مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5474|ئىنكاس: 32

مۇۋەپپىقىيەتلىك ئايال بولغىڭىز بارمۇ ؟(ئەرلەر كىرمەڭلار!) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71638
يازما سانى: 1167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 113
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1312 سائەت
تىزىم: 2011-12-24
ئاخىرقى: 2014-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 07:42:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئەرلەر ئاياللار تېمىسىغا كىرمەيدۇ --- ئۆزۈمنىڭ ئەقلىيە سۆزۈم.


ھەممە ئاياللار ئىللىق ئائىلە قۇرۇپ ، ئائىلەمدە مۇۋەپپىقىيەت قازانسامكەن دەيدۇ ، يەنە نۇرغۇنلىغان ماڭا ئوخشاش كەسىپتىمۇ ئۇتۇق قازانسامكەن دەپ ئارزۇ قىلىدىغان ، ھەم شۇلار ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ئاياللار نۇرغۇن . بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىغان بىلەن ، يەنە بەزىلىرى ئۆزىدىكى بەزىبىر يېتىشمەسلىكلەر ياكى تاشقىي ئامىل تەرىپىدىن بۇ ئارزۇلىرىغا قانالمىغان بولىشى مۇمكىن .
  ھازىر مەن ئاپامنىڭ ، چوڭئانامنىڭ ماڭا قىلغان تەربىيىلىرى ، دوستلىرىمنىڭ تەجىربىلىرى بىلەن ، ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇش تەجىربىلىرىدىن يىغىلغان << جەۋھەر >> نى بارلىق قىز—ئاياللارغا سۇنماقچى ھەم مۇنبەردىكى تەجىربىسى مول ئاچا—سىڭىللىرىم بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ ، ئاياللارغا خاس ، ئاياللارغا پايدىلىق تېما قۇرماقچى .
مەن بۇ ئاياللارنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشنىڭ ئاچقۇچلىرىنى چۈشىنىشلىك ئاددىي تىلدا مىساللار بىلەن بەش تۈرگە يىغىنچاقلاپ قويدۇم :
1. ئېتىقادلىق بولۇش .
ئېتىقاد دېگەن نېمە ؟ ئېتىقاد دېگىنىمىز سىزنىڭ ئىشىنىۋاتقان دىنىڭىز ، يەنى سىز مەلۇم بىر يامانراق ئىشنى كۆرگەندە ياكى قىلغۇڭىز كەلگەندە سىزنى ئۇنداق قىلماسلىققا ئۈندەيدىغان ، سىزنى يامانلىقتىن توسۇپ تۇرىدىغان بىر خىل كۈچ . بۇ خىل كۈچ سىزنى توغرا يولغا يېتەكلىيەلەيدۇ . مەسىلەن ، سىز بىر ئوغۇل دوستى بار قىز ياكى نىكاھلىق ئايال ، سىزگە سىزنىڭ يولدىشىڭىزدىنمۇ بەكرەك يارايدىغان بىرى سىزنىڭ كەينىڭىزدىن چىقماي سىزنى مەھلىيا قىلىشقا ئۇرۇندى، بۇ چاغدا سىزنىڭ شەيتىنىڭىز سىزنى ھېچ بولمىغاندا بىرەر ئىككى ئېغىز گەپ قىلىشقا ئۈندەيدۇ... ئەگەر سىزدە ئېتىقاد بولسا ، يۈرگىنىڭىز ياكى ئېرىڭىزغا بولغان مۇھەببىتىڭىزنى ئۇ يات كىشىگە بولغان بىر دەملىك شەيتانلىق قىزىقىش بېسىپ چۈشكەن تەغدىردىمۇ، ئېتىقادىڭىز سىزنى شەيتاننىڭ ئېزىقتۇرىشىدىن ساقلىيالايدۇ . شۇنىڭ بىلەن ، ئېتىقادىڭىز ، ئاللاھتىن قورقۇش پىسخىكىڭىز، سىزنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا يۈرگىنىڭىز ياكى ئېرىڭىزگە سادىقلىق ۋەزىپىسىنى تاماملاتقۇزىدۇ .

2. قانداق سۆز قىلىشنى بىلىش .
بەزى ئاياللار كەمسۆز ، نۇرغۇن گەپلىرىنى ئىچىدە ساقلاپ، ئىچىگە ئېلىشقا ، ئاندىن پاتمىغاندا كۆز يېشىغا زورلاشقا ئامىراق. بۇنداق ئاياللارنى نۇرغۇن كىتابلاردا يۇۋاش، ياخشى ئاياللار دەپ تەشۋىق قىلىدۇ. مېنىڭچە بولسا بۇ خىل پىسخىكا نورمال ئەمەس، ھەتتا بۇ بىرخىل دۆتلۈك. ئاياللار ئەسلىدىلا ھېسياتچان كېلىدۇ، ھەممە ئىشنى ئىچىگە يۇتۇپ، سىرتىغا چىقىرىشنى بىلمىسە ئاخىرىدا بىرەر ئەزايىدىن كېسەللىك چىقىپ قېلىش ئېھتىمالى بار. نۇرغۇن كېسەللىك ياكى ئاياللار كېسەللىكلىرىنىڭ مەنبەسى، ئىچ مىجەزلىك. بۇنداق ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئۆزىدىنمۇ يۇمشاق ئەمەس ، كۆڭلىنى ئالالايدىغان، دىلكەش دوستى بولىشى كېرەك.
ئەلۋەتتە ، ئاياللار ئېغىر بېسىقراق بولغىنى ياخشى، بىراق ئېغىر بولدۇم دەپ ھەممىنى ئىچىگە يۇتۇپ << قورسىقىمدىكىنى تاپ >> دەپ ئولتۇرىۋالسا ، ئېرىنىڭ ئۆزىنىڭ تەلىپىگە يېتەلمەيۋاتقىنىدىن ئاغرىنسا، ئېرى ئۇنى نەدىن چۈشىنىدۇ ؟ شۇڭا ئايال ئەگەر ئېرىنىڭ ئۆزىگە ياقمايدىغان يەرلىرىنى بايقىغاندا ، كۆڭلىگە كېلىدىغان ئىش بولغاندا ئېرىگە يىغلاپ ياكى ئاچچىقلاپ ئەمەس ، ئەركىلەپ تۇرۇپ ياكى ئۇۋالچىلىققا ئۇچىرىغان قىياپەتتە ئۈمچىيىپ تۇرۇپ دېگەندەك ئوماق قىلىقلىرى بىلەن ئېرىگە دەپ قويۇپ، ئاندىن ئۇنى بىزە ئېپىنى كەلتۈرۈپ تۇرۇپ ماختاپ قويۇش كېرەك. نېمىلا دېگەن بىلەن ئەركىشىنىڭ تەبىئىيلا باشقىلارنى قانات ئ‍استىغا ئالىدىغان، << ئايالىم ماڭا تايىنىشى كېرەك ، مەن دېگەن ئەركەك ، ئايالىم مەندىن تۆۋەن تۇرىشى كېرەك >> دەپ تۇرىدىغان پىسخىكىسى بولىدۇ. بۇ پىسخىكا جانلىق ئاياللارنى ( يەنە كېلىپ مېنى ) بىزار قىلسىمۇ ، بۇ خىل پىسخىكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدۇ. دېمەكچى بولغىنىم، ئەركىلەش ، يۇمشاق ياخشى سۆز، ئازىراق ئۇۋالغا قالغاندەك ئۈمچىيىش ئارقىلىق بۇ بىزارلىق ھېس قىلىدىغان پىسخىكىنى پايدىلىق ھالەتكە ئەپ كېلەلەيسىز. ئەلۋەتتە بەك سۈنئىي ياكى جىق بولۇپ كەتسە ئېرىڭىزنىڭ غىدىغى كېلىپ ياكى بىزار بولۇپ قالىدۇ . ( يەنە بۇنى ئۆزىنىڭ دېپىغا ئېرىنى مايمۇن ئۇسۇلى سالىمەن دەيدىغان ئاياللارغا دېمىدىم جۇمۇ ! ئۇنداق ئاياللار بىرىنچى بوپ دەپ ئۆتكەن << ئېتىقادلىق بولۇش>> قا چۈشمەي قالىدۇ. )
بەزى ئاياللار سېمىز ياكى بەزى ئاياللارنىڭ ئاۋازى يوغان. ( مېنىڭمۇ ئاۋازىم توم ) لېكىن سەل پەل ياساپ گەپ قىلسىڭىز( بەك ئەمەس ، تەجىربەمدىن ئۆتكەن دەپچۇ ... )، ھەم كىيىنىشنى بىلسىڭىز، بۇ قىيىن ئىش ئەمەس.

  خىزمەت ياكى كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئائىلىدىكىگە ئوخشاش يۇمشاق ، پېتىنى بۇزماي، خۇشخۇيلۇق بىلەن گەپ قىلىش كېرەك. دوستلىرىڭىزنىڭ ئىچى دەرتكە توشۇپ قالغاندا، ھاجىتى چۈشكەندە ئالدى بىلەن سىزنى ئويلايدىغان بولسۇن. خەق كەينىڭىزدىن غەيۋەت قىلغاننى ئۇقۇپ قالغاندا ياكى ئۇدۇل تىل ھۇجۇمىغا ئۇچىرىغاندا گەپ قىلماي جىم تۇرىۋالسىڭىز خەق سىزنى مۇتلەق مەغلۇپ قىلدىم دەپ ئويلايدۇ، بۇ ئەسكى كىشىلەرنىڭ پىسخىكىسى. بۇ چاغدا سالماقلىق بىلەن ئېغىزىڭىزدىن بىر ئېغىز سەت گەپ چىقارماي تۇرۇپ، گەپ بىلەن تويغۇزۇپ قويالىسىڭىز سىز ئەڭ توغرا ئىش قىلغان بولىسىز . ناۋادا ئۇ شۇ قەدەر پەس ، گەپ ئۆتمەيدىغان ئادەم بولسا ، كارىڭىز بولمىسۇن. ئەمما جىممىدەمۇ بولىۋالماڭ، چاتىقىڭىز بولماي ناھايىتى نورمال ھالدا ئۆزىڭىزنىڭ ئىشىنى قىلىۋېرىڭ، كۈلكىڭىزنى كۈلىۋېرىڭ، ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماڭ، شۇ چاغدا يا ئۇ ئۆزى بىلەن ئۆزى قايناپ مازلىشىپ قالىدۇ، يا كېلىپ سىز بىلەن تېخىمۇ ئېيتىشىدۇ، بۇ چاغدا سىزنىڭ خۇشخۇيلىقىڭىز، چىرايلىق گېپىڭىز، دوستقا بولغان سادىقلىقىڭىز، سەمىمىيلىكىڭىز سىزنىڭ ئەڭ چوڭ قورالىڭىز بولۇپ قالىدۇ. سىز ئوتتۇرىغا چۈشمىسىڭىزمۇ دوستلىرىڭىزلا ئۇنى مازلاشتۇرۇپ قويالايدۇ. ( بۇمۇ تەجىربىدىن ئۆتكەن )

3. كۈلۈشنى بىلىش.
بۇنى نېمىشقا ئالدىنقىسىغا قوشىۋەتمەي ئايرىم قىلىپ قويدۇم دېگەننىڭ سەۋەبى بار. كۈلۈش ، كۈلۈمسىرەش، بىر قىز ياكى ئايالنىڭ نازاكەتلىك بولالىشىنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى. ئەگەر كىشىلەر سىزنى ئازىراق مۇز چىرايراق ھېس قىلىپ قالغان بولسا بۇ بولماپتۇ، چوقۇم ئۆزگەرتىشىڭىز كېرەك. ئەينەككە ياسىنىش ئۈچۈنلا قارىمايسىز، ئۇنىڭغا قاراپ قانداق كۈلسەم ئۆزۈمگە ئەڭ يارىشىدۇ، كىشىگە ئىللىق كۆرىنەلەيمەن دېگەننى ئويلاپ تۇرۇپ كۈلۈشنى ، كۈلۈمسىرەشنى مەشىق قىلىڭ. دوستلىرىڭىزغۇ مەيلى ، سىزنىڭ قانداقلىقىڭىزنى بىلىدۇ ، يېتەرسىزلىكىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپ، مىجەزى چىقىشقاچقا سىز بىلەن دوست بولغان دەيلى ( مېنىڭمۇ بىر-بىرىمىزنى < ئاچىماچىلار > دەپ چاقىرىشىدىغان < قان ئىچىشىپ قەسەم بېرىشكەن >، مېنىڭ ئەڭ سەت تەرەپلىرىمنى بىلىدىغان، چاقچاقنى، ئېغىرنى كۆتۈرەلەيدىغان، ماڭا سەت يەرلەرنى يېپىشىپ بېرىدىغان ئ‍اداشلىرىم بار). لېكىن خىزمەتداشلار ياكى ئېرىڭىزگە مۇزدەك چىرايىڭىزنى ھەرگىز كۆرسەتمەسلىكىڭىز كېرەك. خىزمەتتە بولسا مۇز چىرايىڭىز بىلەن ئۇششاق سۆزگە قېلىشىڭىز ياكى سىزدىنمۇ بەتتەر مۇز چىرايغا ئۇچىرىشىڭىز مۇمكىن. ئائىلىدە بولسا كېسىپ ئېيتىمەنكى، ھەرقانداق ئەر مۇز چىراي خوتۇنغا ئىللىق چىراي ئاچمايدۇ. مەيلى قاپاق تۈرۈكلۈك سىزنىڭ ئادىتىڭىز بولۇپ، يۈرىۋاتقاندا بىلىنمىگەن بولسا، توي قىلىپ بىر ئۆيگە كىرگەندە بۇرۇنقى جەزبىدەرلىقىڭىزنىڭ ئورنىغا مۇز قاپىقىڭىز ئالمىشىپ قالىدۇ. شۇڭا كۈلۈمسىرەشنى مەشىق قىلىڭ.
بۇ يەرگە بىر نەرسە قىستۇرغۇم كەلدى. ياۋروپالىقلارنىڭ بولۇپمۇ فرانسىيەلىكلەرنىڭ ئەڭ ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىغان بىر تەرىپى - كۈلۈمسىرەش. مەيلى تونىسۇن-تونىمىسۇن ، يولدىن ئۆتكەندە، بىرەر نەرسە سېتىۋالغاندا، كىشىگە سوقۇلۇپ كەتكەندە... ئىشقىلىپ نۇرغۇن ئىشتا كۈلۈمسىرەپلا تۇرىدۇ، << رەخمەت ، كەچۈرۈڭ، ھېچقىسى يوق... >> ئېغىزىدىن چۈشمەيدۇ. بىرخىل ئىللىق بولۇپ قالىسىز، ھەتتا تىلەمچىلەرمۇ سىزدىن كۈلۈپ تۇرۇپ << بىر ياۋرو بېرىڭە ساندىۋىچ ئېلىپ يەي >> دەپ سورايدۇ، بەرمىسىڭىز << خەيرىلىك ئەتىگەن، خەيرىلىك كەچ >> دەپ ئۇزىتىپ قويىدۇ، سىزمۇ ئىختىيارسىز تىلەمچىگە كۈلۈپ تۇرۇپ << پارچە پۇلۇم يوقكەن ... يېنىمدا بانكا كارتاملا بار... >> دېيىشكە مەجبۇر بولىسىز. تېخى بىر كىشىنىڭ ئالدىراش قەدىمىنى توختاتماي تۇرۇپ، تىلەمچىگە << خاپا بولما، ئالدىرايمەن ، غەيرەت قىل >> دېگىنىنىمۇ كۆرگەنمەن. مەنمۇ كۈلۈپ ئۆگىنىپ قاپتىمەن ، ۋەتەنگە تەتىللىك قايتقاندا ،نەرسە سېتىۋالغاندا، بىرسىگە سوقۇلۇپ كەتكەندە تەكەللۇپ سۆزۈم ۋە كۈلۈمسىرىشىم ماڭىمۇ ئىللىق كۈلۈمسىرەش ۋە تەكەللۇپ سۆزى ئېلىپ كەلدى ، بىراق ئەرلەرگە قاراپ كۈلۈمسىرەشنى ۋەتەندە قىلغىلى بولمىغىدەك دەپ قالدىم، ئاپتوبۇستا بىرىگە سومكام سوقۇلۇپ كېتىپ، << كەچۈرۈڭ>> دەپ كۈلۈپ قويسام ئۆزىچە ھاياجانلىنىپ، تېلفۇن نومۇرلىرىمنى سوراپ، بەك چىشىمغا تەگكەنتى... ئاران قۇتۇلغانتىم ... لېكىن قانداقلا بولمىسۇن، كۈلۈمسىرەش ئىللىقلىق بېغىشلايدىغان بىرىنجى باسقۇچ.

4. بىلىملىك بولۇڭ. خىزمىتىڭىزنى ياخشى قىلىڭ ، ئۆزىڭىزنىڭ كىرىم مەنبەسى بولسۇن .
بۇنداق دېسەم بەزى ئەرلەر << ھازىر ئاياللارمۇ پۇل تاپمىسا ئۆي تۇتقىلى بولمايدۇ >> دېسە ، بەزى ئەرلەر << نېمە قىلىدۇ ئايال كىشىنى ئىشلىتىپ ، مېنىڭ دېگىنىم ھېساب ! ئايال كىشى ئارتۇق پۇل كۆرسە بولمايدۇ >> دەيدۇ . بۇ ئىككىلىسىنىڭ بەزى يەرلىرى توغرىدەك قىلغىنى بىلەن ، يەنىلا خاتا. چۈنكى ئايال كىشى ئارتۇق پۇل كۆرسە قېچىپ كېتىدىغان تۈلكە ئەمەس ، ئىشىنىش كەمچىل ئايالنى نېمە قىلىدۇ نىكاھىغا ئېلىپ ؟ ئەمدى << مەن بىلەن تەڭ جاپا تارتىپ پۇل تاپىدىغانغا ئۆيلىنىمەن >> دەيدىغان ئەرنىمۇ لاتا دەيمىز. ئايال ھەرقانچە جانلىق بولسىمۇ ، باشقىنى قويساق ، ئېغىر ئاياغ، تۇغۇت ۋاقتىدا ئېرى كۆزلىگەن پۇلنى تاپالمايدۇ، ئېرى بۇنىڭدىن تېشىغا چىقارمىسىمۇ ئاغرىنىشى مۇمكىن. شۇڭا يىگىت تاللىغاندا ئىقتىساد قارىشى قانداق، بىلىپ بېقىش كېرەك.
ئايال كىشى ئۆزىنىڭ ياقتۇرغان خىزمىتى بولغاندا ھەرۋاقىت جۇشقۇن تۇرغىلى بولىدۇ. ئائىلىنى ئوبدان تۇتقان ئايال كەسىپنى ئوبدان تۇتالىشى ناتايىن ، بىراق كەسىپنى جايىدا تۇتالىغان ئايال ئائىلىسىنىمۇ ئوبدان تۇتالايدۇ، چۈنكى كەسىپچان ئايالنىڭ ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇش ، ئىش پىلانلاش ئېڭى يۇقىرى بولىدۇ. ئايالنىڭ كىرىم مەنبەسى بولغاندا ئۆينىڭ بېسىمىنى يېنىكلەتكىلى ، ئۆزىنىڭ خالىغان نەرسىسىنى ئالغىلى، ئەڭ مۇھىمى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئېرىدىن ئايرىلىپ قالغاندا ( خۇدايىم ساقلىسۇن ) كىرىم مەنبەسى بولسا بالىلىرىنى قىينالماي قاتارغا قوشۇپ كېتەلەيدۇ.
كىرىمى بار ، بىلىمى يۇقىرى، قىزىققان كەسپى بار ئايالنىڭ مۇستەقىللىق ئېڭى يۇقىرى بولىدۇ. بۇنىڭدىن ئەرلەر قورقىدۇ. ئەگەر سىز ماڭا ئوخشاش كەسىپچان، جانلىق قىز ياكى ئايال بولسىڭىز، ئۆزىڭىز ھەرقانچە كەسىپچان بولسىڭىزمۇ يولدىشىڭىزغا بىلدۈرمەڭ، كەسپىي بىلىمنى يېڭىلاپ تۇرۇڭ، ئوتتەك قىزقىشىڭىزنى سەزدۈمەي كەسپىڭىزنى قىلىۋېرىڭ، چۈنكى بۇ سىزنىڭ قىزىققان ئىشىڭىز، كىچىك ۋاقىتتىكىدىن تارتىپ ئارزۇ قىلغان ئارزۇيىڭىز، سىز ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرمىسىڭىز بەلكىم كېيىن ئەپسۇسلىنىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.  
ئايال كىشى ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ مىجەزىگە قاراپ ئىشلەشنى ياكى ئۆيدە ئولتۇرۇشنى تاللىسا بولىدۇ. مېنىڭ مىجەزىمگە نىسبەتەن كەسىپىمدە ئۇتۇق قازانسام دەيمەن. مېنىڭ كىچىكىمدىن ئائىلە تەربىيەم شۇنداق ، كەسىپ جەھەتتە، بەزىدە كەسىپتە ئاپام ئۇتۇپ چىقسا ، بەزىدە دادام ئۇتۇپ چىقىدۇ، بىر يىللاردا دادامنىڭ مائاشى يۇقىرى ئىدى، يەنە بىر يىللىرى ئاپامنىڭ دادامنىڭكىدىن يۇقىرى بولدى، ئەمدى يەنە دادام ئالدىغا ئۆتىۋاپتۇ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا يېقىندا ئاپام ئالدىغا ئۆتىۋالارمىش... . ئۇلار ئىككىلىسى كەسىپچان، لېكىن ئاپام بىرەر قېتىممۇ دادامنىڭ ئالدىدا مېنىڭ ئەمىلىم چوڭ ، ياكى مەن پۇلنى جىق تاپتىم دەپ باقمىغان، داداممۇ مائاشىنى ئاپامغا بېرىدۇ، ئاپام خراجەتكە ۋە سىڭلىم ئىككىمىزگە پۇل يىغىدۇ. بۇ جەھەتتە ئىككىلىسى بەك ئىناق ( كۆز تىل تەگمىسۇن) .


ئاياللارغا بەكلا قىزىقىدىغان قۇلاق كەستى ئەرلەر مۇشۇ يەرگىچە كۆرۈپ كەلگەن بولسىڭىز ، ئەمدى توختاپ قالسىڭىز بولىدۇ ، ئەمدىكى ئىشلار ئەرلەر بىلەن مۇناسىۋەتسىز. بۇنى مەن ئاياللارغىلا ئاستاغىنە ئېيتىپ بېرىمەن . << مەن ئەركەك >> دەيدىغانلار ئەمدى كۆرمىسەڭلارمۇ بولىدۇ !!!







5 . ئۆزىڭىزگە ماس ياسىنىشنى بىلىڭ.
ياسىنىش دېگەن گەپنى ئاڭىسا نۇرغۇن ئەرلەر << ياسانمايدىغان تەبىئىي قىز بولمىسا بولمايدۇ >> دەپ چۈشىدۇ. ( خۇددى ئۆزى زادى پاك ، ياسانغان قىزلارغا قەتئىي قاراپمۇ قويمايدىغاندەك ) مېنىڭ بۇ يەردە دەيدىغىىم، قانداق قىلغاندا ئۆزىگە خاس تەبىئىي ياسىنىشنى كۆرسىتىدۇ.
خىزمەت ۋاقتىدا ياسىنىشقا كەلسەك ، بەزى يەرلەرنىڭ خىزمەت فورمىسى بار، فورمىنى پاكىزغىنە كىيسىڭىزلا، تېرىڭىزنى ئاسىراپ، بەك مويلۇق بولسىڭىز يۈزىڭىزدىكى ئارتۇق تۈكلەرنى تازىلاپ، سۇس گىرىم قىلسىڭىزلا كۇپايە . ئەگەر فورما بولمىسا، بەك مودا قوغلاشماي ، سېمىز بولسىڭىز كىچىك كۆرىنىمەن دەپ چىڭ كىيىملەرنى كىيىۋالماي، بەك ئورۇق بولسىڭىز سېمىز كۆرىنىمەن دەپ كېلەڭسىز كىيىملەرنى كىيىۋالماي، سىزگە قايسى رازما توغرا كەلسە شۇ رازمىلىق كىيىمنى كىيسىڭىز بولىدۇ. بەزى قىزلارنىڭ پاچىقى مايماق ، بۇنداق قىزلار ئۇزۇن قارا پايپاق، ئۆتۈك كىيىشتىن ساقلىنىشى كېرەك، قارا پايپاق تېرىگە چاپلىشىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن ، ئۆتۈك بولسا پاچىقىڭىزنىڭ يۆنىلىشىگە قاراپ ئىككى ياققا قىيسىيىپ قالغانلىقى ئۈچۈن پاچىقىڭىزنىڭ ئەيىبىنى تېخىمۇ ئېچىپ بېرىدۇ. بۇنداق قىزلار ئۇزۇنراق يوپكا، ياكى بىلىنمىگۈدەك ئىشتان كىيىشى كېرەك. بەزى سېمىز ئاياللارنىڭ كۆكسى زىيادە چوڭ بولىدۇ، ئازادە بولىمەن دەپ نۇرغۇنلىرى باغىرداقنىڭ بىر رازما چوڭنى ئېلىۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كېلەڭسىز بولۇپ قالىدۇ. بەزى قىزلارنىڭ كۆكسى زىيادە كىچىك، بۇنداق قىزلار ... دېمەيلا قوياي... باغرىداقنىڭ قېلىنراقنى ئالسىغۇ مەيلى، ئەمما ئۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ، باغرىداقنىڭ ئۈستۈنكى تاسمىسىنى زىيادە چىڭىتىپ ئۈستىگە كۆتۈرۈپ، كۆكسىنىڭ ئەركىن كۆركەم بولىشىغا ئەكىس تەسىر كۆرسىتىپ قويىدۇ. سىز ھازىرلا باغرىدىقىڭىزنىڭ تاسمىسىغا قاراپ بېقىڭ، ئەگەر ئۈستۈنكى تاسما تېرىڭىزگە تېگىشىپ تۇرغان بولسا توغرا ، ئەگەر بىزە ئارىلىق بولسا تاسمىنى بىزە بوشىتىڭ، بەك يۇقىرىغا ئىتىرىۋالسىڭىز بىرگە سالامەتلىككە پايدىسىز، بىرگە كۆكسىڭىزنىڭ ئورنى نورمال بولماي سەت بولۇپ قالىدۇ. باغرىداقنىڭ رولى كۆكسىنىڭ گۈزەللىكىنى ساقلاش ، قېلىپقا چۈشۈرۈش، ئەگەر بەك چىڭ بولسا نەپىسىڭىز يېتىشمەيدۇ، بەك بوش بولسا قېلىپقا چۈشمەي قالىدۇ. ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىزنىڭ رازمىسىنى توغرا تېپىڭ.
تېرىسى قارا قىزلار ئاقارتىش مېيىنى جىق سۈرمەڭ ، تېرىڭىزنىڭ رەڭگىگە ماس كېلىدىغان مايلىق ياكى مايسىز ئۇپپىنى سۈرۈپ، تېرىڭىزنىڭ سىترولىقىنى ئاشۇرسىڭىزلا كۇپايە ، بولمىسا چىرايىڭىز بىلەن باشقا يەرنىڭ تېرىسى ئايرىم ، كىر چىراي بولۇپ قالغاننىڭ ئۈستىگە، كەچلىك يىغىلىشلاردا رەسىمگە چۈشسىڭىز ئاپاراتنىڭ يورىتىش چىرىقىنىڭ تەسىرىدە چىرايىڭىز كۆكۈش چىقىپ ئالۋاستىدەك بولۇپ قالىسىز ... ( دوستۇمنىڭ تەجىربىسى... )

ئائىلىدە بولسا، يولدىشىڭىزنىڭ ئالدىدا رەتسىز يۈرمەڭ، ئۆيدە كىيىدىغان كىيمىڭىز نازاكەتلىك بولسۇن، ئېرىڭىز ياقتۇرىدىغان رەڭدە بولسۇن، بىر كۈنى جەزبىدار، بىر كۈنى سېلىنىپ تۇرىدىغان رەختتە ئېغىر بېسىق كۆرىنىدىغان كۆينەك، بىر كۈنى ئوچۇق ، بىر كۈنى يېپىق...دېگەندەك ئالماشتۇرۇپ كيىپ ، ئېرىڭىزگە يېڭىلىق بېغىشلاپ تۇرۇڭ، سىزنىڭ ھالال تەگكەن ئېرىڭىز، سىز زىيادە ئوچۇق بولىۋالمىسىڭىزلا ، جەزبىدار كىيسىڭىز تامامەن بولىدۇ. چۈنكى ئەرلەرنىڭ ئورتاق پىسخىكىسى- يېڭىلىققا ئىنتىلىش، ئايالغا ئىنتىلىش. بۇ ئىككىسىنى ئۆزىڭىزگە مۇجەسسەملىيەلىسىڭىز باشقا توبا باشلارغا قارىدى دەيدىغان دەرتتە قالمايسىز.
ئېرىڭىز ياقتۇرىدىغان پۇراقتىكى ئەتتىر پۇرىقىنى تېپىپ ، شۇنىلا سېپىڭ، ئېرىڭىز باشقا يەرلەردە شۇ ئەتتىر پۇرىقىنى پۇرىسىمۇ سىزنى ئەسلەيدىغان بولسۇن .

يەنە قالغان يەرلەر بولسا مۇشۇ توردىكى ئاچا-سىڭىللار دېيىشىپ باقايلى .

مەنبە --- ئۆزۈم .

باشقۇرغۇچىنىڭ قىز-ئاياللارغا پايدىلىق بۇ تۇنجى تېمامنى تەستىقلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tohtihan1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-19 12:51 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
YAZR + 45 تەپەككۇرى ھەقىقەتەن ك.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 45   باھا خاتىرىسى

توختىخاچام بۇرۇتلۇق ، قاق جىگدىسى قۇرۇتلۇق. تور ئىسمىم بەك مەتو .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1679
يازما سانى: 955
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8023
تۆھپە نۇمۇرى: 355
توردا: 1803 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 11:48:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىز - ئاياللار بىلۋېلىشقا تىگىشلىك ياخشى تىما يوللاپسىز . ياقتۇرۇپ قالدىم ، داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز .

ۋىجداننى يىگىلى بولمايدۇ ،ئەمما ۋىجدانسىز ئادەملەر ھەممىنى يەۋېتىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94456
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2013-4-7
ئاخىرقى: 2014-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 11:48:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىز-ئاياللارنىڭ كۆرۈپ پايدىلىنىشىغا ئەرزىيدىغان تېما ئىكەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3346
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9221
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 3315 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 11:53:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن يەنىلا مۇشۇ تېمىنى تېخىمۇ پايدىلىق دەپ قارايمەن
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-104124-1-1.html

چۇقۇم ھاياتىمنىڭ  ئاخىرىغىچە  تىرىشىمەن !!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83557
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3441
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 373 سائەت
تىزىم: 2012-8-6
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 12:02:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ،شۇنداق ياخشى تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز بىزگە پايدىلىق.

باشقىلار بىر تامچە سۇ بەرسە،بۇلاق بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇش كېرەك!

كۈلكە شەيتاننىڭ راھىتى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2385
يازما سانى: 2039
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13950
تۆھپە نۇمۇرى: 633
توردا: 9224 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 12:22:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى قىپسىز  ، رەخمەت سىزگە . مەن ئائىلىدىن ئۇتۇق قازىنىشنى ئارزۇ قىلمەن  !

ئالدىمغا كەلدى دەپ يەۋەرمە ، ئىغىزىمغا كەلدى دەپ دەۋەرمە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93957
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 516
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2013-3-27
ئاخىرقى: 2014-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 12:30:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارىكاللا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91797
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 795
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 524 سائەت
تىزىم: 2013-2-17
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 12:55:30 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋۇ تىمىنى ئوقۇپ ھەجەپ راھەتلىنىپ كەتتىمغۇ! ئۇزۇن بوپتىكەن بۇنداق ئادەمگە يېقىشلىق تىمىنى ئوقۇمىغىلى. رەھمەت سىزگە ھېھېھى!!!!

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94892
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 78
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2013-4-15
ئاخىرقى: 2013-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 01:05:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22775
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6653
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 873 سائەت
تىزىم: 2010-12-18
ئاخىرقى: 2014-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 01:15:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
numus يوللىغان ۋاقتى  2013-4-19 01:05 PM
**** يازغۇچى چەكلەنگەن ياكى ئۆچۈرۈلگەن، مەزمۇن ئاپتومات ...

نىېمە دىگنىڭىز ئەمدى بۇ؟

سۆيسەڭ سۆيىمەن جېنىمنى بېرىپ............
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش