مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3896|ئىنكاس: 40

خەتەرلىك «شىمالىي كورىيە قارتىسى ۋەزىيىتى» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 937
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 26313
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7838 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2013-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 10:55:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

خەتەرلىك «شىمالىي كورىيە قارتىسى ۋەزىيىتى»
ئەنگلىيە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» ئاسىيا نۇسخىسىنىڭ باش مۇھەررىرى: داۋىد پىللىڭ
(تەرجىمىدە: نەپرەت 2009)

z.hashemi20130410032032700[1].jpg


دۇنيادا كىشىنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتىدىغان، بىرلا ۋاقىتتا كىشىنى ئەڭ جىددىيلەشتۈرىدىغان «قارتا ئويۇنى» كورىيە يېرىم ئارىلىدا ئوينالماقتا. ھازىرقى مەسىلە ئىلگىرى ھېچكىم كۆرۈپ باقمىغان «شىمالىي كورىيىلىك سولتەك» بۇ ئويۇننى ئوينىماقتا.
ئويۇننىڭ باشلىنىشى خېلى كونا مۇقامدا. 2012-يىلى 12-ئايدا، كىم جوڭئۇن بىغەملىك بىلەن بىر پارچە «باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىش قارتىسى» نى ئۈستەلگە تاشلاپ، پۈتكۈل قارتا ۋەزىيىتىنى قوزغىدى. باراك «ئېغىرلىق مەركىزى» ئوباما (Barack “Pivot” Obama بۇ يەردە Pivot ئوبامانىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىستراتىگىيە مۇھىم نۇقتىسىنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا يۆتكىشىدەك ۋەكىللىك ھەرىكىتىنى كۆرستىدۇ) بىر پارچە «ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارتىسى» بىلەن كىم جوڭئۇننىڭ قارتىسىنى يېڭىۋالدى. «شىمالىي كورىيىلىك سولتەك» يەنە بىر پارچە «يادرو تەجرىبىسى قارتىسى» نى چىقاردى، ئۇنىڭ رەقىبى بولسا بىر پارچە «يېڭى بىر نۆۋەتلىك جازالاش قارتىسى» بىلەن يېڭىۋالدى.
شۇنىڭدىن كېيىن، ئىككى تەرەپنىڭ تىكىشىشى بارغانسېرى چوڭايدى، بارغانسېرى تېزلاشتى. ئوباما «B-2 ۋە B-52 بومباردىمانچى ئايروپىلان قارتىسى» نى چىقاردى. 2011-يىلى 12-ئايدىن باشلاپ شىمالىي كورىيىنى قولىغا ئالغان كىم جوڭئۇن بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ جەنۇبىي كورىيە بىلەن «ئۇرۇش ھالىتى» گە كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى ھەمدە ئۆزىدە ئالدىن قول سالىدىغان يادرو زەربىسى بېرىش ھوقۇقى بارلىقىدا چىڭ تۇردى. بۇ ھەپتە، كىم جوڭئۇن پېشكىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ چوڭايتتى. ئۇ بىر تەرەپتىن چەتئەللىكلەرنى سېئۇلدىن ئايرىلىپ «ئىسسىق يادرو ئۇرۇشى» دىن پاناھلىنىشقا ئاگاھلاندۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن شىمالىي كورىيىنىڭ بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا تاشقى پېرېۋوت مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولغان كائېسوڭ سانائەت رايونىنى تاقىدى. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، بۇ ھەرىكەتلەر ئازراق نېرۋا قالايمىقانلىشىش، ئىدراكىنى يوقىتىشتىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، تويلۇق ئۈزۈكنى ئاجىز قارتىغا تىككەنگە باراۋەر ئىدى.
پۈتكۈل ۋەقەنىڭ ئاۋارىچىلىق يېرى «شىمالىي كورىيىلىك سولتەك» نىڭ چىقارغان قارتىسىنىڭ «يولى» نى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئۇ ئېھتىمال ناچارلىقتا چېكىگە يەتكەن يېڭى قول بولۇشى مۇمكىن. ئېھتىمال بۇنىڭ ئەكسىچە، مەلۇم قارت تالانت ئىگىسى بولىشى مۇمكىن.
سېئۇل تەرەپ كىم جوڭئۇن قۇرۇق تېرە تاراقشىتىۋاتىدۇ دەپ قارايدۇ. كۆپلىگەن جەنۇبىي كورىيە پۇقرالىرى شىمالىي كورىيىنىڭ غەلىتە قىلمىشىنى قېتىغا ئېلىپ قويمىدى. بۇنداق قىلمىشنى ئۇلار بۇرۇن كۆپ كۆرگەن، كۆپ ھاللاردا بېسىقىپ قالىدۇ. كۈتۈلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قارتا جوزىسىغا يېڭى چىققان جەنۇبىي كورىيە پرېزىدېنتى پارك گېن-خېي جەنۇبىي كورىيە ئارمىيىسىگە سىياسىي ئاقىۋىتىنى ئويلاشمىغان ھالدا شىمالىي كورىيە قوزغىغان ھەر قانداق ھۇجۇمغا قايتۇرما ھۇجۇم قىلىش ھوقۇقى بەردى.
دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرى بۇ قارتا ۋەزىيىتىدىن تەشۋىشكە چۈشتى. غەربلىكلەرنىڭ قارىشىچە، شىمالىي كورىيە رەھبىرىدە تەجرىبە كەمچىل بولۇپ، دېپلوماتىيە قارشىلىشىشدا ئۆزىنىڭ جاسارىتىنى ئىسپاتلاش ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى ھوقۇقىنى مۇستەھكەملەشكە موھتاج ئىكەن. ب د ت نىڭ كاتىپى بان كىمۇن ئاگاھلاندۇرۇپ، «كىچىككىنە خاتا ھېساب ياكى خاتا ھۆكۈم ئېھتىمال يىغىشتۇرغىلى بولمايدىغان ۋەزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن» دېدى.
«دېپلوماتىيە» ژۇرنىلىنىڭ ئەڭ يېڭى سانىدا، جورج توۋن ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن پروفىسسورى كېر لىبېر (Keir Lieber) ۋە دارتموس (Dartmouth) ئىنىستۇتىنىڭ مۇئاۋىن پروفىسسورى داريل پرېس (Daryl Press) لار «شىمالىي كورىيە بىلەن يادرو ئۇرۇشى پارتلىتىشىنىڭ ئېھتىماللىقى ھەرگىزمۇ يوق دېيەرلىك ئەمەس» ئىكەنلىكىنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، گەرچە كىم جوڭئۇننىڭ ھەقىقەتەن قۇرۇق تېرە تاراقشىتىش ئېھتىماللىقى بولسىمۇ، ئەمما ئەگەر تەشۋىشكە چۈشكەن بۇ ياش رەھبەر پەقەت ئۇرۇشنى كەسكىنلەشتۈرگەندىلا ئۆزىنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ دەپ قارىسا، ئۇنداقتا ئۇرۇش ناھايىتى تېزلا ئەنئەنىۋى ئۇرۇشتىن يادرو ئۇرۇشىغا ئۆزگىرىپ كېتىدىكەن.
نەچچە ئاي ئىلگىرى، شىمالىي كورىيە مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىدىغان داڭلىق ئالىم، جەنۇبىي كورىيە كۇكمىن (Kookmin) ئۇنۋېرسىتېتىدىكى ئاندرى لانكوۋ (Andrei Lankov) نىڭ پەرەز قىلىشىچە، كىم جوڭئۇن كەلگۈسىدە قوللىنىدىغان ھەرىكەت ئىلگىرىكىلەر بىلەن ئىنتايىن ئوخشاپ كېتىدىكەن. ئۇ تاكى رەقىبى مەلۇم خىلدا يول قويغانغا قەدەر، ئارقا-ئارقىدىن ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتىدە (ھەتتا ئېھتىمال جەنۇبىي كورىيىنىڭ خادىملىرى ھاياتىدىن ئايرىلىشتەك زىيانلارنىمۇ سېلىشى مۇمكىن) بولىدىكەن.
لانكوۋنىڭ پەرىزى (ھازىرغا قەدەر كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە توغرا دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ) كىشىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالىدۇ. ئالدى بىلەن، بۇ پەرەز كىم جوڭئۇننىڭ ئېھتىلام جەنۇبىي كورىيىگە ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىك يولىغا مېڭىشى مۇمكىنلىكىدىن بېشارەت بېرىدۇ، مەسىلەن 2010-يىلدىكى جەنۇبىي كورىيىنىڭ «چونئان كېمىسى» نى چۆكتۈرۈپ تاشلاش ھەرىكىتىگە ئوخشاش تەدبىر قوللىشىنى مۇمكىن. چونئان كېمىسى ۋەقەسىدە، جەنۇبىي كورىيىنىڭ 46 ئادىمى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. ئەينى چاغدا، سېئۇل دائىرلىرى قايتۇرما ھۇجۇم قىلمىدى، ئەمما ئەگەر ئوخشاش خىلدىكى ۋەقە قايتا يۈز بەرسە، پارك گې-خېينىڭ ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىگە مەجبۇرلىنىش ئېھتىماللىقى چوڭ. بۇنىڭدىكى قىيىنچىلىق ھەرىكەتنىڭ سالمىقىنى ئىگىلەپ، كىرىزىسنىڭ تېزلىكتە كەسكىنلىشىشىدىن ساقلىنىشقا باغلىق. ئىككىنچى نۇقتىمۇ ئوخشاشلا كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ، يەنى كىم جوڭئۇن پارا بېرىپ سېتىۋالغىلى بولىدىغان ھەر قانداق بېشارەتنى بەرمىدى. لانكوۋنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتمۈشتە شىمالىي كورىيە «قاقتى-سوقتى قىلىش دۆلىتى» رولىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوينىغان. شىمالىي كورىيە تاكى مەلۇم مەنپەئەت يەنى پۇل، ئاشلىق ياردىمى، نېفىت ياكى سۆھبەت ئۈستىلىدىكى ئورۇنغا ئىگە بولغانغا قەدەر ئۈزلۈكسىز ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ تۇرىدۇ. لېكىن بۇ قېتىم، كىم جوڭئۇن ھەر قايسى تەرەپلەر ھەر قانداق دوستانىلىق كۆرسىتىشتىن بۇرۇنلا بۇ خىلدىكى دوستانىلىقنى رەت قىلدى. ئۇ شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو ئورنى سۆھبەتكە يول قويمايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى. شىمالىي كورىيەنىڭ يادرو مەسىلىدىكى يول قويۇش ئېھتىماللىقىنى شۇنچىلىك ئاشكارا چەتكە قېقىشى غەربنى ھەر قانداق مۇرەسسەدە بولۇشتا تەڭلىكتە قويدى.
ئەگەر كىم جوڭئۇننىڭ «قارتا يۈزى» ۋاشىنگىتون دائىرلىرىنى جىددىيلەشتۈرىدۇ دەپ ئېيتساق، ئۇنداقتا بېيجىڭ دائىرلىرىنىڭ كەيپىياتىنىمۇ ئوخشاشلا شۇنداق قىلىدۇ. جۇڭگو رەئىسى شى جىنپىڭ:«شەخسنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈنلا بىر رايوننى، ھەتتا دۇنيانى قالايمىقان قىلىشقا بولمايدۇ» دېدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزى ئېنىقلا شىمالىي كورىيىگە قارىتىلغان. جۇڭگونىڭ بىر قىسىم زاتلىرى بىلدۈرۈشىچە، گەرچە شىمالىي كورىيە رەھبىرىنىڭ ھەرىكەتلىرى يۈزەكى قارىغاندا ئامېرىكىغا قارىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە ئېھتىمال جۇڭگوغا قارىتىلغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ قاراشقا ئاساسلانغاندا، كىم جوڭئۇن بۇ ئارقىلىق دۇنياغا ئۆزىنىڭ بوزەك بولمايدىغانلىقىنى نامايان قىلماقچى؛ شىمالىي كورىيىمۇ ئىتائەتچان چاكار ئەمەس، جۇڭگوچە ئىقتىسادىي ئىسلاھاتنى يۈرگۈزۈشكە مەجبۇرلانمايدۇ، ھېچكىم تەبىئىي بايلىقىنى تالان-تاراج قىلمايدۇ.
ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ قىمار يۇقىرى قىيىنلىقتىكى بىر قارت ۋەزىيىتى. بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا مەزكۇر رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرىدىن ئاساسلىقى جەنۇبىي كورىيە ۋە ياپونىيىگە ئامېرىكىنىڭ قۇدرەتلىك مۇھاپىزەتچىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا موھتاج. يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكىنىڭ كۈچلۈك مەۋجۇتلىقى، بولۇپمۇ كورىيە يېرىم ئارىلىغا يادرو بومبىسى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان بومباردىمانچى ئايروپىلان ئەۋەتىشى ئېھتىمال كىم جوڭئۇننىڭ قىمارغا تىكىشىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىپ، بۈگۈنكى ھالغا كېلىشىنىڭ سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن.
بۈگۈنكى كۈندە، ھەممىدىن مۇھىم نىشان جىددىي كەيپىياتنى پەسەيتىش. ۋاشىنگىتون دائىرلىرى بۇ خىلدىكى بېشارەتلەرنى ئاللىقاچان نامايان قىلدى. ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكا شىمالىي كورىيىنى غەزەپلەندۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان ترايېكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق ئېتىشنى كېچىكتۈردى.
ئەلۋەتتە، كىم جوڭئۇن بۇنىڭغا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرماسلىقى مۇمكىن. ئۇ ئېھتىمال باشقا بىر دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئېتىشى، ھەتتا تۆتىنچى قېتىم يادرو سىنىقى قىلىشى مۇمكىن. بىراق، ئەگەر بۇ قېتىم توقۇنۇشتىن ساقلانغىلى بولسا، ئۇنداقتا جىددىي ئورۇنلاشقا تېگىشلىك ۋەزىپە مۇۋاپىق ۋاقىتتىن كېيىن پيوڭياڭ بىلەن سۆزلىشىشتۇر. مەلۇم باسقۇچتا، ئاخبارات توپلاپ بېقىش ئۈچۈن، دۇنيا زادى قانداقراق ئادەم بىلەن ئالاقە قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ بېقىش ئۈچۈن بولسىمۇ، ھامان بىرى ئولتۇرۇپ شىمالىي كورىيە بىلەن ئوبدان سۆھبەتلىشىدۇ. چۈشەنمەيدىغان رەقىب بىلەن «يادرو قارتىسى» ئويناش ھەقىقەتەن بەك خەتەرلىكتۇر.
مەنبە: ئوكيان تورى


z.hashemi20130410032032700[1].jpg
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Zulpikar + 300 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

يىگانە

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 343
يازما سانى: 405
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8584
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 1007 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2013-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 11:19:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94696
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 299
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2013-4-11
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 11:55:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن قىزىقىمەن

دىموكىراتىك دۆلەتتە ھوقوق ئالمىشىدۇ ، مۇستەبىت دۆلەتتە دەۋىر ئالمىشىدۇ ...

ئەسلەش شېرىن ، ئۇنتۇش قېيىن .

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77410
يازما سانى: 568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1207
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1088 سائەت
تىزىم: 2012-3-14
ئاخىرقى: 2013-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 12:04:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yamgurluk يوللىغان ۋاقتى  2013-4-13 11:19 PM
نىمىشكىنىن مۇشۇ سىياسى ۋەزىيەتكە پەقەتلا قىززىقمايمە ...

بويانلىرنى ئىت باغلىغاندەك باغلاپ ئەكىرمىگەندېكىن ، كۆرمەي ئېنكاس يازماي چىقىپ كەتسىلە بولىدۇ .
نەقىل قوبۇل قىلىنمايدۇ  دەپ تېخى . مەجبۇر قوبۇل قىلدۇرمىز ماشتا .
جېدەل تىراي دەپلا يازغان ئېنكاسكەن ئۇ ...........

ھايات مەن ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەت ،
ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھاببەت .
لېكىن كىېچىمەن ھەر ئېككىسىدىنلا ،
ئازاتلىق ، ئەركىنلىك ، ئۈچۈنلا پەقەت .
............................................... پىتوفى ساندورو

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 3753
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28413
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 5260 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2013-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 12:08:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بايا تېخى جاھاندىكى ئىشلاردا چاۋشىيەن خەلقنىڭ كىم جوڭئېن تەخىتكە چىققانلىقىغا بىر يىل بولغان خاتىرە كۈننى تەبرىكلەپ ئۇسۇلغا چۈشۈپ كەتكىنى ...يەنە نەچچە كۈنگە قالماي كىم ئېرىسنى ئەسلەش دەمدۇ بىر نىمە پائالىيتىنى ئۆتكۈزۈپ مەملىكەت خارەكتىرلىك بايرام ئوينايدىغانلىقى سۆزلەندى .

چاۋشىيەنلىكلەرنىڭ نەزىرىدە ، ھەرقانداق دۆلەت ۋە تاشقى كۈچنىڭ ‹ ئۇنى قىل ، بۇ قىل › ...دەپ بۇيرۇقۋازلىق قىلىشى ۋە ئىچكى ئىشلىرىغا ئارلىشىشى تۈپتىن خاتا بولغان قاراشكەن .
ئۇلار ھەم ‹ بىز قانداقتۇر ئۆزىمىزنى خەتەر ئىچىدە تۇرىۋاتقاندە ، ئۇرۇش ۋەزىيتى شەكىللىندىغاندەك ھىس قىلمايمىز › دەپ بىخارامان يۈرىدىكەن .

بۇنداق ئەھۋالدا  بىزنىڭ ۋە باشقا تاراتقۇلارنىڭ چاۋشىيەننىڭ خەتەرلىك ۋەزىيتىنى تەتقىق قىلىپ ، كاللا ئۇپرىتىشىنىڭ نىمە ھاجىتى ؟

ئەڭ ياخشىسى مەن بۇ ئىشلارنى ئويلاپ زىھنىمنى سەرىپ قىلماي ، ئۇرۇش بولسا بولمامدۇ ....
مىنىڭچە چاۋشىيەندە ئۇرۇش بولسا دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ۋە باشقا تەرتىپىگە ئانچە چوڭ تەسىر  يەتمەيدۇ ، چاۋشىيەن خەلقى ئامرىكىنىڭ تەھىتتىگە ئۇچرىماي بىرەر ئىسلام دۆلىتىنىڭ تەھتىتىگە ئۇچرىغان بولسا ، ئاندىن پۈتۈن چاۋشىيەن خەلقى بېسىم ئاستىدا بولسىمۇ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ ، پىيوڭياڭغا شەرقى شىمالى ئاسىيا بويىچە ئەڭ چوڭ مەسچىت سالسا ، باشقا شەھەر ، كەنىتلىرىدىمۇ مەسچىتلەر قەد كۆتۈرسە ....ھەي بۇ بىر خىيالغۇ پەقەت ... ئۇنداق بولغاندا ياپونىيە بىلەن كورىيەمۇ تەسىرلىنىپ كىتەر ھېلى ...



نەپرەتنىڭ تەرجىمىلىرىگە ھەشقاللا ، رەھمەت !

ئون كوي پۇلنى تاشلىۋەتكەن كىشىنى كۆرمىدىم ، ئەمما ئون يىللىق دوستىنى تاشلىۋەتكەن كىشىنى كۆردۈم .
مانا بۇ ھاياتلىقنىڭ ئاچچ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7093
يازما سانى: 440
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6997
تۆھپە نۇمۇرى: 364
توردا: 6358 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2013-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 12:14:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لاتا گۇيلار، نوچى بولساڭ چىقمامسەن،  جۇڭگو ئاكاڭمۇ سەمىرىپ تىقىلىپ كەتتى، ئۇلار يار يۆلەكتە بولىدۇ، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   wolf007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-14 12:15 AM  


ھامان بىر كۇنى گېنرال بولىمەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 2457
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 42854
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 14258 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2013-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 12:16:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
XERHAN يوللىغان ۋاقتى  2013-4-14 12:08 AM
بايا تېخى جاھاندىكى ئىشلاردا چاۋشىيەن خەلقنىڭ كىم جوڭ ...

قىزىق........

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

يىگانە

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 343
يازما سانى: 405
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8584
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 1007 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2013-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 12:21:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئاللا خالىسا ھەم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10359
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10281
تۆھپە نۇمۇرى: 497
توردا: 7892 سائەت
تىزىم: 2010-9-14
ئاخىرقى: 2013-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 12:34:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
XERHAN يوللىغان ۋاقتى  2013-4-14 12:08 AM
بايا تېخى جاھاندىكى ئىشلاردا چاۋشىيەن خەلقنىڭ كىم جوڭ ...

بۇ ئۇرۇش پارتىلىسا جوڭگۇ تەرەپمۇ زىيانغا ئۇچرايدۇ ، نەچچە مىڭلىغان مۇساپىرلار جوڭگۇنىڭ بىشىنى ئاغىرتىدۇ ،   شۇڭا ئۇرۇشنى رەت قىلىش كىرەك  !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 3753
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28413
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 5260 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2013-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 12:34:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yamgurluk يوللىغان ۋاقتى  2013-4-14 12:21 AM
سۈكۈت ،،،،،،،،،،،،جىم  تۇراي  ..ئۆيدىكىلەر  چوڭلار بىل ...

ئاۋۇ يولداش  ھېلى تېخى 4 - دوختۇرخانىدىن قېچىپ چىققاندەك قىلىدۇ  .

ئون كوي پۇلنى تاشلىۋەتكەن كىشىنى كۆرمىدىم ، ئەمما ئون يىللىق دوستىنى تاشلىۋەتكەن كىشىنى كۆردۈم .
مانا بۇ ھاياتلىقنىڭ ئاچچ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش