىلىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئىسلامىيەتنى يولدىن چىقىرىشنى، دىنىي گەپلەر  بىلەن دېموكراتىيە ۋە لائىكلىكنىڭ ئاللاغا قارشى چىقىش ئىكەنلىكىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ لائىك بولالمايدىغانلىقىنى  ئۈگەتتى. كېيىن تۈركىيەدىكى مۇسۇلمانلارنى دىنسىز، لائىك تۈزۈمگە پاتۇرۇپ قويغان  كىشىنىڭ ئاتاتۈرك ئىكەنلىكىگە، ئاتاتۈركنىڭ بولسا خائىن، نۇمۇسسىز، ئىسلامىيەت دۈشمىنى ۋە دىنسىز بىر شەخس ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈردى. بۇ ئىككى ئىشنى بىلىپ يەتكەن كىشى شەرىئەتچى بولۇپ چىقتى، ھەمدە ئۇلار  قۇرۇپ قېتىپ كەتكەندەك شەرىئەتنىڭ ئۆزىنى قۇلغا ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يىتەلمەيدىغان دەرىجىدە مۇتەئەسسىپلەشتى. ئىنسان سۈپىتىدە ھاياتىنىڭ، مۇستەقىللىقىنىڭ ئاتاتۈرككە باغلانغانلىقىنى، ئاتاتۈركنىڭ سايىسدە بىر ۋەتەنگە، بىر دۆلەتكە ئىگە بولغانلىقىنى ئويلاپ يىتەلمىدى. توغرا نەرسىنى كۆرۈپ يىتەلىسە، ئاتاتۈركنىڭ باش سۈرىتىگە، ھەيكىلىگە ھۇجۇم قىلامتى؟ ھەيكەللىرىگە پۇت نەزىرى بىلەن قارامتى؟››[1]

ئەپسۇسلانغان ھالدا ئېيتىش كېرەككى، يېقىنقى ۋاقىتلارغا قەدەر يالغۇز ئاتاتۈركنىڭ دۈشمىنى بولغان مۇتەئەسسىپلەرلا ئەمەس، يەنە بەزى زىيالىلىرىمىز، ھەتتا بەزى ئاتاتۈركچىلەرمۇ ئاتاتۈركنى جەمئىيەتكە ‹‹دىن دۈشمىنى›› سۈپىتىدە تۇنۇتۇپ، بۇ تېمىدا جەمئىيەتنى خاتا يولغا باشلىدى. ‹‹تۈرك ئەينىشتېئىنى›› دەپ تۇنۇلغان پروفېسسور ، دوكتۇر ئوكتاي سىنانئوغلۇ ئاتاتۈرك دۈشمەنلىكى ۋە دىن تېمىسىدا دىققەتنى تارتىدىغان مۇنداق قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان : ‹‹تۈركىيەدە خەلقنىڭ تىلىدا ‹مۇسۇلمان› دېگەنلىك ‹تۈرك› دېگەنلىكتۇر. ‹تۈرك›  دېگەنلىك ‹مۇسۇلمان› دېگەنلىكتۇر. شۇنداق تۇرسا كېيىنكى يىگىرمە يىلدا خەلقىمىز قايمۇقتۇرۇلۇپ  مۇسۇلمان تۈرككە دۈشمەن قىلىندى. تەبىئىيكى زىيالىلىرىمىزمۇ قارشى يۆلۈنىشتە قايمۇقتۇرۇلدى. ئاخىرى قانداق بولدى؟ ئاتاتۈركنىڭ ‹مۇستەقىللىق›، ‹چەتئەلنىڭ تۈركىيەدىكى ھەر تۈرلۈك ئالاھىدە ھوقۇقىنى رەت قىلىش›، ‹مائارىپ مىللىي بولۇش، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ساھەدە تۈركچىنى قوللىنىش›، ‹تۈرك سالاھىيىتىنى قوغدىغان ھالدا زامانىۋىيلىشىش(قەتئىي غەرپلىشىش، يەنى غەرپنى تەقلىد قىلىش ئەمەس)›، ‹دەۋرداش مەدەنىيەتنىڭمۇ ئالدىغا ئۆتۈش›، ‹تۈرك تارىخىغا، تۈرك كۈلتۈرىگە ئەھمىيەت بىرىش›، ‹تۈرك دۇنياسى بىلەن ئالاقىدا بولۇش› قاتارلىق ئاساسىي چۈشەنچىلىرى ساختا ئاتاتۈركچىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ، ‹ئاتاتۈركچىلىك› شۇ يالغان سۆزگە يىغىنچاقلاندى : ‹ئاتاتۈركچىلىك› لائىكلىتۇر، ‹ئاتاتۈركچىلىك› مۇسۇلمان دۈشمەنلىكى›دۇر. نەتىجىدە خەلق زىيالىلارغا ۋە دۆلەتكە دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان بولدى. بۇمۇ يەتمىگەندەك، كۈچلۈك ئىقتىسادىي ۋە سودا ئالاقىلىرىدا بولۇشىمىز زۆرۈر بولغان ئىسلام دۇنياسىدىن ۋە ئاخىرىدا ئەمدىلا دەرۋازىسى بىراز ئېچىلىۋاتقان تۈرك دۇنياسىدىن ئايرىلىپ بىر چەتتە قالدۇق.››[2]  

خوش، ئۇنداقتا ئاتاتۈرك دىن تېمىسىدا قانداق چۈشەنچىلەردە بولغان؟ مانا بۇ ئەسىرىمىزدە بۇ مەسىلىگە ھۆججەتلەرگە ئاساسلىنىپ جاۋاپ بىرىلدى. ئاتاتۈرك ۋە دىن تېمىسىدا ھازىرغا قەدەر سۆزلەنگەن تەرەپلەرگە دىققەتنى ئاغدۇرغاندا، بۇ جاۋاپ ناھايىتى كۆپ كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

ئاتاتۈركنىڭ ھاياتى تەتقىق قىلىنغاندا ئۇنىڭ ناھايىتى نۇرغۇن تېمىلار قاتارىدا دىنىي تېمىغىمۇ كۈڭۈل بۆلگەنلىكى كۆرۈلىدۇ. دىن دېگەن نېمە؟ ئىسلام دىنىنىڭ تۈرك جەمئىيىتىدىكى تەسىرى قانداق؟ باشقا دىنلارغا ئوخشاش تارىختا  ئىسلام دىنىدىمۇ  بوزۇلۇش بولغانمۇ؟ دىننى ئەقىل ۋە بىلىم بىلەن باھالاشقا بولامدۇ؟ ئىسلام دىنى بىلەن ئەقىل ۋە بىلىم ئوتتۇرىسىدا قانداق مۇناسىۋەت بار؟ ئىنسان قانداق ئوتتۇرىغا چىققان، ھەزرىتى مۇھەممەد قانداق ئىنسان؟ ئىسلام تارىخىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى نېمە؟ دىن ئىنسانلارغا قانداق تەسىر كۆرسەتكەن؟ دىن بىلەن تىل ئوتتۇرىسىدا قانداق مۇناسىۋەت بار؟ دېگەنگە ئوخشاش ناھايىتى نۇرغۇن سۇئاللارغا ئوقۇغان كىتاپلارنى، يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى، ئىرىشكەن تەرجىرىبىلەرنى چىقىش نوقتىسى قىلىپ جاۋاپ تېپىشقا تىرىشتۇق. بىزنىڭ بۇ تەتقىقاتتىكى  مەقسىتىمىزنىڭ بىرى ئاتاتۈركنىڭ دىن تېمىسىدىكى بۇ خىل سۇئاللارغا بەرگەن جاۋابىنى كىشىلەرنىڭ نەزىرىگە سۇنۇشتۇر. بۇ ئارقىلىق ئاتاتۈركنىڭ دىنىي مەسىلىگە بولغان قارىشىنى چىقىش نوقتىسى قىلىپ، ئۇنىڭ ھاياتنى، ئىنساننى، تەبىئەتنى، قىسقىسى ئالەمنى قانداق چۈشەنگەنلىكىگە دائىر يىپ ئۇچىغا ئىرىشىشكە تىرىشتۇق. بۇ يىپ ئۇچى توپلىنىۋاتقاندا، ئاتاتۈركنىڭ بىر پۈتۈن  ھاياتى ئومۇمەن قەدەر قەدەممۇ قەدەم تەتقىق قىلىندى.

ئاتاتۈركنىڭ ھاياتىدا دىن مەسىلىسى بەلگىلىك بىر شەكىلدە ھەر ۋاقىت مەۋجۇت ئىدى. لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاتاتۈركنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان قارىشىدا بەزى ئۆزگىرىشلەر  بولغان. ناھايىتى سەزگۈر ۋە ئەقىللىق بىر كىشى بولغان ئاتاتۈركنىڭ ئۆزى تۇغۇلۇپ  ئۆسكەن جەمئىيەتتىكى مەسىلىلەر ۋە زىددىيەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى، ناھايىتى مۇھىم بىر مۇستەقىلىق ئۇرۇشىنىڭ  رەھبىرى بولغانلىقى، بۇ قىيىن مەزگىلدە ياشىغانلىقى، قۇتۇلۇش ئۇرۇشىدىن كېيىن مۇسۇلمان بىر خەلقنى زادى ئادەتلىنىپ باقمىغان قىممەت ئۆلچەملىرى ۋە مۇئەسسىسەلەر بىلەن ئۇچراشتۇرغاندا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر ئۇنىڭ دىن تېمىسىدىكى چۈشەنچىلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە، تېخىمۇ توغرىسى ‹‹يېڭىدىن شەكىل ئېلىپ مۇكەممەللىشىشىگە›› تەسىر كۆرسەتكەن. ئاتاتۈركنىڭ ياشىغان دەۋرى ۋە كىشىلىك ئالاھىدىلىكلىرى ئۇنى داۋاملىق ئويلىنىشقا ۋە داۋاملىق ئۆزىنى يېڭىلاشقا مەجبۇر قىلغان. شۇ سەۋەپلىك، ئاتاتۈرك يەككە خۇسۇسىيەتلىك ۋە قېلىپلاشقان ئەمەس، بەلكى كۆپ خىل خۇسۇسىيەتلىك ۋە ئۆزگىرىشچان بىر تەپەككۇر قۇرۇلمىسىغا ئىگە ئىدى. ئاتاتۈركنى توغرا چۈشىنىش پەقەت ئۇنى بۇ ‹‹كۆپ خىللىق›› ۋە ‹‹ئۆزگىرىشچانلىق››(ئاتاتۈركتىكى ئۆزگىرىشچانلىق تۈپ پىرىنسىپتىكى ئۆزگىرىشچانلىق ئەمەس، ئۇنىڭ ئۆزگىرىشچانلىقى زامانغا ماسلىشىپ مېڭىش، ‹يېڭىلىنىش› شەكلىدىكى بىر ئۆزگىرىشتۇر) ئىچىدە تەھلىل قىلىش ئارقىلىق مۇمكىن بولىدۇ. ئاتاتۈركنىڭ بىر مۇنچە مەسىلىلەردىكىگە ئوخشاش دىن تېمىسىدىكى چۈشەنچىلىرىدىمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆزگىرىشلەر بولغان ۋە بۇ ئۆزگىرىشلەر ئاخىرىدا بىر مۇكەممەللىك نوقتىسىغا ئىرىشكەن. بۇ جەھەتتىن ‹‹ئاتاتۈرك ۋە دىن››  تېمىسىدا نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغان ئاساسلىق نوقتا مۇشۇ ‹‹ئۆزگىرىش›› ۋە ‹‹تەرەققىيات›› مەسىلىسىدۇر. ئەگەر بۇ ‹‹ئۆزگىرىش›› مەسىلىسى نەزەردىن ساقىت قىلىنسا ئاتاتۈركنىڭ ھاياتىنىڭ ھەر قانداق بىر دەۋرىدە سۆزلىگەن دىن ھەققىدىكى پايدىلىق ياكى پايدىسىز سۆزلىرىنىڭ مەنىسىنى يىشىش مۇمكىن ئەمەس. ئەمەلىيەتتىمۇ بالىلىق چاغلىرىدىكى ۋە ياشلىقىنىڭ دەستلەپكى يىللىرىدىكى مۇستاپا كەمال كامالەتكە يەتكەن چاغدىكى ئاتاتۈركتىن كۆپ پەرقلىنىدۇ.

كۆپ ئوقۇغان ۋە ئۆزىنى داۋاملىق يېڭىلاشنى بىلگەن ئاتاتۈركنىڭ دىن تېمىسىدىكى چۈشەنچىلىرىدە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ‹‹ئۆزگىرىشلەر››نىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى تەبئىي ئەھۋال دەپ قاراش كېرەك.  


داۋامى بار



[1]  ئى. گۆرگۈلۈ : ‹‹ئاتاتۈركنىڭ خۇسۇسىى ھاياتى››، بىلگى نەشرىياتى، 2003- يىلى، ئەنقەرە، 10- بەت.


[2]  ئو سىنانئوغلۇ : ‹‹نېمە قىلىش كېرەك؟››، ئوتوپسى نەشرىياتى، 2003- يىلى، ئىستانبۇل، 53- بەت.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-24 11:24 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kukhelal + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53409
يازما سانى: 584
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9172
تۆھپە نۇمۇرى: 940
توردا: 1650 سائەت
تىزىم: 2011-8-27
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 11:50:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇستاپا كامال ئاتا تۈرىك تۈركى مىللەتلەر ئىچىدە تارىختىن ھازىرغىچە ئۆتكەن  مەن قايىل بولدىغان  دۆلەت ئەربابى،ئىسلاھاتچى.  ئۇ ھەرگىزمۇ دىن دۈشمىنى ئەمەس!!!   ( مۇنبەردىكى  تور مولىللىرى ھەققي چۈشەنمەي تۇرۇپ ئۇنىڭغا قالپاق كىيدۈرمەڭلار..... مۇنا زىرە قىلىپمۇ يۈرمەڭلار! بۇنىڭغا تېخى بىلمىڭلار،سالاھىيتىڭلار توشمايدۇ). ھازىر كېرىكى دەل ئاشۇنداق ئادەم.
بۇ تىمىنى نادرلاشنى تەلەپ قىلىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91596
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 652
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 129 سائەت
تىزىم: 2013-2-12
ئاخىرقى: 2013-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 12:01:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91596
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 652
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 129 سائەت
تىزىم: 2013-2-12
ئاخىرقى: 2013-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 12:12:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

    مۇستاپا كامالنىڭ قىسقىچە تارىخى

مۇستاپا كامال ئوسمانىيەدۆلىتىنىڭ سالۇنىيك(ھازىر گىرىتسىيەگە قارايدۇ) شەھىرىدە 1881- يىلى تۇغۇلىدۇ. بۇشەھەر يەھۇدىلار، گىرىتسىيەلىكلەر ۋە بۇلغارلىقلار بىلەن توشۇپ كەتكەن بىر شەھەربولۇپ، بۇ تائىفىلەر ئىسلامغا ئۆچ ۋە ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ يىقىلىشىنى ئارزۇقىلىدىغانلار ئىدى ، مۇستاپا كامال ئىسلامنى ۋە خەلىپىلىكنى يامان كۆرىدىغان مۇشۇمۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئىسلامغا بولغان ئۆچمەنلىكى ئىچ- ئىچىگە سىڭىپكېتىدۇ.

ئەنگىلىيەلىك يازغۇچى“ھ، س،ئارمىسترونج“غۇۋا بۆرە“ نامىلىق كىتاۋىدا:“مۇستاپا كامالنىڭ بوۋىلىرى ئىسپانىيەدىنسالونيىك شەھىرىگە ھىجرەت قىلىپ بارغان يەھۇدىلار بولۇپ، بۇلار دونىما يەھۇدىلىرىدەپ ئاتىلىدۇ، بۇلار ئىسلامغا كىرگەنلىكىنى داۋا قىلغان“ دەپ يازىدۇ.

بۇ ئادەمنىڭ ھاياتىدا ئادەمنىھەيرانغا سالىدىغان بىر تەرىپى شۇكى، راھىبلار مۇستاپا كامالنى بوۋاق ۋاقتىداسالۇنىيك شەھىرىدىكى بىر چىركاۋدىن تاشلاندۇق ھالىتىدە تېپىۋالىدۇ. راھىبلار ئۇنىتەربىيلەپ چىقىدۇ ۋە ئۇنىڭغا فىرانىسيە تىلىنى ئۆگىتىدۇ، ئۇ ئۇ تىلنى ياخشى كۆرۈپقالىدۇ، راھىبلار ئۇنىڭ ئىنقىلاب مايىلچانلىقىنى غىزالاندۇرۇپ تۇرىدىغان ۋە ئىدىيەقۇرۇلمىىسىنى يۈزلەندۈرۈپ تۇرىدىغان چەتئەل كىتابلىرى بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدۇ. شۇڭائۇ غەرب ئىدىيىسى ۋە غەرب مۇتەپەككۈرلىرىگە قىزىقىپ قالىدۇ ۋە ئۇلارنى دوراشنىئارزۇ قىلىدۇ. شۇ سەۋەبلىك ئوسمانىيە ئىسلام دۆلىتىنى يامان كۆرىدۇ ۋە ئۇنىيوقۇتۇش ئويىنى قىلىپ يۈرىدۇ.

مۇشۇ ئارىلىقتا ئۇنىڭ ئانا تەرەپتاغىسى ئۇنى ھەقسىز تەلىم بېرىدىغان ھەربى مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويىدۇ، ئۇئوقۇشتا نەتىجە قازىنىپ ئوفىتسېرلار سېپىغا كىرىدۇ…1905- يىلى مۇستاپا كامالھەربىلەرنىڭ مۇشاۋۇرى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئالدىدا مەنسەپ ئۆسۈش يولىئېچىلىدۇ ۋە ئارزۇلىرىنى رىئاللىققا چىقىرىش پۇرسىتى كۈنسىرى ئاشىدۇ. ئۇ ھەربىمەسلىھەتچىلەر پاكولتىتىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا“ئىنقىلاۋى ۋەتەن“ تەشكىلاتىغائەزا بولىدۇ، بۇ تەشكىلات خەلىپىلىك تۈزۈمىنى يىقىتىشنى پىلانلاۋاتقان ئىدى، لېكىنبۇلارنىڭ ئىشلىرى پاش بولۇپ قولغا ئېلىنىدۇ، مۇشۇ قاتاردا مۇستاپا كامال تۈرمىگەتاشلىنىپ، بىر مۇددەتتىن كېيىن قويۇپ بېرىلىدۇ.

ئۇ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىنغەربنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا خىزمەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ماسۇنىي يەھۇدىلارنىڭ“ئىتتىپاقۋە تەرەققىيات“ جەمىيىتىگە ئەزا بولىدۇ. ئىتتىپاق ۋە تەرەققىيات جەمىيىتى سۇلتانئابدۇلھەمىدگە قارىشى مەقدۇنىيادا ئىنقىلاب ئوتىنى ئۇلغايتىدۇ، سۇلتان ئابدۇلھەمىدئۇلارنىڭ تەلىۋىنى ئاڭلاپ بېقىشقا قوشۇلغاندا، ئىنقىلاپ داھىلىرىنىڭ شەرىپى تېخىمۇئۆسىدۇ. مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئىستانبولدا خەلق ئىنقىلاۋى قوزغىلىپ، ئىتتىپاق ۋەتەرەققىيات داھىلىرىنى ئېيىپلايدۇ ۋە سۇلتانغا قارىشى تۇرۇشنى تەنقىد قىلىدۇ. دەلمۇشۇ يەردە ھەربىلەر-ماسۇنىيە ئەزالىرى قوماندان دەرجىسىگە يېتىپ قالغان- خەلققوزغىلىڭىنى كۈچكە تايىنىپ باستۇرىدۇ. خەلق قوزغىلىڭىنى پەسەيتىپ، سۇلتانئابدۇلھەمىدنى مەنسىپىدىن ئېلىپ تاشلايدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا سۇلتان ئابدۇلھەمىدنىڭتاغىسىنىڭ بالىسى ئابدۇلمەجىدنى قورچاق خەلىپە ئورنىدا تىكلەپ قويىدۇ، ئەمەلىسىياسى ھوقۇق ئىتتىپاق ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ.

1909- يىلى سۇلتان ئابدۇلھەمىدمەنسىپىدىن چۈشۈرىۋىتىلگەندىن كېيىن، ئوسمانىيە دۆلىتى خەتەرلىك بىر نەرسىگەئايلىنىپ قالىدۇ. ئىسلام بىرلىكى، ئىسلام خەلىپىلىگى ۋە ئىسلامغا زىت ھەرئېقىملارغا يول كەڭرى ئېچىلىپ كېتىدۇ. خىرىستىيانلاشتۇرۇش ئۆمەكلىرى ۋە ماسۇنىيەتەشكىلاتلىرى تەشىۋىقات ئارقىلىق خەلق ئېڭىنى ئىگەللىۋالىدۇ، ئوسمانىيە دۆلىتىدە 3يەھۇدى ۋەزىر قاتناشقان ھۆكۈمەت شەكىللىنىدۇ.

ئاندىن كېيىن پەلەستىنگە يولئېچىلىدۇ، زېمىن ۋە ئۆي بىدىكلىرى تولۇق ئەركىنلىك ئىچىدە زېمىن سېتىش ھەركىتىنىئېلىپ بارىدۇ. يەھۇدىلار، دونىما ۋە ماسۇنلار بىدىكلەرنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ ئۇلارنىكۈچەيتىپ تۇرىدۇ.

يەھۇدىلارنىڭ“ئىتتىپاق ۋەتەرەققىيات“ جەمىيىتىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىدە بىرمۇ تۈرك تېپىلمايدىغانلىقىئادەمنى ھەيرانلىققا سالىدۇ، بۇ جەمىيەت تۇران مىللەتچىلىكىنى كۆتۈرۈپ چىقىپمۇسۇلمانلار ئارىسىدا بۆلگۈنچىلىك سالىدۇ، تۈركلەر بىلەن ئەرەبلەر ۋە باشقامۇسۇلمانلار ئارىسىدا بۆلۈنۈش پەيدا قىلىدۇ.

ئىتتىپاق ۋە تەرەققىياتتەشكىلاتى بىر مەزگىللەردە ئوسمانىيە دۆلىتىنى بىر قانچە تەرەپتىن غەربلاشتۇرۇشخىزمىتىنى ئېلىپ بارىدۇ:

1. ئەنگىلىيەگە تولۇق تەسلىمبولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

2. تارابىلىس(لىۋىيە) شەھىرىنىئىتالىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.

3.يەھۇدىلارنىڭ پەلەستىنگەھىجرەت قىلىشغا يول ئېچىپ بېرىدۇ.

4. ئەسەبى مىللەتچىلىكنى قوزغاپچىقىپ، ئەرەب ۋە تۈركلەرنىڭ بىرلىشىشىگە توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ.

5. ئوسمانىيە دۆلىتىگە تەۋەرايۇنلاردىكى ئەرەبلەرنى تۈركلەشتۈرۈشكە ھەرىكەت قىلىدۇ.

6.تۈران ئېقىمىنى كۆتۈرۈپ چىقىدۇۋە تۈرك جىنسىنى دۇنيادىكى ئەڭ ئۈستۈن جىنس دەپ تونۇشتۇرىدۇ.

مانا بۇ ئىشلار بىرىنجى دۇنيائۇرۇشىنىڭ ئالدىنقى 10 يىلىدا يۈز بېرىدۇ. بۇ ئون يىلدا بولغان بۇ ئىشلار،غەربلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ دەسلەپقى يۈزى ئىدى.مۇستاپا كامال رەئىس بولغاندىن كېيىنبۇ پىلانلارنى ئۆز ئەينى ئىجرا قىلىدۇ.

1914- يىلى تۈركىيە گىرمانىيەبىلەن بىرلىشىپ بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىغا كىرىدۇ، ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ گىرمانلارسېپىگە قوشۇلۇپ بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىشى ئىتتىپاق ۋە تەرەققىياتپارتىيىسىنىڭ ئىشى ئىدى(چۈنكى سۇلتان ئابدۇلھەمىد پالانغان، قورچاق خەلىپىدەسىياسى ھوقۇق يوق، پۈتۈن ھوقۇق مۇشۇ قارانىيەت پارتىيەنىڭ قولىغا مەركەزلىشىپقالغان). ئوسمانلارنىڭ بۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىشى تۈپتىن خاتا ئىدى، باشقىلارنىڭئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ تۈگەتكىنى ئەڭ چوڭ خاتالىق. تەرەپتەرەپتىن دۈشمەنلەر پۇرسەت كۈتۈپ تۇرىۋاتسا تۈركىيەگە نېمە پايدا بولسۇن! بىرىنجىدۇنيا ئۇرۇشى-غەربنىڭ ئىچكى توقۇنۇشى بولۇپ، ئىسلام مەسىلىسى ئەمەس ئىدى- ئاساسلىقدۆلەتلەرنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاياغلىشىدۇ، خەلىپىلىك دۆلىتى تەقسىم قىلىنىشقاباشلايدۇ. ئۇرۇش ئارىلىقىدا مۇستاپا كامالنىڭ مەرتىۋىسى ئۆسۈپ، ۋەتەنپەرۋەر ۋەمىللى قەھرىمان بولۇپ كۆرۈنىدۇ.

مۇستاپا كامال 1919- يىلىئىنگىلىزلار ھىمايىسى ئاستىدا ئىنقىلاۋىنى باشلايدۇ، بەزى بىر پىكىر (ئىدىيە)ئىگلىرى ۋە ياش رەھبەرلەر ئۇنىڭغا خەلىپىلىككە چېقىلماسلىق شەرىتى بىلەن قوشۇلىدۇ.  يۇنان (گىرىتسىيە)غا قارىشى ئۇرۇش بىر يېرىم يىل داۋام قىلىدۇ، مۇستاپاكامال شۇ ئارىلىقتا ئىسلام شوئارىنى ئىشقا سالىدۇ ۋە قورئاننى كۆتۈرۋالىدۇ.ئىنگىلىزلار بۇ ئىنقىلابنىڭ نەتىجە قازىنىشى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سالىدۇ،1921- يىلى كامال بىلەن گىرىتسىيەلىكلەر ئارىسىدا ئۇرۇش قايتا باشلانغاندا،گىرىتسىيە تۈركىيەنىڭ ئىزمىر شەھىرىدىن ئۆزلىكىدىن چىكىنىپ چىقىپ كېتىدۇ، مۇستاپاكامال بىر پاي ئوق ئاتماي شەھەرگە كىرىدۇ. غەرب تەشۋىقاتلىرى مۇستاپا كامالنىڭ بۇخىيالى غەلىبىسنى ناھايىتى زورايتىپ تەسۋىرلەيدۇ، مۇسۇلمانلار بۇ يالغان غەلىبىگەئىشنىپ قالىدۇ، خەلىپىلىكنى جانلاندۇرۇشتا ئۇنىڭغا ئارزۇ ئارمانلىرىنى باغلىشىدۇ.

مۇستاپا كامال ئەنقەرەگە قايتىپكەلگەندىن كېيىن بۈيۈك ۋەتەن مەجىلىسى(پارلامنت) ئۇنىڭغا غازى دېگەن ئۇنۋاننىبېرىدۇ. بۇ ئۇنۋان ئادەتتە سۇلتان ئاھالىسىدىكىلەرگە بېرىلىدىغان ئۇنۋان ئىدى.شۇنىڭ بىلەن ئابرويى تېخىمۇ ئۆسىدۇ، تۈرلۈك ئىسلام ئەللىرىدىن ئۇنىڭغا تەبرىكتىلگىراملىرى كېلىشكە باشلايدۇ، شۇ چاغلاردا ئىسلام دۇنياسى مۇستاپا كامالنىڭئىنقىلاۋى بىلەن پەخىرلىنىپ يۈرىدۇ.

بۈيۈك ۋەتەن مەجلىسى بۇغەلىبىدىن كېيىن مۇستاپا كامالنى ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنلۇق رەئىسى (باش باكان) قىلىپتەيىنلەيدۇ.كامال 1921-يىلى ۋەكىلى“ئىسمەت باشانى“ ئەنگىلىيەگە تۈركىيەنىڭمۇستەقىللىقى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ئەۋەتىدۇ. ئەنگىلىيەنىڭ تاشقى ئىشلارمېنىستىرى لورد كىيزون تۈركىيەنىڭ مۇستەقىللىقىغا مۇنداق شەرتلەرنىقويىدۇ:“تۈركىيە ئىسلام دۇنياسى بىلەن ئالاقىسنى ئۈزىدۇ، ئىسلام خەلىپىلىكتۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، خىلاپەت قوللىغۇچىلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر قانداقھەرىكەتنى باستۇرۇشقا ۋەدە بېرىدۇ ۋە تۈركىيە غەرب دۇستۇرى(قانۇنى)نى قانۇنقىلىشقا تاللايدۇ“

كامال ئەنگىلىيەنىڭ يوليۇرۇقىنىئىجرا قىلىدۇ، تۈركىيەگە شىۋىتسارىيەنىڭ مەدەنى قانۇنىنى تاللايدۇ. 1922- يىلىسەلتەنەتنى بىكار قىلىپ، ئۇنى خىلاپەتلىكتىن ئايرىپ تاشلايدۇ. شۇ سەۋەبتىن قورچاقخەلىپە ماددى ۋە مەنىۋى ھوقۇقىنى ئىشقا سېلىشتىن مەھرۇم قالىدۇ. مۇستاپا كامالئىلمانىزم كۆز قاراشلارنى باشقىلار قارشى چىقسىمۇ كۈچكە تايىنىپ يولغا قويىدۇ.قارشى تۇرغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىدۇ. مېنىستىر كىرزىسى يۈز بەگەندە ئومۇمىۋەتەن مەجىلىسى ھۆكۈمەت تەشكىللەش خىزمىتىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرىدۇ. ئۇ بۇ  پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ 1923- يىلى 10-ئاينىڭ 29- كۈنى ئۆزىنى تۈركىيەجۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى قىلىۋالىدۇ ۋە پۈتۈن ھوقۇقلارنى قولىغا كىرگۈزىۋالىدۇ.

مۇستاپا كامال 1924- يىلى 3-ئاينىڭ3- كۈنى نىجىس نىيەتلىرىنى ۋە يامان غەرەزلىرىنى ئاشكارىلاپ، ئىسلام خەلىپىلىكتۈزۈمىنى بىكار قىلىپ تاشلىغانلىقىنى ئىلان قىلىدۇ، خەلىپىنى ئائىلىسى بىلەن قوشۇپشەھەردىن پالايدۇ، دىننى دۆلەتتىن ئايرىپ تاشلايدۇ ۋە خەلىپىلىك تۈزۈمىنى ئەسلىگەكەلتۈرىمىز دېگۈچىلەرگە ئۆلۈم جازاسىنى چىقىرىدۇ.(دېڭىزغا تاشلىۋەتكەنلەرنىڭھەممىسى دەل سىياسى نوقتىدىن مۇستاپا كامالغا قارشى تۇرغان ئالىملار ۋە سىياسىئەربابلار ئىدى).

شۇ يىلنىڭ ئۆزىدە دىنى مائارىپنىئەمەلدىن قالدۇرۇپ، غەرب مائارىپ تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. 1925- يىلى تۈركىيەنىئىسلامدىن پۈتۈن ئاجراشتۇرىدۇ، خانىملارنىڭ ھىجابنى ئېلىۋىتىشى ئۈچۈن ئالاھىدەقانۇن چىقىرىپ، ئىجرا قىلىش ئىشلىرىغا مەخسۇس ئۆزى نازارەتچى بولىدۇ، قارشىتۇرغانلارنى جازالايدۇ، قارشى تۇرغانلارنى دارغا ئاسىدۇ، ساقچىلار يولدا ھىجابىلىقئاياللارنى كۆرۈپ قالسا ھىجابىنى مەجبۇرى ئېلىپ تاشلايدۇ.

خەلىپلىك چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن،تۈركىيەنى ئىسلام دۇنياسىدىن ئايرىيدىغان بۇ قىلمىشلارنى مۇسۇلمانلار قوبۇلقىلماي، زور كۆلەمدە نامايىش ئېلىپ بارىدۇ، لېكىن كۈچ بولمىغاچقا ئۈنۈم بەرمەيدۇ.

ھىجاز زېمىنىڭ ھاكىمى“ھۈسەين بىنئەلى“ ئۆزىنى مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپىسى قىلىپ تىكلەشكە ئۇرۇنغاندا، ئىنگىلىزلارئۇنى قەبرىس(سپىروس)گە سولاپ قويىدۇ، شۇنداقلا ئىنگىلىزلار قاھىرەدىكى خەلىپىنىقايتا تۇرغۇزۇش قۇرۇلتىيىنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ ۋە ھىندىستاندىكىخىلاپەت جەمىيتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۋىتىدۇ.

غەرب مۇستەملىكىسى رەسۇلۇللاھدەۋرىدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كەلگەن خەلىپىلىك تۈزۈمىنى مانا مۇشۇ ئۇسۇللار بىلەنيوقۇتۇپ تاشلايدۇ…

مۇستاپاكامال شىلەپە كېيىپ، تۈركىيەنى كىزىپ چىقىدۇ، بىر ئادەمنىڭ تەربۇش(تۈركلەرنىڭباشقا كېىيىدىغان دوپپىسى)نى كۆرۈپ قالسا چېچىلىپ كېتىدۇ. ئۇ بىر قېتىم مىسىرنىڭئەنقەرەدىكى كونسۇلى بىلەن دوپپا توغرىسىدا خاپۇلىشىپ قېلىپ:“پادىشاھىڭغا ئېيىت،مەن بۇ خىل كېيىمنى ياقتۇرمايمەن“دەيدۇ.

ئۇ ئەرەب تىلى، ئىككى ھېيتبايرىمى، ئەرەبچە ئەزاننى بىكار قىلىپ تاشلايدۇ، مەسجىدنى مۇزىخانىغا ئايلاندۇرىدۇ،مەسجىد تاملىرىدىكى ئايەتلەرنى ئۆچۈرۋىتىشكە بۇيرۇيدۇ.1926- يىلى شەرئى نىكاھقانۇنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ غەرب تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

دېمەك، ئۇ مەلئۇن تۈركىيەنىڭئىسلام بىلەن بولغان ئالاقىسىنى پۈتۈن ئۈزۈپ تاشلايدۇ ۋە غەرب مەدەنىيىتىنى پۈتۈنسۆرەپ كىرىدۇ.

ئۇ بىر قېتىم جىرىس ئالىيسۇندېگەن مۇخبىر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ مۇخبىرغا:“سەن دىن توغۇرلۇق سۆزلەۋاتىسەن،بىلىپ قويغىنكى، مەن دىنغا ئېتىقاد قىلمايمەن، دىن دېگەننىڭ ھەممىسىنى دېڭىزغاتاشلىۋەتسەم دەيمەن“دېگەن.

ماسۇنىيە مائارىپئېنىسكىلوپىدىسىنىڭ 162-بېتىدە مۇنداق دېيىلگەن:“مۇستاپا كامال ئېلىپ بارغانئېىنقىلاب ماسۇنىلارغا كۆپ پايدا يەتكۈزدى، چۈنكى ئۇ ئىسلام سەلتەنەتىنى يوقاتتى،خىلاپەتلىكنى ئەمەلدىن قالدۇردى، شەرئى مەھكىمىلەرنى تاقىدى ۋە ئىسلام دىنىنىھاياتتىن يىراقلاشتۇردى“

ئۇ مەلئۇن غەربنى دورىماقچىبولۇپ خىلاپەتلىكنى يوقاتتى، لېكىن مىراس ۋە ئەنئەنىۋلىكنى تاشلاپ غەربنى دوراشتۈركىيەگە ياكى باشقا ئىسلام ئەللىرىگە تەرەققىيات ئېلىپ كەلمىدى ۋەكەلمەيدۇ.تۈركىيە ھازىرغىچە ياۋرۇپا ئەللىرىدىن قوبۇل قىلىنمايدۇ، شۇ سەۋەبتىنتۈركىيە دۆلىتى قەدىمى شەرىپىنى يوقاتتى ۋە يېڭى شەرەپ يارتالمىدى. تۈركىيەھازىر50مىليارت دوللارغا يېقىن قەرزدىن قۇتۇلالماي يۈرۈيدۇ.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدە 1950-يىلنىڭ مابەينىدە 60 قا يېىقىن ھۆكۈمەت ئالمىشىپ بولدى، يىلىغا بىردىن دېگىدەكھۆكۈمەت ئالمىشىپ تۇرىدۇ. بۇ تۈركىيەنىڭ مۇقىم ۋە خاتىرجەم شارائىتقا ئېرىشىپقالسا گۈللىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن بولىۋاتقان ئىشلار.سابىق جۇمھۇرىيەت رەئىسىسۇلايمان دىمىرىل:“تۈركىيەدە دۆلەتنىڭ ئارقىسىدا مەخپى دۆلەت بار“ دېگەن ئىدى.شۇڭا ئىسلام ئىدىيىسى بار كىشلەر ھۆكۈمەت بېشىغا چىقىپ قالسا ئىلمانىزم كۈچلىرى ۋەتەرەپدارلىرى بولغان ھەربىلەر ھەربى ئىنقىلاپ قوزغاپ ھۆكۈمەتنى يىقىتىپ تاشلايدۇ…(پروفېسور ئىنژېنىر ۋە سىياسىيۇن نەجمىدىن ئەربەكاننىڭ ھۆكۈمىتىنى 97- يىلى ھەربىئىنقىلاپ يىقىتىۋەتتى).

بۇ ئەمەلىيەت، شۇڭا تۈركىيەھەربى، سىياسى، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائى جەھەتتىن مۇقىم ئەمەس، ھەم مۇقىم قويمايدۇ.چۈنكى دىن دۈشمەنلىرى خەلقنىڭ يەنىلا دىندا مۇستەھكەم تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، قايتاخەلىپىلىكنىڭ تۈركىيەدە تىكلىنىپ قېلىشدىن ئەنسىرەيدۇ. تۈركىيە خەلقى ئىسلاممەدەنىيىتىگە تەۋە مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن ياۋرۇپا بىرلەشمىسىگە كىرەلمەيدۇ.تۈركىيە غەربنىڭ قۇرقىدا ئايلىنىپ يۈرىدۇ، بىراق بۇ ئاۋارىچىلىقتىن باشقا نەرسەئەمەس…

خۇلاسە

بۇ تەتقىقاتلار مۇستاپا كامالنىڭماسۇنىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ ئىخلاسمەن كىشلىرىنىڭ بىرسى ئىكەنلىگىنى، ئۇنىڭ دونىمايەھۇدىلىرىنىڭ پۇشتى ئىكەنلىگىنى ۋە ئۇرۇشلاردا يالغان تونغا ئورنىۋالغانلىقىنىكەسكىن ئىپادىلەپ بېرىدۇ.

* مۇستاپا كامال ياۋرۇپالىق ۋەگىرىتسىيەلىكلەرگە قارىشى ئېلىپ بارغان جەڭنىڭ قوماندانى ئەمەس، ئۇ ئارمىيەنىتۇتۇپ تۇرغان ۋە بۇ جەڭنى باشلىغان قەھرىمانلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئىشلەتكەن.

* مۇستاپا كامال ئەنگىلىيە بىلەنئېلىپ بېرىلغان شەرتنامىغا قول قويغاندىن كېيىن، ياۋرۇپا مۇستاپا كامالغاتۈركىيەنىڭ ھوقۇقىنى تاپشۇرۇپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئالدىدىن چىكىنىپ چىقىپ كەتكەن. لېكىنباشقا ئەرەب دۆلەتلىرىدىن چىقىپ كەتمىگەن.

* مۇستاپا كامالغا نىسبەتبېرىلگەن ۋە زورايتىلىپ تەسۋىرلەنگەن بۇ قەھرىمانلىق، مۇستەملىكە كۈچلىرىنىڭ ئۇنىڭمەۋجۇتلىقىنى جانلاندۇرۇش، ئۇنىڭغا مەدەت بېرىش  ۋە ئۇنى رەئىس قىلىپ تىكلەش ھىلىسى ئىدى.

* ئوسمانىيە دۆلىتى يوقۇلۇپ ۋەئىىسلام خەلىپىلىگى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەرەب ۋە تۈرك بىرلىكىپارچىلىنىپ، ئاندىن يەھۇدىلارغا پەلەستىنگە يول چىقتى.

* مۇستاپا كامال تۈركىيەنىئىلمانىزملىشىشقا قاتتىق ئىتتىردى، ئىسلام قانۇنلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى،مۇسۇلمانلارنى بەك ئەزدى، ئۇنىڭ ئىلمانىزم قاراشلىرىغا قارىشى تۇرغان خېلى كۆپساندىكى مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈردى.

* مۇستاپا كامال ئېلىپ بارغانئىلمانىزم ھەركىتىنى 10 يىلغا يەتمىگەن بىر قانچە يىل ئىچىدە كۈچ ۋە قورقۇتۇشقاتايىنىپ يۈرگۈزدى، غەرب مۇستەملىكچىلىرىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ئېلىپ باردى، مۇستاپاكامال بىلەن غەرب ئارىسىدا ۋاستىچىلىق رولىنى ئوينىغان كىشى تۈركىيەلىك ”ھاييىمناھۇم“ دېگەن يەھۇدى پوپ ئىدى.

* تۈركىيەلىك ئوفىتسېرلارنىڭبىرسى مۇستاپا كامال توغرىسىدا ”بۇت ئادەم“نامىلىق2 قىسىم كىتاۋىنى يېزىپ ئۇنىڭھەقىقى قىياپىتىنى ئېچىپ تاشلىدى. ئەنگىلىيەلىك يازغۇچى ئارمىسترونج ”غۇۋا بۆرە“نامىلىق كىتاۋىدا مۇستاپا كامال ھەققىدە توختىلىپ:“ئۇ ھەر كىچىسى تاڭ ئاتقىچەقەھۋەخانىلاردا ھاراق ئىچەتتى، بارلىق رەزىل ئىشلارنىڭ ھەممىسنى قىلاتتى،رەزىللىكتە قۇلىقىغىچە پاتقان ئىدى. ئۇ ھاراق ۋە پاھىشىدىن قالمايتتى“دەپ يازىدۇ.

* ئىسلام خەلپىلىك تۈزۈمىنىبىكار قىلىپ تاشلاش يۈزەكى بىر ئىش بولماستىن، روس، ئىنگىلىز ۋە ياۋرۇپانىڭ پىلانلاپبەرگەن ئىنچىكە پىلانى بىلەن بولغان. شۇڭا 1909- يىلى سۇلتان ئابدۇلھەمىدنى ئېلىپتاشلىغاندا، ئۇنىڭ ئورنىغا ئابدۇلھەمىدنىڭ تاغىسىنىڭ كىچىك بالىسىنى ئولتۇرغۇزۇپقويدى. بولمىسا 1909- يىلى خەلىپىنى سۈرگۈن قىلىپ بولغان ۋە پۈتۈن ھوقۇقكامالچىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ بولغان. سەۋەبى ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ ئىشنى تەدرىجىئېلىپ بارغان، شۇنىڭغىچە مۇستاپا كامالنى تەربيىلەپ يېتۈشتۈرگەن. ئۇ قانۇنلۇقھۆكۈمەت رەئىسى بولۇپ، پۈتۈن ھوقۇقنى قولىغا رەسمى كىرگۈزىۋالغاندىن كېيىن ئاندىنخەلىپىلىك تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە ئىسلامنى ھاياتتىن يىراقلاشتۇرغان…

* مۇستاپا كامال ھوقۇققاچىققاندىن تارتىپ، ئەنگىلىيە ۋە روسلارغا ساداقەتمەن بولۇپ كەلگەن ۋە ئۇلار بىلەنئالاقىنى قويۇقلاشتۇرغان.

لېكىن ئىسلام مانا بۈگۈن تۈركىيەياشلىرىنىڭ قەلبىدە ناھايىتى كۈچلۈك چوغلانماقتا ۋە گۈللەنمەكتە.

            مەنبە : تامچە ئىلمىي ماقالىلەر بىلوگى


ۋىجدان ھەق-ناھەقتە سىنىلىدۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4682
يازما سانى: 1448
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31445
تۆھپە نۇمۇرى: 5599
توردا: 11534 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 12:19:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇركىيە 1920-يىللاردا پارچىلىنىپ يىمىرلىنىش ۋە مۇنقەرىز بولۇش خەۋىپىگە شۇنداقلا بۇ دۆلەت غەرىپ  مۇستەملىكچى تەرپىدىن ، پارچىلىنىپ يەر يۇزىدىن يوقۇلۇش گىرداۋىغا بىرىپ قالغان..... دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ، مانا مۇنداق بىر ئادەم بۇ دۆلەت خەلىقغە رەھبەرلىك قىلىپ ، بۇگۆنكى تۇركىيەگە ئاساس سالغان.،

ئادەم غۇرۇرىنى يوقاتقاندا ئادىمىلىكىنىمۇ يوقاتقان بولدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72935
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3333
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 12:22:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 3682
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28383
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 5202 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 12:25:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
a.sayrami يوللىغان ۋاقتى  2013-4-24 11:50 AM
مۇستاپا كامال ئاتا تۈرىك تۈركى مىللەتلەر ئىچىدە تارىخ ...

تور موللىرى  دىگەن سۆزنى قىلمىسىڭىزمۇ مەقسىدىڭىزنى چۈشەنگەن بولاتتۇق .
دىگىنىڭىز ئورۇنلۇق شۇڭلاشقا پۈتكۈل تۈركىيە خەلق ھەم باشقا ئەللەرمۇ ئۇ داھىينى چوڭ بىلىپ ئاتايىن خاتىرە سارىيى ، مەقبەرىسى دىگەنلەرنى بىنا قىلغان ھەم قوغداش تىزىمىگە كىرگۈزگەن ئىكەن .

كۆڭلى چۈشسە ئىشەك دىمەي كۆيۈپ قالار بەلكى كىشى ،
قىزغىنامدۇ شۇ ئىشەكتىن بەزىلەرنىڭ نىمە ئىشى .
...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83992
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3760
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1663 سائەت
تىزىم: 2012-8-16
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 12:30:51 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسى بولمىش قېرىندىشم، سىزگە مۇھەممەت قۇتۇپنىڭ «مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى» ناملىق كىتاپىنى بىرقېتىم ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ھەربىر جان ئۈلۈمنىڭ تەمىنى تېتىيدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36697
يازما سانى: 831
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3462
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 4833 سائەت
تىزىم: 2011-4-7
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 12:36:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mujahid-0997 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-24 12:30 PM
تىما ئىگىسى بولمىش قېرىندىشم، سىزگە مۇھەممەت قۇتۇپنىڭ ...

‹‹مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى›› راس دەيسىز بۇ كىتاپنى مەنمۇ كۈرگەن،
مەنمۇ ھەربىر ئۇيغۇر مۇسۇلماننىڭ بىر قىتىم كۈرۈپ بىقىشىنى تەۋسىيە قىلمەن، بۇ كىتاپ ھەقىقەتەن ئۇقۇپ بىقىشقا تىگىشلىك كىتاپكەن،

سۇقۇلدىغان ساندال بۇلغۇچە، ئۇرىدىغان بازغان بۇل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86400
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2106
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 131 سائەت
تىزىم: 2012-10-23
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 12:41:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىغا يېزىلغان ئىنكاس شۇ كىشىنىڭ دۇنيا قارىشىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.
شۇڭا نىمە دەۋەتقىڭلارنى بىلىپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنىڭ ئۈمىد قىلمەن.
بىر ئىنكاس بىلەن چوڭ گۇناھنىڭ ئىگىسى بولغاندىن يازمىغان ياخشى .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش