(مۇنبەردە قىززىپ كەتكەن يېڭى نۇسقىدىكى قۇرئان كەرىم توغرىسىدا)
يېڭىنۇسقىدىكى قۇرئان كەرىم قانۇنلۇق نەشىر سۈپىتىدە بازارغا سېلىنغاندىن كىيىن نۇرغۇنكىشلىرىمىز يەنى مۇقەددەس دىنىمىز توغرىسىدا بىلىمگە ئىگە بولۇش تەقەززاسىداتۇرىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز دەسلەپتە بەس-بەستە بۇقۇرئاننى ئۆچىرەتتە تۇرۇپسېتىۋالدى،شەخسەن مەنمۇ سېتىۋېلىپ ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولدۇم. ئەرەبچىدىن ھېچقانداقساۋادىم بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئەرەبچە نۇسخىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئوقۇشقا سەۋىيەميەتمەيدۇ ئەلۋەتتە.مۇشۇ كۈنلەردە مىسىرانىم تورى،قاشتېشى تورى قاتارلىقتوربېكەتلەردىن يېڭى نۇسقىدىكى قۇرئانكەرىمگە قارىتا زور غۇلغۇلا بولۇپ كەتكەنلىكنى،ئىنكاسلارنىڭ كۆپلىكىنى، بولۇپمۇتەنقىد سادالىرنىڭ كۆپلىكنى كۆرۈپ دەسلەپتە كۆڭلۈم بەك بىئارام بولدى.تاسلا قالدىم قىززىققانلىق قىلىپ،ئەرزان باھادا سېتىۋەتكىلى،ئەمما مەن ئۆپكەمنى بېسىۋېلىپ ئويلاپ باقتىم.ئاشۇ قۇرئانغا قاراپ خىيالغا چۆكتۈم.بىرتەرەپتىنئارىمىزدىكى بىلىمسۆيەر كىشلىرىمىزنىڭ مۇھەممەد سالى تاغىمىز يازغان نۇسقىسى ۋەئەرەبچە نۇسقىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ خاتالىقلارنى بايقىيالىغانلىقىغا خوشبولدۇم،يەنە بىرتەرەپتىن ساختا بىلەرمەنلەرنىڭ يېڭى قۇرئاندىكى باشقىلار بايقاپبەرگەن خاتالىقلارغا ئېسىلۋېلىپ قۇرئان كەرىمنىڭ يېڭى نۇسقىسىنى ۋە ئۇنىڭتەرجىمىسىگە قاتناشقانلارنى قاتتىق سۆككەنلىكىگە, ئۇلارنىڭ ئەمگىكنى قىلچىلىك ھۆرمەت قىلمىغىنىغائاچچىقىم كەلدى. بەلكىم بۇ جۈملەمنى ئۇقۇپ ماڭا لەنەت ئۇقارسىز. ئالدىرىماڭسەۋىر قىلىپ ئاخىرغىچە ئۇقۇپ چىقىپ ئاندىن باھابېرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن،چۈنكىتەنقىدى پىكىر ئادەمنى ئالغاباستۇرىدۇ،مەن قۇبۇل قىلىشقا تەييار.
تەرجىمەقىلىشقا قاتناشقانلارنىڭ سەۋىيەسى، بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە دىننىي جەھەتتىكى بىلىمنىڭقانداقلىقى پەقەت شۇلارنى يېقىندىن چۈشىنىدىغان كىشلەرگە ئايان.گەرچە ئۇلاردا بەزىخاتالىقلار ساقلانغان بولسىمۇ،لىكىن بۇيەردە مېنىڭ ئۇ خاتالىقلار ئۈستىدە توختىلىشقا سالاھىيتىم توشمايدۇ،مېنىڭچە بۇنى ئاشۇ دىنىي ساھەدە كامالەتكە يەتكەن تەقۋادار ئۆلىمالار ئۆز بىرنەرسە دىسۇن.
قۇرئان كەرىم يېڭىتەرجىمە نۇسقىسى توغرىسىدىكى تېمىنىڭ ئىشتىراكچىلىرى شۇنچە كۆپ بولۇپ،كۆپ قىسىم ئىنكاسلاردا يېڭى نۇسقىنىڭ تەرجىمە،مەتبەئە،مەنا ۋەتەرجىمىگە قاتناشقانلار توغرسىدا بەزى ئىلىمىي مۇۋاپىق بولغان ۋە مۇۋاپىق بولمىغان چەكتىن ئېشىپ كەتكەن پىكىرلەر بېرىلپتۇ يۇ، ئارىدىن بىرئادەم كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرغا چىقىپ،يېڭى نۇسقىدا بايقالغان،خاتا ياكى نامۇۋاپىق تەرجىمە،ۋە ياكى تەرجىمىدە چۈشۈپ قالغان مەزمۇنلار بىرمۇبىر بەت نۇمۇرى،قۇرسانى بويىچە تۈزۈتۈپ تورغا بولسىمۇ يوللاپ،ئاشۇ يېڭى تەرجىمىسنى سېتۋالغانلار ۋە بۇنىڭدىن كىيىن سېتۋالماقچى بولغانلارغا سۇنۇپ،ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ئېنىق بولغان دىننى بىلىملەرنى ئىگەللشىگەياردەم قىلىپ،يېڭى نۇسقىدىكى تەرجىمىنىڭ يېتىشسىزلىكىنى ئورتاق تۈگىتىش توغرىسىداپىكىرقىلغانلار ناھاىيتى ئاز بوپتۇ.
ئۇيغۇرمىللىتمىزنىڭ پىسخىكا ئالاھىدىلىكىدىن ئېلىپ ئىيتقاندا بىزدە بىرخىل ئەتراپتىكىمۇھىتتىن ۋە ئادەملەردىن قاقشاش پىسخكىسى باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا بىر قەدەرئېغىرراق،بۇنى مەن يەتتە يىللىق خىزمەت جەريانىدا ھېس قىلىپ يەتتىم.ئاددىيسى،بىزنىڭ ئىدارىدىكى بىرقىسىم پىشقەدەملىرىمىز، خەنزۇچىگەمۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەر بولۇپ قالسا تىل بىلگەن بولسام ياكى ئۆزىمىزنىڭ تىلىدىكىخىزمەت بولۇپقالسا ئانداق قىلىۋىتەتتىم،مونۇئىشلارنى قىلۋىتەتتىم خەنزۇچە بولغاچقاقىلالمىدىم،ئىتەلمەيمەن دىگەندەك قاقشاش بىلەن باھانە كۆرسىتىدۇ.ئەمەلىيە بىرنەچچە قېتىم ئۆز تىلىمىزغا مۇناسىۋەتلىكخىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇلغاندا بولسا، ھورۇنلۇق قىلىپ ئولتۇرسا ئولتۇردىكى قەلەمتەۋىرىتشىكە ئېرىنچەكلىك قىلىدۇ. بۇيەردە دىمەكچى بولغىنىم بىزدىكى قاقشاشپىسخكىسنىڭ ئېغىرلىقى.شۇڭا نۇرغۇن ئىشلار روھىيتىمىزدىكى موشۇ خىل قاقشاشپىسخىكىمىز تۈپەيلىدىن ئالغا ئىلگىرلىمەيۋاتىدۇ ياكى تېخىمۇ چېكىنۋاتىدۇ.
مەنئويلايمەن سەۋەنلىك ۋەخاتالىقنى تېپىش ۋە كۆرسىتىش ياخشى باشلىنىش،ئەمما شۇخاتالىقنى ۋەسەۋەنلىكنى تاپقاندىن كىيىن ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىش،قانداقتۈزىتىش ئىنتايىن ھالقىلىق مەسىلە.بىز يېڭى تەرجىمە توغرىسىدا ئاز بىرقىسىممەسىللەرنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇق،ۋە ئۇنى توختىماي بولۇشىغا سۆكتۇق،قاقشىدۇق،ھەتتامەيلى تاھارەت ئالمسۇن ياكى تاماكىسنى قىڭغىرچىشلىسۇن بولۇشىغا تىللاپ ۋەتۋەرىكىنىچىقىرىپ ئەتتۇق.ئەمما ھېچىكىم مۇشۇ يېڭى تەرجىمىدە ساقلانغان مەسىللەرنى قانداقيول بىلەن قايسى يوسۇندا تۈزىتىپ،ئىلگىرى قۇرئان ئالاي دەپمۇ ئالالمايۋاتقان،مىڭبىر تەسلىكتە يېڭى تەرجىمىسى چىقىپ ئالاي دەپ تۇرغاندا يوللۇق ۋە يولسىز ئەيىپلەشلەرگەئۇچۇراۋاتقان يېڭى نۇسىقا توغرىسىدىكى گەپلەرنى ئاڭلاپ سېتىۋېلىش ياكىسېتىۋالماسلىق توغرىسىدا ئىككىلىنۋاتقان، قۇرئانغا تەشنا بولغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭقىزغىنلىقىغا شۇنداق كۆپ سوغۇق سۇ چاچتۇق،يېڭى تەرجىمىدە خاتالىق بارلىقى بىزگەئايان بولدى.
ئەممابىرئېغىز گەپ بىلەن يېڭى تەرجىمنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ،يېڭى تەرجىمىسىنى ئۇقىغانكىشى دىنىمىز توغرىسىدا ھىچقانداق مەلۇمات ئالالمايدىغانلىقىغا،قىسقىسى ئۇقۇپبولغاندىن كىيىن دىنىمىز توغرىسىدا ئەتىراپلىق بىلمىگە ئىگە بولالمايدىغانلىقىغاھەرگىز ئىشەنمەيمەن.
چۈنكى مەنھازىر يېڭى تەرجىمە نۇسقىسىنى ئوقىۋاتىمەن، شۇڭا قانداقتۇر يېڭى تەرجىمىدىكى ئەشۇبىرقىسىم خاتالىقلارنى زورلاپ كۆپتۈرۈپ، كۈلىنى كۆككە سورۇپ،بۇنىڭدىن پەيدا بولغانجەمئىيتىمىزدىكى ئۆسەك سۆزلەر ئارقىلىق باشقىلارنى قۇرئان ئېلىپ ئۇقۇپ دىننىيبىلىمگە ئىگە بولۇش پۇرسىتىدن مەھرۇم قىلمايلى.چۈنكى مۇھەممەد سالىھ تاغىمىزنىڭتەرجىمىسىنى سىز بازاردىن تاپالمايسىز.ئۇنداقتا بىزنىڭ ۋە كۆپچىلىكنىڭ سەۋەبىدىنقۇرئان يېڭى تەرجىمسنى ئېلىشتىن يالتايغانلار دىننىي بىلىمدىن قانداق خەۋەرداربولىدۇ. مەسچىتتىمۇ؟ ياكى ئىشلىگەن خىزمەت ئورنىدىمۇ؟ ۋەياكى ئۆيىدىمۇ؟نۇرغۇنقېرىندىشمىز مەسچىتكە كىرىپ تەلىم ئالاي دەپمۇ ئىمكانىيەت بولمايدۇ. مەسچىتكە كىرەلىگەنلەرمۇ شۇ بەش ۋاق ناماز ۋاقتىدىلادىن توغرىسىدا تەپسىر،ۋەزنەسھەت ئاڭلىيالايدۇ،كىچىك مايسىلىرىمىزچۇ؟قىز-ئاياللىرىمىزچۇ؟ كاللمىزنى سىلكىۋېتىپ ئوبدان ئويلىنىپ باقايلى،موشۇ سۆزچۆچەكلەرسەۋەبىدىن قانچىلىك قېرىندىشىمىز يېڭى نۇسقىنى تۆۋەن باھادا سېتىۋەتتى،يەنىقانچىلىك قېرىندىشىمىز ئېلىشتىن يالتىيىپ تەييارلىغان پۇلىنى باشقا جايغا ئىشلىتىپكەتتى.
يېڭىتەرجىمىدىكى ئاشۇ خاتالىقلار تۈپەيلىدىن پۈتۈن بىركىتاب تامامەن ئىنكارقىلىنسا،1- تەرجىمىسنىتاپالمىساق ئاتالمىش يېڭى بىرىنجىتەرجىمىسىنى قېرىنداشلىرىمىز ئاشۇ مەسىللەرنىڭ «كۆپىلكىدىن»دىن توغرىسىدا«خاتا»بىلىم ئېلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ سېتىۋالمىسا قېرىنداشلىرىمىز دىننىي جەھەتتەقەھەتچىلىكتە قالمامدۇ.
بىزنىڭئارىمىزدا نۇرغۇن كۆمۈلۈپ قالغان تالانىتلىقلار بار،ئەشۇلارنىڭ يېڭى تەرجىمىدىكى خاتالىقلارنى تۈزىتىپقېرىنداشلىرىمزنىڭ ھوزۇرىغا سۇنالمايدىغانلىقىغا ھەرگىز ئىشەنمەيمەن.چۈنكى ئۇلارداشۇنداق قابىليەت ۋە بىلىم بار،ھازىر مەسلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئاشۇ مەسىللەرنىقانداق قىلىپ كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان زىقمۇكۆيمەيدىغان قىلىپ ھەل قىلىش ۋەچارە ئاماللارنى ئىزدەش.
موشۇ مەسىلەھەل بولغاندا ئاندىن قېرىنداشلىرىمىز دىننىي بىلىمگە ئىگە بولۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇمقالمايدۇ. سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئىككىلىنىپ قالمايدۇ.خاتىرجەم ئىككىلەنمەيسېتىۋالالايدۇ.
شۇڭابىلىملىك قېرىنداشلىرىمىغا ۋە بىلەرمەنلەرگە دىمەكچى بولغىنىم ئەمدىتالاش-تارتىشنى تۈگىتىپ شۇتالاش تارتىش قىلىۋاتقان مەسلىنى ھەل قىلىش چارىسىئۈستىدە ئىزدىنەيلى،بىرەر قېرىندىشىمىز يېڭى نۇسقىدىكى تەرجىمە قۇرئاننىسېتىۋالماقچى بولسا ھەرگىز ئۇ قېرىندىشمىزنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سەپمەيلى،(ئەگەربۇپىكىرىمگە قارىشى چىقسىڭىز سىز يېڭى تەرجىمىنى پۈتۈنلەي خاتا ئىكەنلىكنىئىسپاتلاپ بېرىڭ،يا بولمىسا ئاشۇقىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ بىردىنبىر ئالدىرىماي ئوقۇپ چىقىڭ،ئاللاھ ئىگەمسىزگە ياخشىلىق ۋە بەرىكەت ياغدۇرغاي).كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىلىملىك قېرىندىشمىزدىنبىرەسى چىقىپ خاتالىقلارنى تۈزىتىپ يوللاپ قويسا،يېڭى نۇسقىنى سېتىۋالغانلارمۇتۈزىتىپ ئۇقۇيدۇ ۋە شۇكىشىدن رازى بولىدۇ(ئاللاھمۇ ئۇكىشىدىن رازى بولىدۇ)،سىزمۇباشقىلارنى قۇرئان سېتۋېلىشتىن توسۇپ گۇناھ يۈكلىۋېلىش غېمىدىن خالاس بولىسىز،شۇڭاسۆزچۆچەكلىرىمىز سەۋەبىدىن قېرىنداشلىمىزنى دىنىي بىلىم ئېلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇمقىلمايلى،مەسلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئورتاق ئىزدىنەيلى،ئاللاھ چوقۇم ئىشلىرىمىزغائاسانلىق بېرىشىنى تىلەيلى.