mahatjan يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 11:17 AM 
ھەجۋىلىككە كۆتۈرۈلگەن سەنئەت شەكلى دەپ قاراپ سەنئەتل ...
مەنمۇ سىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغىنىمدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم ، ھەم سىزنىڭمۇ گۈزەل - سەنئەتكە بولغان چۈشەنچىڭىزنىڭ خىلى چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم .
مەن ئۇ رەسىمدىن قەستەن پۇتاق چىقارغىنىم ئەمەس ھەم ئۇنىڭغىمۇ لايىق ئەمەسمەن چۈنكى ئۇ رەسىمنىڭ مۇئەللىپى شۈنچە يىل گۈزەل - سەنئەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ كىلىۋاتقان ، يۇقىرى دەرىجىلىك خىزمەت ئورنىدا خىزمەت قىلىدىغان شەخىسكەن ، ئەسلى بۇ توغۇرلۇق يەنى ئۇ رەسىم توغۇرلۇق تىما يوللاش مەقسىدىم يوق ئىدى ، بىراق مەندە ئۇ رەسىمگە قارىتا پەيدا بولغان ھەرخىل تۇيغۇلار قانداقتۇر شۇ ئاپتۇر بىلەن ئورتاقلىشىش ، چۈشەنچە ھاسىل قىلىشقا ئۈنىدى .
شۇ ۋەجىدىن بۇ تىمىنى يوللىدىم ، بۇ گەپلەرنى ئاپتۇر شەۋقى ئەپەندىم ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك خادىملار كۆرمەسلىكى مومكىن ، لىكىن بۇ يەردە كۆولۈمدىكى ئۇ رەسىمگە قارىتا پەيدا بولغان خاتا چۈشەنچىلەرنى سۆزلەش ئارقىلىق كۆڭلۈمدىكى تۈگۈنلەر بىر ئاز يىشىلگەندەك بولدى .
ئەمما ئۇيغۇر جەمئىيتىنىڭ بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى تۇرمۇشى بۇ خىلدىكى سەنئەت زامانىۋىلىقىنى كۈتىۋىلىشقا مەلۇم ۋاقىت بار دەپ قارىدىم .
بۇ خىل زامانىۋى سەنئەت شەكلىنى چەتئەللىكلەر ، غەرىپ ئەللىرى ئاللىقاچان قوللىنىپ ، سەنئەتنىڭ مەلۇم پەللىسىگە ئېلىپ باردى ، بۇ سەنئەت ئۇسلۇبىغا قاراپ بۇ خىلى زامانىۋى سەنئەت ئۇسلۇبىنىڭ دىيارىمىزدىكى سەنئەتكارلار تەرىپىدىن كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولغىنىغا ئازراق ھەيران قالغان ئوخشايمەن .