مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4327|ئىنكاس: 11

مارشال:تۇنىياز ئوسمان بىلەن سۆھبەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1317
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى : 42321
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 8585 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 09:41:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

   تۇنىياز ئوسمان بىلەن سۆھبەت





مارشالنىڭ ئىلاۋەسى:تۇنىياز ئوسمان ئاكام جەنۇپتا خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىرى.بۇرۇن ئۇزۇن مەزگىل ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدە مۇئاۋىن باشلىق ۋە سوتچى بولغان،نۇرغۇن دېلۇلارنىڭ شاھىدى بولغان.تۇلۇقسىز،تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تور دۇنياسىدا بىزلەرگە تۇنۇش بولغان ئۇيغۇر زىيالىيسى،تور يازغۇچىسى،ئەدەبىي تەرجىمان ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر بىلەن بىر مەكتەپتە ئوقۇغان.پېقىر مارشال بۇ ئاكىمىز بىلەن ئالدىنقى يىلى جەنۇپ سەپىرىمدە بوزقىر ئاكام بىلەن ئۇچراشقان چاغدا تۇنۇشقان.تۇنجى تۇنۇشقان چاغدىكى سەپەر خاتىرسىنىڭ تېما ئادىرسى:
ئاقسۇ سەپىرى-بوزقىر بىلەن ئۇچرىشىش
  مەزكۇر سۆھبەتتە مەن بىلەن پىكىرلىشىپ سۆھبەت ئېلىپ بارغان ھەمدە ئۇيغۇر جەمىيتىدە بىزلەر بىلىشكە تېگىشلىك بولغان مۇھىم مەۋقەلەر توغرىسىدا پىكىر-چەشمىلىرىنى،ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق كۆزەتكەن ئەمەلىي رېئال تۇرمۇش كارتىنىسىنى سۈرەتلەپ بەرگەن تۇنىياز ئوسمان ئاكامغا چوڭقۇر تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن.

سۆھبەت خاتىرسى



مارشال:ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،تۇنىياز ئوسمان ئاكا.سىز ئۇزۇن يىل جەنۇپتىكى ئاقسۇ شەھىرىدە خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان زىيالىيلىرىمىزنىڭ بىرى.سىز ئەينى چاغلاردا ئۆز كەسپىڭىزدە نۇرغۇن ئۇتۇقلارنى قازانغان.سىز بىلەن شۇنداق بىر سۆھبەتلىشىپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ.سىزدىن بىر قانچە سوئال سورىسام بولارمۇ؟


    تۇنىياز ئوسمان:ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.ئەلۋەتتە بولىدۇ.بەلكىم مۇشۇ پۇرسەتتە ئويلىغانلىرىمنىڭ بىر قىسمىنى بولسىمۇ دەۋىلارمەن.


   مارشال:سىزنىڭ تۇغۇلغان يۇرتىڭىزھەمدە بالىلىق ۋاقىتلىرىڭىزدىكى كەچۈرمىشىڭىزنى بىلگۈم كېلىۋاتىدۇ،مۇشۇ ھەقتە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟



  تۇنىياز ئوسمان:مەن باي ناھىيسىنىڭ ياقېرىق يېزىسىغا تەۋە ئۆستەڭبويى كەنتىدە تۇغۇلغان ئىكەنمەن.باي ناھىيسى بىلەن ئونسۇ ناھىيسىنىڭ پاسىلىغا،مۇزات دەرياسى يوقۇرى ئېقىمىنىڭ جەنۇبىي ساھىلىغا،تەڭرى تېغىنىڭ ئېتىكىگە جايلاشقان بۇ خىلۋەت كەنتتىمۇ ئېسىمنى بىلگۈدەك بولسام <<مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى>>نىڭ بورىنى شىددەت بىلەن چىقىۋاتقان ئىكەن.ئاشۇ يىللارنى ئەسلىسەم ئاتا-ئانىمىز كەچلىك ئۆگىنىشكە كىرىپ كەتكەندە مەھەللىدىكى ئاداشلىرىم بىلەن مەھەللىنىڭ تىمتاسلىقىنى بۇزۇپ ئوينايدىغان ئۇيۇنلىرىمىز،كۈندۈزلىرى ئېرىق-ئۆستەڭلەردىن بېلىق تۇتۇپ ئويناشلىرىمىز،رەھمەتلىك ئاتام يىغىن ئۆگىنىشلەردىن يېنىپ ئۇخلاش ئالدىدا سۆزلەپ بېردىغان چۆچەك،رەھمەتلىك ئاتامغا ئەگىشىپ ئېتىزلىقلاردا يۈگۈرۈپ يۈرۈشلىرىم،ئوسا قىلىنۋاتقان ئېتىزلىقتا بەڭۋاشلىق بىلەن يۈگۈرۈپ كىرىپ پېتىپ قېلىپ چىقالماي قىيداشلىرىم،بىر قولدا سىڭلىمنى،بىر قولدا ماۋزېدۇڭنىڭ پۇت بېكىتىلگەن تاختايغا چاپلانغان رەسىمنى كۆتۈرۈپ ئىشقا باردىغان ،ئاچامنىڭ بېشىدە قۇشتەك ئەگىپ يۈرۈشلىرىم ئېسىمگە كېلىدۇ.(شۇ يىللاردا ھەربىر ئائىلە ماۋزىدۇڭنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈپ ئېتىزلىققا بېرىشقا مەجبۇر ئىكەن.مەھەللىدىكى بىر ياشانغان كىشى ماۋزىدۇڭنىڭ يانتۇ چۈشكەن سۈرتىگە قاراپ<<بىر قۇلىقى يوق خەنسۇنىڭ تېگىدىن ئۆتىمىزمۇ ئەمدى>>دېگەن بىر ئېغىز سۆزى ئۈچۈن كۆرەشكە تارتىلىپ ئۆلتۈرگەن ئىدى.)
     ئەنە شۇ يىللاردا گۆدەك قەلبىمدە ساقايماس جاراھەت قالدۇرغان ئىشلاردىن بىر قانچىسى ھېلىمۇ ئېسىمدە.   بىر كۈنى كەنتتىكى ئادەمنى توپلاپ رەھمەتلىق ئاتامنى بىر قانچە كىشى بىلەن ئوتتۇرغا چىقىرىپ،بوينىغا كونا ئاياق،كونا داس كەبى نەرسىلەرنى ئېسىپ كۆرەشكە تارتىشى،ئاندىن يەنە بىر مەھەللىگە قوغلاپ ئېلىپ كېتىشتى،مەن رەھمەتلىك ئاتامنىڭ كەينىدىن يىغلاپ ئەگەشتىم.ئەمما يېتىشەلمىدىم.(كېيىن بىلسەم ئاتامنى كولىكتىپنىڭ قوناقلىرىنى قارغا باستۇرۋەتكەن دەپ گۇناھ ئارتقان ئىكەن.ئاچامنىڭ دېيىشچە ئاتام كەنتتە كادىر بولۇپ ئىشلىگەن بىر يىلى قار بالدۇر يېغىپ قوناق يېغىمىدا ئاتامنىڭ قوللىرى ئۈششۈپ كەتكەن ئىكەن.ئوتتۇرغا چىقىرىپ كۆرەش نامىدا قىلىنغان ھاقارەتنى غورۇرى زەررەر يېگەن ئاتام شۇ ئىشتىن كېيىن ئۆستەڭبويى كەنتىگە ئانچە يىراق بولمىغان چارۋا مەيدان دېگەن يەرگە ئائىلىمىزنى كۆچۈردى.مېنىڭ كېيىنكى بالىلىق چاغلىرىم ۋە تۇنجى مەكتەپ ھاياتىم چارۋا-مەيداننىڭ ئۈچ ئازغان دېگەن خىلۋەت مەھەللىسىدە ئۆتتى.ساۋات چىقىرىش كۇرسلىرىدا ئەپەندى بولغان،رايۇنلۇق ھۆكۈمەتتە كاتىپ بولغان،شۇ دەۋرگە نىسبەتەن زىيالىي سانىلدىغان ئاتام تەركىۋى يوقۇرى بولۇش سەۋەبىدىن كەنتكە چۈشۈرۈلۈپ زەربە يېگەن،كەنتتە كادىر بولۇپ ئىشلەپمۇ يەنە زەربە يېگەن،كولىكتىپ ئۈچۈن ئىشلەپ قوللىرى ئۈششۈپ كەتسىمۇ يەنە كۆرەش قىلىنغان رەھمەتلىك ئاتام جاھاننىڭ غەۋغالىرىدىن يىراقراق تۇرۇپ مېنى ئوقۇتىۋىلىش ئۈچۈن چارۋا-مەيداندا پادىچى بولۇپ كەتتى،تاكى مەن تۇلۇق ئوتتۇرىغا ئوقۇشقا بېرىپ بولغۇچە پادا باقتى...مەدەنىيەت ئىنقىلابى ئاخىرلىشىپ ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان ئاقلىنۋاتقان ۋاقىتلاردا اتامنىڭ كادىر دوستلىرى ئاتامنى <<ئاقلىتىش>>ئۈچۈن يول مېڭىشقا نەسىھەت قىلىشتى،ئەمما ئاتام خالىمىدى،كىملەرنىڭدۇر ئالدىغا بېرىپ سارغىيىپ بۇيۇن قىسىپ يۈرۈشتىن نېسىۋىسىنى تۇپراقتىن،ھالال مېھنەتتىن ئېلىشنى ئەۋزەل كۆردى....مېنىڭ بالىلىق خاتىرلىرىم ئائىلىمىزنىڭ قىسمەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەچكە ئائىلىمىز توغۇرلۇق توختىلىپ كەتتىم.
   بالىلىق خاتىرلىرىمنى ئاختۇرغىنىمدا پەقەتلا ئۇنتۇيالمايدىغان يەنە بىر ئىش بار ئىدى.باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئىدى.بىر كۈنى كەچتە ئوقۇغۇچىلارنى كەچلىك يىغىنغا قاتناشتۇردى.مەھەللىدىكى ھەممە ئادەمنى توپلىدى.مەھەللىدىكى مۇرتىزا ئىسىملىك نوچى يىگىت بار ئىدى.ئۇنى خەلق ئەسكەرلىرى،ياغاچ مىلتىق بىلەن ئۇرۇپ پاتىڭىدىن قۇشلاپ ئېلىپ كېلىشتى،ئوتتۇردا ئۆرە تۇرغۇزۇشنى ئۇنىڭ كولىكتىپنىڭ قوينى ئوغۇرلاپ تۇتۇلغانلىق گۇناھىنى ئېلان قىلىشتى.ئاندىن مەھەللە باشلىقى ئۇنى قاتتىق ئۇردى.<<گۆشكە تويى گۇي>>دەپ تىللاپ تۇردى.ئۇنىڭ گۆش بىلەن ئۇرۇلغا يۈزلىرى قارىغۇسىز بولۇپ كەتتى.ئەمما،ئۇ يىگىت ھېچنىمە دېمىدى.يىغىن تۈگىگەندىن كېيىن ئۇقسام ئۇنىڭ ئاپىسى ئاغرىپ قالغان ئىكەن،داۋالىتاي دېسە پۇل يوق،يېقىن ئەتراپتا كۆرۈنگىدەك دوختۇر يوق،ياخشىراق باقاي دېسە ئۆيدە بىر نېمە يوق.گۆش يوق،ياغ يوق...شۇنىڭ بىلەن ئاپىسىغا ئۆلتۈرۈپ بېرىپتۇ.ئاشقان گۆشنى يۇشۇرۇپتۇ.ئەمما ئەتىسى كەنت كادىرلىرى ئۆي ئاختۇرۇپ يۇشۇرۇلغان گۆشنى تېپىۋاپتۇ...شۇ چاغلاردىكى تەربىيەنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك،شۇ چاغدا ئۇ يىگىتتىن ھەممە ئوقۇغۇچىلار نەپرەتلەنگەن ئىدۇق.ئۇ بىر ئوغرى ئىدى..بىراق يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن نەپرەت ھۆرمەتكە ئۆزگەردى.ئۇ يىگىت شۇ يىللاردىكى بىر قەھرىماندەك،ئاپىسى ئۈچۈن سىياسەت-قانۇنلارنى بۇزالىغۇدەك جاسارىتى بار ۋىژدان ئېگىسىدەك تۇيۇلدىغان بولدى...بۇ ئىش ھازىرغىچە ئۇنتۇلمىدى.
   مېنىڭ بالىلىق ۋاقىتلىرىمغا مەنسۇپ شۇ يىللاردا مەھەللىدە توك يوق،تۇرۇبا سۈيى ئەمەس قۇدۇق سۈيىمۇ يوق،ھەممىلا يەرنى نامراتلىق بېسىپ كەتكەن ئىدى.مەنىۋى تۇرمۇشنى تەسەۋۇر قىلىش قىيىن ئىدى:مەسچىتلەر تاقالغان،بەزمە-مەشرەپ چەكلەنگەن،قىزىل ناخشىلاردىن باشقا ناخشا-ناۋا تەقىپلەنگەن ئىدى.پەقەت كىتابلا مەنىۋى چاڭقاقلىقنى ئاز-تولا قاندۇراتتى.ئەمما ئوقۇغۇدەك كىتاب تاپقىلى بولمايتى.<<گاۋيۈباۋ>>،<<نۇرلۇق قىزىل يۇلتۇز>>،<<كان بورانلىرى>>،<<قاينام -تاشقىنلىق تاغلار>>دېگەن كىتابلار شۇ دەۋردە بىر تاپالايدىغان كىتاپلار ئىدى.شۇ يىللاردا تۇرمۇش ھەر قانچە قىيىن بولسىمۇ ئادەملەر ھالاللىقنى،مەرتلىكنى،ۋىژدان غورۇرنى،ئەخلاقىنى،ئادىمىيلىكتىن يىراقلىشىپ كەتمىگەن ئىدى.ھىلە-مىكىر،قىلتاق قۇرۇش،سولامچىلىق،باشقىلارغا ئورا كولاش،رەھىمسىزلىك دېگەندەك ئادىمىيلىككە زىت ئىشلار بىردەك يامان كۆرىلەتتى.ئاتا-ئانىمىزنىڭ ئۈگۈتلىرىدىن،مەھەللە مۆتىۋەرلىرىنىڭ نەسىھەتلىرىدىن،يۇرتنىڭ پاكىز ھاۋاسىدىن،تەڭرى تاغلىرىدىن كېلىدىغان ساپ تاغ سۇلىرىدىن قەلبىمىزگە،ۋۇجۇدىمىزغا ئادىللىق،ھالاللىق،دۇرۇسلۇق خىسلەتلىرى سىڭىپ يەرلەشكەن ئىدى.
  بالىلىقتىن ئۆسمۈرلۈككە قەدەم قويۇپ تۇلۇقسىز ئوتتۇرىغا ئوقۇشقا كەلگەندە ئاجايىپ تالانتلىق،ئەقىللىق بالىلار بىلەن بىللە ئوقۇشقا نېسىپ بولدى.ئەنە شۇ سىرداشلىرىمدىن بوزقىر ئۆتكۈرلىكى،ھەق سۆزلىكى،قەيسەرلىكى بىلەن تۇنۇلۇپ نامدار شەخسكە ئايلاندى.قۇربان بىر مەزگىل مەنسەپ تۇتۇپ بېقىپ ئەمەل،مەنسەپنى رەت قىلىپ ئاقسۇ شەھىرىدىكى داڭلىق دوختۇرغا ئايلاندى.رەھمەتلىك دوستۇم غەنى رەشىدىكى تالانتلىق شائىر بولۇپلا قالماي ئۆتكۈر پىكىرلىك يىراقنى كۆرەر زىيالىي بولۇپ يېتىشكەنىدى.ئەپسۇس 1994-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى قارامايدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى ئۇنىي يۈتۈپ كەتتى،زالغا ئوت تۇتىشىپ <<بالىلار مىدىرلىماڭلار،رەھبەرلەر ئاۋال چىقىۋالسۇن>>دەپ بۇيرۇق بېرىلگەندە ئۇنىڭ باشقا رەھبەرلەردەك  بالىلارنى دەسسەپ ،بالىلاردىن ھاياتلىق تولى تالىشىپ ،بالىلارنى يىقىتىپ قاچقۇسى كەلمىدى.ھايات-ماماتلىق دەقىقىلەردە ئادىمىيلىكنى يوقاتماي تۇرۇپ،ئۆزىنىڭ ۋىجدانى ۋە ئېتىقادىغا سادىق ھالدا ئۇ دۇنياغا كەتتى...يەنە بىر قىسىم بالىلار تۈرلۈك كەسىپلەردە ھۆرمەت تاپتى،كۆپ قىسىم بالىلار بىلەن ئالاقىمىز ھازىرغىچە ئۈزۈلۈپ قالمىدى.



    مارشال:سىز تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان يۇرتنىڭ ئۆتمۈشىنى قىسقىچە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟



    تۇنىياز ئوسمان:مەن تۇغۇلغان مەھەللە جۈملىدىن ياقېرىق يېزىسى تۇپرىقى مۇنبەت،سۈيى مول،ئادەم شالاڭ بىر يۇرت بولۇپ كېيىنكى ۋاقىتلاردا سايرام،كەلپىن،قەشقەر قاتارلىق يۇرتلاردىن قېرىنداشلىرىمىز كۆپلەپ كۆچۈپ كېلىپ ماكانلىشىپ ياقېرىق يېزىسىنى ئاۋاتلاشتۇرغان ئىكەن.
    باي ناھىيسى ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر يۇرت سايرام بولۇپ ئىلگىرى شەھەر بولغان ئىكەن.باي ناھىيسىدىكى يۇرت -ئايماقلارنىڭ تارىخى ھازىرغىچە تۈزۈكرەك تەتقىق قىلىنمىدى.گەرچە<<باي تەزكىرىسى>>دېگەن كىتاب نەشىر قىلىنغان بولسىمۇ كىتابنىڭ تارىخىي قىسمى ئىلمىيلىكتىن يىراق،ھۆجەتلىك خارەكتىرلىك ئاجىز يېزىلغاچقا باي ناھىيسىنىڭ يۇرت تارىخىنى تۇلۇق چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ.
    باي ناھىيسىنىڭ قايسى زاماندىن باشلاپ يۇرت بولغانلىقى،باي نامىنىڭ قاچان پەيدا بولغانلىقى ھەققىدە ئىزدەنگەن تارىخچى دوستىمىز خوجىنىيازنىڭ تەتقىقاتىغا كۆرە،ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقەرىنىڭ <<تۈركىي تىللار دىۋانى>>دا قەيت قىلىنغان باي يىغاچ دېگەن جاي نامى باي ناھىيسىنى كۆرسىتىدىكەن.بۇ پىكىر بويىنچە بولغاندا باي ۋە ئۇنىڭغا تەۋە جايلارنىڭ تارىخى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 1000يىلدىن ئاشقان بولىدۇ.باي جۈملىدىن ئۇنىڭغا تەۋە جايلاردىكى ھەربىر مەھەللە،ھەربىر يايلاق،ھەربىر ئېقىن،ھەربىر تاغ ،ھەربىر داۋان ھەتتاكى ھەربىر سايلىققىچە ساپ ئۇيغۇرچە ئىسىم بىلەن ئاتىلدىغانلىقى،شۇ تەۋەدىكى ھەر قانداق كىشىنىڭ ئاڭلاپلا بىلەلەيدىغانلىقىمۇ سۆزىمىزنىڭ ئىسپاتى بولسا كېرەك.
     باي تۇپرىقى تارىختا نۇرغۇن قىرغىنچىلىق ۋە ئاجايىپ ۋەقەلەرگە شاھىد بولغان.بەدۆلەت ياقۇپبەگنىڭ لەشكەرلىرى سايرامدا قېتىق ئىچىپ،بايغا<<ئېشەك قېتىقى>>دېگەن لەقەمنىڭ سىڭىپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولغان.ماجۇڭيىڭنىڭ قاچاق چىرىكلىرى بايدىن ئۆتۈپ يۇرتنى تالىغان.     مەن تۇغۇلغان مەھەللە كىچىك ھەم خىلۋەت بىر يۇرت بولغانلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە تارىخقا ساھىپ ئەمەس،ئەمما ئاشۇ يۇرتتا ۋە ئەتراپىدا ئۇنتۇلغۇسىز ۋەقەلەرمۇ كۆپ بولغانلىقىغا قارىماي يېزىپ قالدۇرۇلمىغانلىقى،تەتقىق قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن تارىخ كىتابلىرىنىڭ سىرتىدا قالغان.مەسىلەن:ھازىرغىچە ھېچقانداق ماتىرياللاردا تىلغا ئېلىنمايدىغان مۇنداق بىر ۋەقە بولغان.   1930-يىللارنىڭ ئوتتۇرىدىن كېيىنراق مەن تۇغۇلغان مەھەللىدىن يىراق بولمىغان ئالتە گۈمبەز دېگەن مەھەللىدە يۇرت جايلىرىدىن يولداش خاڭتۇ دېگەن كىشىنىڭ ئوغلى ئابدىرھىم يولداش دېھقانلاردىن قوراللىق كۈچ تەشكىللەپ،بوزدۆڭ تاغلىرىدا چىقماقچى بولۇپ ماڭغىنىدا روس ئايرۇپىلانلىرى دېھقان قوراللىق كۈچلىرىنى بەشقاراقنىڭ سېيىدا قىرىۋەتكەن.ساق قالغانلىرىنى ئەسىر ئېلىپ زىندانغا تاشلىغان.ئابدىرھىم يولداشنىڭ پۈتۈن مال-مۈلكى مۇسادىر قىلىنىپ،ئۆزى ئۈرۈمچى تۈرمىسىگە تاشلانغان.شىڭ سىسەي ۋە گومىنداڭ تۈرمىسىدە ئۇزۇن يىل ياتقان.
  بىزنىڭ جەمەتىمىز شۇ تەۋەدىكى خېلى چوڭ جەمەت بولۇپ ئۆستەڭبويى ۋە قارا باغدا تۇنجى بازار بەرپا قىلغان ئىكەن،شۇڭا ئاتامنىڭ تاغىسى <<ئامۇت بازار>>دېگەن نامدا ئاتالغان ئىكەن.1945-يىلى 8-ئايدا مىللىي ئارمىيەنىڭ سوپاخۇن سۇۋرۇف كوماندارلىقىدىكى پارتىزان ئەتىرتى تاغ ئېشىپ بايغا كىرىپ باينى ئازات قىلغاندىن كېيىن باي تارىخىنىڭ يېڭى بىر سەھىپىسى ئېچىلىدۇ.ئازاتلىق،ھۆرلۈككە تەشنا خەلق مىللىي ئارمىىيىنى قىزغىن قوللاپ يۇرت-يۇرتىنى، ئەزىز جانلىرىنى ھۆرلۈك ئۈچۈن ئاتىغان پىدائىيلار سېپىگە قوشۇلىدۇ.شۇ قاتاردا ياقئېرىق تەۋەسىدىن تۇنجى بولۇپ چاقچى مەھەللىسىنىڭ مۆتىۋىرى ئىبراھىم ھاجىم ئوغلى ئىبراھىمنى باش قىلىپ پىدائىي توپلاپ مىللىي قىسىمغا تاپشۇرىلىدۇ.مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى قورغان سېپىلىنى ئالغاندىن كېيىن مەن تۇغۇلغان مەھەللىنىڭ پىدائىيلىرى قىزىل بۇلاقتىكى تۇنىياز ھاجىنىڭ قورۇسىغا جايلاشقان باش شىتابقا بېرىپ ئەسكەرلىككە تىزىملىتىدۇ.شۇ قاتاردا بوۋام،ئاتام ۋە ئاتامنىڭ نەۋرە ئاكىسىنى ،جىيەنىنى ئېلىپ بېرىپ تىزىملاتقىلى بارغان ئىكەن.
   ئەمما ئاتام ئۆسكىلەڭ بولغىنى بىلەن يېشى 15ياش چىقىپ قېلىپ ئەسكەرلىككە قۇبۇل قىلىنماپتۇ،نەۋرە ئاكىسى قۇبۇل قىلىنىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن بوۋام ۋە ئاتاملار مىنىپ بارغان ئاتلىرىنى مىللىي قىسىمغا ھەدىيە قىلىپ قايتىپ كەلگەن ئىكەن.ئاتامنىڭ نەۋرە ئاكىسى مىللىي قىسىم سېپىدە ئونسۇ،ئاقسۇغىچە ئۇرۇش قىلىپ بېرىپتۇ.1945-يىلى 10-ئاينىڭ ئوتتۇرسىدا مىللىي قىسىم چېكىنگەندە مۇزات داۋانى يېنىدىكى توپا بەل دېگەن يەردىكى جەڭدە ئوق تېگىپ شېھىت بوپتۇ،جەسسىتى تاغدا قاپتۇ.
   <<باي تارىخى ماتىرياللىرى>>دا بايان قىلىنىشچە شۇ چاغلاردا باي تەۋەسىدىن مىللىي ئارمىيەگە قاتناشقان پىدائىيلارنىڭ سانى 1500دىن ئارتۇق ئىكەن.بۇلارنىڭ خېلى نۇرغۇنلىرى ئۇرۇشتا شېھىت بولغان،ساق قالغانلىرى كېيىنكى ۋاقىتلاردا تۈرلۈك زەربىلەرگە ئۇچراپ نابۇت بولغان،بىر قىسمى ئاچچىق يۇتۇپ ھەسرەتتە ئۆلۈپ كەتكەن...قىسقىسى باي خەلقى ھۆرلۈك كۆرۈشى ئۈچۈن غايەت زور بەدەل تۆلىگەن.ئابدۇللا داۋۇتوپتەك مۇنەۋەر زىيالىيلار ل.مۇتەللىپ بىر سەپتە تۇرۇپ قىممەتلىك ھاياتىنى قۇربان قىلغان،نېمشېھىت قاتارلىق دىننىي ئۆلىمالار ھەر قېتىملىق ھۆرلۈك كۆرەشلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىرى بولۇپ،سەپنىڭ بېشىدا تۇرغان...ئەپسۇس ئەنە شۇي سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىزنىڭ كۆرەش تارىخى تەتقىق قىلىنمايلا قالماستىن،نامىمۇ ئاستا-ئاستا يوقىلىشقا باشلىدى.قاپسىلاڭ بويىدىكى (باي بازىرىدىكى بىر دەريا)قانلىق جەڭنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان سۇۋان تېرەكلەر،ئاشۇ تېرەكلەرنىڭ بىرىگە ھۆرلۈك ئۈچۈن قۇربان بولۇش ئالدىدا سۈيۈملۈك جەڭچىلىرىمىز پىچاق بىلەن ئۇيۇپ يېزىۋەتكەن <<ئازاتلىق>>دېگەن خەتلەر كېيىنكى ۋاقىتلاردا يوق قىلىندى.بايدىكى مەسئۇلىيەتچان زىيالىي ئاكىمىز ئوسمان مۇھەممەت يېزىپ چىققان <<خەت ئويۇلغان سۇۋان تېرەك>>ناملىق ئوچىرىك شۇ قانلىق جەڭنىڭ تارىخى بولغىنىغا قارىماي ،مەتبۇئاتتا يۇرۇق كۆرەلمىدى...
    باينىڭ تارىخى ۋەقەلىرى ئۈستىدە توختالغاندا بايدىكى <<ئاچارچىلىق ۋەقەسى>>نى تىلغا ئالماي ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدۇ.يۇقۇرقىدەك بەدەللەر تۆلىنىپ 14يىلدىن كېيىن باي ناھىيسىدە ئىنساننىڭ ئەقىلىگە سىغمايدىغان بىر پاجىئە يۈز بېرىدۇ،توغرىسى شۇنداق بىر پاجىئە پەيدا قىلىنىدۇ.1959-يىلى كۈزدىن باشلاپ دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىدىكى قالدۇق ئاشلىقلىرى مەجبۇرىي ھۆكۈمەت ئىسكىلاتىغا يىغىۋىلىنىدۇ.ئاشلىق تاپشۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئۆيلەر ئاختۇرۇلۇپ دېھقانلارنىڭ يېگۈدەك نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسى تارتىۋىلىنىدۇ.بۇ ھەرىكەتنىڭ بېشىدا خې رۈي ئىسىملىك بىر سېكرىتار رېژېسسورلىق قىلىدۇ.ئۇ ئەسلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مەمۇرى بولۇپ،كېيىن <<ھەقىقەتكە قايتىپ>> ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇندا خىزمەت قىلغان،ئاندىن باي ناھىيلىك پارتىيە كومىتىتىغا سېكرىتار قىلىپ تەيىنلىنىپ،ئۈرۈمچىدىن بايغا ئەۋەتىلگەن.1959-يىلى كەچ كۈزدىن باشلاپ كىشىلەر ئېچىنىشلىق ئۆلۈشكە باشلىغان.ئادەم ئۆلۈۋاتقانلىق ھەققىدىكى ئۇچۇرلار قاتتىق قامال قىلىنغان.بايغا كىرىپ چىقىدىغان بارلىق يول ئېغىزلىرى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قامال قىلىنغان.1960-يىلى ئەتىيازغىچە نەچچە مىڭلاپ ئادەملەر ئاچلىقتىن قىرىلىپ كەتكەن.كولىكتىپنىڭ مال-چارۋىلىرى ئوغۇرلىنىپ زىيان ئېغىرلاپ كەتتى دەپ مەخسۇس ئوغۇرنى تۇتىدىغان دېلۇ گۇرۇپىلىرى قۇرۇلغان،<<چارۋا ئوغۇرلىرى>>نى قولغا ئېلىش ھەققىدىكى دوكلاتلار ۋىلايەتلىك تەپتىش مەھكىمىسگە كەلكۈندەك ئاققان.ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ كۆپلىكىدىن ئۆلۈكنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈپ كۆمۈشكىمۇ ئىمكان بولمىغان.مىڭلاپ ئۆلۈكلەر كارىزغا تاشلىنىپ كولىكتىپ كۆمۈلگەن.ئەنە شۇ بىچارىلەرنىڭ ئىچىدە مېنىڭمۇ تۇققانلىرىممۇ بار ئىدى.چاقچى كەنتىدە گۇرۇپ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن ئدرىس قارى ئىسىملىك تۇققىنىمىز <<بۇغداي يۇشۇرغان جىنايىتى>>ئۈچۈن تۈرمىدە يەتتە يىل يېتىپ چىققان ئىكەن...
     بۇ ۋەقە قانداقتۇر بەزىلەر ئېيتىۋاتقاندەك سوۋىتقا ئاشلىق تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىدە قالغانلىق سەۋەبىدىن ۋە ياكى تەبئىي ئاپەت سەۋەبىدىن بولغان بولماستىن بەلكى خې رۈي باشچىلىقىدىكى سولچىل كۈچلەرنىڭ خەلقنىڭ ئۆلۈپ -تىرىلىشى بىلەن كارى بولماسلىقى،ئاچلىقتىن ئادەم ئۆلۈۋاتسىمۇ ئىسكىلاتتىكى ئاشلىقنى بەرگىلى ئۇنماسلىقى ،خەلقنى ئادەم قاتارىدا كۆرمىگەنلىكى سەۋەبىدىن بولغان.شۇ يىلى چوڭ تەبىئي ئاپەت بولمىغان،ئاشلىقلار ئوبدان ئوخشىغان.ھۆكۈمەت ئىسكىلاتلىرىنىڭ ھەممىسىدە لىققىدە ئاشلىق بېسىقلىق تۇرغان،ئەمما ئىسكىلات قوراللىق قوغدىلىپ ئاشلىق بېرىلمىگەن....
   شۇ ۋەقەدە ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ سانى ھەققىدە تۈرلۈك ماتىرياللاردا پەرقلىق مەلۇماتلار بار.بەزىلىرىدە5000دەپ يېزىلسا،بەزىللىرىدە 7000،يەنە بەزىللىرىدە 8000دېيىلىدۇ.يېقىندا باي،سايرام ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى توختى گايىت ئەپەندىنىڭ توردا ئېلان قىلغان <<بايدىكى ئاش ۋەقەسىنىڭ سىرى>>دېگەن ماقالىسىدە ئەينى چاغدىكى خۇلاسە يىغىندا ئۆلگەن ئادەم سانىنىڭ 16500نەپەر دېيىلگەنلىكى،ئىچكى مەلۇماتتا 18000دىن ئارتۇق دېيىلدى.مېنىڭچە ئىچكى مەلۇماتتىكى سان بىر قەدەر توغرا بولسا كېرەك...
    ئۆلگەن ئادەمدىن باشقا يەنە شۇ ۋەقەدە 6000دىن كۆپ ئادەم جىسمانىي جەھەتتىن مېيىپ بولغان،سەرگەردان بولۇپ يۇرتتىن چىقىپ كەتكەنلەرنىڭ سانى 10000دىن ئېشىپ كەتكەن.قىسقىسى بۇ ۋەقە يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى قاباھەتلىك چۈش بولۇپ قالغان. 1960-يىلى 4-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئەۋەتكەن خىزمەت گۇرۇپىسى بايدا بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈپ سىكرىتار خې رۈي ۋە ھاكىم ياسىن ئىمىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغان،خې رۈيگە ئۈچ يىللىق جازا بېرىلگەن.شۇنىڭ بىلەن خې رۈي باي ناھىيسىدىن يوقالغان.ئۇنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ئۈسىتدە ماتىرياللادا مەلۇمات يوق.ئەمما مەن ئىگىلىگەن پاكىتلارغا قارىغاندا ئۇ تۈرمىدە ياتمىغان،جازا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئاقسۇ شەھىرىدىكى شال زاۋۇتىدا بىر مەزگىل ئىشلىگەنلىكى،ئۇنىڭدىن كېيىن ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىدە تەتقىقاتچى بولۇپ خىزمەت قىلغانلىقى،<<تۈركىي تىللار دىۋانى>>نى خەنسۇچىغا تەرجىمە قىلىشقا قاتناشقانلىقى،مەمتىمىن يۈسۈپ،ئۇيغۇر سايرانى قاتارلىقلار بىلەن <<شىنجاڭدا 30يىل خىزمەت قىلغانلىق شەرەپ مۇكاپاتى>>ئالغانلىقى،ژۇرناللاردا مىللەتلەر مەسىلسىنى تېما قىلىپ ماقالە ئېلان قىلىپ يۈرگەنلىكى مەلۇم.
    مانا ھازىر شۇ ۋەقەلەرگە يېرىم ئەسىردىن ئاشتى.قىران چاغلىرىدا ئەشۇ مۇدھىش ۋەقەلەرگە شاھىد بولغانلار ئاساسەن قالمىدى،گۆدەك،بالا چاغلىرىدا شۇ ۋەقەنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلەر بوۋاي-مومايلارغا ئايلاندى،ئەپسۇس ھازىرغا قەدەر شۇ ۋەقەدە ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ روي خېتى تۇرغۇزۇلۇپ باقمىدى،ئوغۇرلانغان،ئۆلتۈرۈلگەن مال-چارۋىلارنىڭ سانى  ئېنىقلانغان بولسىمۇ،ئادەملەرنىڭ سانى ئېنىقلىنىپ باقمىدى،ھۆكۈمەت ھەركىتى سۈپىتىدە ئاشلىقنى تارتىۋىلىشتىن كېلىپ چىققان ئاچارچىلىققا بىئەجەل كەتكەن 18000ئىنساننىڭ ھايات قالغان ئەۋلادلىرى ۋە تۇققانلىرى ھازىرغىچە تۆلەمگە ئەمەس،تۈزۈكرەك بىر تەسەللىگە ئېرىشىپ باقمىدى....بەلكىم خې رۈيمۇ ئۇ دۇنياغا كەتكەندۇ،مېنىڭ ئەپسۇسلىندىغىنىم ئاشۇ مەلئۇننىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا نېمىلەرنى ئويلىغانلىقى، ئۇيغۇر خەلقىگە ،جۈملىدىن باي خەلقىگە ،ئۆزى بېشىغا چىققان 18000كىشىنىڭ ئەۋلادلىرىغا دەيدىغان بىرەر ئېغىز سۆزىنىڭ بار-يوقلۇقىنى بىلەلمىدۇق،ئاڭلىيالمىدۇق....ئېراقتىكى دۇئاجىل كەنتىدە 1982-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى 143ئادەمنى ئۆلتۈرگەن قىرغىنچىلىقنىڭ باش جاۋابكارى سادام ھۈسەيىننىڭ سوتقا تارتىلىپ دارغا ئېسىلغانلىقىنى، ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشتە<<دۇئاجىل قىرغىنچىلىقى>>نىڭ مۇھىم پاكىت قىلىنغانلىقىنى كۆردۇق،ئەمما 18000ئادەمنى ئۆلتۈرگەن خې رۈينىڭ دارغا ئېسىلىشى ئەمەس تۈرمىدە تۈزۈكرەك ياتقىننىمۇ كۆرەلمىدۇق.دۇئاجىل كەنتىدىكىدەك ئېتىپ ئۆلتۈرۈش بىلەن بايدىكىدەك ئاچ قويۇپ ئۆلتۈرۈشنىڭ ئاقىۋىتى ئوخشاش بولسىمۇ ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنمىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنمىدۇق...
   قىسقىسى،باي دىيارى شانلىق  تارىخقا،قان-ياشلىق كەچۈرمىشلەرگە ساھىپ بىر ماكان.بۇ ماكاندا ئەسىرلەردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا،تارىختا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان زىيالىيلار،ۋەتەنپەرۋەرلەر ئۈزلۈكسىز يېتىشىپ چىققان.موللا موسا سايرامى،ئەرمىيا داموللا،ئابدۇللا داۋۇتۇپ،توختى مۇزات،ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىرلار ئەنە شۇلارنىڭ تىپىك ۋەكىللىرىدۇر.



   مارشال:مەكتەپتىكى ئوقۇش ھاياتىڭىز ۋە ئوقۇش ھاياتىدىكى ئۇنتۇلماس خاتىرلەرنى سۆزلەپ بەرسىڭىز؟



   تۇنىياز ئوسمان:مەن تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ 1983-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ئۇنۋىرسىنتىنىڭ قانۇن فاكۇلتىتىغا ئوقۇشقا باردىم.ئەلۋەتتە ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدا تاتلىق ۋە ئاچچىق كەچۈرمىشلىرىم بار.مەكتەپ ئىچىدىكى قىزىل بىنا،گەمە شەكىللىك ياتاق،قىرائەتخانا،دېھقانچىلىق مەيدانى،جۈملىدىن ئۈرۈمچىگە باغلانغان ئۇنتۇلماس خاتىرلىرىم بار.ئۇلار ھەققىدە تەپسىلىي سۆزلەش ئۈچۈن نەچچە كۈن ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن.شۇڭا قىسقىچىلا بايان قىلاي:
   ئالىي مەكتەپكە بېرىش شۇ يىللاردىكى ياشلارنىڭ ئەڭ گۈزەل،ئورتاق چۈشىمىز ئىدى.تۇلۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاز بىر قىسمىنىڭلا بۇ گۈزەل چۈشى رېئاللىقا ئايلىناتتى.شۇڭا مەن ئاجايىپ پەخىرلىنىش،سۆيۈنۈش،ئىشەنچ،ئۈمىد تۇيغۇلىرىغا چۆمۈلۈپ ئالىي مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ئاتلىغان ئىدىم.ئالىي مەكتەپ مېنىڭ ھاياتىمنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولدى.ئەنە شۇ ئەزىز ماكاندا ئىدىيە شەكىللەندى.غايە تىكلەندى،قىممەت قارىشىم يېتىلدى.ئالىي مەكتەپتە ئۆتكەن بەش يىللىق ھاياتىمنى ئاساسەن ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش ئىچىدە ئۆتكۈزدۈم دېسەممۇ بولىدۇ.ياتاق،سىنىپ،كۇتۇپخانا ئىزدىنىش ئىچىدىكى ھاياتىمنىڭ ئەڭ گۈزەل خاتىرلىرىدۇر.بولۇپمۇ كۇتۇبخانا مەندەك ئىلىم تەشنالىرى ئۈچۈن ئەڭ جەلپكار بىر سورۇن ئىدى.ئۇ يەردە دەم ئېلىش كۈنلىرىم،ھاياتىمنىڭ مىڭلارچە ئاخشاملىرى،قىشلىق تەتىلدىكى كۈنلىرىم مەنا تاپقان ئىدى.ئۇ يەر ئۆز كەسپىم بولغان قانۇندىن باشقا يەنە سىياسىي،تارىخ،ئەدەبىيات پەنلىرىگە دائىر يۈزلەرچە كىتابلارنى كۆرۈپ خاتىرە قالدۇرۇپ نەزەر-دائىرەمنى كېڭەيتىشكە ئىمكان ياراتقان ئىدى....
     شۇ يىللارنى ئەسلىگىنىمدە قىسمەن ئەپسۇس تۇيغۇلىرىمدىنمۇ ئۆزۈمنى چەتكە ئالالمايمەن.شۇ يىللاردا مېنىڭ خىيالىمدىكى ئالىي مەكتەپ بىلەن مەن ئوقۇۋاتقان ئالىي مەكتەپنىڭ ئوخشىمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ ئىنتايىن ئازابلانغان ئىدىم.مەكتەپتە ئىلمىي كەيپىيات قۇيۇق ئەمەس ئىدى،ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ھاراقكەشلىك،ساختىپەزلىك،كەيپكە بېرىلىش ئەۋج ئالغان ئىدى.دەم ئېلىش كۈنلىرى بولا بولمايلا ياتاق-ياتاقلاردا ئولتۇرۇش قاينايتى.ئوقۇتۇش سەۋىيىسى تۆۋەن،ئۆتۈلۋاتقان دەرسلەر جەمىيەتنىڭ ئارقىدا قالغان،كۆپ قىسىم ئوقۇتقۇچىلاردا يېڭى پىكىر يوق،يېڭى ئىدىيە يوق،ھەتتا بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار  دەرسنى كونسىپىك يازغۇزاتتى،بىزنىڭ سىنىپتا ھەتتا كونسىپىك يازدۇرۇشنىڭ توغرا-خاتالىقىنى تالىشىپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ مۇشلاشتقان ئىشلارمۇ بولغان ئىدى....ئەنە شۇنداق مۇھىتتا ئىدىنىش روھى بار ئوقۇغۇچىلار ئالقىشقا ئەمەس كەمسىتىشكە ئۇچرايتى.شۇ قاتاردا مەن ياتقان ياتاق  <<سوپىملار ياتىقى>>دەپ  مەسخىرە قىلىنغان ئىدى،سىنىپىمىزدىكى قازاق،قىرغىز قېرىنداشلىرىمىز تىرىشچان ئىدى،ئەمما كۆپلىگەن ئۇيغۇر ساۋاقداشلىرىم خۇددى مەكتەپكە ھاراق ئىچكىلى،قىزلار بىلەن مۇھەببەتلەشكىلى،ئوينىغىلى كەلگەندەك كۈن ئۆتكۈزەتتى...ئەتراپىمدىكى بۇنداق ئىشلاردىن بىزار بولغانسىىرى ئۆزۈم تاللىغان يولدا مېڭىش ئىرادەم كۈچىيەتتى.....
   ئالىي مەكتەپ خاتىرلىرىنى  ۋاراقلىغىنىمدا <<خەلقئارا قانۇن>>دەرسى  بېرىدىغان قەدىردان ئوقۇتقۇچىمىز ئەھمەت مۇئەللىمنى سېغىنىمەن.ئۇ <<خەلقئارا قانۇن>>دەرسىگە بىرلەشتۈرۈپ بىزگە جىق نەرسىلەرنى بىلدۈرۈشكە تىرىشقان ئىدى.كاللىمىزنى ئاچقان ئىدى،نەزەر-دائىرىمىزنىڭ كېڭىيىشىگە،خەلقئارالىق بىر قىسىم مەسىللەرنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم قىلغان ئىدى.شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بويىنچە <<ئىنسانىي ھوقۇقنىڭ خەلقئارا قانۇنىدا قوغدىلىش ھەققىدە>>،<<مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ مېغىزى بولغان ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا خەلقئارا قانۇندىن بېقىش>>تېمىلىرىدا سىنىپىمىزدا مۇھاكىمىلەر بولغان،ماقالىلەر يازغان ئىدۇق.ھازىرغىچە ئاشۇ ماقالەمنى ھەر قېتىم كۆرگىنىمدە ئەھمەت مۇئەللىمنىڭ سىماسى كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ.ئەشۇ ماقالىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ساقلاش نىيىتىگە كەلدىم...
ئالىي مەكتەپ ھاياتىدىكى خاتىرلىرىم يۇقۇرقىلار بىلەنلا تۈگمەيدۇ.ئەمما ۋاقىت ئېتىبارى بىلەن مۇشۇنچىلىك سۆزلەي.


مارشال:سىز قانداق قىلىپ قانۇن كەسپىنى تاللاپ قالغان؟مۇشۇ ھەقتىكى بايانىڭىزنى ئاڭلاپ باققان بولسام؟



   تۇنىياز ئوسمان:تۇلۇق ئوتتۇردا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا كۆرگەن چەتئەل فىلىملىرىدىكى سودىيە ئوبرازىنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك.قەلبىمدە قانۇن ئۆگىنىپ ھەق-ناھەق ئۈسىتدە ئادىل ھۆكۈم قىلدىغان،ئادالەتنى ياقلاپ رەزىللىك بىلەن كۆرەش قىلدىغان بىر سودىيە بولۇش ئارزۇسى بىخلاپ چىققان ئىدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە قانۇن كەسپى شۇ چاغلاردا يېڭىدىن ئېچىلغان،ئىستىقباللىق كەسىپ دەپ قارىلاتتى.شۇڭا،ئارزۇ تولدۇرغاندا،تۇنجى قىلىپ قانۇن كەسپىنى تاللىغان ئىدىم.
   نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن ئاشۇ تاللاشىمنىڭ ئاقىلانە بولمىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.قانۇن كەسپىنىڭ ئۆزى ناھايىتى ياخشى كەسىپ بولسىمۇ قانۇننىڭ نۇپۇزى يوق ئەلدە،باشلىقنىڭ سۆزى قانۇن بولىۋالدىغان مۇھىتتا قانۇن ئۆز ئەھمىيتىنى يوقىتىدىكەن.سېنىڭ مول قانۇن بىلىمىڭ،تەتقىقاتلىرىڭ ،ھوقۇق قاتلىمىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئۈچۈن خەتەرلىك بولۇپ تۇيۇلۇپ ،ئاشۇلارنىڭ زەربە بېرىش نىشانى بولۇپ قالدىكەنسەن.قانۇنچىلىق دۆلىتىگە يات مۇھىت سېنىڭ ئىگىلىگەن بىلىملىرىڭنى ئىشلىتىشكىمۇ توسقۇنلۇق بولدىكەن....



  مارشال:سىز قانۇن ساھاسىدە يېڭى خىزمەتكە چۈشكەن چاغدا ئۆز رايۇنىڭىزدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇن ئېڭى قانداق ئىدى؟مەدەنىيەت ساپاسىچۇ؟


   تۇنىياز ئوسمان:مەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىگە خىزمەتكە چۈشتۈم.شۇ چاغدا ئاقسۇ دىيارىدىكى ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ قانۇن ئېڭىنىڭ قانداقلىقى ھەققىدە سۆزلەشتىن بۇرۇن ۋىلايەتتىكى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگاندا تېخىمۇ ئېنىقراقى سوت ۋە تەپتىش مەھكىمىسدە ئىشلەيدىغان كىشىلەرنىڭ قانۇن ئېڭى ئۈستىدە توختىلايلى.
   مەن خىزمەتكە چۈشۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئىشخانىدىكى ماتىرياللارنى رەتلەۋىتىپ بىر پارچە دوكلاتنى ئۇچرىتىپ قالدىم.بۇ بىر تامغىلىق رەسمىي دوكلات بۇلۇپ دىققىتىمنى تارتتى.ئۇنىڭدا يېزىلغان مۇنداق بىر دېلۇكەن:
     يىڭ شاۋلەن ئىسىملىك خەنسۇ ئايالنىڭ ئېرى ئاجرىشىش ھەققىدە سوتقا ئەرز قىپتۇ.بىرىنجى سوتتا ئاجرىشىشقا رۇخسەت قىلىنماسلىق ھۆكۈمى چىقىپتۇ.دەۋاگار قايىل بولماي نارازىلىق ئەرزى بەرسە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ئاجرىشىقا ھۆكۈم قىلىپتۇ.يىڭ شاۋلەن <<مەن ئېرىم بىلەن ئاجراشمايمەن>>دەپ سوتقا كېلىۋالسا ئوتتورا سوت مەھكىمىسى ئەسلىدىكى ھۆكۈمنى ئۆزگەرتىپ ئاجرىشىقا رۇخسەت قىلماسلىق ھەققىدە  ھۆكۈم چىقىرىپتۇ.ھۆكۈمدىن كېيىن ئەسلىدىكى دەۋاگار سوتقا كېلىۋاپتۇ.
     ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى يەنە بىر قېتىم ھۆكۈم ئۆزگەرتىپ ئۇنىڭ قولىغا <<ئاجرىشىقا رۇخسەت قىلغانلىق>>ھۆكۈمىنى بېرىپتۇ.يىڭ شاۋلەننىڭ قولىغا <<ئاجرىشىقا رۇخسەت قىلماسلىق>>ھەققىدىكى ھۆكۈمنى بېرىپتۇ.يەنى بىرلا ۋاقىتتا مەزمۇنى بىر-بىرىگە زىت ئىككى پارچە ھۆكۈم تەييارلاپ ئۇلارغا بېرىپتۇ.ھۆكۈمنى ئالغاندىن كېيىن يىڭ شاۋلەننىڭ ئېرى قېچىپ كېتىپتۇ،ئۇ ئېرىنى ئىككى يىل ئىزدەپ ئىچكى مۇڭغۇلدىن تېپىۋاپتۇ.بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئېرى باشقا ئايال بىلەن توي قىلىپ بالىلىق بولۇپ بولغان ئىكەن.شۇنىڭ بىلەن يىڭ شاۋلەن ئۆزىنىڭ قولىدىكى ھۆكۈمنى ئاساس قىلىپ،ئېرىنى قوش نىكاھلىنىش جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ ئەرز قىپتۇ.ئېرى قولىدىكى ئاجراشقانلىق ھۆكۈمىنى كۆتۈرۈپ چىققاچقا قوش نىكاھلىنىش جىنايىتىنى سۈرۈشتۈك قىلغىلى بولماپتۇ.ئاقىۋەتتە يىڭ شاۋلەن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوتنىڭ ئالدىدا ئايلاپ يېتىۋاپتۇ ۋە نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋاپتۇ.
   راستىننى دېسەم،دوكىلاتنى كۆرۈپ ھېكايە ئۇقۇۋاتقاندەك تۇيغىغا كېلىپ ،ئشىنىپ بولالماي خىزمەتداشلاردىن سۈرۇشتە قىلسام دوكىلاتتىكى ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى راست بولغان ئىكەن. مانا بۇ شۇ يىللاردىكى ۋىلايەت دەرىجىلىك بىر سوتنىڭ سودىيەلىرىنىڭ قانۇن ئېڭى ۋە قانۇن ساپاسىنىڭ جانلىق مىسالى.(كىيىن مۇشۇ ۋەقەنى ئاساس قىلىپ،<<بۇ پاجئەگە قانۇن سەۋەپچى ئەمەس>>ناملىك ئوچرىكنى بوزقىر بىلەن بىرلىكتە يېزىپ چىققان بولساقمۇ،ئېلان قىلىپ بېرىدىغان مەتبۇئات چىقمىدى).
    ئاڭلىسا قارا يۇمۇرغا ئوخشاپ كېتىدىغان يەنە بىر ھېكايە بار.ئەمەلىيەتتە ھېكايە ئەمەس، راست بولغان ئىش:
   مەن خىزمەتكە قاتنىشىپ بىر نەچچەيىللاردىن كېيىن ئاقسۇ شۆبە تەپتىش مەھكىمىسىگە بىر باشلق كەلدى.ئۇ قانۇن كەسپىدىن بىخەۋەر تۇرۇپ دىلونىڭ خارەكتىرىنى قانداق بېكىتىش ، قانداق ئەيىپلەش، قولغا ئېلىش-ئالماسلىق ھەققىدە كۆرسەتمە بېرىدىكەن ،دىگەنلىرى قانۇنغا چۈشمەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يوق يەردە ئۇنى <<قانۇن ئۇقماي تۇرۇپ دىلوغا ئارلىشىپ ئىشلارنى ئاستى-ئۈستۇن قىلدى>>دەپ ئەيىپلەيدىغان شىكايەتكەر بۇلۇپ قالىدىكەن . بۇ شىكايەتلەر ئۇزىمايلا ئۇنىڭ قۇلىقىغا يېتىدىكەن .بىر كۈنى چوڭ يىغىندا ئۇ رەھبەر شۇنداق دىگەن ئىكەن :بەزىلەر مىنى قانۇن بىلمەيدىكەن ،ئاۋال قانۇن ئۆگىنىپ ئاندىن گەپ قىلسۇن دەپتۇ. مەن دەپ قوياي،مەن قانۇننى ئۆگىنىپ بولغان،ئۆتكەندە ئېلىنغان قانۇن ئومۇملاشتۇرۇش ئىمتىھانىدا يۇز نۇمۇر ئالغان ئادەممەن، ئىشەنمىسەڭلار نۇمۇر قۇيۇلغان قەغەز نى تېپىپ بېرەلەيمەن....
   مانا بۇ 1990-يىللاردىكى ۋىلايەت دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىسى رەھبىرىنىڭ قانۇن ئېڭى،بىلىم ساپاسى.  ئەمدى پۇقرالارنىڭ قانۇن ئېڭى مەسىلىسىگە كەلسەك شۇ يىللاردا ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ قانۇن ئېڭى ئۇۇميۈزلۈك تۆۋەن ئىدى،ئەمما قانۇن تارماقلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئېڭى يوقۇردا ئېيتقانلىرىمىزدەك ئەھۋالدا تۇرغان شارائىتتا ئاۋام توغۇرلۇق ،ئۇلارنىڭ قانۇن ئېڭى توغۇرسىدا يەنە نېمىلەرنى دېيەلەيمىز؟
    شۇ چاغلاردا،ئاقسۇ دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى تۈرلۈك ئامىل ۋە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يەنىلا تۆۋەن بىر ھالەتتە ئىدى.ئۇنى يوقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن مائارىپ زۆرۈر ئىدى.تەربىيلەش،يېتەكلەش زۆرۈر ئىدى،مىللىي مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىمىزنى كۈچلەندۈرۈش،مىللىي قەدرىيەتلىرىمىزنى قايتىدىن تىكلەش،مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىمىزنى ئادەملىرىمىزنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر يەرلەشتۈرۈش يوللىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش،ئۆزىنى قايتا تۇنۇتۇش،ئىنساننىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى بىلدۈرۈش زۆرۈر ئىدى.ئەگەر مەلۇم دەۋردە يۇقۇرقى ئىشلار قولغا ئېلىنماي،خەلقنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى تۆۋەنلەپ كەتكەن بولسا بۇنىڭدىكى مەسئۇلىيەت ئاۋامدا ئەمەس بەلكى شۇ جەمىيەتنى تەشكىللۈگۈچى،كونترۇل قىلىپ تۇرغۇچى سىياسىي كۈچتە بولغان بولىدۇ.شۇڭا،بۇ ھەقتە ئارتۇق بىر نېمە دېگۈم يوق.



    مارشال:سىز خىزمەت ئۆتىگەن چاغلاردا بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى يوللار بىلەن تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغانلىقىنى ئۆزىڭىز كۆرگەن ئەمەلىي رېئاللىققا باغلاپ تۇرۇپ سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟



    تۇنىياز ئوسمان:مەن سوت مەھكىمىسىدە ئۇزۇن يىل دېلۇ بېجىرىشكە قاتناشتىم.بۇ جەرياندا ئۇيغۇر جىنايەتچىلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش سەۋەپلىرى ۋە قانداق قىلىپ تۇيۇق يوللارغا كىرىپ كېتىۋاتقانلىقى ئۈسىتدە ئىزدىنىپمۇ باقتىم.مېنىڭ ئاخىرقى خۇلاسەم شۇكى:ياشلىرىمىز تۈرلۈك سەۋەبلەردىن سىڭدۈرۋالغان ياكقى سىڭدۈرۈلگەن ئازغۇن ئىدىيە تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبىدۇر.ئىنساننىڭ ئىدىيىسى بۇزۇلسا ھەركىتى ئىبلىسنىڭ كونترۇللىقىغا چۈشىدۇ.ئازغۇن ئىدىيە كاللىنى چىرمىۋالغاندا ئىنساننىڭ ئادىمىيلىكى سۇسلىشىپ،ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى ئېتىقاد،ئەخلاق،ۋىژدان ۋە شان-شەرەپ تۇيغۇلىرى يوقىلىشقا يۈزلىنىدۇ.ئاقىۋەتتە ئۇ رەزىل مەخلۇققا ئايلىنىدۇ.مىسالغا ئالدىغان بولساق ئاقسۇ ۋىلايتىدە ئۆزىمىزنىڭ قىممەت قارىشىمىزغا،ئەنئەنىلىرىمىزگە،مەدەنىيەتلىرىمىزگە پۈتۈنلەي زىت بولغان،ئۇيغۇرنىڭ قىممەت قارىشىنى،ئەنئەنىسىنى،مەدەنىيىتىنى،مىللىي قەدرىيىتىنى پايخان قىلىدىغان رەزىل دېلۇلار توختىماي يۈز بەردى.ئونسۇ ناھىيسىدە نەۋرىسى مومىسىغا باسقۇنچىلىق قىلدى،دادىسى سوغۇرتا پۇلى ئۈچۈن ئوغلىنى ئۆلتۈردى،كۇچا ۋە ئاقسۇ شەھىرىدە ئاشنىسى بىلەن بىرلىشىپ ئېرىنى ياكى خوتۇنىنى ئۆلتۈرۋىتىش ۋەقەلىرى بولدى،بايدا خوتۇنى يامانلاپ كەتسە قېينىئاتىنى پۈتۈن ئۆيدىكىلەر بىلەن ئۆلتۈرۋىتىش دېلۇلىرى يۈز بەردى.توقسۇدا دادىسى ئىككى قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلدى،دادىسى قىزىنى ھامىلدار قىلدى،ئاۋاتتا ئاپىسى قايتا ياتلىق بولۇشۇمغا پۇتلىكاشاڭ بولدى دەپ نارەسىدە قىزنى ئۆلتۈردى،ئاقسۇ قۇمتاغدا ئېدىلوگىيە پەرقى سەۋەبىدىن دادىسىنى بوغۇزلىدى،ئۈچتۇرپاندا ئوغلى مىراس ئۈچۈن دادىسىنى بوغۇزلىدى...بۇنداق مىساللارنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.
  ئەلۋەتتە جىنايەت مەلۇم مىللەتكە خاس نەرسە ئەمەس.دۇنيادىكى ھەر قانداق مىللەتتە،ھەر قانداق جەمىيەتتە جىنايەت مەۋجۇت.بىراق مەلۇم مىللەت مەلۇم رايۇندىكى كىشىلەرنىڭ جىنايەت ئەھۋالىغا،جىنايەت خارەكتىرىگە ۋە جىنايەت ساپاسىغا قاراپ شۇ مىللەتكە باھا بەرگىلى بولىدۇ.قىممەت قارىشىغا،ئەخلاقىغا جۈملىدىن كەلگۈسىگە مەلۇم نۇقتىدىن باھا بەرگىلى بولىدۇ.شۇڭا ئەڭ ئېچىنىشلىقى يوقۇرقىدەك رەزىل جىنايەتلەرنى سادىر قىلىۋاتقانلارنىڭ تارىختا مەدەنىيەت ياراتقان،مۇكەممەل ئېتىقادى ۋە ئەخلاقىي  قاراشلىرى بار بولغان،مەرىپەتلىك مۇسۇلمان مىللەتنىڭ زامانىمىزدىكى كىشىلىرى بولۇپ قالغانلىقىدىندۇر.گەرچە بۇلار كۆپ ساندا بولمىسىمۇ مەدەنىيەت،ئېتىقاد،ئەنئەنە ۋە قىممەت قارىشىمىزنىڭ بۇزۇلۋاتقانلىقىنىڭ سىگنالىدۇر.ئەشۇنداق رەزىل جىنايەتلەر ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرنىڭ قىممەت قارىشى،مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىلىرىگە سۈرتۈلگەن قارىدۇر.
  دېمەك ئىنسان ئىدىيەدە ئازغۇنلىشىپ روھى مەينەتلەشكەندە ھەممە تۇيۇق يوللارغا مېڭىش مۇمكىن.بۇ چاغدا ئەنئەنە ۋە ئەخلاق ئۆلچەملىرىمۇ،ئەجدادلىرىنىڭ قىممەت قاراشلىرىمۇ،دۆلەتنىڭ قانۇن بەلگىمىلىرىمۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئەھمىيتىنى يوقىتىدۇ.ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.




  مارشال:سىز قانۇن ساھاسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان چاغلاردا بىز ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قايسى جىنايەت ھەممىدىن كۆپ كۆرۈلگەن؟مۇشۇ جىنايى قىلمىشلارنىڭ كېلىپ چىقىش يىلتىزىنى سىز كۆرگەن رېئال دۇنيادىكى قايسى سەۋەبلەردىن ئىزدەپ تاپقىلى بولىدۇ؟



  تۇنىياز ئوسمان:مەن ئەينى يىللىرى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىس 1-سوتتا قاراپ چىققان ئۇيغۇلارنىڭ جىنايى دېلۇلىرى ئۈستىدىن كۆزىتىش ئېلىپ بېرىپ،قايسى خىلدىكى دېلۇلارنىڭ ئەڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى ئىگىلەپ باققان ئىدىم.كۆزىتىش نەتىجىسى ئىنتايىن ئەپسۇسلىنارلىق بىر نەتىجىنى كۆرسەتتى:
  يەنى جىنايى دېلۇلار ئىچىدىكى ئەڭ كۆپى قاتىللىق دېلۇسى بولۇپ چىقتى.شۇ چاغدا بۇ ئەھۋاللارغا ئېچىنىپ‹‹بىھۇدە تۆكۈلگەن قانلار››ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتنى يېزىپ چىقتىم ھەمدە تەڭرىتاغ ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ئىدىم.قاتىللىقتىن قالسا ئوغرىلىق،زەخمىلەندۈرۈش،بۇلاڭچىلىق،باسقۇنچىلىق دېلۇلىرى كۆپ ئىدى.ئەمدى پۈتۈن ۋىلايەت بويىنچە ناھىيلىك سوتلارنىڭ ئىشلىگەنلىرىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا ئەڭ كۆپى زەخمىلەندۈرۈش،ئوغرىلىق،بۇلاڭچىلىق،باسقۇنچىلىق دېلۇلىرى ئىدى.
   مەيلى قاتىللىق بولسۇن ياكى بۇلاڭچىلىق،باسقۇنچىلىق،زەخمىلەندۈرۈش دېلۇلىرى بولسۇن مۇتلەق كۆپ قىسمى ھاراق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ چىقاتتى،ئاز بىر قىسمى ئەرزىمەس ئۇششاق ئىشلار بولۇپ چىقىشاتتى.
     ئادەتتە جىنايى ئىشلار نەزەرىيىسى بويىنچە ئېيتقاندا مۇئەييەن جىنايەتتە چوقۇمكى مەقسەت ۋە مۇدىئا بولغان بولىدۇ،ئەمما ئۇيغۇر جىنايەتچىلەرنىڭ ھېچقانداق نەزەرىيىگە چۈشمەيتى.مەقسەت-مۇدىئاسىنى ئېنىقلىغىلى بولمايتى.بىر قارىسا كاللىسىدا مەسىلە باردەك تۇيۇلاتتى،كاللىسىدا مەسىلە بارمىكىن دېسەن بۇنداق كىشىلەرنىڭ كۆپلىگى ئادەمنى  ھەيران قالدۇراتتى.بىر قىسىم قاتىللىق دېلۇسىنىڭ قۇربانلىرى جىنايەتچى بىلەن ئۆچ ئاداۋىتى يوق.ھەتتا كۆرۈپمۇ بېقىشمىغا كىشىلەر بولۇپ چىقاتتى.خېلى كۆپ قىسمى يېقىن ئاغىنىلىرى،ھاراق ئۈلپەتلىرى بولۇپ چىقاتتى.شۇڭا ئۇيغۇر جەمىيتى قورقۇنىچلىق بىر روھىي كېسەلگە مۇپتىلا بولغاندەكمۇ تۇيۇلاتتى،شۇ يىللىرى خىيالىمغا ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ پىخسىكىسى ئۈستىدە روھىي ئانالىز تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىش پىلانىمۇ كەلگەن ئىدى،ئەمما ئىشلارنىڭ كېيىنكى تەرەقىياتى بۇ پىلانىمنى بىتچىت قىلىۋەتتى.
    جىنايەت ئۇسۇلىنىڭ ئادىللىقى سەۋەب بولغان ئىشنىڭ شۇنچىلىك ئەرزىمەس ئىش بولۇپ چىقتى،جىنايەتتىكى ئۇسۇلنىڭ ۋەھسىيلىكى،ئاشۇ ۋەھشى تەلۋىلەرنىڭ سوتتىكى بىچارىلىكى،گەپ-سۆزدىكى نادانلىقى،ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ ئادەمنىڭ ئىچىنى سىرىۋەتكۈدەك دەرىجىدە بىچارە،ھالسىز،چارىسىز ھالەتلىرى ئامدانى ئويغا ساللاتتى.ئېچىندۇراتتى.
   ئۈچتۇرپانننىڭ بىر يېزىسىدا بىرسى ھاراق ئىچىپ مەس بولغاندىن كېيىن بېلىق سانجىيدىغان ئۇچلۇق تۆمۈرنى ئالدىغا تۇتۇپ كۆزىنى يۇمۇپ يۈگۈرۈپ مېڭىپ يولدا جىم كىتىۋاتقان بىرسىگە تىقىۋىتىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان دېلۇ يۈز بەرگەن ئىدى.يەنە بىرسىنىڭ مەس بولۇپ بىر ھويلىغا كىرىپ سەينادا ئېرىنىڭ قوينىدا ياتقان بىر ئايالنىڭ پۇتىنى تارتىپ پىچاق يەپ ئۆلگەن ۋەقەسىمۇ بولغان ئىدى.
    دېمەك مۇشۇنداق ئەرسىمەس قان تۆكۈشلەر ،ئەرزىمەس دېلۇلار نۇرغۇن ئائىلەرنى ۋەيران قىلىپ،يېتىم-يېسىرلارنى ئاۋۇتۇپ ئۇيغۇر جەمىيتىنى ئىچكى زىدىيەتلەرنىڭ ئوچىقىغا ئايلاندۇرۇپ قوياي دېگەن ئىدى.
     ئۇيغۇر جەمىيتىدىكى جىنايەتلەرنىڭ يىلتىزىنى ئىزدەشتە بولۇدىغان سەۋەبلەر كۆپ خىل ۋە مۇرەككەپ بولسىمۇ تۆۋەندىكىلەرنى نۇقتىلىق كۆرسىتىشكە بولىدۇ:

      1.مائارىپسىز،تەربىيەسىز قېلىشتىن پەيدا بولغان نادانلىق.
      2.نامراتلىق.
      3.ئۆز يىلتىزىدىن،ئۇيغۇر قىممەت قارىشىدىن يىراقلاشقان تەربىيە
      4.ئەمەلىيەتتىكى باراۋەرسىزلىك پەيدا قىلغان چۈشكۈنلۈك،ئۈمىدسىزلىك.
      5.ئەخلاق ۋە ئادىمىيلىك چۈشەنچىلىرىنىڭ يىمرىلىشى.
      6.مىللىي مەدەنىيەت،مىللىي قەدرىيەت ۋە ئېتىقادتىكى ياتلىشىش.
      7.قانۇن ئېڭىنىڭ تۆۋەن بولۇشى.
      بەلكى يەنە نۇرغۇن سەۋەبلەر بولۇشى مۇمكىن.يۇقۇردىكى سەۋەبلەر بىر-بىرىگە باغلىنىشلىق بولۇپ بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.بىر-بىرىنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ.



    مارشال:بىز ئۇيغۇرلار قانۇنغا نىسبەتەن قانداق پوزىتسىيەدە بولۇشىمىز كېرەك؟ئەخلاق بىلەن قانۇننىڭ مۇناسىۋىتى توغۇرلۇق چۈشەنچىڭىزنى ئاڭلاپ باققان بولسام؟


    تۇنىياز ئوسمان:قانۇن ئۇيغۇرلارغا ناتۇنۇش نەرسە ئەمەس.ئۇيغۇر(تۈرك)ئىدىلوگىيىسىدىن ھاكىمىيەتچىلىك قارىشى ۋە قانۇن ئىدىيىسى ئوتتۇرا ئەسىردىلا پارلاق بىر پەللىنى ياراتقان.قەدىمقى گىرتسىيىدە مىلادىدىن بۇرۇنلا ئىنسانلار باراۋەرلىگى ئىدىيىسى ئوتتۇرغا چىققان بولسىمۇ ئەمما ھاكىمىيەتچىلىك ئىدىيىسىگە ئايلىنالمىغان.مىلادىدىن كېيىنكى ئىسلامىيەت دەۋردە ئىسلامى قانۇندىكى باراۋەرلىك،ئادىللىق پىرىنسىپلىرى ئىنسانىيەت جەمىيتىگە غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن.ئۇيغۇر(تۈرك)ئېدىلوگىيىسىدىكى دۆلەتچىلىك،ئادىللىق قاراشلىرى قاراخانىيلار دەۋرىدە ئىسلامىيەت ئىدىيىسى بىلەن يوغۇرۇلۇپ يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ،دۆلەتنى قانۇن بىلەن باشقۇرۇش،قانۇن ئالدىدا باراۋەر بولۇش ئىدىيىسى-مۇھىم ھۆكۈمرانلىق دەستۇرىغا ۋە ھاكىيەتچىلىك قارىشىغا ئايلانغان.بىر بۈيۈك ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ‹‹قۇداد غۇبىلىك››ناملىق شاھانە ئەسىرىگە قارايدىغان بولساق دۆلەتنى قانۇن بويىنچە ئىدارە قىلىش،قانۇن ئالدىدا باراۋەر بولۇش ئىدىيىسىنىڭ ناھايىتى روشەن بايان قىلىنغانلىقىنى بايقايمىز.ئارىدىن 7ئەسىر ئۆتكەندە غەرپ مۇتەپەككۈرلىرى بۇ شوئارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ بۇرژۇئا ئىنقىلاۋىغا ئاساس سالدى،1689-يىلى 10-ئايدا ئەنگىلىيەدە‹‹ھوقۇق -قانۇن لاھىيسى››ماقۇللىنىش،1776-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى ئامىركىدا ‹‹مۇستەققىلىق خىتابنامىسى››ئېلان قىلىنىشى،1789-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى فىرانسىيەدە ‹‹كىشىك ھوقۇق خىتابنامىسى››نىڭ ماقۇللىنىشى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئوتتۇرغا قويغان ئىدىيىلەر ھازىرقى زامان قانۇن-تۈزۈملەرىنىڭ مۇھىم پىرىنسىپىغا ئايلاندى.1948-يىلى12-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى ‹‹دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى››،1966-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى ‹‹پۇقرالارنىڭ ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇق خەلقئارالىق ئەھدىنامىسى››نىڭ ماقۇللىنىشى بىلەن يۇقۇرقى ئىدىيە يەنە پۈتۈن دۇنيا تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىپ،ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قانۇنلىرىغا كىرگۈزۈلدى.
    ئەپسۇسكى ئەينى چاغدىدكى شۇنچىلىك بۈيۈك ئىدىيەنىڭ ساھىبى بولغان ئۇيغۇر(تۈرك)خەلقىنىڭ ئەۋلادلىرى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئەجدادلىرىنىڭ قانۇن ئىدىيىسىنى چۈشەنگۈدەك،ھاكىمىيەتچىلىك قاراشلىرىغا ساھىپ چىققۇدەك ئەقىل-ئىدراك ۋە ئىقتىداردىن مەھرۇم قالدى.شۇڭا قانۇنغا قانداق مۇئامىلە قىلىش مەسىلسى ھەققىدە سۆز ئېھتىياجى تۇغۇلۇپ تۇرۇپتۇ.
   قانۇن ئادەتتە ھۆكۈمران سىنىپنىڭ ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈردىغان،دۆلەتنىڭ زورلۇق كۈچى بىلەن يولغا قويۇلىدىغان قانۇن-قائىدىلەرنىڭ يىغىندىسى كۆرسىتىدۇ.بۇنىڭدىن قانۇننىڭ خارەكتىرى ۋە ماھىيتىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
    مېنىڭچە قانۇن ھۆكۈمران سىياسىي كۈچنىڭ ئىرادسى بويىنچە تۈزۈلىدىغان،شۇ خىل ئىرادىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان،ئەشۇ سىياسىي ئىرادە ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان دۆلەت ماشىنسى.دۆلەت قانۇن تۈزۈگەندەك خەلقئارالىق قائىدە ۋە ھازىرقى زامان قانۇنچىلىقىنىڭ تەلىۋى بويىنچە باراۋەرلىكنى ئېتىراپ قىلىدۇ،ھوقۇق مەجبۇرىيەتنى بېكىتىدۇ.مىللەتلەرنىڭ سىياسىي مەدەنىيەت،تۇرمۇش،مائارىپ،ئېتىقاد تەرەپلەردىكى مەسىللىرىگە چېتىشلىق ھەق-ھوقۇقلىرىنى بېكىتىپ چىقىدۇ.بۇلار ئەمەلىيەتتە دۆلەتنىڭ مىلەتلەرگە ۋە پۇقرالارغا بەرگەن ۋەدىسى ھېسابلىنىدۇ.شۇڭا قانۇن پۇقرالار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھەركىتىنى توغرا ۋە قانۇنى يۆلىنىشتە ئېلىپ ماڭىدىغان قوللانما بولۇپلا قالماي تېخىمۇ مۇھىمى ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداشتىكى كۈچلۈك قورالدۇر.
    ئۇيغۇرلىرىمىز بۇ قورالدىن پايدىلىنىشنى بىلسە،سىياسىي ۋە ئىجتىماھىي ئىشلاردا ياخشى پايدىلانسا نۇرغۇن ئىشلار ياخشى بولۇشى مۇمكىن.ئەلۋەتتە قانۇن قىلىپ بېكىتىش ئەمەلىيەتتە شۇنداق ئىجرا قىلىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ.قانۇنغا كىرگۈزۈلگەن ھەق-ھوقۇقلار ھەق-ھوقۇقنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ.بولۇپمۇ قانۇننىڭ نۇپۇزى ھەققىدىكى تىكلەنمىگەن ئەللەردە دۆلەتنىڭ قانۇن سۈپىتىدە تۈزگەن بەلگۈمىلىرى،بەرگەن ۋەدىلىرى ئۇنداق ئاسان ئىشقا ئاشمايدۇ.شۇڭا پۇقرالىرىمىز قانۇننى بىلىش بىلەنلا قالماي قوغداشقا ئېرىشەلمىگەن،ئەمىللەشمىگەن ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا جاسارەت كۆرسىتىشى،ئادالەتسىزلىك،ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغاندا قانۇن قورالىغا مۇراجەت قىلىشى،قانۇن بەلگىمىلىرىنى ئىجرا قىلغۇزۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش كېرەك.
   قانۇن بىلەن ئەخلاق ھەم زىچ مۇناسىۋەتلىك ھەم پەرقلىق دېيىشكە بولىدۇ.ئادەتتە جەمىيەتتىكى ھۆكۈمران سىياسىي كۈچنىڭ ئەخلاق چۈشەنچىلىرى قانۇندا قۇبۇل قىلىنىپ قانۇن تۈسىگە كىرىدۇ.ھەر قايسى مىللەت ۋە خەلقلەرنىڭ ئەخلاقى چۈشەنچىلىرى پەرقلىق بولسىمۇ بىر قىسىم ئورتاقلىقمۇ بولىدۇ.
    ئەخلاق ئىنسانلارنىڭ ئۆزى تەۋە چەمبىرىكى ۋە قىممەت قارىشى نۇقتىسىدىن نېمىنىڭ خاتا،نېمىنىڭ توغرا،نېمىنىڭ ياخشى،نېمىنىڭ رەزىل ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتىكى بىرخىل ئۆلچەمدۇر.
     ئەخلاق مەلۇم ھەركەتنىڭ توغرا-خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلسا قانۇن ئۇنىڭ قانۇنلۇق ياكى قانۇنسىز ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىدۇ.قانۇن مەجبۇرلاشنى ئاساس قىلسا،ئەخلاق ئىچكى مايىللىقىنى ئاساس قىلىدۇ.قانۇن جازالاش ،چەكلەش جەھەتتە رول ئوينىسا ئەخلاق يېتەكلەش جەھەتتە رول ئوينايدۇ.ئەخلاقنىڭ رولى كەڭ دائىرىلىك،قانۇننىڭ رولى تار دائىرىلىك بولىدۇ.بىر دۆلەتنى ياكى جەمىيەتنى ئىدارە قىلىشتا ئەخلاقنىڭ رولى قانۇننى بېسىپ چۈشىدۇ،قانۇنغا خىلاپ ئىشلار ھۆكۈمران سىياسىي كۈچنىڭ ئەخلاقىغا خىلاپ دەپ قارىلدىغانلىقى ئۈچۈن،مۇبادا ئەخلاققا خىلاپ ئىش يۈز بەرمىسە شۇ جەمىيەتتە قانۇنغا خىلاپ ئىشلار بولمىغان بولىدۇ.جەمىيەت مەدەنىيلىككە،خاتىرجەملىككە يۈزلىنىدۇ.
    شۇڭا ئېيىش كېرەككى قانۇن ئەخلاقنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ،ئەخلاك ئوينىغان رولنى ئوينىيالمايدۇ.قانۇننى جەمىيەتنىڭ تارزىسى دېسەك ئەخلاق جەمىيەتنىڭ ئۇل تېشىدۇر.بۇ ئۇل تاشنى قوغداپ تۇرىدىغان كۈچ بولسا ئېتىقاتتۇر.مۇبادا بىر جەمىيەت ئېتىقاد كىرىزىسىگە پېتىپ قالسا ئەخلاقتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ،ئەخلاق يوقالسا قانۇن تارازىسى قىيسىيدۇ،ئادالەت ۋە ھەققانىيەت گۆرگە كىرىدۇ.جەمىيەت زوراۋان كۈچلەرنىڭ جەننىتىگە،ئاجىزلارنىڭ جەھەننىمىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.ئەخلاق كىرىزىسى جەمىيەتلىشىپ كەتسە ئىنسانلار ياۋۇزلۇقتا ۋەھشىيلىكتە ھەر قانداق ھايۋاندىن ئېشىپ چۈشىدىغان لەنەتىتەككۈر مەخلۇقاتقا ئايلىنىدۇ.بۇ چاغدا قانۇن ھېچنىمىگە ئەرزىمەس بىر نەرسە بولۇپ قالىدۇ.‹‹دۆلىتمىزدە كەم بولۇۋاتقىنى قانۇن ئەمەس،ئەخلاق››دېگەن سۆز مۇشۇنداق رېئاللىقتىن چىققان بولسا كېرەك.




   مارشال:ھازىر ئۇيغۇر جەمىيتى ئۇچراۋاتقان كىرزس ھەمدە بۇنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا قاراشلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقسام بولامدۇ؟



    تۇنىياز ئوسمان:نۆۋەتتە ئۇيغۇر جەمىيتى ئېغىر كىرزس ۋە خىرىس ئىچىدە تۇراۇۋاتىدۇ.كىرزس ۋە خىرىسنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى ئىلگىركى ھەر قانداق دەۋرنى بېسىپ چۈشىۋاتىدۇ.ئانا تىل،مىللىي مەدەنىيەت،ئەنئەنە ھەتتا مەۋجۇتلۇقمۇ خىرىسقا ئۇچراۋاتىدۇ.ئېتىقاد جەھەتتىن باشلانغان كىرزس ئەخلاقنىڭ ئېغىر بۇزۇلۇپ ئەخلاقسىزلىقنىڭ جەمىيەتلىشىشى،مەدەنىيەتنىڭ شالغۇتلىشىشى،ئەنئەنىڭ ئېتىۋاردىن قېلىشى،قىممەت قاراشلىرىمىزنىڭ چاك چېكىدىن بۆسۈلىشى،ئادىمىيلىكنىڭ سۇسلىشىشى،ۋىژداننىڭ خىرەلىشى،شەرەپ-نۇمۇس تۇيغۇلىرىنىڭ يوقۇلىشى،مىللىي قەدرىيەتلەرنىڭ سۆيۈلۈشتىنى ئۇزاقلىشى،ئىدىيەنىڭ پارچىلىشى،مال دۇنيا ۋە ھوقۇق ھېرىسمەنلىكىنىڭ باش كۆتۈرىشى...قاتارلىق ئۇيغۇر جەمىيتىنى ھالاكەتكە باشلايدىغان ئىللەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.
   شۇنىڭ بىلەن كىرىزس بارغانچە ئېغىرلىشىپ مىللىي مەۋجۇتلۇقنىڭ يىلتىزىغا پالتا چېپىلماقات.ئەخلاقىي بۇزۇلۇشتىن كېلىپ چىققان بۇزۇقچىلىق،ئەيدىز،زەھەرلىك چېكىملىك قاتارلىق ئاپەتلەر نۇرغۇن ياشلىرىمىزنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن ئەمەس روھىيىتىنىمۇ نابۇت قىلماقتا...ئادەملىرىمىز ماددىي جەھەتتىن ئانچە-مۇنچە ھاللانغاندەك تۇرغىنى بىلەن روھى جەھەتتىن يەنىلا نامرات تۇرماقتا.ھەممىلا ئۇيغۇر تىرىكچىلىك غېمىدە،پۇل تاپقانلىرى قانداق قىلىپ تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىش كويىدا،ئەمەلدارلىرىمىز قانداق قىلىپ بايلىق يىغىش قانداق قىلىپ تېخىمۇ چوڭ ئەمەلگە ئېرىشىش غېمىدە،زىيالىيلارمۇ ئۆز غېمىدە،ھېچكىمنىڭ ئارتۇق ئىشلار بىلەن ئارىلاشقۇسى يوق،ھېچكىمنىڭ پايدا-مەنپەئەت چىقمايدىغان ئىشقا باش قاتۇرغىنى يوق،ھېچكىمنىڭ خوتۇن-باللىرىنىڭ غەملىرىنى قايرىپ قويۇپ بۇنداق ئىجتىماھىي مەسىللەرگە كاللا قاتۇرغۇسى يوق...
   شۇنداق بولغاچقا ئىجتىماھىي مەسىللەرگە باش قاتۇرۇش،تەرەپ-تەرەپتىن يۇپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان كىرزس ۋە خىرىسلار ھەققىدە ئويلىنىش ئىشى ئىنتايىن ئاز ساندىكى بىلىم ئادەملىرىگە ئېشىپ قالغان،پەقەت شۇلارنىڭ ئىشى بولۇپ قالغان،پەقەت شۇلارنىڭ ئىشى بولۇپ قالغان.مانا بۇ خىرىس ۋە كىرزسكە تاقابىل تۇرۇشنىڭ قىيىن تەرىپى.شۇنداقتىمۇ ئالدىنى ئېلىش،تاقابىل تۇرۇش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەنمەي بولمايدۇ.
    مېنىڭچە ئۇيغۇر جەمىيتى دۇچ كېلىۋاتقان كىرزس ۋە خىرىسنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇنداق ئىككى يولى بار.بىرسى،مىللىي قەدرىيەتلەرگە سادىق بولۇپ،ئۆزىمىزنىڭ ئېتىقاد،مەدەنىيەت،تىل ۋە ئەنئەنىلىرىمىزنى قەتئىي ساقلاش،بۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ئىمىنۇت ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇپ،ئىچكى جەھەتتىن تۈگىشىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
   يەنە بىرسى،دۆلەتنىڭ قانۇن-بەلگىمىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ،مىللىي تېرۇتىرىيىلىك ئاپتۇنىمىيە قانۇنىدىكى ۋە باشقا قانۇنلاردىكى ۋەدە قىلغان ھەق-ھوقۇقلارنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرىلىشى ئۈچۈن تىنماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش.مەسىلەن:قانۇندا ئۆز تىلىنى قوللىنىش ھوقۇقى،بىلىش ھوقۇقى،ئەركىنلىك ھوقۇقى،ئەرز قىلىش پاش قىلىش ھوقۇقى،جامائەت پىكرى ھوقۇقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق،پاسپۇرتىغا ئېرىشىش ھوقۇقى ...قاتارلىق مۇھىم ھوقۇقلار ئېتىراپ قىلىنغان،قوغداشقا ۋەدە بېرىلگەن.رېئاللىقتا بۇ ھوقۇقلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش،ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق ۋە جاسارەت كۆرسىتىشكە،دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي بۇ ھوقۇقلارنى تارتىۋىلىنغان،دۆلەت قانۇنىنى بۇزۇۋاتقان،توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان بىر قىسىم سول چىل كۈچلەر بىلەن قانۇنى يۇسۇندا كۆرەش قىلىشقا ھەتتا بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن قانۇنى بىلىم،ساپا كېرەك بولىدۇ.سۇنماس روھ ۋە جاسارەت كېرەك بولىدۇ.
  ئەگەر بىر مىللەت كىشىلىرى ئۆزىنىڭ قانۇندا بېكىتكەن بولسىمۇ ئەمەلگە ئاشمايۋاتقان ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىشنى بىلمىسە،جاسارەت كۆرسىتەلمىسە،بەدەل تۆلەشتىن قېچىپ بېشىنى ئىچىگە تىقىۋىلىپ گاس،گاچا،قارىغۇ بولۇۋالسا،ھەق-ھوقۇق ئۈچۈن گەپ قىلغان ئادەملىرىنى يېتىم قالدۇرۇپ كەينىنى قىلىپ تۇرۇۋالسا بۇنداق مىللەتنى چوقۇم نەس باسىدۇ.خىرىس ۋە كىرزس دولقۇنلرى ئىچىدە غەرق بولىدۇ.


    مارشال:تور ئارقىلىق قانۇن يولىغا تايىنىپ تۇرۇپ،جەمىيەتتىكى ناتوغرا ئىشلارنى تۈزەش ئىشىغا قانداق قارايسىز؟


   تۇنىياز ئوسمان:جەمىيەتتىكى بىر قىسىم ناتوغرا ئىشلار ئۈستىدىن توردا جامائەت پىكرى توپلاش ئەلۋەتتە جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكىگە كىرىدۇ.دۆلىتىمىز قانۇنلىرىدا جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكى ئېتىراپ قىلىنغان ھە، يول قۇيىلىدۇ.ئۇ بىر تەرەپتىن ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنى ئۇچۇر ۋە ماتىريال بىلەن تەمىنلەپ بېرىدۇ.ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە قولايلىق يارىتىپ بەرسە،يەنە بىر تەرەپتىن جامائەت پىكرى ئارقىلىق مۇئەييەن بېسىم شەكىللەندۈرۈپ ئالاقىدار ئىشلارنىڭ ھەل قىلىنىشىغا،خاتا ئىشلارنىڭ تۈزىلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.دۆلىتىمىزدە ھازىرغىچە پاش بولغان زور چىرىكلىك دېلۇلىرىنىڭ ئاۋال توردا پاش قىلىنىپ،ئاندىن ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈش تەرتىۋىگە كىرىشى جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكىنىڭ يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىنى،ئۇنىڭ ئاللىقاچان توسقىلى بولمايدىغان زور ئېقىمغا ئايلانغانلىقى،ئۇنىڭ رولىنى سەل چاغلاشقا بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ تۇرۇپتۇ.
     يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇر تور بەتلىرىمۇ جامائەت پىكرى توپلاش جەھەتتە خېلى ئوبدانلا ئىلگىرلەش كۆرۈلدى.<<بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاھۇزارى>>،<<بايدىكى بىر دېھقاننىڭ  ئەرزى>>،<<ئانا تىل يەسلىسى قۇرۇش يولىدا>>قاتالرىق تېمىلاردا يوللانغان مەسىللەرگە ناھايىتى تېزلا جامائەت پىكرى شەكىللەندى،كۆرۈلۈش سانى ۋە يېزىلغان ئىنكاس شىددەت بىلەن ئۆرلەپ ئۇيغۇر جامائەت پىكرىنىڭ يۇقۇرى پەللىسى يارىتىلدى.تورداشلارنىڭ ئىجتىماھىي مەسىللەرگە كۆڭۈل بۆلۈش،ناتوغرا ئىشلارغا دىققەت قىلىش قىزغىنلىقى ھەقىقەتەن ئادەمنى سۆيۈندۈرىدۇ.ئەمما شۇنچىلىك كۆپ جامائەت دىققەت قىلىۋاتقان،كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىللەرگە ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ تۇتقان پەرۋاسىز مۇئامىلىسى،تەنقىدكە توغرا قارىيالماسلىقى،مەسىلىنى ھەل قىلىش يولىنى تۇتماي تېمىنى ئۆچۈرۈشكە ۋە تېما يوللۇغۇچىنى ئەدەپلەشكە كۈچەپ كېتىشى ئادەمنى ئىنتايىن ئەپسۇسلاندۇرىدۇ،ھەتتا غەزەپلەندۇرىدۇ،ئۇيغۇرلار تاشلىۋىتىلگەن مىللەتتەك،ئۇنتۇلغان مىللەتتەك،ئېگىسىز قالغاندەك...تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ.
     تېخىمۇ كاللىدىن ئۆتمەيدىغىنى خەنسۇچە مۇنبەرلەردىن تەرجىمە قىلىنپ يوللانغان تېمىلار ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە ناھايىتى تېزلا ئۆچۈرۈلىۋاتىدۇ.مەسىلەن:بوزقىر تەرجىمە قىلغان <<قەشقەردىكى قىيىن تېمىلار>>،يەنە بىر تورداش يوللىغان <<يېرىم ئەسىر پىنھان تۇتۇلغان مەخپىي كېلىشىم>>قاتارلىق تېمىلار ئۇيغۇرچە مۇنبەردىن تېزلا تازلاندى،ئەمما خەنسۇچە تورلاردىن ئۆچۈرۈلمىدى.بۇ تورنى قوش ئۆلچەم بوينچە باشقۇرۇش بولماي نېمە؟
     جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ بىلىش ھوقۇقى جەھەتتىكى باراۋەرلىكىنى ئىنكار قىلغانلىق بولماي نېمە؟دۆلەت قانۇنىنىڭ پۈتۈنلۈكىنى بۇزۇش بولماي نېمە؟
    خەنسۇچە مۇنبەردىكى جامائەت پىكرى بىلەن ئۇيغۇرچە مۇنبەردىكى قامائەت پىكرىگە قىلىنۋاتقان ئىككى خىل مۇئامىلە،ئىككى خىل ئۆلچەم،ئىككى خىل بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ئادەمنى ئويغا سالسىمۇ،ئەپسۇسلاندۇرسىمۇ تورنىڭ رولىغا سەل قارىيالمايمىز.توردىن ۋاز كېچەلمەيمىز.بۇ جەھەتتىكى ئىشلار ئاستا-ئاستا ئىزىغا چۈشىشى مۇمكىن.<<ئانا تىل يەسلىسى قۇرۇش يولىدا>>دېگەن تېمىدىكى مەسىلىنىڭ ئۇزاق سۈكۈت ۋە ئەگرى -توقايلىقتىن كېيىن ھەل بولغانلىقى ياخشى بىر ئىشارەت بولسا كېرەك.
      مەن مۇنبەرگە يوللانغان ناتوغرا ئىش ياكى ئىجتىماھىي مەسىللەر ھەققىدىكى تېمىلارغا قارىتا قىسمەن تورداشلارنىڭ قايتۇرغان سەلبىي ئىنكاسلىرىنى كۆرۈپ ئويلىنىپ قالىمەن،ئەپسۇسلىنىمەن.ئاشۇ تورداشلار دەيدۇكى:
   تور ھال ئېيتىدىغان تەر ئەمەس،تور قاقشاپ دەرت تۆكىدىغان يەر ئەمەس،سىز بۇ يەردە ھال ئېيتماي ئەرزىيەت ئىدارىسىغا بېرىڭ،پالانى باشلىققا خەت يېزىڭ...
    ئۇنداقتا ئەشۇلاردىن سوراپ باقساق:سىزنىڭچە تور نېمە قىلدىغان سورۇن؟ناخشا ئاڭلايدىغانمۇ؟كىنۇ كۆردىغانمۇ؟قوشاق يوللايدىغانمۇ؟ئۇيغۇرنىڭ توردىن باشقا ھال ئېيتىپ دەرت تۆكەلەيدىغان،شىكايەت قىلالايدىغان سورۇنى،گېزىتى،ژۇرنىلى بارمۇ؟ئۇۋالچىلىق تارتسا،ئادالەتسىزلىكە ئۇچرىسا ئاۋازنى جامائەتچىلىككە ئاڭلىتىدىغان توردىن باشقا تاراتقۇسى بارمۇ؟
     دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ قىسمەن يەرلىك سىياسەتلەر ئۈستىدىن،بىر قىسىم چىرىك،زوراۋان ئەمەلدارلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدىن دات-پەريات كۆتۈرىدىغان،ئەشۇنداق قىلمىشلارنى ئاشكارلايدىغان توردىن باشقا سەھنىسى بارمۇ؟؟؟
     ئەلۋەتتە تور ۋە تورداشلار بۇ ئىشلارنى بىۋاستە ھەل قىلالمايدۇ،ئەمما جامائەت پىكرى توپلاپ،ئالاقىدار ئورۇن ۋە تارماقلارغا بېسىم پەيدا قىلالايدۇ.ھېچ بولمىغاندا ئاشۇنداق ناتوغرا ۋە ئىجتىھاھىي مەسىللەرنى خەلقى ئالەمگە يايالايدۇ.
   شۇڭا،ناتوغرا ئىشلار ۋە ئىجتىماھىي مەسىللەر ھەققىدىكى تېمىلارغا سوغۇق سۇ سەپمەي،ھېسىداشلىق قىلىش،قوللاش ۋە مەسىلىنىڭ ھەل بولۇشى ئۈچۈن جامائەت پىكرى ھاسىل قىلىش بىزنىڭ ئىنسانىي مەجبۇرىيىتىمىزدۇر.بۇخىل تېما يوللىغۇچىلارمۇ گەپ -سۆزىنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن بولۇشىغا،پاكىتنىڭ چوقۇم راست بولۇشىغا،دەلىل-ئىسپات ۋە قانۇنى ئاساسىنىڭ تۇلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.توپلىنۋاتقان جامائەت پىكرىنىڭ يۆنۈلىشى قانۇنغا زىت بولماسلىقى،ئىنكاس مەزمۇنى قانۇندىن چەتنىمەسلىكى،پىكىر ئىزچىللىقىنى ساقلىشى كېرەك.مۇشۇنداق بولغاندا جامائەت پىكرىنىڭ ئۈنۈمى بولۇشى مۇمكىن.



   مارشال:تور ئارقىلىق ئىجتىماھىي مەسىللەرنى مۇلاھىزە قىلىش ھەمدە ھەل قىلىش ئىشىدا تور ئابۇنتلىرى يەنە قانداق قانۇنى بىلىملەرنى ئۆگەنسە ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى تېخىمۇ تەرەقىي قىلىپ ماڭالايدۇ؟


     تۇنىياز ئوسمان:مېنىڭچە ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنىڭ تېخىمۇ تەرەقىي قىلىشى تورداشلارنىڭ قانۇنى بىلىملەرنى ئۆگىنىش بىلەنلا ھەل بولىدىغان مەسىلە ئەمەس.ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ تەرەقىي قىلىشى ئالدى بىلەن ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قوللىشى،تور باشقۇرۇش ئۆلچىمى،تەنقىدكە ۋە پاش قىلىنىشقا تۇتقان پوزىتسىيىسى،سىياسىي سەزگۈرلۈك ئېشىپ كېتىش كېلسىلىدىن قۇتۇلۇش-قۇتۇلالماسلىقى قاتارلىق ئامىللارغا باغلىق.
     مۇنداقچە ئېيتقاندا جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكىنىڭ قۇيۇۋىتىش دەرىجىسى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تۇتقان پوزىتسىيىسىگە باغلىق.ئۇنىڭدىن قالسا ئاندىن تورداشلارنىڭ قانۇنى ۋە ساپاسىغا باغلىق.
      تورداشلىرىمىز قانۇنى بىلىملەرنى ئوبدان ئۆگىنىپ،مەسىللەرنى قانۇنغا چۈشۈرۈپ تۇرۇپ مۇلاھىزە قىلغاندا قانۇندىكى بەلگىمىلەردىن ياخشى پايدىلانغاندا بىر تەرەپتىن مۇنبەرنىڭ تەرەقىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى،يەنە بىر تەرەپتىن قانۇن-سىياسەتكە زىت گەپ سۆزلەرنىڭ ئوتتۇرغا چىقىپ مۇنبەرنىڭ تاقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتەك ئاقىۋەتتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.شۇڭا تورداشلار ئاساسى قانۇن،ئاپتۇنىمىيە قانۇنى،جىنايى ئىشلار قانۇنى،ھەق-تەلەپ قانۇنى قاتارلىق چوڭ قانۇنلارنى ئۆگەنگەننىڭ سىرتىدا تەرتىپ قانۇنلاردىن:مائارىپ،تىل-يېزىق،مەدەنىيەت،ئەمگەك قاتارلىق مەسىللەرگە چېتىلىدىغان قانۇن بەلگىمىلىردىن شۇنداقلا دۆلىتىمىز ئىمزا قويغان خەلقئارالىق مۇھىم ھۆججەت ۋە ئەھدىنامىلەرنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن خەۋەردار بولۇشى كېرەك.بۇنىڭ بىلەن جامائەت پىكرىنىڭ قانۇنلۇق ھەم ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ،ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنىڭ تەرەقىياتىغا كۈچ قوشقىلى بولىدۇ.


    مارشال:سىز ئۇزۇن مەرگىل جەنۇپتا خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىرى،سىزدىن يەنە سورىغىم كېلىۋاتىدۇ جەنۇپ دېھقانلىرى ئارىسىدا قانداق كەمچىللىك بار؟ئۇلار دۆلىتىمىزنىڭ پۇقرالارغا بەرگەن ھوقۇق-مەنپەتىنى ھەقىقىي ئىشلىتىش ئۈچۈن قانداق قىلىشى كېرەك؟


   تۇنىياز ئوسمان:ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەممىمىزدە كەمچىللىك ھەم ئاجىزلىقلار بار.مىللىتىمىزنىڭ ئاساسى ئۇمۇرقىسىنى شەكىللەندۈردىغان جەنۇبىي شىنجاڭ دېھقانلىرى ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.
    ئەمما،تۈرلۈك سىياسىي،تارىخى ۋە ئىجتىمائىي سەۋەبلەرگە كۆرە بىر قىسىم ئىللەت ۋە ئاجىزلىقلار كۆپۈيۈپ جەنۇپ دېھقانلىرى ئارىسىدا ئومۇمى بىر ئەھۋالغا ئايلانغان.
     مېنىڭ كۆزىتىشىمگە كۆرە جەنۇپ يېزىلىرىدا نادانلىق،خۇراپاتلىق،يۇرتۋازلىق،ساۋاتسىزلىق،نامراتلىق ئەھۋاللىرى ھېلىھەم خېلىلا ئېغىر.دېھقانلىرىمىزدا بىلىمگە ئىنتىلمەسلىك،مائارىپقا قىزىقماسلىق،شەخسىيەتچىلىك،ئۆز ئارا پېتىشماسلىق،ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن تىرىشماي ھەممىنى تەقدىرگە باغلاپ ئولتۇرۇش،جۈرئەتسىزلىك،دوست-دۈشمەننى ئايرىيالماسلىق،توغرا-خاتانى بىلمەسلىك،روھى جەھەتتىكى چۈشكۈنلۈك،ئۈمىدسىزلىك،ھاراقكەشلىك،قىمارۋازلىق،پاھىشۋازلىق قاتارلىق ئىللەتلەر بار.ئۆزىنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكىنى،ئىنساننىڭ قانداق ياشاش كېرەكلىكىنى ھېس قىلىپ يېتەلمەسلىك،ئۆز ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن نېمە قىلىش لازىملىقىنى ھازىرغىچە بىلمەسلىك،زوراۋانلىق ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغاندا قانۇنغا مۇراجەت قىلىشنى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن جاسارەت كۆرسىتىشنى ئۇقماسلىق،ھوقۇقنى چوڭ بىلىش،كادىرنى چوڭ بىلىش،بۇيرۇقنى چوڭ بىلىش دېگەندەك ئاجىزلىقلار ئۇمۇميۈزلۈك مەۋجۇت.قۇلچىلىق ئىدىيىسى جەمىيەتلەشكەن.
     دېھقانلىرىمىز قانۇندىكى ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئەمەلى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئاۋال ئۆزىدىكى ساپانى ئۆستۈرۈش،قانۇن ۋە سىياسەتلەردىن ئوبدانراق خەۋەردار بولۇشى،ئۆزىنىڭ قانۇندىكى مەنپەئەتلىرىنى،ھوقۇقلىرىنى ئەمىللەشتۈرۈش ئۈچۈن جۈرئەت كۆرسىتشى،ئادالەتسىزلىككە،ناھاقچىلىككە ئۇچرىغاندا قانۇنغا مۇراجەت قىلىپ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا ئاتلىنىش كېرەك.بارلىق ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىقتىسادىي ئەھۋالنى ياخشىلاشنىڭ كويىدا بولۇشى كېرەك.



    مارشال:سىز كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭ دېھقانلىرى ئارىسىدىكى پەرق ۋە تەرەقىيات ھەققىدە كۆز-قاراشلىرىڭىزنى ئوتتۇرغا قويۇپ باققان بولسىڭىز؟


      تۇنىياز ئوسمان:مەن ئوقۇش پۈتتۈرۈش پىراكتىكىسى قىلىش ئۈچۈن 1988-يىلى ئەتىيازدىن باشلاپ غۇلجا ناھىيسىنىڭ پەنجىم يېزىسىدا بىر نەچچە ئاي تۇرغان ئىدىم.شۇ جەرياندا ئۇ يەردىكى دېھقانلار بىلەن جەنۇپ دېھقانلىرى ئوتتۇرسىدا ئاڭ-سەۋىيە،مەدەنىيەت،روھىي ھالەت ۋە ساپا جەھەتتە زور پەرق بارلىقىنى ھېس قىلغان ئىدىم.شۇ يىلى ياشلار بايرىمىدا دېھقان ياشلىرىنىڭ چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىپ توپ-توپ بولۇپ بايرام ئۆتكۈزۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ جەنۇپ يېزىلىرىدىكى ياشلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ كەتكەن ئىدۇق.شۇ يىلى پىلىچى جىلغىسىدىكى كەلكۈن مۇداپىيە دامبا قۇرۇلىشىغا يېزىدىكى پۈتۈن ئىدارە-جەمىيەت ئادەملىرى قاتارىدا قاتنىشىپ يېزىلاردىكى ھاشار ئەمگىكىنىڭ شىمالدا ئاساسەن تۈگىكەنلىكىگە شاھىت بولغان ئىدۇق.
      ئەمما بۇخىل ھاشار جەنۇپ يېزىلىرىدا ھازىرغىچە تۈگىگىنى يوق.روھى سۇنۇق،چارىسىز،مۇھتاجلىقتا ئېزىلىپ كەتكەن جەنۇپ دېھقانلىرىنىڭ روھى قىياپىتى ھازىرمۇ شۇن يىللاردىكى غۇلجا دېھقانللىرىغا يەتمەيدىغاندەك ھېس قىلىپ قالىمەن.يرقىنقى يىللاردىن بۇيان ماۇا شىمالىي شىنجاڭ يېزىلىرىغا بېرىپ دېھقانلارنىڭ ئەھۋالىنى،تەرەقىياتىنى كۆزىتىش پۇرسەتلىرى بولمىدى.شۇڭا شىمال بىلەن جەنۇپ دېھقانلىرىنىڭ بۈگۈنكى پەرقى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىشقا ئامالسىزمەن.



    مارشال:سىزنىڭ ئەينى چاغدا يازغان<<دېلۇ قۇرلىرىدىن ئەخلاق كىرزىسمىزگە نەزەر>>ناملىق ماقالىڭىز ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زور تەسىر قوزغاپتىكەن.مۇشۇ پۇرسەتتە سوراپ باققان بولسام،سىز ھازىر خىزمەت ۋاقتىدىن باشقا چاغلاردا قانداق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتىسىز؟


      تۇنىياز ئوسمان:مەن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا شوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ ئىشلەپ يۈرگەن چاغلاردا ئۇيغۇرلۇق مەسئۇلىيىتىنىڭ يېتەكلىشى،پاكىتلارنىڭ قىستىشى،ۋىژدانىمنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قولۇمغا قەلەم ئېلىپ ،<<ئۇزۇنغا سوزۇلغان قىش>>،<<تۇمانلىق دۇنيا>>،<<قارا چارشەنبە>>،<<دىلۇ قۇرلىرىدىن ئەخلاق كىرزسمىزغا نەزەر>>قاتارلىق ئەدەبىي ئاخباراتلارنى يېزىپ ئېلان قىلدىم.
      <<دېلۇ قۇرلىرىدىن ئەخلاق كىرزسىمىزغا نەزەر>>ناملىق ئەدەبىي ئاخبارات جەمىيەتتە تەسىر قوزغاپ،غۇلغۇلىغا سەۋەبچى بولدى.ئەخلاق ۋە ئەنئەنە تەشەببۇس قىلىنغان بۇ ئەسەر بىر قىسىم كىشىلەرگە ياقمىدى.خۇسۇسى مەنپەئەت ۋە ھوقۇق ئۈچۈن ياشايدىغان قىسمەن كىشىلەرگە باشقىلارنى يىقىتىشنىڭ،پۇتلاشنىڭ باھانىسى بولۇپ بەردى.شۇنىڭ بىلەن خىزمەت ئورنۇم ئاۋال پارتكۇمغا،ئاندىن ئوقۇغان كەسپىم بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغان ھازىرقى ئورۇنغا يۆتكەلدى.ماڭا <<خىزمەت ئېھتىياجى ئۈچۈن>>دەپ چۈشەندۈردى.
     ھازىر مەشغۇل بولۇۋاتقان ئىشىم-ھەر كۈنى كەچتە تورغا چىقىپ ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنى ئارىلايمەن.ئىلگىركى خىزمەت جىددىچىلىكىدە ئۇقۇيالمىغان  كىتابلارنى ئوقۇيمەن.داڭلىق فىلىملەرنى تېپىپ كۆرىمەن.كۆپىنچە ۋاقتىم توردا ماتىريال كۆرۈش بىلەن ئۆتىۋاتىدۇ.ئارىلىقتا بوش ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ بىر قىسىم ئەسەرلەرنى يازدىم.ئۇنىڭ ئىچىدىكى <<سادىر يولىدىكى خالتا كوچىلار>>ناملىق ئوبزۇرۇم <<تارىم>>ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى.ئۇنىڭدىن باشقىلىرىنى تۈرلۈك سەۋەبلەر كۆرە ئېلان قىلمىدىم.



      مارشال:بۇنىڭدىن كېيىنكى ئارزۇ-غايىلىرىڭىز،ئىجادىيەت توغۇرلۇق ئىزدىنىشىڭىزنى تولىمۇ بىلگۈم كېلىۋاتىدۇ،بىرەر يىرىك ئەسەر يېزىشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟


      تۇنىياز ئوسمان:ئارزۇ-ئىستەك،غايە ئۈچۈن تىرىشمايدىغان ئىنسان بولمىسا كېرەك.ئەمما غايىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى يالغۇز تىرىشچانلىق بىلەنلا رېئاللىقا ئايلانمايدىكەن.مۇھىت،شارائىت ۋە ئىمكانىيەت ئۇنى چەكلەپ قويدىكەن.شۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئارزۇ-غايىلىرىم ھەققىدە بىر نەرسە دېگۈم يوق.
      ئەمدى ئىجادى ئىزدىنىش ھەققىدە گەپ ئاچساق ئەلۋەتتە مېنىڭ بىر يۈرۈش پىلانلىرىم يوق ئەمەس.ئەمما پىلانىمدىكى نەرسىلەر<<يىرىك ئەسەر>>بولالماسلىقى مۇمكىن.سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتسام مەن يازغۇچى ئەمەس،بەلكى قانۇنچى،گەرچە ئۇ كەسىپنى ھازىر قىلمىساممۇ،مېنىڭچە ئۆزى قىزىقىدىغان،ئۆزى ئەھمىيەتلىك دەپ قارىغان تېمىلاردا بىر نەرسە يېزىپ قالدۇرۇش يازغۇچىنىڭلا ئىشى ئەمەسئبەلكى قەلەم تۇتالايدىغان ھەممىمىزنىڭ ئورتاق ئىشى.قارايدىغان بولساق بىر ئەسىر بۇرۇنقى قەشقەرنىڭ ئەھۋالىنى بىزگە قارىغاندا چەتئەللىكلەر ياخشى يېزىپ قالدۇرغان،ھەتتا قەشقەردىكى كونسۇللارنىڭ خانىملىرىمۇ قەشقەر توغۇرلۇق خاتىرلەرنى يازغان.ئەنە ئەشۇلار يازغۇچى ئەمەس ئىدى...بىز ھازىر قەشقەرنىڭ شۇ چاغدىكى ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن ئەشۇ ئەسەرلەرگە مۇراجەت قىلىشقا مەجبۇرمىز.دېمەكچى بولغىنىم يازغۇچى بولمىساقمۇ ئەھمىيەتلىك نەرسىلەرنى يېزىپ قالدۇرۇش مەدەنىي نورمال ئىشلار جۈملىسدىندۇر.
     پىلانلىرىمنىڭ كونكىرىت مەزمۇنىنى ھازىرچە ئاشكارلىغۇم يوق.




      مارشال:ئەڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ياشلىرىغا دەيدىغان يۈرەك سۆزىڭىزنى ئاڭلاپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ؟



       تۇنىياز ئوسمان:ياشلار مىللەتنىڭ كەلگۈسى،كېلەچىكىمىزنىڭ ئۈمىدى.شۇڭا مەن ياشلىرىمىزنىڭ مىللىي قەدرىيەت،مەدەنىيەت،ئېتىقاد،ئەنئەنىلىرىمىزگە سادىق بولۇپ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئېسىل مەدەنىيىتىمىزنى،ئانا تىلىمىزنى،قىممەت قاراشلىرىمىزنى يەنە بىر ئەۋلاتقا ساق-سالامەت ئۇلاشتۇرىشىنى،ھەر تەرەپتىن كېلىۋاتقان كىرزس ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن دادىل ئىزدىنىپ جاسارەت كۆرسىتىشنى،ئائىلىسىنى ،پەرزەنتلىرىنى ئېتىقاد،ئانا تىل،مىللىي مەدەنىيەت تەربىيسى ئېلىپ باردىغان قورغانغا ئايلاندۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.شۇنداقلا مىللىي كىملىككە،مەدەنىيەتكە جۈملىدىن ئۇيغۇرنىڭ زۆرۈر بولغان ھەممە ئىشىغا ساھىپ چىقسىكەن دەيمەن.
       ئاخىرىدا بۇ سۆھبەتنى ئۇيۇشتۇرۇپ ماڭا سۆز پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن ئىنىم مارشالغا رەھمەت ئېيتىمەن

.


ئەسكەرتىش:مەزكۇر تېما <<مىسرانىم مەشرەپ مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پالىيىتىگە>>قاتناشتۇرۇلغان ئىدى.شۇ تېمىدىكى تېمىنىڭ ھەجمى ۋە سالمىقى بەكلا ئېشىپ كەتكەنلىكى ھەمدە مۇنبەرداشلارنىڭ مەن يوللىغان <<مارشالنىڭ جەنۇپتىكى زىيارەت خاتىرسى>>دېگەن تېمىدىكى سەككىز تېمىنى ئايرىم-ئايرىم تېما شەكلىدە يوللاپ قويۇش توغۇرسىدا تەكلىپ بەردى.مەن شۇ مەقسەتتە،تېمىلارنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا يوللاش قارارىغا كەلدىم.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-11 04:46 AM  


تۇزنى تۆكمە، قىز

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 5695
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36025
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7110 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 10:31:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىس يازمىلىرى بار ئىدى.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

تاماكا چەكمەڭ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 2658
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1976
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 6814 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 01:43:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىلارنىڭ ھەر بىرىنى ئايرىم يوللاپ ياخشى قىپسىز، ئۇ تېما مەزمۇنى بەك كۆپ بولغاچقا ھەتتا مەنمۇ بىر ئايدىن بېرى تولۇق ئوقۇپ بۇلالمايۋاتقان. تۇنىياز ئوسمان ئاكىمىزنىڭ تۈۋەندىكى سۆزلىرىنى ھەر بىر ياش دوپپىسىنى ئالدىغا قويۇپ، زىھنى بىلەن يەنە بىر ئوقۇپ قويسا دېگەن ئۈمىدىم بار.

‹‹ياشلار مىللەتنىڭ كەلگۈسى،كېلەچىكىمىزنىڭ ئۈمىدى.شۇڭا مەن ياشلىرىمىزنىڭ مىللىي قەدرىيەت،مەدەنىيەت،ئېتىقاد،ئەنئەنىلىرىمىزگە سادىق بولۇپ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئېسىل مەدەنىيىتىمىزنى،ئانا تىلىمىزنى،قىممەت قاراشلىرىمىزنى يەنە بىر ئەۋلاتقا ساق-سالامەت ئۇلاشتۇرىشىنى،ھەر تەرەپتىن كېلىۋاتقان كىرزس ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن دادىل ئىزدىنىپ جاسارەت كۆرسىتىشنى،ئائىلىسىنى ،پەرزەنتلىرىنى ئېتىقاد،ئانا تىل،مىللىي مەدەنىيەت تەربىيسى ئېلىپ باردىغان قورغانغا ئايلاندۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.شۇنداقلا مىللىي كىملىككە،مەدەنىيەتكە جۈملىدىن ئۇيغۇرنىڭ زۆرۈر بولغان ھەممە ئىشىغا ساھىپ چىقسىكەن دەيمەن.››

مايماق بولۇر شاخ مەيلىگە قويغاندىن،
يىغا ياخشى ئانا تىلسىز كۈلگەندىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92626
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 152
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2013-3-4
ئاخىرقى: 2013-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 05:29:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىنى ناھايىتى ياخشى تاللاپ يېزىپسىز . لىكىن مىنىڭ كۆڭلىمگە ياقمىغىنى نىمىشقا جەنۇپ-شىمال دەپ يېزىۋىرىسىز؟ كونكىرىت جاينىڭ نامى بىلەن يازسىڭىز بولمامدۇ ؟ بۇنداق دىسىڭىز  كىشىگە ئۇيغۇرلارمۇ خۇددى كورىيە ۋە چاۋشەنگە ئوخشاش جەنۇپ شىمال بولۇپ قارشىلىشىۋاتقاندەك تۇيغۇ بىرىدىكەن .  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20734
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6579
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 129 سائەت
تىزىم: 2010-12-4
ئاخىرقى: 2013-6-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 09:04:06 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئاكىمىزنىڭ مۇبارەك نامى بىلەن 10يىلدىن بۇيان تونۇشلۇقمەن،

بىز ئاتالدۇق بەزمىدە يىگىت،ئاھ، ئاتىلار جەڭلەردە شېھىت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20734
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6579
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 129 سائەت
تىزىم: 2010-12-4
ئاخىرقى: 2013-6-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 09:06:59 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئاكىمىزنىڭ مۇبارەك نامى بىلەن 10يىلدىن بۇيان تونۇشلۇقمەن،

بىز ئاتالدۇق بەزمىدە يىگىت،ئاھ، ئاتىلار جەڭلەردە شېھىت.

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1317
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى : 42321
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 8585 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 11:41:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tekdirim يوللىغان ۋاقتى  2013-4-11 09:29 PM
تىمىنى ناھايىتى ياخشى تاللاپ يېزىپسىز . لىكىن مىنىڭ كۆ ...

مەنچە جەنۇپ-شىمال دەپ ئاتاش خاتا ئەمەس.
سىزنىڭمۇ ئۆز ئويلىغانلىرىڭىزنىڭ مەلۇم ئاساسى بولۇشى مۇمكىن.مېنىڭمۇ يۇرتۇم كورلىدىن.مەنمۇ جەنۇپقا تەۋە.تەڭرىتاغ تېغى بولسا ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇننى جەنۇپ ۋە شىمال دەپ ئىككىگە بۆلگەن.شىمالدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇسى بىر قەدەر ئاز.جەنۇپتا ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇسى كۆپ.
جۇغراپىيىلىك مۇھىت ۋە شارائىت جەھەتتە شىمال بىلەن جەنۇپتىكى ئۇيغۇرلاردا پەرقلەرنىڭ بولۇشى نورمال ئەھۋال.
سىزنىڭ ئۇنداق ئويلىغانلىرىڭىزدىكى تۇيغۇ ئىدىيەدىكى مەسىلە.مۇھىمى،تېمىدا ئېلىپ ئېيتقان پەرق ۋە ئوخشىماسلىقنى ماكان،زامان،جۇغراپىيىلىك مۇھىت،نۇپۇس سانى جەھەتتە كەڭ دائىرلىك چۈشەنسىڭىز ياخشى بولىدۇ دەپ قارايمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64123
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6928
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1001 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 12:02:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
        ‹‹ھايات ئىككى مەڭگۈلىك ئوتتۇرسىدىكى غار ۋە ئىككى قارا بولۇت ئوتتۇرسىدىكى
        چاقماقنىڭ چاقنىشىدۇر.››
    ...ئادالەت شەمشىرىنىڭ ھەققانىيەتچىلەرنىڭ قۇلىدا بولماسلىقىدىن ئەنسىرەيمەن...

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.

كـۈرەشـجان

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41664
يازما سانى: 1637
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7479
تۆھپە نۇمۇرى: 337
توردا: 5311 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 12:17:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايرىم تېما قىلىپ يوللىغىنىڭز ياخشى بوپتۇ . ئالدىنقى قېتىملىق تېمىنىڭ ھەجىمى بەك چوڭ بولغاچقا ، تەپسىلى ئۇقۇپ بولغىلى بولمايدىكەنتۇق .

مۇشۇ تېمىدىكى تۇنيازكامدىن سورىغان ھەربىر سۇئاللىرىڭىزمۇ بىزنى نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە قىلغۇسى .
تۇنيازكامنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيتىگە ئۇتۇق ، سالامەتلىك تىلەيمەن .

بەزىلەر دەيدۇ، تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغان نەدەبار ؟ مەن دەيمەن ، شۇ تۇخۇمنىڭ تاشتا دەردى بار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91725
يازما سانى: 500
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1509
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 287 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 12:32:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تۇنياز ئوسمان ئاكامنىڭ يازمىلىرنى 10 يىل بۇرۇن ئوقۇغانتىم ، بۇ كىشى كىمدۇ ، يۈرتى قەيەردۇ دەپ كۈرشۈشكە ئىنتىزار بولغانتىم ، كىين بىلسەم بۇ ئاكىمىز ئاقسۇدىن ئىكەن ، يازمىلىرى ھەقىقەت بولغاچقا بۇ كىشىگە جىق پىشكەللىك كەپتۇ دەپ دەپ ئاڭلىدىم ، كۆڭلۈم بەك يىرىم بولدى ، ئاللاھ بۇ كىشىگە ئوزۇن ئۈمۈر ئاتاقىلسۇن  ، مارشال قىرىندىشىم بۇ تېمنى يوللاپ بەك ياخشى قىپسىز ، ئىشلىرىڭىز بەركەت تاپسۇن ، مەن ساقلىۋالدىم ئەمسە ...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش