ئەرگە تەگسەڭ ماڭا تەگ!
زورلىغاننىڭ زورى بار،ئىسسىق ناننىڭ ھورى بار.
ئەرگە تەگسەڭ ماڭا تەگ،تاماق ئەتسەڭ كورا بار.
ئۆيلىرىممۇ بىزەكلىك،تام- تورۇستا بورا بار.
ئۇرۇپ،تىپىپ،دەسسەيمەن ئاغرىپ قالساڭ دورا بار.
قىچىشىڭغا رۇخسەت يوق،باغقا چىقما شورا بار.
ئۇرسام ئۆلۈپ كەتمەيسەن،پەشۋايىمنىڭ تورى بار.
ياتساڭ ئەنە ئىسسىق كاڭ،تۈتۈن چىقارغا مورا بار.
ئىشىك ئالدى تال تىرەك،سىسىپ كەتسە پورى بار.
ئەرگە تەگسەڭ ماڭا تەگ!،كۆك كەتمەيدۇ يۈزۈڭدىن.
يىشىڭ تۈگەپ ھەر قىتىم قان چىقىدۇ كۆزۈڭدىن.
بولدى جىنىم ئۇرماڭ دە!مەن ئايلىناي سۆزۈڭدىن.
ئەينەككىمۇ قارىما! قورقۇپ كەتمە ئۆزۈڭدىن.
ئەرگە تەگسەڭ ماڭا تەگ! كۈندە ئۈچ ۋاق نان يەيسەن.
ئويناپ،ھىرىپ مەس كەلسەم، مانا سىزگە چاي دەيسەن.
كىلىڭ جىنىم ئولتۇرۇڭ.يەمسىز؟مانا سەي دەيسەن.
قاپاق تۈرسەم بەزىدە.نىمە كىرەك دەڭ دەيسەن.
ئەرگە تەگسەڭ ماڭا تەگ!كىلەرشۇندا دۆلىتىڭ.
كىيىن قالساڭ ناۋادا ئۆتۈپ كىتەر نۆۋىتىڭ.
تىگەلمىسەڭ ئەگەردە،قايتا كەلمەس ئامىتىڭ.
تىگىۋالساڭ شۈكرى دە!ئاشار شۇندا ھۆرمىتىڭ.
مەنبە : ئىز مۇنبىرى