مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1688|ئىنكاس: 22

قەشقەردە ئىپارخان داراممىسى ئوينالدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 460
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6139
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 853 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 11:00:29 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      
قەشقەردە ئىپارخان داراممىسى ئوينالدى

2013 يىلى 4- ئاپرىل قەشقەردە شاڭخەي دارامما ئۆمىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىك قىزى ( ئىپارخان) ھەققىدىكى داراممىنى ئوينىدى. مەن ؛ بۇداراممىنى بىز ئۇيغۇر ئارتىسلار ئورۇنلىغان بولسا نىمىدىگەن ياخشى بولاتتى ھە! .دەپ ئولاپ قالدىم. چۈنكى ئىپارخان مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئانىسى بولغان قىزلىرىمىز ئۈلگە قىلغۇدەك بەكمۇ ئىسىل ئىتىقادلىق ئۇيغۇرقىزى ئىدى.
ـ ئىپارخان يولدىشى جاھانگىرخوجا بىلەن ئەل ئازاتلىقى ئۈچۈن چىڭ سۇلالىسى بىلەن بولغان جەڭدە ئەسىرگە چۈشۈپ ، خانغا تارتۇق قىلىش مەقسىدى بىلەن چىيەنلوڭ خان ئوردىسىغا ئاپپىرىلغان. بىراق ئۇ خانغا قولىنىڭ ئۇچىنىمۇ تۇتقازماي ، ئىسلام ئىتىقادى ۋە پاك مۇسۇلمان ئاياللىقىنى قوغداپ شىھىت بولغان.   شۇڭا  باشقا مىللەت ئەدىپلىرى ئىپارخاننى ئۆز خەلقىگە ئۈلگە قىلىش ئۈچۈن ئىپارخان ھەققىدە داراممىلارنى ئويناپ ئىپار خان خىسلىتى باتۇرلۇقىنى خەلقىگە  تەشۋىق قىلغان.  بۇ قېتىمقى ئوينالغان(ئىپارخان) ھەققىدىكى داراممىمۇ دەل شۇلارنىڭ بىرى .!  

    ئىپارخان زادى كىم؟!.
گۈزەللىكى،  پاكىزلىقى ، خۇشپۇراقلىقى بىلەن كىشىلەرنى  ھەيران قالدۇرغان باتۇر ۋە قەيسەرلىكى بىلەن دىللاردا ھۆرمەت ۋە قايىللىق تۇيغۇسى ئويغۇتۇپ،  جاھان ئەھلى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىۋاتقان  ئۇيغۇر قىزى ئىپارخان 18-ئەسىردە شىنجاڭدا ئۆتكەن چوڭ - كىچىك خوجىلاردىن خوجا جاھاننىڭ (يەنى جاھانگىرخوجىنىڭ) ئايالى. ئاپپاق خوجىنىڭ نەۋرىسى ئېلى خوجىنىڭ قىزى،   ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئىپارخان لاتاپەت بابىدا تەڭداشسىز گۈزەل بولغانلىقى ۋە تېنىدىن تەبىئىي ھالدا ئىپار ھىدى كېلىپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن «ئىپارخان» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان.  مانجۇلارنىڭ ئىپارخانغا «ئىپارخان»دىگەن نامنى بەرگەنلىكى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ پاكىزلىق ۋەخۇشپۇراقلىقتا تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى!!!.
. جەڭگە ماھىر بۇ گۈزەل باتۇرلۇقتا داڭ چىقارغان خوجا جاھانغا ياتلىق بولغان. 1760-يىلى شىنجاڭدىكى ئاپپاق خوجا ئەۋلادىدىن بولغان خوجا بۇرھانىددىن بىلەن خوجا جاھان چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ ئۆز خەلقىنى تاجاۋۇزچىلار زۇلمىدىن قۇتقۇزماقچى بولغان. ئۇلارنىڭ سانى ۋە تەسىر دائىرسى بارغانسېرى كېڭىيىشكە باشلىغان. بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچىگەن چىڭ سۇلالىسى جاۋخۇي باشچىلىقىدا زور قوشۇننى توپىلاڭچىلارنى تىنچىتىشقا ئەۋەتكەن. ئادەم سانى جەھەتتىكى چوڭ پەرىق تۈپەيلىدىن خوجىلار مەغلۇپ بولۇپ، خوجا جاھان ئۆلتۈرۈلگەن. .ئىپارخان بولسا ئەسىر سۈپىتىدە بېيجىڭدىكى خان ئوردىسىغا ئېلىپ بېرىلغان. ئىپارخاننىڭ گۈزەللىكىدىن ھەيرانۇھەس قالغان چيەنلۇڭ خان ئىپارخانغا مەپتۇن بولۇپ قالغان. ئىپارخاننىڭ خان ئوردىسىغا كەلگۈچە بولغان ھاياتى ھەققىدە تارىخىي مەنبەلەر بىردەكلىككە ئىگە بولسىمۇ، ئۇنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پرىنسىپى بويىچە قارىغاندا، ئۇيغۇر تارخ مەنبەلىرى ۋە ناھايىتى تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن چىڭ سۇلالىسى ئوردا تارىخنامىلىرىدىن مەلۇمكى، يۈرت- قەۋمىدىن، ئېرىدىن ئايرىلغان ئىپارخان ئوردىغا كىرگەندىن كېيىن خانغا قاتتىق ئۆچمەنلىك ۋە نەپرەت بىلەن مۇئامىلە قىلغان. پۇرسەت تېپىپ ئىنتىقام ئېلىش ئارزۇسىدا يېنىدا پىچاق ساقلاپ يۈرگەن. ئىپارخاننىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىش، ئۇنىڭ ئىنتىقام ئېلىش ۋە يۈرتىنى سېغىنىش ئارزۇسىنى يوق قىلىش ئۈچۈ ن چيەنلۇڭ خان خىلمۇ -خىل چارىلەرنى ئىشلەتكەن. ئىپارخان ئۈچۈن ئۇيغۇر پاسۇندا ئىمارەت سېلىپ ، ئۇيغۇر مەھەلىسى بىنا قىلغان. لېكىن ئىپارخان نىيىتىدىن ھەرگىز يانمىغان.چيەلۇڭ خاننى ئۆزىگە يېقىن يولاتمىغان ۋە يەڭ ئىچىدە ساقلىغان خەنجەرنى كۆرسىتىپ:«ئەل - يۇرتۇم خانىۋەيران بولدى، ئۆلۈشكە رازىمەنكى، ئوغۇل - قىزلىرىمىزنىڭ بىكاردىن بىكار ئۆلۈپ كېتىشىگە چىداپ تۇرالمايمەن، ئىنتىقام ئالماي قويمايمەن»، دېگەن. چيەنلۇڭ خان يەنىلا ئۇنىڭدىن ئۈمىدىنى ئۈزەلمىگەن. ئىپارخان خانغا قول سالماقچى بولغان بولسىمۇ، مەخپىي پايلاقچىلارنىڭ قاتتىق نازارەت قىلىشى تۈپەيلىدىن ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىغان، بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈگەن خان ئانا چيەنلۇك سىرىتقا چىقىپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىپارخاننى ئۆلتۈرىۋەتكەن. گەرچە كېيىن بەزى ۋەقەلىكلەر قوشۇلۇپ ئىپارخان ھەققىدىكى بايانلار رىۋايەت تۈسىنى ئالغان ۋە ئۇنىڭ نەسىبى، كېيىنكى تەقدىرى ھەققىدە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، خەنزۇ تارىخ مەنبەلىرىدە بىردەكلىككە ئىگە يۇقىرىقى بايانلار ئىپارخانىڭ ھەقىقىي ھايات سەرگۈزەشتىلىرىدۇر. 1914-يىلى ئاسارە - ئەتىقىلەر ئورنى پىڭتيەن خان سارىيى مۇزېيى ۋە چىڭدۇڭدىكى يازلىق ئوردىدىن ئېلىپ كېلىنگەن نۇرغۇن ئاسارە ئەتىقىلەر ئارىسىدا ئون نەچچە ساھىبجامال قىزنىڭ ماي بۇياق رەسىمى بار بولۇپ، بۇلارنى چيەنلۇڭ خان دەۋرىدە، ئوردىدا ياللاپ ئىشلەتكەن ئىتالىيىلىك رەسسام رومبىرانت سىزغانكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ھەربىيچە ياسانغان، ئاجايىپ چىرايلىق بىر قىزنىڭ رەسىمى «يۈدى سارىيى»نىڭ غەربىي ھۇجرىسىدا كۆرگەزمە قىلىنغان. رەسىمنىڭ ئاستىغا «ئىپارخان__ غەربىي دىيارلىق ۋاڭنىڭ مەلىكىسى...» دەپ يېزىلىپ، ئىپارخاننىڭ ھاياتى يۇقىرىقىغا ئوخشاش يوشۇندا قىسقىچە بايان قىلىنغان. شۇنداقلا ئاخىرىغا يېقىنقى زامان خەنزۇ شائىرى شى يىننىڭ جوڭخۇا مىنگونىڭ 7-يىلى بۇ رەسىمگە يازغان بېغىشلىما شېئىرى قوشۇپ قويۇلغان. ئۇ شېئىر تۆۋەندىكىچە:
  ھۆر گۈزەل جانان تۇرار شەمشەر ئېسىپ ھەيۋەت بىلەن،  
سېغىنىپ ئۆز يۇرتىنى چەكسىز مېھىر- شەپقەت بىلەن. ...
  تەلپۈنەر راۋاقتا قىز ئۆز يۇرتىغا غەمكىن بېقىپ،
كىيىمى قانغا بويالغان يىغلىغاچ ھەسرەت بىلەن.
قاقشىتىپ ئەپكەلدى خان شۇ قىزنى خان دىيارىغا،
تەڭرىتاغ قالغان غەزەپتە بۇغۇلۇپ نەپرەت بىلەن.
    بىيجىڭ تىياتىرى ۋە دراما ساھەسىكىلەرنۇ بۇ بايانلارغا ئاساسەن «ئىپارخاننىڭ غەزىپى»،«ئىپارخان» ناملىق تىياتىرلارنى ئوينىغان. ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە «ئىپارخان»ناملىق بىيجىڭ تىياتىرى ئوينالغان. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئىپارخان خوجا جاھاننىڭ ۋاپادار ئايالى، پادىشاھقا تىز پۇكمىگەن قەھرىمان، قەيسەر ئايال سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن. ئاتاقلىق خەنزۇ شائىرى يەنچېڭ ئىپارخان ھەققىدە تۆۋەندىكى شېئىرنى يېزىپ قالدۇرغان.
   باھار نۇرلىرىدا جانلانغان دالا،
جىگدىلەر چۆمۈلدى چاچقان پۇراققا.  
گۇپۇلدەپ ئۇرۇلغان جىگدىنىڭ ھىدى،
  ھالقىپ تەڭرىتاغدىن كېتەر يىراققا.  
ئۆتمۈشتە بۇ ئانچە قەدىم چاغ ئەمەس،
  قەشقەردىن چىققاندى بىر ئۇيغۇر قىزى.  
ئىسمىدۇر ئىپارخان ، گۈزەللىكتە ئۇ،
   پۇراقلىق ئېچىلغان چېچەكنىڭ ئۆزى.
   بوزەك قىلىپ بولامدۇ باتۇر مىللەتنى،
-  ئىپارخان شۇلارنىڭ ياخشى ئۈلگىسى.

تۆۋەندىكى مىنىڭ ئىپارخان ئۈچۈن يازغان شىئېرىم.
            
               ئىپارخان،
پاك ئپىتىقاد ۋىجدان غۇرۇر داھىسى ئىپارخان،
ئۇيغۇر قىزى باتۇرلىقى  شاھىتى ئىپارخان.
ئوردا چاڭگىلدا ئىپپەت ساقلىغان مۆجىزىدەك،
پەزىلەتلىك قىزلىرىمىز غايىسى ئىپارخان.
ئۇيغۇر پەخرى بولغىدەك تارىخ قالغان ئىپارخان،
دۈشمەن سېپىنى باھادىردەك يارغان ئىپارخان.
بىراق قۇمدەك تولا چىرىكلەر ئالدىدا ئاخىر،
ئەسىر بولۇپ چىڭ ئوردىسىغا بارغان ئىپارخان.
تا ئۆلگىچە جەڭ كىيىم بىلەن كەتكەن ئىپارخان،
ئىپپەت دىيانەتتە ۋايىغا يەتكەن ئىپارخان.
ئەجدادى تۇمارىستەك، ۋارىسى نۇزۇگۇمدەك،
تارىخىمىزغا شەرەپ بەخىش ئەتكەن ئىپارخان.
ئىسمىڭىز نۇرئەلانۇر ئىكەن ئەسلى ئىپارخان،
خۇشپۇراقلار چاچاركەن كۆرگەن پەسلى ئىپارخان.
شۇنىڭ بىلەن مانجۇلار‹ئىپارخان›دەپ ئاتاپتۇ،
بولغاچ بىزيەنە پاك ياشار خەلق نەسلى ئىپارخان.
پاكلىقنى ساقلاپ ئۆلگەن ئەرگە سادىق ئىپارخان،
ئىتىقادى ئۈلگىلىك ئەلگە سادىق ئىپارخان.
يولدىشى ئىدى شۇ مەردۇ-مەردان خوجا جاھان،
ئەل ئەركىسى يولدىشى ھەققە سادىق ئىپارخان


ئىپارخاننىڭ قەۋرىسى قەشقەر شەھرىنىڭ شەرقىدىكى بەشكىرەم يولىنىڭ ھەزرەت مەھەللىسىدە بولۇپ،  تارىخچى  ئىمىرھۈسەيىن قازاجىمنىڭ «تارىخى ۋاقەئەتى كاشغەر» دىگەن كىتابىدا ئىپارخان ئۆلگەندىن كىيىن جەسىدى بېيجىڭدىكى خان جەمەتى قەۋرىستانلىقىغا قويۇلغان. بىراق ئىپارخاننىڭ تۇققانلىرى، خاننىڭ رۇخسىتى ۋە قوللىشى بىلەن ئىپارخان جەسىدىنى نەچچە ئاي يول يۈرۈپ بۇ يەرگە يەنى قەشقەردىكى ئاپپاق خوجا قەۋرىستانلىقىغا ئەككىلىپ دەپىن قىلغان دىيىلگەن.
ئەي مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىم! بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلاتلىرىمىزغا ئۈلگە قىلساق بولغىدەك شۇنداق ئىسىل ئىتىقادلىق ھەم باتۇر قىزلىرىمىز تۇرۇپ بىز ۋە ئەۋلاتلىرىمىز ئۇلارنى بىلمەي يۈرەيلى! باشقا مىللەتلەر بولسا ئۇلارنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىپ داراممىلارنى ئويناپ يۈرسۇن!  ئەپسۇس! مىڭ ئەپسۇس! نۇزۇكۇم ۋە يەتتە قىزلىرىم ....قاتارلىق بىر قىسىم ئىتىقادلىق باتۇر قىزلىرىمىز ھەققىدىكى نىپىز كىتاپلارنى تاپالىدىم. لىكىن (ئىپارخان) ھەققىدىكى بىرەر كىتاپنى تاپالمىدىم!  نىمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟!  نىمە ئۈچۈن ئىپارخان ھەققىدە نادىر ئەسەرلەرنى يازمايمىز؟! بىزنىڭ مىللەتنىڭ ئانىسى بولىدىغان قىزلىرىمىزغا ئىپارخاندەك ئىتىقادلىق باتۇر ئۈلگىلەر كىرەك ئىدىغۇ؟!!!!!!؟؟؟؟؟ ........
   
2013-4-6

ئۆزياش←شېئىرغا ئامراق يۈرەك

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41800
يازما سانى: 899
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6925
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 425 سائەت
تىزىم: 2011-5-23
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 11:51:32 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىپارخاننى تېخىمۇ چوڭقۇر تۇنۇۋالدىم

شېئىر ئۇ شائىرنىڭ چىن ھېسسىياتى،
شېئىرغا مۇجەسسەم  چىنلىق  ھەقىقەت.
شېئىر ئۇ كۆڭۈلگە ھۇزۇر بەرگۈچى،
شۇڭا مەن شېئىرنى قىلىمەن ھۆرمەت.
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90367
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 275
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 53 سائەت
تىزىم: 2013-1-20
ئاخىرقى: 2013-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 12:12:05 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7399
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7178
تۆھپە نۇمۇرى: 346
توردا: 328 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2013-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 12:13:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىپارخان مەردانجان بىلەن قېچىپ كەتكەنتىغۇ ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1828
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6482
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 825 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 12:27:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دېمەك قەشقەرگە ئەكەلگىنى راست دەڭە؟؟ كۆپ بىلىملەردىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا تەشەككۈر جۇمۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86661
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1031
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 180 سائەت
تىزىم: 2012-10-31
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 01:11:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خاتا تارىخ كىتاپنى جىقراق ئوقۇڭلار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 460
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6139
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 853 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 01:38:06 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرقىسىم خەنزۇ تارىخچىللىرى، ئىپارخان تارىخىنى بۇرمىلاپ ئۆزگەرتىۋەتكەن. مەلىكەخۇئەنجۇ" ناملىق پىلىمدە تېخى ؛ ئىپارخاننى دادىسى چىيەنلۇڭخانغا ئۆزى تەقدىم قىلغان قىلىپ تەسۋىرلەيدۇ.! بۇ نىمە دىگەن نومۇسسىزلىق ھە! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەرتۇرا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-7 01:40 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2635
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11177
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1435 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 02:15:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىززىقمايمەن

زىيادە كۈلكە ۋە خۇشاللىقتىن قورقىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90831
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1846
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2013-1-29
ئاخىرقى: 2013-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 09:48:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى ئىلمىي ژورنىلىنىڭ 1998-يىلىلىق 4-ساندا ئابدىريىم سابىت ئەپەندىنىڭ « ئىپارخان ھەققىدە مۇلاھىزە »  دىگەن ئەسىرىنى كۆروڭ تولۇق چۇشىنىسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74547
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4160
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 362 سائەت
تىزىم: 2012-2-2
ئاخىرقى: 2013-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 10:08:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دراممىدىكى كۆرۈنۈشلەردىن يوللاپ قويغان بولسىڭېز تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش