مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2735|ئىنكاس: 29

بېرما مىللىي توقۇنۇشى ۋە خەلقئارالىق جۇغراپىيىۋى سىياسەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 937
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 26313
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7838 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2013-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 11:38:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بېرما مىللىي توقۇنۇشى ۋە خەلقئارالىق جۇغراپىيىۋى سىياسەت
ئاپتورى: يۈ شىيۈ (تەرجىمىدە:نەپرەت 2009)

_NRY_ZO6S0GOMJ)MT}Z3_KF.jpg


بېرمىدا (ميانمار) يېقىندا بارغانسېرى كەسكىنلەشكەن مىللىي ۋە دىنىي زىددىيەت، بولۇپمۇ بېرمىدىكى ئاساسلىق ئېقىم بولغان بېرما مىللىتى بىلەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى زوراۋانلىق توقۇنۇشىنىڭ يامرىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى ھەم بېرمىنىڭ خەلقئارالىق جۇغراپىيىۋى سىياسەتتىكى مۇھىم ئورنىنى كۆرسىتىپ بەردى.
جۇڭگوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بېرمىنىڭ مول تەبىئىي بايلىقى بولغاندىن سىرت، مالاككا بوغۇزى ۋە غەربىي تىنچ ئوكياننى ئەگىپ ئۆتكەن ئىستراتىگىيىلىك يول تەمىن ئەتكەن بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇقىدىن ھىندى ئوكيانغا كىرىدىغان ئۇدۇل يولنى ئاچتى، بۇ كىشىگە ئۇرۇش يىللىرىدىكى بېرما تاشيولى (سىنو-بېرما تاشيولى) نىڭ ئىستراتىگىيىلىك ئەھمىيىتىنى ئەسكە سالىدۇ.
جۇڭگونىڭ 2013-يىلىنىڭ بېشىدا سىنگاپور پورت ئىشلىرى گۇرۇھىدىن پاكىستان گۋادار پورتىنىڭ تىجارەت ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشى ئالاقىدار ئىستراتىگىيىلىك مەنپەئەتكە بولغان دىققەتنى تارتتى. ئەمما گۋادار پورتى تۇرۇشلۇق بالۇچىستان ئۆلكىسىدىكى مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پاكىستاننىڭ ئىچكى كىرىزىسىدىن سىرت، يەنە تەستە ماڭغىلى بولىدىغان قارا قۇرۇم تاشيولىدىن ئۆتكەندە ئاندىن ئۇيغۇر رايونىغا يېتىپ بارغىلى بولىدىغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇقىغا بىۋاسىتە تۇتۇشىدىغان بېرما تاشيولىنىڭ ئىستراتىگىيىلىك ئورنىغا سېلىشتۇرۇشقا ئامالسىزدۇر.
20 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ھىندىستان بېرمىدا كەسكىن تىركەشتى. شى جىنپىڭ يېقىندا سەنيا بوئاۋ مۇنبىرىدا بېرما پرېزىدېنتى زېيىن سېيىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق كېلىشىملىرىگە ئىمزا قويۇشى ئەڭ يېڭى دەلىلى بولالايدۇ. «مەركىزىي ئوق يۆلىنىشى» نى ئاسىياغا قاراتقان ئامېرىكىمۇ يېقىندا بۇ جۇغراپىيىۋى سىياسەت ئويۇنىغا ئاكتىپ قاتناشتى. بېرمىنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى دېموكراتىيىلىشىشى ئويۇنغا يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى قوشتى. تەھلىلچىلەر ئومۇميۈزلۈك ھالدا دېموكراتىيىلىشىش مۇساپىسى جۇڭگونىڭ تەسىر كۈچىنى كۆرۈنەرلىك ئاجىزلاشتۇردى، بولۇپمۇ بېيجىڭ ئىزچىل بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى بولغانلىقتىن، بېرما ئاممىسىدا خېلى نارازىلىق كەيپىياتى پەيدا قىلدى دەپ قارىدى. جۇڭگو مەبلىغىدىكى سۇ ئېلېكتر ۋە كان تۈرى يەرلىك ئاممىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغانلىقتىن توختىتىپ قويۇلدى ۋە كېچىكتۈرۈلدى.
بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئامېرىكا ۋە غەرب ئاڭ سەن سۇكىيىنى ئۇزۇن مۇددەت قوللاش ھەمدە ئۇنىڭ بېرما مەملىكەتلىك دېموكراتلار ئىتتىپاقى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىشى ئارقىلىق، بېرمىنىڭ دېموكراتىيىلىشىش مۇساپىسى ناھايىتى چوڭ سىياسىي تەسىر كۈچكە ئېرىشتى.
ھەربىي ھاكىمىيەت ھۆكۈمرانلىقىنىڭ يۇمشىشىغا ئەگىشىپ، بېرمىدىكى مىللىي ۋە دىنىي توقۇنۇشلار كۈنسېرى كەسكىنلەشتى. شىمال ۋە شەرىقى قىسىمدىكى شان مىللىتى، كخرېئۇم مىللىتى قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىسيان كۆتۈرۈشى ئۇزۇنغا سوزۇلغان تارىخىي مەسىلە، ئەمما مۇسۇلمانلار ۋە بۇددىستلارنىڭ زىددىيىتىنىڭ يامانلىشىشى خېلى تۇيۇقسىز بولدى. ھازىرقى زامان ئېنگلىزچە سۆزلۈك بىلەن ئېيتقاندا، بۇ دىنىي زىددىيەت ئېھتىمال ئويۇنچىلارنىڭ ئۆزگىرىشى (game changer) بولۇپ قېلىپ، بېرما ئىچكى سىياسىتى ۋە ئالاقىدار خەلقئارالىق ئويۇندىكى مۇھىم ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
بۇ دىنىي زىددىيەتنىڭ مەنبەسىدە گەرچە بۇددا دىنىنىڭ سېراۋادا مەزھىپى (جەنۇبقا تارقالغان تارمىقى) بىلەن ئىسلامنىڭ تارىخىي شاپائەت ۋە ئاداۋىتى بولسىمۇ، تېخىمۇ مۇھىم قىسىمى كۆپ قىسىم بېرمىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەم ئۇلار بىلەن بېرمىنىڭ زامانىۋى مىللەتچىلىك ۋە مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ چىگىشىپ كېتىشىدۇر.
بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئېيتقاندا، بېرما مۇسۇلمانلىرى بىلەن جۇڭگو تۇڭگانلىرى (خۇيزۇ) نىڭ كېلىش مەنبەسى ئىنتايىن ئوخشىشىدۇ. تۇڭگانلارنىڭ ئەجدادى ئاساسلىقى يۈەن سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرى «خەنسۇلار» بىلەن «جەنۇبىي جۇڭگولۇقلار» نى چەكلەش ۋە باشقۇرۇش ئۈچۈن زور مىقداردا باشلاپ كەلگەن «غەربىي يۇرتلۇقلار» (ئۇيغۇرلار) دۇر. بېرما مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ئەنگلىيە مۇستەملىكىسى دەۋرىدە، تىپىك «ياتلار ئارقىلىق ياتلارنى باشقۇرۇش» تاكتىكىسى سۈپىتىدە، ئەينى چاغدىكى ئەنگلىيىگە قاراشلىق ھىندىستاندىن زور تۈركۈمدە كىرگۈزگەن كىشىلەر  بولۇپ، يەرلىك كىشىلەردىن يۇقىرى ئىجتىمائىي ئورۇنغا ئىگە. كونا شاڭخەي كونسېسسىيەسىدىكى جۇڭگولۇقلارنى بوزەك قىلىدىغان «قىزىل باش ئاسەن» دەپ ئاتىلىدىغان ھىندىستان چارلاش ساقچىلىرى بۇنىڭ بىلەن ئازراق ئوخشاپ كېتىدۇ. بېرما ھۆكۈمىتى نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنىڭ بېرما پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ھەرگىز ئىتراپ قىلمايدۇ ھەم ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يېقىنقى زامان كۆچمەنلىرى بولۇشتەك ھەقىقەتنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.
ھازىرقى زامان بېرما مىللەتچىلىكى ۋە مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشىلىق كۆرسىتىشتۇر. مۇسۇلمانلار ۋە باشقا ھىندىستان مۇھاجىرلىرى ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ «غالچىسى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىزچىل بېرما يەرلىك ئاممىسىنىڭ نارازىلىق ئوبيېكتى بولۇپ كەلگەن. يەنە كېلىپ روشەن دىنىي سەۋەبلىك، بېرما جەمئىيىتىگە باشچىلىق قىلىۋاتقان سېراۋادا بۇددا مەزھىپى ئەنگلىيە، ھىندىستان ھەمدە مۇسۇلمانلارغا قارشى داھىي بولۇپ قالدى. يېقىندا مېيكتىلا (Meiktila) قاتارلىق جايلاردىكى مۇسۇلمانلارغا قارشى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە، بۇددا راھىبلىرى ناھايىتى چوڭ باشلامچىلىق رولىنى ئوينىدى، بۇ تارىخىي ئۆچ-ئاداۋەتنىڭ داۋاملىشىشىدۇر.
بېرمىدىكى بۇددا راھىبلىرى گۇرۇھى ھەربىي ھۆكۈمەتنىڭ زالىم ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇشتا ئىزچىل مۇھىم كۈچ بولۇپ كەلگەن. ئۇلار 2007-يىلى قوزغىغان «كاسايا ئىنقىلابى» (saffron revolution) بېرما دېموكراتىك ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم ئابىدىسى بولۇپ قالدى. بۈگۈنكى كۈندە مۇسۇلمانلارغا قارشى ھەرىكەتنىڭ ئاساسىي كۈچى بولۇپ قالدى.
ئوخشاشلا مۇھىم بولغىنى بېرما دېموكراتىك ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان ئاڭ سەن سۇكىيى ياۋروپا، ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن يۆلىشى ۋە قوللىشىغا ئىزچىل سازاۋەر بولدى. ئەمما كېلەركى نۆۋەتلىك پرېزىدېنتلىقنى تالاشماقچى بولغان ئاڭ سەن سۇكىيى سايلام بېلىتى ئۈچۈن، بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان كۆپ قىسىم بېرمىلىقلارنى ئەيىبلەشكە ئامالسىز. ئۇنىڭ ئەڭ يېقىنقى دىنىي مالىمانچىلىقتىكى سۇس ئىپادىسى نۇرغۇن غەرب جامائەت پىكىرىنىڭ تەنقىدلىشىگە ئۇچرىدى.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، مۇسۇلمانلارغا قارشى تۇرۇش ئېقىمى بېرمىنىڭ ئەنگلىيىگە قارشى مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ تەبىئىي مىراسى، ئاڭ سەن سۇكىيىنىڭ ئىپتىدائىي سىياسىي كاپىتالى، ئۆز دادىسى ئاڭ سەن گېنرال دەل بۇ ئەنگلىيەگە قارشى مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ قەھرىمانى، بۇ تەرىپى ئاڭ سەن سۇكىيىنىڭ دىنىي توقۇنۇشتىكى سىياسىي بوشلۇقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ بوغۇپ قويدى.
خەلقئارادا، بېرما بۇددا دىنى ئاساسىي ئېقىمىنىڭ ئومۇميۈزلۈك مۇسۇلمانلارغا قارشى تۇرۇش پىسخىكىسى ھىندىستانغا خېلى پايدىسىز. ئالدى بىلەن چۈنكى تارىختىكى بېرما بۇددىستلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى ئەنئەنىسى تارىختىكى ئەنگلىيەگە قارشى، ھىندىستانغا قارشى ھەرىكەتنىڭ تەركىبىي قىسىمى. ئىككىنچىدىن، ھىندىستان جەنۇبىي ئاسىيادا ئىزچىل برېتانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ۋارىسى بولۇپ، زور مىقداردىكى ھىندى دىنى مۇرتلىرى كۆچمەنلىرى ئارقىلىق بۇددا دىنى دۆلىتى سىككىمنى يۇتۇۋېلىپلا قالماستىن، يەنە برېتانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ چېگرىسىدا جۇڭگو ۋە پاكىستان بىلەن زېمىن ماجىراسى قىلماقتا ھەمدە «ھامىي دۆلەت» جاھازىسىنى تىكلەپ، نېپال ۋە سىرىلانكا قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئارىلاشتى. «برېتانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىككىنچىسى» ھالىتى ھىندىستاننىڭ بارلىق قوشنىلىرى بىلەن ناچار مۇناسىۋەتتە بولىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى. ئەنگلىيە مۇستەملىكىسى بولغان، بۇددا دىنىنىڭ سېراۋادا مەزھىپى باشچىلىق قىلغان ھەمدە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئوخشاشلا ئىنگلىز تىلىدىكى دۆلەت نامىنى ئۆزگەرتكەن سرىلانكا بېرما ساۋاق ئالىدىغان ئوبيېكىت بولۇپ قالسا بولمايدۇ.
سېلىشتۇرما قىلغاندا، جۇڭگونىڭ بېرمىدا ئېنىقلا مۇنداق تارىخىي يۈكى يوق. ئەمما دېپلوماتىيىدىكى ئەخلاقسىزلىقتىن سىرت، بېيجىڭ بېرمىدىكى نۆۋەتتىكى دىنىي توقۇنۇشنىڭ تارىخىي مەنبەسى دەل سىرتقى كۈچلەرنى كونتروللىقىغا قارشى تۇرۇشتىن كەلگەنلىكىنى چوقۇم تونۇپ يېتىشى كېرەك.
مەنبە: ئوكيان تورى ئاپتورى شىمالىي ئامېرىكىدا تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شوغۇللىنىدۇ، سىنگاپور بىرلەشمە سەھەر گېزىتىنىڭ تەكلىپلىك ئوبزورچىسى. نەپرەت 2009 تەرجىمە قىلدى.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80084
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3506
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 176 سائەت
تىزىم: 2012-5-13
ئاخىرقى: 2013-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 07:50:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلى كۆپ بىلىمگە ئىگە بۇلىۋالدىم جۇمۇ ،سىزگە رەخمەت!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24820
يازما سانى: 1330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20551
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 4069 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2013-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 09:12:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەنگلىزلار ئوتتۇرا شەرق ۋە جەنۇبى ئاسىياغا تۈگىمەس پۈتمەس ئارازچىلىق ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ قويۇپ چىقىپ كەتكەن،جاھانگىرلارنىڭ ئۈمۈدى بارلىق رەزىل ۋاستىلەر،سىياسى ئويۇنلار ئارقىلىق دۇنيادا تېنچلىق،ئىتتىپاقلىق،مىللى گۈللىنىشنىڭ پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن باشقىلارنى قۇربان قىلىش!

بىلمىگەننى بىلدىم ، كۆرمىگەننى كۆردۇم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36697
يازما سانى: 792
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3432
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 4844 سائەت
تىزىم: 2011-4-7
ئاخىرقى: 2013-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 10:47:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي اللە قەيەرگە قارسا مۇسۇلمانلار بۇزەك بۇلۋاتقان ئۈلۈۋاتقان خەۋەر

سۇقۇلدىغان ساندال بۇلغۇچە، ئۇرىدىغان بازغان بۇل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91323
يازما سانى: 397
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1657
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 667 سائەت
تىزىم: 2013-2-7
ئاخىرقى: 2013-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 11:58:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ،،،،،،، مۇسۇلمانلارغا  ئاسانچىلىقنى  بەرگىن!  ئۆلۈپ كەتكەن  مۇسۇلمان  قېرىنداشلارنىڭ  ئاخىرەتلىكىنى  ياخشى قىلغىن....!!!....ئامىن.

ۋىجدان ھەق-ناھەقتە سىنىلىدۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4682
يازما سانى: 1431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31465
تۆھپە نۇمۇرى: 5599
توردا: 11539 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2013-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 12:19:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرمىدىكى ئوچۇقتىن ئوچۇق ئىرقى مىللى يوقۇتۇش ، بۇ رەزىلىكتە سىرىتنىڭمۇ قولى بار

ئادەم غۇرۇرىنى يوقاتقاندا ئادىمىلىكىنىمۇ يوقاتقان بولدۇ
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91188
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 485
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2013-2-5
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 12:41:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94892
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 78
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2013-4-15
ئاخىرقى: 2013-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 12:44:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 937
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 26313
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7838 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2013-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 03:38:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
frdaws يوللىغان ۋاقتى  2013-4-19 12:41 PM
بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئېيتقاندا، بېرما مۇسۇلمانلىرى بىل ...

چۈشەنمىگۈدەك نەرى بار، نۇرغۇن ئەرەبنى باشلاپ كەلگەنلىكى ئەقىلگە سىغمايدۇ

دەقيانوس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85
يازما سانى: 451
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4420
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 699 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 03:49:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Suchi يوللىغان ۋاقتى  2013-4-19 09:12 AM
ئەنگلىزلار ئوتتۇرا شەرق ۋە جەنۇبى ئاسىياغا تۈگىمەس پۈ ...

مېنىڭچە بۇنى ئىنگىزلارغا ئارتىپ قۇيۇشنىڭ ۋاقتى ئۇتتىغۇ دەيمەن، بىز تارىخنىڭ ئىچىدىن چىقالماي يۈرسەكمۇ بولماس.

سەن ۋەتەن، مىللەت دىسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسور، ئالىي نىشان ،كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش