مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 15605|ئىنكاس: 86

ئاقسۇ سەپىرى-بوزقىر بىلەن ئۇچرىشىش[مارشال]   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1359
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51020
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9843 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 04:05:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  

ئاقسۇ سەپىرى –بوزقىر بىلەن ئۇچرىشىش


未标题-1副本副本.jpg



كىشى دۇنياغا تەۋەللۇت قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ياشاشتىن ئىبارەت بولغان ئۇزۇن بىر مۇساپىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. تۇرمۇش سەزگۈرەشتىلىرىنىڭ قايناملىرىدا، ئىنساننىڭ ياشاۋاتقان مۇھىتى، ئەتراپتىكى ئىجتىمائي رېئاللىق ھەربىر كىشىنى جەمىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە ھەرخىل خىزمەتلەرنى ئۆتەشكە، شۇ كەسىپ بىلەن جەمىيەت تەرەقىياتى، ئىجتىمائى مۇقىملىق ۋە زاماننىڭ تەڭپۇڭ، تىنچ-تەرەقىي قىلىشىغا شەرت-شارائىت ھازىرلايدۇ.ماكان، زامان چەمبىرىكىدىن ھالقىغان، ھايات قايناملىرىدا دادىللىق بىلەن قەدەم تاشلاپ، بىر ئۆمۈر ئىلىمگە مۇھەببەت باغلاپ، ئۆزىنى ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن ئاتىغان ئەڭ سۆيۈملۈك بولغان كىشىلەرمۇ جەمىيتىمىزدە خېلى بار.

تور دۇنياسىغا قەدەم قويغاندىن بۇيان يۈرۈكۈمدە ئېسىل ئەمگەك مىۋىلىرى بىلەن روھىيىتىمىزنى بېيتىپ، يېڭىدىن سىلكىنىش پەيدا قىلىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم ئەلسۈيەر ئوغلانلىرىمىز بىلەن كۆرۈشۈش ئىستىكى توختاۋسىز يېلىنجىماقتا ئىدى. بۇ قېتىمقى جەنۇب سەپىرىم قەلبىمدە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى.   
6-ئايدىكى ئەزىزانە قەشقەر سەپىرىمدە مەن ئەسەرلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇيدىغان، ئۆز مىللىتى ئۈچۈن سەمەرىلىك ئەمگەكلەرنى قىلىپ، بىزلەرگە مەنىۋى زوقلارنى ئاتا قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بەلگۈلۈك تەسىرى بار بولغان ئىككى كىشى بىلەن ھال-مۇڭ بولدۇم، ئۇ كىشى يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمى بىلەن ئابدۇۋەلى ئايۇپ (گۈلەن) ئىدى. بۇ قېتىملىق سەپەردە بارلىقىنى مىللەتنىڭ ئەڭ مۇھىم تەخىرسىز ئىشلىرىغا ئاتىغان، پۈتكۈل يۈرەك قېنىنى مىللەت ئۈچۈن بىجاندىل خىزمەت قىلىشقا ئاتىغان قەلبى ئويغاق كىشىلەر بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇپ، ئۆزۈمنى قايتا تۇنۇشقا ۋە كەلگۈسىدىكى مەن ئۈچۈن قاراڭغۇ بولغان بەزى رېئال مەسىللەر ئۈستىدە ئويلىنىشقا، ئىرادەمنى تېخىمۇ تاۋلاپ، رىقابەت كەسكىن بولغان جەمىيەتكە قانداق كىرىش ۋە ئىنسانىي قەدىر-قىممەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاز-تولا بولسىمۇ چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدۇم.

ئەزىزانە قەشقەردە تۇرغان چاغلىرىمدا، ئۇلارنىڭ تەۋەررۈك ،قەدىمىي دىياردا پەن-مائارىپ، ئاقارتىش ئىشلىرىنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، يېشى 70ياشتىن ئاشقان مويسىپىت بوۋاي ھاجى مىرزاھىد ئاكىمىزنىڭ يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالسىمۇ،يەنە قەلەمنى قولغا ئېلىپ،ئۆزى كۆرگەن،بىلگەن،ئاڭلىغان مۇھىم ئىشلارنى، زور تارىخىي ۋەقەلەرنى داۋاملىق تۈردە يېزىپ تۇرىشى ۋە قەلەمنى توختىتىپ قويماسلىقى ماڭا نۇرغۇن تەسىراتلارنى قالدۇردى.يەنە بۇ يەردە،ئابدۇۋەلى ئايۇپ (گۈلەن) نىڭ ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرىنىڭ ئۇدۇلىدا ‹‹نۇرخان تىل تەربىيىلەش مەركىزى›› دىن ئىبارەت قەشقەر شەھىرىدىكى تىل ئۆگەنگۈچى تىرىشچان ياشلىرىمىزغا ياخشى بولغان مەكتەپتىن بىرنى ئېچىپ، تىل ئۆگەنمەكچى بولغان مىللەتنىڭ كەلگۈسى ھېسابلانغان ياشلارغا ياخشى بىر يولنى ئېچىپ بەرگەنلىكىدىن كۆپ خۇرسەن بولدۇم.ئابدۇۋەلى ئايۇپ (گۈلەن) نىڭ 21-ئەسىردە ھۆكۈمەتنىڭ قولىغا قارىماي، ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن قەشقەر شەھىرىدە تىل تەربىيىلەش مەركىزى ئىچىشى ،ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە خالىس،مېھنەتسىز،تاماسىز ھالدا ئۆز بىلگەنلىرىنى يېزىپ، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ئارىسىدا ‹‹گۈلەن ئەسەرلىرى قىزغىنلىقى›› نى قوزغىغان بۇ مۇستەقىل مائارىپچىنىڭ قىلىۋاتقان سەمەرىلىك ئەمگەكلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ،ئۇچراشقاندىن كېيىن، چېھرىدە ھەقىقىي زىيالىيلىق نۇرى چاقنايدىغان پىداكار روھنى كۆرگەندەك بولدۇم، ‹‹نۇرخان تىل تەربىيىلەش مەركىزى›› دىكى تىل ئۆگىنىۋاتقان بالىلارغا بىلىمنى قانداق بېرىۋاتقانلىقىنىمۇ كۆردۈم ھەمدە بۇ يەردىكى بۇ قەلبى ئويغاق زىيالىينىڭ خىزمەت قىلدىغان ئىشخانىسىنىڭ نەقەدەر ئاددىي ئىكەنلىكىنى، لېكىن، قىلىۋاتقان ئىشلىرى، تارتىۋاتقان جاپالىرى خۇسۇسەن قەشقەرگە نىسبەتەن بىر چوڭ بوشلۇقنى تولدۇرۋاتقاندەك تۇيغۇلارنى بەردى ۋە ھېس قىلدۇردى.

psb[2].jpg


10 كۈندىن ئارتۇق بولغان بۇ سەپەرنىڭ ئاياقلىشىش پەيتلىرى كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان چاغلىرىدا، مەن تور دۇنياسىدا پىكىر قىلىپ كېلىۋاتقان، ئۆز يازمىلىرىدا ۋىجدان،ھەققانىيەتنى ياقلاۋاتقان، ئۆز يازمىلىرىنى مېھنەتسىز، خالىس ھالدا ئۇيغۇر مۇنبەرلىگە ئاتاپ، تالاي كىشىلەرنىڭ چاڭقىغان قەلبىگە  ئابىھايات سۈيى ئاتا قىلىپ، چاڭقىغان دىللارنى سۆيۈندۈرگەن، پىكرىدىكى ئۆتكۈرلۈك،ئەسەرلىرىدىكى كۈچلۈك قاراتمىلىق تالاي كىشى قەلبىدە چوڭقۇر ھۆرمەت تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرگەن، جەمىيەتتىكى ناتوغرا، سەلبىي ئىشلارنى ئۆز قەلىمىدە قاتتىق قامچىلاپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى توغرا يولنى تۇتۇشقا، قەدىر-قىممەت بىلەن ياشاشقا دەۋەت قىلىۋاتقان، ئۆز بىلىمىنى مىللەتكە بىجاندىل خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئەركەك زىيالىي ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر ئاكىمىز بىلەن كۆرۈشۈش ئىستىكى قوزغالدى.

مەن ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر ئاكامنى مەكتەپتىكى چاغلاردا، ‹‹بۈيۈك بۇددا ئالىمى كۇماراجىۋا››،  ‹‹مىڭئۆيلەر،سىلەرگە يۈز كېلەلمەيمىز›› دېگەن كىتابلىرى ئارقىلىق تۇنۇشقا باشلىغان، ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، كۇمىراجىۋا يىپەك يولى دەپ شۆھرەت قازانغان دىيارىمىزدا قەدىمقى كۈسەندە يېتىشىپ چىققان بۈيۈك بۇددا ئالىمى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۇمىراجىۋا جۇڭگو بۇدنىزىم پەلسەپە تارىىدىكى جىڭ تى، شۈەنزاڭ قاتارلىق ئالىملار بىلەن تەڭ ئورۇن تۇتقان جۇڭگو تارىخىدىكى ئۈچ چوڭ مۇتەپپەككۇر ئالىمنىڭ بىرى. ئەجداد تارىخىنى بىلىش، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ياشاپ ئۆتكەن ئەجدادىمىز بولغان كۇمىراجىۋادىن ئىبارەت بولغان بىر تارىخىي شەخسىنىڭ ھايات كەچۈرمىشىنى تالاي يىللار ئىزدىنىش ئاساسىدا يېزىپ چىققان، نۇرغۇن جاپا-مۈشكۈلاتلارغا باش ئەگمەي،تارىخىي تېما يېزىشنى يۈكسەك مەسئۇلىيەت دەپ قاراپ، پولاتتەك تاۋلانغان ئىرادە ئاستىدا نەچچە يىل ئىزدىنىش ئارقىلىق روياپقا چىققان بۇ ئەسەرنى ئوقۇغان چاغدىلا بۇ ئاكىمىزغا بولغان ھۆرمىتىم ئاشقان ئىدى.
بوزقىر يازمىلىرىدا ئېيتىلغاندەك ئۆزىگە يات بولغان كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش، ئورۇنسىز چەتكە قېقىلىش، خۇسۇسەن ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا ئەسەر ئېلان قىلىش ھوقۇقىدىن چەكلىنىش ۋە مەھرۇم قېلىش قاتارلىق ئۇچرىغان كۆڭۈلسىزلىكلىرىگە باش ئەگمەي، يەنىلا پىداكار روھ، باتۇرانە قىياپەت بىلەن ئۇيغۇر تور ئاسمىنىدا ئاۋانگىرات بولۇپ، قايتا جۇلالىنىشقا باشلىغان بۇ ئۇيغۇر زىيالىيسى بىلەن كۆرۈشۈش، مۇڭدىشىپ ھال-مۇڭ بولۇش مېنى تولىمۇ تەقەززا قىلىۋەتكەن ئىدى.

بوزقىر ئاكىمىز بىلەن كۆرۈشۈش ئىستىكىدە 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى ئەتىگەن قەشقەر پويىز ۋوگزالىدىن ئاقسۇغا قاراپ يول ئالدىم. كۈندۈزلۈك سەپىرىم يالغۇز يولغا چىقىشتىن باشلانسىمۇ،لېكىن،تارىم دەرياسىنى باش مەنبە قىلىپ.نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان توغراق روھىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلىپ ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۇرمۇش كارتىنىسىنى،كەڭ كەتكەن ئېدىرلىقتىكى چاقنىغان قۇياش نۇرىنى،جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ياشاش مۇھىتى،جۇغراپىيىلىك ئورنى،يەر تۈزىلىشىنى ئەتراپلىق كۆرگىلى ۋە ھازىرقى دىيارىمىزنى مۇپەسسەل چۈشىنىش پۈرسىتىگە نائىل بولۇشى مېنى خوشال قىلدى.يەتتە سائەتكە يەتمىگەن چاغدا،مەن قەشقەردىن ئاقسۇغا يېتىپ باردىم ئۇچۇرۇمغا ئاساسەن بوزقىر ئاكام قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ، دوستىنىڭ ماشىنسىدا مېنىڭ ئالدىمغا پويىز ۋوگزالىغا چىقىپ تۇرۇپتۇ. يىراقتىن ماڭا يېقىنلىشىپ كەلدى ۋە ماڭا ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ سالىمىنى قىلدى، كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن:
-مارشال دېگەن سىز شۇمۇ؟-دەپ سورىدى.
-شۇنداق بوزقىر ئاكا، مارشال دېگەن مەن بولىمەن، سىزنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئېلپ،تولىمۇ قاملاشمىغان ئىشتىن بىرنى قىلدىم....-دېدىم مەن.
بوزقىر ئاكامنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى ۋە ماڭا كۈلۈمسىرەپ قاراپ:
-كىچىكلا بالىكەنسىزغۇ؟ مەن تېخى سىزنى چوڭ ئادەممىكىن دەپ ئويلاپ قاپتىمەن.....-دەپ ماشىنغا چىقىشقا دەۋەت قىلدى، مەن يۈك-تاقلىرىمنى بېسىپ ماشىنغا چىقتىم.

ئاقسۇ شەھىرى-21يىللىق ھايات مۇساپەمدە تۇنجى قېتىم ئاياق باسقان يۇرت ئىدى، بۇ شەھەر ماڭا نۇرغۇن ئۆزگىچە تەسىراتلارنى قالدۇردى. ئەينى چاغدىكى ئوت يۈرەك شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ قەدىمى باسقان ۋە ئاقارتىش خىزمىتى ئېلىپ بارغان ئۇشبۇ زېمىننىڭ تارىخى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولماقتا ئىدى، ئىزتىراپلىق خىياللار ئىچىدە خىيالغا چۆكۈپ ماڭغىنىمدا ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر ئاكىمىز سۆز ئاچتى:
-قەشقەر سەپىرىڭىز ياخشى،ئەھمىيەتلىك ئۆتتىمۇ؟-دەپ سورىدى.
-ئەھمىيەتلىك ئۆتتى بوزقىر ئاكا، قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە قەشقەر، ئاتۇش، مارالبېشى، يەكەن قاتارلىق يۇرتلارنى ئايلاندىم، ساياھەت جەريانىدا خېلى كۆپ مۇنبەردەشلار بىلەن ئەسرالاشتىم، قەدىمىي يەرلەرنى زىيارەت قىلدىم، يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمى ،گۈلەن ئاكام بىلەن كۆرۈشۈپ كەلدىم، قەدىمىي يۇرتتا ئايلىنىش جەريانىدا نۇرغۇن يەرلەردە رەسىمگە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردۇم. لېكىن، بىر كىشى بىلەن كۆرۈشەلمەي قالدىم....-دېدىم مەن.
بوزقىر ئاكام بايانىمنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن:
-كىم بىلەن ئۇچرىشالماي قالدىڭىز؟-دەپ سورىدى.
-يەكەنگە بارغان چېغىمدا،ياسىنجان سادىق چوغلان بىلەن كۆرۈشەلمەي قالدىم، مەن بارغان چاغدا،ئاتۇشقا تويغا كېتىپتىكەن، كۆرۈشۈش نېسىب بولماي قالدى....-دېدىم مەن.
-كېيىن پۇرسەتلەر چىقىپ قالار، سەپەردە ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلماپسىز، بۇنىڭ ئۆزى بىر نەتىجە، ھازىر مۇنبەردىكى قارلۇق بىزنى ساقلاۋاتىدۇ، ئۇ بۈگۈن ماڭماقچى بولغان ئىدى، كەلگىلى خېلى ئۇزاق بولغان، مەن مارشال قەشقەردىن ئاقسۇغا قاراپ يولغا چىقىپتۇ، چۈشكە يېقىن كېلىدىكەن دېگەن ئىدىم، ئۇ خوشال بولۇپ قايتىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈپ بىزنى ساقلاۋاتىدۇ-دېدى.
15مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، بىز ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى يېنىغا يېتىپ كەلدۇق. ماشىندىن چۈشۈپ،بوزقىر ئاكام قولىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:
-مانا، مېنى مەجبۇرىي ھالدا پالاپ ئەكەلگەن يەر شۇ، ھازىر ئۆز كەسىپىمگە يات بولغان ئىشنى قىپ يۈرۈيمەن-دېدى بوزقىر ئاكام.
دېمىسىمۇ بىر زىيالىي ئۇنۋېرسىتېتتا مىڭ بىر جاپادا بىر كەسىپنى ئۈگەنسە ، خىزمەتكە چىققاندا باشقا كەسىپتە ئىشلەشكە مەجبۇرلىسا، شۇنچە يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئەمدى شۇ كەسىپنىڭ نېنىنى يەي دېگەندە يەنە ئۇنى 3-بىر كەسىپكە مەجبۇرلىسا بۇ قاراپ تۇرۇپ زىيالىيلارغا قىلىنغان ھاقارەت ۋە نابۇت قىلىش مەخسىدىدىكى جازا بولماي نېمە ؟كەينىدىن بىز قارلۇق بىلەن ئۇچراشتۇق، ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى رۇستەم بولۇپ، باي ناھىيسىدىكى ياقېرىقبازارلىق باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئىكەن. چۈش بولغاچقا، بىز ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ يېنىدىكى ئاشخانىدا تاماق يېدۇق. بوزقىر ئاكامنى تۇنجى قېتىم كۆرۈپلا، بۇ زىيالىينىڭ ھەقىقەتەن ئالدىراش ئىچىدە يۈرۈيدىغانلىقىنى، ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدىكى ئالاقىنىمۇ قولدىن بەرمەيدىغانلىقىنى تۇلۇق ھېس قىلىپ يەتتىم. چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا ئۆز ئارا پىكىرلىشىپ، مەن كۆرۈپ باقمىغان ،لېكىن، توردىن ئىبارەت مەۋھۇم بولغان دۇنيادا ئەسرالاشقان بوزقىر، قارلۇق بىلەن ھال-مۇڭ بولدۇق، تاماقتىن كېيىن بوزقىر ئاكام چۈشتىن كېيىن مۇھىم ئىشى بار ئىكەنلىكىنى، كەچ بولغاندا بىر يەردە ئولتۇرۇپ سۆھبەتلىشىمىزنى تەكىتلىدى ھەمدە ئىشنى ۋاقتىدا تۈگىتىپ، بالدۇر كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئۈچۈن ناتۇنۇش بولغان بۇ شەھەردە قارلۇق ماڭا ھەمراھ بولدى، چۈشتىن كېيىنكى قىسقىغىنا بولغان ۋاقىت ئىچىدە، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئىچىنى ئايلاندۇق، ۋىلايەتلىك كىتابخانا ئىچى، تېلىفۇن بازىرى، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ باغچىسىنى ئايلىنىپ چىقتۇق.
كەچ سائەت 5 لەردىن ئاشقاندا بوزقىر ئاكام بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن،دەرۋەقە، مەن ئاقسۇغا تولىمۇ ۋاقىتنىڭ قىستاپ قالغىنىدا كېپ قالغان ئىدىم،ئۆيدىكى ئىشلار،باغلاردا قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلار بېسىۋالغان ئىدى.شۇنىڭ بىلەن مەن بوزقىر ئاكامغا ھازىر پويىز ئىستانىسىغا بېرىپ،بېلەت ئېلىشىم كېرەكلىكىنى،كەچتە ماڭمىسام بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتىم.بوزقىر ئاكام:
-بىرەر كۈن تۇرسىڭىز بولمامدۇ؟ قەشقەردە ئون نەچچە كۈن تۇرۇپ، ئاقسۇدا بىر كۈنمۇ تۇرالمامسىز مارشال؟-دېدى.
-شۇنداق قىلغان بولسامغۇ ياخشى بولاتتى بوزقىر ئاكا،كەچتە ماڭاي،ئۆينى ئىش بەك بېسىۋاپتۇ-دېدىم مەن.
بوزقىر ئاكام كۈلۈپ تۇرۇپ ماڭا:
-ئاقسۇ بەك زېرىكىشلىكمىكەن، قەشقەردە ئون كۈندىن ئارتۇق تۇرۇپ، بۇ يەردە بىر كۈن تۇرمايلا ماڭىمەن دەيسىز، قارىغاندا،بۇ شەھەرنىڭ مۇھىتى سىزگە ياقمىغان ئوخشايدۇ، سىز دەپ بېقىڭە ،كورلا ياخشىمىكەن ياكى ئاقسۇمۇ؟ ھېچقىسى يوق،كۆڭلۈمگە ئالمايمەن....-دېدى بوزقىر ئاكام.
-يوقسۇ بوزقىر ئاكا،ھەر ئىككى شەھەر ياخشى، ئاقسۇمۇ ياخشى شەھەركەن...-دېدىم مەن.
بوزقىر ئاكام مېنىڭ تەلىۋىمگىمۇ قوشۇلدى ھەمدە بىزگە:
-كەچ ۋاقتى ماڭسىڭىز مېڭىڭ، كۈندۈزى يول جاپاسى يامان، كېچىدە يول يۈرۈپ ئۇخلىۋالسا تۈگەپ قالىدۇ،  سىز بىلەن پويىز ئىستانىسىغا بېرىپ، بېلەت ئېلىپ كېلىڭ، بىز ئاشخانىسىغا بارغاچ تۇرىلى، شۇ يەردە ساقلاپ تۇرىلى ئەمىسە-دېدى بوزقىر ئاكام.
شۇنىڭ بىلەن پويىز ئىستانىسىغا بېرىپ،بېلەت ئەكەلدىم ھەمدە بۇ يىغىلىشتا ئەخمەتجان ئىسىملىك بىر تىرىشچان ياشنىڭمۇ بۇ سۇرۇنغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بوزقىر ئاكامدىن ئۇقتۇم.ئاقسۇدىن يۇرتقا قايتقاندىن كېيىن، مەن ئەخماتجان بىلەن ئالاقە قىلىپ يۈردۈم ھەم بۇ تىرىشچان ياشنىڭ ھاياتقا بولغان ئۈمىدۋارلىق روھى،ئېگىلمەس ئىرادىسى ماڭا نۇرغۇن تەسىراتلارنى قالدۇردى.قەلب ئاسمىننىڭ تۆرىدە مېۋىلىك دەرەخنىڭ ھامان مېۋە بېردىغانلىقىنى تۇنۇپ يەتتىم،ئىنسان دۇنياغا باي بۇلۇش ئۈچۈن ئەمەس،بەلكى،بەختلىك بولۇش ئۈچۈن تۆرىلىدۇ.جەمىيتىمىزدە نۇرغۇن ساق كىشىلەر بار بۇلۇپ،كۆپ كىىشلەر ئۆز تەقدىرىدىن زارلىنىپ كەلگەن،ئەجىر-مېھنەتسىز ئىش بولمىغاندەك،ئىنسان ئالدىغا كەلگەن مۈشكۈلاتلارغا چوقۇم بەرداشلىق بېرىشى ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كېلىشى كېرەك.ئۇنداق بولمايدىكەن،ئاپىرىدە بوپ يارالغان ئىنساننىڭ ياشاشنىڭ لەرزىتى بولمايدۇ،ھاياتنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى،دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى چۈشەنمەي ئۆتۈپ كېتىدۇ،مەن تا ھازىرغا كەلگۈچە بولغان ئارىلقتا ئۆزى مېيىپ بولسىمۇ،لېكىن،قەلبى ئاسمەندەك كەڭ،ھاياتقا توغرا پوزىتىسيە تۇتقان،جېنى تەندىلا بولدىكەن،ھاياتلىق ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقان،ئېگىلمەس-سۇنماس روھقا ئىگە بولغان ئىككى كىشى بىلەن ئەسرالاشتىم ،ئۇنىڭ بىرى مىسرانىم مۇنبىرىنى قۇرغۇچى ئابابەكرى مۇختار،يەنە بىرى ئاقسۇدا يۇقۇردا ئىسمى چىققان ئەخمەتجان ئىسىمللىك كىشىدۇر.

2011-يىلى 10-ئايلاردا،مەن ئۈرۈمچىگە باردىم ھەمدە مەرھۇم ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمننىڭ ئايالى رەنا مەخسۇتنى يوقلاپ كېلىش مەقسىتىدە ئۆيىگە بارغان ئىدىم،دەل شۇ چاغلاردا،رەنا مەخسۇت ھەدىمىز بىلەن ئۆيىدە پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندا،ئابابەكرى مۇختار تېلىفۇن قىپتۇ،مەن سىرتقا چىقىپ ،ئابابەكرى مۇختار بىلەن كۆرۈشتۈم،ئابابەكرى مۇختار ماشىننىڭ ئىچىدە ئىدى،مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپلا،ماشىنغا چىقتىم،ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن،رەنا مەخسۇت ھەدىمىزنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدۇق،ماشىندىن چۈشۈشكە يېقىن،ئابابەكرى مۇختار ئىككى ھاسىنى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ،چۈشۈۋاتاتتى، مەن ئابابەكرى مۇختارغا:
-پۇتۇڭلا سۇنۇپ كەتكەنما؟-دەپ سورىدىم.
-مەن مېيىپ پاراللىچ،تېخى سىلە ئۇقمامسىلەر؟-دەپ سورىدى، مەن بۇ سوئالنى سورىغىنىمدىن قاتتىق پۇشايمان قىلدىم ھەمدە بىر چوڭ تور بەتنى قۇرغان،نۇرغۇن كىشىنىڭ بىلىم ئۆگىنىشى ئۈچۈن ياخشى بىر مەكتەپ قىپ بەرگەن ئابابەكرى مۇختارنىڭ مېيىپ ئىكەنلىكىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ باقماپتىمەن....

ئەتىسى تورغا چىقىپ تۇرسام، مەن بىلەن يۇرتداش ئەزىزىم ماڭا خەت يېزىپتۇ،مەنمۇ تۈنۈگۈن بولغان ئىشلارنى دېدىم، ئەىزىزىم ماڭا ياسىنجان ئوسمان ئەركزاتنىڭ ‹‹ئابابەكرى مۇختار مېيىپ ئەمەس››دېگەن تېمىنىڭ ئۇلىنىش ئادىرسىنى ئەۋەتىپ بەردى. مەن شۇ ماقالىنى ئۇقۇغاندىن كېيىن، ئابابەكرى مۇختارنى قايتىدىن تۇنۇشقا ھەمدە بۇ جاسارەتلىك ياشنىڭ كۈچلۈك ئىرادىسى،ھاياتقا بولغان توغرا پوزىتسىيىنى تۇلۇق چۈشىنىپ يەتتىم،ئۇزاق ۋاقىتلارغىچە،مەن تۇنجى قېتىم بىلمەيلا، ئابابەكرىدىن ئاشۇ قاملاشمىغان سوئالنى سورىغىنىمغىمۇ پۇشايمان قىپ يۈردۈم. جەمىيتىمىزدە ئۆزى ساق تۇرسىمۇ،ھېچقانداق نەتىجە قازىنالمايدىغان، تەڭرىدىن زارلىندىغان، ھاياتتىن ئۈمىدىنى ئۈزىدىغان كىشىلەر ھەقىقەتەنمۇ كۆپ. مەن ئۆمرۈمدە ئۇچراتقان بۇ ئىككى تىرىشچان ياشنىڭ ھاياتلىق يولىدىكى ئۈمىدۋارلىق كەيپىياتىدىن ،غەيرەت-شىجائىتىدىن تولىمۇ تەسىرلەندىم ھەمدە ئۆز-ئۆزۈمگە نۇرغۇن سوئاللارنى قويدۇم.
ئەخماتجان بىلەن كۆپ ھال –مۇڭ بولۇش جەريانىدا،مەن ئەخمەتجاننىڭ قىسقىچە تارىخىنى بىلىدىم ھەمدە ھاياتىدا ئۇچرىغان ئوڭۇشسىزلىقلارغا باش ئەگمەي،يەنىلا،تىرىشچانلىق بىلەن ياشىشى مەندە نۇرغۇن ئويلىنىشلارنى ۋە ئۇنتۇلماس تەسىراتلارنى قالدۇردى.

ئەخماتجان 1985-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ توپلۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان ئىكەن، ئەخمەتجان توققۇز ئايلىق بولغاندا،تۇيۇقسىز قىزىپ قېلىپ،شەخسىينىڭ ئامبۇلاتىرىيىدە خاتا ھالدا سۆڭگەچ ئۇكۇلى ئۇرۇپ،پۇتى دەسسىمەس بولۇپ قالغان ئىكەن. ئەخمەتجان كىچىك ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپنى چوڭ دادىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئۇقۇپتۇ،تۇلۇقسىز مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن،يېزىلىق ھۆكۈمەت ياتاق ۋە تاماقنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، شۇ يەردە ئوقۇپ،تۇلۇقسىز 2-يىللىقنى تاماملاپ، مەكتەپتىن چىقىپ كېتىپ،ئاقسۇ شەھىرىدە نەچچە يىل ئاياق مايلاپ، ئۆز تۇرمۇش خىراجىتىنى تۇلۇقلاپ، ياشاپ كەلگەن ئىكەن،كېيىن، يەنى 2006-يىلنىڭ مەلۇم مەزگىلىرىدە ئۈرۈمچىگە چىقىپ،ئاياق مايلاپ كۈن كەچۈرۈپتۇ، ئەخماتجان بىكار چاغلىرىدا كىتابخانىغا كىرىپ، كىتاب ئوقۇپ، بىلىمىنى تۇلۇقلاپ كەلگەن ئىكەن.قانداقلا ۋاقىتتا بولمىسۇن،ھەر قانداق ۋاقىتنى قولدىن بەرمەيدىكەن.كېيىن،مەلۇم سەەبلەر بىلەن يەنە ئۆز يۇرتى ئاقسۇغا قايتىپ،ئورنى قولايلىق بولغان يەردە دۇكاندىن بىرنى ئېلىپ،ئاياق مايلايدىغان ۋە بېزەيدىغان دۇكاندىن بىرنى ئېچىپتۇ.تىجارىتى خېلىلا يۈرۈشۈپ قاپتۇ.دەل مۇشۇ ۋاقىتلاردا،2-3كۈندە بىر كىشى كىرىپ،ئاياقىنى مايلاتقىلى كىردىكەن ھەمدە بۇ مېيىپ بوپ قالغان ئەخمەتجانغا نۇرغۇن ياخشى گەپلەرنى قىلىپ بېردىكەن،بىر كۈنى،شۇ كىشى يەنە ئاياق مايلاتقىلى كىرىپتۇ،شۇنىڭ بىلەن ئەخمەتجان سۆز ئېچىپ:
-سىز ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر ئاكىمىز بولامسىز؟-دەپ سوراپتۇ.
-ھەئە،مەن بولىمەن، مېنى قانداق تۇنۇۋالدىڭىز؟-دەپ سوراپتۇ بوزقىر ئاكام.
2006-يىلى ئۈرۈمچىدە ئاياق مايلاپ يۈرگەندە،بىكار چاغلاردا، كىتابخانىغا كىرىپ كىتاب ئوقۇيتۇق ،دەل شۇ چاغلاردا،سىزنىڭ ‹‹مىڭئۆي،سىلەرگە يۈز كېلەلمەيمىز›› دېگەن كىتابىڭىزنى كۆرگەن ھەم شۇ كىتابتىن رەسىمىڭىزنى كۆرگەن ئىدۇق-دەپتۇ ئەخمەتجان.
بوزقىر ئاكام بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن،كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:
-كىتابىم توپا بېسىپ يۈرۈپتىمۇ ياكى ئوقۇرمەنلەر ئۇقۇغىلى تۇرۇپتىمۇ؟-دەپ سوراپتۇ.....
مانا،مۇشۇ كۈندىن باشلاپ،ئەخمەتجان بوزقىر ئاكىمىز بىلەن تۇنۇشۇپتۇ،شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇلار پات-پات كۆرۈشۈپ تۇردىغان بولۇپتۇ،ئەخماتجان تۇرمۇشىدا ئۇچرىغان قىيىنچىلىق،توسالغۇلار بولسا،بوزقىر ئاكام قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىپ كەپتۇ،ئەخمەتجاننىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ بوزقىر ئاكامغا بولغان ھۆرمىتى بەك چوڭقۇركەن،مىننەتسىز،تاماسىز خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى،قانداقلا ئادەم بىلەن كۆرۈشسە قىلچە ھاكاۋۇرلۇق قىلمايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇرۇن نۇرغۇن قېتىم ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلىرىغا بوزقىر ئاكامنىڭ قولىدىن كەلگىنىچە ياردەملەرنى بېرىپ كەلگەنلىكىنى ماڭا كۆپ قېتىم سۆزلەپ بەردى.
ئەخمەتجاننىڭ ئۇكىسى ھازىر قاراشەھەر ناھىيسىدە ‹‹قايدۇ يۈرۈشلۈك قىياملىرى››دېگەن شىركەتنى قۇرغان ياسىنجان ئىسىملىك شىركەت خوجايىنى بىلەن بىرلىشىپ،200 مىڭ يۈەن پاي قوشقانلىقىنى ھەمدە مۇستەقىل بىر ماركىنى ئەنگە ئالدۇرۇپ، شۇ يەردە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
كەچلىك تاماق ۋاقتىدا ئاشخانىغا كىردۇق، جەمئىي ئالتە كىشى ئىدى، بۇ قېتىمقى ئەھمىيەتلىك ئۇچرىشىنىڭ خاسىيىتى ھەقىقەتەن ياخشى بولدى دەپ ئويلىدىم.ھەممىمىز بىر قېتىمدىن ئۆز ئارا كۆرۈشۈپ، ھال-ئەھۋال سورىشىپ بولغاندىن كېيىن،ئۆز جايىمىزنى تېپىپ ئولتۇردۇق.شۇنىڭ بىلەن بوزقىر ئاكام سۆز باشلىدى:
-بۈگۈن ياخشى ئۇچرىشىش بولدى، مەن ھازىر ھەممىڭلارنى بىر-بىرىڭلارغا تۇنۇشتۇراي،تۇنۇشۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن باشقا پاراڭلارنى قىلايلى –دېدى.
سورۇنغا جەم بولغان كىشىلەر جەمئىي ئالتە كىشى بولۇپ،بۈگۈنكى بۇ يىغىلىشنىڭ ئەھمىيىتى خېلى ياخشى بولدى،چۈنكى،بۇ قېتىم يىغىلغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بۇرۇن كۆرۈشۈپ باقمىغان كىشىلەر بولساقمۇ،بۈگۈنكى خاسىيەتلىك كۈندە بىر يەرگە جەم بولۇپ، داستىرخاندىكى غىزالاردىن غىزالانغاچ، ئەھمىيەتلىك سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزگىنىمىز ھەممىزگە ئۇنتۇلماس خاتىرە بوپ قالدى. دەل مۇشۇ چاغلاردا، بىر كىشىنىڭ بۇ سورۇندا كەم بوپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتىم، ئۇ بولسا مىسرانىمدا خالىس ئەمگەك قىلىپ ،ئۇيغۇر مۇنبەر تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇۋاتقان ھۆكۈمران (ئەسلى ئىسمىنى بىلمەيدىكەنمەن،پەقەت مۇنبەردىكى ئىسمىنى ئۇققاچقا شۇنداق ئاتالدى) يوق ئىدى.مەن ھۆكۈمران بىلەن توردا تۇنۇشقىلى بىر يىلغا يېقىن بولغان ۋاقىتلار ئىدى.مانا مۇشۇنداق خاسىيەتلىك ئۇچرىشىشتا ئۇ بولغان بولسا،تېخىمۇ ياخشى بولاتتى دەپ ئويلىدىم،چۈنكى،ئۇمۇ ئاقسۇ شەھىرىدىن ئىدى.

يېشىمنىڭ شۇنچە كىچىكلىكىگە قارىماي مېنى ئۆز ئىنىسىدەك، دوستىدەك، قېرىندىشىدەك كۆرۈپ ئىززەتلەۋاتقان بۇ ئىلىم سۈيەر كىشىلەر مېنىڭ قورۇنۇپ قېلىۋاتقىنىمنى كۆرۈپ قىزىقارلىق چاخچاقلىرى بىلەن بىردەمدىلا ئۆز ئارىسىغا قېتىۋالدى. ئالدىمدا ئولتۇرغان بۇ مېيىپ بالىنىڭ قەيسەرلىكى، ئىلىم سۈيەرلىكى مېنى شۇنچىلىك ھاياجانغا سېلىۋەتتى.
شۇ ئارىدا بوزقىر ئاكام سۆز ئاچتى:
-تۇنىياز ئوسمان،ئەينى ۋاقىتتا ‹‹ئاقسۇ ئەدەبىياتى››ژۇرنىلىدا ‹‹دېلو قۇرلىرىدىن ئەخلاق كىرزىسىمىزگە نەزەر››ناملىق ماقالىنى يېزىپ،ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان،ئەينى چاغدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سېياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئىدى. قانۇنشۇناسلىق ساھەسىدىمۇ مەخسۇس ئەسەرلەرنى يازغان.ھازىر يەر تەۋرەش ئىدارىسىدا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
بوزقىر ئاكىمىز يەنە تۇنۇشتۇرۇشقا باشلىدى:
يېنىدا ئولتۇرغان كىشىنىڭ ئىسمى ئەخمەتجان ،مەكتەپتىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن.ئاياق مايلاپ تىجارەت باشلىغان، ئۆزى مېيىپ بولغان بىلەن،روھى مېيىپ ئەمەس،شۇنداق تىرىشچان بالا،مەن تەرەپتە ئولتۇرغان بالا مارشال،مىسرانىم مۇنبىرىنى باشقۇرىدۇ،ئۆزى كورلىدىن،كەسپى دېھقان، يېقىندا قەشقەرنى 10نەچچە كۈن ساياھەت قىلىپ بۈگۈن ئاقسۇغا كېلىشى، مېنىڭ يېنىمدىكى بالىنىڭ مۇنبەردىكى ئىسمى قارلۇق،باي ناھىىيە ياقېرىقبازارلىق باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى. مېنىڭ ئىسمىم ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر،ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىدە ئىشلەيمەن.ئەمدى تۇنۇشىۋالدۇق.قېنى ئەمىسە غىزالىنىلى....-دەپ بىزنى غىزالىنىشقا بۇيرىدى.
بوزقىر ئاكامنىڭ تۇنۇشتۇرىشى بىلەن ھەممىمىز تۇنۇشىۋالدۇق.بۇ قېتىمقى يىغىلغان كىشىلەر بىلەن بۇنداق ياخشى بىر داستىخانغا جەم بولغىنىمدىن تولىمۇ خۇشال بولدۇم.
بۇ قېتىملىق يىغىلىشتا مەن توغرىلىق گەپ چىقتى:
-مارشال قەشقەردىن بۈگۈن كېپتۇ،قېنى مارشال،قەشقەردىكى سەپىرىڭىز توغرىلىق ئاز-تولا سۆزلەپ بەرمەمسىز؟-دېدى بوزقىر ئاكام.
-ئىككى يىل بۇرۇن بارغان ئىدىم، ئۇ چاغدا قەدىمكى تار كوچىلار چېقىلماي ساق تۇرۇپتىكەن، بۇ قېتىم بېرىشىمدا،نۇرغۇن تار كوچىلار چېقىلىپ كېتىپتۇ، چىۋىن يەۋەلغاندەك بوپ قالدىم،شۇنداقتىمۇ،يەنە يېنىمدىكى فوتو ئاپپاراتنى يېنىمدىن ئايرىماي، نەچچە يۈز پارچىدىن ئارتۇق خاتىرە رەسىم قىلىپ ساقلىۋالدىم.گۈلەن ئاكامنىڭ دېيىشچە،چەتئەللەردە ئاسار-ئەتىقە ئورنىدىكى قەدىمكى تۇرالغۇلاردا ئولتۇرۋاتقان ئاھالىگە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى بېرىپ، ئۇلارنى شۇ يەرنى قوغداش ئۈچۈن رىغبەتلەندۈردىكەن،لېكىن،ئۇ سىياسەت بىزنىڭ بۇ يەردە تېخى ئەمىللەشمەپتۇ....-دېدىم مەن.
كەينىدىن بوزقىر ئاكام:
-ئاڭلىسام گۈلەن ئەپەندىنى ياشلا بالا دەيدۇ، ئەمما ئەسەرلىرىدىكى تەمكىنلىك، بالاغەتكە قارىسا قېتىققان ئادەمنى ئەسلىتىدىكەن-دېدى.
مەن جاۋاب قايتۇرۇپ:
-35دىن ئاشقان كىشىكەن،خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەن ئىدۇق، مەن كورلىغا قايتقان چاغدا، سىزگە ئۇچۇر قىپ ئەۋەتەي، گۈلەن ئاكام بىلەن كۆرۈشكەن چاغدا،سىزنىڭ ئوتلۇق سالىمىڭىزنى يەتكۈزدۈم، گۈلەن ئاكام: سالامەت بولسۇن،رەخمەت،كۆرۈشكەندە مېنىڭمۇ سالىمىمنى يەتكۈزۈپ قويارسىز دېگەن ئىدى...دېدىم مەن.
بۇ يەردىكى سورۇندا جەم بولغان كىشىلەر بارغانسېرى ئۆز ئارا مۇڭدىشىپ، بارغانسىرى جەمىيەت،ئىجتىماھىي تۇرمۇش توغرىلىق نۇرغۇن مۇنازىلەرنى ئېلىپ باردۇق.تۇيۇقسىز،ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى باي ناھىيسىدىكى ئەينى ۋاقىتتا ھاكىم بولغان ئاينۇر ھاكىمنىڭ سۆزى چىقىپ قالدى، بۇ توغرىلىق رۇستەم:
-ئاينۇر مەقسەت باي ناھىيسىگە ھاكىم بولغان مەزگىللەردە،دېھقانلار بىلەن ھال-مۇڭ بولغان، ھەقىقىي خىزمەت قىلغان خەلق كادىرى ئىدى، ئەينى چاغدا، كىشىلەر كۈزلۈك يىغىمدا،زاۋۇتنىڭ ئالدىدا شوخلا قاتارلىق يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۆتكۈزەلمەي، نەچچە كىلومېتىر ئارىلىقتا ئورۇن ئىگىلەپ كەتكەن ئىدى، كۈز ۋاقتىدىكى ھوسۇل شادلىقى بولىدىغان مۇشۇنداق چاغلاردا،ئاينۇر مەقسەت ھاكىم نەچچە خالتىغا ناننى ياقتۇرۇپ،مېنرال سۇ بىلەن شۇ يەردە ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇپ كەتكەن دېھقانلارنىڭ يېنىغا بېرىپ ،ئۆز قولى بىلەن تارقاتقان ئىدى.ئاينۇر مەقسەت باي ناھىيسىگە ھاكىم بولغان چاغلاردا، كۆپ ۋاقتىنى دېھقانلار بىلەن پىكىرلىشىش ۋە ئۇلارنىڭ ھالىغا يېتىش بىلەن ئۆتكۈزەتتى،باي ناھىيسىدىكى ھەممە كىشى تا ھازىرغا كەلگۈچە شۇ ئەركەك ھاكىمنىڭ گېپىنى قىپ يۈرۈيدۇ....-دېدى.

شۇ چاغدا بوزقىر ئاكام ئاينۇر مەقسەتنىڭ باي ناھىيسىدىكى مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دوستلىرىدىن ئاڭلىغان بىر تەسىرلىك ھېكايىنى بىزگە سۆزلەپ بەردى،ئاينۇر مەقسەت باي ناھىيسىدە ھاكىم بولغان چاغلاردا،مەكتەپلەردە ئۇلۇغ جۇڭخۇا خەلق جۇمھىرىيىتىدىكى مەشھۇر مەدەنىيەت چولپانلىرىنىڭ ھەيكىلىنى تىكلەش ئىشى بولغان مەزگىللەردە،باي ناھىيسىدە بولۇپ ئۆتكەن بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى:

-باي ناھىيسىدە ئىشلەۋاتقان دوستلىرىمدىن ئاڭلىشىمچە،2007-2008-يىللاردا باي ناھىيسىنىڭ ئىككى خىزمىتى ئۆتكۈزۋاتقان، ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتى ئەڭ جاپالىق ئۆتكەن شۇ يىللاردا ھەرقايسى مەكتەپلەردە ھەيكەل ئورنىتىش دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپتۇ. ھەرقايسى يېزىلاردىكى مەكتەپلەردە كىشلەرنىڭ يەنى(خەنزۇ مەشھۇلىرى ۋە باشقىلارنىڭ ھەيكىلى) ئورنىتىلىپتۇ.ئاينۇر مەقسەت ھاكىم شەخسەن ئۆزى بايدا ھاكىم موللا مۇسا سايرامى ۋە نىمشېھىت ئارمىيە ئېلى سايرامىدىن ئىبارەت ئۇيغۇرنىڭ ئىككى مەشھۇر شەخس ئۆتكەن . نىمىشقا بۇلارنىڭ ھەيكىلنى ئورناتمايسىلەر؟ ئەجىبا بۇلار جوڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتى ئەمەسمىكەن! دەپ ئالاھىدە ئۆزى سۈرۈشتۈرۈپ ،يوليۇرۇق بېرىپ مائارىپ ئىدارىسىغا تاپىلاپتۇ،مەبلەغنى يۈرۈشتۈرۈپ بېرىپتۇ. بولمىسا بۇنداق چوڭ ئىشقا ئىدارە ئۆز ئالدىغا بىرنەرسە دېيىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئىككى ئايغا يېقىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق 2008-يىلى 12-ئايدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، جۈملىدىن سايرام خەلقىنىڭ ئىپتىخارى،دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە ئالىملىرىمىز- شائىرلىرىمىز موللا موسا سايرامى ۋە نىمشېھىت ئەرمىيا ئېلى سايرامىيلارنىڭ كىندىك قېنى تۈكۈلگەن ئانا ماكاندىكى ئالىي بىلىم مەركىزى بولغان سايرام بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە يىگىرمە مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەخ بىلەن بۇ بۈيۈك ئابىدە بارلىققا كەلگەن ئىكەن.شۇندىن كېيىن جاي-جايلاردىن باي ناھىيسىگە ساياھەتكە ،خىزمەت تەكشۈرۈشكە كەلگەنلەر ئالايىتەن مەكتەپكە كىلىپ كۆرۈپ كەتكىل تۇرۇپتۇ.

ئارلىقتا ئازراق ۋاقىت ئۆتۈپ ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ خەنزۇ باشلقى شۇ مەكتەپكە تەكشۈرۈشكە كەلگەندە ھەيكەلنى كۆرۈپ ئاچچىقى كىلىپ بۇ سەللە يۆگىگەن ساقاللىقلارنىڭ ھەيكىلى نىمىشقا بۇيەردە ئورنىتىلدۇ؟ داھىيلارنىڭ كۇڭزى، مىڭزىلارنىڭ ھەيكىلى ئورنىتلمايدۇ؟ دېگەندە ئاينۇ ھاكىمنىڭ ھېلىقى گىپى بىلەن بۇ ئۇلۇغ جۇڭخۇا تارىخىدىكى مەشھۇر ئەربابلارنىڭ ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپ چوڭقۇر سۈكۈتكە چۆمۈپتۇ....-دېدى.

بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇنياز ئوسمان ئاكىمىز:
-مەنمۇ بۇ ھاكىمنىڭ خېلى كۆپ ئىش-ئىزلىرىنى كىشىلەردىن ئاڭلىغان،ئاينۇر مەقسەتنىڭ قىلغان ئەمگەكلىرى،باي ناھىيسىدىكى دېھقانلار ئاغزىدا ھازىرغا كەلگۈچە قىلىنماقتا.ياخشى خىزمەت قىلغان كادىرلارنى خەلق ئۇنۇتمايدۇ،خەلق قەلبىدىكى ياخشى رەھبەر ئۇنىڭ ئويلىغان غايىلىرىدە ئەمەس،بەلكى،ئىرادىسىنىڭ يۈكسەكلىكى،قول ئاستىدىكى كىشىلەرگە كۆيۈنۈشتىن كېلىدۇ.رەھبەرلەردە ئادىل،ھەققانىيەت تۇيغۇسى بولسا،سەمەرىلىك ئىشلارنى باشقا چىقىرالىسا،ئۆزىگە يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولسا،مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلدىغان چاغلاردا،كەسكىن قارارلارنى چىقىرىپ،كەسىپتە سەمىمىي بولسا،ئاۋام خەلقنىڭ مۇڭ-زارىغا ھەمدەم بولۇپ،كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلىسە،ئاندىن دۆلەتكە،پارتىيەگە يۈز كېلەلەيدۇ، ئاينۇر مەقسەت باي ناھىيسىدىكى خەلقنى چۈشىندىغان،كىشىلەر بىلەن ئالاقە باغلاشقا ماھىر،پاك-دىيانەتلىك ھاكىم دەپ ئاڭلىدىم،بەلكىم،ئاينۇر مەقسەتنىڭ قىلغان ئىش-ئىزلىرى كىشىلەر ئاغزىدا تا ھازىرغا كەلگۈچە داستان بولۇشى مۇشۇ سەۋەبتىن بولۇشى مۇمكىن.
-بايدىكى ھاشار ئازلىدىمۇ؟دوستلىرىمدىن ئاڭلىسام،ئورۇنسىز ھاشار بەك كۆپ ئىكەن،قانداق بولغاندۇ ؟-دەپ سورىدىم مەن.
-ھازىر ئازلاپ قالدى، بۇرۇنقىدىن خېلىلا ياخشى، بوپمۇ سايرامدا ھاشارنىڭ ئازلىغىنى تولىمۇ ياخشى بولدى-دېدى رۇستەم.
-ئاقسۇ ۋىلايىتىگە كەلگەن ۋالىي مەردان مۇقىيىت بۇرۇن كورلىغا شەھەر باشلىقى بولغان،ھازىر خېلى ئۇزۇن بوپتۇ بۇ يەرگە كەلگىلى؟-دېدىم مەن.
-يېڭى كەلگەن ۋالىي ئاڭلىسام كۆپ خىل تىلنى بىلىدىكەن،توردىمۇ بىر قېتىم رەھبەرلەر توغۇرلۇق تېما چىققان چاغدا،مۇنبەردىكى ئەزالار مەردان مۇقىيتنىڭ قىلغان ئىش-ئىزلىرىنى سۆزلىگەن ئىدى،ئەينى چاغدا،كورلا شەھىرىگە باشلىق بولغان چاغلاردا،نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىپتىكەن،خەلقنىڭ قەلبىدە ياخشى ئوبرازلارنى قالدۇرۇپتىكەن،ئاقسۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەقىياتى ئۈچۈن بۇ ۋالىينىڭ بۇ زېمىنغا قەدەم باسقىنى ياخشى بولدى.-دېدى بوزقىر ئاكام.
-ۋالىي ھوقۇقىنى پۈتۈن ئىشلىتالامدۇ؟-دەپ سورىدىم مەن.
-ئەلۋەتتە،-دېدى بوزقىر ئاكام- ئاقسۇ ۋىلايىتى چوڭ ۋىلايەت. سەككىز ناھىيە ، بىر شەھىرى بار.ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى ئەشۇ سەككىز ناھىيە ، بىر شەھەرنى مەمۇرىي جەھەتتىن باشقۇرۇشقا پۈتۈنلەي ھوقۇقلۇق.گەپ ئەشۇ ھوقۇقنى قانداق يۈرگۈزۈشتە.يەنى ھوقۇقىنى  ئۆزى باشقۇرىۋاتقان رايوندىكى ئۆزى تەۋە قوۋىمنىڭ ھەق -ھوقۇقى ئۈچۈن يۈرگۈزەمدۇ ياكى ئۆزى، ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى ۋە يېقىن -يورۇقلىرىنىڭلا مەنپەئەتى ئۈچۈن يۈرگۈزەمدۇ ؟ گەپ مانا مۇشۇ يەردە. ھوقۇق مۇئەييەن تاۋار تۈسىنى ئېلىپ قالغان جەمئىيەتتە ھوقۇقدارلارغا باھا بېرىشمۇ تەسكە توختايدىغان بولۇپ قالدى--دېدى .
ئەخمەتجان بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ:
-ھازىرقى شەھەر تەرەقىيات يولىدىكى ئاسفالىت يوللارنى تۈزەش ،رېمنۇت قىلىش ئىشىمۇ بەلكىم مەمۇرىي مەھكىمە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن،شەھەر يولىنى قايتا رېمۇنىت قىلىش ئاقسۇ شەھىرىنىڭ شەھەر قىياپىتىنى يەنە يېڭى تۈسكە كىرگۈزىدىغان بولدى-دېدى.
-ئەينى چاغدا،مەردان مۇقىيىت كورلا شەھىرىگە باشلىق بولغان چاغلاردا،شەھەرنىڭ مائارىپ،پەن-مەدەنىيەت،كۆكەرتىش،شەھەر قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا بەك كۆڭۈل بۆلگەن،بىر قېتىم ‹‹كۆڭۈلدىكى سۆز››پىرۇگراممىسىدا ‹جەلپكار شەھەر كورلا›دېگەن سۆھبەتتە چىققان،كورلىدىكى ھەر مىللەت خەلقى مەردان مۇقىيتىنى ئۇنۇتمايدۇ،ئۇنىڭ كورلىغا قىلغان خىزمەتلىرى تا ھازىرغا كەلگۈچە كىشىلەر ئاغزىدا سۆزلىنىپ يۈرمەكتە...-دېدىم مەن.

قىلىۋاتقان سۆھبەتلىرىمىز تولىمۇ ياخشى ئېلىپ بېرىلماقتا ئىدى.ئىلمىي سۆھبەتلەردە ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىرىلەر كىشىنىڭ روھىي دۇنياسىنى يېڭىلايدىكەن،كۆپنى كۆرگەن،نۇرغۇن ئىشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بىلىملىك زاتلار بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەردە كىشىنىڭ بىلىمىنى تاكامۇللاشتۇردىغان يۇرۇق سەھنە بولۇپ قالدىكەن.ئەركىن پىكىر قىلشقان مۇنازىرىلەردە ئىنساننىڭ قەلبى ھاياجانلىنىپ،ئۆزىدە نۇرغۇن نۇقسانلارنىڭ بارلىقىنى تۇلۇق ھېس قىلىپ يېتەلەيدىكەن،مەن مانا مۇشۇ پەيتلەردە،بىر داستىرخانغا جەم بولۇپ،سۆھبەتلىشىۋاتقان ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر،تۇنىياز ئوسمان ئاكىمىزنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلاپ،كاللامدا سىلكىنىش يۈز بەردى،بۇرۇنقى ساددا خىياللار،تۇرمۇشقا بولغان يۈزەكى چۈشەنچىلەر مېنىڭ كېيىنكى ھاياتلىق نىشانىمغا قانچىلىك دىشۋارچىلىقلارنى ئېلىپ كېلدىغانلىقىنى دەسلەپكى قەدەمدە ھېس قىلىپ يەتتىم.بۇنداق ياخشى سۇرۇندا،ئىنسان ئۆزىنى قايتا تۇنۇشقا باشلايدىكەن،ھەقىقەتنى تۇنۇيدىغان،ئۆزىدىكى خاتالىقنى تۈزىتىدىغان ياخشى بىر چىقىش يولى بولۇپ قالدىكەن،بۇ قېتىمقى سۆھبەت ماڭا نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگەتتى.مۇشۇنداق ئىزتىراپلىق خىياللارنى سۈرۈۋاتقان چاغلاردا،ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر ئاكىمىز يەنە سۆز باشلىدى:
-توردا ھازىر زىيالىيلار ئارىسىدا ئەسەر يېزىپ يوللايدىغانلار بەك ئاز، ئۇلار تورغا قەدەم قويسا بولاتتى،ئابدۇقادىر جالالىدىن،يالقۇن رۇزىلار تورغا ئۆز ئەسەرلىرىنى يوللاپ تۇرغان بولسا،ئۈنۈمى ياخشى بولاتتى-دېدى بوزقىر ئاكام.
-توغرا دەيسىز بوزقىر ئاكا،يالقۇن رۇزىمۇ ئەلكۈيىدە بىر ئىنكاس يېزىپ، مىسرانىمدا ‹‹سابىت داموللا كىم؟››دېگەن تېمىنى چىقىرىپ،تور دۇنياسىدىن ئۈن-تىنسىز غايىپ بولدى.-دېدىم مەن.
-ھازىرقى رېئاللىق بىزدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىشكە،چۈشنىشكە دەۋەت قىلماقتا،زىيالىيلارنىڭ تورغا ئەسەر بەرمەسلىكى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويىدۇ،ھازىرقى قولايلىق شارائىتلاردا،بىز ئېنتىرنىتنىڭ ياخشى تەرەپلىرىدىن پايدىلانساق ياخشى بولاتتى.نۇرغۇن كىشىلەر توردىن پايدىلىنىدىغان ياخشى كەيپىيات بارلىققا كەلدى،لېكىن،خەلقنى يېتەكلىگۈدەك زىيالىيلار قۇشۇنىنىڭ تور دۇنياسىدا ئاز بولۇشى توغرا پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈش،تۇلۇپ تاشقان قىزغىنلىققا يەنىلا توسالغۇ بولۇپ كەلمەكتە،مېنىڭمۇ ئۈمىدىم،مىللەت قۇشۇنىدىكى زىيالىيلارنىڭ تور دۇنياسىغا قەدەم قويۇپ،مۇنبەردىكى كىشىلەرگە توغرا تەپەككۇر قىلىشنى ئۆگىتىش،ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى تۇنۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىسە ياخشى بولاتتى ...-دېدى تۇنىياز ئوسمان ئاكىمىز.
-بىر چاغدا،ئەلكۈيىدە ئابدۇقادىر جالالىدىننى تورغا چاقىرىش توغۇرلۇق بىر تېما يوللىنىپتىكەن،تېما ئېگىسى بۇ ئۇستازنىڭ پايپىقىنى يۇيساقمۇ ئەرزىيدۇ دەپتىكەن،بەك ئالدىراشمىدۇ يا؟-دېدىم مەن .
-ئالدىراشچىلىقتىن يەنىلا ۋاقىت چىقىدۇ،مەن ئېنتىرنىتنىڭ دۇنيانى ئۆزگەرتىدىنىغا ئىشىندىغانلاردىن،ياخشى ئەسەرلەر چىقىپ تۇرسا،خەلقنى يېتەكلەيدىغان زىيالىيلار مۇنبەردىن ئورۇن ئېپ،مەۋھۇم دۇنيادىكى كىشىلەرنى يېتەكلىسە،ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ،بۇنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى كۆپ-دېدى بوزقىر ئاكام.
دەرۋەقە،تور ئېچىلغاندىن بۇيان،ئۇيغۇر مۇنبەرچىلىكى يوقلۇقتىن بارلىققا،كىچىكلىكتىن چوڭلۇققا قاراپ تەرەققىي قىلدى،ھازىر تور دۇنياسىغا قارايدىغان بولساق،مەتبۇئاتقا قارىغاندا،توردىكى ئوقۇرمەنلەر،زىيارەتچىلەر كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. بوزقىر ئاكامنىڭ بۇ سۆزى مەندە نۇرغۇن ئويلىنىشلارنى ھاسىل قىلدى.بوزقىر ئاكام يەنە ئامىركىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئەركىن سىدىق ئاكىمىزتورغۇلۇق گەپ قىلدى:

-ئەينى چاغدا ئەركىن سىدىق تور دۇنياسىغا يازمىلىرىنى يوللاپ تۇراتتى،نۇرغۇن كىشى بۇ ئالىمىمىزنى ھۆرمەتلەيدۇ، بىز دىدارلىشىپ باقمىغان داڭلىق ئالىمىمىز بىلەن ئەخمەتجان كۆرۈشۈپ باققان.ئاقسۇدا پاراڭلىشىپ ،ھەمسۆھبەتتە بوپتىكەن.-دېدى بوزقىر ئاكام.
رۇستەم مۇئەللىم قاچان، قانداق ۋاقىتتا كۆرۈشكەنلىكىنى سورىدى،مەنمۇ بەك قىزىقىپ قالغان ئىدىم.
ئەخمەتجان بۇ توغرىلىق ئەينى چاغدىكى كۆرۈشكەن چاغلارنى بىزگە سۆزلەپ بەردى:
-2008-يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنلىرى،دۇكاندا ئاياق مايلاپ ئولتۇراتتۇق،ئىشىم تۈگەپ ئەمدى بىكار بولغان چاغدا، ئىككى كىشى كىرىپ كەلدى ھەمدە نەۋرە ئاكامنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇدۇلىدا ئولتۇردى.بۇ كىشى ماڭا بەك تونۇش چىراي كۆرۈندى،دەرۇ ئىسىمگە ئالالمىدىم،تۇيۇقسىز،يەنى ئالدىنقى يىللارنىڭ بىر كۈنلىرى مەن توردا بۇ ئاكىمىزنىڭ ئامىركا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىدە ئېنژىنىر ئىكەنلىكى ھەم دۇنياغا داڭلىق ئۇيغۇر فىزىكا ئالىمى ئىكەنلىكى ئېسىمگە كەلدى، يەنە دەرۇ ئىشەنمەي، كۆزۈمنى ئۇۋىلاپ قارىدىم ھەمدە ئۇ ئاكىمىزغا:
-سىز ئەركىن ئاكىمىز شۇمۇ؟-دەپ سورىدىم .
ئەركىن سىدىق ئاكىمىز:
-مېنى ئاياق مايلايدىغان بالا تۇنۇمايدىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن، مېنى تۇنۇيالىغىنىڭدىن بەك خوش بولدۇم ئۇكام-دېدى .
-سىز بىزنىڭ داڭلىق ئالىمىز تۇرسىڭىز ئەركىن ئاكا، سىزنى تۇنۇمىساق،قانداق بولىدۇ؟-دېدىم.
كەينىدىن ئەركىن سىدىق ئاكامنىڭ ئايىغىنى مايلاۋاتقان ئاكام بەك ھاياجانلىنىپ كەتتى، ئۇنىڭ چىرايىدىكى ئۇنداق تەبەسسۇمنى ئۆمرۈمدە كۆرۈپ باقمىغان ئىكەنمەن، ئەركىن سىدىق ئاكىمىز بىلەن كۆرۈشكىنىمدىن تولىمۇ خوش بولغان ئىدى،نەۋرە ئاكام ئەركىن سىدىق ئاكىمىزغا سۆز قىلدى:
-سىلىنىڭ گەپلىرىنى بەك قىپ بېرەتتى ئۇكام،بۈگۈن كۆرۈپ شۇنداق خوش بولدۇم ئەركىن ئاكا-دېدى.
-مەن ئامىركىغا چىقىپ كەتكىلى 20يىل بولدى ئۇكام، بۇ قېتىم ئاقسۇ ۋە كەلپىندە تۇققانلار بار ئىدى، شۇلارنى يوقلاپ كەلگەچ،تۇغۇلغان يۇرتۇم ئاقسۇغا كەلدىم، سىلەرنىڭ تىرىشچانلىقىڭلارنى كۆرۈپ شۇنداق خوش بولدۇم ئۇكىلىرىم،بولسا،ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزمەڭلار، كىچىك ئىشنى قىلسىمۇ،مۇشۇنداق ھالال ياشىغان ياخشى.-دېدى ئەركىن سىدىق ئاكىمىز.
-باللىرىڭىز ئۇيغۇرچە ئۇقامدۇ ئەركىن ئاكا؟-دەپ سورىدى نەۋرە ئاكام.
-ئەلۋەتتە ئۇقىدۇ، مەن ئۇيغۇر تۇرسام،نېمىشقا بىلمىگۈدەك؟
-تۇرۇۋاتقان يېرىڭىزدە ئۇيغۇرلار بارمۇ؟-دەپ سورىدى نەۋرە ئاكام.
-بار ئۇكام، 17ئائىلە ئۇيغۇر بار.-دېدى ئەركىن سىدىق.
-يەنە بىر كىشى بار ئىدى ،تۇرسۇنجان (جېك)چۇ ؟-دەپ سورىدىم مەن.
-پات يېقىندا تويى بولىدۇ،ھازىر خوتەندە، ئۇنىڭ بىلوگىغا خەت قالدۇرساڭ،ئۈچ كۈنگىچە جاۋاب قايتۇرىدۇ.-دېدى ئەركىن سىدىق .
ھەش-پەش دېگۈچە ئۈچ-تۆت مىنۇت ئۆتۈپ، ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ ئايىغىنى مايلاپ بوپتۇ. ئەركىن سىدىق ئاكىمىز ۋاقىت يار بەرسە چوقۇم كىرىمەن دەپ بىز بىلەن خوشلاشتى،ئەركىن سىدىق ئاكىمىز چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، مەن نەۋرە ئاكامغا :
-ھەي،ئاكا، ئاياقنى نېمانداق تېز مايلايسەن؟ 3-4مىنۇت ئۇزارتىپ مايلىساڭ كۆپرەك پاراڭلىشىۋالاتتۇق ئەمەسمۇ بۇ ئالىمىمىز بىلەن؟-دېدىم مەن ئاكامغا.
ئاكام سۆزۈمنى ئاڭلاپ، شۇنداق قىلماپتىمەن، ئايىقىنى ئاستا مايلايدىغان ئىشكەنتۇق دەپلا دېمى ئىچىگە چۈشۈپ قالدى، مەن ئۇ كۈندىكى خاتىرىلەرنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايمەن، ئەركىن سىدىق ئاكىمىز بىلەن كۆرۈشكەن شۇ چاغدىكى ئۇنتۇلماس خاتىرلەش تاكى ھازىرغا كەلگۈچە ئېسىمدىن چىقمايدۇ-دېدى ئەخمەتجان.
ئەخمەتجان يوقۇرقى بايانلارنى دەپ بىزنى تولىمۇ ھەرخىل خىياللار قاينىمىغا باشلىدى،ئەركىن سىدىقتەك ئامىركىدەك تەرەقىي قىلغان بىر دۆلەتتە،شۇ دۆلەتنىڭ ئالەم ئىشلىرى ئىدارىسىدا خىزمەت قىلىشى ۋە ئېنژىنىر بوپ خىزمەت قىلىشى ھەممە ئۇيغۇرنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىدۇ.تۇيۇقسىز سۈكۈتلۈك خىياللاردىن كېيىن مەن بوزقىر ئاكامغا:
-بوزقىر ئاكا،سىزنىڭ ‹‹ئالىمجان ساقىلىڭىزغا رەھمەت›› دېگەن ماقالىڭىزنى شارائىت،ۋاقىت يار بەرگەن بولسا،جوڭگۇدىكى چوڭ تور بەتلەرگە چىقىپ باقسىمۇ بوپتىكەن.-دېدىم مەن.
بوزقىر ئاكام مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپ:
-«ئالىمجان ، ساقىلىڭىزغا رەھمەت» دېگەن ماقالىنى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومېتېتىدىكى ئۇزۇن يىل مىللەتلەر خىزمىتى بېلەن شۇغۇللانغان بىر زىيالىي رەھبەرنىڭ پىكرىنى ئېلىپ بېقىشقا ماڭدۇرۇپ بەرگەن ئىدىم. ئۇ كىشى ماقالىغا بەزى ئىجابىي پىكىرلەرنى بېرىپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا نەشىر قىلىنىۋاتقان بىر دۆلەت دەرىجىلىك ژۇرنالنىڭ ئېلان قىلىشىغاتەستىقلاپ چۈشۈرۈپ بەرگەن بولسىمۇ ئەمما يەنىلا ئېلان قىلىنىشتىن مەھرۇم قالدى.
سىز دېگەندەك ئەمدى خەنزۇچە تور مۇنبەرلىرىگە يۈرۈش قىلمايمۇ بولمىغۇدەك....-دېدى بوزقىر ئاكام.
-
تۇنىياز ئاكام بۇ بايانلارنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن:
-ئۆمەرجاننىڭ توردا خېلى زىلزىلە پەيدا قىلغان ياخشى ماقالىلەرنىڭ بىرى،ماقالىدا تارىخىي رېئاللىقنى ئاساس قىلىپ،دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن-سىياسەتلىرىنى ئىلمىي ھالدا ئىسپات كەلتۈرۈپ يېزىپ چىققان ماقالە،ئۇ يازما روياپقا چىققاندىن كېيىن،نۇرغۇن كىشىلەرنى خوشال قىلغان،ئۆمەرجاننىڭ تور دۇنياسىدا باشچى بولۇپ،يازما يوللاپ تۇرۇشى كىشىنى سۆيۈندۈردىغان ئىلمىي ئەمگەكلەرنىڭ بىرى....-دېدى.

مەن تۇنىياز ئوسمان ئاكىمىزنىڭ بىلىملىك زىيالىي ئىكەنلىكىنى بۈگۈنكى سۇرۇندا ھېس قىلىپ يەتتىم،بوزقىر ئاكامنىڭ بۈگۈنكىدەك سورۇندا ئولتۇرۋاتقان ۋاقىتتا،ئۆزى بىلەن بىر شەھەردە خىزمەت قىلىۋاتقان ،قانۇندىنمۇ خېلى مۇكەممەل ساۋادى بار،مەسىللەرنى ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلىدىغان بۇ كىشىنى بۇ سۇرۇنغا جەم قىلغانلىقىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم،بۇ سۇرۇندا ئولتۇرۋاتقانلار ئىچىدىمۇ مەندىن باشقىسىمۇ ناھايىتى خوشال ئىدى،دەل مۇشۇ پەيتتە،تۇنىياز ئوسمان ئاكىمىز بىزگە كىرىزىس توغۇرلۇق ئۆز كۆز –قاراشلىرىنى بىزگە ناھايىتى ئەتراپلىق،قايىل قىلارلىق قىلىپ سۆزلەپ بەردى:

-ئۇيغۇر جەمىيتىنىڭ قاتمۇقات كىرىزس ئىچىدە تۇراۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە ئايان.مېنىڭچە،بۇ كىرىزىسنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى ھېچقايسى زامان،ھېچقايسى دەۋر بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.مەسىلىنىڭ بىزگە مەنسۇپ قىسمىدىن ئالغاندا،بىز دۇچ كەلگەن كىرىزىسلارنىڭ ئەڭ ئېغىرى ئەخلاق كىرىزىسىدۇ.ئازغۇن ئىدىيە ۋە ئېتىقادسىزلىق كىرىزىسىگە بارغانچە پېتىپ كېتىشىمىزنىڭ تۈپ سەۋەبى بولالمىسىمۇ مۇھىم سەۋەبلىرىدىندۇر.نۆۋەتتە بۇ كىرىزىسنىڭ قۇربانلىرى خۇتۇن –قىزلىرىمىز بولىۋاتىدۇ.مۇبادا مەسىللەرگە قارىتىلغان تەدبىرلىرىمىز بولمىسا،كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتنى مۆلچەرلەش تولىمۇ قىيىن.بۇ ئىشتا ئەرلەرنىڭ ،جۈملىدىن پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ باش تارتماس مەجبۇرىيىتى بار.

تۇنىياز ئاكىمىزنىڭ بۇ گەپلىرى ھەممىمىزنى ئويلاندۇرۇپ قويدى،ئاقسۇ شەھىرىدە ياشاپ،ئۆز جەمىيتىنى ئەتراپلىق كۆزىتىپ،بىزلەرگە ئەڭ مۇھىم،ئويلىنىشقا تېگىشلىك بولغان بەزى رېئال مەسىللەرنى دەپ،كاللىمىزدا سىلكىنىش ھاسىل قىلىۋاتقان بوزقىر ئاكامدىن كېيىن،تۇنىياز ئاكامنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ،نۇرغۇن ئوي-خىياللارغا مەپتۇن بولدۇم.تۇنىياز ئوسمان ئاكىمىز چايدىن بىر يۇتۇم ئىچىپ بولغاندىن كېيىن،گېپىنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇردى،بۇ ئاكىمىزنىڭ نۇتۇق قابىلىيتى،سۆز قىلىش ئۇسلۇبى كىشىنى ھەقىقەتەن قايىل قىلدىكەن،تۇنىياز ئاكام يەنە:

-نورمال جەمىيەتتە ئادەتتە ھۆكۈمرانلىقنىڭ ئۇل تېشى،ئەخلاق بولسا جەمىيەتنىڭ ئۇل تېشى ھېسابلىنىدۇ.جەمىيەت ئەخلاقتىن ئىبارەت ئۇلى پەقەت ئېتىقاد ئارقىلىق مۇستەھكەملىنىدۇ.بولۇپمۇ قانۇننىڭ نۇپۇزى تىكلەنمىگەن،ساختىلىق جەمىيەتلەشكەن دۆلەتتە قانۇنغىلا تايىنىپ جەمىيەتنى تۈزىگىلى بولمايدۇ،قانۇن ھەر قانداق يەردە ھېچقاچان ئەخلاقنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ...ئېتىقاد بولمىسا ياكى سۇسلاشسا ئەخلاق بۇزىلىدۇ،ئەخلاق بۇزۇلغان يەردە ئادالەتمۇ بولمايدۇ،بىزنىڭ نۆۋەتتىكى رېئاللىقىمىز،ئۇيغۇرلارنىڭ قىسمەتلىرى ئاللىقاچان بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاپ بەردى.مەن ئىلگىرى سوت مەھكىمىسىدە خىزمەت قىلىش جەريانىدا بۇ مەسىللەرنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.ئەخلاقسىزلىقنىڭ ئەڭ شەرمەندە پاكىتلىرىغا گۇۋاھچى بولدۇم.شۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىقىۋاتقان خورلۇق ۋە ھاقارەتنىمۇ چوڭقۇر چۈشەندىم.بېجىرگەن دېلۇلارنىڭ تەسىر قىلىشى ۋە رېئاللىقنىڭ قىستىشى بىلەن ئاخىرى بۇ ھەقتە بىر نەرسە دېيىشنى ئۇيغۇرلۇق قەرزى،ۋىجدان قەرزى ۋە مۇسۇلمانلىق قەرزى ھېسابلاپ،بىر قاتار چاتما خاتىرلەرنى ئېلان قىلدىم،ئېيتىلغان گەپلىرىم دەل جايىغا تەگگەن بولسا كېرەك جەمىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.پىشقەدەم رەھبىرىمىز مىجىت ناسىر ئاقسۇدا ئېلان قىلغان ئەسىرىمگە يۇقۇرى باھا بەردى،ئاقسۇنىڭ شۇ چاغدىكى رەھبەرلىرىمۇ ئەسەرنى ماختاپ يۈردى.ھەتتا رەھبەرلەر‹‹ئۆمرۈمدە ئۇيغۇرچە ئەسەر ئوقۇپ باقمىغانلىقىنى،ئەمما ئاشۇ ئەسەرنى ئۇقۇپ باققانلىقىنى ئەپسۇس ئۇلارنىڭ مىللىي تۇيغۇسىنى ئويغىتىپ قويغانلىقىنى،دەرسلىككە كىرگۈزسە بولدىغانلىقىنى››سۆزلەپمۇ يۈرۈشەتتى.ئەسىرىم بېسىلغان ژۇرنالنىڭ باھاسىمۇ ئۆرلەپ كەتتى،ئەسىرىم بېسىلىپ بولغان ژۇرنال ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سېتىلىپ بولدى....ۋاقىت شۇنداق ئۆتۈپ 2006-يىلى 2-ئايغا كەلگەندە مەن دىشۋارچىلىققا يۇلۇقتۇم،ئۆزۈم پىششىق ئۆگەنگەن كەسىپتىن ئايرىلۋىتىلدىم.دۆلەتنىڭ ئالىي سودىيىسى(سوتچىسى)يەر تەۋرەش ئىدارىسىگە تەتقىقاتچىلىققا ئەۋەتىلدىم.قانۇن ساھاسىدە كىتاب چىقارغان،مەلۇم تەتقىقات نەتىجىسى بار،مەركىزىي شەھەر بېيجىڭدىكى ئالى سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن قانۇن ئۇقۇتۇش ساھاسىدە لىكتۇرلۇققا تەكلىپ قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ تەقدىرىگە ئاچچىق قىسمەتلەر يېزىلدى .بۇ دىشۋارچىلىقنى سۆزلىسەم گەپ ئۇزىراپ كېتىدۇ،مارشال ئۇكامنىڭمۇ ماڭدىغان ۋاقتى بوپ قاپتۇ،پويىزغا كېچىكىپ قالمىسۇن....-دەپ ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن قىسمەتلىك بوران-چاپقۇنلارنى بىزگە سۆزلەپ بەردى.

چىلانباغ تېز تاماقخانىسىدىكى بۇ يەردە قىلىنغان گەپ-سۆزلەر،ئىلمىي سۆھبەتلەر ناھايىتى ياخشى ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.شۇ چاغدا،رۇستەم مۇئەللىم:
-ھەي مارشال،قەشقەردە 10نەچچە كۈن تۇرغان ئادەم ئاقسۇدا بىر كۈن بولسىمۇ تۇرسىڭىز بولىتى ئەسلى،شۇنداق ياخشى گەپلەر بولۇۋاتسا،چۈشتە كېپلا،كەچلىگى ماڭمەن دەپ تۇرۋالدىڭىز،ھەي،مارشال....-دېدى.
-ئالدىڭلاردا تولىمۇ خىجىلمەن،سىلەر بىلەن ئۇزاق ھال-مۇڭ بولغۇم بار ئىدى،ئەسلى تۈنۈگۈن كېلىشنى پىلانلاپ بولغان،يېڭىشەھەر ياندۇما يېزىسىدىكى تۇنۇشلار،دوست-بۇرادەرلىرىم بەك قاتتىق تۇتۇۋالدى،سىلەرگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن،مۇشۇنداق ياخشى سۇرۇندا جەم بولۇپ،ئاقسۇدا خىزمەت قىلىۋاتقان،ئۇيغۇرنىڭ ئوتىدا كۆيگەن ئىككى زىيالىي بىلەن كۆرۈشكىنىمدىن خوشالمەن،بوزقىر ئاكام بىلەن ئۇچرىشىش ھەقىقەتەن خاسىيەتلىك ئۇچرىشىش بولدى.ئەخمەتجان،رۇستەم مۇئەللىم، قاتارلىق ياخشى دوستلارنى تېپىۋلدىم،بۇ مەن ئۈچۈن بەخت ...-دېدىم مەن.
-مەنمۇ ئەتە ماڭىمەن،سىزنىڭ كېلىدىغىنىڭىزنى بوزقىر ئاكامدىن ئۇقۇپ،قايتمىغان ئىدىم،داۋاملىق ئالاقىلىشىپ تۇرايلى...-دېدى رۇستەم مۇئەللىم.
-بولىدۇ،-دېدىم مەن.
بوزقىر ئاكام:
-سورۇنمۇ ئاخىرلىشىپ قالدى،مارشالمۇ ۋاقتىدا ماڭسۇن،پويىز كېتىپ قالسا بولمايدۇ.مارشال بايا دېگەندەك،سىرتقا چىقىپ،خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈۋاللى،خاتىرە بولۇپ قالسۇن...-دېدى.

psb[1].jpg


ئالدىدىكى رەتتىكى ئەخمەتجان كەينى تەرەپ سولدىن ئوڭغا:1.مارشال2.تۇنىياز ئوسمان3.ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر4.رۇستەم مۇئەللىم

ۋاقىت ناھايىتى تېز ئۆتۈپ كەتكىننىمۇ ئۇقمايلا قاپتىمەن،سائەتكە قارسىام،پويىزنىڭ ماڭدىغان ۋاقتى بوپ قاپتۇ،شۇنىڭ بىلەن بۇ قېتىملىق خاسىيەتلىك ،ئەمما،ئىنتايىن مەنىلىك بولغان بۇ ئۇچرىشىش ئاخىرلاشتى.
ھەممىمىز ئورۇنلىرىمىزدىن تۇرۇپ،تالاغا چىقىپ،3-4پارچە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈۋالدۇق،بۇ قېتىملىق 10نەچچە كۈنلۈك سەپىرىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانى بولغان بوزقىر بىلەن ئۇچرىشىش ۋە بۇ ئاكىمىز بىلەن كۆرۈشۈش ئاخىرلاشتى.
بۇ سۆيۈملۈك دوستلىرىمنىڭ جەمىيەتتە، تۇرمۇشتا، خىزمەتتە نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچراپمۇ يەنىلا قەددىنى پۈكمەي ئەل غېمىدە توختاۋسىز ئىزدىنىش روھى مېنىڭ روھىيىتىمدە يېڭى بىر ئويغىنىش ھاسىل قىلدى.
ۋاقىت قىستاپ، ئايرىلىش مىنۇتلىرى يېتىپ كەلگەن ئاشۇ ۋاقىتلاردا ھەممىزنىڭ كۆزلىرىدە بىر-بىرىمىزگە قىيالماسلىق، قېنىشماسلىق ئەكس ئەتكەن ئىدى. شۇ چاغدىكى ھېسسىياتىمنى تىل بىلەن ئىپادە قىلىشقا تولىمۇ ئاجىزمەن. ئۇلار بىلەن ئامالسىز خوشلاشتىم.
خەيىر، ئامان بولۇڭلار! مېنىڭ سۈيۈملۈك دوستلىرىم،مىللەت ئۈچۈن ئەجىر قىلىۋاتقان ئۇستازلار، سىلەرنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايمەن!
شۇنىڭ بىلەن،ئۇلارنى مېنى تاكسىغا يولغا سېلىپ قويدى،ۋاقىت بەكلا ئاز قالغان ئىدى،شوپۇر ماڭا كەچتە ئۇ يەرگە ماڭمايدىغانلىقىنى،ئامال يوق ماڭغانلىقىنى دەپ ماڭا قاقشىماقتا ئىدى.مەن شوپۇرغا:
-نەچچە پۇللۇق يول ئىدى ئۇ؟-دېدىم.
-10يۈەن ئەتراپىدا چىقىدۇ،لېكىن،ۋاقتىدا ئاپىرىپ قۇيالماسلىقىم مۇمكىن-دېدى.
-20يۈەن بېرەي،ۋاقتىدا ئاپىرىپ قۇيۇڭ،يەنە 20مىنۇت ۋاقىت باركەن،10مىنۇتتا بېرىپ بولغىلى بولىدۇ...-دېدىم مەن.
شوپۇرنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم ياغدى،لېكىن،ئۇنىڭ ماڭا قاراپ قىلغان كۈلكىسى چىن ئەمەس ئىدى،يولنى شۇنچە ئۇزاق بېسىپ كەتتۇق،تۇيۇقسىز ئۇ شوپۇر:
-ئاپلا....-مەن خاتا مېڭىپتىمەن،سەككىز كىلۇمىتىر يولنى خاتا بېسىپتىمەن،كەينىمگە ياناي...-دەپ ماشىنسىنى كەينىگە ياندۇردى.
ما ئىشنى كۆرۈپ ئەمدى دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە،ئەمدى كېچىكىپ قالدىغان بولدۇم،كونىلار راست دەپتىكەن،‹‹ئالدىرغان يولدا قالار››دەپ...
پويىز ئىستانىسىغا يېتىپ كەلدىم.پۇلنى شوپۇرغا بېرىپ،يۈك-تاقنى كۆتۈرۈپلا يۈگۈرەشكە باشلىدىم،تۇيۇقسىز بىر يەرگە پۇتلىشىپ،بەك قاتتىق يىقىپ كەتتىم.پويىز كىرىش زالىغا كىرسەم،پويىز ۋوگزالىدىكى خادىملار ئالدىمنى تۇسۇۋالدى ھەمدە بېلەتنى ياندۇرۇپ،2سائەتتىن كېيىن ماڭدىغان پويىزدا مېڭىشىمنى تاپىلىدى،بېلەتنى ئالماشتۇرۇپ،ئىككى سائەت پويىز ۋوگزالىدا يۈردۈم،يېرىم كېچىدىن ئۆتۈپ،كورلىغا ماڭىدىغان پويىز كەلدى،شۇنىڭ بىلەن ئۆز يۇرتۇمغا قايتتىم.
ئائىلەمگە قايتىپ،مېنىڭ ھاياتقا بولغان قارىشىم،دۇنياغا بولغان چۈشەنچەمدە نۇرغۇن ئۆزگىرەشلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى تۇلۇق ھېس قىلىپ يەتتىم.ئۆزۈمنىڭ كېيىنكى ھاياتلىق نىشانى توغۇرلۇق كۆپ ئويلىندىغان بولدۇم.يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمى،ئابدۇۋەلى ئايۇپ گۈلەن،ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر،تۇنىياز ئوسمان ياشاش مۇھىتى مېنىڭ ئىرادەمنى چىڭىتتى.
مەن تور دۇنياسىدا ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىردەك خەلق بىجاندىل خىزمەت قىلىۋاتقان زىيالىيلارنى تولىمۇ ئاز ئۇچراتتىم،ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىرنىڭ ئۆتكۈر قەلىمى ئاستىدا يېزىپ چىققان بىر تالاي يازمىلىرى بولسۇن ۋە ياكى خەنسۇ تور بەتلىرىدىن تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەر بولسۇن،چىقىۋاتقان يازمىلىرى بىز ئۈچۈن ئويلنىشقا تېگىشلىك رېئال مەسىللەر ئىدى،ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر ئېيتقاندەك،ئابدۇقادىر جالالىدىن،يالقۇن رۇزى قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تور دۇنياسىغا قەدەم قويسا بولاتتى دېگەن جاراڭلىق تېۋىشلىرى قۇلاق تۈۋىمدىن كەتمىدى.مەن دەل مۇشۇ پەيتلەردە،ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ‹‹ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسى››دېگەن كىتابىدا مۇنۇ مەزمۇنلارنى ئۇچراتتىم:
ئۇيغۇر ئوقۇمۇشلىقلىرىدا ‹‹زىيالىي››دېگەن نېمە؟دېگەن ئۇقۇم سوئال ئۈستىدىكى مۇھاكىمە تېخى باشلانمىدى.جەمىيتىمىزدىكى كىشىلەر ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا تېخنىكۇم مەكتەپلىرىنىڭ دېپلۇمىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ ھەممىسىنى زىيالىي دەپ قارايدۇ.قانداق خىزمەت قىلىشىدىن قەتئىينەزەر ھۆكۈمەت شىتاتىغا ئۆتۈپ،قەلەمنى پەقەت مائاش دەپتىرىگە ئىمزا قۇيۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئادەملەرمۇ ئۆزىنى‹‹زىيالىي››دەپ ئاتاشنى ياخشى كۆرىدۇ.بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا،‹‹بىزدە زىيالىي كۆپ››،لېكىن،ئىجتىماھىي كىرىزىسلىرىمىز توغرىسىدا گەپ قىلىدىغان تۈزۈك ئادەم يوق.
ئابدۇقادىر جالالىدىن ئۇستاز كىتابىدا يەنە مۇنداق دەيدۇ:
ھەقىقىي زىيالىي مەنپەئەت ئۈچۈن ئەمەس،ئەقىدە ئۈچۈن مەۋجۇد بۇلۇپ تۇرۇشى كېرەك.
مەن بۇ ئۈزۈندىلەرنى كۆرۈپ،ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىردەك ئۆز مەنپەتى ئۈچۈن ئەمەس،بەلكى،ئەقىدە ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقان ھەقىقىي ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى جاھاننامە ئەينىكىدە كەمدىن –كەم ئۇچراتتىم.مېنىڭ نەزىرىمدە،ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر مىللەت ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان،پۈتكۈل زېھنىنى خىزمەتكىلا ئاتىماي،مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان 21-ئەسىردىكى ئمۇنەۋەر زىيالىيدۇر.يەنە ئاقسۇدا مەن كۆرۈشۈپ دىدارلاشقان،ھەمسۆھبەتتە بولغان تۇنىياز ئوسماندەك ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا ئوخشاش كىشىلەر بۇ مەۋھۇم دۇنيادىن ئىبارەت تور دۇنياسىدا بولۇشىمۇ مۇمكىن،لېكىن،سانى تولىمۇ ئاز...
مېنىڭ ئۈمىدىم شۇكى،ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن،ئەسەت سۇلايمان،يالقۇن رۇزى،ئابدىرھىم دۆلەت،ئادىل ئابدۇقادىر،نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇنى ۋە ئىچكىرى ئۆلكە،چەتئەلدەخىزمەت قىلىۋاتقان ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلار ... مەۋھۇم دۇنيادىن ئىبارەت ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىگە قەدەم قويىشىنى ھەم ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىردەك خالىس ھالدا،ئۆز يازمىلىرنى ،تەرجىمە ئەسەرلىرىنى يوللاپ تۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
دەرۋەقە،يۇقۇردا ئىسمى چىققان كىشىلىرىمىز ئىچىدە ھەممىدىن ئالدىراش كىشى ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن،بىرەر يىغىن بولسا چاقىرىدۇ،كىتابقا كىرىش سۆزى يېزىپ بېرىش،ھەر قايسى جايلاردا ئىلمىي لىكسىيە سۆزلەش،مۇراسىملارغا قاتنىشىپ بېرىش ،ئۆز قولى ئاستىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەش،يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش،ئائىلە ئىشى...گەرچە،بۇ ئۇستاز ئالدىراش بولسىمۇ،ئاز بولغاندىمۇ،ئايدا بىر قېتىم بولسمۇ،ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىگە ئۆز نامىدا كىرىپ ئەسەر يوللىشىنى ھەم نەچچە مىڭ ياشلارغا يېتەكچى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
يەنە نەشرىيات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىندىغان كىشىلىرىمىزگە بىر يۈرەك سۆزۈم بار،بۇ گەپنى تېخى يېقىندىلا،ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىنغا تېلىفۇن قىپ دېگەن ئىدىم.يېقىندا،شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىغان ئابدۇقادىر جالالىدىن،يالقۇن رۇزىنىڭ كىتابلىرى نەشىر قىلىنىپ،ئوقۇرمەنلەر نەچچە يىل تەشنا بولغان ئىش رېئاللىقا ئايلاندى،ھازىر قەيەردىلا بولسا،شۇ كىتابلارنىڭ گېپى.ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ مەركىزى بولغان ئۈرۈمچىدە ئۇزۇن مەزگىل خىزمەت قىلغان،مىللەت ئۈچۈن سەمەرىلىك ئەمگەكلەرنى قىلىۋاتقان بۇ ئىككى مۇنەۋەر زىيالىينىڭ يازمىلىرى بىر قېتىملىق كىتاب ئۇقۇش قىزغىنلىقىنى شەكىللەندۈردى،كىتابخانىدىكى كىشىلەر 100يۈەن بولسىمۇ سېتىۋالاتتىم...دېگەن گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلىدىم.ئالتۇننىڭ قەدرىنى زەگەر بىلگەندەك،ياخشى كىتابلارنىمۇ ئۇقۇرمەنلىرىمىز بىلىدىكەن ھەم باس-باس سېتىۋىلىپ،ئۆزىگە بىلىم تۇلۇقلايدىكەن.
گەرچە،بۇ كىتابلارنىڭ قىممىتى يۇقۇرى بولسىمۇ،يەنىلا ئۇقۇرمەنلەرنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ بولالمايدۇ.چۈنكى،ئابدۇقادىر جالالىدىن،يالقۇن رۇزىلار مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدە ئۇزاق مەزگىل تۇرغانلىقى ئۈچۈن،يازغان ئەسەلەر بەزى چەكلىمىلەردىن ھالقىيالماسلىقى مۇمكىن،گەرچە،ئەسەرنىڭ بىزگە بېرىدىغان مەنىۋى ئۇزۇقى ياخشى بولىسمۇ ،كۆپ سەھنىلەرنى يۇرۇتقان بولسىمۇ،بۇنى ھەربىر زېھىنياتلىق ئۇقۇرمەن ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ...،يالقۇن رۇزى،ئادىل مۇھەممەت،ئېزىز ئاتاۋۇللار سارتىكىن،نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇن،ئىبراھىم ئالىپ تېكىن...قاتارلىق نەشرىياتچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ باققان يۇقۇردا ئىسمى چىققان سۆيۈملۈك كىشىلىرىىمىزنىڭ جەنۇبتا خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان،ئۇيغۇر مۇنبەر تەرەقىياتى ئۈچۈن خالىس تۆھپە قۇشۇپ كېلىۋاتقان گۈلەن،بوزقىر قاتارلىق سۆيۈملۈك زىيالىيلارنىڭ ئەسەرلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ قۇيۇشىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ يازغان ئەسەرلىرىنى نەشىر قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن،بۇ پۈتكۈل ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدىكى ھەربىر ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئورتاق ئۈمىدى...
قەدىرلىك ئوقۇرمەن،شۇنىڭ بىلەن مۇنبەر ئەزاسى كەمىنە مارشالنىڭ قەشقەر ساياھىتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى تېمىسى روياپقا چىقتى،بۇ تېمىنى ئەسلى شۇ ۋاقىتتا پۈتتۈرۈشنى ئويلاشقان،لېكىن،ئائىلىدىكى تۈگمەس ئىشلار ۋە جىددىيچىلىك سەۋەبىدىن 2ئاي كېچىكىپ يېزىلدى.ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ ئەسلىمىنى يېزىپ چىقىشقا ئۇرۇندۇم ھەمدە مىسرانىم مۇنبىرىدىكى بىر يىللىق ھاياتىم بولغان خاتىرە كۈنىدە پۈتكۈزدۈم،تېما مەزمۇنىدىكى يېزىلمىسىمۇ بولىدىغان بەزى بايانلار سىلەرنى زېرىكتۈرۈپ قويغان بولىشىمۇ مۇمكىن.شۇنداقتىمۇ،بۇ سەپىرىمدىكى ھايات كارتىنىلار توغرىسىدا ،قەلەم تەۋرىتىشنى لايىق كۆرۈپ قالدىم.ئىلىم يولىدىكى ئىزدىنىشىمىز تۈگمىسۇن،ئارىمىزدىكى مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان زىيالىيلارنى قەدىرلەيلى،ئۆگەنگەن بىلىملىرىمىزنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىلى،تىرىشقان كىشى ھامان يەردە قالمايدۇ.ئاللاھ خالىسا، ياخشى مەكتەپ بولغان مۇنبەردە يەنە توختاۋسىز ئۆگىنەيلى...ئاللاھ يۇرۇقلۇق ئىزدىگەن بەندىلىرىگە ئاق يول ئاتا قىلسۇن...
2012-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
كورلا شەھىرى شاڭخۇ يېزىسىدا يېزىپ تاماملاندى.






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-3 04:47 AM  


ھازىرغىچە 25 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
gulbaxikar + 200 بەك تىرىشچان!
harsan + 500
musilina + 300 ماختاشقا تېگىشلىك
uykut + 300 كۆرۈنەرلىك ئەمگەك ۋە .
turkinaz0992 + 100 ھەر قەدىمىڭىز ئەھمىيە.
möljarli + 100 ئاپىرىن سىزگە
bayhenim + 97 مەنىلىك ساياھەت بوپتۇ
57gulyar + 50 ماختاشقا تېگىشلىك
iltebir + 300
hasretim + 39 ماختاشقا تېگىشلىك
xatuti + 97 ئېسىل....
kapsizparixta + 200 بەكمۇ ئەھمىيەتلىك ساي.
uzumtal + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
Dakyanos + 200 مەنىلىك
nazila998 + 100 يەنە بىر نادىر تىما
KURAX.JAN + 111 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
bzkm + 100 سىزگە رەخمەت، ياخشى ئ.
zulayha + 500 خۇرسەنمەن ئىنىم.
ئېمپىراتور + 500 نادىر ئەسەر!!!
sabri@ + 99 ھەقىقەتەن جەۋھەر تېما.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 4830   باھا خاتىرىسى

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1998
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18575
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7556 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 04:16:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھى ئىدىش يەنە نەگە بارمىدىڭلار ، ھەرەمگە بىر بىرىپ كەلسەڭلا ھە ، چاقچاق جۇما ..

ئوبدان قىلىپسىلەر ، بىز مۇھتاج ئادەملەرنىڭ تەرجىمالىنى يوللاپ بىز بىلەن تونۇشتۇرغانلىقىڭلارغا رەخمەت .  جاپا چەكتىڭلار  تۇرسۇنجان ... رەخمەت

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 1226
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7424
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 598 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 04:21:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ جاپا تارتىپسىلەر  .مارشالغا كۆپ رەھمەت .

زامانەم بۇ دىمە ھەرگىز ئۆتەر بولساڭ پاراغەتتە،
دىگىن دائىم:رەببىم مېنى بايقاپ تۇرار بۇ سائەتتە.
قىلار ئاللاھ بىپەرۋالىق دەپ ئويلىما بىرەر لەھزە،
خەۋەرداردۇر ئەسرارىڭدىن بولالمايسەن نە خىلۋەتتە.

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 994
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 04:43:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنىڭ كەسپىڭىز نىمە زادى ؟ ساياھەت قىلپلا يۈرەمسىز ؟
رەخمەت ..ئۇقۇپ قويدۇق مانا ..

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36588
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7239 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 04:51:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرەركۈن تۇرۇپ ماڭدىغان ئىشتى ئەمەسمۇ؟ ھېلىھەم ئاللاھ سەپرىڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلىپتۇ.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1998
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18575
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7556 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 05:05:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆل يوللىغان ۋاقتى  2012-9-4 04:43 PM
سىزنىڭ كەسپىڭىز نىمە زادى ؟ ساياھەت قىلپلا يۈرەمسى ...

ئۆلۈمدىن باشقىسىنى ساياھەت قىلىپ باققۇلۇق ئۆلپاشاخان مەۋلى ھاجىخېنىم ...

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 994
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 05:11:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aptap104 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-4 05:05 PM
ئۆلۈمدىن باشقىسىنى ساياھەت قىلىپ باققۇلۇق ئۆلپاشاخا ...

شۇنداق  ...بىراق  ساياھەت قىلمەن دەپلا قىلغلى بولمايدۇ-دە ..بۇنڭغا 1.ئىقساد 2. ۋاقىت 3. شارائىت 4. سالامەتلىك  5. قوللاش بولۇشى كېرەك  ...قارىغاندا مارشالدا ھەممسى تولۇقكەن .....سىلەر ئۈچ ئاغىنە ئەمەسمۇ ؟ بىر سۈرئەتتە ئۈچۈڭلارىنى كۆرگەن ..سىزنى تونۇيمەن ھە رەسىمدىكى سىزنى ھە سەزگۈر ئوقۇغۇچى ...ئىككىڭلار نىمە قىلسلەر زادى

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
sazguri + 10 كەمىنە ............................

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40998
يازما سانى: 684
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3806
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 894 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 05:21:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەققەتەن كۆپ جاپا چىكىپسز ، شۇنى سورىغۇم كىلىۋاتىدۇ ، مارشال سىز باغۋەنمۇ ياكى بىرەر يەردە خىزمەت قىلامسىز؟

كومپىيۇتىر،يانفۇن ،ئىلكتىرئۈسكۈنلىرى ،توكچلق ئۇستاملىرى جەمگاھى ______http://www.xjefan.com/

ھەي~~كۆزۈمدىن يا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20877
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6373
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 193 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 05:23:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزەمنى ئاشۇ يىغىلىشتا باردەكلا ھېس قىلدىم~  رەھمەت سىزگە..

ھەي~~كۆزۈمدىن ياش ئاققۇزغىچى  پىياز ~

قايىل قىلىش قۇرق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16357
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5868 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 05:26:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  مەنمۇ باشقا شەھەرلەرگە بېرىپ قالسام مۇنبەرداشلارنى ئىزدىگۈم كىلىدۇ . لېكىنزە ئاساسەن خىزمەت بىلەن بارىدىغان بولغاچقا ئالدىراش بۇلۇپ كىتىمەن ، ئازراق ۋاقىت چىققان ھالەتتىمۇ مۇنبەرداشلارنى ئاۋارە قىلىپ قۇيارمەنمىكىن دەپ ئىزدىيەلمەيمەن . مارشالدىن ئۈگەنسەك ياخشى بولغۇدەك .

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش