شىمالىي كورىيەنىڭ ئاۋارىچىلىقى ئاپتورى: ئىئان بۇرۇما (تەرجىمىدە: نەپرەت2009)
ئەگەر شىمالىي كورىيەنىڭ يادرو قورالى بولمىغان بولسا، يېگانە، 24 مىليون نوپۇسى بار، ئۆزىنى كوممۇنىزم دەپ ئاتىۋالغان غەلىتە پادىشاھلىق ھۆكۈمرانلىقىغا ھېچكىم پىسەنت قىلىپ قويمايتتى. شىمالىي كورىيەنىڭ ھازىرقى رەھبىرى، 30 ياشلىق «ئۇلۇغ داھىي» كىم جوڭئۇن جەنۇبىي كورىيىنىڭ باي، ئاۋات پايتەختى سېئۇلنى «ئوت دېڭىزى» غا ئايلاندۇرۇۋېتىمەن دەپ تەھدىت سالماقتا. ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكياندىكى بازىسى ئۇنىڭ ھۇجۇم نىشانى تىزىملىكىدە. كىم جوڭئۇنغا ئامېرىكىغا ئۇرۇش قوزغاش پۈتكۈل دۇنيادىكى ئەڭ نامرات دۆلەت بولغان ئۆز دۆلىتىنى ھالاك قىلىشتىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق. ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى ھەتتا پۇقرالىرىنى باقالمايدۇ، ئاچارچىلىق پات-پات شىمالىي كورىيىگە ھۇجۇم قىلىپ تۇرىدۇ. پايتەخت پيوڭياڭ ھەتتا ئەڭ چوڭ مېھانخانىنىڭ چىرىقىنى ياندۇرۇشقا يېتەرلىك توك تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. شۇڭا دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەتكە ھۇجۇم تەھدىتى سېلىش قارىماققا ئالجىغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەمما كىم جوڭئۇن ۋە ئۇنىڭ ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ تەلۋىلىك قىلىشىنى پايدىسى يوق دەپ قاراشمۇ ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس. سالماقلىق بىلەن مۇلاھىزە يۈرگۈزگەندە، شىمالىي كورىيىنىڭ سىياسىي تۈزۈمىدە ھەقىقەتەن ئەسەبىيلىك مەۋجۇت. كىم جەمەتى زوراۋان ھاكىمىيىتىنىڭ ئاساسى ئىدېئولوگىيىدىكى ئەسەبىيلىك، دەھشەتلىك رېئال سىياسىي ۋە ئەسەبىيلىككە ئېغىشقان ئارىلاشمىدۇر. ئەمما بۇ ئەجەللىك ئۇرۇقنىڭ تارىخىي كېلىش مەنبەسىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلىپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ. قىسقىغىنا شىمالىي كورىيە تارىخى ناھايىتى ئاددىي. 1910-يىلدىن بۇيان ياپونىيە ئىمپېرىيىسى ئىزچىل كورىيە يېرىم ئارىلىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كېلىۋاتاتتى، ياپونىيە جاھانگىرلىكى 1945-يىلى يوقىتىلغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيىسى شىمالىي قىسىمىنى ئىشغال قىلدى، ئامېرىكا جەنۇبىي قىسىمىنى ئىشغال قىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقىلىقلار ۋىلادىۋىستوك ھەربىي گازارمىسىدىن ئانچە نامى چىقمىغان شىمالىي كورىيە كومپارتىيىسىدىن كىم ئېرسىننى تاللاپ، شىمالىي كورىيەدە ئۇنى داھىي قىلىپ تىكلىدى. كېيىن، ئۇنىڭ ئۇرۇش ۋاقتىدىكى قەھرىمانلىق ئىش-ئىزلىرى ۋە ئەپسانىۋى ئورنى بەس-بەستە تەشۋىق قىلىنىپ، شەخسكە چوقۇنۇش شۇنىڭ بىلەن تىكلەندى. كىم ئېرسىن، ئۇنىڭ ئوغلى ۋە نەۋرىسى شىمالىي كورىيىنىڭ ئىلاھى قىلىپ چوقۇنۇش دۆلەت دىنىنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ قالدى. ماھىيەتتىن ئېيتقاندا، شىمالىي كورىيە ئىلاھىي ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدە. بىر قىسىم ئېلىمىنىتلىرىنى سىتالىنىزم ۋە ماۋ زېدوڭ ئىدىيىسىدىن ئۈلگە ئالغان، ئەمما كىم جەمەتىگە چوقۇنۇشنىڭ كۆپ قىسىم مەنبەسى شىمالىي كورىيىنىڭ ئۆز زېمىنىدىكى شامانىزمدىن كەلگەن: قۇتقۇزغۇچى ئىلاھلىقىغا ۋەدە بېرىدۇ (سۇن ميۇڭ مۇن ۋە ئۇنىڭ بىرلىك دىنى كورىيەدە بارلىققا كېلىشى تاسادىپىيلىق ئەمەس). ئەمما كىم جەمەتىنىڭ ھوقۇقى ھەمدە شىمالىي كورىيە ھاكىمىيىتىنى قاپلىغان ئەسەبىيلىك ۋە سىياسىي تارىخىنىڭ مەنبەسىنى 1945-يىلدىن بۇرۇن ۋاقىتتىن باشلاپ سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. كورىيە يېرىم ئارىلى جۇڭگو، روسىيە ۋە ياپونىيە ئارىسىدىكى بىر قوزۇققا ئوخشايدۇ، ئۇزۇندىن بۇيان ئىزچىل چوڭ دۆلەتلەر قان تۆكىشىدىغان ئۇرۇش مەيدانى بولۇپ كەلگەن. شىمالىي كورىيە ھۆكۈمرانلىرى ھەر قايسى چەتئەل كۈچلىرى ئارىسىدا ئېھتىياتچانلىق بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى كېرەك، يەنە ئەجدادلىرىنىڭ دۆلىتى ئارقىلىق (ئاساسلىقى جۇڭگونىڭ تارىخىدىكى سۇلالىلەر) ئۆزىنى قوغدىشى كېرەك. بۇ تارىخىي مەنبە شىمالىي كورىيىنىڭ كۈچلۈك دۆلەتلەرگە تايىنىشتىن قاتتىق قورقۇش ۋە بىزار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. كىم جەمەتى پادىشاھلىقىنىڭ قانۇنىيلىقى ئاساسلىقى ئۆزلىرىنىڭ رەسىمىي ئىدېئولوگىيىسى بولغان ئاساسىي ئىدىيىدىن كەلگەن، ئاساسىي ئىدىيىنىڭ يادروسى دۆلەتنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىشى، ھەتتا ئۆز ئۆزىنى تەمىنلەشتۇر. ئەمەلىيەتتە، كىم ئېرسىن ۋە ئۇنىڭ ئوغلى كىم جوڭئىل تىپىك شىمالىي كورىيە ھۆكۈمرانى. ئۇلار جۇڭگو ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ئارىسىدا ئۇستىلىق قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ قوغدىشىغا ئېرىشكەن. ئەلۋەتتە، بۇ شىمالىي كورىيە تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ جەنۇبىي كورىيە ئامېرىكا جاھانگىرلىكىنىڭ نومۇسسىز ئىتى بولۇپ قالدى دەپ ئيىبلىشىگە توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە بولغان جاھىل پوزىتسىيىسى دەل مۇستەقىل چوقۇنۇشنىڭ بىر قىسىمىدۇر. كىم جەمەتىنىڭ مەۋجۇتلىقىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تاشقى دۈشمەننىڭ تەھدىتى كەم بولسا بولمايدۇ. كۇباغا ئوخشاش، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى شىمالىي كورىيەگە نىسبەتەن ئاپەت بولدى؛ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىي قوللىشىدىن ئايرىلىپلا قالماي، كىم جەمەتى ھەتتا كۈچلۈك دۆلەتلەر ئارىسىدا مېڭىپ يۈرۈشكە ئەمدى ئامالسىز قالدى. شىمالىي كورىيىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، قالغىنى پەقەت شىمالدىكى قوشنىسى جۇڭگو، بۈگۈنكى كۈندىكى شىمالىي كورىيىنىڭ جۇڭگوغا تايىنىشى چېكىگە يەتتى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. پەقەت جۇڭگو يېمەكلىك ۋە يېقىلغۇ تەمىنلىشىنى ئۈزۈۋەتسىلا، شىمالىي كورىيە ساناقلىق كۈندىلا گۇمران بولىشى مۇمكىن. پەقەت بىر خىل ئۇسۇللا كىشىلەرنىڭ دىققەت-نەزىرىنى بۇ ئار-نومۇسلۇق قىيىن ئەھۋالدىن باشقا ياققا بۇرالايدۇ: ئۆز كۈچىگە تايىنىشنى ۋە ئامېرىكا جاھانگىرىلىكى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئىتى جەنۇبىي كورىيەنىڭ ئىنتايىن يېقىنلاپ قالغان تەھدىتىنى تەشۋىق قىلىشتۇر، چوقۇم شۇنداق قىلىشى كېرەك ھەمدە ئەسەبىيلىشىش دەرىجىگە يېتىشى كېرەك. مۇشۇنداق ئىنچىكىلىك بىلەن ئويدۇرۇپ چىقىلغان جاھىللىق بولمىسا، كىم جەمەتى پادىشاھلىقىنىڭ قانۇنىيلىقى قالمايدۇ. ھەممە زوراۋان ھاكىمىيەتلەر زالىم كۈچكە تايىنىپ ئۆزىنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلاپ كەلگەن. بىر قىسىم كىشىلەر ئامېرىكا شىمالىي كورىيە بىلەن مۇرەسسەلىشىش ئارقىلىق شەرىقى شىمالىي ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتسە بولىدۇ دەپ كۆرسەتتى، كونكرېت ئېيقاندا، كىم جەمەتى ھاكىمىيىتىگە ھۇجۇم قىلماسلىققا ياكى ئاغدۇرۇپ تاشلىماسلىققا ۋەدە بېرىشتۇر. ئامېرىكىلىقلار بۇ نۇقتىغا ماقۇل بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، جەنۇبىي كورىيەمۇ بۇ نەتىجىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلمايدۇ. باشقا ئامىللارنى چىقىرىۋەتكەندە، ئامېرىكىنىڭ سۈكۈت قىلىشىدا يەنە مۇھىم دۆلەت ئىچى سىياسىي ئامىلى بار: دېموكراتلار پارتىيىسىدىكى ئامېرىكا پرېزىدېنتى «يۇمشاق» لىق قىلدى دەپ قارىلىشنى قوبۇل قىلالمايدۇ. ئامېرىكا شىمالىي كورىيەگە بۇ كاپالەتنى بەرگەن تەغدىردىمۇ، شىمالىي كورىيىنىڭ جاھىل تەشۋىقاتىمۇ داۋاملىشىدۇ، چۈنكى سىرتقى دۇنيادىن كەلگەن ۋەھىمە يەنىلا ئاساسىي ئىدىيىنىڭ يادروسى. شىمالىي كورىيىنىڭ پاجىئەسى ھېچكىمنىڭ ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتىشنى ئۈمىد قىلماسلىقىغا باغلىق: جۇڭگو شىمالىي كورىيەنىڭ داۋاملىق ئارىلىق دۆلەت بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، شىمالىي كورىيە مۇبادا گۇمران بولسا نەچچە مىليون مۇساپىرنىڭ يوپۇرلۇپ كىرىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ؛ جەنۇبىي كورىيەمۇ غەربىي گېرمانىيە گۇمران بولغان دېموكراتىك گېرمانىيىنى قوبۇل قىلغانغا ئوخشاش شىمالىي كورىيىنى قوبۇل قىلىشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى جەنۇبىي كورىيە ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ؛ ياپونىيە ۋە ئامېرىكىمۇ پۇل چىقىرىپ شىمالىي كورىيە يىمىرىلگەندىن كېيىنكى ۋەيرانچىلىقنى يىغىشتۇرۇشنى خالىمايدۇ. شۇڭا، شىمالىي كورىيىنىڭ يىمىرىلىش ئەھۋالى كىشىنى گۇمران قىلىدۇ، شىمالىي كورىيە خەلقى داۋاملىق ئاچارچىلىق ۋە زوراۋان ھۆكۈمرانلىققا ئۇچرايدۇ، ئۇرۇشتا ئىشلىتىدىغان سۆزلەر داۋاملىق 38-پارالېلدا ئۇچۇپ يۈرۈيدۇ. ھازىرغا قەدەر، ئۇرۇش پەقەت ئېغىزدىلا توختاپ قالدى. ئەمما ئېھتىيات قىلمىسا سارايېۋدىكى ئوق ئاۋازىغا ئوخشاش، ئېھتىمال پۈتۈنلەي غۇلاپ چۈشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. لېكىن شىمالىي كورىيە يەنىلا يادرو قورالىغا ئىگە. مەنبە: ئوكيان تورى؛ ئىئان بۇرۇما بارد ئىنىستۇتىنىڭ دېموكراتىيە، ئىنسانىي ھوقۇق ۋە ئاخبارات پروفىسسورى؛ نەپرەت 2009 تەرجىمە قىلدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Naprat2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-12 08:32 PM
|