سائەت يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 09:24 PM 
ئەگەر ئۇرۇشۇپ قالسا قاتتىق شىددەتلىك بىر ئۇرۇش بولىشى ...
مىنىڭچە دۆلىتىمىزنىڭ بۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىش مۆمكىنچىلىكى تازا يۇقىرى ئەمەس ، نىمە سەۋەبتىن دەىسىڭىز:
بىرىنچىدىن ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى ھازىر تارختىكى ھەرقانداق بىر زامان ياكى ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ تەرەققى قىلىش سۈرىتىدىن ھالقىغان سۈرەتتە ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتىدۇ . ئىككىنچىدىن ، دۆلتىمىز نۇپۇسى پۈتۈن دۇنيا نۇپۇسىنىڭ 5تىن 1نى ئىگلەيدىغان بولغاچقا بۇ ئۇرۇش بۇلۇپ قالسا دۇنيا ئۇرۇشى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ . ئۈچىنچىدىن، دۆلىتىمىز قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدىن بۇلۇپ كۆپ دۆلەت بىلەن چىگرىلاشقان ، ئەگەر تاساددىپى ئۇرۇش بۇلۇپ قالسا گاھى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ توپىلاڭدىن توغاچ ئۇغۇرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، تۆتىنچىدىن ، ئامرىكا ۋە جۇڭگۇنىڭ ھەربى كۈچىدىن ئېلىپ ئېييىتقاندا ، گەرچە ھاۋا ئارمىيىسى جەھەتتە ئامرىكا بىلەن تەڭ ئۇرۇندا تۇرۇدۇ دىيىشكە تامامەن بۇلىدۇ ، قۇرۇقلۇق جەھەتتە ئامرىكىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ ، دېڭىز ئارمىيىسى جەھەتتە ئامرىكىدىن ئاجىز ، شۇنداق بولغاچقا ئامرىكىمۇ ئالدىراپ جۇڭگۇغا ھۇجۇم قىلالمايدۇ پەقەت خىرىس قىلالايدۇ ، خۇددى ماۋزېدوڭ ئېيىتقاندەك ئامرىكا پەقەت بىر قەغەز يولۋاسلا بۇلۇپ قالىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگۇنىڭ دۆلەت خەزىنىسى مول ، ئەمما ئامرىكىنىڭ يىلدا قانچىلىك زايوم تارقىتۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە ئايان ، شۇڭىلاشقا جۇڭگۇ بۇ ئۇرۇشقا ئالدىراپ كىرمەيدۇ .