مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8649|ئىنكاس: 123

ئېرىگە نوچىلىق قىلغان ئاياللار نېمىگە ئېرىشىدۇ؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94844
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 243
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2013-4-14
ئاخىرقى: 2013-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 02:47:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاتتىق خۇيلۇق ئاياللار نېمىگە ئېرىشىدۇ؟
- مۇنەۋۋەر نىياز -
(تۈركىيەلىك ئائىلە مەسلىھەتچىسى، پىسخولۇگ، يازغۇچى سەما ماراشلى خانىمنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئۆزلەشتۈرۈلدى)

ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ پەرقلىق يارىتىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ئاياللار ئەركىنلىكىنى جار سالىدىغانلارنىڭ ئاڭلاشنى خالىمايدىغان ئەڭ چوڭ بىر نوقتۇسىدۇر. ھەتتا باراۋەرلىك داۋاسىغا زىيان بولمىسۇن، دەپ بۇ ھەقتىكى نۇرغۇن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى يوشۇرغانلىرىنى ئىنساپلىق بەزى غەرپشۇناس ئىلىم ئادەملىرى ئېتىراپ قىلىشقا باشلىدى.
مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى تېلىۋىزىيە قانالىرىدا ئۇچراتقىلى بولىدۇ. باشقىلارغا خېلىلا تونۇلغان ئاممىۋىي مۇناسىۋەتكە دائىر باياناتچى ئۇستازلاردىن بىرى چىقىپ، ئەر- بىلەن ئايالنىڭ ئارىسىدا ئالاھىدە بىر پەرقنىڭ يوقلىقىنى سۆزلىسە، دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان بىر ئادەم يازغان كىتابىدا ئەر بىلەن ئايال ئوتتۇرسىدا ئالاھىدە بىر پەرقنىڭ يوقلىقىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشقان.
بۇ كىتاپ شۇنچىلىك قالايمىقان بىر مەنتىقىدە يېزىلغانكى، ھەرقانداق مۇرەككەپ مەزمۇندىكى كىتاپلارنى ئوقۇغان ئادەممۇ بۇ كىتاپنى ئوقۇشقا تاقەت قىلالمايدۇ.
ئەسلىدە ئەر بىلەن ئايالنىڭ ئوتۇرسىدىكى پەرقلەر ئىنتايىن ئېنىق بولۇپ، بۇنى ئۇنچىلىك كۆپ كىتاپ سۆزى بىلەن ئېنىقلاشقا ئۇرۇنۇشنىڭ بىر ئەھمىيتى يوق. قىز بالىلار بىلەن ئوغۇل بالىلارنىڭ چوڭ بولۇشىغا قارىساقلا ئۇلاردىكى پەرقنى ئاددى بىر ساۋاتسىز ئىنسانمۇ پەرق ئېتەلەيدۇ. گەرچە چوڭايغانسېرى جەمئىيەتنىڭ بېسىملىرىغا بىۋاستە دۇچار بولغۇچىلاردا بۇ پەرقلەر ئازايغاندەك قىلغان بىلەن ئەمەلىيەتتە بۇ پەرق ئىنسان تەبىئىتىدە ئېنىق مەۋجۇدتتۇر.
ئاياللار ھەقىقەتەن ئېزىلىۋاتامدۇ؟ شۇنداق ئېزىلىۋاتىدۇ، ھەم ئېزىۋاتىدۇ. ھازىرقى دەۋرىمىزدىكى ئاياللار ھەم ئەزگەن ھەم ئېزىلگەن بىر مەۋقەدە. بۇ نېمە ئۈچۈن؟
بىز ئالدى بىلەن شۇ ئايرىمچىلىقنى بىر يېشەيلى. ھەقىقەتەن زۇلۇم ئاستىدا قالغان، ھاراق ئېچىدىغان، روھى تەڭپۇڭلىقى نورمال بولمىغان بىر ئەردىن ياكى ئائىلىدىن زۇلۇم كۆرگەنلەر بۇ دېمەكچى بولغانلارنىڭ ئىچىگە كىرمەيدۇ. بۇ ھەقتە توختىلىشنىڭ لازىمىمۇ يوق. بۇلارغا ئىگە چىقالايدىغانلار (شۇنداقلا ھەمىمىز بۇ ئاياللارغا ئىگە چىقىشىمىز لازىمدۇر) بىزنىڭ دېمەكچى بولغان ئېزىلىۋاتقان ئاياللار زامانىۋېلاشقان، شەھەرلىك ئاياللارنىڭ ئېزىلىشىگە قارىتىلىدۇ.
ئاياللارنىڭ ئېزىلىشىگە سەۋەپ بولغۇچىلار ھەرگىزمۇ ئەرلەر ئەمەس بەلكى، ئاياللار ھۆرلىكىنى تەرغىپ قىلغۇچى فېمىنىستلاردۇر. چۈنكى ئۇلار باراۋەرلىك داۋاسى بىلەن ئەرلەر بىلەن ئاياللارنى بىر رىقابەت ئىچىگە تىقتى. بۇنىڭ بىلەن ئاياللارنىڭ تەبىئىيتىگە زىت بولغان بۇ كۆرەش ئىچىدە ئاياللار ھەدىدىن ئارتۇق ھېرىش ۋە ئېزىلىشكە مەجبۇر قالدۇرۇلدى.
ئاللاھ تائالا ئەر بىلەن ئايالنىڭ تەبىئىتىنى بىر- بىرىگە زىت ياراتقان بولۇپ، ئەرلەرنى قاتتىق خۇيلۇق، ئاياللارنى بولسا مۇلايىم قىلىپ ياراتقاندۇر. جىسمانى جەھەتتىن ۋە ھىسىيات جەھەتتىنمۇ ئايال كىشىنى نازۇك قىلىپ ياراتقان. ئاياللارنىڭ ئاۋازى ئىنچىكە، چاچلىرىمۇ ئىنچىكە، سۆڭەكلىرى نازۇك، مۇسكۇللار بولسا ئەرلەرنىڭ مۇسكۇلىرىنىڭ سانىنىڭ يېرىمىچىلىك. تېرىسى يۇمشاق ۋە سەزگۈر، ئاياللار مېڭىسىنىڭ ئوڭ تەرەپتىكى ھېس تۇيغۇغلۇق بۆلۈمىنى سول تەرەپتىكىدىن تېخىمۇ كۆپ ئىشلىتىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا ئاياللار يەنى يارىتىلىش جەھەتتىن شەپقەت تۇيغۇسى بىلەن بوي سۇنۇش تەبىئىتىگە ئىگىدۇر.
ئەرلەر بولسا قوپال، كۈچتۈڭگۈر يارىتىلغاندۇر. ئەرلەرنىڭ سۆڭەكلىرى، مۇسكۇللىرى، ھاياتقا بولغان كۆز قاراشلىرىمۇ قاتتىقتۇر. بىراق بۇ يەردىكى قاتتىقلىقتىن قوپالىق مەنىسى چىقمايدۇ. قوپالىق بولسا تەربىيە ۋە ئەدەپ - ئەخلاقنىڭ كەمچىلىكىدىن كۆرۈلىدۇ. ئەرلەر مېڭىسىنىڭ مەنتىق ۋە ھەقىقەتچى تەرىپى بولغان سول تەرىپىنى كۆپرەك ئىشلىتىدۇ.
ئەر – ئايال مۇناسىۋىتىمۇ دەل بۇ بىر- بىرىگە زىت بولغان تەرەپلەرنىڭ بىر- بىرىنى تارتىش ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئايال كىشىنىڭ قاتتىق بولۇشى، ئەر كىشىنىڭ يۇمشاق بولىشى مۇمكىن بولمايدۇ. ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرى: «ئەرلەرگە ئوخشىۋالغان ئاياللار ۋە ئاياللارغا ئوخشىۋالغان ئەرلەرگە لەنەت ئوقۇلىدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن.
بۇنىڭ ئۈچۈن ئەرلەر ئەرلەردەك قاتتىق مىجەزلىك ئەر مىجەز ئاياللارنى، ئاياللارمۇ ئاياللارغا ئوخشاپ قالغان يۇمشاق ئەرلەرنى ياقتۇرماسلىقىنىڭ سەۋەبى بۇدۇر.
ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئوتۇرسىدىكى بارلىق ئاۋارچىلىقلار ئاياللارنىڭ قاتتىقلىشىشى بىلەن باشلاندى. ئەلۋەتتە بۇنىڭدا فېمىنىزىمنىڭ تۆھپىسى ئالاھىدە زوردۇر. بىراق بىزنىڭ خەلقىمىزدە بۇنىڭغا ناھايىتى ياخشى ماسلاشقاندەك قىلىدۇ. قىزلىرىمىزنىڭ خۇددى ئەسكەرلەردەك تەربىيلەيمىز. قىزلارنى تەربىيلىگەندە ئۇلارنى كەلگۈسىدىكى بىر ئائىلىنىڭ خانىمى بولغىدەك شەكىلدە تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بېرىلمەيدۇ. كىچىك قىزلار ياسىنىشقا ھەۋەس قىلىپ، زىبۇ – زىننەت بىلەن ياسانسا ئاتا- ئانىسى: سەن تېخى كىچىك، دەپ ئۇلارنىڭ بۇ تۇيغۇسىنى بۇغۇپ قويىدۇ. مەكتەپلەردە بولسا ئوغۇللار بىلەن تەڭ باراۋەر رىقابەت ئىچىدە ئوقۇيدۇ. بۇ خىل مۇھىتتا قىزلار ئۆزىدە ئەسلى بولغان قىزلىق تەبىئىتىنى بىلەلمەستىن چوڭ بولىدۇ.
ئېرى بىلەن ئاجرىشىش باسقۇچىغا بېرىپ قالغان بىر ئايالغا، ئېرى بىلەن دە- تالاش قىلىشماسلىقى، ئېرىگە بىرئاز نازاكەتلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى، نازلىنىشنى تەۋسىيە قىلسىڭىز: مەن ئۇنداق نازلىنىدىغان بىرى ئەمەس، «پىلغا نازلان دەپتىكەن، ئۈچ دۇككاننى ئۆرىۋېتىپتۇ» دېگەن گەپ بار، دەپ قوپال جاۋاپ بېرىدۇ. بىراق، ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، ئايال كىشى پىل ئەمەس، نازلاندىم، دەپ دۇككان ئۆرۈيدىغان. ئايال كىشىدە ئەسلىدە ئاياللارغا خاس يارىتىلغان پۈتۈن ئارتۇقچىلىقلار بار. بىراق ئۇنى يوق ئورنىغا چىقىرىۋەتكەچكە يوقتەك كۆرۈنىدۇ. قويۇپ بېرىش كېرەككى ئاياللارنىڭ ئاياللىق نازاكىتى ئوتتۇرىغا چىقسۇن. بولمىسا ئۆزىنى پىل دېسە خۇددى پىلدەك ھەر يەرنى ۋەيران، ئۆيلەرنى پەرىشان قىلىپ ئېرىنى قاچۇرۇپ قويغاندا ئارقىدىن يىغلاشقا مەجبۇر بولىدۇ.
شۇنداق ئېزىلىۋاتقان ئاياللار بار. بىراق ئۇلار يۇمشاق بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى، قاتتىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئېزىلمەكتە. يۇمشاق بولۇش ئېزىلگەنلىك ئەمەستۇر. بەلكى، يۇمشاقلىق ئاياللارنىڭ ھەقىقى مۇھاپىزەتچىسىدۇر. يۇمشاقلىق ئاياللارنىڭ كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان كۈچىدۇر. يۇمشاقلىقى، نازاكىتى، لاتاپىتى ئايال كىشىنىڭ كۈچىدۇر ۋە سۆيۈلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر.
ئەرلەر ئەسلىدىلا قاتتىق يارىتىلغاندۇر. ئايال كىشىمۇ قاتتىق بولسا بۇ ئىككىسى بىر – بىرىنى رەنجىتىدۇ. بۇلارنىڭ ياخشى ئۆتۈشى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ بىرسى يۇمشاق بولۇشى كېرەك. يۇمشاقلىق بولسا ئايال كىشىنىڭ ئارتۇقچىلىقىدۇر. گۇمان قىلىنغىنىدەك ئەرلەر ھەرگىزمۇ يۇمشاق ئاياللارنى ئەزمەيدۇ. چۈنكى، ئەرلەر تەبىئىتى قاتتىق بولغىنى بىلەن مەرھەمەتلىك ۋە ھېمايە قىلغۇچى تەبىئەت بىلەن يارىتىلغاندۇر. ئەكسىچە ئەرلەر قاتتىق ئاياللارنى ئېزىدۇ. چۈنكى قاتتىق ئاياللار بىلەن ئەرلەر رىقابەت چەمبىرىكى ئىچىگە كىرىدۇ، بۇ رىقابەتتە ئەرلەر ئۇتۇش ئۈچۈن بىلەن ئاياللارنى ئېزىدۇ.
ئەرلەر ئاياللاردىن يۇمشاقلىق، روھلاندۇرغۇچى، نازاكەت ۋە بالىلارغا خاس مەسۇملۇق تەلەپ قىلىدۇ. يەنى ئۆزىدە بولمىغان نەرسىلەرنى تەلەپ قىلىدۇ. قاتتىق، تەرسا، ئۆزەمنىڭ راست دەيدىغان، بىلەرمەن ئاياللار ئەرلەرنى ئىنتايىن بىئارام قىلىدۇ ھەم بۇنداق ئاياللارغا ئەرلەر ئەرلەرگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئايالنىڭ ئەرلەردەك قاتتىق بولۇپ تۇرۇپ، ئاياللارغا لايىق مۇئامىلە تەلەپ قىلىشى ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىشتۇر. بىر ئايالنىڭ تەربىيە كۆرگەن ، ئوقۇغان بىرى بولۇشى، ئەقىللىق بولۇشى، ئۇنىڭ ئاياللىق خۇسىسىيىتىگە ئىگە ئايال بولۇشىغا توسالغۇ بولمايدۇ. بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى بىر نەرسىنى توغرا چۈشۈنەلىشتە. ئايال كىشى ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى پەرقلەندۈرمەستىن ياشىماسلىقى لازىم، ئۆزىنىڭ ئايال كىشى ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتمىسۇن. ئايال كىشى سىرتتا ئەستايىدىل بىر خانىم، ئائىلىدە بولسا نازاكەتلىك بىر ئايال بولالايدۇ. چۈنكى، ئايال كىشىنىڭ يارىتىلىشى بۇنىڭغا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى ئۆزىنى ئەرلەردەك ھېس قىلىشقا يېقىن كەلمىسۇن.
ئەلۋەتتە پۇرسەت تاپسىلا ئېرىنى ئەزمەكچى بولغان ئاياللارمۇ ئاز ئەمەس، ئېزىلىشكە رازى بولۇپ ياشاپ كەلگەن ئەرلەرمۇ ئاز ئەمەس. ئەرلەر قەيەرلەردە خاتالىشىۋاتىدۇ؟ ئەلۋەتتە بۇ ئايرىم توختىلىدىغان بىر نوقتا.
ئاياللار ھوقۇقى توغرىسىدا سۆز ئېچىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن ئايال بولۇش ھەققىدە سۆز ئېچىش كېرەك. ئاياللار قانچىلىك دەرىجىدە ئايال بولالىدى؟ ئالدى بىلەن بۇنىڭغا قاراش لازىم. بولمىسا ئاياللارنىڭ بەختسىزلىكىنىڭ سەۋەبى ئەرلەرنى كۆرسىتىپ، «ئاياللار ئېزىلمەكتە»، دەپ ھېكايە ئوقۇش ئاسان. ئاياللار ئېزىلىۋاتقان بولسا نېمە ئۈچۈن ئېزىلىۋاتىدۇ؟ ئايال كىشىنىڭ بەختلىك ياكى بەختسىز بولۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەبىنى ئەرلەرگە باغلاش، ئالدى بىلەن ئاياللارنى چارىسىز قويۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر. ھېچكىمنىڭ قارشىسىدىكى كىشىگە كۈچى يەتمەيدۇ. ئايال كىشى بەختلىك بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى لازىم، ئەسلى تەبىئىتىگە قايتىشى لازىم. باشقا ھەقلىرى شۇ چاغدا ئۆزلىگىدىن ئۇنىڭغا قايتىپ كېلىدۇ. قوپال ئاياللار قانداق بىر ھەقنى قولغا كەلتۈرسە كەلتۈرسۇن، ھەقىقىي بەختلىك بولالمايدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ يوقۇتۇپ قويغانلىرى ئېرىشكەنلىرىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولىدۇ.
ئايال كىشى قاتتىقلىقى بىلەن ئاياللىقىنى يوقۇتۇش بىلەن بىرگە، ھايات دوستى، ياخشى كۆرگەن ئادىمىنى، ئۇنىڭ مۇھەببىتىنىمۇ يوقۇتۇپ قويىدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئېرىشكەنلىرى يوقۇتۇپ قويغان ئۇ نەرسىلەرنىڭ ئورنىنى ھېچ تولدۇرالمايدۇ. مەيلى پۇل، مەيلى، كەسپى، مەيلى گۈزەللىكى . بۇلارنىڭ ھەممىسى ھېچقانداق ئىشقا يارىمايدۇ. قاتتىق ئاياللار ئۆزلىرى ئېرىشمەكچى بولغان بەختنى، يالغان بەختلەر، دورا – دەرمەكلەر بىلەن تولدۇرۇشقا تىرىشىدۇ.
ئى ئاياللارغا 3-4 تال ھەق بېرىپ ئۇلارنىڭ پۈتۈن بەختىنى تارتىۋالغانلار! قولۇڭلاردىن كەلسە ئاياللارغا بىرئاز ئائىلىۋىي ھۇزۇر ۋە بەخت تارقاتمامسىلەر قېنى؟

ئالىمنىڭ بۇزۇلغىنى ئالەمنىڭ بۇزۇلغىنى!
ئۆزۈڭنىڭ بۈزۇلغىنى خەلقىڭنىڭ بۇزۇلغىنى!
مەن دېگەندەك ياخشى ئەر بولاممىساممۇ يامان ئەمەس!
يامان ھەركىمنى كۆرسە ياخشى دىمەس!

بارچە بۇغداي بىز سامان!
بارچە ياخشى بىز يامان!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 1625
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3929
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 445 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 05:16:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ كۆڭلىمىزگە ئىنساب بەرسۇن !!!!!!!!!!

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32240
يازما سانى: 628
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18309
تۆھپە نۇمۇرى: 141
توردا: 1050 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2013-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 05:17:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىگە ئىرىشىتى مۇش پەشۋاغا ئىرىشىدۇ خار بولىدۇ ، مەزلۇم كىشىلىنىڭ نوچىلىق قىپ باقىدىغىنىغا بەك ئۆچمەن

نىم دەپ يازسام بولا

ئۇيغۇر قىزلىرى پ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38587
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4265
تۆھپە نۇمۇرى: 196
توردا: 88 سائەت
تىزىم: 2011-4-24
ئاخىرقى: 2013-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 05:18:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئائىلىدە ئەرلەر ئەرلەردەك ئاياللار ئاياللاردەك بولغىنى ياخشى.

سەن ئەزرائېلنى ئۇنتۇپ قالغان بىلەن ،ئەزرائېل سىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.

ئۈلۈم ۋە ھايات!

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 3788
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 11832
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2795 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 05:20:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايال كىشى ئۆز يولدىشىغا قانچىلىك ئەركىلىسە بۇلىدۇ، شۇڭا ئەر-ئايال تۇرمۇشتا ماسلاشسا ھىچقانداق كۈڭۈلسىزلىكلەر يۈز بەرمەيدۇ. بەزى سەۋەنلىك ئاياللاردىن ئۆتسىمۇ، ئەرلەر ئاياللارنىڭ  بۇ قىلىقلىرىنى نوچىلىق دەپ چۈشىنىۋالمىسا ھەرگىزمۇ خاتا چۈشۈنۈش كىلىپ چىقمايدۇ. بەش قول ئوخشاش بولمىغىنىدەك،ئىنساننىڭ ياشاش ئۇسۇلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
تۇرمۇش باشلىغاندا ئەرلەر ئاياللارنى توغرا يولدا يىتەكلەپ ھەقبىلەن ناھەقنى تۇنۇتۇپ مىڭىشى كېرەك.ئەرلە ئۆز ر تۇرمۇشىدا ، ئاياللىرىنىڭ -بالىلىرىنىڭ ياراملىق پادىچىسى سۈپىتىدە بولسا ئىىنىمەنكى ،ھازىرقى دەۋىردىكى ئاياللار ئانچە   ئاڭسىز ئەمەس نوچىلىقنىمۇ قىلمايدۇ. ئىشقىلىپ ئاللاھ يۇلىنى تۇتۇپ ماڭغان ،ھەقىقى ئەرلىرىمىزنىڭ ئاياللىرى نوچىلىقنى گۇناھ دەپ چۈشىنىدۇ
.

ئاخىرقى تىنىقىمغىچە بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللا ھ،مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 2832
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2857
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2415 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 05:23:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايال ئەرگە ئوماق ئەركىلسىە ئوينۇتۇپ قويغۇلۇق.لىكىن ھەممە ئىش يولىدا بولسۇن.           ھەممسى ئۆز ئورنىنى ساقلاپ قالغىنى ياخشى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93252
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1178
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 05:23:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىرىگە نوچىلىق قىلغان ئاياللار بەخىتسىزلىككە، ئازاپقا ئېرىشىدۇ .

[color=Navy]ئەزىز كۈسەن دىيارى  . [/color]

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1687
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4940
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1611 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 05:32:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىز ئاياللىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەسۇن خۇدايىم .

ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4569
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 266
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 3990 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 05:42:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ئايال كىشى بەك ھازازۇل بولۇپ كەتسە بولمايدۇ ..مەيلى يولدىشى ئۆزۈدىن تۆۋەن تۇرسۇن ياكى يۇقىرى (ئورۇن جەھەتتىن ،بۇ ئائلە شارائىتى ،خىرىمتى ،كىرىمى دىگەنلەرنى ئۆز ئىچگە ئالىدۇ )شۇ ئەرگە خالاپ تەككەن ئىكەن ئائلدە ھوقۇقىنى ئەرنىڭ ھوقۇقى ئاستىدا يۈرگۈزشى كېرەك ..نىكاھ قىلغاندىمۇ ئەر ئالدىم ،ئايال تەگدىم دەيدۇ .بۇ شۇنى ئىسپاتلايدۇكى :شۇ نىكادىن كېيىن ئايال ھەم ئايالىنىڭ بارلىقى ئەرنىڭ دىگەن گەپ .ئايالىنڭ ئىقسادىمۇ شۇنىڭ ئىچدە .شۇڭا ئەر ئايالىنى باشقۇرۇشقا ھەم ئىقسادىغان ئىگە بولۇشقا ھەم شۇ ئىقسادىنى باشقۇرۇشقا ھوقۇقلۇق. بەزى ئاياللار مائاشى بارلار ئۆزەم تاپتىم دەپ مائاشىنى ئەرگە تۇتقۇزمايدۇ ..بىراق بەزى ئائلەردە ئەرنىڭ ئىقسادى باشقۇرۇش ئېڭى ئايالدىن تۆۋەن بۇلىدۇ .بۇنداقلار ئەر رازى بولسا ئىقسادىنى ئايال باشقۇرشى كېرەك ..بىراق شۇنداق ئەقللىق ھەممىنى قىلىپ بېرەلەيدىغان ھەم ھىچ نەرسدىن كام قىلمايدىغان ئەرلىرى تۇرۇپمۇ يەنە ھازازۇللۇق قىلدىغان .ئەركلدىم دەپ ئۆزىنىڭ ئائلدىكى ئاياللىق مەجبۇرىيتىنى ئۇنتۇپ قالدىغان .ئەرگە يۆلىنۋالدىغان ئاخىردا ئەرنىڭ كۆڭلى سوۋۇپ ،نىكاھتىن ئاجىرشدىغان ئەھۋاللارمۇ بار ..بۇنداق ئاياللاردىن ئاڭلسڭىز  ئۇلار يولدشىم ماڭا قارمايدىغان بولۋالدى ..دەيدۇ .خاتالىقىنى ئەرگلا ئارتىپ قۇيىدۇ ..شۇڭا ئائلدە ئەر ئەردەك ،ئايال ئايالدەك بولۇشى كېرەك .ئورۇنى ئالمشپلا قالدى بۇ بىر بەختسىز ئائلە ،ئۇلار ئاجىراشمغان تەقدىرىدمۇ ؟ ئەر مەسئۇلىيەت ئۈچۈن ئۆي تۇتدىغان .ئەر -ئايال ئوتۇرسدا مۇھەببەت يۇق ،پەقەت مەسئۇلىيەت ھەم مەجبۇرىيەتلا بۇلىدۇ .بۇ بىر قۇرۇق ئائلە خالاس .
قاتتىق ئەسكەرتىش :ئاخىردا ئىنكاسىمىنى ھەر قانداق بىرنىڭ نەقىل ئېلشغا رۇخسەت يوق .ھەم بىر قىسم ساراڭسمان تورداشلار مەندىن نېرى تۇرۇش مەيلى ئارقاڭدا قانداق باشقۇرغۇچى ساڭا يار يۆلەك بولسۇن .

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

.‹سۇكۇت›.

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50644
يازما سانى: 885
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5998
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 234 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 05:44:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىرىگە نوچىلىق قىلغان ئايال  خارلقتا قالىدۇ ...تاياققا قالىدۇ .. بىرىنچى قىتىم چىرايلىق سۆز ئىككىنچى قىتىممۇ سەل چىرايلىق سۆز ئۈچنچىسىگىمۇ ئۇنىمىسا مانا ئەمسە دەپلام دەسسەپ پوقىنى چىقىرىۋىتىش كىرەك

ھەقىقەت پەقەت قىيامەت كۈنىلا مەۋجۇت.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش