جالاپ ئەرلەر
مەمتىمىن غۇپۇر(يادىكار)
ئەل ئۈچۈن باغرى ئاتەش كاۋاپ ئەرلەر،
بار لېكىن تۈگەتكۈسىز ساناپ ئەرلەر .
تىكىنى بولغىنىدەك قىزىل گۈلنىڭمۇ ،
يوق ئەمەس ئارىمىزدا جالاپ ئەرلەر...
بىر ئوبدان ئائىلىسى ئۆيى تۇرۇپ ،
بېغىدا پۇرايدىغان گۈلى تۇرۇپ .
چاڭقىسا ئىچىدىغان سۈيى تۇرۇپ،
قاترايدۇ ھەممە ياققا جالاپ ئەرلەر.
سۆزلىرى شىرىن-شېكەر بالدىن تاتلىق،
ئىزلەيدۇ شاختىن شاخقا قۇنۇپ شادلىق.
پىيادە قايتىپ كەلسە بېرىپ ئاتلىق ،
ئۈكۈنمەس مەنزىلىگە جالاپ ئەرلەر.
بىردەملىك خوش قىلماق كۆڭلىنى ئۇ،
چۈشەنمەس چىن ئەقىدە سۆيگۈنى ئۇ .
مىكىردە تۇتقان ئۇستاز تۈلكىنى ئۇ ،
رەزىلدۇر ھايۋاندىنمۇ جالاپ ئەرلەر .
ئويلىماس مىللەت نىمە،ئىززەت نىمە،
ئىنسانغا كېرەك بولغان قىممەت نىمە.
غۇرورنى ساقلايدىغان ئېززەت نىمە ،
بىلمەيدۇ ۋىجدان نىمە جالاپ ئەرلەر.
پوق يەيدۇ ئىتمۇ تاللاپ ئۇ تاللىماس ،
ئۇ ياخشى بۇ يامان دەپ يا ئايرىماس.
كىم كېرەك كىم كېرەكسىز ئۇ شاللىماس،
بۇلغانغان تامام ئەقلى جالاپ ئەرلەر.
بىلمەيدۇ ئار نۇمۇسنى ھاياسى يوق ،
پەسلىكتە يىتىدىغان باھاسى يوق.
كىسەل ئۇساقايماس،داۋاسى يوق ،
ئوخشايدۇ بىر ئىبلىسقا جالاپ ئەرلەر .
ئاتقاندا خەقنىڭ خۇتۇن قىزىغا قاش ،
ئاتقاندۇر دىمەس كىملەر ئۆگزەمگە تاش.
ئاپىرار گۆرگە سۆرەپ شۇنداق ياشاش ،
زەھەرلىك بىر يىلاندۇر جالاپ ئەرلەر .
ئويلىماس ئوينىغاندا ئانىسىنى ،
سىڭلىسى،ئۇماق قىزى بالىسىنى.
سىلكىمەس يەنە قاتتىق كاللىسىنى،
يۈزلىرى تۈكۈلسىمۇ جالاپ ئەرلەر .
سورىساڭ دەيدۇ ئويۇن ياشاش دىگەن ،
كۆڭلىدە يوقتۇر ئۇنىڭ ئاياش دىگەن .
چاڭ سالار دوست رىسقىغا ئاداش دىگەن،
يوق ئۇندا ئادىمىيلىك جالاپ ئەرلەر .
قارىساڭ چىرايىغا شۇنچە خۇنۇك ،
كېتىدۇ تۇرۇپ كۆرسە،گۆردە ئۆلۈك.
سالىدۇ شەيتانغىمۇ نوقتا چۈلۈك ،
ئوخشايدۇ گاھ چايانغا جالاپ ئەرلەر.
قىلىقى ھايۋاندىنمۇ بەتتەر ئۇنىڭ ،
قوينىدا باردۇر بىسسىز خەنجەر ئۇنىڭ.
يۇلىمۇ ماڭغان ئەسلى خەتەر ئۇنىڭ .
بولمايدۇ ئەمما ئاگاھ جالاپ ئەرلەر .
خۇتۇنى قالار يالغۇز تالاي تۈنلەپ ،
تەڭرىگە قىلىپ نالە ئاچچىق ئۈنلەپ.
سۇقۇشار ئۆزگىلەردىن كۈندە كۈنلەپ،
بولغاچقا ئالا كۆڭۈل جالاپ ئەرلەر .
بۇزدى ئۇ چاڭگىسىنى تالاي قۇشنىڭ ،
ياكى ئۇ ئەۋلادىمۇ شۇ ھۇقۇشنىڭ .
مەھسۇلى بۇلۇپ ئاشنا ئاھ تۇتۇشنىڭ،
قالماسكەن خۇي پەيلىدىن جالاپ ئەرلەر.
ھەيرانمەن ھەتتا نەۋرە كۆرگەندىمۇ ،
ئاتمىشقا يېقىنلىشىپ يۈرگەندىمۇ .
ئەزرائىل رەنجىپ قاپاق تۈرگەندىمۇ،
قالماسكەن خۇي-پەيلىدىن جالاپ ئەرلەر.
توۋا دەپ تالاي قېتىم تۇتتۇم ياقا ،
دىدىم ھەم شۇنداق ياشاپ نىمە جاپا.
سوققاچقا چوتنى دائىم شۇنداق خاتا،
شۈركەندىم قىلمىشىدىن جالاپ ئەرلەر.
قىلمايدۇ پىسەنىت ئەلنىڭ نەپرىتىگە ،
زوقلىنىار قاراپ قىلغان پەسلىكىگە .
ئوخشايدۇ بۇ دۇنيانىڭ ئەخلىتىگە ،
خۇمسىدۇر تەڭدىشى يوق جالاپ ئەرلەر.
يوقتەكلا بۇ ئالەمنىڭ تارازىسى ،
بىر كۈنى سۇرايدىغان ھەم قازىسى.
يوقتەكلا ھەم تەڭرىنىڭ ئارغامچىسى ،
يۈرۈيدۇ شىلتىڭ ئېتىپ جالاپ ئەرلەر.
يامرىدى ھەممە ياقتا مانا ئەيدىز ،
يانمىدى ئارقىسىغا ئۇلار ھەرگىز .
ئويلىماس بۇلارنى ھەم قەدىرسىز،
ياشايدۇ ئۆلۈم يوقتەك جالاپ ئەرلەر.
خۇلاسە:ئەجەل كەلسە باشلىرىغا ،
قىلمايدۇ ئەلمۇ پىسەنت ياشلىرىغا .
لايىقتۇر مەڭگۈ لەنەت تاشلىرىغا ،
شۇمبۇيا ئەلگە ئۈنگەن جالاپ ئەرلەر.
مەنبە: ئۈندىدار سالۇنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا XIKASTA9098 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-22 02:37 PM