مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ئەرتۇرا

قەشقەردە ئىپارخان داراممىسى ئوينالدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45909
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3086
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2011-6-28
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 10:56:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
фросс يوللىغان ۋاقتى  2013-4-7 09:57 AM
مەردان نەگە ئەپقاچقان

  كىنودا ئەپقاچقان بىلەن ئەمەلىيەتتە شاھ ھوزۇرىدا ھوزۇرلىنىپ ئۇخلىغان تۇرسا ئۇ ئەڭلىكخان (ئىپارخان)

www.890.la

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 3040
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 27027
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7921 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 05:30:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئىپارخان لاتاپەتلىك ئۇيغۇر قىزى بولۇپ، دادىسى ۋە قېرىنداشلىرى جەڭدە خىزمەت كۆرسەتكەنلىكتىن خان ئۆزى تاللاپ ئۇنى ئوردىغا ئەكىرگەن. خاننىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ قەلبى ھامان ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن قەشقەرگە تەلپۈنگەن. يۇرتىنى زارىقىپ سېغىنغان؛ خان ئوردىسىدا نازۇنېمەتلەر ئېشىپ-تېشىپ تۇرسىمۇ، يۇرتىنىڭ جىگدىسىنى سېغىنغان. خان ئىپارخاننىڭ نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى يۇرتىدىن جىگدە ئەكەلدۈرۈپ بەرگەن. ئىپارخان يەنە ھىدلىق جىگدە چېچىكىنى سېغىنغاندا خان ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ ئامالسىز ئۇنى يۇرتىغا ئەۋەتكەن. يول بەك يىراق بولغاچقا، 100 نەچچە ئادەم تەختىراۋاننى كۆتۈرۈپ قەدىمىي يىپەك يولىنى بويلاپ ئۈچ يېرىم يىلدا ئىپارخاننى قەشقەرگە ئېلىپ كەلگەن (ئىپارخان بەختكە قارشى يولدا قازا قىلغان). ئۇيغۇرلار ئىپارخاننى تولىمۇ قەدىرلىگەچكە، ئۇنى ئۆز نەسەبلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلغان. كېيىنكىلەر ئۇنىڭ مەقبەرىسىگە بېرىپ تاۋاپ قىلىدىغان بولغان. مانا بۇ قەشقەر خەلقى ئارىسىدا ئەۋلادتىن ئەۋلادقا تارقىلىپ كېلىۋاتقان ئىپارخان ھەققىدىكى رىۋايەتتۇر.
تارىخىي مەنبەلەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئىپارخان چيەنلۇڭ خاننىڭ بانۇسى بولۇپ، ئۇنىڭ بەدىنىدىن گۈپۈلدەپ جىگدە ھىدى پۇراپ تۇرغاچقا، «ئىپارخان»دەپ ئاتالغان ھەم ئۇ ئۇيغۇر بولغاچقا تولىمۇ ھۆرمەتلەنگەن. پادىشاھ چيەنلۇڭ ئىپارخاننىڭ ئىسلامىيەتچە تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ۋە دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىپ ئۇنىڭغا مەخسۇس مۇسۇلمان ئاشپەز ۋە كېنىزەكلەرنى سەپلەپ بەرگەن، ئىپارخاننىڭ ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئۇيغۇرچە كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىشىگە ئىجازەت قىلغان. ئىپارخان خان ئوردىسىدا توپتوغرا 28 يىل ھايات كەچۈرۈپ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، زۇنخۇادىكى شەرقىي قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىنغان. قەشقەردىكى ئىپارخان مەقبەرىسى ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا ئاسىيادىن دىن تارقىتىش ئۈچۈن قەشقەرگە كەلگەن ئاپاق خوجا يۈسۈپ ئۈچۈن سېلىنغان قەبرىستانلىقتۇر. بۇ قەبرىستانلىق 1640-يىللىرى بىنا قىلىنغان بولۇپ، ئەسلىدە يۈسۈپ خوجا مازىرى دەپ ئاتالغان. يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئاپاق خوجا ئۆلگەندىن كېيىن ئۇمۇ مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان، ئۇنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى نوپۇزى ۋە دىنىي ئورنى ئاتىسىدىن يۇقىرى بولغاچقا، بارا-بارا ئاپاق خوجا مازىرى دەپ ئاتالغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىدا تارقالغان ئىپارخان ھەققىدىكى رىۋايەتلەرگە ئاساسەن بۇ قەبرىستانلىق ئىپارخان مەقبەرىسى دەپمۇ ئاتالغان.
قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقىدىن بەش كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قوغان دەپ ئاتىلىدىغان قەدىمىي يۇرتتا ئىسلام ئۇسلۇبىدىكى ئىمارەت – ئىپارخان مەقبەرىسى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.
شىنجاڭنىڭ ئىسلام مەقبەرە قۇرۇلۇشى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. قەبرە ئۈستىگە سىرتى چاسا، ئىچى يۇمۇلاق گۈمبەز ياسالغاندىن باشقا، ئەتراپقا مەسچىت ۋە ئائىلە-تاۋابىئاتلار قەبرىستانلىقى بىنا قىلىنىپ مۇكەممەل ھالەتتىكى ئىمارەتلەر توپى شەكىللەندۈرۈلگەن. ئىپارخان مەقبەرىسى تۆت بۆلەكتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھويلىنىڭ غەربىدە ھېيت ۋە جۈمە نامازلىرى ئوقۇلىدىغان چوڭ مەسچىت، ئوتتۇرىسىدا گۈمبەز شەكىللىك مەدرىس، ئۇنىڭ يېنىدا كىچىك مەسچىت، كىچىك مەسچىتنىڭ ئارقىسىدا ئېگىز گۈمبەز بار. سىرتى چاسا، ئىچى يۇمۇلاق بۇ چوڭ گۈمبەزنىڭ ئۇلىنىڭ كەڭلىكى 40 مېتىرچە بولۇپ، تۆت بۇرجىكىنىڭ ھەربىرىگە تامغا پاتۇرۇپ يۇمۇلاق تۈۋرۈك قويۇلغان. ھەربىر تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىگە يەنە يېرىم ئاي شەكلى چىقىرىلىپ ناھايىتى سىپتا، نەپىس ئەزان مۇنارى ياسالغان.   گۈمبەز ئۆگزىسىنىڭ دىئامېتىرى17  مېتىر كېلىدۇ. ئۆگزىنىڭ چوققىسىغا كارناي شەكىللىك كىچىك راۋاق ياسالغان بولۇپ، ئۈستىگە ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن ھىلال ئاي ئورنىتىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئىلگىرى ھىلال ئايغا 50 سەر ئالتۇن ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇنى مىنگونىڭ دەسلەپكى يىللىرى قەشقەرنى سورىغان ماشاۋۋۇ ئوغرىلىۋالغان. كېيىنكىلەر ھىلال ئاينى ئامالسىز مىستىن قايتا ياساپ قويغان.
گۈمبەزنىڭ تام-تورۇسلىرىغا يېشىل چاقچۇق چاپلانغان، ھېكمەتلىك سۆزلەر پۈتۈلگەن سېرىق، كۆك فار-فۇر خىشلارمۇ ئارىلاشتۇرۇلۇپ، گۈل-نەقىشلەر چىقىرىلغان. يوغان زالغا ئادەمنىڭ بېلىگە كەلگۈدەك سۇپا ياسالغان بولۇپ، ئۈستىگە ئاپاق خوجا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن 72 ئادەمنىڭ قەبرىسى قاتۇرۇلغان. رىۋايەتتىكى ئىپارخاننىڭ قەبرىسى سۇپىنىڭ شەرقىي شىمال بۇرجىكىدە بولۇپ، باشقا قەبرىلەردىن پەرقلەنمىسىمۇ، ئەمما كىشىنى ئالاھىدە جەلپ قىلىپ تۇرىدۇ. ئىپارخان مەقبەرىسىدىن يۇقىرى ماھارەتلىك ئۇيغۇر مىمارچىلىق ھۈنەر-سەنئىتىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
(خەنزۇچە »يىپەك يولى« ژۇرنىلىنىڭ 1999-يىل 6-سانىدىن ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر قىسقارتىپ تەرجىمە قىلدى)

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 3040
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 27027
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7921 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 05:39:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
201305281750095398.jpg
201305281749511354.jpg
201305281749227736.jpg
20130403125958326.jpg
20130403010002123.jpg
20130403010005546.jpg
20130403010010622.jpg
20130403010014961.jpg
20130403010000776.jpg
iparxan.jpg
220089270385.gif


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش