tohtihan1 يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 10:38 PM 
پىكاسسو ، دالى قاتارلىق داڭلىق رەسساملارنىڭ رەسىملىرى ...
پىكاسسو ، دالى قاتارلىقلار ياشىغان ئىجىتىمائى تۇرمۇش بىلەن بىز ياشاۋاتقان ئىجىتىمائىي تۇرمۇش ئوخشامدۇ ؟
ياۋرۇ ، ئامرىكا قىتئەلىرىدىكى خەلقلەر ئالىقاچان سەنئەتنى زامانىۋىلىققا يۈزلەندۈرۈپ بولغان ،، ئۇلار ئۈچۈن بۈنچىلىك رەسىملەر ھىچنىمە ئەمەس، بىراق بىز ئۈچۈن بۇ زامانىۋى سەنئەت شەكلىنىڭ تېخى تۇنجى قەدەملىرى ...
شۇڭا مەن ئۇ سىز دىگەن پىكاسسو ، دالى لارنىڭ رەسىملىرىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىشكە سەل ئاجىزلىق كىلىمەن ، ئۇنى سىزگە ئوخشاش سەنئەتنىڭ ھەرقانداق تەرىپىنى قوبۇل قىلالايدىغان تورداشلار چۈشەندۈرۈپ بىرەلىشى مومكىن .
بەلكىم سىز ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي تۇرمۇش بىلەن مەن ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىمۇ چوڭ پەرقلەر بولىشى مومكىن ، شۇڭا بۇ يەردىكى كۆز قاراش پىكىرىمىز بىر يەردىن چىقمىغان گەپ ..
ئۇ رەسىمگە ئاۋۇ يەردە دىلبەر ئىسىملىك قىز تورداش ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئۆز سۆيگىنىنى چىن ئىخلاسى بىلەن كۈتۈشى ، سۆيىشى دىگەندەك ئىزاھلار بىلەن شەرھىلەپ بىرىپتۇ ..شۇنداقمۇ دەيلى ، شۇنداق بولغان ھالەتتىمۇ بىر ئۇيغۇر قىزىنى كىيىمسىز يالىڭاچ ھالەتتە ئۆز سۆيگىنى ، يارىنى كۈتۈش ، سېغىنىشىنى يالىڭاچ سىزىش شۈنچە زۆرۈرۈمۇ ؟
ئۇنىڭغا ئاز تولا بولسىمۇ يېپىنچا سىزىپ قويسمۇ مەقسەت مۇددىئانى بىلگىلى بولاتتى .
قالغىنىغا بۇ رەسىمنى كۆرگەزمىگە ئاسقاندىن كىينكى نەق مەيداندىكى ۋە باشقا تاراتقۇلاردىكى كۆرۈرۈمەنلەرنىڭ باھاسى ئايدىڭلىشىدۇ .
كۆپ سۆزلەپ قويدۇم ...